!كافىرلارنىڭ كۆپلىكىدىن، تەۋرىنىپ قالغان ۋە ئېتىقادىنى بۇزغان بىچارە ئىنسان

!كافىرلارنىڭ كۆپلىكىدىن، تەۋرىنىپ قالغان ۋە ئېتىقادىنى بۇزغان بىچارە ئىنسان

  ئالتىنچى نوتا: ئەي كافىرلارنىڭ كۆپلىكىدىن ۋە ئۇلارنىڭ بەزى ئىمان ھەقىقەتلىرىنى ئىنكار قىلىشتىكى ئىتتىپاقلىرىدىن ئىككىلىنىۋاتقان ۋە ئېتىقادىنى بۇزغان بىچارە ئىنسان! بىلگىنكى، قىممەت ۋە ئەھمىيەت ساندا ئەمەس ۋە سانىنىڭ كۆپلىكىگە قارىمايدۇ. چۈنكى ئىنسان ئەگەر ئىنسان بولمىسا، شەيتانىي بىر ھايۋانغا ئۆزگىرىدۇ. ئىنسان، بەزى پەرەڭلەر (غەرپلىكلەر) ۋە پەرەڭپەرەستلەرگە ئوخشاش ھايۋانىي ھېسلاردا تەرەققىي قىلغانسېرى تېخىمۇ زىيادە بىر ھايۋان مەرتىۋىسىنى ئالىدۇ. سەن كۆرىۋاتىسەنكى، ھايۋانلارنىڭ سانى شۇنداق كۆپ ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنسان غايەت ئاز تۇرۇقلۇق، ئىنسانلار ھايۋانلارنىڭ پۈتۈن تۈرلىرى ئۈستىدە سۇلتان، خەلىپە ۋە ھاكىم بولغاندۇر. زىيانداش كاپىرلار ۋە كاپىرلارنىڭ يولىدا ماڭغان بۇزۇق ئىنسانلار جانابى ھەقنىڭ ھايۋاناتلىرىدىن پەس بىر تۈردۇركى، فاتىرى ھەكىم ئۇلارنى دۇنيانىڭ ئىمارىتى ئۈچۈن ياراتقاندۇر. مۆئمىن قۇللىرىغا بەرگەن نىمەتلىرىنىڭ دەرىجىلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى بىر سېلىشتۇرما بىرلىك قىلىپ، ئاقىۋەتتە ئۇلارنى ئۆزلىرى ھەقلىق بولغان جەھەننەمگە تاپشۇرىدۇ.

  كۇففارلارنىڭ ۋە ئەھلى زالالەتنىڭ بىر ئىمان ھەقىقىتىنى ئىنكار قىلىشى ۋە يوققا چىقىرىشلىرىدا قۇۋۋەت يوقتۇر. چۈنكى ئىنكار سىرى بىلەن ئىتتىپاقلىرى قۇۋۋەتسىزدۇر. مىڭ ئىنكار قىلغۇچى يالغۇز بىر ھۆكمىدىدۇر. مەسىلەن: پۈتۈن ئىستانبۇل ئاھالىسى رامىزاننىڭ بېشىدا ئاينى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىنكار قىلسا، ئىككى شاھىتنىڭ ئىسپات قىلىشى بىلەن ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئىنكارى ۋە ئىتتىپاقى ئەمەلدىن قالىدۇ. مادەم كۇفۇرنىڭ ۋە زالالەتنىڭ ماھىيىتى ئىنكار قىلىشتۇر، جاھالەتتۇر ۋە ئەدەمىيدۇر(يوقلۇقتۇر). شۇڭا كۇففارلارنىڭ كۆپ سانلىق بىلەن بىرلىشىشى ئەھمىيەتسىزدۇر. ئەھلى ھەقنىڭ ھەق، تۇراقلىق ۋە تۇراقلىقلىقى ئىسپات قىلىنغان ئىمانىي مەسلىلەردە شۇھۇدقا(كۆرۈشكە) تايانغان ئىككى مۆئمىننىڭ ھۆكۈمى ئۇ چەكسىز ئەھلى زالالەتنىڭ بىرلىشىشىدىن ئۈستۈن بولىدۇ، غالىپ كېلىدۇ. بۇ ھەقىقەتنىڭ سىرى شۇدۇركى: ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ دەۋالىرى كۆرىنىشتە بىر بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر خىلدۇر. بىربىرى بىلەن بىرلىشەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەت تاپالمايدۇ. ئىسپات قىلغۇچىلارنىڭ دەۋالىرى بىرلىشىدۇ، بىربىرىدىن قۇۋۋەت ئالىدۇ. چۈنكى ئاسماندىكى (رامىزاننىڭ) ھىلال ئېيىنى كۆرمىگەن ئادەم دەيدۇكى: «مېنىڭ نەزىرىمدە ئاي يوق، مېنىڭ يېنىمدا كۆرۈنمەيۋاتىدۇ». يەنە بىرسى«نەزىرىمدە يوق» دەيدۇ. يەنە باشقا بىرسىمۇ شۇنداق دەيدۇ. ھەربىرسى ئۆز نەزىرىدە «يوق» دەيدۇ. ھەربىرىنىڭ نەزەرلىرى ئايرىمئايرىم ۋە نەزەرگە پەردە بولغان سەۋەبمۇ ئايرىمئايرىم بولۇش ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، دەۋالىرىمۇ ئايرىمئايرىم بولىدۇ؛ بىربىرىگە قۇۋۋەت بېرەلمەيدۇ. ئەمما ئىسپات قىلغۇچىلار دېمەيدۇكى: «مېنىڭ نەزىرىمدە ۋە كۆزۈمدە ھىلال ئاي باربەلكى «ئەمەلىيەتتە، ئاسمان يۈزىدە ھىلال ئاي بار، كۆرىنىۋاتىدۇدەيدۇ. كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەينى دەۋانى قىلىپ ۋە «ئەمەلىيەتتە بار» دەيدۇ. دېمەك پۈتۈن دەۋالىرى بىردۇر. ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ نەزەرلىرى ئايرىمئايرىم بولغانلىقى ئۈچۈن، دەۋالىرىمۇ ئايرىمئايرىم بولىدۇ. ئەمەلىيەتكە ھۆكۈم قىلالمايدۇ. چۈنكى ئومۇمغا قارىغان ئىنكار ئىسپات قىلىنمايدۇ. چۈنكى قورشاش لازىمدۇر. وَ الْعَدَمُ الْمُطْلَقُ لاَ يُثْبِتُ اِلاَّ بِمُشْكِلاَتٍ عَظِيمَةٍ بىر ئاساسلىق قائىدىدۇر. شۇنداق، دۇنيادا بىر نەرسىنى بار دېسەڭ، پەقەت ئۇ نەرسىنى كۆرسىتىش يېتەرلىكتۇر. ئەگەر يوق دەپ ئىنكار قىلساڭ، ئۇ ئىنكارنى ئىسپات قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانى ئەلگەكلەپ يوقلۇقىنى كۆرسىتىش لازىم كېلىدۇ.

  مانا بۇ سىرغا بىنائەن، ئەھلى كۇفۇرنىڭ بىر ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشى بولسا، بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋەياكى تار بىر تۆشۈكتىن ئۆتۈش ۋەياكى بىر خەندەكتىن ئاتلاشقا ئوخشايدۇكى، مىڭىمۇ، بىرىمۇ بىردۇر. چۈنكى بىربىرىگە ياردەمچى بولالمايدۇ. ئەمما ئىسپات قىلغۇچىلار ئەمەلىيەتتە ئىشنىڭ ئەسلى ھەقىقىتىگە قارىغانلىقى ئۈچۈن، مۇددىئالىرى بىرلىشىدۇ. قۇۋۋەتلىرى بىربىرىگە ياردەم قىلىدۇ. چوڭ بىر تاشنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە ئوخشايدۇكى، قانچىلىك قوللار يېپىشسا كۆتۈرۈلىشى تېخىمۇ بەكرەك ئاسان بولىدۇ ۋە بىربىرىدىن قۇۋۋەت ئالىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.