مەكتۇپىنىڭ بىر پارچىسىدۇر

مەكتۇپىنىڭ بىر پارچىسىدۇر

[رىسالەئى نۇر قەھرىمانى خۇسرەۋنىڭ «مېۋىنىڭ ئون بىرىنچى مەسىلىسى» مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان مەكتۇپىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.]

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ(ئىسرا:44)

اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَ رَحْمَةُ اللّهِ وَ بَرَكَاتُهُ

بەكمۇ مۇبارەك، قىممەتلىك، قەدىردان ئۇستازىمىز:

  خەلق ۋە مەملىكەت ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ پايدىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مېۋە» رىسالىسى «توققۇز مەسىلە»سى بىلەن، دەھشەتلىك بىر زاماندا ۋە ۋەھشى ئاسىيلار ئىچىدە ئەڭ چوڭ دۈشمەنلەر ئارىسىدا ھەيران قالارلىق بىر سۈرەتتە شاگىرتلىرىغا نىجاتلىق بېرىشكە ۋاستە بولۇش بىلەنلا قالمىدى، ئونىنچى ۋە ئون بىرىنچى مەسىلىلىرى بىلەن، خۇسۇسەن نۇرنىڭ شاگىرتلىرىنى ھەقىقەت يوللىرىدا ئالقىشلىغان، بارىدىغان ھەقىقىي ماكانلىرى بولغان قەبىردىكى ئەھۋاللىرىدىن، ھەركىمنى تىترەتكەن ۋە بولۇپمۇ ئەھلى غەپلەت ئۈچۈن ناھايىتى قورقۇنچلۇق، ئەلەملىك، ئېچىنىشلىق بىر مەنزىل بولغان تۇپراق ئاستىدا، كۆرىشىدىغان ۋە سۆزلىشىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن پاراڭلىشىشنى ۋە ھەمراھلىقنى سۆيدۈرۈپ، بۇ ماكانغا تېخىمۇ بەك يېقىنلىق ئىزھار قىلىش ئارقىلىق بۇ قورقۇنچلۇق بولغان دەسلەپكى مەنزىلدىن ھەددىدىن زىيادە قورقۇشلىرىمىزنى يەڭگىللەشتۈردى، نەپەس ئالدۇردى. بولۇپمۇ ئۇ ئالەمنىڭ نۇرانىي ھاياتىنى مېنىڭدەك كۆرەلمىگەنلەرنىڭ قوللىرىدا نۇرلىرى يۈز مىڭلارچە يىللىق مۇساپىلەرگە ئۇزانغان بىر توك چىرىغى ھۆكمىگە ئۆتتى. ھەم دائىم پۇراپ تۇرىدىغان ئەۋرىشكىلىك بىر گۈل باغچىسى بولدى. شۇنداق، بىز سۆيۈملۈك ئۇستازىمىزغا ئىزھار قىلىمىزكى، ھەر كۈن دەرسىنى مۇئەللىمىگە ئوقۇپ ئۆتكۈزگەن بىر تالىپتەك، نۇردىن ئالغان فەيىزلىرىمىزنى ھەر ۋاقىت سۆيۈملۈك ئۇستازىمىزغا ئىزھار قىلىشنى خالايتتۇق. بىراق سۆيۈملۈك ئۇستازىمىز ھازىرچە سۆزلىشىشنى توختاتتى.

  ئەي ئەزىز ئۇستازىم! رىسالەئى نۇرنىڭ ھەقىقىتى، مېۋىنىڭ گۈزەللىكى ۋە چېچىكىنىڭ فەيزى مېنى مىننەتدارلىق بىلەن شەھرىمىزنىڭ نامىدىن بىرئاز سۆزلەتكۈزدى ۋە مېنىڭدەك سۆزلەيدىغان كۆپ قەلبلەرگە ھايات بەردى. ھازىر ئەتراپلىرىمىزدا رىسالەئى نۇرغا يۈزلەنگەن قەدەملەر ۋە ئۇزاتىلغان قوللار مېۋىنىڭ ئون بىرىنچى چېچىكى بىلەن تېخىمۇ بەك قۇۋۋەت تاپتى، تەرەققى قىلدى، پائالىيەتكە باشلىدى.

تولىمۇ ئەرزىمەس تالىپىڭىز

خۇسرەۋ

[ئىسپارتادىكى ئومۇم رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرى نامىدىن رامىزانلىق تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان ۋە ئون ئۈچ كالام قوشۇلۇپ بىرئاز مۇۋاپىق ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن بىر مەكتۇپتۇر.]

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ

  ئەي ئىسلام ئالىمىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئامانلىقى ئۈچۈن قۇرئاننىڭ فەيزى، رىسالەئى نۇرنىڭ ھەقىقىتى، سادىق شاگىرتلىرىنىڭ ھىممىتى بىلەن مۇبارەك كۆزلىرىدىن ياش ئورنىغا قان ئېقىتقان؛ ئەي ئاخىرزامان پىتنىسىنىڭ شۇ شاۋقۇنسۈرەن ۋە بورانچاپقۇنلۇق زامانىدا ھەزرەتى ئەييۇب ئەلەيھىسسالامدىن زىيادە كېسەللىكلەرگە ۋە دەرتلەرگە گىرىپتار بولغان؛ قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن، رىسالەئى نۇرنىڭ دەلىللىرى بىلەن ۋە شاگىرتلىرىنىڭ غەيرىتى بىلەن ئىسلام ئالىمىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى كېسەللىكلىرىنى لوقمان ھەكىمدەك داۋالاشقا تىرىشقان؛ ئەي مۇبارەك قوللىرىدىكى نۇر پارچىلىرىنىڭ ھەق ۋە ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى قۇرئاننىڭ ئوتتۇز ئۈچ ئايىتى بىلەن ۋە ھەزرەتى ئەلى، غەۋسۇل ئەزەمنىڭ كارامىتى بىلەن ئىسپات قىلغان؛ ئەي ئۆزى ئاغرىق، ياشانغان، زەئىپ ۋە بەكمۇ ئىچ ئاغرىتىلىدىغان بىر ھالدا تۇرۇقلۇق، ئىسلام ئالىمىگە ھەر كىمدىن زىيادە جېنىنى پىدا قىلىدىغان دەرىجىدە ئىچ ئاغرىتىپ، ئۆزىگە يامانلىق قىلماقچى بولغانلارغا قۇرئاننىڭ ھەقىقەتلىرى بىلەن، رىسالەئى نۇرنىڭ ھۆججەتلىرى بىلەن، نۇر تالىپلىرىنىڭ ساداقەتلىرى بىلەن خەيرلىك دۇئالار ۋە ياخشىلىق قىلىش بىلەن مۇئامىلە قىلغان؛ يازغان مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «ئايەتۇل كۇبرا»نىڭ بېسىلىشى سەۋەبلىك ئۆزىگە ۋە شاگىرتلىرىغا كەلگەن مۇسىبەتتە تۈرمىلەرگە چۈشكەن، ھەمدە ئۇ زىندانلارنى قۇرئاننىڭ ئىرشادى بىلەن، رىسالەئى نۇرنىڭ دەرسلىرى بىلەن، شاگىرتلىرىنىڭ ئىشتىياقلىرى بىلەن بىر مەدرىسەئى يۇسۇفىيەگە ئايلاندۇرغان ۋە بىر دەرسخانا قىلغان، ئىچىمىزدە ساۋاتسىز بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ دەرسخانىدا قۇرئاننى خەتمە قىلدۇرۇپ چىقارغان؛ ئۇ بالامۇسىبەتتە قۇرئاننىڭ مۇقەددەس قۇۋۋىتى بىلەن، رىسالەئى نۇرنىڭ تەسەللىسى بىلەن ۋە قېرىنداشلارنىڭ سەۋرچانلىقلىرى بىلەن، ياشىنىپ قالغان ۋە زەئىپ بولسىمۇ پۈتۈن ئېغىرلىقلىرىمىزنى ۋە يۈكلىرىمىزنى ئۈستىگە ئالغان؛ يازغان مېۋە ۋە مۇداپىئەنامە رىسالىلىرى بىلەن، قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ مۆجىزىلىكى بىلەن، رىسالەئى نۇرنىڭ قۇۋۋەتلىك بۇرھانلىرى (دەلىللىرى) بىلەن، شاگىرتلىرىنىڭ ئىخلاسى بىلەن ئۇ زىندان ئىشىكلىرىنى ﷲنىڭ ئىزنى بىلەن ئاچقۇزۇپ ئاقلىنىش قازاندۇرغان، ئۇ كۈندە بىزنى ۋە ئىسلام ئالىمىنى بايرام شاتلىقىغا چۆمدۈرگەن ۋە ھەقىقەتەن رىسالەئى نۇرلارنىڭ «نۇرۇن ئەلا نۇر» (نۇر ئۈستىگە نۇر) ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىپ، قىيامەتكە قەدەر ئەركىن ئوقۇلۇش ۋە يېزىلىشىغا ھەق قازاندۇرغان؛ ئىسلام ئالىمىنىڭ قۇرئانى ئەزىيمۇششاننىڭ (شانلىق قۇرئاننىڭ) مۇقەددەس غىزاسى بىلەن، نۇرنىڭ ئاخىرەتلىك تائامى بىلەن ۋە شاگىرتلىرىنىڭ ئىشتىھاسى بىلەن نان، سۇ ۋە ھاۋادەك بۇ نۇرلارغا ناھايىتى كۆپ ئېھتىياجى بار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ نۇرلارنى ئوقۇپ يازغانلاردىن مىڭلارچە ئىنساننىڭ ئىمان بىلەن قەبىرگە كىرگەنلىكىنى ئىسپات قىلغان؛ ئۆزىگە مەنسۇپ تالىپلىرىنى ھېچبىر يەردە مەغلۇب ۋە خىجىل قىلمىغان؛ بۈگۈنكى كۈندە قۇرئاننىڭ ساماۋىي دەرسلىرى بىلەن، رىسالەئى نۇرنىڭ ئاساسلىرى بىلەن، شاگىرتلىرىنىڭ پاراسىتى بىلەن، مېۋىنىڭ ئونىنچى، ئون بىرىنچى مەسىلە ۋە چېچەكلىرى بىلەن، پىراق ئوتىدا كېچەكۈندۈز كۆيگەن قەلبىمىزنى ئابى ھايات ۋە كەۋسەر شاراپلىرىدەك ئۇ مۇبارەك «مەسىلە» ۋە «چېچەكلەر» ئارقىلىق قەلبلىرىمىزنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ، شاتلىق ۋە سۆيۈنچكە غەرق قىلغان؛ ئەي ئالەمنىڭ (قۇرئانى ئەزىيمۇششاننىڭ قەتئىي ۋەدىسى ۋە تەھدىتى بىلەن، رىسالەئى نۇرنىڭ قەتئىي كەشفى بىلەن، مەرھۇم شاگىرتلىرىنىڭ كۆرۈشلىرى بىلەن ۋە ئۇلاردىكى قەبىر ئەھۋالىنى كۆرىدىغانلارنىڭ كۆرىشى بىلەن) ئەڭ كۆپ قورققان ئۆلۈمنى ئەھلى ئىمان ئۈچۈن ئەبەدىي يوقىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ بىر ئارامغا چىقىش كىنىشكىسىگە ئۆزگەرتكەن، نۇر ئالىمىگە بېرىش ئۈچۈن گۈزەل بىر سەپەر ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلغان؛ كاپىر ۋە مۇناپىقلار ئۈچۈن ئەبەدىي يوقىلىش (ھالاكەت) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ قىرىق مۆجىزىلىك تەرىپىنىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مىڭ مۆجىزىسىنىڭ تەستىقى ئاستىدىكى قەتئىي خەۋىرى بىلەن، ئۇنىڭدىن چىققان رىسالەئى نۇرنىڭ ئەڭ جاھىل دۈشمەنلىرىنى مەغلۇب قىلغان ھۆججەتلىرى بىلەن ۋە نۇر شاگىرتلىرىنىڭ كۆپ ئالامەتلەرنىڭ، تەجرىبىلەرنىڭ ۋە قانائەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن ئۇ قورقۇنچلۇق، قاراڭغۇ، سوغۇق ۋە تار قەبىرنى ئەھلى ئىمان ئۈچۈن جەننەت مەنزىللىرىدىن بىر ماكان ۋە جەننەت باغچىسىنىڭ بىر ئىشىكى ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلغان؛ كافىر، مۇناپىق ۋە دىنسىزلار ئۈچۈن جەھەننەم ئازگاللىرىدىن يىلان ۋە چايانلار بىلەن تولغان بىر ئازگال ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلغان ۋە ئۇ يەرگە كېلىدىغان مۈنكەرنەكىر ئىسمىدىكى پەرىشتىلەرنى ھەق ئەھلى ۋە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بىردىن دوست قېرىنداش قىلغان؛ رىسالەئى نۇرنىڭ شاگىرتلىرىنى ئىلىم تالىپى دائىرىسىگە داخىل قىلىپ، مۈنكەرنەكىر پەرىشتىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا رىسالەئى نۇر بىلەن جاۋاب بەرگەنلىكىنى مەرھۇم قەھرىمان شېھىد ھافىز ئەلىنىڭ ۋاپاتى بىلەن كەشف قىلغان، ھاياتتا بولغانلىرىمىزنىڭمۇ يەنە رىسالەئى نۇر بىلەن جاۋاب بېرىشىمىزنى ئىلاھىي رەھمەتتىن تىلىگەن ۋە يالۋۇرغان؛ ھەزرەتى قۇرئاننى قۇرئانى ئەزىيمۇششاننىڭ قىرىق تەبىقىدىن ھەر تەبىقىگە قارىتا بىر تۈرلۈك مەنىۋى مۆجىزىسىنى كۆرسىتىشى بىلەن، پۈتۈن كائىناتقا قارىغان ئەزەلىي كەلام بولىشى بىلەن، تەپسىرى بولغان رىسالەئى نۇرنىڭ «قۇرئان مۆجىزىلىرى» ۋە «رۇمۇزاتى سەمانىيە» رىسالىلىرى بىلەن ۋە رىسالەئى نۇرنىڭ گۈل فابرىكىسىنىڭ باش كاتىبىدەك قەھرىمان قېرىنداشلارنىڭ ۋە شاگىرتلارنىڭ پەۋقۇلئاددە غەيرەتلىرى بىلەن، سائادەت ئەسىرىدىن بېرى بۇنداق بىر شەكىلدە مۆجىزە بولۇپ يېزىلىشى ھېچ كىمگە نېسىپ بولمىسىمۇ، رىسالەئى نۇرنىڭ قەھرىمان بىر كاتىبى بولغان خۇسرەۋگە «ياز» ئەمرى بىلەن بۇيرۇلىشى نەتىجىسىدە لەۋھى مەھفۇزدىكى قۇرئاندەك يازدۇرغان؛ قۇرئانى ئەزىيمۇششاننىڭ كەلامۇللاھ (ﷲنىڭ كالامى) ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن ساماۋىي كىتابلارنىڭ ئەڭ بۈيۈكى ۋە ئەڭ ئۈستىنى ئىكەنلىكىنى، بىر فاتىھە ئىچىدە مىڭلارچە فاتىھە، بىر ئىخلاس ئىچىدە مىڭلارچە ئىخلاس بولۇپ، ھەرىپلىرىنىڭ بىردىن تاكى ئون، يۈز، مىڭ ۋە مىڭلارچە ساۋاب ۋە ياخشىلىق بېرىدىغانلىقىنى ھېچ كۆرۈلۈپ ۋە ئاڭلىنىپ باقمىغان شەكىلدە ناھايىتى ياخشى ۋە ھەيران قالارلىق بىر سۈرەتتە تەرىپلىگەن ۋە ئىسپات قىلغان؛ قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ مىڭ ئۈچ يۈز يىلدىن بېرى مۆجىزىلىكىنى كۆرسىتىشى ۋە قارشى چىققۇچىلىرىنى جىمىقتۇرىشى بىلەن، نۇرنىڭ كۆزلەرگە كۆرسىتىدىغان دەرىجىدە ئوچۇق دەلىللەر بىلەن ۋە نۇر شاگىرتلىرىنىڭ ئالماس قەلەملىرى بىلەن، بۇ زامانغا قەدەر مىسلى كۆرۈلمىگەن رىسالەئى نۇرنىڭ دۇنياغا پەرمان ئوقىغان ۋە ئەڭ جاھىل ۋە تەكەببۇرلارنى جىمىقتۇرغان «يىگىرمە بەشىنچى سۆز» ۋە قوشۇمچىلىرى قىرىق جەھەتتىن قۇرئاننىڭ مۆجىزە ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلغان؛ ئەي ھەزرەتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ۋە پۈتۈن بىر يۈز يىگىرمە تۆت مىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئۈستىنى ۋە سەييىدى ئىكەنلىكىگە دائىر مىڭلىغان مۆجىزىلىرىنى «مۇئجىزاتى ئەھمەدىيە» (ئە.س.م) نامىدىكى نۇر رىسالىسى بىلەن مۇكەممەل بىر سۈرەتتە ئىسپات قىلغان؛ قۇرئانى ئەزىيمۇششاننىڭ رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ «ئالەملەرگە رەھمەت» ئىكەنلىكىنى كائىناتقا ئېلان قىلىشى بىلەن، نۇرنىڭ باشتىنئاخىرىغا قەدەر ئۇنىڭ «ئالەملەرگە رەھمەت» ئىكەنلىكىنى بۇرھانلار بىلەن ئىسپات قىلىشى بىلەن، ئۇ رەسۇلنىڭ پېئىللىرى ۋە ئەھۋاللىرى كائىناتقا ئىقتىدا نەمۇنىسى بولىدىغان ئەڭ ساغلام، ئەڭ گۈزەل رەھبەر ئىكەنلىكىنى ھەتتا كورلارغىمۇ كۆرسىتىشى بىلەن، ئانادولۇ ۋە ئايرىم شەھەرلەردە نۇرنىڭ تارقىلىشى زامانىدا، بالالارنىڭ كۆتۈرىلىشى ۋە ئۆچۈرىلىشى بىلەن بولسا بالامۇسىبەتلەرنىڭ كېلىشىنىڭ شاھادىتى بىلەن، نۇر شاگىرتلىرىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر مۈشكىلاتلار ئىچىدە ئىنتايىن چىدامچانلىق كۆرسىتىپ خىزمەت ۋە ئالاقىلىرى ئارقىلىق ئۇ زاتنىڭ (ئە.س.م) سۈننەتى سەنىييەسىگە ئەگىشىشنىڭ نەقەدەر پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ زاماندا بىر سۈننەتكە ئەگىشىشتە يۈز شېھىدنىڭ ئەجرىنى قازىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە سەدىقە، قازا ۋە بالانى قانداق توسقان بولسا رىسالەئى نۇرنىڭمۇ ئانادولۇغا كېلىدىغان قازا ۋە بالانى يىگىرمە يىلدىن بېرى توسقانلىقىنى كۆرگەندەك دەرىجىدە ئىسپات قىلغان ناھايىتى ئەزىز ئۇستازىمىز ھەزرەتلىرى!… ھازىر شۇ رىسالەئى نۇرنىڭ ئاقلىنىشى باشتا سىز سۆيۈملۈك ئۇستازىمىزنى، ئاندىن بىز ئاجىز قۇسۇرلۇق تالىپلىرىڭىزنى، ئاندىن ئىسلام ئالىمىنى سۆيۈنچلەرگە غەرق قىلىپ ئىككىنچى چوڭ بىر ھېيت قىلغۇزغانلىقىدىن، سىز مۇبارەك ئۇستازىمىزنىڭ بۇ چوڭ مۇبارەك ھېيتىڭىزنى تەبرىك بىلەن ۋە يەنە ئۈچىنچى ھېيت بولغان مۇبارەك رامىزان ۋە قەدىر كېچىڭىزنى تەبرىكلەپ، مىسلىنىڭ كۆپلەپ كېلىشىگە مۇيەسسەر بولىشىمىزغا دۇئا قىلىشىڭىزنى ۋە بىز قۇسۇرلۇقلارنىڭ قۇسۇرلىرىمىزنىڭ كەچۈرىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ، ھەممىمىز سالام بىلەن مۇبارەك قوللىرىڭىزدىن سۆيىمىز ۋە دۇئالىرىڭىزنى خالايمىز ھۆرمەتلىك ھەزرىتىمىز.

  ئىسپارتا ۋە ئەتراپىدىكى رىسالەئى نۇر شاگىرىتلىرى

  ھەددىمدىن يۈز دەرىجە ئارتۇق بولغان بۇ مەكتۇپتا بايان قىلىنغانلارنى كىچىك پېئىللىق بىلەن رەت قىلىش نىمەتكە قارشى بىر تۇزكورلۇق ۋە پۈتۈن شاگىرتلارنىڭ ھۆسنى زەنلىرىگە* قارشى بىر پەس كۆرۈش بولىدىغانلىقى؛ ئەينەن قوبۇل قىلىش بولسا بىر مەغرۇرلىنىش، بىر مەنمەنچىلىك ۋە كىبىر بولۇپ قېلىشى جەھەتتىن، ئومۇم نامىغا رىسالەئى نۇر كاتىبىنىڭ يازغان بۇ ئۇزۇن مەكتۇبنىڭ بىر نۇسخىسىنى (ئون ئۈچ كالامنى قوشۇپ) ھەم بىر مەنىۋى شۈكۈر بولۇش، ھەم مەغرۇرلىنىشتىن ۋە نىمەتكە تۇزكورلۇق بولۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سىلەرگە ئەۋەتىۋاتىمەنكى، مېۋىنىڭ ئون بىرىنچى مەسىلىسىنىڭ ئاخىرىغا «رىسالەئى نۇرنىڭ ئىسپارتا ۋە ئەتراپىدىكى تالىپلىرىنىڭ بىر مەكتۇبىدۇر» دەپ قېتىلسۇن.

  مەن بۇ مەكتۇپنى توغرىلاپ يازدۇرىۋاتقان ۋاقىتتا، بىر كەپتەر ئىككى قېتىم يېنىمىزدىكى دېرىزىگە كەلدى. ئىچىگە كىرەتتى، جەيلاننىڭ بېشىنى كۆرۈپ كىرمىدى. بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن باشقىسى ئوخشاش شەكىلدە كەلدى. يەنە يازغاننى كۆردى، كىرمىدى. مەن دېدىم: بەلكىم بۇرۇنقى قۇشقاچ ۋە قۇددۇس قۇشىدەك خۇشخەۋەرچىلەردۇر. ياكى بولمىسا بۇ مەكتۇپتەك ھەر خىل مەكتۇپلارنى يازغانلىقىمىزدىن، مۇبارەك مەكتۇپنىڭ توغرىلىنىشى بىلەن مۇبارەكلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن كەلگەندۇر، دەپ قانائىتىمىز كەلدى.

سەئىد نۇرسى

—————————————————————-

*ھۆسنى زەن: بىر كىشى ياكى نەرسە ئۈستىدە ياخشى ئويلىنىش، گۈزەل تەرىپىنى ئويلىنىش.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.