نېمىشقا ئىنساننىڭ چەكسىز مۇھەببىتى چەكسىز بىر مەنىۋى ئازاپقا سەۋەب بولىدۇ؟

ئۈچىنچى لەمئا

(بۇ لەمئاغا قىسمەن ھېس ۋە زوق ئارىلاشقاندۇر. ھېس ۋە زوقنىڭ ھاياجانلىرى ئەقىلنىڭ دەستۇرلىرىنى، پىكىرنىڭ مىزانلىرىنى بەك ئاڭلاپ كەتمەيدىغانلىقى ۋە رىئايە قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئۈچىنچى لەمئا مەنتىق مىزانلىرى بىلەن تارتىلماسلىقى لازىم.)

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

﴿كُلُّ شَيْءٍ هَالِكٌ اِلاَّ وَجْهَهُ لَهُ الْحُكْمُ وَاِلَيْهِ

تُرْجَعُونَ﴾

(سۈرە قەسەس:88)

ئايىتىنىڭ مەنىسىنى ئىپادە قىلغان يَا بَاقِى اَنْتَ الْبَاقِى يَا بَاقِى اَنْتَ الْبَاقِى ئىككى جۈملىسى مۇھىم ئىككى ھەقىقەتنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، نەقشىبەندىي تەرىقىتىنىڭ رەئىسلىرىدىن بىر قىسمى، بۇ ئىككى جۈملە بىلەن ئۆزلىرىگە بىر مەخسۇس خەتمە تۈزگەن بولۈپ، ئۇنى ئىخچام بىر خەتمەئى نەقشىيە ھۆكمىدە تۇتىشىدۇ. مادەم ئۇ ئۇلۇغ ئايەتنىڭ مەنىسىنى بۇ ئىككى جۈملە ئىپادە قىلىدۇ. ئۇنداقتا بىز بۇ ئىككى جۈملە ئىپادە قىلغان ئىككى مۇھىم ھەقىقەتنىڭ بىر قانچە نۇكتەسىنى بايان قىلىمىز.

  بىرىنچى نۇكتە: بىرىنچى قېتىمقى يَا بَاقِى اَنْتَ الْبَاقِى بىر ئوپراتسىيە ھۆكمىدە قەلبنى ماسىۋادىن* ئايرىيدۇ، كېسىدۇ. يەنى:

  ئىنسان ماھىيىتىنىڭ مۇجەسسەملىكى ئېتىبارى بىلەن مەۋجۇداتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىلەن ئالاقىداردۇر. ھەم ئىنساننىڭ مۇجەسسەم ماھىيىتىدە چەكسىز بىر مۇھەببەت قابىلىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانمۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتقا قارىتا بىر مۇھەببەت ساقلايدۇ. چوڭ دۇنيانى بىر ئۆيىدەك سۆيىدۇ. ئەبەدىي جەننەتكە باغچىسىدەك مۇھەببەت باغلايدۇ. ھالبۇكى، مۇھەببىتىنى بەرگەن مەۋجۇدات تۇرمايدۇ، كېتىدۇ. ئايرىلىشتىن دائىما ئازاپ چېكىدۇ. ئۇنىڭ ئۇ چەكسىز مۇھەببىتى چەكسىز بىر مەنىۋى ئازاپقا سەۋەب بولىدۇ. ئۇ ئازاپنى چېكىشتە قاباھەت، قۇسۇر ئۇنىڭ ئۆزىگە ئائىتتۇر. چۈنكى قەلبىدىكى چەكسىز مۇھەببەت قابىلىيىتى، باقىي بولغان چەكسىز بىر جامال ئىگىسىگە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. ئۇ ئىنسان سۈيئىستېمال قىلىپ، ئۇ مۇھەببەتنى فانىي مەۋجۇداتقا سەرپ قىلغانلىق جەھەتى بىلەن خاتالىشىدۇ، خاتاسىنىڭ جازاسىنى ئايرىلىش ئازابى بىلەن چېكىدۇ.

  مانا بۇ قۇسۇردىن پاكلىنىپ، ئۇ فانىي مەھبۇبلاردىن ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى ۋە ئۇ مەھبۇبلار ئۇنى تەرك قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئۇلارنى تەرك قىلىش ئارقىلىق مۇھەببىتىنى باقىي مەھبۇب بولغان ﷲقىلا خاسلاشتۇرۇشنى ئىپادە قىلغان

يَا بَاقِى اَنْتَ الْبَاقِى

دىن ئىبارەت بىرىنچى جۈملىسى: «ھەقىقىي باقىي پەقەت سەنسەن، سەندىن باشقىلىرى فانىيدۇر. فانىي بولغان ئەلۋەتتە باقىي بىر مۇھەببەتكە، ئەزەلى ۋە ئەبەدىي ئىشىققا، ھەمدە ئەبەد ئۈچۈن يارىتىلغان بىر قەلب بىلەن ئالاقە تۈزۈشكە سەۋەب بولالمايدۇ.» مەنىسىنى ئىپادە قىلىدۇ. يەنى، «مادەم ئۇ چەكسىز مەھبۇبلار فانىيدۇر، مېنى تاشلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار مېنى تاشلىۋېتىشتىن بۇرۇن مەن ئۇلارنى يَا بَاقِى اَنْتَ الْبَاقِى دېيىش ئارقىلىق تاشلايمەن. پەقەت سەن باقىيسەن ۋە سېنىڭ باقىيلەشتۈرۈشۈڭ بىلەن مەۋجۇدات بەقا (باقىيلىق) تاپالايدىغانلىقىنى بىلىپ ئېتىقاد قىلىمەن. ئۇنداق بولسا، ساڭا بولغان مۇھەببەت سايىسىدا ئۇلار سۆيىلىدۇ، بولمىسا قەلبىي ئالاقىگە لايىق ئەمەستۇر» دېگەنلىكتۇر. مانا بۇ ھالەتتە قەلب چەكسىز مەھبۇبلاردىن ۋاز كېچىدۇ. ھۆسىن ۋە جاماللىرى ئۈستىدە فانىيلىق تامغىسىنى كۆرىدۇ، قەلبىي ئالاقىسىنى كېسىدۇ. ئەگەر كەسمىسە، مەھبۇبلىرىنىڭ سانىچىلىك مەنىۋى جاراھەتلەرگە دۇچار بولىدۇ.

  ئىككىنچى جۈملە بولغان يَا بَاقِى اَنْتَ الْبَاقِى ئۇ چەكسىز جاراھەتلەرگە ھەم دورا، ھەم تىرياق بولىدۇ. يەنى: يَا بَاقِى «سەن باقىي بولغانىكەنسەن، كۇپايە؛ ھېچ نەرسە سەن بىلەن تەڭداش بولالمايدۇ. مادەم سەن بار، ئۇنداقتا ھەر نەرسە بارشۇنداق، مەۋجۇداتتا مۇھەببەتنىڭ سەۋەبى بولغان ھۆسىن، ئېھسان ۋە كامالەتنىڭ ھەممىسى باقىيى ھەقىقىينىڭ ھۆسىن، ئېھسان ۋە كامالىتىنىڭ ئىشارىتى ۋە كۆپلىگەن پەردىلەردىن ئۆتكەن زەئىپ كۆلەڭگىسىدۇر. بەلكى ﷲنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرىنىڭ كۆلەڭگىلىرىنىڭ كۆلەڭگىلىرىدۇر.

  ئىككىنچى نۇكتە: ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدا بەقاغا (باقىيلىققا) قارىتا شىددەتلىك بىر ئاشىقلىق بار. ھەتتا ئۆزى سۆيگەن ھەر نەرسىدە خاتا ھالدا بىر تۈرلۈك باقىيلىق خىيال قىلىدۇ، ئاندىن سۆيىدۇ. قاچانكى ئۇنىڭ زاۋال تېپىشىنى ئويلىسا ياكى كۆرسە، ئىچئىچىدىن پەرياد چېكىدۇ. بارلىق ئايرىلىشلاردىن كەلگەن پەريادلار، بەقاغا ئاشىقلىقتىن كەلگەن يىغلاشلارنىڭ تەرجىمانلىرىدۇر. ئەگەر ئۇ خاتا بولغان باقىيلىق خىيالى بولمىسا، مۇھەببەت باغلىيالمايدۇ. ھەتتا دېيىشكە بولىدۇكى، باقىي ئالەمنىڭ ۋە ئەبەدىي جەننەتنىڭ يارىتىلىشىنىڭ بىر سەۋەبى، ئىنساننىڭ ماھىيىتىدىكى ئۇ بەقاغا بولغان شىددەتلىك ئاشىقلىقتىن چىققان غايەت قۇۋۋەتلىك بەقا ئارزۇسى، ھەمدە بەقا ئۈچۈن بولغان فىترىي(تەبىئىي) ۋە ئومۇمىي دۇئاسىدۇركى، باقىي بولغان ئۇلۇغ زات، ئۇ شىددەتلىك، تەۋرەنمەس فىترىي ئارزۇنى، ئۇ تەسىرلىك، قۇۋۋەتلىك ئومۇمىي دۇئانى قوبۇل قىلىپ، فانىي ئىنسانلار ئۈچۈن باقىي بىر ئالەمنى ياراتقاندۇر.

  ھەم فاتىرى كەرىم، خالىقى رەھىم بولغان ﷲ كىچىك ئاشقازاننىڭ كىچىك بىر ئارزۇسىنى ۋە ۋاقىتلىق بىر بەقا ئۈچۈن ئەھۋال تىلى بىلەن قىلغان دۇئاسىنى چەكسىز، خىلمۇخىل تائاملارنى يارىتىش بىلەن قوبۇل قىلغان تۇرۇقلۇق، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ناھايىتى بۈيۈك بىر فىترى ئېھتىياجدىن كەلگەن ناھايىتى شىددەتلىك بىر ئارزۇسىنى، ھەمدە ئومۇمىي ۋە دائىمىي، ھەقلىق ۋە ھەقىقەتلىك، ھالى ۋە تىلى بىلەن قىلغان بەقاغا ئائىت دۇئاسىنى قوبۇل قىلماسلىقى ھېچ مۇمكىنمۇ! ھاشا، يۈز مىڭ قېتىم ھاشا!!! قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ھەم ھىكمەت ۋە ئادالىتىگە، رەھمەت ۋە قۇدرىتىگە ھېچبىر جەھەتتە ياراشمايدۇ.

  ئىنسان بەقاغا ئاشىق بولغانىكەن، ئەلۋەتتە پۈتۈن كامالەتلىرى، لەززەتلىرى بەقاغا باغلىقتۇر. ھەم مادەم بەقا، باقىي بولغان ئۇلۇغ ﷲقا مەخسۇستۇر؛ باقىينىڭ ئىسىملىرى باقىي بولىدۇ، ھەمدە باقىينىڭ ئەينەكلىرى باقىينىڭ رەڭگىنى، ھۆكمىنى ئالىدۇ ۋە بىر تۈرلۈك باقىيلىققا ئىگە بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە ئىنسانغا ئەڭ لازىم ئىش، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە: ئۇ باقىيغا قارىتا ئالاقە پەيدا قىلىش ۋە ئىسىملىرىغا يېپىشىشتۇر. چۈنكى، باقىي يولىدا سەرپ قىلىنغان ھەر نەرسە، بىر تۈرلۈك باقىيلىققا ئىگە بولىدۇ. مانا بۇ ئىككىنچى يَا بَاقِى اَنْتَ الْبَاقِى جۈملىسى بۇ ھەقىقەتنى ئىپادە قىلىدۇ. ئىنساننىڭ چەكسىز مەنىۋى يارىلىرىنى داۋالاش بىلەن بىللە، يارىتىلىشىدىكى غايەت شىددەتلىك بەقا ئارزۇسىنى ئۇنىڭ بىلەن تويغۇزىدۇ.

  ئۈچىنچى نۇكتە: شۇ دۇنيادا ۋاقىتنىڭ شەيئىلەرنىڭ يوقلۇققا ۋە زاۋالغا يۈزلىنىشىدىكى تەسىرلىرى ناھايىتى پەرقلىقتۇر. مەۋجۇدات بولسا، بىربىرىگە كىرىشىپ كەتكەن دائىرىلەرگە ئوخشاش بىربىرىنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ، زاۋال نۇقتىسىدىكى ھۆكۈملىرى پەرقلىقتۇر. خۇددى سائەتنىڭ سېكۇنتنى ھېساپلايدىغان دائىرىسى بىلەن مىنۇتنى، سائەتنى، كۈنلەرنى ھېساپلايدىغان دائىرىلىرى كۆرۈنۈشتە بىربىرىگە ئوخشىسىمۇ، ئەمما تېزلىكتە بىربىرىگە ئوخشىمىغاندەك، ئىنساندىكى جىسىم، نەفىس، قەلب، روھ دائىرىلىرى ئەنە شۇنداق پەرقلىقتۇر. مەسىلەن: جىسىمنىڭ بەقاسى، ھاياتى، بارلىقى، ئۆتمۈشى ۋە كېلەچىكى يوق ۋە ئۆلۈك بولسىمۇ، قەلبنىڭ بۈگۈندىن نۇرغۇن كۈن بۇرۇن ۋە نۇرغۇن كۈن كېيىنكى زامانغا قەدەر ۋۇجۇد (بارلىق) ۋە ھايات دائىرىسى كەڭرىدۇر. روھ ئۈچۈن بولسا يىللار ئاۋۋال ۋە يىللار كېيىنكى چوڭ بىر دائىرە، ئۇنىڭ ھايات ۋە ۋۇجۇد دائىرىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ.

  مانا بۇ قابىلىيەتكە بىنائەن، قەلب ۋە روھنىڭ ھاياتىغا سەۋەب بولغان مەرىفەتى ئىلاھىييە (ﷲنى تونۇش)، مۇھەببەتى رەببانىييە (رەببىمىزنى سۆيۈش)، ئۇبۇدىيەتى سۇبھانىييە (ئۇنىڭغا ئىبادەت) ۋە مەرزىيەتى رەھمانىييە (رازىلىقىغا ئېرىشىش) جەھەتى بىلەن بۇ دۇنيادىكى فانىي ئۆمۈر، باقىي بىر ئۆمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئەبەدىي، باقىي بىر ئۆمۈرنى نەتىجىلەيدۇ؛ ھەمدە باقىي ۋە ئۆلمەس بىر ئۆمۈر ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. شۇنداق، ھەقىقىي باقىي بولغان ﷲقا بولغان مۇھەببەت، مەرىفەت ئاساسىدىكى ۋە ئۇنىڭ رىزاسىنى قازىنىش يولىدىكى بىر سېكۇنت، بىر يىلدۇر. ئەگەر ئۇنىڭ يولىدا بولمىسا، بىر يىل بىر سېكۇنتتۇر. بەلكى ئۇنىڭ يولىدا بىر سېكۇنت، دائىمىيلىقتۇر، نۇرغۇن يىللاردۇر. ۋە دۇنيا جەھەتىدە ئەھلى غەپلەتنىڭ يۈز يىلى، بىر سېكۇنت ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. مەشھۇر، شۇنداق بىر سۆز باركى:

سِنَةُ الْفِرَاقِ سَنَةٌ وَ سَنَةُ الْوِصَالِ سِنَةٌ

يەنى: «پىراقنىڭ (ئايرىلىشنىڭ) بىر سېكۇنتى، بىر يىلدەك ئۇزۇندۇر ۋە ۋىسالنىڭ بولسا بىر يىلى، بىر سېكۇنتتەك قىسقىدۇرمەن بۇ سۆزنىڭ تامامەن ئەكسىگە دەيمەنكى: «ۋىسال، يەنى باقىي بولغان ﷲنىڭ رازىلىقى دائىرىسىدە ﷲ نامىدىن بولغان بىر سېكۇنتلۇق ۋىسال، پەقەت بىر يىل ئەمەس، بەلكى دائىمىي بىر ۋىسال دېرىزىسىدۇر. غەپلەت ۋە زالالەت پىراقى ئىچىدە بولسا، بىر يىللىق ئەمەس، بەلكى مىڭ يىللىق ۋىسال بىر سېكۇنت ھۆكمىدىدۇرئۇ سۆزدىن تېخىمۇ مەشھۇربولغان

اَرْضُ الْفَلاَتِ مَعَ اْلاَعْدَاءِ فِنْجَانٌ سَمُّ الْخِيَاطِ مَعَ اْلاَحْبَابِ مَيْدَانٌ

(دۈشمەن بىلەن بىللە چۆل پىيالىچىلىك تار، دوست بىلەن بىللە يىڭنە تۆشۈگى مەيدانچىلىك كەڭدۇر.)

  دېگەن بۇ سۆز ھۆكۈمىمىزنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

  ئاۋۋالقى مەشھۇر سۆزنىڭ توغرا بىر مەنىسى بۇدۇركى: مادەم فانىي مەۋجۇداتنىڭ ۋىسالى فانىيدۇر، ئۇنداقتا نەقەدەر ئۇزۇن بولسىمۇ، يەنىلا قىسقا ھۆكمىدىدۇر. يىلى، بىر سېكۇنتتەكلا ئۆتىدۇ؛ ھەسرەتلىك بىر خىيال، قايغۇلۇق بىر چۈش بولىدۇ. بەقانى خالىغان ئىنسان قەلبى بىر يىللىق ۋىسالدا، پەقەت بىر سېكۇنتتەك ۋاقىتتا بىر زەررىچىلىكلا زوقىنى ئالالايدۇ. پىراقتا بولسا، ئۇنىڭ بىر سېكۇنتى بىر يىل ئەمەس، يىللاردۇر. چۈنكى پىراقنىڭ مەيدانى كەڭرىدۇر. بەقانى خالىغان بىر قەلبكە، پىراق گەرچە بىر سېكۇنت بولسىمۇ، يىللار قەدەر بۇزغۇنچىلىق قىلالايدۇ. چۈنكى، چەكسىز پىراقلارنى خاتىرلىتىدۇ. ماددىي ۋە پەس مۇھەببەتلەر ئۈچۈن پۈتۈن ئۆتكەن زامان ۋە كېلەچەك پىراق بىلەن تولغاندۇر.

  شۇ مەسىلە مۇناسىۋىتى بىلەن دەيمىز: ئەي ئىنسانلار! فانىي، قىسقا، پايدىسىز ئۆمرۈڭلارنى باقىي، ئۇزۇن، پايدىلىق ۋە مېۋىدار قىلىشنى خالامسىلەر؟ مادەم خالاش ئىنسانىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر، ئۇنداقتا باقىي بولغان ﷲنىڭ يولىدا سەرپ قىلىڭلار. چۈنكى، باقىيغا يۈزلەنگەن نەرسە، بەقانىڭ جىلۋىسىگە ئىگە بولىدۇ. مادەم ھەر ئىنسان غايەت شىددەتلىك سۈرەتتە ئۇزۇن بىر ئۆمۈر خالايدۇ، بەقاغا ئاشىقتۇر. ۋە مادەم بۇ فانىي ئۆمۈرنى باقىي ئۆمۈرگە ئۆزگەرتىدىغان بىر چارە بار ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇزۇن بىر ئۆمۈرگە ئۆتكۈزۈش مۇمكىندۇر؛ ئۇنداقتا ئەلۋەتتە ئىنسانىيىتى چۆكمىگەن بىر ئىنسان، ئۇ چارىنى ئىزدەيدۇ ۋە ئۇ ئىمكانىيەتنى ئەمەلىيەتكە ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدۇ ۋە ئۇ غايىگە مۇناسىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. چارە بۇدۇر: ﷲ ئۈچۈن ئىشلەڭلار، ﷲ ئۈچۈن كۆرۈشۈڭلار، ﷲ ئۈچۈن تىرىشىڭلار. «ﷲ ئۈچۈن، ﷲ نامىغا، پەقەت ﷲ ئۈچۈن» ئۇنىڭ رىزاسى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىڭلار. ئۇ چاغدا ئۆمرۈڭلارنىڭ مىنۇتلىرى يىللار ھۆكمىگە ئۆتىدۇ.

  بۇ ھەقىقەتكە ئىشارەت قىلىپ، قەدىر كېچىسىدەك بىر كېچىنىڭ سەكسەن نەچچە يىلدىن ئىبارەت بولغان مىڭ ئاي ھۆكمىدە بولىدىغانلىقىنى قۇرئاننىڭ ئايىتى كۆرسىتىدۇ. ھەم بۇ ھەقىقەتكە ئىشارەت قىلغان ئەۋلىيالار ۋە ھەقىقەت ئەھلىنىڭ نەزىرىدە بىر ھەق دەستۇر بولغان «بەستى زامان»** سىرى بىلەن، نۇرغۇن يىللار ھۆكمىدە بولغان بىر قانچە مىنۇتلۇق مىئراج زامانى، بۇ ھەقىقەتنىڭ بارلىقىنى ئىسپات قىلىدۇ ۋە ئەمەلىي بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مىئراجنىڭ بىر قانچە سائەت مۇددىتىنىڭ مىڭلارچە يىللار ھۆكمىدىكى كەڭلىكى، قورشاۋى ۋە ئۇزۇنلۇقى باردۇر. چۈنكى ئۇ مىئراج يولى بىلەن بەقا ئالىمىگە كىردى. بەقا ئالىمىنىڭ بىر قانچە مىنۇتى، شۇ دۇنيانىڭ مىڭلارچە يىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. ھەم شۇ ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئەۋلىيالار ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلگەن «بەستى زامان» ھادىسىلىرى بار. بەزى ئەۋلىيالار بىر مىنۇتتا بىر كۈنلۈك ئىشنى قىلغان؛ بەزىلىرى بىر سائەتتە بىر يىللىق ۋەىپىسىنى پۈتتۈرگەن؛ بەزىلىرى بىر مىنۇتتا قۇرئاننى بىر قېتىم ئوقۇپ تۈگەتكەنلىكلىرىنى رىۋايەت قىلىپ خەۋەر بېرىدۇ. بۇنداق ھەق ۋە سىدىق (توغرىلىق) ئەھلى بىلىپ تۇرۇپ ئەلۋەتتە يالغانچىلىق پەسلىكىگە چۈشمەيدۇ. ھەم ئۇ دەرىجىدە چەكسىز ۋە كۆپ تەۋاتۈرلەر بىلەن «بەستى زامان» ھەقىقىتىنى ئەينەن كۆرگەنلىكلىرى شۈبھېسىزدۇر. شۇ «بەستى زامان»نىڭ(ھاشىيە)*** ھەر كىم تەستىق قىلىدىغان بىر تۈرى، چۈشتە كۆرۈنىدۇ. بەزەن ئىنسان بىر مىنۇتتا كۆرگەن چۈشىنى، كەچۈرگەن ئەھۋاللارنى، سۆزلىگەن سۆزلىرىنى، كۆرگەن لەززەتلىرى ۋە چەككەن ئەلەملىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئويغاقلىق ئالىمىدە بىر كۈن، بەلكى كۈنلەر لازىمدۇر.

  خۇلاسە: گەرچە ئىنسان فانىيدۇر. ئەمما بەقا ئۈچۈن يارىتىلغان ۋە باقىي بىر زاتنىڭ ئەينىكى قىلىپ يارىتىلغان ھەمدە باقىي مېۋىلەرنى بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن؛ ۋە باقىي بىر زاتنىڭ، باقىي ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرىنى ۋە نەقىشلىرىنى ئۆزىدە كۆرسىتىدىغان بىر سۈرەت بېرىلگەندۇر. ئۇنداق بولسا، بىر ئىنساننىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى ۋە سائادىتى: پۈتۈن تۈزۈلمىلىرى ۋە پۈتۈن قابىلىيەتلىرى بىلەن ئۇ باقىي ۋە سەرمەدىي زاتنىڭ رازىلىقى دائىرىسىدە ئىسىملىرىغا يېپىشىپ، ئەبەد يولىدا ئۇ باقىيغا يۈزلىنىپ مېڭىشتۇر. تىلى

يَا بَاقِى اَنْتَ الْبَاقِى

دېگىنىدەك، قەلبى، روھى، ئەقلى ۋە پۈتۈن تۈيغۇلىرى «پەقەت ئۇلا باقىي، ئۇلا ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي، ئۇلا سەرمەدىي، ئۇلا دائىم، ئۇلا مەتلۇب، ئۇلا مەھبۇب، ئۇلا مەقسۇد، ئۇلا مەئبۇد دېيىشى لازىم.

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

﴿رَبَّنَا لاَ تُؤَاخِذْنَا اِنْ نَسِينَا اَوْ اَخْطَاْنَا﴾

(بەقەرە:286)

—————————————————–

* ماسىۋا: يارىتىلغانلار، ﷲتىن باشقا بولغان.ت

** بەستى زامان: زاماننىڭ كېڭىيىشى، ئاز بىر ۋاقىتتا كۆپ ياشىماق.ت

***(ھاشىيە):قَالَ قَائِلٌ مِنْهُمْ كَمْ لَبِثْتُمْ قَالُوا لَبِثْنَا يَوْمًا اَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ئايىتى بىلەن وَلَبِثُوا فِى كَهْفِهِمْ ثَلاَثَ مِائَةٍ سِنِينَ وَازْدَادُوا تِسْعًا ئايىتى «تاييى زامان»نى كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش وَاِنَّ يَوْمًا عِنْدَ رَبِّكَ كَاَلْفِ سَنَةٍ مِمَّا تَعُدُّونَ ئايىتىمۇ «بەستى زامان»نى كۆرسىتىدۇ.

967قېتىم كۆرۈلدى

Bir Cevap Yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir