!قۇرئاننىڭ بىر خوش بىشارىتى

!قۇرئاننىڭ بىر خوش بىشارىتى

  ئەھلى شېرىك ۋە كۇپۇرنىڭ مۇئمىنلەرگە قارشى قۇرغان پىلانلىرى ۋە تۇزاقلىرى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ، بۇ قۇرئاننىڭ بىر خوش بىشارىتىدۇر!

  مەلۇمدۇركى، ئەبۇ جەھىل ۋە ۋەلىد بىن مۇغىرەنىڭ رەسۇلى ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قارشى تۈزگەن سۈيقەسىتلىرى سۇغا چىلاشتىشۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەھلى شېرىك ۋە كۇپۇرنىڭ قىيامەتكە قەدەر مۇئمىنلەرگە قارشى تۈزگەن ۋە تۈزىدىغان تۇزاقلار، پىلانلار، قاپقانقىلتاقلىرى ۋە سۈيقەسىتلىرى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. تۇزاقلىرى بىكار بولىدۇ، زىيانلىرى ئۆز بېشىغا ئۆرۈلىدۇ. مۇسۇلمانلارئۇلارنىڭ شەررىدىن مەھپۇز يەنى قوغدالغان بولىدۇ. ئۇلار مەقسەت ۋە غايىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. ئارزۇ ۋە ئىستەكئارمانلىرىغا يىتەلمەيدۇ. جانابى ھەق، بۇ ياسىن سۈرىسى

إِنَّا جَعَلْنَا فِي أَعْنَاقِهِمْ أَغْلاَلاً فَهِيَ إِلَى الأَذْقَانِ فَهُم مُّقْمَحُونَ ﴿٨﴾

سەككىزىنچى ئايەتى كەرىمىسى بىلەن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ شەخسىدە، پۈتۈن ئەھلى ئىمان ۋە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مۇشۇنداق بىر خوش بىشارەت ۋە تەسەللى بەرمەكتە.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.