كىچىك بالىلارنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە

كىچىك بالىلارنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە

ئون يەتتىنچى مەكتۇپ

(يىگىرمە بەشىنچى لەمئانىڭ بىر قوشۇمچىسى)

كىچىك بالىلارنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە

بِاسْمِهِ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِه

(ئىسرا:44)

ئەزىز ئاخىرەتلىك قېرىندىشىم ھافىز خالىد ئەپەندى!

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ الَّذِينَ اِذَا اَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ قَالُوا اِنَّا لِلّهِ وَاِنَّا اِلَيْهِ رَاجِعُونَ

(بەقەرە:156)

  قېرىندىشىم، بالىڭىزنىڭ ۋاپاتى مېنىمۇ قايغۇرتتى، بىراق ﴿اَلْحُكْمُ لِلّهِ﴾ قازاغا رازى بولۇش ۋە تەقدىرگە تەسلىم بولۇش ئىسلامىيەتنىڭ مۇھىم بىر تەرىپىدۇر. ﷲ سىلەرگە مۇكەممەل شەكىلدە سەبىر ئاتا قىلسۇن. مەرھۇمنىمۇ سىلەرگە ئاخىرەتلىك ياردەمچى ۋە شاپائەتچى قىلسۇن. سىزگە ۋە سىزدەك تەقۋادار مۆئمىنلەرگە چوڭ بىر خۇشخەۋەر ۋە ھەقىقىي بىر تەسەللىي كۆرسىتىپ بېرىدىغان «يەتتە نۇقتا»نى بايان قىلىمىز:

  بىرىنچى نۇقتا:

  قۇرئانى ھەكىم مۆئمىنلەرنىڭ بالاغەتكە يەتمەستىن ۋاپات قىلغان بالىلىرى جەننەتتە ئەبەدىي، سۆيۈملۈك ۋە جەننەتكە لايىق بىر شەكىلدە دائىما بالا پېتىچە قالىدىغانلىقىنى؛ جەننەتكە كىرگەن ئاتائانىلىرىنىڭ قۇچاقلىرىدا مەڭگۈلۈك ھۇزۇرلىنىش ۋاستىسى بولىدىغانلىقىنى؛ بالىسىنى سۆيۈش ۋە ئەركىلىتىشتەك بەكمۇ گۈزەل بىر لەززەتكە ئاتائانىسىنىڭ يەنە ئېرىشىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى؛ ھەرقانداق لەززەتنىڭ جەننەتتە بار ئىكەنلىكىنى؛ «جەننەت نەسىل قالدۇرۇش ماكانى بولمىغانلىقتىن بالا سۆيۈش ۋە ئەركىلىتىش ھۇزۇرلىرى بولمايدۇ» دېگۈچىلەرنىڭ بۇ ھۆكۈمىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى؛ شۇنداقلا بۇ دۇنيادا ئون يىللىق قىسقا بىر ئەلەم ئارىلاش بولغان بالىسىنى سۆيۈش ۋە ئەركىلىتىش ئورنىغا، مىليونلىغان يىللار ساپ، ئەلەمسىز ھالدىكى ئۇ خىل ھۇزۇرنى قازىنىش مۆئمىننىڭ بەكمۇ چوڭ بىر خىل سائادەت ۋاستىسى بولىدىغانلىقىنى شۇ ئايەتى كەرىمە ﴿وِلْدَانٌ مُخَلَّدُونَ(ئىنسان:19) جۈملىسى ئارقىلىق ئىشارەت قىلىدۇ ۋە خۇشخەۋەر بېرىدۇ.

  ئىككىنچى نۇقتا:

  بىر زامان بىر زات بىر زىنداندىكى تۇرىۋاتقان ئىدى. كېيىن ئامراق بىر بالىسى يېنىغا كەلتۈرىلىدۇ. ئۇ بىچارە مەھبۇس ھەم ئۆزىنىڭ ئەلىمى بىلەن، ھەم بالىسىغا ياخشى قارىيالمىغانلىقىدىن ئۇنىڭ ئەلىمى بىلەن قايغۇرىۋاتاتتى. كېيىن مەرھەمەتكار پادىشاھ ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ دەيدۇكى: «شۇ بالا گەرچە سېنىڭ بالاڭدۇر، بىراق مېنىڭ قارمىقىمدا ۋە ماڭا تەۋە پۇقرادۇر، ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن، ئېسىل بىر سارايدا باقتۇرىمەنئۇ كىشى يىغلايدۇ، قاقشايدۇ، «مېنىڭ تەسەللىي تېپىشىمغا ۋاستە بولغان بالامنى بەرمەيمەن» دەيدۇ. ئۇنىڭغا بۇرادەرلىرى دەيدۇكى: «سېنىڭ بۇ خىل قايغۇرۇشۇڭ مەنىسىزدۇر. ئەگەر سەن بالىنى دەپ قايغۇرىۋاتقان بولساڭ، بالا شۇ مەينەتچىلىك، پۇراقچىلىق، جاپالىق زىنداندىن بەكمۇ راھەت ۋە ھۇزۇرلۇق بىر سارايغا كېتىۋاتىدۇ. ئەگەر سەن ئۆز مەنپەئەتىڭنى ئويلاپ قايغۇرىۋاتقان بولساڭ، بالا بۇ يەردە قېلىپ قالدى دېسەك، ۋاقىتلىق، شۈبھىلىك بىر مەنپەئەتىڭ بىلەن بىرگە، بالىنىڭ كەلتۈرىدىغان كۈلپەتلىرى سەۋەبلىك كۆپلىگەن قىيىنچىلىق ۋە ئەلەم تارتىسەن. ئەگەر ئۇ يەرگە كەتسە، ساڭا مىڭلارچە مەنپەئەتى بار. چۈنكى پادىشاھنىڭ مەرھەمىتىنى جەلب قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ، ساڭا شاپائەتچى ئورنىدا بولۇپ قالىدۇ. پادىشاھ ئۇنى سەن بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى خالايدۇ. كۆرۈشۈشۈڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇنى زىندانغا ئەۋەتمەيدۇ، بەلكى سېنى زىنداندىن چىقىرىپ سارىيىغا ئېلىپ بارىدۇ ۋە بالاڭ بىلەن كۆرىشىسىلەر. بىراق بىر شەرت بار. يەنى پادىشاھقا ئىشەنچ ۋە ئىتائىتىڭ بولىشى كېرەك…»

  ئەزىز قېرىندىشىم، مانا بۇ مىسالدىكىدەك، سېنىڭدەك مۆئمىنلەر بالىلىرى ۋاپات قىلغان ۋاقىتتا شۇنداق ئويلىنىش كېرەك: شۇ بالا گۇناھسىزدۇر. ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى بولسا چەكسىز رەھىملىك ۋە كەرەملىكتۇر. مېنىڭ قۇسۇرلۇق تەربىيە ۋە شەپقىتىمنىڭ ئورنىغا، غايەت مۇكەممەل بولغان ئىنايەت ۋە رەھمىتىگە ئالدى. دۇنيانىڭ ئەلەملىك، بالامۇسىبەتلىك ۋە مۇشەققەتلىك زىندانىدىن چىقىرىپ، جەننەتۇل فىردەۋسىگە ئەۋەتتى. بۇ بالا نېمە دېگەن بەختلىك؟ شۇ دۇنيادا قالغان بولسا، قانداق ھالغا كىرىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟! شۇڭلاشقا مەن ئۇنىڭغا قايغۇرمايمەن، ئۇنى بەختىيار دەپ ئويلايمەن. ئۆزۈمگە ئائىت مەنپەئەتىم ئۈچۈنمۇ ئۆكۈنمەيمەن، ئازاپلىنىپ قايغۇرمايمەن. چۈنكى، دۇنيادا قالغان بولسا، ئون يىللىق ۋاقىتلىق ئەلەم ئارىلاش بولغان بىر بالا سۆيۈش لەززىتىنى تەمىن قىلغان بولاتتى. ئەگەر سالىھ قۇل بولغان ۋە دۇنيا ئىشلىرىدىمۇ ئىقتىدارلىق بولغان بولسىغۇ، بەلكىم ماڭا ياردىمى بولغان بولاتتى. بىراق ۋاپاتى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك جەننەتتە ئون مىليون يىل مەن ئۈچۈن بالا سۆيۈش لەززىتىگە ۋە ئەبەدىي سائادىتىمگە ۋاستە بولغان شاپائەتچى ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. ئەلۋەتتە ۋە ئەلۋەتتە، مۇئاججەل (تەخىرسىز) ۋە شۈبھىلىك بىر مەنپەئەتنى يوقاتقان، چوقۇم ۋە تەخىرلىك (كېيىنكى) مىڭ مەنپەئەتنى قازانغان كىشى ئازاپلىنىپ ئۆكۈنمەيدۇ، مەيۈسلىنىپ پەرياد قىلمايدۇ.

  ئۈچىنچى نۇقتا:

  ۋاپات قىلغان بالا، رەھىملىك ياراتقۇچىنىڭ مەخلۇقى، مۈلكى، قۇلى ۋە ھەر جەھەتتىن ئۇنىڭ سەنئەت ئەسىرىدۇر، ھەمدە ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاستىدىكى ئاتائانىسنىڭ بىر ھەمراھى بولۇپ، ۋاقىتلىق ھالدا ئاتائانىسىنىڭ قارىشىغا بېرىلگەندۇر. ئاتائانىسىنى ئۇنىڭغا خىزمەتكار قىلغان بولۇپ، ئاتائانىسىنىڭ ئۇ خىزمىتىگە بۇ دۇنيادىكى بىر مۇكاپات ۋە ھەق قاتارىدا لەززەتلىك بىر شەپقەتنى بەرگەندۇر. ئەمدى مىڭدىن توققۇز يۈز توقسان توققۇز ئۈلۈش ئىگىسى بولغان ئۇ رەھىملىك ياراتقۇچى رەھمەت ۋە ھىكمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇ بالىنى سېنىڭ قولۇڭدىن ئالسا، سېنىڭ ئۇ خىزمىتىڭگە خاتىمە بەرسە، سىرتقى جەھەتتىكى بىر ئۈلۈش بىلەن، ھەقىقەت جەھەتتە مىڭ ئۈلۈش ئىگىسىگە قارشى شىكايەتنى پۇرىتىدىغان بىر شەكىلدە مەيۈس بولۇپ قايغۇرۇش ۋە پەرياد قىلىش مۆئمىنلەرگە ياراشمايدۇ، بەلكى غەپلەت ۋە زالالەت ئىگىلىرىگە يارىشىدۇ.

  تۆتىنچى نۇقتا:

  ئەگەر بۇ دۇنيا ئەبەدىي بولغان بولسا، ئىنسان ئىچىدە ئەبەدىي قالىدىغان بولسا ۋە ئايرىلىشمۇ مەڭگۈلۈك بولىدىغان بولسا، قايغۇرۇپ ئۆكۈنۈشنىڭ ۋە مەيۈسلىنىپ ئازاپلىنىشنىڭ بىر مەنىسى بولغان بولاتتى. بىراق مادەم دۇنيا بىر مېھمانخانىدۇر. ئۇنداقتا ۋاپات قىلغان بالا قەيەرگە كەتكەن بولسا، سىزمۇ، بىزمۇ شۇ يەرگە كېتىمىزبۇ ئۆلۈم ئۇنىڭغىلا مەخسۇس ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي بىر يولدۇر. ھەمدە ئايرىلىشمۇ ئەبەدىي ئەمەس، كېلەچەكتە ھەم بەرزەختە ھەم جەننەتتە كۆرىشىلىدۇ. ئۇنداقتا اَلْحُكْمُ لِلّهِ دېيىش كېرەك، ئۇ بەردى، ئۇ ئالدى، «ئەلھەمدۇلىللاھى ئەلا كۇللى ھال» دەپ سەبىر بىلەن شۈكۈر قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى نۇقتا:

  ﷲنىڭ رەھمىتىنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ نازۇك، ئەڭ ھۇزۇرلۇق ۋە ئەڭ شېرىن جىلۋىلىرىدىن بولغان شەپقەت، نۇرانىي بىر ئىكسىردۇر (بەكمۇ خاسىيەتلىك دورا). ئاشىقلىقتىن كۆپ دەرىجىدە تېز ھالدا ﷲقا يېقىنلاشقا ۋاستە بولىدۇ. مەجازى (ھەقىقىي بولمىغان) ئاشىقلىق ياكى دۇنياغا بولغان ئاشىقلىق كۆپلىگەن مۈشكىلاتلار ئارقىلىق ھەقىقىي ئاشىقلىققا ئۆزگىرىپ، ﷲنى تاپقاندەك، شەپقەتمۇ، ھېچ مۈشكىلاتسىز، تېخىمۇ قىسقا، تېخىمۇ ساپ بىر شەكىلدە قەلبنى ﷲقا باغلايدۇ. دادا بولسۇن، ئانا بولسۇن ئۆز بالىسىنى پۈتۈن دۇنياسىدەكلا ياخشى كۆرىدۇ. بالىسى قولدىن ئېلىنغان ۋاقىتتا، ئەگەر بەختىيار بولغان بولسا ۋە ھەقىقىي ئىمان ئەھلى بولغان بولسا، دۇنيادىن يۈزىنى بۇراپ، ھەقىقىي نىئمەت بەرگۈچى بولغان ﷲنى تاپىدۇ، دەيدۇكى: «دۇنيا فانىيدۇر، قەلب بىلەن ئالاقە تۈزۈشكە ئەرزىمەيدۇبالىسى قەيەرگە كەتكەن بولسا، ئۇ يەرگە قارىتا بىر ئالاقە پەيدا قىلىدۇ، يۈكسەك مەنىۋى بىر ھالغا ئىگە بولىدۇ.

  غەپلەت ۋە زالالەت ئەھلى شۇ بەش ھەقىقەتتىكى سائادەت ۋە خۇشخەۋەردىن مەھرۇمدۇر. ئۇلارنىڭ ھالى قانچىلىك ئەلەملىك ئىكەنلىكىنى شۇنىڭ بىلەن قىياس قىل. يەنى: بىر ئايال ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن ئوماق بىر بالىسىنىڭ سەكراتقا چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن ۋاقىتتا، دۇنيادىكى ئەبەدىي ياشاش خىيالىنىڭ ھۆكۈمى بويىچە، ھەمدە غەپلەت ۋە زالالەت پىكرى نەتىجىسىدە، ئۆلۈمنى يوقىلىش ۋە مەڭگۈلۈك ئايرىلىش دەپ تەسەۋۋۇر قىلغانلىقىدىن، يۇمشاق كۆرپىسىنىڭ ئورنىغا قەبرىنىڭ قاتتىق تۇپرىقىنى ئويلىنىپ، ئازغۇنلىقى سەۋەبلىك ئەرھەمەرراھىمىن بولغان ﷲنىڭ رەھمەت جەننىتىنى، فىردەۋس نىئمەتلىرىنى بىلەلمىگەنلىكتىن نەقەدەر مەيۈسلىنىپ قايغۇرىدىغانلىقىنى، ئازاپلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايسەن. بىراق، ئىككى دۇنيالىق سائادەت سەۋەبى بولغان ئىمان ۋە ئىسلامىيەت مۆئمىنگە دەيدۇكى: شۇ سەكراتتا ياتقان بالاڭنىڭ مەرھەمەتلىك ياراتقۇچىسى ئۇنى بۇ فانىي دۇنيادىن چىقىرىپ جەننەتكە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. ساڭا ھەم شاپائەتچى، ھەم مەڭگۈلۈك بىر بالا قىلىدۇ. ئايرىلىش ۋاقىتلىقتۇر، ئەنسىرىمە،

﴿اَلْحُكْمُ لِلّهِ﴾ ﴿ اِنَّا لِلّهِ وَاِنَّا اِلَيْهِ رَاجِعُونَ ﴾ دىگىن، سەبىر قىل!

اَلْبَاقِى هُوَ الْبَاقِى

سەئىد نۇرسى

(كىچىك بالىلارنىڭ ۋاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەكتۇپنىڭ پارچىسى)

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ

  «كىچىك بالىلارنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە» ناملىق رىسالىدىكى ﴿ َطوُفُ عَلَيْهِمْ وِلْدَانٌ مُخَلَّدُونَ﴾(ۋاقىئە:17)ئايىتىگە دائىر، بىر قىسم بۇرۇنقى تەپسىرلەردە «جەننەتتە كىچىك بالىدىن تارتىپ ئەڭ قېرىسىغىچە ھەممە كىشى ئوتتۇز ئۈچ ياشتا بولىدۇ» دېيىلگەن. بۇنىڭ ھەقىقىتى، ئاللاھۇ ئەئلەم شۇ بولۇشى مۇمكىن: ئايەتتە ئوچۇق تەرزدە وِلْدَانٌ ئىبارىسى بىلەن ئىپادە قىلىۋاتىدۇكى: شەرئىي پەرزلەرنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتى بولمىغان، سۈننەت قاتارىدىمۇ ئورۇندىمىغان ۋە بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپ ۋاپات بولغان بالىلار، جەننەتتە جەننەتكە خاس ۋە سۆيۈملۈك بالا پېتىچە قالىدۇ. ئەمما ئاتائانىلىرى يەتتە ياشقا توشقان بالىلارنى، كۆندۈرۈش مەقسىتىدە، قىزىقتۇرۇش سۈرىتىدە، نامازغا ئوخشاش پەرزلەرنى ئورۇنداشقا بۇيرۇشى؛ ھەمدە ئون ياشقا كىرسە، قاتتىقلىق بىلەن ناماز ئوقۇتۇشى ۋە كۆندۈرۈشى شەرىئەتتە باردۇر. دېمەك، ۋاجىپ بولمىغان تۇرسىمۇ، يەتتە ياشتىن بالاغەت يېشىغىچە بولغان، نەپلە ئىبادەت تەرزىدە چوڭلارغا ئوخشاش ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتقان بالىلارمۇ، دىندار چوڭلارغا ئوخشاش مۇكاپات ئالالىشى ئۈچۈن ئوتتۇز ئۈچ ياشتا بولىدۇ. بىر قىسىم تەپسىرلەر بۇ نۇقتىنى ئىزاھلىماستىن، ھەممە بالىلارغا ئومۇملاشتۇرىۋەتكەن. خۇسۇسىي تۇرسىمۇ، ئومۇمىيدەك قاراپ قېلىشقان.

سەئىد نۇرسى


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.