نېمىشقا ئىسلام خەلىپىلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالى بەيتىدە داۋاملاشمىدى؟

بىر مۇھىم سوئال: «ھەزرەتى ئەلى ئۇ دەرىجىدە خەلىپىلىككە لايىق بولغان، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا يېقىنلىقى، ھەمدە ھەيران قالارلىق جاسارەت ۋە ئىلىم ئىگىسى تۇرۇقلۇق، نېمىشقا خەلىپىلىككە ئاۋۋال ئۆتمىدى ۋە نېمىشقا ئۇنىڭ خەلىپىلىكى زامانىدا ئىسلام نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلارغا دۇچار بولدى؟…» دېيىلىۋاتىدۇ.

جاۋاب: ئالى بەيتتىن بىر قۇتبى ئەئزەم دېگەنكى: «رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەزرەتى ئەلىنىڭ(ر.ئە) خەلىپىلىكىنى ئارزۇ قىلغان، ئەمما غەيىپتىن ئۇنىڭغا بىلدۈرۈلگەنكى، ﷲنىڭ ئىرادىسى باشقىدۇر. ئۇمۇ ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپ، ﷲنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنغانﷲنىڭ ئىرادىسىنىڭ ھىكمەتلىرىدىن بىرى شۇ بولىشى كېرەككى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئەڭ زىيادە ئىتتىپاقلىشىشقا ۋە بىرلىشىشكە مۇھتاج بولغان ساھابىلەر، ئەگەر ھەزرەتى ئەلى باشقا ئۆتكەن بولسا، ھەزرەتى ئەلىنىڭ زامانىدا مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن، ھەمدە ھەزرەتى ئەلىنىڭ قورقماس، پەرۋاسىز، توق كۆز، زاھىدلارچە ۋە قەھرىمانلارچە ھالىتى ۋە ئالەمگە مەشھۇر شۆھرىتى ئېتىبارى بىلەن، كۆپ زاتلاردا ۋە قەبىلىلەردە رىقابەت ھېسسىنى قوزغىتىپ، بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولۇش ئىھتىماللىقى كۈچلۈك ئىدى. ھەم ھەزرەتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ كەينىگە سۈرۈلىشىنىڭ بىر سىرى شۇدۇركى، بەكمۇ كۆپ خىل قەۋملەرنىڭ بىربىرىگە ئارىلىشىشى بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ خەۋەر بەرگىنىدەك، كېيىن مەيدانغا چىقىدىغان يەتمىش ئۈچ پىرقە پىكىرلىرىنىڭ ئاساسلىرىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئۇ قەۋملەر ئىچىدە، فىتنە قوزغايدىغان ھادىسىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش زامانىسىدا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەزرەتى ئەلىدەك ھەيران قالارلىق بىر جاسارەت ۋە پاراسەت ئىگىسى، ھاشىمىيلەردىن ۋە ئالى بەيتتىن بولغان قۇۋۋەتلىك، ھۆرمەتلىك بىر قۇۋۋەتنىڭ بولىشى لازىم ئىدى. شۇنداق، ئۇ تاقابىل تۇرالىدىرەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام خەۋەر بېرىپ ھەزرەتى ئەلىگە دېگەن: «مەن قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشى ئۈچۈن كۆرەش قىلدىم، سەنمۇ تەۋىلى (سىرلىرىنىڭ تەتقىقاتى) ئۈچۈن كۆرەش قىلىسەنھەم ئەگەر ھەزرەتى ئەلى بولمىغان بولسا، دۇنيا سەلتەنىتى، ئەمەۋى دۆلىتىنى پۈتۈنلەي يولدىن چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى. ھالبۇكى قارشىسىدا ھەزرەتى ئەلى ۋە ئالىي بەيتنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا قارشى مۇۋازىنەتكە كېلىش ۋە ئەھلى ئىسلام نەزىرىدە شەرىپىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن خالاپخالىماي ئەمەۋى دۆلىتى رەئىسلىرىنىڭ ھەممىسى، ئۆزلىرى بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئۇلارنىڭ ئۈندەش ۋە قوللاشلىرى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرى ۋە تەرەپدارلىرى، پۈتۈن قۇۋۋەتلىرى بىلەن ئىسلام ھەقىقەتلىرى ۋە ئىمان ھەقىقەتلىرى، ھەمدە قۇرئان ئەھكاملىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋە تارقىتىشقا تىرىشىشتى. يۈز مىڭلارچە ھەقىقەتچى مۇجتەھىدلەر، كامىل مۇھەددىسلەر، ئەۋلىيالار ۋە ئەسفىيالارنى يېتىشتۈردى. ئەگەر قارشىلىرىدا ئالى بەيتتىكى غايەت قۇۋۋەتلىك ۋەلايەت (ئەۋلىيالىق)، دىيانەت ۋە كامالەت بولمىغان بولسا، ئابباسىيلارنىڭ ۋە ئەمەۋىلەرنىڭ ئاخىرلىرىدىكىگە ئوخشاش، پۈتۈنلەي يولدىن چىقىش ئىھتىمالى چوڭ ئىدى.

ئەگەر دېيىلسە: «نېمىشقا ئىسلام خەلىپىلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالى بەيتىدە داۋاملاشمىدى؟ ھالبۇكى ئەڭ زىيادە لايىق ۋە ھەقلىق بولغانلار ئۇلار ئىدى؟»

جاۋاب: دۇنيا سەلتەنىتى ئالدامچىدۇر. ئالى بەيت بولسا، ئىسلام ھەقىقەتلىرى ۋە قۇرئان ئەھكاملىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن ۋەزىپىدار ئىدى. خەلىپىلىك ۋە سەلتەنەتتە ئولتۇرغانلار ئالدانماسلىق ئۈچۈن، يا پەيغەمبەردەك گۇناھسىز بولىشى، ۋەياكى خۇلەفائى راشىدىن ۋە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز، ھەمدە مەھدى ئابباسىيدەك ھەيران قالارلىق بىر زاھىد قەلبلىك بولىشى كېرەك. ھالبۇكى، مىسىردا ئالى بەيت نامىغا تەشكىل قىلىنغان فاتىمىيە خەلىپىلىكى، ئافرىقىدا مۇۋەھھىدىن ھۆكۈمىتى ۋە ئىراندا سەفەۋىيلەر دۆلىتى كۆرسەتتىكى، دۇنيا سەلتەنىتى ئالى بەيتكە يارىمايدۇ. ھەقىقىي ۋەزىپىسى بولغان دىننى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئىسلامىيەتكە خىزمەت قىلىشنى ئۇلارغا ئۇنۇتتۇرۇپ قويىدۇ. ھالبۇكى، سەلتەنەتنى تەرك قىلغان ۋاقىتلىرىدا، پارلاق ۋە يۈكسەك بىر سۈرەتتە ئىسلامىيەتكە ۋە قۇرئانغا خىزمەت قىلغاندۇر.

مانا قارا! ھەزرەتى ھەسەننىڭ نەسلىدىن كەلگەن ئەقتابلار، خۇسۇسەن تۆت ئەقتاب ۋە بولۇپمۇ غەۋسۇل ئەئزەم بولغان شەيخ ئابدۇلقادىر گەيلانى، ھەمدە ھەزرەتى ھۈسەيىننىڭ نەسلىدىن كەلگەن ئىماملار، خۇسۇسەن زەينەلئابىدىن ۋە جەئفەرى سادىق قاتارلىق ئىماملاركى، ھەربىرى بىردىن مەنىۋى مەھدى ھۆكمىگە ئۆتكەندۇر، مەنىۋى زۇلۇم ۋە زۇلمەتلەرنى يوقىتىپ، قۇرئاننىڭ نۇرلىرى ۋە ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرىنى تارقاتقاندۇر. بۈيۈك چوڭ دادىسىنىڭ بىردىن ۋارىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكەندۇر.

ئەگەر دېيىلسە: مۇبارەك ئىسلامىيەت ۋە نۇرانىي سائادەت ئەسرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئۇ دەھشەتلىك، قانلىق فىتنىنىڭ ھىكمىتى ۋە رەھمەت تەرىپى قايسى؟ چۈنكى ئۇلار قەھرگە (غەزەپكە) لايىق ئەمەس ئىدىغۇ؟

جاۋاب: ئالايلۇق، باھاردا دەھشەتلىك يامغۇرلۇق بىر بورانچاپقۇن، ھەر تائىپە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ئۇرۇقلارنىڭ، دەرەخلەرنىڭ ئىستىداتلىرىنى غىدىقلاپ تەرەققىياتقا يۈزلەندۈرىدۇ، ھەربىرى ئۆزىگە مەخسۇس بىر چېچەك ئېچىپ، فىترىي (تەبىئىي) بىر ۋەزىپە بېشىغا ئۆتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ بېشىغا كەلگەن فىتنىمۇ، ئۇرۇقلار ھۆكمىدىكى خىلمۇخىل بولغان ئايرىمئايرىم ئىستىداتلارنى غىدىقلاپ قامچىلىدى. «ئىسلامىيەت خەتەر ئىچىدە، يانغىن باردەپ ھەر تائىپىنى قورقۇتتى. ئىسلامىيەتنىڭ مۇھاپىزىتىگە يۈگۈرتتى. ھەربىرى ئىستىداتىغا قارىتا ئىسلام جامائىتىنىڭ كۆپلىگەن ۋە خىلمۇخىل ۋەزىپىلىرىدىن بىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى ۋە يۈكسەك ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشتى. بىر قىسمى ھەدىسلەرنىڭ مۇھاپىزىتىگە، بىر قىسمى شەرىئەتنىڭ مۇھاپىزىتىگە، بىر قىسمى ئىمان ھەقىقەتلىرىنىڭ مۇھاپىزىتىگە، بىر قىسمى قۇرئاننىڭ مۇھاپىزىتىگە تىرىشتى ۋەھاكازاھەربىر تائىپە بىر خىزمەتكە كىردى. ئىسلامىيەت ۋەزىپىلىرىدە ھارارەتلىك بىر سۈرەتتە ئىشلىدى. خىلمۇخىل رەڭلەردە نۇرغۇن گۈللەر ئېچىلدى. ناھايىتى كەڭرى بولغان ئىسلامىيەت ئالىمىنىڭ ھەر تەرىپىگە ئۇ بوران بىلەن ئۇرۇقلار چېچىلدى، يەرنىڭ يېرىمىنى گۈلىستانغا ئايلاندۇردى. ئەمما، ئەپسۇسكى ئۇ گۈللەر ۋە گۈلىستانلار ئىچىدە ئەھلى بىدئەت پىرقىلىرىنىڭ تىكەنلىرىمۇ چىقتى.

گويا قۇدرەت قولى ھەيۋەت بىلەن ئۇ ئەسىرنى چالغىتتى. شىددەتلىك ھالدا قوزغاپ ئايلاندۇردى. ئەھلى ھىممەتنى (تۆھپىكارلارنى) غەيرەتكە كەلتۈرۈپ زەرەتلىدى. ئۇ ھەرىكەتتىن كەلگەن بىر مەركەزدىن قېچىش كۈچى بىلەن ناھايىتى كۆپ نۇرلۇق مۇجتەھىدلەرنى ۋە نۇرانىي مۇھەددىسلەرنى، مۇقەددەس قارىيلارنى، ئەسفىيالارنى، ئەقتابلارنى ئىسلام ئالىمىنىڭ ھەر تەرىپىگە ئۇچۇردى، ھىجرەت قىلغۇزدى. شەرقتىن غەربكىچە ئەھلى ئىسلامنى ھاياجانغا كەلتۈرۈپ، قۇرئاننىڭ خەزىنىلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆزلىرىنى ئاچتۇردى

126قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir