قۇرئان يولى بىلەن زالالەت-ئازغۇنلۇق يولىنىڭ پەرقى

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

وَ اِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ

(ئۇنىڭغا ھەمىد ۋە تەسبىھ ئېيىتمايدىغان ھېچ بىر شەي يوقتۇر.)

(سۇرە ئىسرا: 44.ئايەت)

(ئوتتۇز ئىككىنچى سۆزنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكى)

ئىككىنچى نۇقتىنىڭ ئىككىنچى قىسمى

   ئەھلى زالالەتنىڭ ۋەكىلى قاچىدىغان ھېچبىر يەر ۋە زالالىتىنى دەستەكلىگۈدەك ھېچبىر نەرسە تاپالماي، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن دېدىكى:

   «مەن دۇنيادىكى بەختسائادەتنى، ھاياتتىكى لەززەتنى، مەدەنىي تەرەققىياتنى، پەنتېخنىكىنىڭ كامالىتىنى ئاخىرەتنى ئويلىماسلىقتا، ﷲنى تونۇماسلىقتا، دۇنيانى سۆيۈشتە، ئەركىن بولۇشتا ۋە ئۆزىگىلا ئىشىنىشتە دەپ بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى شەيتاننىڭ ياردىمى بىلەن بۇ يولغا باشلىدىم ۋە باشلايمەن(؟)

   جاۋاب: بىزمۇ قۇرئان نامىدىن دەيمىزكى: ئەي بىچارە ئىنسان! ئەقلىڭنى بېشىڭغا ئال. ئەھلى زالالەت ۋەكىلىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالما. ئەگەر ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىساڭ زىيان ۋە ھەسرەتلىرىڭ ئۇ قەدەر چوڭ بولىدۇكى، تەسەۋۋۇر قىلىنىشىدىن روھ، ئەقىل ۋە قەلبلەر ئۈركۈيدۇ. شۇنداق، سېنىڭ ئالدىڭدا ئىككى يول بار:

   بىرسى: ئەھلى زالالەت ۋەكىلى كۆرسەتكەن خەتەرلىك يولدۇر.

  يەنە بىرى: قۇرئانى كەرىم تەرپ قىلغان سائادەتلىك يولدۇر. مانا بۇ ئىككى يولنىڭ كۆپلىگەن پەرقلىرىنى «سۆزلەر»دە بولۇپمۇ «كىچىك سۆزلەر»دە كۆردۈڭ ۋە چۈشەندىڭ. ھازىر تېما مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇ پەرقنىڭ مىڭدىن بىرىنى كۆر ۋە بىل. يەنى:

  شېرىك ۋە زالالەت، گۇناھ ۋە كۇفۇر يولى ئىنساننىڭ دەرىجىسىنى چەكسىز تۆۋەنگە چۈشۈرىۋېتىدۇ. چەكسىز ئەلەملەر ئىچىدە قويۇپ چەكسىز بىر ئېغىر يۈكنى زەئىپ ۋە ئاجىز بېلىگە يۈكلەيدۇ. چۈنكى ئىنسان جانابى ﷲنى تونۇمىسا ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلمىسا، ئۇ ۋاقىت ئىنتايىن ئاجىز ۋە زەئىپ، چەكسىز پېقىر ۋە ھاجەتمەنلىكى بىلەن بىرگە، چەكسىز بالامۇسىبەتلەرگە دۇچار بولغان غەمقايغۇلۇق بىر ھايۋانغا ئوخشاپ قالىدۇ. ياخشى كۆرگەن، ئالاقىدار بولغان بارلىق دوستيېقىنلىرىنى بىر قايغۇلۇق پىراق ئىچىدە تاشلاپ قويۇپ، يالغۇز ھالدا قاراڭغۇ بولغان قەبىرگە كىرىدۇ. ھايات مۇددىتى ئىچىدە ئىنتايىن ئاز بىر ئىختىيارى، كىچىك بىر ئىقتىدارى، قىسقىغىنا بىر ھاياتى، ئاز بىر ئۆمرى، غۇۋا بىر پىكرى بىلەن، چەكسىز ئەلەملەر بىلەن قايغۇرۇپ چەكسىز ئارزۇلارنى كۆزلەپ پايدىسىز پالاقشىيدۇ. چەكسىز ئارزۇلىرى ۋە مەقسەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مېۋىسىز بىھۇدە ئىشلەيدۇ. ھەمدە ئۆز يۈكىنى كۆتۈرەلمەي تۇرۇپ، يوغان دۇنيانىڭ يۈكىنى بىچارە بىلىگە ۋە بېشىغا يۈكلىۋالىدۇ. تېخى جەھەننەمگە كەتمەستىنلا جەھەننەم ئازابىنى تارتىدۇ.

   شۇنداق، شۇ قايغۇلۇق ئەلەمنى ۋە دەھشەتلىك مەنىۋى ئازاپنى ھېس قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇ ئاداشقان زالالەت ئەھلى (ئەقىل ۋە ۋىجداندەك) ھېس تۇيغۇلىرىنى بىھۇش قىلىدىغان غەپلەت مەستلىكى ئىچىگە كىرىۋالىدۇدە، ئۇ ئازاپنى ۋاقىتلىق ھېس قىلمايدۇ، لېكىن ھېس قىلىدىغان ۋاقىت، يەنى قەبىرگە يېقىنلاشقان ۋاقىت دەرھال ھېس قىلىدۇ. چۈنكى جانابى ﷲقا ھەقىقىي قۇل بولمىسا، ئۆزىنى ئۆزىگە ھاكىم دەپ بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئازغىنا ئىختىيارى ۋە كىچىككىنە ئىقتىدارى بىلەن شۇ بورانچاپقۇنلۇق دۇنيادا ئۆزىگە ئىگە بولالمايدۇ. ھاياتىغا زىيانلىق مىكروپتىن باشلاپ، تا يەر تەۋرەشكە قەدەر مىڭلارچە تائىپە دۈشمەنلىرىنى ھاياتىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بىر ھالەتتە كۆرىدۇ. ئەندىشىلىك بىر قۇرقۇنچ بالاسى ئىچىدە ھەر ۋاقىت ئۆزىگە دەھشەتلىك كۆرۈنگەن قەبىر ئىشىكىگە قارايدۇ. ئۆزى شۇ ئەھۋالدا تۇرۇقلۇق، ئىنسانلىق ئېتىبارى بويىچە، ئىنسانىيەت ۋە دۇنيا بىلەن ئالاقىدار بولغان ئۇ ئىنسان، دۇنيا ۋە ئىنسانلارنىڭ، ھىكمىتى چەكسىز بولغان، ئىلىم ئىگىسى، قۇدرىتى چەكسىز بولغان، شەپقەت ۋە ئىلتىپات ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ باشقۇرىشىدا ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى تاسادىپىيلىققا ۋە تەبىئەتكە باغلىق دەپ كۆرگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيانىڭ قورقۇنچلۇق ھاللىرى ۋە ئىنساننىڭ ئەلەملىك ئەھۋاللىرى ئۇنى دائىما ئېزىدۇ. ئۆز ئەلىمى بىلەن بىرگە باشقا ئىنسانلارنىڭمۇ ئەلەملىرىنى تارتىدۇ. دۇنيادىكى يەر تەۋرەش، ۋابا، سەل، ئاچارچىلىق، ئايرىلىشلار، ئۆلۈملەر ئۇنىڭغا بەكمۇ ئازابلىق ۋە زۇلمەتلىك بالامۇسىبەت سۈرىتىدە كۆرىنىپ ئۇنى ئازاپتا قويىدۇ.

   شۇنداقتىمۇ شۇ ھالەتتىكى ئىنسان مەرھەمەت ۋە شەپقەتكە لايىق ئەمەستۇر. چۈنكى بۇ ئازاپلىق ھالنى ئۆزى تاللىۋالغان. «سەككىزىنچى سۆز»دە، چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈپ قالغان ئىككى كىشىنىڭ ئەھۋاللىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا ئېيتىلغىنىدەك، مەسىلەن: بىر كىشى گۈزەل بىر باغچىدا، ئېسىل بىر زىياپەتتە، ياخشى دوستيېقىنلىرىنىڭ ئىچىدە، پاكىز، تاتلىق، گۇناھسىز، ھوزۇرلۇق بولغان ھالال بىر لەززەت ۋە راھەتكە قانائەت قىلماي، ھارام ۋە سېسىق بىر لەززەت ئۈچۈن، يىرگىنچلىك ۋە نىجىس بىر شاراپنى ئىچسە، مەست بولۇپ خۇددى ئۆزىنى قىش مەزگىلىدە ۋە بەكمۇ مەينەتچىلىك بىر يەردە، ھەتتا يىرتقۇچ ھايۋانلار ئىچىدە دەپ ئويلاپ تىترەپ ۋارقىراپ توۋلىسا، قانداقمۇ مەرھەمەتكە لايىق دېگىلى بولسۇن؟ چۈنكى، ئىپپەتلىك ۋە مۇبارەك دوستلىرىنى خۇددى ھايۋاندەك تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئۇلارغا ھاقارەت قىلىدۇ. زىياپەتتىكى لەززەتلىك تائاملارنى ۋە پاكىز قاچىلارنى كىر ۋە مەينەت تاش ئورنىدا كۆرىدۇ ۋە سۇندۇرۇشقا باشلايدۇ. ھەمدە ئۇ يەردىكى ھۆرمەتكە لايىق كىتابلارنى، مەنىدار خەتلەرنى مەنىسىز ۋە ئەرزىمەس نەقىشلەر دەپ ئويلاپ يىرتىپ يەرگە تاشلايدۇ. ۋەھاكازالار ئەلۋەتتە بۇنداق بىر شەخس مەرھەمەتكە لايىق ئەمەس، بەلكى جازا كاچىتىغا لايىق بولغىنىدەك؛ ئوخشاشلا، يامان ئارزۇسىدىن چىققان كۇفۇر مەستلىكى بىلەن ۋە زالالەت ئەخمەقلىقى بىلەن چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى بولغان ياراتقۇچىنىڭ شۇ دۇنيا مېھمانخانىسىنى تاسادىبىيلىق ۋە تەبئەتنىڭ ئويۇنچىقى دەپ كۆرىدۇ. ئىلاھىي ئىسىملارنىڭ جىلۋىلىرىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى نەتىجىسىدە ۋەزىپىلىرىنى پۈتتۈرۈپ غەيپ ئالىمىگە كۆچۈشلىرىنى ئۆلۈم بىلەن ھالاك بولدى دەپ ئويلايدۇ. ﷲنى مەدھىيلەش ۋە ئۇلۇغلاش سادالىرىنى، مەڭگۈلۈك ئايرىلىش ۋە پىراق يىغىلىرى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ئىلاھىي مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان مەكتۇپلارنى شۇ مەۋجۇدات سەھىپىلىرىنى مەنىسىز، قالايمىقان نەرسىلەر دەپ خىيال قىلىدۇ. رەھمەت ئالىمىگە يول ئاچقان قەبىر ئىشىكىنى، يوقلۇق قاراڭغۇلىقىنىڭ ئاغزى دەپ بىلىدۇ. ھەقىقىي دوستيېقىنلىرى بىلەن كۆرىشىش چاقىرىقى بولغان ئەجەلنى، ئەكسىچە ئۇلاردىن ئايرىلىش نۆۋىتى دەپ ئويلايدۇ. ئۆزىگە ئازاپلىق غەمقايغۇ بېرىش بىلەن بىرگە، ھەم مەۋجۇداتنى، ھەم ئىلاھىي ئىسىملارنى ۋە مەكتۇپلارنى ئىنكار ۋە ھاقارەت قىلغانلىقىدىن مەرھەمەتكە ۋە شەپقەتكە لايىق بولمىغىنىدەك، شىددەتلىك بىر ئازاب كۆرۈشكە تېگىشلىكتۇر. ھېچبىر جەھەتتە مەرھەمەتكە لايىق ئەمەستۇر.

   ئەي بەختسىز كۇفۇر ۋە زالالەت ئەھلى! شۇ ئېغىر مەنىۋى كرىزىسنى ۋە ئەزگۈچى ئۈمىدسىزلىكنى قايسى تەرەققىياتىڭلار، قايسى پەنلىرىڭلار، قايسى كامالىتىڭلار، قايسى مەدەنىيىتىڭلار ھەل قىلالايدۇ؟ ئىنسان روھىنىڭ ئەشەددى ئېھتىياج بىلەن مۇھتاج بولغان ھەقىقىي تەسەللىنى قەيەردىن تاپالايسىلەر؟

   ﷲ يارىتىپ ئېھسان قىلغان نەرسىلەرنى «ياراتتى» دەپ بەكمۇ ئىشەنىچ باغلىغان قايسى «تەبىئەت»ىڭلار، قايسى سەۋەبىڭلار، قايسى شېرىكلىرىڭلار، قايسى كەشپىياتىڭلار، قايسى مىللىتىڭلار، قايسى باتىل ئىلاھىڭلار سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەبەدىي يوقىلىش دەپ بىلگەن ئۆلۈم قاراڭغۇلۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، قەبىر تاموژنىسىدىن، سىرات كۆۋرۈكىدىن راھەتلىك ھالدا ئۆتكۈزەلەيدۇ؟ ۋە ئەبەدىي سائادەتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ؟

  ھالبۇكى، قەبرىڭلارنىڭ ئىشىكىنى تاقىيالمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەر قەتئىييەن ئۇ يولنىڭ يولۇچىسىلەر، ئەنە شۇنداق بىر يولۇچى، پۈتكۈل ئۇ چوڭ دائىرىلەر ۋە ئۇ كەڭرى تاموژنىلار، ئۆز ئەمرى ۋە ھاكىمىيىتىدە بولغان بىرسىگە تايىنىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟

  ئەي بەختسىز غەپلەت ۋە زالالەت ئەھلى! «شەرىئەت دائىرىسىدە بولمىغان بىر مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى، مەرھەمەتسىز ئازاپ تارتىشتۇر قائىدىسىنىڭ سىرى بويىچە، سىلەر يارىتىلىشىڭلاردىكى جانابى ﷲنىڭ زات ۋە ئىسىمسۈپەتلىرىگە سەرپ قىلىنىشى ئۈچۈن بېرىلگەن مۇھەببەت ۋە ئىلىم-مەرىپەت قابىلىيىتىنى، شۈكۈر ۋە ئىبادەت قىلىش قوراللىرىنى شەرىئەتكە خىلاپ بىر سۈرەتتە نەفسىڭلار ۋە دۇنياغا سەرپ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن تېگىشلىك جازاسىنى تارتىۋاتىسىلەر. چۈنكى ﷲقا لايىق مۇھەببەتنى نەفسىڭلارغا بەردىڭلار. شۇڭا سۆيگەن ئۇ نەفسىڭلارنىڭ چەكسىز بالالىرىنى چېكىۋاتىسىلەر. چۈنكى ھەقىقىي بولغان بىر راھەتنى ئۇنىڭغا بەرمىدىڭلار. ھەمدە ئۇ نەفسىڭلارنى، ھەقىقىي سۆيۈشكە لايىق بولغان ھەممىگە قادىر ﷲقا تەۋەككۈل قىلىش ئارقىلىق تاپشۇرمىدىڭلار ۋە داۋاملىق ئەلىمىنى چېكىۋاتىسىلەر. شۇنداقلا جانابى ﷲنىڭ ئىسىمسۈپەتلىرىگە تېگىشلىك مۇھەببەتنى دۇنياغا بەردىڭلار. ئۇنىڭ ياراتقانلىرىنى ئالەمدىكى سەۋەبلەرگە تەقسىم قىلدىڭلار. شۇڭا ئۇنىڭ بالاسىنىمۇ تارتىۋاتىسىلەر. چۈنكى، سىلەر ياخشى كۆرگەن ئۇ چەكسىز نەرسىلىرىڭلارنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە «خوش خۇداغا ئامانەت»مۇ دېمەستىن سىلەرگە ئارقىسىنى بۇراپ تاشلاپ كېتىدۇ. بىر قىسمى سىلەرنى تونۇمايدۇ. تونۇسىمۇ سىلەرنى سۆيمەيدۇ. سۆيسىمۇ سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ. ھەمىشە ئۇ چەكسىز پىراقلاردىن، قايتا كەلمەسكە كەتكەن ئايرىلىشلاردىن ئۈمىتسىز ھالدا ئازاپ چېكىۋاتىسىلەر.

  زالالەت ئەھلىنىڭ ھاياتىي سائادىتى، ئىنسانىي كامالىتى ۋە ئەركىنلىك لەززىتى دېگەن نەرسىلىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە ھەقىقىتى مانا بۇدۇر. كەيپساپالىرى ۋە مەستلىكى بىر پەردە بولۇپ، ئۇ ئازاپلارنى ۋاقىتلىق ھېس قىلدۇرمايدۇ. «لەنەتلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ ئەقلىگەدە

نۇرانىي بولغان قۇرئان يولى بولسا، زالالەت ئەھلى تارتىدىغان ئازاپ يارىلىرىنى ئىمانىي ھەقىقەتلەر ئارقىلىق داۋالايدۇ. ئاۋۋالقى يولدىكى پۈتۈن قاراڭغۇلۇق زۇلمەتلىرىنى يوقىتىپ بارلىق زالالەت ۋە ھالاكەت ئىشىكلىرىنى ياپىدۇ. يەنى:

ئىنساننىڭ ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىكىنى، فېقىرلىق ۋە ھاجەتمەنلىكىنى، چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى ۋە چەكسىز شەپقەت ئىگىسى بولغان ﷲقا تەۋەككۈل قىلىش ئارقىلىق داۋالايدۇ. ھايات ۋە ۋۇجۇت يۈكىنى ئۇنىڭ قۇدرىتىگە ۋە مەرھەمىتىگە تاپشۇرۇپ، ئۆزىگە يۈكلىمەستىن، بەلكى ئۆزى ئۇ ھاياتقا ۋە نەفسىگە مىنىۋالغاندەك بىر راھەت تاپىدۇ. ئۆزىنىڭ «سۆزلەيدىغان بىر ھايۋان» ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي بىر ئىنسان ئىكەنلىكى ۋە ﷲنىڭ مەقبۇل بىر مېھمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. دۇنيانى بىر ئىلاھىي مېھمانخانا، دۇنيادىكى مەۋجۇداتلارنى بولسا، ئىلاھىي ئىسىملارنى كۆرسەتكۈچى ئەينەكلەر ۋە ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئىلاھىي مەكتۇپلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ئايرىلىشتىن ۋە فانىي نەرسىلەرنى سۆيۈشتىن كەلگەن يارىلىرىنى تولۇق داۋالايدۇ. قاراڭغۇلۇقلاردىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۆلۈم ۋە ئەجەلنى، بەرزەخ ئالىمىدىكى ۋە باقىي ئالەمدىكى دوستيېقىنلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە كۆرۈشۈش مۇقەددىمىسى تەرىقىسىدە كۆرسىتىدۇ. ئەھلى زالالەت نەزىرىدە بارلىق دوستيېقىنلىرىدىن ئەبەدىيلىك ئايرىلىش بولغان ئۆلۈم يارىلىرىنى ئەنە شۇ شەكىلدە داۋالايدۇ. ھەمدە ئۇ ئايرىلىشنىڭ ھەقىقەتتە ئۇچرىشىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. قەبىرنىڭ، رەھمەت ئالىمىگە، سائادەت ماكانىغا، جەننەت باغىستانىغا، ﷲنىڭ نۇرىستانىغا ئېچىلغان بىر ئىشىك ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنىڭ «گۆرگە كىرىش»تىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق بۇ يارىسىنى ساقايتىپ، بەكمۇ ئەلەملىك، ئېغىر ۋە قىيىن بولغان بەرزەخ ساياھىتىنى، ئەڭ لەززەتلىك، ھوزۇرلۇق، راھەتلىك بىر ساياھەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قەبىر ھەقىقىتى ئارقىلىق ئەجدىھا ئاغزىنى تاقاپ گۈزەل بىر باغچىغا ئىشىك ئاچىدۇ. يەنى قەبىرنىڭ ئەجدىھا ئاغزى ئەمەسلىكىنى، بەلكى رەھمەت باغىستانىغا ئېچىلغان بىر ئىشىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

   ھەمدە مۆئمىنگە ئۇ ئىمان ھەقىقىتى دەيدۇ: «ئىختىيارىڭ جۈزئى بولسا (تاللاش ئەركىنلىكىڭ تار بولسا)، ئۆز مالىكىڭنىڭ ئومۇمى ئىرادىسىگە ئىشىڭنى تاپشۇر. ئىقتىدارىڭ كىچىك بولسا، ھەممىگە قادىر ﷲنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەن. ھاياتىڭ ئاز بولسا، باقىي بىر ھاياتنى ئويلا. ئۆمرۈڭ قىسقا بولسا، ئەبەدىي بىر ئۆمرۈڭ بار ، غەم قىلما. پىكرىڭ خۈنۈك بولسا، قۇرئان قۇياشى ئاستىغا كىر ۋە ئىماننىڭ نۇرى بىلەن قارىغىنكى، يالتىراق قوڭغۇزىغا ئوخشاش بولغان بولغان پىكرىڭ ئورنىغا، ھەربىر قۇرئان ئايىتى بىر يۇلتۇزدەك ساڭا نۇر بېرىدۇ. ھەمدە چەكسىز تىلەكلىرىڭ، قايغۇلىرىڭ بار بولسا، چەكسىز بىر ساۋاپ ۋە چەكسىز بىر راھەت سېنى كۈتىۋاتىدۇ. چەكسىز ئارزۇلىرىڭ ۋە مەقسەتلىرىڭ بولسا، ئۇلارنى ئويلاپ ئازاپ چەكمە. ئۇلار بۇ دۇنياغا سىغمايدۇ. ئۇلارنىڭ يەرلىرى باشقا بىر يەردۇر ۋە ئۇلارنى بەرگەنمۇ باشقىدۇر

   يەنە دەيدۇكى: «ئەي ئىنسان! سەن ئۆزۈڭگە مالىك ئەمەسسەن، سەن قۇدرىتى چەكسىز بىر قادىر، رەھمىتى چەكسىز بىر رەھىم بولغان ﷲنىڭ قۇلىسەن، ئۇنداقتا سەن ئۆز ھاياتىڭنى ئۆزۈڭگە يۈكلەپ قىينالما، چۈنكى ھاياتنى بەرگەن ئۇ بولغاندەك ئىدارە قىلغانمۇ، باشقۇرغانمۇ ئۇدۇر.

   ھەم دۇنيا ئىگىسىز بولمىغانلىقتىن سەن ئۆز بېشىڭغا دۇنيا يۈكىنى يۈكلەپ، قورقۇنچلۇق ئېغىرچىلىقلارنى ئويلىنىپ غەم قىلما. چۈنكى ئۇنىڭ ئىگىسى چەكسىز بىر ھىكمەت ۋە ئىلىم بىلەن ئىش كۆرگۈچىدۇر. سەن بولساڭ بىر مېھمانسەن. ئوشۇقچە ئارىلاشما، ئارىلاشتۇرما.

  ھەم ئىنسانلار ۋە ھايۋانلاردەك پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ۋەزىپىسىز ئەمەس، بەلكى ۋەزىپىدار خىزمەتچىلەردۇر. چەكسىز بىر ھىكمەت ۋە مەرھەمەت ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ نەزىرى ئاستىدىدۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ قايغۇ ۋە مۇشەققەتلىرىنى ئويلىنىپ، روھىڭغا ئەلەم چەكتۈرمە. ۋە ئۇلارنىڭ شەپقەتلىك ياراتقۇچىسىنىڭ شەپقىتىدىن تېخىمۇ ئارتۇق بىر شەپقىتىڭ باردەك كۆرۈنمە. ھەم ساڭا دۈشمەن ۋەزىيىتىگە كىرگەن مىكروپتىن باشلاپ، تا ۋابا، سەل، ئاچارچىلىق، يەر تەۋرەشكە قەدەر بارلىق ھادىسىلەرنىڭ تىزگىنلىرى ئۇ چەكسىز شەپقەت ۋە ھىكمەت ئىگىسىنىڭ قولىدىدۇر. ئۇ ھەكىمدۇر، يەنى بوشبوشىغا(ھىكمەتسىز) ئىش قىلماس. رەھىمدۇر، مەرھەمىتى كۆپتۇر. قىلغان ھەر ئىشىدا بىر خىل ئىلتىپاتى باردۇر.»

  ئۇ ئىمان ھەقىقەتلىرى دەيدۇكى: «شۇ ئالەم گەرچە فانىيدۇر. بىراق ئەبەدىي بىر ئالەمنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى تەييارلايدۇ. گەرچە زاۋالغا مەھكۇم ۋە ۋاقىتلىقتۇر، بىراق باقىي مېۋىلەر بېرىدۇ. باقىي بولغان بىر زاتنىڭ باقىي بولغان ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە لەززەتلىرى ئاز، ئەلەملىرى كۆپتۇر. بىراق رەھمانىررەھىمنىڭ ئىلتىپاتلىرى يوق بولماس ھەقىقىي لەززەتلەردۇر. ئەلەملەر بولسا ساۋاپ نوقتىنەزىرى بويىچە مەنىۋى لەززەتلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.

  ھەمدە ھالال دائىرىسى روھ، قەلب ۋە نەفىسنىڭ بارلىق لەززەتلىرىگە، كەيپلىرىگە يېتەرلىكتۇر. ھارام دائىرىگە كىرمە. چۈنكى ئۇ دائىرىدىكى بىر لەززەتنىڭ بەزىدە مىڭ ئەلىمى بولىدۇ. ھەمدە ھەقىقىي ۋە دائىملىق لەززەت بولغان ئىلاھىي ئىلتىپاتلاردىن مەھرۇم قېلىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ھەمدە زالالەت يولىدا (يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك) جەھەننەمنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىگە چۈشۈرىۋەتكىدەك شۇنداق بىر چۆكۈش باركى، ھېچبىر مەدەنىيەت، ھېچبىر پەلسەپە بۇنىڭغا بىر چارە تاپالمايدىغانلىقى ۋە ئۇ چوڭقۇر زۇلمەت ئازگىلىدىن ھېچبىر ئىنسانىي تەرەققىيات، ھېچبىر پەننىي كامالەت ئىنساننى چىقىرالمايدىغانلىقى ئېنىقتۇر. قۇرئانى كەرىم بولسا، ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللەر ئارقىلىق ئۇ جەھەننەمدەك ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ جەننەتتەك ئەھۋالغا چىقىرىدۇ ۋە قەتئىي دەلىللەر ئارقىلىق چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھەمدە ئۇ چوڭقۇر ئازگالنى مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ پەشتاقلىرى ۋە روھانى كامالەتنىڭ ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تولدۇرىدۇ. ھەم ئىنساننىڭ ئۇزۇن بىر بورانچاپقۇنلۇق بولغان ئەبەد تەرەپكە ئۇزانغان سەپىرىنى ئىنتايىن قولايلاشتۇرىدۇ. مىڭ، ھەتتا ئەللىك مىڭ يىللىق مۇساپىنى بىر كۈندە كېسىپ ئۆتىدىغان ۋاستىلارنى كۆرسىتىدۇ.

  ھەم ئەزەل ۋە ئەبەد سۇلتانى بولغان ﷲنى تونۇتۇش ئارقىلىق، ئىنساننى ئۇنىڭغا قۇل بولغان بىر خىزمەتچى ۋە ۋەزىپىدار بىر مېھمان ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ. ھەم دۇنيا مېھمانخانىسىدا، ھەم بەرزەختە(قەبىر ئالىمى)، ھەم ئاخىرەتلىك ماكانلاردىكى ساياھىتىنى تولۇق بىر ھوزۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. خۇددى بىر پادىشاھنىڭ سادىق بىر خىزمەتچىسى، ئۇنىڭ مەملىكىتىدىكى ھەر يەرنىڭ چىگرالىرىدىن ئايروپىلان، پاراخوت، پويىزدەك تېز قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن ئۆتۈپ بەكمۇ قولاي ھالدا ساياھەت قىلالىغانغا ئوخشاش، ئەزەلى سۇلتانغا ئىمان بىلەن باغلانغان ۋە سالىھ ئەمەللىرى بىلەن ئىتائەت قىلغان بىر ئىنسان شۇ دۇنيا مېھمانخانىسىدىن، بەرزەخ ۋە مەھشەر قاتارلىق قەبىردىن كېيىنكى بارلىق چىگرالاردىن چاقماق تېزلىكىدە ئۆتىدۇ ۋە ئاخىرى ئەبەدىي سائادەتنى تاپىدۇھەمدە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئېنىق ھالدا ئىسپات قىلىدۇ. ئەسفىيالار ۋە ئەۋلىيالارغا كۆرسىتىدۇ.

  يەنە قۇرئان ھەقىقىتى دەيدۇكى: «ئەي مۆئمىن! سەندىكى چەكسىز مۇھەببەت قابىلىيىتىنى يامان، نۇقسان، ناچار ۋە ئۆزۈڭگە زىيانلىق بولغان نەفسى ئەممارەڭ ئۈچۈن سەرپ قىلما. ئۇنى ئەڭ سۆيۈلۈشكە لايىق ۋە قۇللۇق قىلىشقا لايىق بىر ئىلاھ قىلىۋالما. بەلكى سەندىكى ئۇ چەكسىز مۇھەببەت قابىليىتىنى، چەكسىز بىر مۇھەببەتكە لايىق بولغان؛ ھەم سەن ئۈچۈن ئېھسانى چەكسىز مول بولغان؛ ھەم سېنى كەلگۈسىدە چەكسىز بەختلىك قىلىدىغان؛ ھەم ئالاقىدار بولغان ۋە بەختىيارلىقىدىن سەنمۇ سۆيۈنگەن بارلىق زاتلارنى ئۆزىنىڭ ئېھسانلىرى بىلەن بەختىيار قىلغان؛ ھەم چەكسىز كامالەت ئىگىسى ۋە چەكسىز دەرىجىدە مۇقەددەس، ئۇلۇغ، پاك، قۇسۇرسىز، نۇقسانسىز ئۆچمەس بىر جامال ئىگىسى بولغان؛ ۋە ھەر ئىسمىدا كۆپلىگەن ھۆسۈن ۋە جامال نۇرلىرى بولغان؛ ھەمدە جەننەتمۇ بارلىق گۈزەللىكلىرى ۋە نىمەتلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ رەھمىتىنى ۋە جامالىنى كۆرسەتكەن؛ شۇنداقلا سۆيۈملۈك ۋە سۆيۈلگەن كائىناتتىكى بارلىق گۈزەللىكلەر، ھۆسنلەر، جاماللار، كامالەتلەر ئۇنىڭ جامال ۋە كامالىتىگە ئىشارەت قىلغان، دەلىل بولغان ۋە ئالامەتلىرى بولغان ئاشۇنداق بىر ﷲقا سەرپ قىلىش كېرەك ۋە ھەقىقىي مۇھەببەت ۋە قۇلچىلىق قىلىشقا پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ دەپ بىل!…»

يەنە دەيدۇ: «ئەي ئىنسان! ئۇنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە تېگىشلىك بولغان مۇھەببەت قابىلىيىتىڭنى، باشقا فانىي مەۋجۇداتلارغا سەرپ قىلما، پايدىسىز ھالدا باشقا مەخلۇقاتلارغا تارقاتما. چۈنكى ئۇلار فانىيدۇر. بىراق ئۇلارنىڭ نەقىش ۋە جىلۋىلىرى كۆرۈنگەن ‹ئەسمائۇلھۇسنا› دېيىلگەن گۈزەل ئىسىملار باقىيدۇر، دائىمىيدۇر. ئۇ ئىسىملار ۋە سۈپەتلەرنىڭ ھەربىرىدە مىڭلارچە ئېھسان ۋە جامال مەرتىۋىلىرى، مىڭلارچە كامالەت ۋە مۇھەببەت تەبىقىلىرى بار. سەن پەقەت شۇ ‹رەھمان› ئىسمىگە قاراكى، جەننەت بىر جىلۋىسى، ئەبەدىي سائادەت بىر شولىسى ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن رىزىق ۋە نىمەتلەر بىر تامچىسىدۇر

مانا شۇ يۇقىرىدىكى سېلىشتۇرمىلاردىن كېيىن زالالەت ئەھلى بىلەن ئىمان ئەھلىنىڭ ھايات ۋە ۋەزىپە جەھەتتىكى ماھىيەتلىرىگە ئىشارەت قىلغان

﴿لَقَدْ خَلَقْنَا اْلاِنْسَانَ فِى اَحْسَنِ تَقْوِيمٍ٭ ثُمَّ رَدَدْنَاهُ اَسْفَلَ سَافِلِينَ٭ اِلاَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَ عَمِلُوا الصَّالِحَاتِ

بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق[4].ئاندىن ئۇنى(چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن)دوزاخقا قايتۇردۇق[5].پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ[6]

(سۇرە تىن:4-6)

ئايىتىگە، ھەمدە نەتىجە ۋە ئاقىۋەتلىرىگە ئىشارەت قىلغان

﴿فَمَا بَكَتْ عَلَيْهِمُ السَّمَاءُ وَ اْلاَرْضُ

(ئاسمان ۋە زىمىن ئۇلارغا<ھالاكىتىگە> يىغلىمىدى)(دۇخان:29)

  بولغان ئايەتكە دىققەت قىلىپ كۆر، يۇقىرىدا بايان قىلغان سېلىشتۇرمىنى نەقەدەر يۈكسەك ۋە مۆجىزىلىك تۈردە ئىپادە قىلغان! بىرىنچى ئايەتنىڭ مۆجىزىلىك ۋە بالاغەتلىك ھالدا ئىپادە قىلغان ھەقىقىتى، «ئون بىرىنچى سۆز»دە تەپسىلىي ھالدا بايان قىلىنغانلىقتىن ئۇنى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلىمىز. ئىككىنچى ئايەتنىڭ نەقەدەر يۈكسەك بىر ھەقىقەتنى ئىپادە قىلىدىغانلىقىنى كىچىك بىر ئىشارەت بىلەن كۆرسىتىمىز. يەنى:

  شۇ ئايەت ئوچۇق ئىپادىسى بىلەن شۇنداق پەرمان قىلىدۇ: «زالالەت ئەھلىنىڭ ئۆلىشى بىلەن ئاسمان ۋە زېمىن ئۇلار ئۈچۈن يىغلىمايدۇئەكسىچە ئىپادە بىلەن بولسا: «ئەھلى ئىماننىڭ دۇنيادىن كېتىشى بىلەن ئاسمان ۋە زېمىن ئۇلار ئۈچۈن يىغلايدۇدەيدۇ. يەنى، ئەھلى زالالەت ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. مەنىلىرىنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنى قەدىرقىممىتىدىن چۈشۈرىدۇ. ياراتقۇچىسىنى تونۇمايدۇ، ھەمدە ئۇلارغا قارشى بىر ھاقارەت ۋە ئاداۋەت قىلغانلىقتىن، ئەلۋەتتەكى ئاسمان ۋە زېمىن ئۇلار ئۈچۈن يىغلاش ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا نەپرەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلىشى بىلەن مەمنۇن بولىشىدۇ. ئەكىس ئىپادىسى بىلەن دەيدۇكى: «ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلى ئىماننىڭ ئۆلىشى بىلەن يىغلايدۇ». چۈنكى ئەھلى ئىمان بولسا، ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ۋەزىپىلىرىنى بىلىدۇ. ھەقىقىي ھەقىقەتلىرىنى تەستىق قىلىدۇ ۋە ئۇلار كۆرسەتكەن، ئىپادىلىگەن مەنىلەرنى ئىمان بىلەن چۈشىنىدۇ. «نەقەدەر كۆركەم ۋە مۇكەممەل يارىتىلغان، نەقەدەر ياخشى خىزمەت قىلىۋاتقانھەدەيدۇ. ئۇلارغا لايىق قەدىرقىممەت بېرىدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ. ﷲ نامىدىن ئۇلارنى، ھەمدە ئۇلار ئەينەك بولۇپ كۆرسەتكەن ئىلاھىي ئىسىملارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەنە شۇ سىر ئۈچۈندۇركى، ئاسمان ۋە زېمىن يىغلاۋاتقاندەك ئەھلى ئىماننىڭ دۇنيادىن ئايرىلىشىدىن قايغۇرىدۇ.

1242قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir