مۇسۇلمانلارغا زەپەر ۋە غالىبىيەت -دىققەت

مۇسۇلمانلارغا زەپەر ۋە غالىبىيەت -دىققەت

زەپەر ۋە غالىبىيەت، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھۇ تائالانىڭ خالىشى بىلەنلا بولىدۇ!

  تۆۋەندىكى ئايىتى كەرىمىلەر زەپەر ۋە غالىبىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسى جەھەتتىن ماددى سەۋەپلەرنىڭ سايىسىدا ئەمەس، پەقەتلا ئاللاھۇ تائالانىڭ خالىشى ۋە ياردىمى بىلەن ۋۇجۇتقا كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ماددى سەۋەپلەرگە مەھكەم يېپىشىش بىلەن بىرلىكتە، پەقەتلا جانابى ھەققە ئىشىنىش ۋە ئىلتىجا قىلىش لازىملىقىنى ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتمەكتە. تۆۋەندىكىچە:

وَمَا جَعَلَهُ اللّهُ إِلاَّ بُشْرَى لَكُمْ وَلِتَطْمَئِنَّ قُلُوبُكُم بِهِ وَمَا النَّصْرُ إِلاَّ مِنْ عِندِ اللّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ

  ”(ۋە ئاللاھۇ تائالا بۇنى،) بۇ مەلەكلەر ۋاسىتىسى بىلەن مەدەتياردىمىنى،(پەقەتلا سىلەرگە،)ئەي مۇسۇلمانلار! غالىبىيەتنى قولغا كەلتۈرىشىڭلارغا دائىر(بىر خوش خەۋەر بىرىش) ئۈچۈن قىلغاندۇر(ۋە) يەنە بىر جەھەتتىن(بۇنىڭ بىلەن) بۇ ئىشىنىش سەۋەبى بىلەن(قەلبلىرىڭلارنىڭ تەسكىن تېپىشى) خاتىرجەملىككە ئىرىشىشىڭلار(تېپىشىڭلار ئۈچۈن قىلغاندۇر.) تاكى، ئۆزۈڭلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىدىن، دۈشمەن سانىنىڭمۇ كۆپلىكى تۈپەيلىدىن قەلبىڭلار ھەرگىز تەسىر ئاستىدا قالمىسۇن.(بولمىسا، زەپەر قۇچۇش) سان ۋە ۋاستىلارنىڭ كۆپلىكىدىن ۋە مەلەكلەرنىڭ چۈشىشى تۈپەيلىدىن ئەمەس.(پەقەتلا، ئەزىز بولغان)ئەسلا ئاجىز ئەمەس ۋە مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە (ھاكىم بولغان) ھېكمەت ۋە پايدىلىرى سەۋەپلىك خالىغىنىنى غالىپ ۋە خالىغىنىنى مەغلۇپ قىلالايدىغان(ئاللاھۇ تائالا قېتىدىدۇر.)

  شۇنىڭغا بىنائەن، مەلەكلەرنىڭ ئىسلام ئارمىيسىگە ياردەمگە يۈگۈرۈشلىرىمۇ، پەقەتلا مۇسۇلمانلارغا بىر خوش بىشارەت بىرىش ئۈچۈندۇر. جارى قىلىنىۋاتقان ئادەتۇللاھقا(ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە)كۆرە، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى تەسكىن قىلىش ۋە راھەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ نېمىدىگەن ھەشەمەتلىك بىر ئارمىيەگە ساھىپ ئىكەنلىكىنى دۈشمەنلىرىگە كۆرسىتىش، ئۇ دۈشمەنلەرنىڭ قەلىپلىرىگە دەھشەت ۋە قورقۇنچ بىرىش ئۈچۈندۇر. تېخىمۇ كۆپ بۇلارغا ئوخشاش بەك كۆپ ھېكمەتلەرگە تاياندۇرۇلماقتا. بولمىسا، ھەق تائالا ھەزرەتلىرى خالسا بىر مەلەك بىلەنمۇ، ۋەياكى ھېچقانداق بىر مەلەكنى ۋاسىتە قىلماستىن ھەرقانداق بىر قۇۋۋەتنى، ھەرقانداق بىر قەۋىمنى بىتچىت قىلىپ يوق قىلىۋەتەلەيدۇ ۋە پەرىشان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويالايدۇ. بىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز!

لِيَقْطَعَ طَرَفًا مِّنَ الَّذِينَ كَفَرُواْ أَوْ يَكْبِتَهُمْ فَيَنقَلِبُواْ خَآئِبِينَ

  ”يەنە بىرسى ئەي مۇسۇلمانلار! جانابى ھەق، سىزگە بۇ زەپەرنى ئېھسان قىلىدۇ. (تاكى، كۇپۇردا ۋە ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرىۋالغانلارنىڭ بىر قىسمىنى) بىر گۇرۇپسنى (كەسسۇن). ئۇلارنى جەڭ مەيدانىدا قەتىل قىلىپ ھالاك قىلسۇن، بىر قىسمىنى ئەسارەت ئاستىغا ئالسۇن( ۋەياكى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلسۇنكىبۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ) قورقۇنىچ ۋە پەسىتلىككە دۇچار بولسۇن ۋە ئارزۇلىرىغا ئىرىشىشتىن مەھرۇم قىلىنغان(ھالەتتە ئارقىسىغا چىكىنسۇن)يۇرىتلىرىغا شۇنداق بىر مەغلۇبىيەت بىلەن ۋە ئۈمىتسىز بىر ھالەتتە قايتىپ كەتسۇن.[1]

—————————————-

[1]ئالى ئىمران سۈرىسى(3):126-127


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.