مەزھەب ھەققىدە

  مەزھەبپەيغەمبەر يولىدىن ئايرىم بىر يول ئەمەستۇر. مەزھەب قۇرئان ۋە ھەدىستىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىجتىھاد ئوخشىماسلىقىدىن ئوتتۇرىغا چىققاندۇر. ھەتتا ساھابىلەردىمۇ بۇ خىل پەرقلىق كۆز قاراشلار بولغاندۇر. شەرىئەتنىڭ ئىبادەت ۋە مۇئامىلىلەرگە ئائىت ھۆكۈملىرى چەكلىك، ۋەقىئەلەر ۋە ھادىسىلەر بولسا چەكسىز بولغانلىقتىن دېيىشكە بولىدۇكى، چەكلىك پرىنسىپ ۋە ھۆكۈملەرنى چەكسىز ھادىسىلەرگە تەتبىق قىلىش ئۈچۈن ئىجتىھاد ۋە قىياسنىڭ زۆرۈرىيلىكى شۈبھىسىز بىر ھەقىقەتتۇر. پۈتۈن ھەق مەزھەبلەر دىننىڭ ئاساسلىرىدا ئىتتىپاق قىلغاندۇر. ئىبادەت ۋە مۇئامىلىلەردە پەرقلىق ئىجتىھادلاردا بولغاندۇر. مۇسۇلمانلار تارىختىن بېرى بىر ھەق مەزھەبكە ئەگىشىپ كەلگەندۇر. ھەتتا 1400 يىلدىن بېرى چوڭ ئەۋلىيالار، ئۆلىمالار، ئەسفىيالار سۆيىنىپ تۇرۇپ تۆت مەزھەبنىڭ بىرىگە باغلانغان ۋە ئىستىقامەت ۋە نىجاتلىقنى ئۇ مەزھەبلەردە كۆرۈشكەندۇر. بىراق ھېچ سالاھىيىتى بولمىغان بەزى بىچارىلەر ئۆزىنىڭ خۇنۈك كۆرۈشلىرىنى چوڭ مۇجتەھىدلەرنىڭ پىكرىدىن ئۈستۈن بىلىپ پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مۇسۇلمانلارنىڭ زېھىنلىرىنى خېلىلا قالايمىقانلاشتۇردى.

   ئاۋام مۇسۇلمانلارمۇ بۇ زاماندا ھارامھالالنى پەرق قىلالمايۋاتقان يەردە، ئەلۋەتتە ئۇ ئازغان مەزھەبتىكىلەرنىڭ نامى چىرايلىق بولغان «قۇرئانھەدىس كۇپايە» دېگەن دەۋاسىنىڭ قانداق ئارقا كۆرىنىشكە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى بىلەلمەيدۇ، بىلمەستىن توغرا ئەقىدىدىن ئاسانلا يىراقلىشىدۇ. ھالبۇكى قۇرئان – ھەدىستىن ھۆكۈم چىقىرىش ئاسان بىر مەسىلە بولغان بولسا، ساھابىلەر ئەسرىگە يېقىن بولغان ئۇ شەرەپلىك ئەسىرلەردىلا خىلمۇخىل مەزھەبلەر چىقمىغان بولاتتى ۋە چوڭ زاتلارمۇ قوبۇل كۆرمەي كەلگەن بولاتتى. دېمەك مەزھەبكە ئايرىلىش ئىختىلاپتىن ئەمەس، بەلكى ئىھتىياجدىن ئوتتۇرىغا چىققاندۇر.

   شۇنداق، تۆت مەزھەبنى ئىنكار قىلىپ، «مەزھەپسىزلىك» ئىسمىدىكى باتىل بىر مەزھەبنى قوبۇل قىلىۋاتقانلارنىڭ نەقەدەر خاتالىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۇنچە تەس ئەمەس.

   تۆۋەندە بىر مەزھەبكە باغلىنىشنىڭ قەتئىي لازىم ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر ئىلاھى ئەمىر ئىكەنلىكىگە ئائىت دەلىللەرنى (قىسمەن) سۆزلەيمىز. بۇ دەلىللەرنى ھەم ئەقىلىي، ھەم نەقلىي دەپ ئىككى ئاساس ئۈستىدە تەتقىق قىلىمىز.

   «مەزھەبسىزلىك» مەزھەبىدىكىلەرنىڭ كۆپ دەيدىغان سۆزىدىن بىرى: «بىز قۇرئانغا ئەگىشىمىز. قۇرئاندا مەزھەبكە ئەگىشىڭلار دەپ بىر مەسىلە يوق» دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزلىرى ئۇلارنىڭ قۇرئاننى چۈشىنەلمىگەنلىكىگە بىر دەلىلدۇر. ھالبۇكى قۇرئاندا بىر مەزھەبكە باغلىنىشنى ئەمىر قىلغان كۆپلىگەن ئايەتلەر باردۇر. بىر قىسمىنىڭ تۆۋەندىكى ئىزاھىدىن ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىنىڭ نەقەدەر باتىللىقى چۈشىنىلىدۇ.

   قۇرئانى كەرىمدە جانابى ﷲ مۇنداق دەيدۇ:

  «ئەي ئىمان ئېيتقانلار، ﷲقا ئىتائەت قىلىڭلار. پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئۇلۇلئەمىرگە ئىتائەت قىلىڭلار»

  «ئەگەر ﷲقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقەتەن ئىشەنگەن بولساڭلار، بىر مەسىلە بويىچە ئىختىلاپلىشىپ قالغان ۋاقتىڭلاردا ئۇنى ﷲقا ۋە رەسۇلىغا ئېلىپ بېرىڭلار. بۇ تېخىمۇ ياخشىدۇر. نەتىجە جەھەتتىنمۇ تېخىمۇ گۈزەلدۇرنىسا:59.

  يۇقىرىقى ئايەتتە ئۆتكەن «ئۇلۇلئەمىر» بولسا، ئالىملاردۇر. بۇ مەنە بولسا، قۇرئاننى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن ئىبنى ئابباس، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ، ئىمام مۇجاھىد، ئىمامى ھەسەن، ئىمامى ئاتا ۋە باشقا ئالىملار تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر. ئىمامى قۇرتۇبىمۇ تەفسىرىدە ئىمامى مالىكنىڭمۇ شۇ قاراشتا ئىكەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ.

ئىمامى دەھھاق نەزىرىدە بولسا، ئۇلۇلئەمىر ــ دىننى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن فىقىھ ئالىملىرىدۇر. جالالىددىن سۇيۇتىدەك 200مىڭ ھەدىسنى يادلىغان چوڭ بىر ئالىم «ئىتىقاد» ناملىق ئەسىرىدە ئۇلۇلئەمىرنىڭ دىن ۋە فىقىھ ئالىملىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندۇر.

  خۇلاسە، ئىسمىنى دېمىگەن ۋە دەپ بولالمىغان يۈزلەرچە ئۆلىما، ئىتائەت قىلىنىشى لازىم بولغان ئۇلۇلئەمىرنىڭ دىن ئالىملىرى ئىكەنلىكى بويىچە بىردەك قاراشتىدۇر.

  مەزھەبنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ بۇلارغا قارشى سۆزىلىرى گۈلدۈرماما ئاۋازىغا نىسبەتەن پاشىنىڭ ئۈنىدەك دەرىجىدە قالمامدۇ؟

  ھەم بىر مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىنغان بىر تېمىدا ئۇ پەن ۋە تېخنىكىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزى ئۆتىدۇ. ئۇ پەن ۋە تېخنىكىدىن بولمىغان باشقا پەن ئەھلى نەقەدەر داھىي بولسىمۇ سۆزىگە ئىتىۋار قىلىنمايدۇ. مەسىلەن: كىچىك بىر كېسەللىك بويىچە چوڭ بىر ئىنژىنىرنىڭ سۆزىگە قارالمايدۇ. ھەتتا كىچىك بولسىمۇ بىر دوختۇرنىڭ سۆزى ئېتىۋارغا ئېلىنىدۇ. ۋەھاكازاشۇنداق تۇرۇقلۇق، ئىبنى ئابباستەك، ئىبنى ئابدۇللاھتەك، ئىمامى مالىكتەكنۇرغۇن ئۆلىمالار ئورتاق قارىغان بىر مەسىلىنى قانداق قۇۋۋەت چىرىتەلەيدۇ. قايسى مەزھەبسىزنىڭ ھۆكۈمى ئۇلارنىڭ پىكرىنى رەت قىلالايدۇ؟

  مادەم مەسىلىمىز دىندۇر. بۇ دىندا سۆز ھەققى پەيغەمبىرىمىزنىڭمۇ ماختىشىغا ئىگە بولغان بۇ ئالىملارنىڭدۇر.

  يۇقىرىقى ئايەتتە: «بىر مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار ﷲ ۋە رەسۇلىغا ئېلىپ بېرىڭلار» دېيىلگەندۇر. بۇ ئايەت «قىياس»نىڭ ھەق ۋە شەرئىي بىر دەلىل ئىكەنلىكىگە بىر دەلىلدۇر. بۇنىڭدىن، ئىختىلاپقا چۈشكەن مەسىلىلەرنىڭ بولىشى قۇرئاندا ۋە ھەدىستە جاۋابى ئېنىق بولمىغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان ۋە ھەدىستە ئېنىق بولغان بولسا، ئىختىلاپقا چۈشۈشكە كېرەك قالمايتتى. دېمەك ﷲ ۋە رەسۇلىنىڭ ئېنىق سۆزلىرىگە قاراپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قىياس لازىم بولىدۇ. بۇ قىياسنى كىم قىلىدۇ؟

  بىر مىليون ھەدىسنى يادلىغان ئىمامى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدەك ئالىملارمۇ؟ ياكى يۈز، ئىككى يۈز ھەدىس يادلىۋېلىپ ئىلىمپۇرۇشلۇق قىلغان مەزھەپسىزلەرمۇ؟ ياكى ئىمامى مۇھەممەدتەك بىر ھەپتىدىلا، ئىمامى سائىد ئىبنى ئۇيەينەدەك تۆت يېشىدىلا قۇرئاننى يادلاپ بولغانلارمۇ؟ ياكى قۇرئاننى پەقەتلا خۇنۈك تەرجىمىلىرىدىن ئوقۇپ ئۆزىنى ئالىم دەپ ئويلىغان نادانلارمۇ؟

  ئىمامى شافىي نەزىرىدە پۈتۈن فىقىھچىلارنىڭ ئاتىسى ھۆكمىدىكى ئىمامى ئەئزەملەرمۇ، ياكى فىقىھ قائىدىلىرىدىن خەۋەرسىز بولۇپ، پەقەت گۇمانى بىلەن ھۆكۈم قىلغان نادان جاسارەتلىكلەرمۇ؟

  مۇجتەھىد ئالىملاردەك نەچچە يۈزمىڭ ھەدىسنى رىۋايەتچىلىرى بىلەن قوشۇپ يادلىغان، قۇرئاننىڭمۇ تولىمۇ مۇكەممەل ھالدا سىرلىرىنى بىلگەن ئەھلى سۈننەتنىڭ مەزھەب ئىماملىرىغا ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ چوڭ گەپ قىلغانلارنىڭ كاللىسىدا نەچچە ھەدىس بار؟! قانچە ھەدىس راۋىسىنى تونۇيدۇ؟ ھەدىسلەرنىڭ جەرھ ۋە تەدىللىرىنى، ناسىھ ۋە مەنسۇھ(ئەمەلدىن قالغان)لىرىنى، قانداق يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىشەمدۇ؟ مەزھەب ئىماملىرى بەكمۇ پىششىق بىلگەن قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ شەرئىي ۋە لۇغەت مەنىلىرىدە، ھەمدە بۇلارنىڭ قىسىملىرى بولغان خۇسۇسىي، ئومۇمىي، مۇشتەرەك، ئوچۇق، كىنايە، ناس، مەخپى، مۈشكىل، مۇتەشابىھ، داللى بىل ئىبارە، داللى بىل ئىقتىزا، داللى بىل ئىشارە، ناسىھ، مەنسۇھ….دېگەندەك مەنىلەردە بۇلار پىششىقمىدۇر؟ پىششىق بىلىش ئەمەس، بۇلارنىڭ مەنىلىرىنى بىلىشەمدۇ؟

  شۇنداق تۇرۇقلۇق، قانداق بىر جاسارەت بىلەن ئىجتىھادقا يۈزلىنىدۇ؟ ﷲ رازى بولمىغان بىر ھۆكۈمنى بېرىشتىن قورقمامدۇ؟ چىقارغان ھۆكۈمىنىڭ ھەدىسلەرگە، پەيغەمبىرىمىزگە زىت بولۇپ قېلىشىدىن تىترىمەمدۇ؟ بۇنداقلار جاسارەتلىرىنى جاھالەتلىرىدىن ئېلىشماقتا. ﷲ بۇ خىل جاھىل بولۇشتىن، ئۇلارغا ئەگىشىپ قېلىشتىن بىزلەرنى مۇھاپىزەت قىلسۇن.

بىر ئايەتتە: «… ئۇنى پەيغەمبەرلەر ۋە ئۆزلىرىدىن بولغان ئۇلۇلئەمىرگە ئېلىپ بارغان بولسا، ئۇلاردىن نەتىجە چىقىرىشقا كۈچى يەتكەنلەر ئەلبەتتە ئۇنى بىلىشەتتىنىسا:83.

  «نەتىجە چىقىرىشقا كۈچى يەتكەنلەر» دەپ تەرجىمە قىلغان ئايەتنىڭ مەنىسىدە، بۇ «ئىستىنبات» كەلىمىسى مۇراجىئەت قىلىش لازىم بولغان ئۇلۇلئەمىرنىڭ، مۇجتەھىد ئالىملار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ «ئىستىنبات» سۆزىنىڭ ئەسلى «نەبت» بولۇپ، مەنىسى قۇدۇقتىن تۇنجى چىققان سۇنىڭ ئىسمىدۇر. بىر فىقىھ ئالىمىنىڭ ئىجتىھاد قىلىپ، قۇرئان، ھەدىستىن ھۆكۈم چىقىرىشى، قىيىنلىقى جەھەتتىن قۇدۇقتىن سۇ چىقىرىشقا ئوخشىتىلغانلىقى ئۈچۈن ئىستىنبات دېيىلگەندۇر. «ئۇلاردىن ئىستىنبات قىلغانلار ئەلبەتتە ئۇنى بىلىشەتتىدىكى «ئۇلار» دېگەن ئالماش(زامىر) ئۇلۇلئەمىرنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئىجتىھاتقا دەلىلدۇر. دېمەك بۇ ئايەتتىكى ئىستىنبات ئۇلۇلئەمىرنىڭ سۈپىتىدۇر. ﷲ ئۇلارغا مۇراجىئەت قىلىشنى ئەمىر قىلغاندۇر.

  بۇ ئايەتتە ئۆتكەن مۇراجىئەت قىلىنىدىغان كىشىلەر، يەنى ئۇلۇلئەمىر، فەخرەددىن رازىنىڭ تەفسىرىگە كۆرە، ئىلىم ۋە ئىجتىھاد ئىگىسى بولغان ئالىملاردۇر. بۇ مەنىنى ئەسىرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ فىقىھچىلىرىدىن ئىبن ئابىدىنمۇ نەقىل قىلغان. بۇ ئايەتتىكى ئىستىنبات خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان ئۇلۇلئەمىرنىڭ مۇجتەھىد ئالىملار ئىكەنلىكىنى يۈزلەرچە ئۆلىما دېيىشكەندۇر.

  فەخرەددىن رازى بۇ ئايەت تۆت مەسىلىگە، يەنى: «① ھۆكۈمى ئېنىق بىلىنمىگەن مەسىلىلەردە ئىستىنبات ۋە ئىجتىھاد قىلىش كېرەكلىكىگە. ② ئىستىنباتنىڭ يەنى ئىجتىھادنىڭ شەرئىي بىر دەلىل ئىكەنلىكىگە. ③ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىستىنبات بىلەن ۋەزىپىدار ئىكەنلىكىگە. ④ مۇجتەھىد بولمىغان بىزلەرنىڭ فىقھى ھۆكۈملەردە مۇجتەھىد ئالىملارنى تەقلىد قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇدېگەندۇر.

  دېمەك، ئەھلى ئىستىنبات بولغان ئۇلۇلئەمىرگە مۇراجىئەت قىلىنىشى لازىم بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار مۇجتەھىد ئالىملاردۇر. بۇنىڭغا ئەھلى سۈننەتنىڭ يۈزلەرچە ئالىملىرى ئىتتىپاق قىلىشقاندۇر. يۈزلەرچە ئالىملارنىڭ ئىچىدە پەقەتلا بىرسىنىڭ پىكرى، ئىستىنبات قىلىشنى بىلمەيدىغان يۈزلەرچىسىنىڭ پىكرىنى چىرىتىشكە يېتەرلىك تۇرسا، (چۈنكى مۇتەخەسسىستۇر) قانداقمۇ ئۇ قەدەر ئىتتىپاقلارغا قارشى ئۇ بىچارىلەرنىڭ سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنسۇن.

  دېمەك، ئۇلارغا مۇراجىئەت قىلىپ ئەگىشىشىمىزنى ئايەت بىزلەرگە قىلىۋاتىدۇ.

  ئۇنداقتا، ئىمامى راببانىيلار، ئىمامى غەززالىلار، ئىمامى سۇيۇتىلار جاسارەت قىلالمىغان ئىجتىھاد مەسىلىسىگە قانداقمۇ جاسارەت قىلىنىدۇ؟

  شۇنداق، جانابى ھەقنىڭ ئىككى خىل ئايىتى باردۇر. بىرى، كەلام سۈپىتىدىن كەلگەن قۇرئاندىكىسى؛ يەنە بىرى، قۇدرەت سۈپىتىدىن كەلگەن يارىتىلىش ئايەتلىرىدۇر. بىر قۇشتىن يۇلتۇزلارغا، كىپىنەكتىن قوياشلارغا قەدەر ھەممە نەرسە كائىنات كىتابىنىڭ بىردىن ئايىتىدۇر. ئىككىنچى كىتاپنى دەل مەنىسى بىلەن تەتقىق قىلمىغانلار چۈشىنەلمەيمىز. بۇ جەھەتتە ئۇ يولدىكى كەسىپ ئەھلىدىن سورايمىز. ئاسمان جىسىملىرىنى تەتقىق قىلغۇمىز كەلسە، ئاسترونومىيە ئالىملىرىدىن سورايمىز. تېلىسكوپنى قولىمىزغا ئېلىپ مەسىلە چۈشىنىشكە كىرىشمەيمىز. دېڭىزدىكى ھايۋاناتلار ۋە سىرلار ئۈچۈن بۇ جەھەتتىكى مۇتەخەسسىسلەردىن سورايمىز. غەۋۋاس كىيىمىنى كىيىپ سۇغا شۇڭغۇمايمىز. فىزىكىغا، خىمىيەگە ئائىت ئىلىملەردىمۇ مۇتەخەسسىسلىرىدىن سورايمىزشۇنىڭغا ئوخشاشلا بىرىنچى كىتابنىڭ ئايەتلىرى ئۈچۈنمۇ چوڭقۇر مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەردىن سورىشىمىز لازىم. بولمىسا، ئىككىنچى كىتاب بويىچە مۇتەخەسسىسسىز خاتا ھۆكۈملەرگە دۇچار بولغىنىمىزدەك، بىرىنچى كىتابتىمۇ شۇنداق خاتالىشىپ قالىمىز. بىر بىئولوگىيە تەتقىقاتچىسىمۇ «كۆز» دېسە، بىزمۇ «كۆز» دېسەك، بىر كۆز ھەققىدىكى مەلۇمات ۋە سىرلار بويىچە ئەلۋەتتە ھۆكۈم ئاسمانزېمىن پەرقلىنىدۇ.

  دۇنيادا ئەڭ كىچىك ئىشتىمۇ بىلگەندىن، ئىشنىڭ ئەھلىدىن سوراشنى ئۇنۇتمىغان ئىنسانلارنىڭ ئەبەدىي ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان دىندەك چوڭ ئىشلىرى بويىچە، ئالىم، مۇجتەھىدلەردىن سوراشنى ئەقلىگە ئانچە سىغدۇرالماي، باشباشتاقلىق قىلىشنىڭ نەقەدەر ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ھەركىم چۈشىنىشى لازىم.

  تۆت مەزھەب ئىماملىرىمۇ قۇرئان، ھەدىستىن مەنە چىقارغان، قۇرئان، ھەدىسلەردىن مەنمۇ چىقىرالايمەن.» دېگەن كىشىدىن سوراش لازىم: پۈتۈن دورىگەرلەر دورىنى ئۆسۈملۈكلەردىن ياسىغان دەپ، كېسەللىك ئۈچۈن تاغلارغا يامىشىش ئەقىللىق ئىنساننىڭ ئىشىمۇ؟ توغرا، دورىلار ئۆسۈملۈكلەردىن ياسالغان. ئەمما دورا ياساش ئۈچۈن يىللارچە تىبابەت ۋە خىمىيە ئوقۇش لازىم. بۇلارنى بىلمىسە، زىيانلىق بىر نەرسە چىقىرىپ قېلىشى ئېنىق. بىزمۇ مەنىۋى دورىلىرىمىز بولغان قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ھۆكۈملەرنى مۇجتەھىدلەردىن ئېلىشىمىز لازىم.

  ياكى فىزىكا جەھەتتە بىر ئادەم، «مەن فىزىكا قانۇنلىرىنى ئۆزۈم تۈزۈپ چىقىمەن، ئېينىشتىيىنلەرگە ئىھتىياجىم يوق، ئۇلارمۇ مەندەك ئىنسان، ئۇمۇ ھېساب ۋە رەقەم قوللانغان، مەنمۇ ئوخشاش ھېساب ۋە رەقەملەرنى بىلىمەندېسە، ئوخشاش يېرى ھەقىقەتەن بار. ئۇمۇ ئىنسان، ئۇمۇ ھېساب ۋە رەقەم قوللانغان. ئەمما خاتا يېرى بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئېينىشتىيىننىڭ ئورنىغا قويىشىدۇر. ئېينىشتىيىن بولۇش ئاسان بولسا، مىليونلارچە ئېينىشتىيىنلار ۋۇجۇتقا كەلگەن بولسا بولاتتى. چۈنكى قوللانغان نەرسىلىرى ھەركىمنىڭ ئالدىدا، دېمەك تەس.

  مەسىلە قۇرئان ۋە ھەدىس ئوقۇشتا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن قانۇنىيەتلىك ۋە ئىھتىياتلىق ھالدا، مەسئۇلىيەت ۋە نەتىجىلىرىنى بىلىپ توغرا ھۆكۈم چىقىرىشتۇر. بۇ ئالاھىدە ئەھۋاللارمۇ مۇجتەھىدلەرگە بېرىلگەندۇر. بىز فىقىھ ئالىملىرى بولىشىمىز مۇمكىن، بىراق ھەرگىزمۇ ئىمامى ئەئزەم بولالمايمىز.

  مەنمۇ ئالىم دېگەن بىلەن، ماھىيەت جەھەتتە كىشىلەر خىلمۇخىل بولىدۇ. بىر ئەينەكمۇ قۇياشنى كۆرسىتىدۇ، بىر دېڭىزمۇ كۆرسىتىدۇ. بىر چىۋىنمۇ ئۇچىدۇ، بىر بۈركۈتمۇ ئۇچىدۇ. بىر بۇغدايمۇ ئۈنۈپ چىقىدۇ، بىر قارىغايمۇ. بىراق چىۋىن نەدە، بۈركۈت نەدە؟ ھەر ئىككى ئىنساندىكىسى ئىلىمدۇر، ئەمما ماھىيىتى پەرقلىقتۇر.

  باشلانغۇچتىمۇ تىرىشىپ بىلىم ئوقۇلىدۇ، ئۇنىۋېرسىتېتتىمۇ ئوقۇلىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتور چىقىدۇ. ئەمما باشلانغۇچتا چىقمايدۇ. ماتېرىيالىزم پىكرى بىلەن مەنىۋىيات بۇلغانغان بۇ ئەسىر باشلانغۇچ سەۋىيەدە بولسا، ئىمامى ئەئزەملەرنىڭ ئەسىرى دىن ئىلىمى نۇقتىسىدا ئۇنىۋېرسىتېت ھۆكمىدىدۇر. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىن مۇجتەھىد چىقىدۇ. ئەمما بۇ باشلانغۇچتىن چىقمايدۇ.

  دېمەك، مۇتەخەسسىسنىڭ ھەر تېمىدا رەھبەر ئىكەنلىكىنى بىلىش لازىم. دىندىكى مۇتەخەسسىسلەر بولسا مۇجتەھىدلەردۇر.

  تۆت مەزھەب ئىمامىنىڭ پەزىلەتلىرىگە ئائىت بىر قانچە نەمۇنە خاراكتىرلىك سۆز:

 ئىمامى شافىي: «شەرقتە، غەرپتە، كۇفەدە ئىمامى ئەئزەمنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر، ﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇندېگەن:

  ئىمامى ئەئزەم: «زەن بىلەن (ئۆزىنىڭمۇ مۇكەممەل ئىشەنچىسى يوق ھالدا) سۆزلىگەن ۋە ئۇ بويىچە ئەمەل قىلغان ئادەمگە ھەيرانمەندېگەن.

  سۇفيان بىن ئۇيەينە تەسىرلىك بىر ھەدىسنى نەقىل قىلغاندا، ئىمامى شافىي بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكىدىن ھۇشىدىن كېتىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى پەرەز بىلەن سۆزلىگەندە، ھەزرىتى سۇفيان(بۇ زاتمۇ مەزھەب ئىمامىدۇر.): «ئۇ ئۆلگەن بولسا زاماننىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ئىنسانى ئۆلگەندۇردېگەن. يەنە بىر قېتىممۇ بىر ئايەت ئوقۇغىنىدا ھۇشىدىن كەتكەنىدى.

  ئىمامى شافىي: «غايەم مەندىن دەپ كۆرۈلمەستىن بىلگەنلىرىمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئىدىدەيدۇ. ۋە يەنە دېگەن:

  “ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇنازىرىلىرىمدە، ھەقىقەتنىڭ مېنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ تىلىدىن چىقىشىنى ھېچ ئېتىبارغا ئالمىدىم. كىم بىلەن سۆزلەشكەن بولسام، ئۇنىڭ مۇۋەپپەق بولىشىنى، قۇۋۋەتلىنىشىنى، ياردەم كۆرىشىنى ۋە ﷲنىڭ ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشىنى خالىدىم.”

  بىر مىليون ھەدىس يادقا ئالغان ئىمامى ئەھمەد ھەنبەل دەيدۇ: «شافىي دۇنياغا نىسبەتەن قوياش، ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئافىيەت(سالامەتلىك)كە ئوخشاشتۇر.

  ئىمامى مالىك بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىدىغان ۋاقىتتا، تاھارەت ئالاتتى، ساقىلىنى تارايتتى، ئەتىر سۈرەتتى، تەمكىنلىك ئىچىدە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئاندىن سۆزلەيتتى. بۇنى كۆرگەنلەر سەۋەبىنى سورىغىنىدا جاۋابەن: «پەيغەمبەرىمىزنىڭ(س.ئە.ۋ) مۇبارەك ئاغزىدىن چىققان قىممەتلىك سۆزلەرگە ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈندۇردېگەن.

  ئىمامى شافىي: «ئىمامى مالىك قەدەر مەن مىننەتدار بولغان ھېچكىم يوقتۇردېگەن.

  ئىمامى ئەھمەد دەيدۇ: «ئىنسانلارنىڭ ئەخمەق سىنىپى، ماختىلىشلىرىدىن سۆيىنىدىغان كىشىلەردۇر.(ئىمامى غەزەلى ئەسەرلىرىدىن)

  ئەزىز قېرىندىشىم! بۇ دىن پەزىلەت دىنىدۇر، بۇ دىن كىچىك پېئىللىق دىنىدۇر، بۇ دىن كىبىرگە، ھەسەتكە غايەت دەرىجىدە زىتتۇر. شۇڭلاشقا يۇقىرىدىكى ئىماملاردەكلا تارىختا كېلىپ ئۆتكەن چوڭ زاتلار ئۆزىدىن بۇرۇنقى چوڭلارغا ئىھتىرام ۋە ھۆرمەتتە بەكمۇ تەۋازۇ بىلەن مۇئامىلە قىلىشقانلىرىنى ئويلىساق، بۇ زاماندىكى بەزى ئۆزىنى ئىلىم ئەھلى كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالىغا ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىز.

   بۇ مەنىۋى كىرىزىسلارنىڭمۇ ئاساسلىق مەنبەسىنىڭ ئىمانسىزلىق ۋە ئىمان زەئىپلىك ئىكەنلىكىنى ﷲنىڭ ئىنايىتى بىلەن تونىغان بىزلەر بىر بۈيۈك زاتنىڭ: «ئىسلامنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپقا سەۋەپ بولغان كىچىك مەسىلىلەرنى ئەمەس، بەلكى ئومۇمنىڭ ئورتاق ئىھتىياجى بولغان ئىمان مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھاياتىمنى بېغىشلىدىمدېگەن سۆزىنى غايەت دەرىجىدە قوللاپ، ئۇ بويىچە ياشاشقا چۆمۈلە قۇۋۋىتى مىقتارىچە بولسىمۇ تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، بۇ ئاخىرزاماندا موللىنىڭ قىسلىغىدا موللا ھۆكمىدە كۆرىنىپ جار سېلىۋاتقانلارنىڭ تەسىرىدە ئاۋاملارنىڭ ئالدانماسلىقى، ئىھتىياتچان بولىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى توغرا تاپتۇق. بىراق خاتا چۈشىنىلىپ سۆزلىرىمىزدىن مەقسىتىمىزنىڭ ھەدىس ئىلمىگە پەقەتلا ئەھمىيەت بەرمەسلىك دېگەن مەنە چۈشىنىلىپ قالمىسۇن. ئەھلى سۈننەتنىڭ داھى ئىماملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا چوڭ ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا بۇ تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولۇپ، پەزىلەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرى چىقىپ، بۇ مەسىلىنى بۇ زاماننىڭ ئىنسانلىرىغا تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىزاھ قىلسا ئەلۋەتتە مىڭ جان بىلەن سۆيىلىدىغان ئىشتۇر.

   “بىز قۇرئان ۋە ھەدىسنى چۈشۈنمىگەنلىگىمىز ئۈچۈن، قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئوقۇمايمىزدېگەنلىك ناھايىتى چوڭ بىر خاتالىق ھىسابلىىندۇ. چۈنكى ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئاننىڭ مەنىسنى چۈشەنگىلى بولمايدۇدېگەن بىر سۆزنى قوللىنىشنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ھەتتا بەزى ئۆلىمالار بۇنداق دېيىشنىڭ كۈپۈر لا فىزى دەپ قارىغان. چۈنىكى بۇسۆز وَهَـذَا لِسَانٌ عَرَبِيٌّ مُّبِينٌ بۇ (قۇرئان) بولسا رۈشەن ئەرەب تىلىدۇر، سۇرە نەھىل:103.ئايەتغا ئوخشاش ناھايىتى كۆپ ئوپئوچوق ئايەتلەرگە، قۇرئاننىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇئجىزىسى بولغان بالاغىتگە ۋە پاساھەتىگە زىتتىتۇر.

  فەخرى رازى تەپسىرىدە ۋە بەدىئۇززامانمۇ ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە بولۇپمۇ 25.سۆزدە قۇرئاننىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خىتاپ قىلدىغانلىقىنى، ھەتتا ئەڭ بەدەۋى بىر ئادەمنىڭمۇ ئىبنى سىنادەك زىرەك بىر ئالىم بىلەن بىرلىكتە قۇرئاندىن ئوخشاش بىر دەرىسنى ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئىستىفادە قىلىپ پايدا ئالالايدىغانلىقىنى ئىسپات قىلغان. ئۇ ئەسەرلەرگە مۇراجات قىلىنسا بولىدۇ.

   شۇنداق، ئىنسان ئىلىمسىز ھالدا دۇنياغا كېلىدۇ. كېىيىن، ئىلىم ۋاستىسى بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ. ئىلىمنىڭ بېشى، ئاساسى مەرفەتۇللاھ (اللە نى ئىسىمسۈپەتلىرى بىلەن تونۇش ) ۋە مۇھەببەتۇللاھ ( اللە نى سۆيۈش ) تۇر. بۇ بولسا ئىمان ۋە ئۇبۇدىيەت (اللە قا قۇللۇق ۋە ئىبادەت قىلىش) ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. ئىمان ۋە ئۇبۇدىيەتنى بىزگە دەرىس بىرىپ ئۈگەتكەن ئەسلى مەنبە قۇرئان ۋە ھەدىستۇر. قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى چۈشۈنۈش ئۈچۈنمۇ، بەزى ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە بۇ جەھەتتە تىرشچانلىق كۆرسىتىش لازىم.

  دۇنيالىق بىر مەنپەئەت ئۈچۈن ھەر كۈندە چەتئەل تىلىدىن ئەللىك خام سۆزنى ئۈگەنگەن ۋە بىر مالنى تېخمۇ ئەرزان باھادا سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەللىك يەردىن سۈرۈشتە قىلغان بىر ئىنساننىڭ، ئىككى دۇنيا بەخىتسائادەتىنىڭ ئاچقۇچى بولغان قۇرئان ۋە ھەدىسنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن نە قەدەر تېرىشىچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىۋالسا بولىدۇ.

  قۇرئان ۋە ھەدىس دۇنيادا ئەڭ قولاي چۈشۈنىلىدىغان بىر كىتاپ بولۇش بىلەن بىرگە، سرلىرى پۈتمەستۈگمەس چەكسىزدۇر.

  ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالاتۇ ۋەسسالامدىن باشقا قۇرئاننىڭ ئەسىلى سىرلىرىنى باشقىلار بىلىشكە قادىر بولالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالاتۇ ۋەسسالامدىن كېىن كەلگەن بىر شەخىس ئۆزى يالغۇز قۇرئاننىڭ مەنىسىنى پۈتۈنلەي چۈشۈنەلمەيدۇ. پەقەت ۋە پەقەت ئەسىرى سائادەتتىن تاكى قىيامەتكىچە بولغان ئۈممەتنىڭ پۈتۈن ئۆلىمالىرى بىرلەشكەندىلا ئاندىن قۇرئاننىڭ ئەسىلى سىرلىرىنى چۈشىنەلەيدۇ. چۈنكى قۇرئان ھەر ئەسىرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجلىرىنى قامدايدىغان مۇقەددەس بىر كىتاپتۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى بولسا، قۇرئاننىڭ شۇ ئەسىرگە قارىغان جەھەتىنى مەنبەسىدىن چىقىرىپ شۇ ئەسىرنىڭ چۈشىنىشىگە قارىتا ئېلىپ دەرىس بىرىپ كەلمەكتە.

  قۇرئان، پۈتمەستۈگىمەس چەكسىز مەنىلىرى بولغان بىر خەزىنىدۇر. قۇرئان شۇنداق بىر كالامدۇركى، ئەڭ ئاۋام مۇئمىندىن تارتىپ «بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى، ئىمام غازالى، ئىمام راببانى»دەك ئۇممەت ئىچىدىن چىققان ئەسفىيائالىملارغىچە، تاكى ساھابىلەرگە قەدەر ھەر كىشىنىڭ قۇرئاندىن ئالىدىغان ئايرىمئايرىم ئۈلۈشىلىرى بار.

   مۇئەللىپ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) شۇنداق دەيدۇ: «ھەم قۇرئان توغرا يولغا باشلاش جەھەتتىن شۇنداق بىر ئومۇمىلىقىقا ئىگە بولۇپ، ئوخشاش بىر دەرسىتە ھەزرىتى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىر كىچىك نارسىدە بالا بىلەن بىرگە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە ئۇ دەرسنى ئاڭلايدۇ، ئۆز ئۈلۈشلىرىنى ئالىدۇ؛ ئەڭ ئاۋام بىر ئوقۇغۇچى بىلەن ۋە ئىبنى سىنادەك داھى پەيلاسوپمۇ بىرگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئوخشاش بىر دەرىستىن تەلىم ئالىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئۇ ئاۋام كىشى قۇۋۋەت ۋە ئىمانىدىكى پاكلىق جەھەتتە ئىبنى سىنادىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت ئالالايدۇ.

   دېمەك،«ئەدىللەئى شەرئىييە »شەرئى دەلىللەر دېيىلدىغان «كىتاپ، سۈننەت، ئىجمائى ئۈممەت ۋە فىقھى ئالىملارنىڭ قىياسى »نى ئۆزىگە رەھبەر قلغان ئەۋلىيالار، سالامەت يولنى تاپقان ۋە ئىستىقامەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغان، رىزايى بارى دىيىلگەن ئاللاھ رىزاسىنى قازانغان. بۇ شەرئى دەلىللەرنى رەھبەر قىلمىغانلار بولسا، ياكى ئىفرات قىلىپ چەكتىن ئاشۇرۋەتكەن ۋەياكى تەفرىت قىلىپ چەكتىن كېمەيتىۋەتكەن بولۇپ يېڭى بىدئەتلەرنى ئىجاد قىلغان، ئىستىقامەتلىك توغرا يولنى تاپالمىغان. (ئەگەر مۇھەببەت بولمىسا، ئۇ ۋاقىت ئۆز نەپسى ۋە شەيتىنى ۋە سىرىتتىكى شەيتانلارنىڭ ئېتىرازلىرى ئىچىدە قايمۇقۇپ قالىدۇ. قەھرىمانلارچە چىڭمەھكەم تۇرالىشى ۋە قۇۋۋىتلىك ئىمانى ۋە ھەر دائىم ئۆتكۈر نەزەر ساھىبى بولالىشى لازىم بولىدۇكى، شۇندىلا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالايدۇ.) ئەھلى تەسەۋۋۇپ، مۇھەببەتۇللاھ، مۇھەببىتى كەلامۇللاھ ۋە مۇھەببىتى رەسۇلۇللاھ پىرىنسىپىنى ئاساس تۇتمىسا، تەھلىكىلەرگە دۇچار بولىدۇ.

1063قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir