مۇھىم بىر مەسىلە

مۇھىم بىر مەسىلە

ئون بىرىنچى مەسىلىنىڭ ھاشىيەسىنىڭ بىر قوشۇمچىسى

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

«ئايەتەل كۇرسى»نىڭ ئاخىرى بولغان ﴿لاَ اِكْرَاهَ فِى (الدِّينِ قَدْ تَبَيَّنَ الرُّشْدُ) مِنَ الْغَىِّ(بەقەرە:256) مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك (1350)؛ ﴿فَمَنْ يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ﴾ مىڭ توققۇز يۈز يىگىرمە توققۇز (1929) ياكى (1928)؛ ﴿وَيُؤْمِنْ بِاللّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ﴾ توققۇز يۈز قىرىق ئالتە (946) «رىسالەتۇن نۇر» ئىسمىغا مۇۋاپىق؛ ﴿بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَى﴾ مىڭ ئۈچ يۈز قىرىق يەتتە (1347)؛ ﴿لاَ انْفِصَامَ لَهَا وَاللّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ (اَللّهُ) (وَلِىُّ الَّذِينَ آمَنُوا( (ئەگەر بىللە بولسا) توققۇز يۈز قىرىق بەش (945) (بىر تەشدىد سانالمايدۇ)؛ ﴿يُخْرِجُهُمْ مِنَ (الظُّلُمَاتِ) اِلَى النُّورِ مىڭ ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى (1372) (تەشدىدسىز)؛ ﴿وَالَّذِينَ كَفَرُوا اَوْلِيَاؤُهُمُ (الطَّاغُوتُ) مىڭ تۆت يۈز ئون يەتتە (1417)؛ ﴿يُخْرِجُونَهُمْ مِنَ النُّورِ اِلَى (الظُّلُمَاتِ)مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز سەككىز (1338) (تەشدىد سانالمايدۇ)؛ ﴿اُولئِكَ اَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ مىڭ ئىككى يۈز توقسان بەش (1295) (تەشدىد سانىلىدۇ) بولىدۇ.

  «رىسالەتۇن نۇر»نىڭ ھەم ئىككى قېتىم ئىسمىغا ھەم جىھاد قىلش ئۇسۇلىغا، ھەم ئوتتۇرىغا چىقىشىغا، يېزىلىش ۋە تاكاممۇللىشىش ۋاقتىغا دەلمۇدەل تەۋافۇق قىلىش بىلەن بىللە، ئەھلى كۇپۇرنىڭ مىڭ ئىككى يۈز توقسان ئۈچىنچى (1293) يىلىدىكى ئۇرۇش بىلەن ئىسلام ئالىمىنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشىش تارىخىغا، ھەمدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىش بىلەن مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز سەككىز (1338)دە ئەمەلىي ھالدا نۇردىن زۇلمەتكە ئېتىش ئۈچۈن قىلىنغان دەھشەتلىك كېلىشىملەر تارىخىغا دەلمۇدەل تەۋافۇقى، ئىچىدە قايتاقايتا نۇر ۋە زۇلمەتنىڭ قارشىقارشىغا كەلتۈرۈلۈپ سېلىشتۇرىلىشى، بۇ مەنىۋى جىھادتا قۇرئاننىڭ نۇرىدىن كەلگەن بىر نۇر ئەھلى ئىمانغا بىر تايانچ نۇقتىسى بولىدىغانلىقىنى ئىشارىي مەنە بىلەن خەۋەر بېرىدۇ، دەپ قەلبىمگە ئەسكەرتىلدى. مەنمۇ مەجبۇر بولدۇم، يازدىم. كېيىن قارىسام، مەنىسىنىڭ بۇ ئەسىرىمىزگە بولغان مۇناسىۋىتى ئۇ قەدەر قۇۋۋەتلىكتۇركى، ھېچ تەۋافۇق ئالامىتى بولمىسىمۇ يەنە بۇ ئايەتلەر ھەر ئەسىرگە قارىغىنىدەك، ئىشارىي مەنىسى بىلەن بىز بىلەنمۇ سۆزلىشىدىغانلىقىغا قانائىتىم كەلدى.

  شۇنداق، بىرىنچىدىن: باشتا ﴿لاَ اِكْرَاهَ فِى الدِّينِ قَدْ تَبَيَّنَ الرُّشْدُ جۈملىسى جىفر ۋە ئەبجەد ھېسابى بىلەن مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك (1350) تارىخىغا بارماق باسىدۇ ۋە ئىشارىي مەنە بىلەن دەيدۇ: گەرچە ئۇ تارىختا دىننى دۇنيادىن ئايرىش بىلەن دىندا زورلاشقا، مەجبۇرلاشقا، دىنىي جىھاد قىلىشقا ۋە دىن ئۈچۈن قورال بىلەن غازات قىلىشقا قارشى بولغان ۋىجدان ئەركىنلىكى، ھۆكۈمەتلەردە بىر ئاساسى قانۇن، بىر سىياسىي دەستۇر بولىدۇ ۋە ھۆكۈمەت دىنسىز جۇمھۇرىيەتكە ئايلىنىدۇ. بىراق، ئۇنىڭغا قارشى مەنىۋى بولغان بىر دىنىي جىھاد تەھقىقى ئىمان قىلىچى بىلەن بولىدۇ. چۈنكى دىندىكى رۇشد ۋە ئىرشادنى (ھىدايەتكە باشلاشنىڭ مۇكەممەللىكىنى)، ھەق ۋە ھەقىقەتنى كۆزلەرگە كۆرسىتىدىغان دەرىجىدە قۇۋۋەتلىك دەللىلەر بىلەن ئىزھار قىلىپ ئىسپاتلايدىغان ۋە ئايدىڭلاشتۇرىدىغان بىر نۇر قۇرئاندىن چىقىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىپ، بىر مۆجىزىلىك لەمئانى كۆرسىتىدۇ.

  ھەم تاكى ﴿خَالِدُونَ كەلىمىسىگىچە رىسالەئى نۇردىكى پۈتۈن سېلىشتۇرۇشلارنىڭ ئاساسى، مەنبەسى بولۇپ، ئەينەن ئۇ سېلىشتۇرمىلاردەك قايتاقايتا نۇر ۋە زۇلمەت، ئىمان ۋە قاراڭغۇلۇقلارنىڭ قارشىلاشتۇرىلىشى يوشۇرۇن بىر ئالامەتتۇركى، ئۇ تارىختا بولغان مەنىۋىي جىھاد ئۇرۇشىدا بۈيۈك بىر قەھرىمان «نۇر» نامىدىكى رىسالەئى نۇر بولۇپ، دىندىكى يۈزلەرچە تىلسىملارنى كەشىف قىلغان ئۇنىڭ مەنىۋى ئالماس قىلىچى ماددى قىلىچلارغا ئېھتىياج قويمايدۇ.

  شۇنداق، چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، يىگىرمە يىل مابەينىدە رىسالەئى نۇر بۇ غەيبىي خەۋەرنى ۋە مۆجىزىلىك لەمئانى ئەمەلىي ھالدا كۆرسەتكەندۇر. ھەمدە بۇ چوڭ سىر ئۈچۈندۇركى، رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرى دۇنيا سىياسىتىگە، جەريانلىرىغا ۋە ماددى جىھادلارغا ئارىلاشمايدۇ، ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، تەنەززۇل قىلمايدۇ (چۈشمەيدۇ). ئۇنىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرى ئەڭ دەھشەتلىك بىر دۈشمىنىگە ۋە ھاقارەتلىك تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇنىڭغا دەيدۇ:

  «ئەي بەتبەخت! مەن سېنى ئەبەدىي ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇشقا، فانىي ھايۋانىيلىقنىڭ ئەڭ پەس ۋە ئەلەملىك دەرىجىسىدىن بىر باقىي ئىنسانىيەت سائادىتىگە چىقىرىشقا تىرىشىۋاتىمەن. سەن مېنى جازالاشقا ۋە ئۆلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىسەن. سېنىڭ بۇ دۇنيادا لەززىتىڭ بەك ئاز ۋە ناھايىتى قىسقا، ئاخىرەتتە جازا ۋە بالالىرىڭ تولىمۇ كۆپ ۋە ئىنتايىن ئۇزۇندۇر. مېنىڭ ئۆلۈمۈم بىر ئارامغا چىقىشتۇر. يوقال كۆزۈمدىن! سەن بىلەن تەڭ بولمايمەن، نېمە قىلساڭ قىل» دەيدۇ. ئۇ زالىم دۈشمىنىگە غەزەپلىنىش ئەمەس، بەلكى ئىچ ئاغرىتىدۇ، شەپقەت قىلىدۇ، كاشكى قۇتۇلغان بولسا دەپ ئىسلاھ بولىشىغا تىرىشىدۇ.

  ئىككىنچىدىن: (وَيُؤْمِنْ بِاللّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ) (بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَى) بۇ ئىككى مۇقەددەس جۈملىلەر قۇۋۋەتلىك مەنىۋى مۇناسىۋەت بىلەن بىرلىكتە جىفر ۋە ئەبجەد ھېسابى بىلەن، بىرىنچىسى رىسالەتۇن نۇرنىڭ ئىسمىغا، ئىككىنچىسى ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا، تاكامۇللىشىشىغا ۋە پارلاق شەكىلدە تارقىلىشىغا مەنە ۋە جىفر جەھەتتىن دەلمۇدەل تەۋافۇقلىرى بىر ئالامەتتۇركى: رىسالەئى نۇر بۇ ئەسىردە، بۇ تارىختا بىر «ئۇرۋەتۇل ۋۇسقا»دۇر. يەنى ئىنتايىن مۇستەھكەم، ئۈزۈلمەس بىر زەنجىر ۋە بىر «ﷲنىڭ ئارغامچىسى»دۇر. ئۇنى تۇتقان، يېپىشقان نىجادلىق تاپىدۇ، دەپ رەمىزلىك مەنىسى بىلەن خەۋەر بېرىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن: ﴿اَللّهُ وَلِىُّ الَّذِينَ آمَنُوا جۈملىسىدە ھەم مەنە ھەم جىفر بىلەن رىسالەتۇن نۇرغا بىر رەمىز بار. شۇنداقكى: …

(بۇ ماقامدا پەردە يېپىلدى، يېزىشقا رۇخسەت قىلىنمىدى. باشقا ۋاقىتقا تەخىر قىلىندى.)

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ

(ھاشىيە): بۇ نۇكتىنىڭ قالغان قىسمى ھازىرچە يازدۇرۇلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، قىسمەن دۇنياغا ۋە سىياسەتكە ئالاقىدارلىقىدۇر. بىزمۇ قاراشتىن چەكلەنگەنمىز. شۇنداق، ﴿اِنَّ اْلاِنْسَانَ لَيَطْغَى(ئەلەق:6) بۇ تاغۇتقا قارايدۇ ۋە قاراتقۇزىدۇ.

سەئىد نۇرسى


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.