نىمە ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر كۆپ قېتىم ئەھلى زالالەتكە قارشى مەغلۇپ بولغان؟؟؟

  توققۇزىنچى ئىشارەت: سوئال: ھىزبۇللاھ(ﷲ يولىدىكىلەر) بولغان ئەھلى ھىدايەت، باشتا پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ بېشىدا پەخرى ئالەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام نىڭ ئۇ قەدەر ئىنايەت ۋە رەھمەت؛ ۋە ياردىمىگە ئىگە بولغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ھىزبۇششەيتان بولغان ئەھلى زالالەتكە كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغان؟ ھەم خاتەمۇل ئەنبىيا بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇياشتەك پارلاق پەيغەمبەرلىك ۋە رىسالىتىنى، ھەمدە قۇرئاننىڭ مۆجىزىسى بىلەن قىلغان تەسىرى بەكمۇ كۈچلۈك دورىدەك بولغان ئىرشادلىرىنى، شۇنداقلا كائىناتتىكى ئومۇمىي جەزبىدىن تېخىمۇ جەزبىدار بولغان قۇرئان ھەقىقەتلىرىنى يېقىندىن كۆرگەن مەدىنە مۇناپىقلىرىنىڭ زالالەتتە چىڭ تۇرۇشلىرى ۋە ھىدايەتكە كىرمەسلىكلىرى نېمە ئۈچۈندۇر ۋە ھىكمىتى نېمىدۇر؟

  جاۋاب: بۇ مۇدھىش ئىككى سوئالنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چوڭقۇر بىر ئاساسنى بايان قىلىش لازىم كېلىدۇ.

  شۇ كائىناتنىڭ خالىقى زۇلجالالىنىڭ (ياراتقۇچىسىنىڭ) ھەم جامالىي، ھەم جالالىي ئىككى قىسىم ئىسىملىرى بولغانلىقتىن، ھەمدە ئۇ جامالىي ۋە جالالىي ئىسىملار ھۆكۈملىرىنى ئايرىمئايرىم جىلۋىلەر بىلەن كۆرسىتىشنى ئىقتىزا قىلغانلىقلىرىدىن خالىقى زۇلجالال كائىناتتا زىتلارنى بىربىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ بىربىرىنىڭ قارشىسىغا كەلتۈرۈپ، بىربىرىگە ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ۋەزىيىتىنى بەرگەن. شۇنداقلا ھىكمەتلىك ۋە مەنپەئەتدار بولغان بىر تۈرلۈك كۈرەش(ئۇرۇشۇش) ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن زىتلارنى بىربىرىنىڭ چېگراسىغا ئۆتكۈزۈپ، ئىختىلاپ ۋە ئۆزگۈرۈشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق كائىناتنى ئۆزگۈرۈش قانۇنىيىتى ۋە تاكامۇللىشىش دەستۇرىغا ئەگىشىدىغان قىلغانلىقى ئۈچۈن؛ ئۇ يارىتىلىش دەرىخىنىڭ مۇجەسسەم بىر مېۋىسى بولغان ئىنسان تۈرىدە ئۇ كۆرەش قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ئاجايىپ بىر شەكىلگە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئىنسانىي تاكاممۇللىشىشلارغا سەۋەب بولىدىغان بىر مۇجاھەدە(كۈرەش) ئىشىكىنى ئېچىپ، ھىزبۇللاھقا قارشى مەيدانغا چىقالىشى ئۈچۈن، ھىزبۇششەيتانغا بەزى تۈزۈلمىلەرنى بەرگەندۇر.

  مانا بۇ ئىنچىكە سىرغا بىنائەن، پەيغەمبەرلەر كۆپ قېتىم ئەھلى زالالەتكە قارشى مەغلۇپ بولغان. ھەمدە غايەت زەئىپلىك ۋە ئاجىزلىقتىكى زالالەت ئەھلى، مەنىۋى جەھەتتىن غايەت قۇۋۋەتلىك بولغان ئەھلى ھەقتىن ۋاقتىنچە غالىپ كېلىدۇ ۋە قارشىلىق كۆرسىتەلەيدۇ. بۇ ئاجايىپ قارشىلىقنىڭ سىرى ۋە ھىكمىتى شۇدۇركى، زالالەتتە ۋە كۇفۇردا ھەم ئەدەم(يوقلۇق) ھەم تەرك باركى، ناھايىتى قولايدۇر، ھەرىكەت خالىمايدۇ. ھەم بۇزغۇنچىلىق باركى، ئاسانلا مەقسىدىگە يېتىدۇ، ئاز بىر ھەرىكەت كۇپايىدۇر. ھەم تاجاۋۇز باركى، ئاز بىر ئىش بىلەن كۆپلەرگە زىيان بېرىپ، قورقۇتۇش ۋە فىرئەۋىنلىق قىلىش جەھەتتە ئۇلارغا بىر مەرتىۋە قازاندۇرىدۇ. ھەم ئاقىۋەتنى كۆرمىگەن ۋە كۆز ئالدىدىكى بىر زوققا مۇپتىلا بولغان ئىنساندىكى ئۆسۈملۈكچە ۋە ھايۋانچە ھېسلارنىڭ تەمىن قىلىنىشى، لەززىتى ۋە ھۆرلۈكى باركى، ئەقىل ۋە قەلبكە ئوخشاش ئىنسانىي ھېستۇيغۇلارنى ئىنسانلارچە ۋە ئاقىۋەتنى ئويلايدىغان ۋەزىپىلىرىدىن ۋاز كەچكۈزىدۇ. ئەھلى ھىدايەت ۋە باشتا ئەھلى نۇبۇۋۋەت(پەيغەمبەرلەر) ۋە باشتا ھەبىبى رەببىلئالەمىين بولغانرەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۇقەددەس مەسلىكىدە، ھەم ۋۇجۇدىي، ھەم مۇسبەت، ھەم قۇرۇش، ھەم ھەرىكەت، ھەم مەيدانىدا ئىستىقامەت، ھەم ئاقىۋەتنى ئويلاش، ھەم ئۇبۇدىيەت(قۇللۇق)، ھەم نەفسى ئەممارىنىڭ فىرئەۋىنلىقىنى، ئەركىنلىكىنى سۇندۇرۇشقا ئوخشاش مۇھىم ئاساسلار بولغانلىقتىندۇركى، مەدىنەئى مۇنەۋۋەرەدە بولغان ئۇ زاماننىڭ مۇناپىقلىرى، ئۇ پارلاق قۇياشقا قارىتا شەپەرەڭگە ئوخشاش كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ئۇ چوڭ جەزىبىگە(تارتىش كۈچىگە) قارىتا شەيتانىي بىر تېپىش كۈچكە يېپىشىپ زالالەتتە قالغاندۇر.

  ئەگەر دېيىلسە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مادەم ھەبىبى رەببىلئالەمىيندۇر. ھەم قولىدىكىسى ھەق، تىلىدىكىسى ھەقىقەتتۇر ۋە قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمى مالائىكىلەردۇر. ھەم بىر ئوچۇم سۇ بىلەن بىر قوشۇننى تەمىنلەيدۇ، تۆت چاڭگال بۇغداي ۋە بىر ئوغلاقنىڭ گۆشى بىلەن مىڭ ئادەمنى تويغۇزىدىغان زىياپەت بېرىدۇ. ھەمدە كۇففار قوشۇنىنىڭ كۆزلىرىگە بىر چاڭگال توپا چېچىش بىلەن، ئۇ بىر چاڭگال توپىدىن ھەر كۇففارنىڭ كۆزىگە بىر چاڭگالدىن توپا كىرىپ ئۇلارنى قاچۇرىدۇۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان مىڭلارچە مۆجىزىنىڭ ساھىبى بولغان بۇ رەببانىي قۇماندان قانداقلارچە ئوھۇد غازىتىنىڭ ئاخىرىدا ۋە ھۈنەين غازىتىنىڭ بېشىدا مەغلۇپ بولىدۇ؟

  جاۋاب: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئىنسانىيەتكە مۇقتەدا(ئىقتىدا قىلىنىدىغان)، ئىمام ۋە رەھبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى بولسا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە شەخسىي ھاياتقا دائىر دەستۇرلارنى ئۇنىڭدىن ئۈگىنىشى ۋە ھەكىمى زۇلجالالنىڭ فىترىي قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىشقا كۆنىشى، ھەمدە ھىكمەت دەستۇرلىرىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئىجتىمائىي ۋە شەخسىي ھاياتىدا ھەر دائىم ھەيران قالارلىق ئىشلارغا ۋە مۆجىزىلەرگە تايانغان بولسا، مۇتلەق ئىمام ۋە ئەڭ چوڭ رەھبەر بولالمايتتى.

  مانا بۇ سىر ئۈچۈندۇركى، پەقەتلا دەۋاسىنى تەستىق قىلغۇزۇش ئۈچۈن ئانچەمۇنچە ئېھتىياجلىق ۋاقىتلاردا ئەھلى ئىنكارنىڭ ئىنكارىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن مۆجىزىلەرنى كۆرسىتەتتى. باشقا ۋاقىتلاردا بولسا ﷲنىڭ ئەمىرپەرمانلىرىغا ھەركىمدىن كۆپرەك ئىتائەت قىلغىنىدەك، ئىلاھىي ھىكمەت ۋە سۇبھانىي ئىرادە بىلەن تەسىس قىلىنغان ئادەتۇللاھ* قانۇنلىرىغىمۇ ھەركىمدىن كۆپرەك رىئايە ۋە ئىتائەت قىلاتتى. دۈشمەنگە قارشى ساۋۇت(جەڭ كىيىمى) كىيەتتى، «قالقان تۇتۇڭلاردەپ ئەمىر قىلاتتى. يارىلىناتتى، ئازاپ چېكەتتى. چۈنكى ﷲنىڭ ھىكمەت قانۇنىغا ۋە كائىناتتىكى شەرىئەتى فىترىيەئى كۇبراغا (ﷲنىڭ تەبىئەتكە قويغان بۈيۈك قانۇنىيەتلىرىگە) تامامەن رىئايە قىلىشى ۋە ئىتائەت كۆرسىتىشى كېرەكتى.

———————————————

*ھەبىبى رەببىلئالەمىين: ئالەملەرنىڭ رەببى ئەڭ سۆيگەن زات رەسۇلەللاھ، ھەبىبۇللاھ.

**ئادەتۇللاھ: تەبىئەت دۇنياسىدا ﷲ ئىرادىسى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ كونترول قىلماقتا بولغان فىترىي قانۇنىيەتلەر. («تەبىئىي قانۇنىيەتلەر» دېيىش خاتادۇر.)

—————————————————–

  تۆتىنچى سوئال: ئەھلى زالالەتنىڭ قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە كۆرسەتكەن قۇۋۋەتلىرى، ھەمدە ئەھلى ھىدايەتكە قارشى غالىبىيەتلىرى كۆرسىتىدۇكى، ئۇلار بىر قۇۋۋەتكە ۋە بىر ھەقىقەتكە تايىنىۋاتىدۇ. دېمەك يا ئەھلى ھىدايەتتە زەئىپلىك بار، ياكى ئۇلاردا بىر ھەقىقەت بار؟(دېيىش توغرىمۇ؟)

  جاۋاب: ھاشائۇلاردىمۇ ھەقىقەت يوق ۋە ئەھلى ھەقتىمۇ زەئىپلىك يوق. ئەپسۇسكى، نەزەر دائىرىسى تار، مۇھاكىمىسىز بىر قىسىم ئاۋام خەلق ئىككىلىنىپ ۋەسۋەسىگە چۈشۈۋاتىدۇ ۋە ئەقىدىلىرىگە زىيان يېتىۋاتىدۇ. چۈنكى دەيدۇكى: «ئەگەر ئەھلى ھەقتە تامامەن ھەق ۋە ھەقىقەت بولغان بولسا، بۇ قەدەر مەغلۇپ بولمايتتى ۋە خورلۇق تارتمايتتى. چۈنكى ھەقىقەت قۇۋۋەتلىكتۇر. اَلْحَقُّ يَعْلُو وَلاَ يُعْلَى عَلَيْهِ دېگەن ئاساسىي قائىدىگە بىنائەن، قۇۋۋەت ھەقتىدۇر. ئەگەر ئۇ ئەھلى ھەققە قارشى غالىب كەلگەن ئەھلى زالالەتنىڭ ھەقىقىي بىر قۇۋۋىتى ۋە بىر تايىنىش نۇقتىسى بولمىغان بولسا، بۇ دەرىجىدە غەلىبە ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەسلىكى كېرەك ئىدى»؟

  جاۋاب: ئەھلى ھەقنىڭ مەغلۇبىيىتى قۇۋۋەتسىزلىكتىن، ھەقىقەتسىزلىكتىن كەلمىگەنلىكى يۇقىرىقى ئىشارەتلەردە قەتئىي ئىسپات قىلىنغىنىدەك، ئەھلى زالالەتنىڭ غەلىبىسى قۇۋۋەتلىرىدىن، ئىقتىدارلىرىدىن ۋە تايىنىش نۇقتىسى تاپقانلىقىدىن كەلمىگەنلىكى يەنە ئۇ ئىشارەتلەردە قەتئىي ئىسپات قىلىنغانلىقتىن بۇ سوئالنىڭ جاۋابى يۇقىرىقى ئىشارەتلەرنىڭ خۇلاسىسىدۇر. پەقەت بۇ يەردە بەزى ھىيلىلىرىگە ۋە قوللانغان بىر قىسىم قوراللىرىغا ئىشارەت قىلىمىز:

  مەن ئۆزۈم قايتاقايتا كۆردۈمكى، يۈزدە ئون بۇزغۇنچى يۈزدە توقسان سالىھ ئىنسانلارنى مەغلۇپ قىلىۋاتاتتى. ھەيرانلىق بىلەن قىزىقتىم. تەتقىق قىلغاندىن كېيىن قەتئىييەن چۈشەندىمكى، ئۇ غەلىبە قۇۋۋەتتىن، قۇدرەتتىن كەلمەيۋاتىدۇ، بەلكى بۇزۇشتىن، پەسلىكتىن، پىتنەپاساتتىن ۋە ئەھلى ھەقنىڭ ئىچىدىكى ئىختىلاپتىن پايدىلنىشتىن، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىختىلاپ تۇغدۇرۇشتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاجىز ھېسسىياتلىرىنى ئىشلىتىشتىن، مەنفىي تەلقىنلەردىن، ھەمدە نەفسانىي ھېسلىرىنى ۋە شەخسىي غەرەزلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتىن، ئىنساننىڭ ماھىيىتىدىكى زىيانلىق مەدەنلەر ھۆكمىدە بولغان ناچار قابىلىيەتلەرنى ئىشلەتكۈزۈشتىن، شانشەرەپ نامىدىن رىياكارلىق بىلەن نەفىسنىڭ فىرئەۋىنلىقىنى پەپىلەشتىن، شۇنداقلا ۋىجدانسىزلارچە بۇزغۇنچىلىقلىرىنى كۆرۈپ ھەممە ئادەمنىڭ قورقۇشىدىن كېلىۋاتىدۇ. ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش شەيتانىي ھىيلىلەر ۋاستىسى بىلەن ۋاقتىنچە ئەھلى ھەق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئەمما ﴿وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ﴾(ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ) سىرى بىلەن، اَلْحَقُّ يَعْلُو وَلاَ يُعْلَى عَلَيْهِ دەستۇرى بىلەن: ئۇلارنىڭ ئۇ ۋاقىتلىق غەلبىلىرى، مەنپەئەت جەھەتتىن ئۇلار ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز بولۇش بىلەن بىللە، جەھەننەمنى ئۆزلىرىگە، جەننەتنى ئەھلى ھەققە قازاندۇرۇشلىرىغا سەۋەبتۇر.

  مانا زالالەتتە، ئىقتىدارسىزلارنىڭ كۈچلۈك كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئەھمىيەتسىزلەرنىڭ شۆھرەت قازىنىدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇركى، مەنمەنچى، شۆھرەتپەرەست، رىياكار ئىنسانلار ئاز بىر ئىش بىلەن ئىقتىدارلىرىنى كۆرسىتىش ۋە قورقۇتۇش ياكى زىيانغا ئۇچرىتىش جەھەتىدىن بىر مەرتىۋە قازىنىش نىيىتى بىلەن، نەتىجىدە كۆرۈنۈش ۋە دىققەتنەزەرلەرنى ئۆزىگە مەزكەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەھلى ھەققە مۇخالىپلىق ۋەزىيىتىگە كىرىدۇ. ئىقتىدار ۋە قۇدرەت بىلەن ئەمەس، بەلكى تەرك قىلىپلا ۋەياكى بىر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلمايلا تېرىغان بۇزغۇنچىلىقلار ئۇنىڭ نامىدىن دېيىلىپ، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ گېپىنى قىلسۇن ئۈچۈنمۇ ئەھلى ھەق بىلەن قارشىلىشىدۇ. شۇنداق شۆھرەت ساراڭلىرىدىن بىرىسى نامازگاھنى ناپاك قىلىپتۇ، مەقسىدى ھەممە ئادەم ئۇنى تىلغا ئېلىپ گېپىنى قىلىشى ئىكەن. ھەتتا كىشىلەر لەنەتلەر بىلەن ئۇنىڭ گېپىنى قىلىشقان بولسىمۇ، شۆھرەتپەرەستلىك ھېسسى بىلەن بۇ لەنەتلىك شۆھرەتتىن سۆيۈنگەنىكەن، دەپ بۇ مىسال تىللاردا كېزىپ يۈرىدۇ.

  ئەي باقىي ئالەم ئۈچۈن يارىتىلغان ۋە فانىي ئالەمگە مۇپتىلا بولغان ئىنسان! ﴿فَمَا بَكَتْ عَلَيْهِمُ السَّمَاءُ وَ اْلاَرْضُ﴾(دۇخان:29) ئايىتىنىڭ سىرىغا دىققەت قىل، قۇلاق سال! نېمە دەۋەتقانلىقىغا قارا! ئېنىق مەنىسى بىلەن پەرمان قىلىدۇكى: «زالالەت ئەھلىنىڭ ئۆلىشى بىلەن ئىنسان بىلەن ئالاقىدار بولغان ئاسمانلار ۋە زېمىن ئۇلارنىڭ مىيىتلىرى ئۈستىدە يىغلىمايدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆلىشى بىلەن مەمنۇن بولىدۇئەمما ئىشارىي مەنىسى بىلەن ئىپادە قىلىدۇكى: «ھىدايەت ئەھلىنىڭ ئۆلىشى بىلەن ئاسمانلار ۋە زېمىن ئۇلارنىڭ مىيىتلىرى ئۈستىدە يىغلايدۇ، ئۇلارنىڭ پىراقىنى خالىمايدۇچۈنكى، ئەھلى ئىمان بىلەن پۈتكۈل كائىنات ئالاقىداردۇر ۋە ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولىدۇ. ئىمان بىلەن كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، كائىناتنىڭ(مەۋجۇداتىنىڭ) قىممىتىنى تەقدىرلەپ، ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. زالالەت ئەھلىگە ئوخشاش ھاقارەت قىلمايدۇ، مەنىۋى ئاداۋەت ساقلىمايدۇ.

  ئەي ئىنسان، ئويلان! سەن خالىساڭمۇ، خالىمىساڭمۇ ئۆلىسەن. ئەگەر نەفىس ۋە شەيتانغا ئەگەشسەڭ، سېنىڭ قوشنىلىرىڭ، بەلكى ئۇرۇقتۇغقانلىرىڭ سېنىڭ يامانلىقىڭدىن قۇتۇلۇشتىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم دەپ، قۇرئان ۋە ھەبىبى رەھمانغا (ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) ئەگەشسەڭ، ئۇ چاغدا ئاسمانلار ۋە زېمىن ۋە مەۋجۇداتلار (ھەركىمنىڭ دەرىجىسىگە نىسبەتەن بولغىنىدەك)، سېنىڭ دەرىجەڭگە قارىتا سېنىڭ دۇنيادىن كېتىشىڭدىن ئازاپلىنىپ، مەنەن يىغلايدۇ. ئۇلۇغ بىر ماتەم بىلەن، ھەشەمەتلىك بىر ئاق يول تىلەش ئارقىلىق قەبىر ئىشىكى ئارقىلىق كىرگەن باقىي ئالەمدە سېنىڭ دەرىجەڭگە قارىتا سەن ئۈچۈن بىر گۈزەل ئىستىقبال بار ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىشىدۇ.

————————————————

*ھەق ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭغا ئۈستۈن كەلگىلى بولمايدۇ.

654قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir