وَمَا رَمَيْتَ اِذْ رَمَيْتَ وَلكِنَّ اللّهَ رَمَى پۈتۈن ئەھلى ھەدىسنىڭ خەۋىرى بىلەن، بۇ ئايەت خەۋەر بېرىدۇكى

وَمَا رَمَيْتَ اِذْ رَمَيْتَ وَلكِنَّ اللّهَ رَمَى پۈتۈن ئەھلى ھەدىسنىڭ خەۋىرى بىلەن، بۇ ئايەت خەۋەر بېرىدۇكى

ئون ئىككىنچى ئىشارەت:

  ئون بىرىنچى ئىشارەت بىلەن ئالاقىدار بولغان ئۈچ مىسالدۇر، ئەمما ناھايىتى مۇھىم مىساللاردۇر.

  بىرىنچى مىسال: ﴿وَمَا رَمَيْتَ اِذْ رَمَيْتَ وَلكِنَّ اللّهَ رَمَى﴾ ئايىتىنىڭ قەتئىيلىكى بىلەن ۋە پۈتۈن مۇفەسسىرلەرنىڭ تەھقىقى بىلەن، ھەمدە پۈتۈن ئەھلى ھەدىسنىڭ خەۋىرى بىلەن، بۇ ئايەت خەۋەر بېرىدۇكى، بەدىر غازىتىدا رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىر ئوچۇم تۇپراق بىلەن كىچىك تاشلارنى ئالدى، كۇپپار قوشۇنىنىڭ يۈزىگە ئېتىپ: شَاهَتِ الْوُجُوهُ دېدى. شَاهَتِ الْوُجُوهُ بىر كەلىمە بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلانغىنىدەك، ئۇ بىر ئوچۇم تۇپراقمۇ ھەربىر كاپىرنىڭ كۆزىگە كىردى؛ ھەربىرى ئۆز كۆزى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ھۇجۇم قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق بىردىنلا قېچىشتى.

  باشتا ئىمامى مۇسلىم بولۇپ، ئەھلى ھەدىس خەۋەر بېرىدۇكى، ھۇنەين غازىتىدا ـ بەدىردىكىگە ئوخشاشكاپىرلار شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا، يەنە بىر ئوچۇم تۇپراق ئېتىپ، شَاهَتِ الْوُجُوهُ دەپ، ھەربىرىنىڭ قۇلىقىغا بىردىن شَاهَتِ الْوُجُوهُ كىرگىنىدەك، ﷲنىڭ ئىزنى بىلەن، ھەربىرىنىڭ يۈزىگە بىر ئوچۇمدىن تۇپراق تەگدى. كۆزلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قېچىشتى. بەدىر ۋە ھۇنەيندىكى بۇ ھەيران قالارلىق ھادىسە، ئاددى سەۋەبلەر ۋە ئىنساننىڭ قۇدرىتى ئىچىدە بولمىغانلىقتىن، قۇرئانى مۆجىزۇلبايان ﴿ وَمَا رَمَيْتَ اِذْ رَمَيْتَ وَلكِنَّ اللّهَ رَمَى﴾ دەپ پەرمان قىلىدۇ. يەنى: ئۇ ھادىسە، ئىنسان قۇدرىتىنىڭ سىرتىدىدۇر. ئىنساننىڭ قۇۋۋىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى پەۋقۇلئاددە بىر سۈرەتتە، ﷲنىڭ قۇدرىتى بىلەن بولغاندۇر.

  ئىككىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، مۇسلىم، سەھىھ كىتابلار خەۋەر بېرىدۇكى، خەيبەر غازىتىدا بىر يەھۇدىي ئايال بىر ئۆچكىنى كاۋاپ قىلىپ، ناھايىتى تەسىرلىك بىر زەھەر بىلەن زەھەرلەپ رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئەۋەتتى. ساھابىلەر يېيىشكە باشلىدى. بىردىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدى: «اِرْفَعُوا اَيْدِيَكُمْ اِنَّهَا اَخْبَرَتْنِى اَنَّهَا مَسْمُومَةٌ يەنى: پىشۇرۇلغان ئۆچكە ماڭا ‹مەن زەھەرلىكمەن› دېدىشۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قولىنى تارتتى. ئەمما ئۇ شىددەتلىك زەھەرنىڭ تەسىرىدىن بىشر ئىبنى بەررا يېگەن بىر چىشلەم گۆشنىڭ تەسىرىدىن ۋاپات بولدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇ زەينەپ ئىسىملىك ئايالنى چاقىرىپ: «نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟» دېگەندە، ئۇ شور پىشانە خوتۇن: «ئەگەر پەيغەمبەر بولساڭ ساڭا زىيان بەرمەيدۇ، ئەگەر پادىشاھ بولساڭ ئىنسانلارنى سەندىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلدىمدەيدۇ. بەزى رىۋايەتتە ئۇنى ئۆلتۈرگۈزمىگەن، بەزى رىۋايەتتە ئۆلتۈرگۈزگەن، دېيىلىدۇ. ئەھلى تەھقىق دەيدۇكى، ئۆزى ئۆلتۈرگۈزمىگەن، ئەمما بىشرنىڭ ۋارىسلىرىغا بېرىلگەن، ئۇلار ئۆلتۈرگەن. شۇ ئاجايىب ۋەقەدىكى مۆجىزە تەرەپلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئىككىئۈچ نۇقتىنى ئاڭلا:

  بىرىنچىسى: بىر رىۋايەتتە باركى، ئۇ ئۆچكە قولى بىلەن خەۋەر بەرگەندە بەزى ساھابىلەرمۇ ئاڭلىغان.

  ئىككىنچىسى: ھەم بىر رىۋايەتتە باركى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام خەۋەر بەرگەندىن كېيىن: «بىسمىللاھ» دەپ ئاندىن يېسەڭلار، زەھەر تەسىر قىلمايدۇ، دېگەن. بۇ رىۋايەتنى گەرچە ئىبنى ھاجەر ئەسقەلانى قوبۇل قىلمىغان، ئەمما باشقىلار قوبۇل قىلغان.

  ئۈچىنچىسى: ھەم ھىيلىگەر يەھۇدىيلار رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ۋە يېقىن ساھابىلىرىگە بىراقلا زەربە بېرىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، بىردىنلا غايبتىن خەۋەر بېرىلگەندەك، ھادىسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى ۋە ھىيلىسىنىڭ ئىشلىمەي قېلىشى، ھەمدە ئۇ خەۋەر بېرىلگەن ۋەقەنىڭ توغرا چىقىشى ۋە ساھابىلەرنىڭ نەزىرىدە ھېچبىر ۋاقىت ئەمەلىيەتكە زىت بىر خەۋىرى كۆرۈلمىگەن زاتى ئەھمەدىيەنىڭ «شۇ ئۆچكىنىڭ قولى ماڭا سۆزلەۋاتىدۇ» دېيىشى، ھەر ئادەمنىڭ ئۇ ئۆچكىدىن ئۆز قۇلىقى بىلەن ئۇ سۆزنى ئاڭلىشى قەدەر قەتئىي قانائەت بېرىدۇ.

  ئۈچىنچى مىسال: ھەزرەتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «يەدى بەيزا»(پارلاق قول) ۋە «ھاسا» مۆجىزىسىگە ئوخشىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ ھادىسىدىكى مۆجىزىسى:

  بىرىنچىسى: ھەزرەتى ئىمامى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئەبى سەئىدىل خۇدرىدىن تەخرىج ۋە تەسھىھ قىلىدۇكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قەتادە ئىبنى نۇئمانغا قاراڭغۇ، يامغۇرلۇق بىر كېچىدە بىر تاياق بەرگەن ۋە: «بۇ ساڭا لامپىدەك ھەر تەرەپكە ئون گەزدەك كەڭلىكتە يورۇق چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، ئۆيۈڭگە كىرگەندە بىر قارا كۆلەڭگە شەخسنى كۆرىسەن؛ ئۇ شەيتاندۇر، ئۇنى ئۆيۈڭدىن قوغلاپ چىقىرىۋەت» دېگەن. قەتادە ھاسىنى ئېلىپ ماڭغان، ئۇ ھاسا يەدى بەيزادەك يورۇق چىقارغان. ئۇ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇ قارا شەخسنى كۆرگەن ۋە قوغلاپ چىقارغان.

  ئىككىنچىسى: بىر غارايىبلار مەنبەسى بولغان چوڭ بەدىر غازىتىدا، ئۇككاشە ئىبنىل مىھسانىل ئەسەدىنىڭ قىلىچى ئۇ مۇشرىكلار بىلەن جەڭ قىلىۋاتقاندا سۇنۇپ كەتتى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇنىڭغا قىلىچنىڭ ئورنىغا توم بىر تاياقنى بەردى ۋە «بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىل» دېدى. بىردىنلا ئۇ تاياق ﷲنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇزۇن، ئاق بىر قىلىچقا ئۆزگەردى. ئۇ ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلدى. ھاياتى بويىچە تاكى يەمامە جېڭىدە شېھىد بولغانغا قەدەر بوينىغا ئېسىپ يۈردى. شۇ ھادىسە قەتئىيدۇر. چۈنكى ئۇككاشە پۈتۈن ھاياتىدا ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلەنگەن ۋە ئۇ قىلىچ «ئەل ئاۋن» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان. ھەزرەتى ئۇككاشەنىڭ ئىپتىخارى ۋە قىلىچىنىڭ ئاۋن نامى بىلەن پەۋقۇلئاددە مەشھۇر بولىشى شۇ ھادىسىنىڭ ئىككى ھۆججىتىدۇر.

  ئۈچىنچىسى: ئىبنى ئابدىل بەررگە ئوخشاش بىر ئەسىر ئەللامەسى ۋە ئەھلى تەھقىقنىڭ بۈيۈكلىرىدىن تەخرىج ۋە تەسھىھ قىلىدۇكى، ئۇھۇد غازىتىدا رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ھاممىسىنىڭ ئوغلى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى جەھش جەڭ قىلىۋاتقاندا قىلىچى سۇنۇپ كەتتى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇنىڭغا بىر تاياق بەردى. ئۇ تاياق ئۇنىڭ قولىدا بىر قىلىچ بولدى. ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ مۆجىزە ئەسىرى بولغان قىلىچ باقىي قالدى. مەشھۇر ئىبنى سەييىدىن ناس سىيەرىدە خەۋەر بېرىدۇكى، بىر زاماندىن كېيىن ئابدۇللاھ ئۇ قىلىچنى بۇغايى تۈركى ئىسىملىك بىر ئادەمگە ئىككى يۈز لىراغا ساتتى. مانا بۇ ئىككى قىلىچنىڭ ھەربىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسىدەك بىر مۆجىزىدۇر. ئەمما مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۆجىزىلىك تەرىپى قالمىدى. ئەمما بۇلار باقىي قالدى.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.