نامازنىڭ شۇ مۇئەييەن بەش ۋاقىتقا بۆلۈنگەنلىكىنىڭ ھىكمىتىنى بىلەمسىز؟

توققۇزىنچى سۆز

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿فَسُبْحَانَ اللّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ وَلَهُ الْحَمْدُ فِى السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُون

سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە، كەچ ۋە پېشىندە ﷲقا تەسبىھ ئېيتىڭلار(ناماز ئوقۇڭلار)كى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەمدۇسانالارنىڭ ھەممىسى ﷲقا خاستۇر.(سۈرە رۇم: 17-18-ئايەت)

  ئەي بۇرادەر! مەندىن نامازنىڭ شۇ مۇئەييەن بەش ۋاقىتقا بۆلۈنگەنلىكىنىڭ ھىكمىتىنى سوراۋاتىسەن. ناھايىتى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن پەقەتلا بىرىسىگە ئىشارەت قىلىمىز.

  شۇنداق، ھەربىر نامازنىڭ ۋاقتى مۇھىم بىر ئۆزگىرىشنىڭ باشلىنىشى بولغىنىدەك، ﷲنىڭ بۈيۈك بىر تەسەررۇپىنى(باشقۇرىشىنى) ئېنىق كۆرسىتىدىغان ئەينەك، ھەمدە شۇ تەسەررۇپ ئىچىدە ﷲنىڭ ئومۇمى ئېھسانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ۋاقىت بولغاچقا، قادىرى زۇلجەلالغا ئۇ ۋاقىتلاردا تېخىمۇ كۆپ تەسبىھ (پاك قاراش)، تازىم (ئۇلۇغلاش) ۋە چەكسىز نىئمەتلىرىنىڭ ئىككى ۋاقىت ئوتتۇرىسىدا يىغىلغان يەكۈنىگە قارىتا تېخىمۇ كۆپ شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانا قىلىش دېمەكتىن ئىبارەت بولغان نامازغا ئەمر قىلىنغاندۇر.

  شۇ ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر مەنىنى بىر ئاز چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى «بەش نۇقتا»نى نەفسىم بىلەن ئاڭلاش لازىم:

  بىرىنچى نۇقتا: نامازنىڭ مەنىسى، ﷲقا سۇنۇلغان تەسبىھ، تازىم ۋە شۈكۈردۇر. يەنى، جەلالىغا (قۇسۇرسىز ئۇلۇغلىقىغا) قارىتا سۆز ۋە پېئىل جەھەتتىن «سۇبھاناللاھ» دەپ تەسبىھ قىلىش (پاك قاراش)، چەكسىز كامالىتىگە قارىتا تىل ۋە ئەمەل جەھەتتىن «ﷲ ئەكبەر» دەپ تازىم قىلىش (ئۇلۇغلاش) ۋە چەكسىز جامالىغا (گۈزەللىكىگە) قارىتا قەلب، سۆز ۋە بەدەن جەھەتتىن «ئەلھەمدۇلىللاھ» دەپ شۈكۈر قىلىشتۇر.

  دېمەك، تەسبىھ، تازىم ۋە تەھمىد (شۈكۈر) نامازنىڭ ئۇرۇقلىرى ھۆكمىدىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، نامازنىڭ ھەرىكەت ۋە زىكىرلىرىنىڭ ھەر تەرىپىدە بۇ ئۈچ سۆز بار. يەنە شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، نامازدىن كېيىن نامازنىڭ مەنىسىنى تەكىتلەش ۋە قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن شۇ مۇبارەك كەلىمىلەر ئوتتۇز ئۈچ قېتىمدىن زىكىر قىلىنىدۇ، نامازنىڭ مەنىسى شۇ ئىخچام خۇلاسىلەر بىلەن تەكرار قىلىنىدۇ.

  ئىككىنچى نۇقتا: ئىبادەتنىڭ مەنىسى شۇدۇركى، قۇل ﷲنىڭ دەرگاھىدا ئۆزىنىڭ قۇسۇرىنى، ئاجىزلىق ۋە پېقىرلىقىنى چۈشىنىپ قۇسۇرسىز رۇبۇبىيەت**، ئېھتىياجسىز قۇدرەت ۋە چەكسىز ئىلاھىي رەھمەت ئالدىدا ھەيرانلىق ۋە مۇھەببەت بىلەن سەجدە قىلىشتۇر. يەنى، رۇبۇبىيەتنىڭ سەلتەنىتى، قۇللۇق ۋە ئىتائەتنى خالىغىنىدەك، رۇبۇبىيەتنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە پاكلىقىمۇ قۇلنىڭ ئۆز قۇسۇرىنى بىلىپ ئىستىغفار قىلىش بىلەن بىرگە، رەببىنىڭ بارلىق ئەيىپلەردىن تامامەن پاك ۋە ئالى، ئازغۇنلارنىڭ باتىل پىكىرلىرىدىن چەكسىز يىراق ۋە مۇتلەق خالى، كائىناتتىكى پۈتۈن مەۋجۇداتلارنىڭ پۈتۈن قۇسۇرلىرىدىن مۇقەددەس ۋە مۇنەززەھ ئىكەنلىكىنى تەسبىھ قىلىش ئارقىلىق «سۇبھاناللاھ» دەپ ئېلان قىلىشىنى خالايدۇ.

  ھەم رۇبۇبىيەتنىڭ چەكسىز كامالەتتىكى قۇدرىتىمۇ، قۇلنىڭ ئۆز زەئىپلىكىنى ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ ئاجىزلىقىنى چۈشىنىپ، سەمەدانى***قۇدرەتنىڭ كۆرسىتىۋاتقان ھەشەمەتلىك ئەسەرلىرىگە قاراپ ئالقىش ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە «ﷲ ئەكبەر» دەپ، تۆۋەنچىلىك بىلەن رۇكۇغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئىلتىجا ۋە تەۋەككۈل قىلىشىنى خالايدۇ.

  ھەمدە رۇبۇبىيەتنىڭ چەكسىز رەھمەت خەزىنىسىمۇ، قۇلنىڭ ئۆز ئېھتىياجىنى ۋە پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ پېقىرلىق ۋە مۇھتاجلىقىنى دۇئا ۋە تەلەپ تىلى ئارقىلىق ئىزھار قىلىش، شۇنداقلا رەببىنىڭ چەكسىز ئېھسان ۋە ئىنئاملىرىنى شۈكۈر ۋە مەدھۇسانا ئارقىلىق ئەلھەمدۇلىللاھ دەپ ئېلان قىلىشىنى خالايدۇ. دېمەك، نامازدىكى ھەرىكەت ۋە سۆزلەر بۇ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ﷲ تەرىپىدىن ۋەزىپە قىلىپ بەلگىلەنگەندۇر.

  ئۈچىنچى نۇقتا: خۇددى ئىنسان شۇ چوڭ ئالەمنىڭ كىچىكلىتىلگەن مىسالى، فاتىھە سۈرىسى قۇرئان ئەزىيمۇششاننىڭ بىر نۇرانىي نەمۇنىسى بولغىنىدەك، نامازمۇ پۈتۈن ئىبادەتلەرنىڭ نۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرانىي خۇلاسە، ھەمدە پۈتۈن مەخلۇقات سىنىپلىرىنىڭ خىلمۇخىل ئىبادەتلىرىگە ئىشارەت قىلغان بىر مۇقەددەس خەرىتىدۇر.

  تۆتىنچى نۇقتا: ئالايلۇق، ھەپتىلىك بىر سائەت بار بولسا، ئۇ سائەتنىڭ سېكۇنت، مىنۇت، سائەت ۋە كۈنلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئىسترىلكىرى بىربىرىگە قارايدۇ، بىربىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ ۋە بىربىرىسىنى ئەسكە ئالدۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، جانابى ﷲنىڭ چوڭ بىر سائىتى بولغان شۇ دۇنيانىڭ سېكۇنتلىرى ھۆكمىدە بولغان كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىمىنۇتلىرىنى سانىغان يىللارسائەتلىرىنى سانىغان ئىنساننىڭ ئۆمۈر تەبىقىلىرى ۋە كۈنلىرىنى سانىغان ئالەم ئۆمرىنىڭ دەۋرلىرى بىربىرىگە قارايدۇ، بىربىرىنىڭ مىسالىدۇر، بىربىرىسىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، بىربىرىنى ئەسلىتىدۇ. مەسىلەن:

  بامدات نامىزى، كۈن چىقىشقا قەدەر، بىر يىلدىكى باھارنىڭ ئەۋۋىلىگە، ھەم ئىنساننىڭ ئانا رەھمىگە چۈشكەن ۋاقتىغا، ھەم ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ ئالتە كۈندە يارىتىلىشىنىڭ بىرىنچى كۈنىگە ئوخشايدۇ، ئەسلىتىدۇ ۋە ئۇلاردىكى ئىلاھىي تەسەررۇپنى ئەسكەرتىدۇ.

  پىشىن نامىزى بولسا، بىر كۈننىڭ ئوتتۇرىسى بولغىنىدەك، ياز پەسلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ھەم ياشلىق كامالىغا، ھەم دۇنيانىڭ ئۆمرىدە ئىنساننىڭ يارىتىلىش دەۋرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلارغا ئىشارەت قىلىدۇ، ئۇلاردىكى رەھمەت مېۋىلىرىنى ۋە نىئمەت فەيزلىرىنى ئەسلىتىدۇ.

  ئەسىر ۋاقتى بولسا، كۈز پەسلىگە، ھەم ئىنساننىڭ قېرىلىق ۋاقتىغا، ھەم ئاخىرزامان پەيغەمبىرىنىڭ (س.ئە.ۋ) سائادەت ئەسرىگە ئوخشايدۇ. شۇنداقلا ئۇلاردىكى ئىلاھىي تەسەررۇپ ۋە رەھمانى ئىنئاملارنى ئەسكەرتىدۇ.

  شام نامىزى بولسا، كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرلىرىدا كۆپلىگەن مەخلۇقاتلارنىڭ زاۋال تېپىشىنى، ھەم ئىنساننىڭ ۋاپاتىنى، ھەم دۇنيانىڭ قىيامەت باشلىنىشىدىكى خارابىيىتىنى ئەسكەرتىپ، ﷲنىڭ ھەيۋەت جىلۋىلىرىنى ئەسلىتىدۇ، شۇنداقلا ئىنساننى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتدۇ

  خۇپتەن ۋاقتى بولسا، قاراڭغۇلۇق ئالىمى كۈندۈز ئالىمىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى قارا كىپەن بىلەن يېپىشىنى، ھەم قىشنىڭ ئاق كىپەن بىلەن يەر يۈزىنى يېپىشىنى، ھەم ۋاپات قىلغان ئىنساننىڭ قېپقالغان ئەسەرلىرىنىڭمۇ ۋاپات قىلىپ ئۇنتۇلۇش پەردىسى ئاستىغا كىرىشىنى، ھەم بۇ ئىمتىھان دىيارى بولغان دۇنيانىڭ تامامەن يېپىلىشىنى ئەسكەرتىپ قەھھارى (قەھرلىك) زۇلجەلال بولغان ﷲنىڭ ھەيۋەتلىك تەسەررۇپلىرىنى ئېلان قىلىدۇ.

  كېچە ۋاقتى بولسا، ھەم قىشنى ھەم قەبىرنى ھەم بەرزەخ ئالىمىنى ئەسلىتىپ ئىنساننىڭ روھى رەھماننىڭ رەھمىتىگە قانچىلىك مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇ كېچىدىكى تەھەججۈد نامىزى بولسا، قەبىر كېچىسىدە ۋە بەرزەخ قاراڭغۇلىقىدا نەقەدەر مۇھىم بىر نۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئويغىتىدۇ، ھەمدە پۈتۈن بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە ھەقىقى نىئمەت بەرگۈچى ﷲنىڭ چەكسىز نىئمەتلىرىنى ئەسكە سېلىپ، ئۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ھەمدۇساناغا لايىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەتىكى تاڭ بولسا، ھەشر (قايتا تىرىلىش) تاڭىنى ئەسلىتىدۇ، شۇنداق، شۇ كېچىنىڭ تاڭى ۋە شۇ قىشنىڭ باھارى نەقەدەر ئەقىلگە ئۇيغۇن، زۆرۈر ۋە قەتئىي ئېنىق بولسا، ھەشر تاڭىمۇ، بەرزەخ باھارىمۇ شۇ قەتئىيلىكتىدۇر.

  دېمەك، بۇ بەش ۋاقىتنىڭ ھەر بىرى بىر مۇھىم ئۆزگىرىش بېشى بولۇپ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەتكىنىدەك، ھەر كۈندىكى سەمەدانىي قۇدرەت تەسەررۇپىنىڭ ئىشارىتى ئارقىلىق ھەم يىللىق ھەم ئەسىرلىك ھەم دەۋرلىك بولغان قۇدرەت مۆجىزىلىرىنى ۋە رەھمەت ھەدىيەلىرىنى ئەسلىتىدۇ. دېمەك، ئىنساننىڭ ھەقىقىي يارىتىلىش ۋەزىپىسى، ئىبادەت ئاساسى ۋە قەتئىي قەرز بولغان پەرز ناماز شۇ ۋاقىتلارغا لايىقتۇر، بەكمۇ مۇۋاپىقتۇر.

  بەشىنچى نۇقتا: ئىنسان يارىتىلىش جەھەتتىن ئىنتايىن زەئىپتۇر، ھالبۇكى ھەر نەرسە ئۇنىڭغا چېقىلىپ قايغۇرتىدۇ، بېسىم بېرىدۇ. ھەم ئىنتايىن ئاجىزدۇر، ھالبۇكى بالالىرى ۋە دۈشمەنلىرى بەك كۆپتۇر. ھەم غايەت دەرىجىدە پېقىردۇر، ھالبۇكى ئېھتىياجلىرى چەكسىزدۇر. ھەمدە ھورۇن ۋە ئىقتىدارسىزدۇر، ھالبۇكى ھاياتنىڭ يۈكلىرى بەكمۇ ئېغىردۇر. ھەم ئىنسانلىق ئۇنى كائىناتتىكى كۆپ نەرسىلەر بىلەن ئالاقىدار قىلغاندۇر، ھالبۇكى سۆيگەن ۋە كۆنگەن نەرسىلەرنىڭ پىراق بىلەن زاۋاللىققا يۈز تۇتىشى دائىم ئۇنى ئازاپلايدۇ. ھەم ئەقىل ئۇنىڭغا يۈكسەك مەقسەتلەرنى، دائىمىي مېۋىلەرنى كۆرسىتىدۇ، ھالبۇكى قولى قىسقا، ئۆمرى قىسقا، ئىقتىدارى قىسقا ۋە سەبرى قىسقىدۇر.

  مانا شۇنداق ۋەزىيەتتىكى بىر روھنىڭ بامدات ۋاقتىدا ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللاھىنىڭ، ھەممىدىن مېھرىبان شەپقەتلىك رەببىنىڭ دەرگاھىغا دۇئا ۋە ناماز بىلەن مۇراجىئەت قىلىپ، ئۆز ھالىنى ئىزھار قىلىشى، تەۋپىق ۋە مەدەت تىلىشىنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئالدىدىكى كۈندۈز ئالىمىدە بېشىغا كېلىدىغان، بېلىگە يۈكلىنىدىغان ئىشلىرىنى، ۋەزىپىلىرىنى كۆتۈرۈش، تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم بىر تايانچ كۈچ ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق چۈشىنىلىدۇ.

  پىشىن ۋاقتى، بۇ ۋاقىت كۈندۈزنىڭ تولغان ۋە قۇياشنىڭ قىيسىشقا مايىل بولغان، كۈندىلىك ئىشلارنىڭ مۇكەممەل ھالغا كەلگەن، مەشغۇلىيەتنىڭ بېسىملىرىدىن ۋاقىتلىق بىر تەنەپپۇسقا چىقىش زامانى شۇنداقلا فانىي دۇنيانىڭ داۋامسىز ۋە ئېغىر ئىشلىرى بەرگەن غەپلەت ۋە مەنىۋى ھارغۇنلۇقتىنمۇ روھنىڭ ئارامغا ئېھتىياج ۋاقتىھەمدە ﷲنىڭ ئىنئاملىرى ئوتتۇرىغا چىققان بىر چاغدۇر.

  مانا بۇ چاغدا ئىنسان روھى ئۇ بېسملاردىن قۇتۇلۇپ، ئۇ غەپلەتتىن سىيرىلىپ چىقىپ، ئۇ مەنىسىز ۋە داۋامسىز ئىشلاردىن ئايرىلىپ، قەييۇمى باقىي بولغان ھەقىقىي نىئمەت بەرگۈچىنىڭ دەرگاھىغا چىقىپ، قول باغلاپ، بەرگەن نىئمەتلىرىگە شۈكۈر ۋە ھەمد ئېيتىپ ياردەم تىلىمەك، چەكسىز بۈيۈكلىكىگە ۋە ھەيۋىتىگە قارىتا سەجدە قىلىپ ئۆزىنىڭ ھەيرانلىقىنى، مۇھەببىتىنى، ئەرزىمەسلىكىنى ئېلان قىلماقتىن ئىبارەت پىشىن نامىزىنى ئوقۇش نە قەدەر يۈكسەك، نە قەدەر ھۇزۇرلۇق، نە قەدەر زۆرۈر ۋە مۇناسىپ ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەن ئىنسان ئىنسان ئەمەس

  ئەسىر ۋاقتى بولسا، ئۇ ۋاقىت قايغۇلۇق كۈز پەسلىنى، ئىنساننىڭ ئەلەملىك قېرىلىق ھالىتىنى ۋە ئاخىرزاماننىڭ پەرىشان ئەسرىنى ئەسكە سالىدۇ، ھەم كۈندىلىك ئىشلار نەتىجىلىنىپ ئۇ كۈنى ئېرىشكەن سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ۋە خەيرلىك خىزمەتتەك ئىلاھىي نىئمەتلەرنىڭ بىر چوڭ يەكۈن ھاسىل قىلغان ۋە شۇنداقلا بۇ يوغان قۇياشنىڭ پېتىشقا مايىل بولۇشىنىڭ ئىشارىتى بىلەن، بۇ ۋەزىپىدار ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا بىر مېھمان ئىكەنلىكى ۋە ھەر نەرسىنىڭ ئۆتكۈنچى، تۇراقسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدىغان زاماندۇر. ئەمدى، ئەبەد خالىغان، ئەبەد ئۈچۈن يارىتىلغان، ئېھسانغا ئاشىق بولغان ۋە ئايرىلىشتىن ئىزتىراپ چەككەن ئىنساننىڭ روھى، ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ شۇ ۋاقىتتا ئەسىر نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ئەزەلى ۋە باقى، ئەبەدى ۋە قەييۇم بولغان ﷲنىڭ سەمەدانى دەرگاھىغا دۇئاتىلەكتە بولۇپ، چەكسىز ۋە زاۋالسىز بولغان رەھمىتىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئىلتىجا قىلىپ، ھېساپسىز نىئمەتلىرىگە شۈكۈر ۋە ھەمدۇساناسىنى ئىپادىلەپ، رۇبۇبىيتىنىڭ ئىززىتى ئالدىدا تۆۋەنچىلىك بىلەن رۇكۇغا بېرىپ، ئەبەدىي ئۇلۇغلىقىغا قارىتا يوقلۇق ھالىتىدە سەجدە قىلىپ، قەلبى ئۈچۈن ھەقىقى بىر تەسەللى، روھى ئۈچۈن ھەقىقى بىر راھەت تېپىپ، ھەشەمەتلىك ھۇزۇرىدا ئۆز قۇللۇقىنى ئىپادىلەش دېمەكتىن ئىبارەت بولغان ئەسىر نامىزىنى ئوقۇشنىڭ قانچىلىك يۈكسەك بىر ۋەزىپە، قانچىلىك مۇناسىپ بىر خىزمەت، نە قەدەر ئۇيغۇن بىر يارىتىلىش قەرزىنى ئادا قىلغانلىق، ھەتتا بەكمۇ ھۇزۇرلۇق بىر بەختسائادەت تاپقانلىق بولىدىغانلىقىنى ئىنسان بولغان چۈشىنىدۇ.

  شام ۋاقتى بولسا، ئۇ ۋاقىت قىش پەسلى باشلىنىپ ياز ۋە كۈز ئالىمىنىڭ نازىنىن ۋە گۈزەل مەخلۇقاتلىرىنىڭ قايغۇلۇق بىر ۋىدا بىلەن پاتماق زامانىنى ئەسلىتىدۇ. ھەم، ئىنساننىڭ ۋاپات قىلىپ بارلىق دوستيېقىنلىرىدىن بىر ئەلەملىك پىراق ئىچىدە ئايرىلىپ قەبىرگە كىرىش زامانىنى ئەسكە سالىدۇ. ھەم، دۇنيانىڭ سەكرات بىلەن تەۋرىنىش ئىچىدە ۋاپات قىلىپ پۈتكۈل ئاھالىسىنىڭ باشقا ئالەملەرگە كۆچىدىغان ۋە بۇ ئىمتىھان دىيارى لامپىسىنىڭ ئۆچىدىغان زامانىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇنداقلا زاۋاللىققا يۈز تۇتقۇچى مەھبۇبلارغا (سۆيۈلگۈچىلەرگە) ئاشىق بولغانلارنى قاتتىق ئويغىتىدىغان زاماندۇر. مانا شۇنداق بىر زاماندا، شام نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن يارىتىلىشىدىن باقىي بولغان ئىلاھىي جامالغا ئىشتىياقلىق بىر ئەينەك بولغان ئىنسان روھى، شۇ قەدەر بۈيۈك ئىشلارنى قىلىۋاتقان، بۇ ھەشەمەتلىك ئالەملەرنى باشقۇرۇپ ئالماشتۇرىۋاتقان ئەزەلى ۋە زاۋالسىز زاتنىڭ ئۇلۇغلۇق ئەرشىگە يۈزىنى بۇراپ، بۇ فانىيلەر دائىرىسىدە «ﷲ ئەكبەر» دەپ ئۇلاردىن قوللىرىنى تارتىپ، ئۇلۇغ خوجىسىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن قول باغلاپ، ھۇزۇرىدا قىيامدا تۇرۇپ «ئەلھەمدۇلىللاھ» دېيىش بىلەن، ئۇ دائىمى باقىينىڭ قۇسۇرسىز كامالىغا، مىسىلسىز جامالىغا ۋە چەكسىز رەھمىتىگە ھەمدۇسانا ئوقۇماق؛ ﴿اِيَّاكَ نَعْبُدُ وَ اِيَّاكَ نَسْتَعِينُ*****دېيىش بىلەن شېرىكسز ئۇلۇغلىقىغا، ياردەمچىسىز رۇبۇبىيىتىگە ۋە ۋەزىرسىز سەلتەنىتىگە قارىتا قۇللۇقىنى تەقدىم قىلىپ مەدەت سورىماق، ھەم چەكسىز بۈيۈكلىكىگە، چەكسىز قۇدرىتىگە ۋە نۇقسانسىز ئىززىتىگە قارىتا رۇكۇغا بېرىپ، پۈتۈن كائىناتتىكى مەۋجۇداتلار بىلەن بىللە زەئىپلىكىنى ۋە ئاجىزلىقىنى، پېقىر ۋە پەسلىكىنى ئىزھار قىلماق؛ سُبْحَانَ رَبِّىَ الْعَظِيمِ****** دېيىش بىلەن بۈيۈك بولغان رەببى ئەزىيمىنى تەسبىھ قىلىپ؛ ئۇ زاتنىڭ زاۋالسىز جامالىغا، ئۆزگەرمەس مۇقەددەس سۈپەتلىرىگە، ئالماشماس ئەبەدىي كامالىغا قارىتا سەجدە قىلىش بىلەن ھەيرانلىق ۋە تۆۋەنچىلىك ئىچىدە ئۇنىڭدىن غەيرىسىنى تەرك قىلىش ئارقىلىق مۇھەببەت ۋە قۇللۇقىنى ئىزھار قىلىپ، پۈتۈن فانىيلەرنىڭ ئورنىغا بىر باقىي بولغان جامال ساھىبىنى، بىر ئەبەدىي رەھمەت ئىگىسىنى تېپىپ سُبْحَانَ رَبِّىَ اْلاَعْلَى******دەپ زاۋال تېپىشتىن مۇقەددەس، پۈتۈن قۇسۇردىن پاك بولغان رەببى ئەئلاسىنى مۇقەددەسلىمەك؛ كېيىن تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ مۇبارەك ھايات ھەدىيەلىرىنى ۋە خالىس دۇئائىبادەتلىرىنى ئۆز نامىدىن ئۇ زاۋالسىز بولغان چەكسىز جامال ۋە ھەيۋەت ئىگىسىگە ھەدىيە قىلماق؛ ئۇ شەرەپلىك رەسۇلىغا سالام كەلتۈرۈش ئارقىلىق بەيئىتىنى يېڭىلاپ، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائىتىنى ئېلان قىلماق؛ ھەمدە ئىمانىنى يېڭىلاپ تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن شۇ كائىنات قەسرىدىكى چەكسىز ھىكمەتكە تولغان ئىنتىزاملارنى كۆرۈپ ئۇ ئۇلۇغ سەنئەتكارىنىڭ بىرلىكىگە شاھادەت كەلتۈرمەك، شۇنداقلا رۇبۇبىيەت سەلتەنىتىنىڭ تەبلىغچىسى، ئىلاھىي رازىلىقنىڭ ۋاستىچىسى ۋە كائىنات كىتابىنىڭ ئايەتلىرىنىڭ تەرجىمانى بولغان مۇھەممەدى ئەرەبى ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگىمۇ شاھادەت كەلتۈرمەك دېيىشلەردىن ئىبارەت بولغان شام نامىزىنى ئوقۇشنىڭ نەقەدەر يۈكسەك، نەقەدەر ئېسىل بىر ئىبادەت ئىكەنلىكىنى، نەقەدەر مۇھىم بىر ھەقىقەت، ھەمدە بۇ فانىي مېھمانخانىدا باقىيلارچە بىر سۆھبەت ۋە دائىمىيلارچە بىر سائادەت ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەن ئىنسان قانداق ئىنسان بولالايدۇ؟!

  خۇپتەن ۋاقتى بولسا، ئۇ ۋاقىت كۈندۈزنىڭ ئۇپۇقتا قېپقالغان ئەسەرلىرىمۇ يوقىلىپ، كېچە ئالىمىنى قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ. ﴿مُقَلِّبُ الَّيْلِ وَ النَّهَارِ (كېچە ۋە كۈندۈزنى ئالماشتۇرغۇچى) بولغان چەكسىز قۇدرەت ۋە ھەيۋەت ئىگىسىنىڭ ئۇ ئاق سەھىپىنى بۇ قارا سەھىپىگە ئايلاندۇرۇشىدىكى ئىلاھىي تەسەررۇپى بىلەن بىرگە، يازنىڭ زىننەتلىك يېشىل سەھىپىسىنى قىشنىڭ سوغۇق ئاق سەھىپىسىگە ئۆزگەرتىشىدىكى ﴿مُسَخِّرُ الشَّمْسِ وَ الْقَمَر (قۇياش ۋە ئاينى بويسۇندۇرغۇچى) بولغان چەكسىز ھىكمەت ۋە كامال ئىگىسىنىڭ ئىلاھىي ئىجرائىيىتىنى ئەسلىتىدۇ. ھەم زاماننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن قەبىرگە كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىنىڭمۇ بۇ دۇنيادىن ئالاقىسى كېسىلىپ تامامەن باشقا ئالەمگە ئۆتۈپ كېتىشىدىكى ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ ئۇلۇغ پائالىيەتلىرىنى ئەسكە سالىدۇ. شۇنداقلا، تار، فانىي، پەس دۇنيانىڭ تامامەن خاراپ بولۇپ، دەھشەتلىك سەكرات بىلەن ۋاپات قىلىپ، كەڭرى، ھەشەمەتلىك بولغان ئاخىرەت ئالىمىنىڭ ئېچىلىشىدىكى يەر ۋە ساماۋاتنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ ھەيۋەتلىك تەسەررۇپلىرىنى ۋە چەكسىز گۈزەللىكىنىڭ جىلۋىلىنىشلىرىنى ئەسلىتىدىغان بىر زاماندۇر.

  شۇنداق، شۇ كائىناتتىكى مەخلۇقاتنىڭ ھەقىقى مالىكى ۋە باشقۇرغۇچىسى، ھەقىقى مەبۇدى ۋە مەھبۇبى پەقەتلا كېچە ۋە كۈندۈزنى، ياز ۋە قىشنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى خۇددى بىر كىتابنىڭ سەھىپىلىرىدەك ئوڭايلىق بىلەن ئۆرۈيدىغان، يېزىپ ئۆچۈرىدىغان ۋە ئۆزگەرتەلەيدىغان زات بولالايدۇ. مانا بۇ ۋاقىت پۈتكۈل شۇ ئىشلارغا ھۆكۈم يۈرگۈزىدىغان ھەممىگە قادىر بىر ﷲنىڭ دەل ئەنە شۇ زات ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىدىغان بىر ۋەزىيەتتۇر.

  ئەمدى چەكسىز دەرىجىدە ئاجىز، زەئىپ، چەكسىز دەرىجىدە پېقىر، مۇھتاج بولغان، چەكسىز بىر ئىستىقبال قاراڭغۇلىقىغا شۇڭغىۋاتقان ۋە چەكسىز ھادىسىلەرنىڭ دولقۇنلىرى ئىچىدە چالقىنىۋاتقان ئىنسان روھى خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئەنە شۇ مەنىلەردىكى بۇ ۋاقىتتا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك ﴿لاَ اُحِبُّ اْلآفِلِينَ (زاۋال تاپقۇچىلارنى سۆيمەيمەن) دەپ ئۆلۈمى بولمىغان مەھبۇب، زاۋالى بولمىغان مەبۇدىنىڭ دەرگاھىغا ناماز بىلەن ئىلتىجا قىلىپ، شۇ فانىي ئالەمدە، فانىي ئۆمۈردە، زۇلمەتلىك دۇنيادا ۋە قاراڭغۇ ئىستىقبالدا بىر ئەبەدىي ۋە باقىي زاتقا ئىلتىجا قىلىپ بىر ئاز باقىيچە سۆھبەتتە بولۇپ، بىر قانچە مىنۇتلۇق بىر باقى  ئۆمۈر ئىچىدە ئۆز دۇنياسىغا نۇر چاچىدىغان، ئىستىقبالىنى پارلىتىدىغان، مەۋجۇداتنىڭ ۋە دوستيېقىنلىرىنىڭ زاۋال ۋە پىراق ئىچىدە ئايرىلىشىدىن ھاسىل بولغان يارىلىرىغا مەلھەم سۈرىدىغان رەھمانىررەھىمنىڭ شەپقەتلىك ئىلتىپاتىنى ۋە ھىدايەت نۇرىنى كۆرۈپ ئارزۇ قىلماق، ھەم ۋاقتىنچە ئۇنى ئۇنۇتقان ۋە يۇشۇرۇنغان دۇنيانى ئۇمۇ ئۇنۇتۇپ، قەلبىنىڭ يىغلىشى بىلەن رەھمەت دەرگاھىدا دەرت تۆكۈپھەم ئۆلۈمگە ئوخشايدىغان ئۇيقۇغا كىرشتىن بۇرۇن ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئاخىرقى ئىبادەت ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، كۈندىلىك ئەمەل دەپتىرىنى «گۈزەل خاتىمە» بىلەن ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن نامازغا تۇرماق؛ يەنى، فانىي بولغان بارلىق ياخشى كۆرگەنلىرىنىڭ ئورنىغا باقىي بولغان بىر مەبۇد ۋە مەھبۇبنىڭ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بارلىق ئاجىزلارنىڭ ئورنىغا چەكسىز سېخى بولغان بىر قادىرنىڭ، قورقۇپ تىترەۋاتقان بارلىق زىيان سالغۇچىلارنىڭ شەررىدىن (يامانلىقىدىن) قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇھاپىزەت قىلغۇچى بىر رەھىمنىڭ ھۇزۇرىغا چىقماق؛ ھەمدە فاتىھە بىلەن باشلاپ، ھېچ نەرسىگە يارىمىغان، تۇراقسىز بولغان نۇقسانلىق، پېقىر مەخلۇقاتلارغا مەدھۇسانا ۋە مىننەتدارلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا بىر مۇتلەق كامال ئىگىسى، مۇتلەق بايلىق ئىگىسى ۋە چەكسىز شەپقەت ۋە ساخاۋەت ئىگىسى بولغان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنى ھەمدۇسانا قىلماق؛ ھەم ﴿اِيَّاكَ نَعْبُدُ خىتابىغا تەرەققى قىلىپ، يەنى ئۆزى كىچىك، ئەرزىمەس، بىچارە بولسىمۇ، ئەزەل ۋە ئەبەد سۇلتانى بولغان قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىگە باغلىنىش ئارقىلىق شۇ كائىناتتىكى نازلىق بىر مېھمان ۋە مۇھىم بىر ۋەزىپىدار دەرىجىسىگە چىقىپ ﴿اِيَّاكَ نَعْبُدُ وَ اِيَّاكَ نَسْتَعِينُ دېيىش ئارقىلىق پۈتۈن مەخلۇقات نامىدىن كائىناتنىڭ ھەشەمەتلىك جامائىتى ۋە بۈيۈك جەمئىيىتىدىكى ئىبادەت ۋە مەدەت سوراشلارنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلماق؛ ھەم ﴿اِهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ*******دېيىش ئارقىلىق، ئىستىقبال قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە ئەبەدى سائادەتكە تۇتىشىدىغان سىراتەل مۇستەقىم بولغان نۇرانىي يولغا ھىدايەت قىلىنىشىنى خالىماق؛ ھەم، ھازىر ياتقان ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارغا ئوخشاش، يوشۇرۇنغان قۇياشلار، ئويغاق يۇلتۇزلارمۇ ئۆزىنىڭ بىردىن ئەسكىرىدەك ئەمرىگە ئىتائەتچان بولغان، بۇ ئالەم مېھمانخانىسىغا (ئۇلارنى) بىردىن لامپا ۋە خىزمەتكار قىلغان بۈيۈك ﷲنىڭ ھەيۋىتىنى ئويلاپ «ﷲ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارماقھەم، پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ بەكمۇ چۇڭلۇقتىكى سەجدىسىنى ئويلىنىپ، يەنى، شۇ كىچىدە ياتقان مەخلۇقاتلاردەكلا ھەر يىل ۋە ھەر ئەسىردىكى تۈرلۈك مەۋجۇدات، ھەتتا يەر شارى، ھەتتا دۇنيا خۇددى بىردىن مۇنتىزىم ئارمىيىدەك، بەلكى بىردىن ئىتائەتلىك ئەسكەردەكلا دۇنياۋى ئىبادەت ۋەزىپىسىدىن ﴿كُنْ فَيَكُونُ ئەمرى بىلەن بوشانغان چاغدا، يەنى، غەيب ئالىمىگە ئەۋەتىلگەن ۋاقىتتا، چەكسىز دەرىجىدە بىر ئىنتىزام بىلەن «زاۋال تېپىپ پاتماق» جاينامىزىدا «ﷲ ئەكبەر» دەپ «سەجدە» قىلىشلىرىدەك، ھەمدە يەنە ﴿كُنْ فَيَكُونُ ئەمرىدىن كەلگەن بىر ئويغىتىش ۋە قايتا تىرىلىش ساداسى بىلەن يېڭى باھاردا تەكرار يا ئەينى شەكىلدە يا ئوخشىشىپ كەتكەن شەكىلدە قايتا تىرىلىپ، قىيامدا تۇرۇپ رەببىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ھازىر بولۇشلىرىغا ئوخشاش، شۇ كىچىككىنە ئىنسانمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ، ئۇ چەكسىز كامال ئىگىسى بولغان رەھماننىڭ، ئۇ چەكسىز جامال ئىگىسى بولغان رەھىمنىڭ ئالى ھۇزۇرىدا ھەيرانلىق ئىچىدىكى بىر مۇھەببەت، باقىيلىق ئىچىدىكى بىر يوقلۇق، ئىززەتشەرەپ ئىچىدىكى بىر تۆۋەنچىلىك بىلەن «ﷲ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارماق، يەنى بىرخىل مىراجغا چىقماقتىن ئىبارەت بولغان خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇشنىڭ نەقەدەر ئېسىل، نەقەدەر شېرىن، نەقەدەر يۈكسەك، نەقەدەر ئەزىز، نەقەدەر مۇناسىپ ۋە نەقەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان بىر خىل ۋەزىپە، بىر خىل خىزمەت، بىر خىل ئىبادەت، بىر خىل مۇھىم ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئەلۋەتتە چۈشەندىڭ.

  دېمەك، شۇ بەش ۋاقىتنىڭ ھەر بىرى بىردىن چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىشارەتلىرى، ئۇلۇغ تەسەررۇپلارنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ئومۇمى ئىنئاملارنىڭ نىشانلىرى بولغانلىقتىن، بۇرچ ۋە قەرز بولغان پەرز نامازلارنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلارغا تەقسىماتى چەكسىز دەرىجىدە ھىكمەتلىكتۇر.

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ

اَللّهُمَّ صَلِّ وَ سَلِّمْ عَلَى مَنْ اَرْسَلْتَهُ مُعَلِّمًا لِعِبَادِكَ لِيُعَلِّمَهُمْ كَيْفِيَّةَ مَعْرِفَتِكَ وَ الْعُبُودِيَّةَ لَكَ وَ مُعَرِّفًا لِكُنُوزِ اَسْمَائِكَ وَ تَرْجُمَانًا ِلآيَاتِ كِتَابِ كَائِنَاتِكَ وَ مِرْآتًا بِعُبُودِيَّتِهِ لِجَمَالِ رُبُوبِيَّتِكَ وَ عَلَى آلِهِ وَ صَحْبِهِ اَجْمَعِينَ وَ ارْحَمْنَا وَ ارْحَمِ الْمُؤْمِنِينَ وَ الْمُؤْمِنَاتِ آمِينَ بِرَحْمَتِكَ يَا

اَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ

———————————————-

*سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە، كەچ ۋە پېشىندە ﷲقا تەسبىھ ئېيتىڭلار(ناماز ئوقۇڭلار)كى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەمدۇسانالارنىڭ ھەممىسى ﷲقا خاستۇر. سۈرە رۇم: 17-18

**زۇلجەلال: قۇسۇرسىز ھەيۋەت ۋە ئۇلۇغلۇق ئىگىسى.-ت

***رۇبۇبىيەت: ﷲنىڭ تەربىيىلەش، بېقىش، باشقۇرۇش سۈپىتى. («رەب»لىك)-ت

****سەمەدانىي: ھەرنەرسە ئۇنىڭغا مۇھتاج بولۇپ، ئۆزى ھېچ نەرسىگە مۇھتاج بولمىغان ﷲقا سەمەد»كە) ئائىت.-ت

*****قەييۇم: ھەر شەيئى پەقەت ئۇ ئارقىلىق شۇنداق (قىيامدا) تۇرىدىغان، ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولغان ﷲ.-ت

******پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز.(سۈرە فاتىھە: 5)

******ئۇلۇغ بولغان رەببىم پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن پاكتۇر.-ت

*******ھەممىدىن ئالى بولغان رەببىم پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن پاكتۇر.-ت

********بىزنى ئەڭ توغرا يولغا باشلىغىن. (سۈرە فاتىھە: 6)

942قېتىم كۆرۈلدى

Bir Cevap Yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir