يەتتىنچى رىجا-ئۈمىت

يەتتىنچى رىجا-ئۈمىت

(يىگىرمە ئالتىنچى لەمئادىن)

يەتتىنچى رىجا

  كونا سەئىدنىڭ كۈلۈشلىرى يىڭى سەئىدنىڭ يىغىسىغا ئالماشقان، قېرىلىق چاغلىرىم باشلىنىۋاتقان زاماندا، ئەنقەرەدىكى ئەھلى دۇنيا مېنى يەنىلا كونا سەئىد چاغلاپ، ئەنقەرەگە چاقىرىشتى. مەنمۇ باردىم. كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرىلىرىدا، ئەنقەرەنىڭ ماڭا قارىغاندا تېخمۇ كۆپ قېرىغان، كونىراپ كەتكەن قەلئەسىنىڭ بېشىغا چىقتىم. ئۇ قەلئە ماڭا تاشقا ئايلانغان تارىخى ھادىسىلەر سۈرىتىدە كۆرۈندى. يىلنىڭ قېرىلىق پەسلى، مېنىڭ قېرىلىقىم، قەلئەنىڭ قېرىلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ قېرىلىقى، شانلىق ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قېرىلىقى، خەلىپىلىك سەلتەنىتىنىڭ ۋاپاتى ۋە دۇنيانىڭ قېرىلىقى ماڭا ئىنتايىن قايغۇلۇق، غەملىك، ھەسىرەتلىك بىر ھالەت بىرىپ، ئۇ ئېگىز قەلئەدە، ئۆتكەن زاماننىڭ دەريالىرىغا، كېلەچەك زاماننىڭ تاغلىرىغا مېنى قاراتتى ۋە قارىدىم، بىربىرى ئىچىدە مېنى قورشىغان تۆتبەش قېرىلىق قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدە ئەنقەرەدە بەكمۇ زۇلمەتلىك بىر روھانى ھالەت ھىس قىلغانلىقىمدىن*بىر نۇر، بىر تەسەللى، بىر ئۈمىد ئىزدىدىم. ئوڭغا، يەنى ئۆتكەن زامانغا تەسەللى تېپىش ئۈچۈن قارىدىم. ئۆتكەن زامان ئاتامنىڭ، ئەجداتلىرىمنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ چوڭ بىر مازىرى سۈرىتىدە كۆرۈندى. تەسەللى ئەمەس، ئەكسىچە قورقۇنچ بەردى. سول تەرىپىم بولغان كېلەچەككە دەرمان ئىزدەپ قارىدىم. كۆردۈمكى، مېنىڭ ۋە ماڭا ئوخشاشلارنىڭ، ھەمدە كەلگۈسى نەسىللەرنىڭ چوڭ ۋە قاراڭغۇ گۆرى سۈرىتىدە كۆرۈندى. دوستانە ئەمەس، ۋەھشىيانە ھالەت كۆردۈم. ئوڭ ۋە سولدىن قورقۇپ بۈگۈنكى كۈنۈمگە قارىدىم. غەپلەتلىك نەزىرىم بىلەن، بۈگۈنكى كۈننى يېرىم ئۆلۈك بولغان ۋە بوغۇلۇش ئازابىنى تارتىۋاتقان جىسمىمنىڭ مۇردىسىنى كۆتۈرگەن بىر تاۋۇت سۈرىتىدە كۆردۈم. بۇنىڭدىنمۇ مەيۈسلىنىپ بېشىمنى كۆتۈردۈم ۋە ئۆمۈر دەرىخىمنىڭ ئۇچىغا قارىدىم ۋە كۆردۈمكى، ئۇ دەرەخنىڭ بىرلا مېۋىسى بار. ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ئۆلۈمۈم بولۇپ، ئۇ دەرەخ ئۈستىدە ماڭا قاراۋاتىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچ ھېس قىلىپ، بېشىمنى تۆۋەنگە ئەگدىم ۋە ئۆمۈر دەرىخىمنىڭ تۆۋەن تەرىپى، يەنى يىلتىزىغا قارىدىم. كۆردۈمكى، ئۇ تۆۋەن تەرەپتىكى تۇپراقنى مېنىڭ سۆڭەك توپىلىرىم بىلەن دەسلەپكى يارىتىلىش توپىلىرىمنىڭ بىربىرىگە ئارىلاشقان ھالدا پۇتلارنىڭ ئاستىدا دەسسىلىۋاتقان سۈرەتتە كۆردۈم.

  بۇمۇ دەرمان ئەمەس، دەردىمگە دەرت قوشتى. كېيىن ئامالسىز ئارقا تەرىپىمگە قارىدىم. كۆردۈمكى، ئاساسسىز ۋە فانىي دۇنيا يوقلۇق دەريالىرىدا ۋە يوقلۇق قاراڭغۇلۇقلىرىدا يۇمىلىنىپ ئاقماقتا ئىدى. بۇمۇ دەردىمگە دەرمان ئەمەس، ئۈستىگە زەھەر قوشتى. بۇ تەرەپتىنمۇ بىر پايدا كۆرەلمىگەنلىكىمدىن ئالدى تەرىپىمگە قارىدىم. كۆردۈمكى، قەبىر ئىشىكى دەل يولۇمنىڭ ئۈستىدە ئاغزىنى يوغان ئاچقان ھالدا ماڭا قاراۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئەبىدىيلىككە ئۇزانغان بىر چوڭ يولۋە ئۇ يولدا كېتىۋاتقان جامائەتلەر ئۇزاقئۇزاقلاردىن كۆزگە چېلىقتى. بۇ ئالتە تەرەپتىن كەلگەن قورقۇنچلارغا قارشى، ماڭا تايىنىش نۇقتىسى ۋە قوغدىنىش قورالى بولغىدەك كىچىككىنە بىر جۈزئىي ئىختىيارىمدىن**باشقا مەندە ھېچبىر نەرسە يوق. ئۇ چەكسىز دۈشمەن ۋە چەكسىز زىيانداش نەرسىلەرگە قارشى تۇرۇشتا بىردىنبىر ئىنسانىي قورال بولغان جۈزئىي ئىختىيارى بولسا، ھەم نۇقسان، ھەم قىسقا، ھەم ئاجىز بولغانلىقتىن، كەسبدىن***باشقا قولىدىن بىر نەرسە كەلمەيدۇ. ماڭا كەلگەن قايغۇ ۋە ئەندىشىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن نە ئۆتكەن زامانغا، نە كېلىدىغان زامانغا ئۆتەلمەيدۇ. شۇڭا ئۆتكەن ۋە كېلەچەك زامانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئارزۇ ۋە قايغۇلىرىم ئۈچۈن ئۇنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. بۇ ئالتە تەرەپتىن كەلگەن دەھشەت، قورقۇنچ، قاراڭغۇلۇق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تىترەپ تۇرغاندا، بىردىنلا قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ ساماسىدا پارلىغان ئىمان نۇرلىرى ياردەمگە كەلدى.

  ئۇ ئالتە تەرەپنى شۇنداق نۇرلاندۇرۇپ پارلاتتىكى، مەن كۆرگەن ئۇ قورقۇنچلار، قاراڭغۇلۇقلار يۈز ھەسسە ئېشىپ كەتسىمۇ، يەنىلا ئۇ نۇر ھەممىسىگە يېتەرلىك بولاتتى. بۇ نۇر پۈتۈن ئۇ دەھشەتلەرنى بىربىرلەپ تەسەللىگە ۋە قورقۇنچ ھالەتلەرنى بىربىرلەپ دوستانە ھالەتكە ئايلاندۇردى.

  يەنى: ئىمان، ئۆتكەن زاماننىڭ ئۇ قورقۇنچلۇق چوڭ مازارىستان قىياپىتىدىكى سۈرىتىنى يىرتىپ، نۇرانىي دوستيېقىنلار جامائىتىنىڭ نۇرلۇق مەجلىسى ئىكەنلىكىنى ئەينەليەقىن، ھەققەليەقىن**** ھالدا كۆرسەتتى.

  ئىمان، غەپلەت نەزىرى بىلەن چوڭ بىر گۆر سۈرىتىدە كۆرۈنگەن كېلەچەك زاماننى ھەشەمەتلىك سائادەت سارايلىرىدىكى بىر رەھمانىي زىياپەتكە توپلىنىش ئورنى ئىكەنلىكىنى ئىلمەليەقىن ھالدا كۆرسەتتى.

  ئىمان، غەپلەت نەزىرى بويىچە بىر تاۋۇت ھالدا كۆرۈنگەن ھازىرقى زامان ۋە كۈنۈمنىڭ تاۋۇتلۇق شەكلىنى سۇندۇرۇپ تاشلاپ بۇ (ھازىرقى) كۈنۈمنى ئاخىرەتلىك بىر تىجارەت دۇكىنى، تەنتەنىلىك بىر رەھمانىي مېھمانخانا شەكلىدە ئوچۇق كۆرسەتتى.

  ئىمان، ئۆمۈر دەرىخىنىڭ بېشىدىكى مېۋىنىڭ غەپلەت نەزىرى بويىچە كۆرۈنگىنىدەك ئۆلۈك جەسەت ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئەبەدى ھاياتقا ئىگە بولىدىغان ۋە ئەبەدى بىر سائادەتكە نامزات بولغان روھىمنىڭ، كونىراپ كەتكەن ئۇۋىسىدىن يۇلتۇزلارغا ساياھەتكە چىقىش بولىدىغانلىقىنى ئىلمەليەقىن ھالدا كۆرسەتتى.

  ئىمان، مېنىڭ سۆڭەك توپىلىرىم بىلەن دەسلەپكى يارىتىلىش توپىلىرىمنىڭ پۇتلار ئاستىدا خار ھالدا ئېزىلىۋاتقان سۆڭەكلەر ئەمەس، بەلكى ئۇ تۇپراقنىڭ رەھمەت ئىشىكى ۋە جەننەت سارىيىنىڭ بىر پەردىسى ئىكەنلىكىنى ئىمان سىرى ئارقىلىق كۆرسەتتى.

  ئىمان، غەپلەت نەزىرى بىلەن كۆرۈنگەن ئارقا تەرىپىمدىكى يوقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇقلىرىدا يۇمىلىنىپ كېتىپ بارغان دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىنى، ۋەزىپىسى تۈگىگەن، مەنىسىنى ئىپادىلەپ بولغان، ھەمدە ئۆزى كۆرىنىشتە يوقلۇققا كەتسىمۇ، لېكىن نەتىجىلىرىنى بارلىقتا قويۇپ قويغان ئىلاھىي خەتلەر ۋە نەقىش بەتلىرى ئىكەنلىكىنى قۇرئان سىرى ئارقىلىق كۆرسەتتى. دۇنيا ماھىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىلمەليەقىن ھالدا بىلدۈردى.

  ئىمان، ئالدى تەرىپىمدە كۆزىنى ئېچىپ ماڭا قارىغان گۆرنى ۋە ئۇ گۆرنىڭ ئارقىسىدىكى ئەبەدىلئەبەد تەرەپكە ئۇزانغان چوڭ يولنى قۇرئان نۇرى ئارقىلىق كۆرسەتتىكى، ئۇ گۆر، ئازگال ئاغزى ئەمەس، بەلكى نۇر ئالىمىنىڭ ئىشىكىدۇر. ئۇ يول بولسا، يوقىلىش ۋە يوقلۇققا ئەمەس، بەلكى بارلىققا، نۇرغا، ئەبەدى سائادەتكە ئۇزانغان يول ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي قانائەت بېرىدىغان دەرىجىدە كۆرسەتكەنلىكتىن دەرتلىرىمگە ھەم دەرمان ھەم شىپا بولدى.

  ئىمان، ئۇ چەكسىز دۈشمەن ۋە قاراڭغۇلۇقلارغا قارشى، قولىدا كەسبدىن ئىبارەت ناھايىتى ئاز بىر قابىلىيىتى بولغان كىچىككىنە جۈزئىي ئىختىيارى ئورنىغا، چەكسىز بىر قۇدرەتكە تايىنىش ۋە چەكسىز بىر مەرھەمەتكە باغلىنىش ئۈچۈن، ئۇ جۈزئىي ئىختىيارىنىڭ قولىغا بىر كىنىشكە بېرىدۇ. بەلكى ئىمان ئۆزى، ئۇ جۈزئىي ئىختىيارىنىڭ قولىدا بىر كىنىشكە بولىدۇ. گەرچە ئۇ جۈزئىي ئىختىيارىدىن ئىبارەت بولغان ئۇ ئىنسانىي قورال، ھەم قىسقا، ھەم ئاجىز، ھەم نۇقسانلىقتۇر. بىراق، خۇددى بىر ئەسكەر كىچىككىنە بىر قۇۋۋىتىنى دۆلەت نامىدىن قوللانغان ۋاقتىدا، ئۆز قۇۋۋىتىدىن مىڭلىغان ھەسسە تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى كۆرەلىگىنىدەك، ئۇ زەئىپ جۈزئىي ئىختىيارىمۇ ئىمان سىرى ئارقىلىق ﷲ نامىدىن ۋە ئۇنىڭ يولىدا قوللىنىلسا، بەش يۈز يىللىق كەڭلىكتە بىر جەننەتنى قازىنىدىغان قۇۋۋەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

  ئىمان، ئۆتكەن ۋە كېلىدىغان زامانلارغا ئۆتەلمىگەن ئۇ جۈزئىي ئىختىيارىنىڭ تىزگىنىنى جىسىمنىڭ قولىدىن ئېلىپ قەلب ۋە روھقا تاپشۇرىدۇ. روھ ۋە قەلبنىڭ ھايات دائىرىسى، جىسىمغا ئوخشاش ھازىرقى زامانغىلا تەئەللۇق بولمىغانلىقتىن، ھەم ئۆتكەن زاماندىن، ھەم كېلەچەك زاماندىن كۆپلىگەن يىللار ئۇنىڭ ھايات دائىرىسىگە كىرگەنلىكتىن ئۇ جۈزئىي ئىختىيارى كىچىكلىكتىن چىقىپ، ئومۇمىيلىققا ئېرىشىدۇ. ئۆتكەن زاماننىڭ ئەڭ چوڭقۇر دەريالىرىغا ئىمان قۇۋۋىتى ئارقىلىق كىرەلىگىنىدەك، ھەمدە ئۇ تەرەپتىكى قايغۇ ۋە قاراڭغۇلۇقلىرىنى يوقىتالىغىنىدەك، ئوخشاشلا ئىمان نۇرى ئارقىلىق كېلەچەك زاماننىڭ ئەڭ ئۇزاق تاغلىرىغا قەدەر چىقالايدۇ، ھەمدە قورقۇنچ ۋە ئەندىشىلىرىنى يوقىتالايدۇ.

  ئەي مېنىڭدەك قېرىلىق مۇشەققىتىنى تارتقان قېرىلار! ئەلھەمدۇلىللاھ، بىز مۇسۇلمان بولغىنىمىزدىن ۋە ئىماندا بۇ قەدەر نۇرلۇق، لەززەتلىك، يېقىملىق، شېرىن خەزىنىلەر بولغانلىقتىن، ھەمدە قېرىلىقىمىز بىزنى بۇ خەزىنىنىڭ ئىچىگە تېخمۇ كۆپ ئىتتىرىۋاتقانلىقتىن، ئەلبەتتە، ئىمان ئاساسىدىكى قېرىلىقتىن شىكايەت ئەمەس، بەلكى مىڭلارچە شۈكۈر قىلىشىمىز كېرەك.

————————————————

*ئۇ زاماندىكى بۇ روھانىي ھالەت پارس تىلىدا بىر مۇناجات(دۇئا) تەرىقىسىدە، ئەنقەرەدە «ھۇباب» رىسالىسىنىڭ ئىچىدە بېسىلغاندۇر.-ئا

**جۈزئىي ئىختىيارى: ﷲ ئىنسانغا بەرگەن كىچىك بىر ئارزۇ ۋە تاللاش ئەركىنلىكى، خالىغىنىچە ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكى؛ بىر ۋاقىتتا كۆپ نەرسىگە مايىل بولالمايدىغان ئىختىيار.-ت

***كەسب: خالىغىنىنى ئەمىلىلەشتۈرۈشكە يۆنىلىش؛ ئىنساننىڭ ئۆز كۈچ ۋە ئىقتىدارىنى بىر ئىشقا سەرپ قىلىشى.-ت

****ھەققەليەقىن: ھەقىقىتى بىلەن بىلش.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.