مۇھەببەت

مۇھەببەت

  مۇھىم بىر سوئال: دەۋاتىسىلەركى: «مۇھەببەت ئىختىيارنىڭ قولىدا ئەمەس، يارىتىلىشتىن كەلگەن ئېھتىياج بويىچە لەززەتلىك تاماقلارنى سۆيىمەن. ئاتائانا ۋە ئەۋلاتلىرىمنى سۆيىمەن. ھايات رەپىقەمنى سۆيىمەن. دوستيېقىنلىرىمنى سۆيىمەن. پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالارنى سۆيىمەن. باھارنى، گۈزەل نەرسىلەرنى سۆيىمەن. بۇلارنى قانداقمۇ سۆيمەي تۇرالايمەن؟ پۈتۈن بۇ مۇھەببەتلەرنى ﷲنىڭ زاتى ۋە ئىسىمسۈپەتلىرىگە سەرپ قىلىش نېمە دېمەكتۇر؟

  جاۋاب: تۆت نۇقتىنى ئاڭلا:

  بىرىنچى نۇقتا: مۇھەببەت گەرچە ئىختىيارنىڭ قولىدا ئەمەس، لېكىن ئىختىيار ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ يۈزىنى، سۆيۈپ قالغان بىر نەرسىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ياكى مۇھەببەتكە ھەقىقىي لايىق بولغان بىرىگە پەقەتلا پەردىلىك ۋە كۆرسەتكۈچى ئەينەكلىك رولى بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، مۇھەببەتنىڭ يۈزىنى لايىقىدا بولمىغان تەرەپتىن لايىقىدا بولغان تەرەپكە بۇراشقا بولىدۇ.

  ئىككىنچى نۇقتا: يۇقىرىدا سانىغان سۆيگەنلىرىڭنى «سۆيمە» دېمەيۋاتىمىز. بەلكى ئۇلارنى ﷲ نامىدىن ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببەت نامىدىن سۆي دەۋاتىمىز. مەسىلەن، شېرىن تاماقلارنى، لەززەتلىك مېۋىلەرنى ﷲنىڭ ئېھسانى، رەھمانىررەھىمنىڭ ئىنئامى دەپ سۆيۈش «رەھمان» ۋە «نىمەت بەرگۈچى» بولغان ﷲنى سۆيۈشتۇر. ھەم ئۇ بىر مەنىۋى شۈكۈردۇر. شۇ مۇھەببەت پەقەتلا نەفىس نامىدىن ئەمەس، رەھمان نامىدىن بولىشى ئۈچۈن، شەرىئەت دائىرىسىدە تېپىپ قانائەت قىلىش، ھەمدە تەپەككۇر ۋە شۈكۈر قىلغان ھالدا يېيىش كېرەكتۇر.

  ئاتائانىنى شەپقەت بىلەن قوراللاندۇرغان، سېنى ئۇلارنىڭ مەرھەمەتلىك قوللىرى ئارقىلىق ئۆستۈرگەن ئىلاھىي ھىكمەت ۋە رەھمەت نامىدىن ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت، جانابى ﷲنى سۆيۈش ھېساپلىنىدۇ. ئۇ مۇھەببەت، ھۆرمەت، ۋە شەپقەت ﷲ ئۈچۈن بولىشىنىڭ ئالامىتى شۇدۇركى، ئۇلار قېرىغان، ساڭا ھېچبىر پايدىلىرى قالمىغان، ھەمدە سېنى زەخمەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا سالغان ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ مۇھەببەت، مەرھەمەت ۋە شەپقەت قىلىشتۇر.

﴿اِمَّا يَبْلُغَنَّ عِنْدَكَ الْكِبَرَ اَحَدُهُمَا اَوْ كِلاَهُمَا

فَلاَ تَقُلْ لَهُمَا اُفٍّ﴾

ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﻳﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﯖﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮھو(ئوف) ﺩﯦﻤﯩﮕﯩﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﺎﻻﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﻧﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ) (ئىسرا:23-24)

ئايىتىنىڭ پەرزەنتلەرنى بەش جەھەتتىن ھۆرمەت ۋە شەپقەتكە چاقىرىشى، قۇرئاننىڭ نەزىرىدە ئاتائانىنىڭ ھوقۇقلىرى نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىكنىڭ نەقەدەر يامان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاتا (ھېچكىمنىڭ ئەمەس،) پەقەت بالىسىنىڭ ئۆزىدىن تېخىمۇ ياخشى بولىشىنى خالايدۇ. بالىمۇ ئاتىغا قارشى ھەق دەۋا قىلالمايدۇ. دېمەك، ئاتائانا ۋە پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا يارىتىلىشتىن قارشىلىشىشقا سەۋەب يوقتۇر. چۈنكى قارشىلىشىش، يا قىزغىنىش ياكى ھەسەتخورلۇقتىن كېلىدۇ. ئاتىدا بالىغا قارىتا بۇ خىل ھېسلار يوق. ياكى بولمىسا قارشىلىشىش ھەقسىزلىقتىن كېلىدۇ. بالىنىڭ ئاتىغا قارشى ھەق دەۋا قىلىشقا ھەققى يوق. ئاتىسىنى ھەقسىز كۆرسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىسيان قىلالمايدۇ. دېمەك ئاتىغا ئىسيان قىلغان ۋە ئۇنى رەنجىتكەن ئىنسان، ئىنسان ئەمەس، بەلكى ھايۋاندۇر.

  پەرزەنتلىرىنى بولسا، ئۇلارنى چەكسىز شەپقەت ۋە ئىلتىپات ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ ھەدىيەلىرى بولغانلىقتىن شەپقەت ۋە مەرھەمەت بىلەن سۆيۈش، ﷲنى سۆيۈش ھېساپلىنىدۇ. ئۇ سۆيۈشنىڭ ﷲ ئۈچۈن بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئالامەت بولسا، ئۇلار ۋاپات قىلغاندا سەبىر بىلەن شۈكۈر قىلىشتۇر، مەيۈسلىنىپ پەريات قىلماسلىقتۇر. «ياراتقۇچىنىڭ مېنىڭ قارىشىمغا بەرگەن سۆيۈملۈك بىر مەخلۇقى ۋە بىر قۇلى ئىدى. ئەمدى ھىكمىتى تەلەپ قىلىپ مەندىن ئالدى ۋە تېخىمۇ ياخشى يەرگە ئېلىپ كەتتى. مېنىڭ ئۇ بەندىدە كۆرىنىشتىكى بىر ئۈلۈشۈم بار بولسا، ھەقىقىي بولغان مىڭ ئۈلۈش ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭدۇر، ئەلھۇكمۇلىللاھ» دەپ تەسلىم بولۇشتۇر.

  دوستيېقىنلىرىنى بولسا، ئەگەر ئۇلار ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللەر ئارقىلىق جانابى ھەقنىڭ دوستلىرى بولغان بولسا، ئەلھۇببۇفىللاھ (ﷲ ئۈچۈن سۆيۈش) سىرى بويىچە، ئۇ سۆيۈشمۇ ﷲنى سۆيۈش ھېساپلىنىدۇ. ھايات رەپىقەڭنى، ئىلاھىي رەھمەتنىڭ سۆيۈملۈك، نازۇك بىر ھەدىيەسى ئىكەنلىكى جەھەتىدىن سۆي ۋە مۇھەببەت كۆرسەت. بىراق تېز بۇزۇلىدىغان سىرتقى ھۆسنىجامالىغا مۇھەببىتىڭنى باغلىما. بەلكى ئايالنىڭ مۇھەببەتكە ئەرزىيدىغان ئەڭ جەزبىلىك، ئەڭ تاتلىق گۈزەللىكى، ئايالغا خاس بولغان بىر خىل نازۇكلۇق، ئارنۇمۇس ئىچىدىكى ئەدەپئەخلاقىدىدۇر. ھەمدە ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ شېرىن جامالى بولسا، يۈكسەك، سەمىمىي، نۇرانىي بولغان ھەقىقىي شەپقىتىدۇر. شۇ شەپقەت جەھەتتىكى جامالى ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى گۈزەللىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋام قىلىپ تېخىمۇ ئارتىپ بارىدۇ. ھەمدە ئۇ ئاجىز ۋە نازۇك بولغان مەخلۇقنىڭ ھۆرمەتلىنىش ھوقۇقى، ئۇ مۇھەببەت ئارقىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدۇ. بولمىسا سىرتقى گۈزەللىكىدىن كېيىن مۇھەببەتكە ۋە ھۆرمەتكە ئەڭ مۇھتاج بولغان زامانىدا، ئۇ بىچارە ئۇ ھەققىنى يوقىتىدۇ.

  پەيغەمبەرلەر ۋە ئەۋلىيالارنى سۆيۈش، جانابى ﷲنىڭ مەقبۇل قۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ سۆيۈشمۇ ﷲنى سۆيۈشتۇر.

  ھاياتنى، جانابى ﷲنىڭ ئىنسانغا ۋە ساڭا بەرگەن ئەڭ قىممەتدار بولغان، باقىي بىر ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان بىر سەرمايە ۋە بىر دەپىنە، ھەمدە مەڭگۈلۈك كامالەتنى نەتىجە بەرگۈزىدىغان ئەزا ۋە تۇيغۇلارنى ئىچىگە ئالغان بىر خەزىنە دەپ كۆرۈپ ئۇنى سۆيسە، مۇھاپىزەت قىلسا، شۇنداقلا ﷲ ئۈچۈن بولغان خىزمەتتە قوللانسا، ھاياتقا بولغان ئۇ خىل مۇھەببەتمۇ بىر جەھەتتىن ﷲقا بولغان مۇھەببەت بولىدۇ.

  شېرىن ۋە گۈزەل ياشلىقنى جانابى ﷲنىڭ شېرىن ۋە گۈزەل بىر نىمىتى دەپ بىلىپ قەدىرلەش، سۆيۈش ۋە ياخشى پايدىلىنىشمۇ شۈكۈر قىلغان ئاساستىكى، شەرىئەت دائىرىسى ئىچىدىكى بىر توغرا مۇھەببەتتۇر.

  باھارنى، جانابى ﷲنىڭ نۇرانىي ئىسىملىرىنىڭ ئەڭ كۆركەم ۋە گۈزەل نەقىشلىرىنىڭ سەھىپىسى ۋە چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى بولغان ياراتقۇچىنىڭ ھەيران قالارلىق سەنئەتلىرىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە تەنتەنىلىك بىر سەنئەت كۆرگەزمىسى دەپ تەپەككۇر قىلغان ئاساستا سۆيۈش، جانابى ﷲنىڭ ئىسىملىرىنى سۆيۈشتۇر.

  دۇنيانى، ئاخىرەت ھوسۇلى ئۈچۈن ئېتىز، ئىلاھىي ئىسىملارنى كۆرسەتكۈچى ئەينەك، ھەمدە ﷲنىڭ مەنىدار خېتى ۋە ۋاقىتلىق مېھمانخانىسى دەپ سۆيۈش (نەفسى ئەممارە ئارىلاشماسلىق شەرتى بىلەن) ﷲنى سۆيۈش نامىدىن بولغان بولىدۇ.

  دېمەك، دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەخلۇقلارنى باشقا بىر مەنىنى ئىپادىلىگۈچى ھەرپلىك رولى بار دەپ سۆي. ئۆز ئىسمى بىلەن ئۆزىنى دەپ سۆيمە. يەنى «نېمە دېگەن گۈزەل يارىتىلغاندە، «نېمە دېگەن گۈزەلدېمە. قەلبىڭنىڭ ئىچىگە باشقا مۇھەببەتلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويما. چۈنكى قەلبىڭنىڭ ئىچى، سەمەد بولغان ﷲنىڭ بىر ئەينىكى بولۇپ، ئۇنىڭغىلا مەخسۇستۇر. دېگىنكى:

اَللّهُمَّ ارْزُقْنَا حُبَّكَ وَ حُبَّ مَا يُقَرِّبُنَا اِلَيْكَ

(ئى ئاللاھ، بىزگە ساڭا بولغان مۇھەببەتنى ۋە بىزنى ساڭا يېقىنلاشتۇرىدىغان نەرسىلەرگە بولغان مۇھەببەتنى نېسىپ قىل.)

  مانا بۇ يۇقىرىدا ساناپ ئۆتۈلگەن مۇھەببەتلەر، ئەگەر بۇ شەكىلدە بولسا، ھەم ئەلەمسىز بىر لەززەت بېرىدۇ، ھەم ئايرىلغاندىن كېيىن قايغۇ بەرمىگەنلىكتىن، بىر جەھەتتىن زاۋالى بولمىغان دائىمىي بىر ۋىسال (بىللە بولۇش) ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەم ﷲقا بولغان مۇھەببەتنى زىيادىلەشتۈرىدۇ. ھەم شەرىئەت دائىرىسى ئىچىدىكى بىر مۇھەببەتتۇر، ھەم ھەقىقىي لەززەت بولغان بىر شۈكۈردۇر، ھەم ھەقىقىي مۇھەببەت بولغان بىر تەپەككۇردۇر.

   مەسىلەن: ئالى بىر پادىشاھ (ھاشىيە)*ساڭا بىر ئالمىنى ئېھسان قىلسا، ئۇ ئالمىغا ئىككى خىل مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭدا ئىككى خىل لەززەت بولىدۇ. بىرى، ئالما ئالما بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈلىدۇ. ئالمىغا مەخسۇس ۋە شۇ ئالمىچىلىك بىر لەززەت بار. بۇ خىل مۇھەببەت پادىشاھقا بولغان مۇھەببەت ئەمەستۇر، بەلكى ئۇنىڭ ھوزۇرىدا بۇ ئالمىنى ئاغزىغا سېلىپ يېگەن كىشى پادىشاھنى ئەمەس، ئەكسىچە ئالمىنى سۆيىدۇ ۋە نەفسىگە مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ. بەزىدە بولىدۇكى، پادىشاھ ئۇ نەفىس ئۈچۈن بولغان مۇھەببەتنى ياقتۇرمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەت قىلىدۇ. شۇنداقلا ئالما لەززىتىمۇ ئازدۇر. ھەمدە يوق بولۇپ ئايرىلىدۇ. ئالمىنى يېگەندىن كېيىن ئۇ لەززەتمۇ يوقىلىدۇ، بىر قايغۇ قالىدۇ.

  ئىككىنچى مۇھەببەت بولسا، ئالما ئىچىدىكى ئالما ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن پادىشاھ ئىلتىپاتىدۇر. خۇددى ئۇ ئالما «پادىشاھ ئىلتىپاتىنىڭ نەمۇنىسى ۋە جىسىملاشقان ھالىتىدۇردەپ قاراپ ئۇنى يۈرىكىگە قويغان كىشى، پادىشاھقا بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىدۇ. شاھانە ئىلتىپاتنىڭ غىلىپى بولغان ئۇ مېۋىدە شۇنداق بىر لەززەت باركى، مىڭ ئالما لەززىتىدىن تېخىمۇ ئۈستۈندۇر، ئەنە شۇ لەززەت شۈكۈرنىڭ.ئۆزىدۇر. شۇ مۇھەببەت پادىشاھقا قارىتا ئىھتىراملىق بىر مۇھەببەتتۇر. دەل مۇشۇ مىسالدەك، پۈتۈن نىمەتلەرگە، مېۋىلەرگە ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھەببەت كۆرسىتىلسە، پەقەتلا ماددى لەززەتلىرى بىلەنلا غاپىللارچە لەززەتلەنسە ئۇ مۇھەببەت نەفسانىيدۇر. ئۇ لەززەتلەرمۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەلەملىكتۇر. ئەگەر جانابى ﷲنىڭ رەھمىتى ئىلتىپاتلىرى دەپ ۋە ئېھسانلىرىنىڭ مېۋىلىرى دەپ سۆيسە، ھەمدە ئۇ ئېھسان ۋە ئىلتىپاتلارنىڭ مەنىۋى دەرىجىلىرىنى ئالقىشلاش شەكلىدە ھەقىقىي ئىشتىھا بىلەن لەززەت ئالسا، ھەم مەنىۋى بىر شۈكۈردۇر، ھەم ئەلەمسىز بىر لەززەتتۇر.

  ئۈچىنچى نۇقتا: جانابى ﷲنىڭ ئىسىملىرىغا بولغان مۇھەببەتنىڭ دەرىجىلىرى بار. يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، بەزىدە (يارىتىلغان سەنئەت) ئەسەرلىرىگە مۇھەببەت شەكلىدە ئۇ ئىلاھىي ئىسىملارنى سۆيىدۇ. بەزىدە ئۇ ئىسىملارنى ئىلاھىي كامالەتنىڭ نامئۈنۋانلىرى دەپ سۆيىدۇ. ۋە بەزىدە ئىنسان ماھىيىتىنىڭ مۇجەسسەملىك جەھەتى بىلەن، چەكسىز ئېھتىياجلىرى نەتىجىسىدە ئىسىملارغا مۇھتاج ۋە ئاشىق بولغانلىقتىن، بۇ ئېھتىياج بىلەنمۇ سۆيىدۇ. مەسىلەن، سەن شەپقەت كۆرسەتكەن ئۇرۇقتۇغقان، يوقسۇل، ئاجىز ۋە ھاجەتمەن مەخلۇقلارغا قارىتا، ئۇلار ئاجىز ۋە ياردەمگە ئېھتىياجى بولغان ۋاقىتتا، بىرى كېلىپ، خالىغىنىڭدەك ئۇلارغا ياخشىلىق قىلسا، ئۇ زاتنىڭ «ئىنئام قىلغۇچى» ئۈنۋانى ۋە «كەرىم» ئىسمى ساڭا قانچىلىك ياقىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ زاتنى ئۇ نام بىلەن قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىڭ مەلۇم. شۇنىڭدەكلا، جانابى ﷲنىڭ پەقەتلا رەھمان ۋە رەھىم ئىسىملىرىنى ئويلاكى، سەن سۆيگەن ۋە شەپقەت كۆرسەتكەن پۈتۈن ئاتائانا، ئەجداتلىرىڭنى، تۇغقان ۋە دوستيېقىنلىرىڭنى دۇنيادا تۈرلۈك نىمەتلەر بىلەن، جەننەتتە خىلمۇخىل لەززەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۇ ئەبەدىي بەخت ئالىمىدە ئۇلارنى ساڭا كۆرسىتىپ، ئۆزۈڭنى ئۇلارغا كۆرسىتىش ئارقىلىق سېنى بەختلىك قىلىش نۇقتىئىنەزىرى بويىچە، ئۇ «رەھمان» ۋە «رەھىم» ئىسىملىرى نەقەدەر سۆيۈشكە لايىق ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇ ئىككى ئىسىمغا ئىنسان روھى نەقەدەر مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسەن. شۇنداقلا

اَلْحَمْدُ لِلّهِ عَلَى رَحْمَانِيَّتِهِ وَ عَلَى رَحِيمِيَّتِهِ

جۈملىسى نەقەدەر ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسەن.

  ھەمدە سەن ئالاقىدارلىق كۆرسەتكەن، پەرىشانلىقلىرىدىن (سەن) قايغۇرغان بۇ دۇنيا سېنىڭ بىر خىل ئۆيۈڭدۇر. ئۇ ئۆيۈڭنىڭ ئىچىدىكى مەۋجۇداتلار، ئۇ ئۆيۈڭنىڭ ياخشى لازىمەتلىكلىرى ۋە زىننەتلىرىدۇر. ئەنە شۇ دۇنيادىكى ۋە ئىچىدىكى مەخلۇقاتلارنى چەكسىز بىر ھىكمەت بىلەن تەرتىپكە سېلىپ باشقۇرغان زاتنىڭ «ھەكىم» ۋە «مۇرەببى»** ئىسمىغا، سېنىڭ روھىڭنىڭ قانچىلىك مۇھتاج، قانچىلىك ئاشىق ئىكەنلىكىنى دىققەت قىلساڭ چۈشىنىسەن. شۇنداقلا سەن ئالاقىدار بولغان ۋە ئايرىلىشى بىلەن قايغۇرغان ئىنسانلارنى، ئۇلارنىڭ ۋاپاتى ۋاقتىدا، يوقلۇق قاراڭغۇلىقىدىن قۇتقۇزۇپ، بۇ دۇنيادىن تېخىمۇ ئېسىل بىر يەرگە يەرلەشتۈرگەن بىر زاتنىڭ «ۋارىس، بائىس»****ھەمدە «باقىي، كەرىم، مۇھيى، مۇھسىن»** ئىسىملىرىغا روھىڭ قانچىلىك مۇھتاج ئىكەنلىكىنى دىققەت بىلەن قارىساڭ چۈشىنىسەن. ئىنساننىڭ ماھىيىتى يۈكسەك، يارىتىلىشى مۇجەسسەم بولغانلىقتىن مىڭلىغان تۈرلۈك ھاجەتلەر ئارقىلىق مىڭلىغان ئىلاھىي ئىسىملارغا ۋە ھەربىر ئىسىمنىڭ كۆپلىگەن مەرتىبىلىرىگە يارىتىلىشىدىن مۇھتاجدۇر. قاتمۇقات ئېھتىياج، ئىشتىياقتۇر. قاتمۇقات ئىشتىياق، مۇھەببەتتۇر. قاتمۇقات مۇھەببەت، ئاشىقلىقتۇر. روھنىڭ مۇكەممەللىكىگە قارىتا مۇھەببەت مەرتىۋىلىرى يۈكسىلىدۇ. مۇھەببەت مەرتىۋىلىرىمۇ، ئىسىم مەرتىۋىلىرىگە قارىتا ئۆسىدۇ. بارلىق ئىسىملارغا مۇھەببەتمۇ (چۈنكى ئۇ ئىسىملار جانابى ﷲنىڭ نام ۋە جىلۋىلىرى بولغانلىقتىن) ﷲنىڭ زاتىغا(ئۆزىگە) بولغان مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ. ھازىرچە ئۈلگە سۈپىتىدە مىڭلىغان ئىسىملاردىن پەقەت «ئادىل»، «ھەكەم»*****، «ھەق» ۋە «رەھىم» ئىسىملىرىنىڭ مىڭلىغان مەرتىۋىلىرىدىن بىر مەرتىۋىنى بايان قىلىمىز. يەنى:

  ھىكمەت ۋە ئادالەت ئىچىدىكى «رەھمانىررەھىم» ۋە «ھەق» ئىسىملىرىنى چوڭ بىر دائىرىدە كۆرۈشنى خالىساڭ شۇ مىسالغا قارا.

  مەسىلەن: بىر ئارمىيىدە تۆت يۈز مىڭ تۈرلۈك گۇرۇپپىلار بار دېسەك، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ ياقتۇرىدىغان كىيىملىرى باشقا، خالىغان رىزىقلىرى باشقا، ئەپچىل قوراللىرى باشقا، داۋا بولىدىغان دورىلىرى باشقىدۇر. پۈتۈن ئۇ تۆت يۈز مىڭ گۇرۇپپا ئارىلاشقان بىر ھالەتتە بولسىمۇ، بىر مىسىلسىز پادىشاھ ئاجايىپ شەپقەت ۋە مەرھىمىتى بىلەن، ھەيران قالارلىق ئىقتىدارى، مۆجىزىلىك ئىلىمى ۋە كەڭ نەزىرى بىلەن، پەۋقۇلئاددە ئادالەت ۋە ھىكمىتى بىلەن، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئۇنۇتماستىن، تەمتىرەپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن باشقاباشقا ئۆزلىرىگە لايىق كىيىم، تاماق، دورا ۋە قوراللىرىنى ياردەمچىسىز ھالدا ئۆز قولى ئارقىلىق بەرسە، ئۇ زاتنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك، شەپقەتلىك، ئادىل، ئىلتىپاتكار بىر پادىشاھ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسەن. چۈنكى بىر پولكتا ئون مىللەتتىن ئەسكەر بولسا، ئۇلارنى باشقاباشقا كېيىندۈرۈش، قوراللاندۇرۇش قولايسىز بولغانلىقتىن، قايسى مىللەت بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىر خىل تەمىنلەندۈرۈلىدۇ.

  مانا بۇ مىسالدەك، جانابى ﷲنىڭ ئادالەت ۋە ھىكمەت ئىچىدىكى «ھەق» ۋە «رەھمانىررەھىم» ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىسىنى كۆرۈشنى خالىساڭ، باھار پەسلىدە، زېمىن يۈزىدە چېدىرلىرى قۇرۇلغان ھەشەمەتلىك تۆت يۈز مىڭ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات ئارمىيىسىگە قاراكى، پۈتۈن ئۇ مىللەتلەر ئۇ گۇرۇپپىلار بىربىرى ئىچىدە بولۇش بىلەن بىرگە، ھەربىرسىنىڭ كىيىمى باشقا، قورالى باشقا، ھايات شەكلى باشقا، قابىلىيىتى باشقا، ھايات ۋەزىپىسىدىن بوشىنىش ۋاقتى باشقا بولسىمۇ، ھەمدە ئۇ ھاجەتلىرىنى قاندۇرغىدەك كۈچى ۋە تەلەپلىرىنى سورىغىدەك تىللىرى بولمىسىمۇ، ئۆلچەم ۋە تەرتىپ ئىچىدە بولغان، ھىكمەت ۋە ئادالەت دائىرىسىدىكى «ھەق»، «رەھمان»، «رەززاق»، «رەھىم»، «كەرىم» ئىسىملىرىنى كۆزەت، كۆر. نە قەدەر دەرىجىدە ھېچبىرىنى ئۇنۇتماستىن، تەمتىرەپ قالماستىن، ئالماشتۇرۇپ قويماستىن باقىدىغانلىقىنى، قارايدىغانلىقىنى، باشقۇرىدىغانلىقىنى بىل.

  ئەنە شۇنداق ھەيران قالارلىق، ئىنتايىن كەڭ دائىرە ئىچىدىكى بىر تەرتىپ ۋە ئۆلچەم بىلەن قىلىنىۋاتقان بۇ ئىشقا باشقىلىرىنىڭ قوللىرى ئارىلىشالامدۇ؟ ۋاھىدى ئەھەد***** ۋە ھەكىمى مۇتلەق*******، ھەممىگە قادىر بولغان ﷲدىن باشقا بۇ سەنئەتكە، بۇ كونترولغا ۋە بۇ رۇبۇبىيەتكە قايسى نەرسە قولىنى ئۇزىتالايدۇ؟ قايسى سەۋەب ئارىلىشالايدۇ؟!

  تۆتىنچى نۇقتا: دەۋاتىسەنكى: «مېنىڭ تاماقلارغا، نەفسىمگە، ئايالىمغا، ئاتائانامغا، بالىلىرىمغا، دوستيېقىنلىرىمغا، ئەۋلىيالارغا، پەيغەمبەرلەرگە، ئېسىل نەرسىلەرگە، باھارغا، دۇنياغا بولغان تۈرلۈك مۇھەببەتلىرىم، قۇرئاننىڭ ئەمىر قىلىشى بويىچە بولسا، نەتىجىلىرى ۋە پايدىلىرى قانداق بولىدۇ؟

  جاۋاب: بارلىق نەتىجىلەرنى بايان قىلىش ئۈچۈن چوڭ بىر كىتاب يېزىش توغرا كېلىدۇ. ھازىر قىسقىچە بىرئىككى نەتىجىگە ئىشارەت قىلىمىز. باشتا دۇنيادىكى، كېيىن ئاخىرەتتە كۆرسىتىلىدىغان نەتىجىلىرى بايان قىلىنىدۇ. يەنى:

يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ئەھلى غەپلەت ۋە ئەھلى دۇنيالارنىڭ****** پىكرى بويىچە ۋە نەفىس نامىدىن بولغان مۇھەببەتلەرنىڭ دۇنيادا بالالالىرى، ئەلەملىرى، مۇشەققەتلىرى كۆپتۇر. خۇشاللىقى، لەززەتلىرى، راھەتلىرى ئازدۇر.

  مەسىلەن: شەپقەت ئاجىزلىق سەۋەبلىك ئەلەملىك بىر بالا بولىدۇ. مۇھەببەت ئايرىلىش سەۋەبلىك ئىزتىراپلىق بىر ئازاپ بولىدۇ. لەززەت يوقىلىش سەۋەبلىك زەھەرلىك بىر شەربەت بولىدۇ. ئاخىرەتتە بولسا، ﷲ نامىدىن بوللمىغانلىقى ئۈچۈن يا پايدىسىزدۇر، يا ئازاپتۇر (ئەگەر ھارامغا كىرگەن بولسا).

سوئال: پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالارغا قارىتا بولغان مۇھەببەت قانداق پايدىسىز قالىدۇ؟

  جاۋاب: خرىستىئانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا، رافىزىيلەرنىڭ******* ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بولغان مۇھەببەتلىرى پايدىسىز قالغاندەك

   ئەگەر مۇھەببەتلەر قۇرئاننىڭ دېگىنى بويىچە، ﷲ نامىدىن، ئۇنى سۆيۈش نامىدىن بولسا، ئۇ چاغدا ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە ئېسىل نەتىجىلىرى بار.

   دۇنيادا بولسا، مېزىلىك تاماقلارغا، لەززەتلىك مېۋىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭ، ئەلەمسىز بىر نىمەت بولۇش بىلەن بىرگە، ھەم شۈكۈر ھەم لەززەتتۇر.

  نەفسىڭگە بولغان مۇھەببەت بولسا، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىش، تەربىيىلەش، زىيانلىق نەرسىلەردىن چەكلەشتۇر. ئۇ ۋاقىت نەفىس ساڭا مىنمەيدۇ. سېنى ھاۋايى ھەۋەسكە ئەسىر قىلالمايدۇ، بەلكى سەن نەفسىڭگە مىنىسەن. ئۇنى ھاۋايى ھەۋىسىگە ئەمەس، توغرا ۋە ياخشى يولغا باشلايسەن.

  ھايات رەپىقەڭگە بولغان مۇھەببىتىڭ، گۈزەل ئەخلاقىغا، شەپقەتلىك خىسلىتىگە، ھەمدە بىر رەھمەت ھەدىيەسى بولغانلىقىغا قاراپ قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا سەمىمىي مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت كۆرسىتىسەن. ئىككىڭلار قېرىغاندىمۇ بۇلار زىيادىلىشىدۇ. بولمىسا،چىراينىڭ گۈزەللىكىگە بولغان نەفسانى مۇھەببەت بولسا، ئۇ خىل مۇھەببەت تېز بۇزۇلىدۇ. ئارىلىرىدىكى ياخشى ئالاقىدارلىقمۇ بۇزۇلىدۇ.

  ئاتائانىغا بولغان مۇھەببىتىڭ، جانابى ﷲ نامىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەم بىر ئىبادەت بولۇش بىلەن بىرگە، ھەم ئۇلار قېرىغاندا، ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتىڭنى ئارتتۇرىسەن. ئەڭ ئالىيجاناب بىر ھېس ۋە قىزغىن بىر مەرتلىك بىلەن ئۇلارغا خىزمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلىرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ئارزۇ قىلىپ دۇئا قىلىش، «ئۇلارنىڭ يۈزىدىن تېخىمۇ كۆپ ساۋاپ تاپاي» دەپ، سەمىمىي ھۆرمەت بىلەن ئۇلارنىڭ قولىنى سۆيۈش، ئەمەلىيەتتە يۈكسەك بىر روھانى لەززەتتۇر. بولمىسا ئۇ مۇھەببەت، نەفسانى شەكىلدە، دۇنيا ئېتىبارى بىلەن بولسا، ئۇلار قېرىغان ۋە ساڭا يۈك بولىدىغان بىر ھالغا كىرگەن ۋاقىتتا، ئەڭ يامان ۋە ئەڭ پەس بىر ھېس بىلەن ئۇلارنى ياقتۇرماي تۆۋەن كۆرۈش، سېنىڭ ھاياتىڭغا سەۋەب بولغان ئۇ مۆھتىرەم زاتلارنىڭ ئۆلۈملىرىنى ئارزۇ قىلىشتەك ئەھۋاللار ۋەھشى، قايغۇلۇق، روھانى بىر ئەلەملەرگە سەۋەبتۇر.

   پەرزەنتلىرىڭگە بولغان مۇھەببەت بولسا، يەنى جانابى ﷲنىڭ سېنىڭ قارىشىڭغا، تەربىيەڭگە ئامانەت قىلغان سۆيۈملۈك، يېقىملىق ئۇ مەخلۇقلارغا مۇھەببەت بولسا، بەكمۇ لەززەتلىك بىر مۇھەببەت ۋە بىر نىمەتتۇر. بىر بالاغا دۇچار بولسىمۇ، ئوشۇقچە ئەلەم تارتمايسەن. ۋاپاتلىرى بىلەنمۇ مەيۈس ھالدا پەريات چەكمەيسەن. يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى، ھەم چەكسىز شەپقەت ئىگىسى بولغانلىقتىن، «ئۇلار ئۈچۈن بۇ ئۆلۈم بىر سائادەتتۇر» دەيسەن. ئۇلارنى ساڭا بەرگەن زاتنىڭ رەھمىتىنى ئويلايسەن. ئايرىلىش ئەلىمىدىن قۇتۇلىسەن.

  دوستيېقىنلىرىڭغا بولغان مۇھەببەت بولسا، ﷲ ئۈچۈن بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئايرىلىشلىرى، ھەتتا ئۆلۈشلىرى، سۆھبىتىڭلارغا ۋە قېرىنداشلىقىڭلارغا توسقۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ مەنىۋى مۇھەببەت ۋە روھانى مۇناسىۋەتتىن داۋاملىق پايدىلىنالايسەن. بىللە بولۇش ۋە ۋىسال لەززىتى دائىملىق بولىدۇ. ﷲ ئۈچۈن بولمىسا، بىر كۈنلۈك بىللە بولۇش(ۋىسال) لەززىتى يۈز كۈنلۈك ئايرىلىش(پىراق) ئەلىمىنى نەتىجە بېرىدۇ.

  پەيغەمبەرلەر ۋە ئەۋلىيالارغا بولغان مۇھەببىتىڭ بولسا: غاپىللارنىڭ نەزىرىدە قاراڭغۇ بىر قورقۇنچلۇق جاي دەپ بىلىنگەن بەرزەخ ئالەمى، ساڭا ئۇ نۇرانى زاتلارنىڭ نۇرلىرى بىلەن نۇرلانغان بىر ماكان سۈرىتىدە كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئالەمگە كېتىشتىن قورقۇش ۋە ئۈركۈش ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە ئارزۇ ۋە ئىشتىياق ھېسسىنى بېرىدۇ. دۇنيا ھاياتىنىڭ لەززىتىنى قاچۇرمايدۇ. بولمىسا ئۇلارغا بولغان مۇھەببەت، مەدەنىي ھېساپلانغانلارنىڭ بۇ دۇنيا مەشھۇرلىرىغا بولغان مۇھەببەتلىرىدەك بولسا، ئۇ مۇكەممەل ئىنسانلارنىڭ يوقىلىشى ۋە ئايرىلىشلىرىنى، ھەمدە ئۆتكەن زامان دېيىلگەن چوڭ مازاردا چىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئويلىنىش بىلەن، قايغۇلۇق بولغان ھاياتقا يەنە بىر قايغۇ قېتىلىدۇ. يەنى: «شۇنداق مۇكەممەل ئىنسانلارنى چىرىتكەن بىر مازارغا مەنمۇ كىرىمەن» دەپ ئويلايدۇ. مازارىستانغا قورقۇنچ نەزىرى بىلەن قاراپ «ئاھ» تارتىدۇ. بىرىنچى كۆز قاراش بىلەن بولسا، جىسىم كىيىمىنى ئۆتكەن زامانغا قويۇپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىزلەر ئۈچۈن كېلەچەك زالى بولغان بەرزەخ ئالىمىدە تولۇق بىر راھەتلىك بىلەن ھايات سۈرىۋاتقانلىقىنى ئويلايدۇ. مازارىستانغا دوستانە ھالدا قارايدۇ.

   ئېسىل نەرسىلەرگە مۇھەببىتىڭ، ياراتقۇچىلىرى نامىدىن بولغانلىقتىن «نە قەدەر كۆركەم ۋە مۇكەممەل يارىتىلغاندەپ قارايسەن. ئۇ مۇھەببىتىڭ تاتلىق بىر تەپەككۇردۇر. شۇنداقتىمۇ ھۆسنپەرەست، جامالپەرەست بولغان قىزىقىش نەزىرىڭنى تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ مۇقەددەس ۋە مىڭلىغان ھەسسە تېخىمۇ گۈزەل بولغان ئىلاھىي جامال مەرتىۋىلىرىنىڭ خەزىنىلىرىگە يول ئېچىپ قارىتىدۇ. چۈنكى ئۇ گۈزەل نەرسىلەردىن ﷲنىڭ سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكىگە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىسىملىرىنىڭ گۈزەللىكىگە، ئۇنىڭدىن سۈپەتلىرىنىڭ گۈزەللىكىگە، ئۇنىڭدىن ﷲنىڭ تەڭداشسىز جامالىغا قارىتا قەلبكە يول ئاچىدۇ. مانا بۇ مۇھەببەت بۇ شەكىلدە بولسا، ھەم لەززەتلىكتۇر، ھەم ئىبادەتتۇر، ھەم تەپەككۇردۇر.

  ياشلىققا مۇھەببەت بولسا، جانابى ﷲنىڭ بىر نىمىتى دەپ سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ئۇنى ئىبادەتكە سەرپ قىلىسەن. گۇناھ پاتقاقلىرىدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرمەيسەن. ھەمدە ئۇ ياشلىقىڭدا قازانغان ئىبادەتلەر، ئۇ فانىي ياشلىقنىڭ باقىي مېۋىسىدۇر. سەن قېرىغاندا، ياشلىقنىڭ ياخشىلىقلىرى بولغان باقىي مېۋىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغان بولۇش بىلەن بىرگە، ياشلىقنىڭ زىيانلىرىدىن، يامانلىقلىرىدىنمۇ قۇتۇلۇپ بولغان بولىسەن. شۇنداقلا قېرىلىقتا تېخىمۇ كۆپ ئىبادەت قىلىشقا مۇۋەپپىقىيەت ۋە ئىلاھىي مەرھەمەتكە تېخىمۇ كۆپ لاياقەت قازانغانلىقىڭنى ئويلايسەن. ئەھلى غەپلەتكە ئوخشاش، بەشئون يىللىق بىر ياشلىق لەززىتىدىن كېيىن «ئىسىت، ياشلىقىم كەتتىدەپ قىرىق–ئەللىك يىل ھەسرەت چېكىپ، ياشلىقىڭغا يىغلىمايسەن. خۇددى شۇنداقلاردىن بىرسى دېگەنىكەن: لَيْتَ الشَّبَابَةَ يَعُودُ يَوْمًا فَاُخْبِرُهُ بِمَا فَعَلَ الْمَشِيبُ يەنى: «كاشكى ياشلىقىم بىر بىر كۈن قايتىپ كەلسە ئىدى، قېرىلىقنىڭ مېنىڭ بېشىمغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى شىكايەت قىلىپ خەۋەر بېرەتتىم

  باھاردەك زىننەتلىك نەرسىلەرگە بولغان مۇھەببەت بولسا، ئىلاھىي سەنئەتنى كۆزىتىش ئۈچۈن بولغانلىقتىن، ئۇ باھارنىڭ كېتىشى بىلەن، قاراپ زوقلىنىش لەززىتى تۈگىمەيدۇ. چۈنكى باھار خۇددى كۆركەم بىر خەتكە ئوخشاش ئىپادىلىگەن مەنىلىرىدىن ھەر ۋاقىت زوقلىنالايسەن. سېنىڭ خىيالىڭ ۋە زامان، ھەر ئىككىسى خۇددى كىنو لېنتىلىرىدەك سەن ئۈچۈن ئۇ قاراپ زوقلىنىش لەززەتلىرىنى دائىمىي قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ باھارنىڭ مەنىلىرى ۋە گۈزەللىكلىرىنى يېڭىلاپ نەزىرىڭگە سۇنىدۇ. ئۇ ۋاقىت مۇھەببىتىڭ ھەسرەتلىك، ئەلەملىك ۋە ۋاقىتلىق بولمايدۇ، بەلكى لەززەتلىك ۋە زوقلۇق بولىدۇ.

  دۇنياغا بولغان مۇھەببىتىڭ بولسا، جانابى ﷲنىڭ نامىدىن بولغانلىقتىن، دۇنيانىڭ دەھشەتلىك مەۋجۇداتلىرى، ساڭا يېقىن بىر دوستتەك بولىدۇ. دۇنيانى ئاخىرەت ئېتىزى دەپ سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ھەر نەرسىدە ئاخىرىتىڭگە پايدا بېرىدىغان بىر دەسمايە ۋە نەتىجە ئالالايسەن. بالامۇسىبەتلەرمۇ ساڭا قورقۇنچ بەرمەيدۇ. يوقىلىش ۋە ئايرىلىشلارمۇ ساڭا ئەلەم تۇغدۇرمايدۇ. تولۇق راھەتچىلىك بىلەن ئۇ مېھمانخانىدا ھايات مۇددىتىڭنى ئۆتكۈزىسەن. بولمىسا بۇ دۇنيانى ئەھلى غەپلەتكە ئوخشاش سۆيسەڭ، يۈزلىگەن قېتىم ساڭا دېدۇقكى، جان قىينايدىغان، ئېزىدىغان، بوغىدىغان، يوقىلىشقا مەھكۇم بولغان نەتىجىسىز بىر مۇھەببەت ئىچىدە تۇنجۇقۇپ تۈگىشىسەن.

  سەن سۆيگەن بەزى نەرسىلەرگە، قۇرئان تەلەپ قىلغان شەكىلدە بولغان مۇھەببەت نەتىجىلىرىنىڭ ھەربىرسىدە يۈزدىن ئاران بىر تەرىپىنى كۆرسەتتۇق. قۇرئان كۆرسەتكەن يولدا بولمىغاندا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرىدىن يۈزدە بىرىگە ئىشارەت قىلدۇق.

  ئەمدى سەن سۆيگەن شۇ نەرسىلەرنىڭ باقىي ئالەمدىكى، ئاخىرەت ماكانىدىكى، قۇرئانى كەرىم پارلاق ئايەتلىرى بىلەن ئىشارەت قىلغان نەتىجىلىرىنى ئاڭلاش ۋە چۈشىنىشنى خالىساڭ «بىر مۇقەددىمە» ۋە «توققۇز ئىشارەت» ئارقىلىق ئۇنىڭمۇ يۈزدىن بىر پايدىسىنى قىسقىچە كۆرسىتىمىز:

مۇقەددىمە

  جانابى ﷲ، ئىنساننىڭ خىلمۇخىل ۋە ناھايىتى كۆپ تۇيغۇلىرى ئارقىلىق ھەددىھېساپسىز تۈرلۈك نىمەتلىرىنى، خىلمۇخىل ئىلتىپاتئېھسانلىرىنى، باشقاباشقا رەھمەت دەرىجىلىرىنى ئۇ ئىنسانغا ھېس قىلدۇرۇش، بىلدۈرۈش، تېتىتىش، تونۇتۇش ئۈچۈن، ھەمدە مىڭلارچە ئىسىملىرىنىڭ چەكسىز جىلۋىلىرىنى ئىنسانغا ئۆز تۇيغۇلىرى ئارقىلىق بىلدۈرۈش، ئۆلچىتىش، سۆيدۈرۈش ئۈچۈن ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلىقى، بۈيۈك رۇبۇبىيتى، كەرىم شەپقىتى، ئۇلۇغ قۇدرىتى ۋە نازۇك ھىكمەتلىرى بىلەن شۇ كىچىك ئىنساننىڭ تېنىگە بۇ قەدەر ھېس ۋە تۇيغۇلارنى، بۇ قەدەر ئورگان ۋە سىستېمىلارنى، تۈرلۈك ئەزا ۋە ۋاستىلارنى، خىلمۇخىل ماددى ۋە مەنىۋى سېزىملارنى بېرىپ قوراللاندۇرغان ۋە زىننەتلەندۈرگەندۇر. ئۇ ئىنساندىكى ناھايىتى كۆپ بولغان سېزىم ۋە تۇيغۇلارنىڭ ھەربىرسىنىڭ باشقاباشقا خىزمىتى، ئىبادىتى بولغىنىدەك، باشقاباشقا لەززىتى، ئەلىمى، ۋەزىپىسى ۋە مۇكاپاتىمۇ باردۇر.

  مەسىلەن: كۆز سۈرەتلەردىكى گۈزەللىكلەرنى ۋە كۆرۈلگەنلەر ئالىمىدە قۇدرەتنىڭ گۈزەل مۆجىزىلىرىنىڭ ھەر تۈرىگە قاراپ زوقلىنىدۇ. ۋەزىپىسى، ئىبرەت (ھەقىقەت ئۆگىنىش) نەزىرى بىلەن قاراپ ياراتقۇچىغا شۈكۈر قىلىشتۇر. كۆرۈشكە ئائىت لەززەت ۋە ئەلەم مەلۇمدۇر. ئىزاھ قىلىشقا ھاجەت يوق.

  قۇلاق، تۈرلۈك سادالارنى، يېقىملىق كۈيلەرنى ۋە ئاۋاز ئالىمىدىكى جانابى ﷲنىڭ رەھمەت ئىلتىپاتلىرىنى ھېس قىلىدۇ. باشقا بىر ئىبادىتى، باشقا بىر لەززىتى، باشقا بىر مۇكاپاتى بار.

  پۇراش سېزىمى، پۇراقلار دائىرىسىدىكى ﷲنىڭ رەھمەت ئىلتىپاتىنى ھېس قىلىدۇ. ئۆزىگە خاس بىر شۈكۈر، بىر ۋەزىپىسى ۋە بىر لەززىتى باردۇر. ئەلۋەتتە مۇكاپاتىمۇ باردۇر.

  تىلدىكى تېتىش سېزىمى، يەيدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەملىرىنى بىلىش ئارقىلىق، بەكمۇ كۆپ تۈرلۈك بىر مەنىۋى شۈكۈر بىلەن ۋەزىپە كۆرىدۇ. ۋەھاكازالار

  شۇنىڭدەكلا ئىنساندىكى بارلىق تۇيغۇلارنىڭ، ھەمدە قەلب، ئەقىل ۋە روھتەك يۈكسەك ۋە مۇھىم سېزىملارنىڭ باشقاباشقا ۋەزىپىلىرى، لەززەتلىرى ۋە ئەلەملىرى باردۇر.

  چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى بولغان جانابى ﷲ، بۇ ئىنسان تېنىدە خىزمەت قىلدۇرغان بۇ تۇيغۇلارنىڭ ئەلۋەتتە ھەربىرسىگە لايىق بولغان ھەقلىرىنى بېرىدۇ. ئۇ خىلمۇخىل مۇھەببەت تۈرلىرىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇئاججەل(تېز) بولغان دۇنيادىكى نەتىجىلىرىنى ھەركىم ۋىجدانى بىلەن ھېس قىلالايدۇ. ۋە ئاسانلا ھالدا ئىسپاتمۇ قىلىنىدۇ. ئاخىرەتتىكى پايدىلىرىنىڭمۇ قەتئىييەن بولىدىغانلىقىنى، ئونىنچى سۆزنىڭ ئون ئىككى قەتئىي ۋە پارلاق ھەقىقەتلىرى، ھەمدە يىگىرمە توققۇزىنچى سۆزنىڭ ئالتە ئېنىق ئاساسى ئارقىلىق ئىخچام ھالدا ئىسپات قىلىنغىنىدەك

   اَصْدَقُ الْكَلاَمِ وَاَبْلَغُ النِّظَامِ كَلاَمُ اللّٰه الْمَلِكِ الْعَزِيزِ الْعَلاَّمِ

بولغان قۇرئانى كەرىمنىڭ پارلاق ئايەتلىرىنىڭ تەپسىلى ھالدىكى ھەر خىل ئېنىق ۋە ئىشارەتلىك بولغان دەلىللىرى بىلەنمۇ ئىسپاتى قەتئىيدۇر. يەنە ئۇزۇن دەلىللەرنى كەلتۈرۈشنىڭ كېرىكى يوق، ھەمدە باشقا «سۆزلەر»دە، جۈملىدىن جەننەت توغرىسىدىكى يىگىرمە سەككىزىنچى سۆزنىڭ ئەرەبچە بولغان ئىككىنچى ماقامىدا ۋە يىگىرمە توققۇزىنچى سۆزدە كۆپلىگەن دەلىللەر يېزىلغان. تۆۋەندە (ئۇ توغرا) مۇھەببەتنىڭ ئۇ ئاخىرەتلىك پايدىلىرى ئۈچۈن توققۇز ئىشارەت كەلتۈرىمىز.

  بىرىنچى ئىشارەت: لەززەتلىك تاماقلارنى، شېرىن مېۋىلەرنى شۈكۈر بىلەن شەرىئەت دائىرىسىدە سۆيۈشنىڭ ئاخىرەتلىك پايدىسى، قۇرئاننىڭ دېگىنىدەك، جەننەتكە لايىق بىر تۈردىكى لەززەتلىك تاماقلار ۋە شېرىن مېۋىلەردۇر، ھەمدە ئۇ تاماقلارغا ۋە مېۋىلەرگە ئىشتىھالىق مۇھەببەتتۇر. ھەتتا بۇ دۇنيادا يېگەن مېۋە ئۈچۈن دېگەن «ئەلھەمدۇلىللاھ» سۆزۈڭ، جەننەت مېۋىسى بولۇپ، جىسىم ھالىتىگە كىرىدۇ ۋە ساڭا تەقدىم قىلىنىدۇ. بۇ يەردە مېۋە يەيسەن. ئۇ يەردە «ئەلھەمدۇلىللاھ» يەيسەن. شۇنداقلا نىمەتتە ۋە تائام ئىچىدە ئىلاھىي ئىنئامنى ۋە رەھمانىي ئىلتىپاتنى كۆرگەنلىكىڭدىن، ئۇ لەززەتلىك مەنىۋى شۈكۈر، جەننەتتە ئىنتايىن لەززەتلىك بىر تائام سۈرىتىدە ساڭا بېرىلىدىغانلىقى ھەدىس بايانى ۋە قۇرئان ئىشارىتى بويىچە، ھەمدە ھىكمەت ۋە رەھمەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئېنىقتۇر.

  ئىككىنچى ئىشارەت: دۇنيادا، شەرىئەت دائىرىسىدىكى نەفسىڭگە بولغان مۇھەببەت، يەنى: ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى كەمچىللىكلىرىنى كۆرۈپ، تولۇقلاش ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت سايىسىدە شەپقەت بىلەن ئۇنى تەربىيىلەش ۋە ئۇنى ياخشىلىققا ئۈندەشنىڭ نەتىجىسى (تۈرىدە)، ئۇ نەفىسكە لايىق بولغان سۆيگەنلىرى جەننەتتە بېرىلىدۇ. نەفىس دۇنيادا ھەۋا ۋە ھەۋىسىنى جانابى ﷲ يولىدا توغرا ئىستېمال قىلغانلىقتىن، سېزىم ۋە تۇيغۇلىرىنى ياخشى سۈرەتتە خىزمەت قىلدۇرغانلىقتىن، چەكسىز ئىلتىپات ئىگىسى بولغان ﷲ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى توغرا ۋە ئىبادەتكارانە بولغان مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى تۈرىدە، جەننەتتە، جەننەتنىڭ يەتمىش تۈرلۈك باشقاباشقا زىننەت ۋە گۈزەللىك تۈرلىرىنىڭ ئۈلگىلىرى بولغان يەتمىش خىل لىباسنى كىيگۈزۈپ، نەفىستىكى بارلىق ھېسلارنى مەمنۇن قىلىدىغان، خوش قىلىدىغان يەتمىش تۈرلۈك ھۆسنلەر بىلەن بېزەلگەن، ھەربىرى بىردىن كىچىك بىر جەننەت ھۆكمىدە بولغان ھۆرلەرنى ئۇ مەڭگۈلۈك ئالەمدە بېرىدىغانلىقى كۆپلىگەن ئايەتلەر بىلەن ئېنىقلىنىپ دەلىللەنگەندۇر.

  شۇنداقلا بۇ دۇنيادا ياشلىققا بولغان مۇھەببەت، يەنى ياشلىق قۇۋۋىتىنى ئىبادەتكە سەرپ قىلىشنىڭ نەتىجىسى، ئۇ سائادەت ماكانىدا ئەبەدىي بولغان بىر ياشلىقتۇر.

  ئۈچىنچى ئىشارەت: ھايات رەپىقىسىگە توغرا بىر شەكىلدە، يەنى يېقىملىق شەپقىتىگە، ياخشى خىسلىتىگە، گۈزەل ئەخلاقىغا بىنائەن بولغان سەمىمىي مۇھەببەتنىڭ، ھەمدە ئۇنى يوغانچىلىقتىن ۋە باشقا گۇناھلاردىن مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ ئاخىرەتلىك نەتىجىسى بولسا، چەكسىز شەپقەت ئىگىسى بولغان ﷲ، ئۇ ھايات رەپىقىسىنى، ھۆرلەردىن تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ چىرايلىق، تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق بىر شەكىلدە ئۇ سائادەت ماكانىدا ئۇنىڭغا ئەبەدىي بىر رەپىقە، ھەمدە دۇنيادا بۇرۇنقى ئۆتكەن ئىشلارنى خۇشاللىق بىلەن بىربىرىگە سۆزلەيدىغان، ئەسلىتىدىغان يېقىملىق دوست، ئەبەدىي بىر سۆيۈملۈك يولداش قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغاندۇر. ئەلۋەتتە ۋەدە قىلغىنىنى قەتئىييەن بېرىدۇ.

  تۆتىنچى ئىشارەت: ئاتائانا ۋە پەرزەنتلەرگە بولغان توغرا مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى بولسا، قۇرئان بىلدۈرىدۇكى، جانابى ئەرھەمەرراھىمىن ئۇلارنىڭ دەرىجىلىرى باشقاباشقا بولسىمۇ، يەنىلا ئۇ بەختلىك ئائىلىگە، ساپ بولغان سۆھبەت لەززەتلىرىنى، جەننەتكە لايىق بولغان بىر شېرىن مۇناسىۋەت شەكلىدىكى ئەبەدىي بىللە بولۇش نىمىتىنى ئېھسان قىلىدۇ. ئون بەش ياشقا كىرمەستىن، يەنى بالاغەتكە يەتمەستىن ۋاپات قىلغان بالىلارنى

﴿وِلْدَانٌ مُخَلَّدُونَ﴾

(ئەبىديلىككە ئېرىشكەن بالىلار، سۇرە ۋاقئە:17 )

دەپ تەبىر قىلىنغان جەننەت بالىلىرى شەكلىدە، جەننەتكە لايىق بىر تۈردە، بەكمۇ ئوماق ۋە سۆيۈملۈك بىر سۈرەتتە، جەننەتتىمۇ ئاتائانىسىنىڭ قۇچاقلىرىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنت سۆيۈش ۋە ئاسراش ھېسلىرىنى ئەبەدىي مەمنۇن قىلىدۇ ۋە لەززەتلەندۈرىدۇ. ئۇ بالىلار بالاغەت يېشىغا يەتمىگەنلىكتىن ئەبەدىي بولغان سۆيۈملۈك ۋە تاتلىق بالا بويىچە قالىدۇ. دۇنيادىكى لەززەتلىك نەرسىنىڭ ئەڭ ئېسىلى جەننەتتە باردۇر. بىراق، جەننەت نەسىل قالدۇرۇش يېرى بولمىغانلىقتىن، ناھايىتى شېرىن بولغان ئۇ پەرزەنت سۆيۈش ۋە ئاسراش لەززىتى جەننەتتە يوق، دەپ بىلىنەتتى. مانا بۇ سۈرەتتە ئۇمۇ باردۇر. ۋە ئەڭ لەززەتلىك ۋە ئەڭ شېرىن بىر تۈردە باردۇر. پەرزەنتلىرى بالاغەتكە يەتمەستىن ۋاپات قىلغانلارغا خۇشخەۋەر!…

  بەشىنچى ئىشارەت: بۇ دۇنيادا ئەلھۇببۇفىللاھ (ﷲ ئۈچۈن سۆيۈش) ھۆكۈمى بويىچە دىندار دوستيېقىنلارغا بولغان مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى، جەننەتتە ﴿عَلَى سُرُرٍ مُتَقَابِلِينَ دەپ تەبىر قىلىنغان، قارشىقارشىغا قويۇلغان جەننەت ئورۇندۇقلىرىدا ئولتۇرۇپ، تاتلىق، لەززەتلىك، يېقىملىق، شېرىن بىر سۈرەتتە دۇنيادا ئۆتكەن ئىشلارنى ۋە ئەسلىمىلەرنى بىربىرىگە ئېيتىپ زوقلىنىدىغان، ئايرىلىش بولمىغان ساپ بىر مۇھەببەت ۋە سۆھبەت ئۈچۈن، ئۇ دوستيېقىنلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىغا قۇرئان ئىپادىلىرى ئىشارەت قىلىدۇ.

  ئالتىنچى ئىشارەت: پەيغەمبەرلەر ۋە ئەۋلىيالارغا قۇرئان دېگەن شەكىلدە بولغان مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى، بەرزەخ ۋە ھەشردە، ئۇ پەيغەمبەرلەر ۋە ئەۋلىيالارنىڭ شاپائەتلىرىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىرگە، ناھايىتى يۈكسەك بولغان ۋە ئۇلارغا لايىق ئالى دەرىجىلەردىن ئۇ مۇھەببەت ۋاستىسى ئارقىلىق فەيىز ۋە لەززەت ئېلىشتۇر. شۇنداق اَلْمَرْءُ مَعَ مَنْ اَحَبَّ (كىشى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن بىللە بولىدۇ) بويىچە، ئاددى بىر كىشى ئەڭ يۈكسەك بىر دەرىجىگە، ئۇ سۆيگەن ئالى مەرتىۋىلىك بىر زاتقا باغلىنىش ئارقىلىق چىقالايدۇ.

  يەتتىنچى ئىشارەت: گۈزەل نەرسىلەرگە ۋە باھارغا بولغان توغرا شەكىلدىكى مۇھەببەتنىڭ، يەنى: «نېمە دېگەن كۆركەم ۋە مۇكەممەل يارىتىلغاننەزىرى بويىچە، ئۇ نەرسىنىڭ ئارقىسىدىكى ياساش ئىشىدا كۆرۈنگەن گۈزەللىكنى ۋە تەرتىپنى، ئاندىن ئۇ تەرتىپ ئارقىسىدىكى سۈپەتنىڭ شولىلىرىنى (ۋەھاكازا…) سۆيۈشنىڭ نەتىجىسى بولسا، ئۇ ئەبەدىي ئالەمدە ئۇ ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىدىن مىڭ ھەسسە تېخىمۇ يۈكسەك شەكىلدە، ئۇ ئىلاھىي ئىسىملارنىڭ جىلۋىلىرىنى ۋە ئىسىملار ئىچىدىكى جامال ۋە سۈپەتلىرىنى جەننەتتە كۆرۈشتۇر. ھەتتا ئىمامى رەببانىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەنكى: «جەننەتنىڭ گۈزەللىكلىرى، ئىلاھىي ئىسىملارنىڭ جىلۋىلىرىنىڭ ئەكىس ئېتىشىدۇرتەسەۋۋۇر قىل!…

  سەككىزىنچى ئىشارەت: دۇنياغا، يەنى دۇنيانىڭ ئاخىرەت ئېتىزى ۋە ئىلاھىي ئىسىملارنىڭ ئەينىكى بولغان ئىككى خىل گۈزەل يۈزىنى تەپەككۇر بىلەن سۆيۈشنىڭ ئاخىرەتلىك نەتىجىسى، بۇ دۇنيادەك فانىي بولمىغان، دۇنياچىلىك باقىي بىر جەننەتتۇر. دۇنيادا پەقەتلا خۈنۈك كۆلەڭگىلىرى كۆرسىتىلگەن ئىسىملار، ئۇ جەننەت ئەينەكلىرىدە ئەڭ ھەشەمەتلىك بىر سۈرەتتە كۆرسىتىلىدۇ. دۇنيانىڭ ئاخىرەت ئېتىزى بولغان يۈزىنى سۆيۈش نەتىجىسى: دۇنيا بىر كۆچەتلىكى، يەنى كۆچەتلەرنى ئازغىنە يېتىشتۈرەلىگەن كىچىك بىر ئېتىزى ھۆكمىدە بولۇپ قالىدىغان شۇنداق بىر جەننەتنى بېرىدۇكى، ئىنساننىڭ ھېس ۋە سېزىملىرى دۇنيادا كىچىك كۆچەتلەردەك بولغان بولسىمۇ، جەننەتتە ئەڭ مۇكەممەل ھالدا يېتىشكەن شەكىلدە، ئۇرۇق ھۆكمىدە بولغان دۇنيادىكى قابىلىيەتلىرى تۈرلۈك لەززەتلەر ۋە كامالەتلەر بىلەن ئۆسۈپ چىقىدىغان سۈرەتتە ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ. بۇ، رەھمەت ۋە ھىكمەتنىڭ تەلىپى بولغىنىدەك، ھەدىس ئىپادىلىرى ۋە قۇرئان ئىشارەتلىرى بويىچىمۇ ئېنىقتۇر.

  ھەر خاتالىقنىڭ بېشى بولغان، دۇرۇس بولمىغان دۇنيا سۆيگۈسى ئەمەس، بەلكى ئىلاھىي ئىسىملارغا ۋە ئاخىرەتكە قارىغان ئىككى يۈزىنى، ئىسىملار ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن سۆيگەنلىكتىن، ھەمدە ئىبادەت پىكرى ئارقىلىق ئۇ يۈزلەرنى مەئمۇر قىلىپ(قۇرۇپ)، گويا پۈتۈن دۇنياسى بىلەن ئىبادەت قىلغاندەك بولغانلىقتىن، ئەلۋەتتە دۇنياچىلىك بىر مۇكاپات ئېلىشىنى رەھمەت ۋە ھىكمەت تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقلا ئاخىرەتكە بولغان مۇھەببەت بىلەن ئۇنىڭ ئېتىزىنى، ھەمدە ﷲقا بولغان مۇھەببەت بىلەن ئىسىملىرىنى كۆرسەتكەن ئۇ ئەينەكنى سۆيگەنلىكتىن، ئەلۋەتتە دۇنيادەك چوڭ بىر سۆيۈلىدىغان نەرسە خالايدۇ. ئۇ بولسا، دۇنياچىلىك بىر جەننەتتۇر.

  سوئال: ئۇنچە چوڭ ۋە خالى بولغان بىر جەننەتنىڭ نېمە ھاجىتى؟

  جاۋاب: ئەگەر مۇمكىن بولغان بولسا، خىيال تېزلىكىدە زېمىننىڭ ھەر تەرىپىنى ۋە كۆپلىگەن يۇلتۇزلارنى ساياھەت قىلساڭ: «پۈتۈن ئالەم مېنىڭكى» دېيەلەيسەن. پەرىشتىلەرنىڭ، ھايۋانلارنىڭ ۋە باشقا ئىنسانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىپ (سەندەك پىكىردە بولىشى) سېنىڭ ئۇ پىكرىڭنى بۇزالمايدۇ. شۇنىڭدەكلا ئۇ جەننەت لىق بولسىمۇ، «ئۇ جەننەت مېنىڭكى» دېيەلەيسەن. ھەدىستىكى: «بەزى جەننەتلىكلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان بەش يۈز يىللىق مۇساپىدىكى بىر جەننەت»نىڭ سىرى يىگىرمە سەككىزىنچى سۆزدە ۋە «ئىخلاس» تېمىسىدا بايان قىلىنغاندۇر.

توققۇزىنچى ئىشارەت: ئىماننىڭ ۋە ﷲنى سۆيۈشنىڭ نەتىجىسى، ئەۋلىيالار ۋە تەھقىقچىلەرنىڭ پىكىر بىرلىكى بىلەن بۇدۇركى، بۇ دۇنيادىكى مىڭ يىللىق بەختلىك ھايات، بىر سائىتىگە تەڭ بولالمىغان جەننەت ھاياتى؛ جەننەت ھاياتىنىڭمۇ مىڭ يىلى، بىر سائەت كۆرۈشكە تەڭ كىلەلمىگەن بىر مۇقەددەس ۋە پاك بولغان گۈزەللىك ۋە كامالەت ئىگىسى ﷲنى كۆرۈش (ھاشىيە) ئېھسان قىلىنىدۇ. بۇمۇ ئېنىق ھەدىس ۋە قۇرئان ئىپادىلىرى بىلەن قەتئىيدۇر. ھەزرىتى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامدەك كامالىتى بىلەن مەشھۇر بىر زاتنى كۆرۈشكە بولغان ئىشتىياق ئىچىدىكى خۇشتارلىقنى، ھەزرىتى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامدەك بىر جامالى بىلەن مۇستەسنا بىر زاتنى كۆرۈشكە بولغان خۇشتارلىق ئىچىدىكى ئىشتىياقنى ھەركىم ۋىجدانى بىلەن ھېس قىلىدۇ. ئەجەبا، دۇنيانىڭ بارلىق گۈزەللىك ۋە كامالەتلىرىدىن مىڭلار ھەسسە ئۈستۈن بولغان جەننەتنىڭ بارلىق گۈزەللىك ۋە كامالەتلىرى، گۈزەللىكىنىڭ ۋە كامالىتىنىڭ بىر جىلۋىسى بولغان بىر زاتنى كۆرۈش، نەقەدەر ئىشتىياققا، ئارزۇئىستەككە، خۇشتارلىققا لايىق ئىكەنلىكىنى قىياس قىلالىساڭ قىل...

اَللّهُمَّ ارْزُقْنَا فِى الدُّنْيَا حُبَّكَ وَ حُبَّ مَا يُقَرِّبُنَا اِلَيْكَ

وَ اْلاِسْتِقَامَةَ كَمَا اَمَرْتَ وَ فِى اْلآخِرَةِ رَحْمَتَكَ وَ رُؤْيَتَكَ

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾(بەقەرە:32)

اَللّهُمَّ صَلِّ وَ سَلِّمْ عَلَى مَنْ اَرْسَلْتَهُ رَحْمَةً لِلْعَالَمِينَ وَ عَلَى آلِهِ وَ صَحْبِهِ اَجْمَعِينَ آمِينَ.

—————————————————————

*ئەلھۇكمۇلىللاھ: ھۆكۈم ﷲنىڭدۇر.-ت

**(ھاشىيە): بىر زامان ئىككى قەبىلە رەئىسى بىر پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ يېزىلغاندەك ئەھۋالدا بولغان ئىكەن.

***مۇرەببى: يېتىشتۈرگەن، يېتىشتۈرگۈچى.-ت

****ۋارىس: ھەر نەرسىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى؛ بائىس: يېڭىدىن ياراتقان ﷲ؛ت

*****مۇھيى: تىرىلدۈرگەن، ھايات بەرگەن؛ مۇھسىن: ياخشىلىق قىلغان، ئېھسان قىلغان. –ت

*****ھەكەم: ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى، ھەر نەرسىگە تېگىشلىك ھەققىنى بەرگۈچى ﷲ.-ت

******ۋاھىدى ئەھەد: پۈتۈن شەيئىدە ۋە ھەر نەرسىدە بىرلىك تامغىسىنى قويغان (بىر) .-ت

*******ھەكىمى مۇتلەق: مۇتلەق ھىكمەت ئىگىسى بولغان ﷲ.-ت

********ئەھلى دۇنيا: ئاخىرەتنى ئۇنۇتۇپ، بۇ دۇنياغا ھەددىدىن ئارتۇق ئەھمىيەت بەرگەن كىشىلەر.-ت

*********رافىزىي: شىئەلەردىن بىر پىرقە.-ت

**********ﷲ ئۈچۈن بولغان بىر سېكۇنتلۇق بىللە بولۇش، بىر يىلدۇر.

(ھاشىيە): ھەدىستە دېيىلگەنكى: «ئۇ كۆرۈش، جەننەتنىڭ بارلىق لەززەتلىرىدىن شۈنچە يۈكسەكتۇركى، ئۇ لەززەتلەرنىمۇ ئۇنۇتتۇرىۋېتىدۇ. ئۇ كۆرۈشتىن كېيىن، كۆرگەنلەرنىڭ ھۆسنى جامالى ئۇ قەدەر ئارتىدۇكى، قايتىشقاندا، سارايدىكى ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى دىققەت بىلەن قاراش نەتىجىسىدە ئاران تونۇيالايدۇ.»-ئا

995قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir