يا رەببىم دۇئالىرىمنى قوبۇل قىل

يا رەببىم دۇئالىرىمنى قوبۇل قىل

  دۇئالارنىڭ رەت قىلىنمايدىغان بۇ مۇبارەك يېقىن بايرامنىڭ تاڭ ساباھىدا، قان ئاققان يۈرىگىمىزنى ۋە چارىسىز قالغان قوللىرىمىزنى يالغۇزلا ساڭا ئېچىپ يالۋۇرىمىز:

يا رەببى!

  توپزەمبىرەكلىرى بىلەن، ئەسكەرلىرى بىلەن ۋە ھەر تۈرلۈك قۇرال ياراقلىرى بىلەن، سۈرىيەدە، پەلەستىندە، ئافغانىستاندا، چىچىنىستاندا، كەشمىردە، دىيارى شامدا، مىسىردا، شەرقىي تۈركىستاندا ۋە دۇنيانىڭ تېخمۇ كۆپ يەرلىرىدە: بالاچاقا، ئەرئايال، قېرىياش دېمەستىن، مۇسۇلمان دىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىنىغا، مېلىغا، جېنىغا، نامۇسىغا، ۋەتىنىگە ۋە پۈتۈن ھەقلىرى ۋە ھوقۇقلىرىغا چېقىلىۋاتقان ۋە تاجاۋۇز قىلىۋاتقان زالىملەر ۋە كاپىرلار توپىغا ۋە ئۇلارنىڭ شەريامانلىقتا ئىتىپاقلىشىۋېلىشىغا قارشى، ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىۋاتقان مۇئمىن ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلغىن، ئۇلارنى مۇزەپپەر قىلغىن يا رەببى! قارشى تەرىپىدىكى زالىملارنى ۋە كاپىرلارنى دەھشەتلىك تالاپەتكە ئۇچىرات ۋە مەغلۇپ قىلىۋەت يا رەببى!

  ئەي دۈشمەنلەر ئۈستىدىن قەھىر زەربىسى ھەر ۋاقىت غالىپ كىلىدىغان ئەزىزى جاببار ۋە ئەي كاپىرلار ۋە زالىملاردىن ۋە قىلغان ئازغۇنلۇق ۋە زۇلۇملىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ناھايتى شىددەت بىلەن ئالىدىغان ئىززەت ۋە جەلال ساھىبى قەھھارى زۈلجەلال ۋە شەدىيدۇل ئىقاب بولغان ئاللاھىم! مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋىن ۋە ئارمىيسىغا قارشى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى نەمرۇت ۋە ئارمىيسىغا قارشى، ھەزرىتى پەيغەمبەرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مەككە مۈشرىكلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ شەريامانلىقتا ئىتتىپاقلىششىغا قارشى ئىنايەتياردەم بىرىشىڭ بىلەن مۇزەپپەر قىلغىنىڭغا ئوخشاش، پىرئەۋۇنلارنىڭ، نەمرۇتلارنىڭ، مۈشرىكلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارمىيلىرىنىڭ نامىنى ۋە شانىنى يەر يۈزىدىن ئۈچۈرۈپ يوق قىلغىنىڭدەك، بۈگۈنمۇ دۇنيانىڭ تۆت بۇلىڭىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا بالا بولغان ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلغان، بالىلىرىنى يىتىم، ئانىلىرىنى بالىسىز قويغان، جۈپلىرىنى بىربىرىدىن ئايرىۋەتكەن، ئائىلىلىرىنى پارچەپارچە قىلىپ، مۇسۇلمان ھەمشىرىلىمىزنىڭ ئىپپەت نۇمۇسلىرىنى دەپسەندە قىلغان، ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسى يوق بولغان دەۋرىمىزنىڭ پىرئەۋۇنلىرى، ئەسرىمىزنىڭ ھۇبەلى بۇتلىرىنىڭ، نەمرۇتلىرىنىڭ، مۈشرىكلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ زۈلۈم ئارمىيىسىنىڭ نامىنى ۋە شانىنىمۇ يەر يۈزىدىن ئۈچۈرۈپ تاشلا ۋە ئۇلارنى كۈكۈم تالقان قىلىۋەت يا رەببى، دەھشەتلىك تالاپەتبالالارغا ئۇچىرات يا رەببى، قەھرى پەرىشان ئەيلە يا رەببى!

  ئەي قۇۋۋەت ۋە قۇدىرىتى، ھۆكۈم ۋە ھاكىمىيىتى ھەر نەرسىگە مۇتلەق غالىپ كىلىدىغان ۋە ھېچبىر قۇۋۋەت ۋە غەلبە قىلىش بىلەن قارشى چىقىش مۈمكىن بولمايدىغان، ئەڭ كىچىك ھەقسىزلىقنىمۇ ھەم جازاسىز قۇيۇپ قويمايدىغان ۋە ئادالىتى ھەر بىر مەزلۇمغا يېلىنىش نوقتىسى بولغان ئادىلى ھاكىم ۋە قەۋىييى ئەزىز بولغان ئاللاھىم! سېنىڭ دىنىڭغا ۋە قۇتلۇق قىلغان كەئبەبەيتىڭگە قاراپ ھەتتا ئارمىيسىگە ۋە پىللىرىغا ئىشىنىپ ھۇجۇم قىلغان ۋە چېقىلىشقا ئورۇنغان ئەبرەھەنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئارمىيىسىگە قۇشلارنى مۇساللات قىلىپ جەھەننەم ئاتەشلىرىنى باشلىرىغا ياغدۇرغانلىقىڭغا ئوخشاش، پەيغەمبەرلىرىڭگە ۋە ئۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن دىنلىرىغا بويسۇنماي ئۇلارغا قارشى چىقىپ، ئۇلارغا ۋە ئىشەنگۈچىلەرگە چېقىلغان ۋە زۈلۈم قىلغان، نۇھ، ئاد، سەمۇد، لۇت ۋە مەديەن ئاھالىسىنى، بەك شىددەتلىك شەكىلدە ئاۋاز، شامال، يامغۇر، سەل ئاپىتىگە ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئاپەتلەر بىلەن ھالاك قىلغىنىڭدەك، بۈگۈنمۇ، سېنىڭ پەيغەمبىرىڭنىڭ نەۋرىسى ھەزرىتى ھۆسەيىنلەرنىڭ، تاغىسى ئىبنى ئابباسلارنىڭ، ئەنەس بىن مالىكتەك سەرخىل دوسىتلىرىڭنىڭ ۋە تېخىمۇ كۆپلىگەن ساھابىلىرىڭنىڭ، ئىمامى ئەزەملەرنىڭ، ئابدۇقادىر گەيلانىلەرنىڭ، ئىمام نەۋەۋىلەرنىڭ ۋە تېخىمۇ پەرىقلىق يۈزلەرچە ئىسلامىيەت قوياشلىرىنىڭ دەپنە قىلىنغان، يۈز يىللاردىن بۇيان مۇسۇلمانلارغا ئىلىم ۋە ئىرپان مەركىزى بولۇپ كىلىۋاتقان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى باغدات، ھاما، شام؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ دىيارى قۇدۇستەك مۇبارەك زىمىنلارغا توننىلاپ بومبا ياغدۇرغان ۋە ئۇ يەرلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلغان، سېنىڭ كەئبە ئۆيىڭگە قارشى خائىن قەلىپلىرىدىكى ئاداۋەت ۋە غۇنلىرىنى يۇشۇرالمايۋاتقان ۋە بەيتۇللاھقا قارشى چېقىلىش ئۈچۈن تەھتىد سېلىۋاتقان ۋە پەس نىشانلىرىنىڭ كويىدا يۈرگەن، ئەسرىمىزنىڭ ئەبرەھەسى ۋە ئۇنىڭ ئارمىيىسىنىمۇ، پاتپات ئەمارە نىشانىسىنى كۆرسىتىپ تۇرغىنىڭدەك ئاشۇنداق ساماۋى ۋە زىمىن خاراكتىرلىق ئاپەتلەر بىلەن ھالاك قىلغىن، قەھرى ئەيلە يا رەببى!

  ئەي سېنىڭ كۈچ ۋە قۇۋۋىتىڭگە تايانغانلا بولسا، ھەر تۈرلۈك ئەسارەتتىن ۋە قۇللۇقتىن خالاس قىلىۋىتىدىغان سۇلتانى زۇلجەلال ۋە ئەي ئىزتىراپ چىكىپ ئامالسىز قالغىنىمىزدا قۇدرەت ۋە رەھمىتى بىزنىڭ سېغىنىپ يۇشۇرنىدىغان دەرگاھىمىز بولغان رەببى ھەسىب ۋە ھاپىزى قەدىر بولغان ئاللاھىم!

  ئەي بەدىردە مۇسۇلمانلارنى ئۈچ مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم دەستەك بەرگەن رىھى ناسىر(نۇسرەت بورىنى)ئەۋەتكەن، ۋەلىي بولغان ناسىر!

  ئۇ كاپىرلار ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ۋە تۆمۈرلىرىنىڭ كۈچىگە ئۇ قەدەر تايىنىۋاتىدۇ، بىزلەر بولساق ئۇلاردىن تېخمۇ ھەسسىلەپ سېنىڭلا ياردىمىڭغا تايىنىمىز ۋە ئىشىنىمىز ۋە ساڭىلا بەل باغلايمىز ۋە نۇسرىتىڭنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىمىز. مۇجاھىدىنى فىي سەبىيلىللاھ(ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار)نىڭ ئۈستىدىن نۇسرەتنى ئايمىغىن يا رەب!

  بۇ زالىملار ۋە كاپىرلار جامائەسىنىڭ ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا، تاجاۋۇزلىرىغا ۋە ھوجۇملىرىغا قارشى، سېنىڭ مۇھاپىزىتىڭگە ۋە قورۇشىڭغا سېغىنىمىز ۋە سېنىڭ قورۇشىڭنى بۇ ھوجۇملارغا قارشى سېپىلىمىز قىلىمىز. بىزلەرنى ۋە كۇپپارلارغا قارشى جىھات قىلغان پۈتۈن مۇسۇلمان مۇجاھىت قېرىنداشلىرىمىزنى ھەر تۈرلۈك خەتەرلەردىن، ئەسارەتتە قېلىشتىن، زىللەت خورلۇقتىن، مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراشتىن مۇھاپىزەت ئەيلە. ھۆرلىكى قولىدىن تارتىۋېلىنىپ ئەسارەتتە قالغان قوللىرىغا چۈشۈپ قالغان پۈتۈن مۇجاھىت قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ بىر ئان ئەۋۋەل ھۆرلۈكئەركىنلىكىگە ئېرىشتۈر يا رەببى!

  ئەي پۈتۈن مۇفسىتلارنى ئۇلارنى قىلغان پۈتۈن فىتنە فاساتلىرى بىلەن ياخشى بىلىدىغان، كۆرىدىغان ۋە ئاڭلايدىغان ئەزەلى زاتى ئالىم بولغان ئاللاھ! تېنىچلىق، مۇستەقىللىق، ھۇزۇر، خاتىرجەملىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەسۇم ئاتالغۇلارنىڭ ئارقىسىدا(كۆرىنىشتىكى بۇ ئاتالغۇلارنى دەپ قۇيۇپ ئەمىلىيەتتە بولسا شۇم نىيىتىنى) غۇمئاداۋات، نەپرەت، زۇلۇم، پايدامەنپەئەت، دۈشمەنلىككە ئوخشاش مەنفۇر نەپرەتكە لايىق ئارزۇ ئىستەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئىككى يۈزلەمچى زالىم ئىشغالچىلار، زۇلۇم ۋە ئىشغال قىلىشلىرىنى مەشر دەپ ۇ توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىدا، تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتىقاندا ئۆزى ئۆزىگە زىمىن ھازىرلاش مەقسىتى بىلەن، پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېششىغا پۇرسەت تۇغدۇرۇش ئۈچۈن قالايمىقانچىلىقلارنى ۋە باشباشتاق ئانارخزىم جەريانلارنى ۋە ئەھۋاللارنى سەۋەپ كۆرسىتىۋاتىدۇ.

  يا رەببى! سەن مۇسۇلمانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ بېشىدىكى ئىدارە قىلغۇچىللىرىغا بۇ خائىن ئويۇنلارنى كۆرەلەيدىغان ۋە بۇ ئويۇنلارنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچىسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ ئۆتكۈر پاراسەتلىك نەزىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلالايدىغان باسىرەت ۋە تاقابىل تۇرالايدىغان شۇئۇر ۋە ئىزئان يەنى ئەقىل ۋە پاراسەت ناسىپ ئەيلە.

  ئەي كاپىرلارنىڭ ۋە زالىملارنىڭ ھىيلە نەيرەڭلىرىنى ۋە يالغانچىلىقلىرىنى بىلىدىغان ۋە ئۇلارنى(يەنى ھىيلە نەيرەڭلىرىنى) بۇزۇپ تاشلاپ نەتىجىسىز قالدۇرۇشقا قادىر بولغان ئالىم زاتى ھەكىم بولغان ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ! مەملىكىتىمىزنى ۋە پۈتۈن ئىسلام ئالىمىنى تۈرلۈك تۈرلۈك ھىيلەمىكىر، پىلان ۋە تۇزاقلاردىن، بۆلۈش ۋە پارچىلاش، مۇستەملىكە قىلىۋېلىش ۋە قۇل قىلىۋېلىشنى خالاۋاتقان ۋە بۇ يولدا گەپ ئاڭلىماس ئانارخىزىمچى باشباشتاقلارنى، تىرورچىلارنى، زۇلۇم ۋە باشقا يوللار بىلەن بۇ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئىچىمىزدىكى ۋە سىرىتتىكى پۈتۈن دۈشمەنلىرىمىزنىڭ پىلانلىرىنى ئۆز بېشىغا ئۆرۈپ قوي يا رەببى!

  ئەي مۇسىبەت زامانىدا ئۈمىدىمىز ۋە تايانچگاھىمىز بولغان رەببى رەھىمىمىز!رەھىملىك رەببىمىز! مۇدەببىرى ھەكىمىمىز! تەدبىرلىك ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھىمىز! دۇنيانىڭ قايسى تەرىپىدە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پالاكەت ۋە مۇسىبەتلەردىن ئىبرەت ئېلىپ، ئارىسىدىكى پۈتۈن ئىختىلاپ نۇقتىلىرىنى تۈگىتىپ، شەخسى پايدا مەنپەئەتلەرنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بىرلىك ئىچىدە ھەمدەمدە بولۇپ قېرىنداشلارچە ياشاشلىرىنى، زۇلۇم ۋە كۇپۇرغا قارشى، بىر يۈرەك، بىر ۋۇجۇت ۋە بىر تەن بولۇپ، جانلىرى ۋە ماللىرى بىلەن ۋە كۆرەش ۋە جىھاد قىلىشلىرىنى ناسىپ ئەيلە! ۋە مۇيەسسەر قىلغىن يا رەببىي!

  ئەي دۇئالارغا ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ خەيىرلىك شەكىلدە جاۋاپ بەرگۈچى رەببىي مۇجىپ!

  دۇئالىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن، شۈبھىسىز ھەققى بىلەن ھەقىقى تۈردە بىلگۈچى ۋە كامالىتى بىلەن كۆرگۈچى سەن ئۆزۈڭسەن!

  سالاتۇ ۋە سالام ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن. ھەمىد بولسا ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا مەخسۇستۇر. ئامىن.



Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.