(كىلىڭ شۇنداق بىر دۇئا قىلىڭ-جەۋشەن(چوڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغا

(كىلىڭ شۇنداق بىر دۇئا قىلىڭ-جەۋشەن(چوڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغا

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّح۪يمِ

اَللّٰهُمَّ اِنّ۪ٓى اَسْئَلُكَ بِاَسْمَٓائِكَ يَا اَللّٰهُ يَا رَحْمٰنُ يَا رَح۪يمُ يَا عَل۪يمُ يَا حَل۪يمُ يَا عَظ۪يمُ يَا حَك۪يمُ يَا قَد۪يمُ يَا مُق۪يمُ يَا كَر۪يمُ سُبْحَانَكَ يَا لآَ اِلٰهَ اِلآَّ اَنْتَ اْلاَمَانُ اْلاَمَانُ خَلِّصْنَا مِنَ النَّارِ

رەھمان ۋە رەھىيم بولغان ﷲنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

ئاللاھىم! سەندىن شۇ ئىسىملىرىڭنىڭ ھەققى ئۈچۈن تىلەيمەن:

ئەي بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ھەقىقىي مەبۇدى بولغان ئاللاھ! ئەي ياخشىيامان دەپ ئايرىماستىن پۈتۈن مەخلۇقلىرىنى رىزىقلاندۇرىدىغان شەپقىتى چەكسىز رەھمان! ئەي ئىتائەتكار قۇللىرىغا خۇسۇسىي رەھمەت قىلىپ، ئەبەدىي سائادەت بېرىدىغان رەھىيم! ئەي ھەممىنى بىلىدىغان، بىلمەيدىغىنى بولمايدىغان ئەلىيم! ئەي ئىسيانلارغا سەۋر ۋە يۇمشاقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ھەلىيم! ئەي چەكسىز بۈيۈكلۈك ۋە ئۈستۈنلۈك ساھىبى بولغان ئەزىيم! ئەي ھەر مەۋجۇداتنى نۇرغۇنلىغان ھىكمەت ۋە غايە بىلەن ياراتقان ھەكىيم! ئەي مەۋجۇتلىقىنىڭ باشلىنىشى بولمىغان قەدىيم! ئەي مەۋجۇت ۋە دائىمىي بولىشى ئۈچۈن ھېچبىر نەرسىگە مۇھتاج بولمىغان، ھەر نەرسىنى ماھىيىتى بويىچە تۇتۇپ تۇرغان مۇقىيم! ئەي ياخشىلىقى، مەرتلىكى ۋە ئىكرامى مول بولغان كەرىيم!

سەن پۈتۈن قۇسۇرنۇقسانلاردىن مۇنەززەھسەن (پاكسەن)، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، مەدەت بىزگە، ئامانلىق بەر، بىزنى جەھەننەم ئازابىدىن قۇتقاز!﴿1


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.