.قېرىندىشىڭلارنىڭ نەفىسلىرىنى نەفسىڭلاردىن ئۈستۈن بىلىڭلار

.قېرىندىشىڭلارنىڭ نەفىسلىرىنى نەفسىڭلاردىن  ئۈستۈن بىلىڭلار

ئۈچىنچى دەستۇر:

  پۈتۈن قۇۋۋىتىڭلارنى ئىخلاستا ۋە ھەقتە بىلىشىڭلار لازىم. شۇنداق، قۇۋۋەت ھەقتىدۇر ۋە ئىخلاستىدۇر. ھەقسىزلارمۇ ھەقسىزلىقلىرى ئىچىدە كۆرسەتكەن ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت يۈزسىدىن قۇۋۋەت قازىنىشىدۇ. قۇۋۋەتنىڭ ھەقتە ۋە ئىخلاستا ئىكەنلىكىگە بىر دەلىل بىزنىڭ شۇ خىزمىتىمىزدۇر. شۇ خىزمىتىمىزدە بىر مىقدار ئىخلاس بۇ ھەقىقەتنى ئىسپات قىلىدۇ ۋە ئۆزئۆزىگە دەلىل بولالايدۇ. چۈنكى يىگىرمە يىلدىن كۆپرەك ئۆز يۇرتۇمدا ۋە ئىستانبۇلدا قىلىنغان ئىلمىي ۋە دىنىي خىزمىتىمىزگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يەردە سىلەر بىلەن يەتتەسەككىز يىل ئىچىدە يۈز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى. ھالبۇكى ئۆز يۇرتۇمدا ۋە ئىستانبۇلدا بۇ يەردىكى مەن بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمدىن يۈز، ھەتتا مىڭ ھەسسە كۆپ ياردەمچىلىرىم بولسىمۇ، بۇ يەردە مەن يالغۇز، ئىگىسىز، غېرىپ ۋە چالا ساۋات، شۇنداقلا ئىنساپسىز مەمۇرلارنىڭ كۆزىتىش ۋە بېسىملىرى ئاستىدا سىلەر بىلەن قىلغان يەتتەسەككىز يىللىق خىزمىتىمدە، يۈز ھەسسە بۇرۇنقى خىزمەتتىن تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپىقىيەتنى كۆرسەتكەن مەنىۋى قۇۋۋەتنىڭ سىلەردىكى ئىخلاستىن كەلگەنلىكىگە قەتئىييەن شۈبھەم قالمىدى. ھەم ئېتىراپ قىلىمەنكى، سەمىمىي ئىخلاسىڭلار ئارقىلىق شانشەرەپ پەردىسى ئاستىدا نەفسىمنى خوش قىلغان رىياكارلىقتىن مېنى قىسمەن قۇتقازدىڭلار. ئىنشاﷲ تامامەن ئىخلاس تېپىشقا مۇۋەپپەق بولىسىلەر، مېنىمۇ كامىل ئىخلاسقا ئېلىپ كىرىسىلەر. بىلىسىلەركى، ھەزرىتى ئەلى(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۇ مۆجىزىدەك كارامىتى بىلەن ۋە ھەزرىتى غەۋسۇل ئەئزەم (قۇددىسە سىررىھۇ) ئۇ ھەيران قالارلىق غەيبى كارامىتى بىلەن سىلەرگە بۇ ئىخلاس سىرى بويىچە ئىلتىپات قىلىشىدۇ ۋە ھىمايەتكارانە تەسەللى بېرىپ خىزمىتىڭلارنى مەنىۋى جەھەتتىن ئالقىشلىشىدۇ. ھېچ شۈبھە قىلماڭلاركى ئۇلارنىڭ بۇ ئىلتىپاتلىرى ئىخلاسقا بىنائەن كېلىدۇ. ئەگەر بىلىپ تۇرۇپ بۇ ئىخلاسنى بۇزساڭلار ئۇلارنىڭ كاچىتىنى يەيسىلەر. ئونىنچى لەمئادىكى شەپقەت «كاچات»لىرىنى ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار. بۇ خىل مەنىۋى قەھرىمانلارنىڭ ئارقاڭلاردا ياردەمچى، بېشىڭلاردا ئۇستاز بولىشىنى خالىساڭلار، ﴿وَ يُؤْثِرُونَ عَلَى اَنْفُسِهِم﴾ (ھەشر:9) سىرى بويىچە كامىل ئىخلاسنى قازىنىڭلار. قېرىندىشىڭلارنىڭ نەفىسلىرىنى نەفسىڭلاردىن (شەرەپتە، مەرتىۋىدە، ھۆرمەتتە، ھەتتا ماددى مەنپەئەتتەك نەفىس ياقتۇرىدىغان نەرسىلەردە) ئۈستۈن بىلىڭلار. ھەتتا ئەڭ شىرىن ۋە گۈزەل بىر ئىمان ھەقىقىتىنى مۇھتاج بىر مۆئمىنگە بىلدۈرۈش گەرچە ئەڭ زىيانسىز، گۇناھسىزلارچە بىر مەنپەئەت بولسىمۇ، مۇمكىن بولسا نەفىستە بىر مەنمەنچىلىك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن سەن خالىمايۋاتقان بىر قېرىنداشنىڭ دەرس بېرىشى سېنى خۇشال قىلسۇن. ئەگەر «مەن ساۋاب قازىناي، بۇ گۈزەل مەسىلىنى مەن سۆزلەي» دېگەن ئارزۇيۇڭلار بولسا، گەرچە بۇنىڭدا بىر گۇناھ ۋە زىيان يوقتۇر، بىراق ئاراڭلاردىكى ئىخلاس سىرىغا زىيان يېتىشى مۇمكىن.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.