پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەت يولى

ئون بىرىنچى لەمئا

سۈننەت دەرىجىلىرىنىڭ ئىزاھى ۋە بىدئەت كېسەللىكلىرىنىڭ تىرياقى*

بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

﴿لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مِنْ اَنْفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُمْ بِالْمُؤْمِنِينَ رَؤُفٌ رَحِيمٌ

(تەۋبە:128)

(ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزئارا ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر [128]

(بۇ ئايەتنىڭ بىرىنچى ماقامى سۈننەت يولى، ئىككىنچى ماقامى سۈننەت دەرىجىلىرىدۇر.)

﴿فَاِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِىَ اللّٰهُ لاَ اِلهَ اِلاَّ هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ

وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ﴾

(تەۋبە:129)

(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، سەن: «اﷲ ماڭا يىتەرلىك قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى اﷲ قا يۆلەندىم، اﷲ تىن باشقا ھېچ ئەھەدىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن ۋە ھېچ ئەھەدىدىنمۇ قورقمايمەن)، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن [129]

﴿قُلْ اِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللّهَ فَاتَّبِعُونِى يُحْبِبْكُمُ اللّٰهُ﴾

(ئالى ئىمران:31)

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر اﷲ نى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» [31]

بۇ ئىككى بۈيۈك ئايەتنىڭ يۈزلەرچە نۇكتەسىدىن «ئون بىر نۇكتە»سى قىسقىچە بايان قىلىنىدۇ.

  بىرىنچى نۇكتە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام دېگەنكى: مَنْ تَمَسَّكَ بِسُنَّتِى عِنْدَ فَسَادِ اُمَّتِى فَلَهُ اَجْرُ مِاَةِ شَهِيدٍ يەنى: «ئۈممىتىم ئىچىدە فىتنەپاسات يامرىغان ۋاقىتتا، كىم مېنىڭ سۈننىتىمگە چىڭ ئېسلىسا، يۈز شېھىدنىڭ ئەجرىنى، ساۋابىنى تاپىدۇ.» سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش شۈبھىسىزكى غايەت ئەھمىيەتلىكتۇر.

  خۇسۇسەن، بىدئەتلەرنىڭ ئىستېلاسى زامانىدا سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش تېخىمۇ مۇھىمدۇر. خۇسۇسەن، فەسادى(بۇزغۇنچىلىق) ئۈممەت زامانىدا سۈننەتى سەنىييەنىڭ كىچىك بىر ئەدەبىگە ھۆرمەت كۆرسىتىش يۈكسەك بىر تەقۋانى ۋە قۇۋۋەتلىك بىر ئىماننى ھېس قىلدۇرىدۇ. بىۋاستە سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى ئەسكە كەلتۈرىدۇ. ئۇ ئەسكە ئېلىش، بىر ﷲنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغانلىق ھالىتىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ھەتتا ئەڭ كىچىك ھەرىكەتلەردە، يەنى يېمەك، ئىچمەك ۋە ياتماق ئەدەبىدە سۈننەتى سەنىييەگە رىئايە قىلغان ۋاقىتتا، ئۇ ئاددى ھەرىكەت ۋە فىترىي(تەبىئىي) ئەمەل، ساۋاپلىق بىر ئىبادەت ۋە شەرئىي بىر ھەرىكەت بولغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئاددى ھەرىكىتى بىلەن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئەگەشكەنلىكىنى ئويلايدۇ ۋە شەرىئەتنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، ھەمدە شەرىئەت ساھىبىنىڭ ئۇ(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) ئىكەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا شەرىئەتنى ھەقىقىي ئوتتۇرىغا قويغۇچى بولغان جانابى ﷲقا يۈزلىنىدۇ. بىر تۈرلۈك ھۇزۇر ۋە ئىبادەت قازىنىدۇ.

  دېمەك بۇ سىرغا بىنائەن، سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان ئادەم، ئادەتلىرىنى ئىبادەتكە ئۆزگەرتىدۇ، پۈتۈن ئۆمرىنى مېۋىدار ۋە ساۋابدار قىلالايدۇ.

  ئىككىنچى نۇكتە: ئىمامى رەببانى ئەھمەدى فارۇقى(ر.ئە) دېگەنكى: «مەن رۇھانى ساياھىتىمدە مەرتىبىلەر بۆسۈۋاتقاندا، ئەۋلىيالار تەبىقىسى ئىچىدە ئەڭ پارلاق، ئەڭ ھەشەمەتلىك، ئەڭ لاتاپەتلىك، ئەڭ ئىشەنچلىك بولغىنى سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىشنى ئۆزىنىڭ تەرىقەت ئاساسى قىلغانلار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ھەتتا ئۇ تەبىقىنىڭ ئەڭ ئاددى ئەۋلىيالىرى باشقا تەبىقىنىڭ ئەڭ خاس ئەۋلىيالىرىدىنمۇ بەكرەك ھەيۋەتلىك كۆرۈندى». مۇجەددىدى ئەلفىسانى ئىمامى رەببانى(ر.ئە) ھەق سۆزلەيدۇ، سۈننەتى سەنىييەنى ئاساس قىلغانلار ھەبىبۇللاھنىڭ(س.ئە.ۋ) سايىسى ئاستىدا ماقامى مەھبۇبىيەتكە (سۆيۈلگەنلەر ماقامى) ئىگىدۇر.

  ئۈچىنچى نۇكتە: بۇ پېقىر سائىد، كونا سائىدتىن چىقىشقا تېرىشقان ۋاقىتتا، رەھبەرسىزلىك ۋە نەفسى ئەممارىنىڭ ھاكاۋۇرلىقى تۈپەيلى، غايەت مۇدھىش ۋە مەنىۋى بىر بورانچاپقۇن ئىچىدە ئەقىل ۋە قەلبىم ھەقىقەتلەر ئارىسىدا دومىلاندى. گاھ سۈرەييادىن سەراغا(يۇلتۇزدىن يەرگە)، گاھ سەرادىن سۈرەيياغا قەدەر چۈشۈش ۋە چىقىشلار بىلەن چايقىلىۋاتاتتى.

  ئۇ زامان كۆردۈمكى، سۈننەتى سەنىييەنىڭ مەسىلىلىرىنى، ھەتتا كىچىك ئەدەپلىرىنى، كېمىلەردە يۆنىلىش كۆرسىتىدىغان قىبلىنامىلىك بىر كومپاستەك، چەكسىز دەرىجىدە زىيانلىق، زۇلمەتلىك يوللار ئىچىدە بىر ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچ ھۆكمىدە كۆرەتتىم. ھەم ئۇ روھىي ساياھەتتە ئۆزۈمنى نۇرغۇن بېسىملار ئاستىدا، ئېغىر يۈكلەر يۈكلەنگەن ۋەزىيەتتە كۆرگەن ۋاقىتتا، سۈننەتى سەنىييەنىڭ ئۇ ۋەزىيەتكە ئالاقىدار مەسىلىلىرىگە ئەگەشكەنچە مېنىڭ پۈتۈن ئېغىرلىقلىرىمنى ئالغاندەك يەڭگىللەپ قالاتتىم. بىر تەسلىمىيەت نەتىجىسىدە، ھەرخىل شۈبھىلەردىن ۋە ۋەسۋەسىلەردىن، يەنى: «ئەجەبا مۇشۇنداق قىلىش دۇرۇستمۇ؟ مۇۋاپىقمۇ؟» دېگەندەك ئەندىشىلەردىن قۇتۇلاتتىم. قاچانكى قولۇمنى يىغىپ قارىسام، بېسىم كۆپ، نەگە بارىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان يوللار بار، يۈك ئېغىر، مەن ئىنتايىن ئاجىز، نەزىرىممۇ قىسقا، يول ھەم قاراڭغۇ، قاچانكى سۈننەتكە يېپىشسام، يول ئايدىڭلىشىپ، ساغلام چىقىش يولى كۆرىنەتتى. يۈك يەڭگىللىشىپ، بېسىملار تۈگەۋاتقاندەك بىر ھالەت ھېس قىلاتتىم. ئۇ زامانلىرىمدا ئىمامى رەببانىينىڭ ھۆكۈمىنى بىلمۇشاھىدە(كۆرگەن ھالدا) تەستىقلىدىم.

  تۆتىنچى نۇكتە: بىر چاغلار ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشتىن ۋە ﴿اَلْمَوْتُ حَقٌّ﴾(ئۆلۈم ھەق) ھۆكۈمىنى تەستىق قىلىشتىن ۋە ئالەمنىڭ زاۋالى ۋە يوقىلىشىدىن كەلگەن بىر روھىي ھالەتتىن ئۆزۈمنى ئاجايىپ بىر ئالەمدە كۆردۈم. ئۆزۈمنى بىر مۇردا(ئۆلۈك) ھالىتىدە ئۈچ ئالاھىدە چوڭ مىيىتنىڭ بېشىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدىم.

  بىرىسى: مېنىڭ ھاياتىم بىلەن ئالاقىدار ۋە ئۆتكەن زامان قەبرىسىگە كىرگەن بارلىق جانلىق مەخلۇقاتنىڭ مەنىۋى مۇردىسى بېشىدا بىر مازار تېشى ھۆكمىدە ئىكەنمەن.

  ئىككىنچىسى: يەر شارى مازارىستانىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتى بىلەن ئالاقىدار پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆتكەن زامان مازارىغا دەپنە قىلىنغان چوڭ مۇردىسىنىڭ بېشىدا مازار تېشى ھۆكمىدىكى بۇ ئەسىرنىڭ يۈزىدە تېزلا ئۆچۈپ كېتىدىغان بىر چېكىت ۋە تېزلا ئۆلۈپ كېتىدىغان بىر چۆمۈلە ئىكەنمەن.

  ئۈچىنچىسى: شۇ كائىناتنىڭ قىيامەت ۋاقتىدا ئۆلىشى، چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، نەزىرىمدە يۈز بېرىپ بولغاندەك كۆرۈندى. ئۇ چوڭ مۇردىنىڭ سەكراتىدىن، دەھشەتلىك ۋاپاتىدىن ھەيرانلىق ۋە ئالاقىزادىلىك ئىچىدە ئۆزۈمنى كۆرۈش بىلەن بىللە، كەلگۈسىدە چوقۇم بولىدىغان ۋاپاتىم دەل ئۇ ۋاقىتتا يۈز بېرىۋاتقاندەك كۆرۈندى ۋە ﴿فَاِنْ تَوَلَّوْا﴾ (ئاخىرىغىچە)… سىرى بىلەن: پۈتۈن مەۋجۇدات، پۈتۈن مەھبۇبات(سۆيۈلگۈچىلەر)، مېنىڭ ۋاپاتىم بىلەن مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتتى. چەكسىز بىر دېڭىز سۈرىتىنى ئالغان ئەبەد تەرىپىدىكى كەلگۈسىگە روھىم ھەيدىلىۋاتاتتى. ئۇ دېڭىزغا مەن خالاي، خالىماي بەرىبىر تاشلىنىشقا دۇچ كىلىۋاتاتتىم.

  بەك ئاجايىپ ۋە غەمگە پاتۇرىدىغان ئۇ ھالەتتە، ئىمان ۋە قۇرئاندىن كەلگەن بىر مەدەت بىلەن

﴿فَاِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِىَ اللّٰهُ لاَ اِلهَ اِلاَّ هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ﴾

ئايىتى ياردەمگە كەلدى ۋە ئىنتايىن خاتىرجەم ۋە ساغلام بىر كېمە ھۆكمىگە ئۆتتىروھ پۈتۈنلەي ئەمىن ۋە خۇشال ھالەتتە ئۇ ئايەتنىڭ ئىچىگە كىردى. چۈشەندىمكى، ئايەتنىڭ ئوچۇق مەنىسىدىن باشقا بىر ئىشارىي مەنىسى ماڭا تەسەللى بەردىكى، قەلبىمگە راھەت بېغىشلىدى، خاتىرجەملىككە ئىرىشتىم. ئوچۇق مەنىسى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا دەيدۇ: «ئەگەر ئەھلى زالالەت سېنىڭ شەرىئەت ۋە سۈننىتىڭدىن يۈز ئۆرۈپ قۇرئاننى تېڭشىمىسا غەم قىلما! ۋە دېگىنكى: جانابى ﷲماڭا يېتەرلىكتۇر. ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىمەن. ئۇ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئەگىشىدىغانلارنى يىتىشتۈرۈپ بىرىدۇ. ھەر نەرسە ئۇنىڭ سەلتەنىتى ئاستىدىدۇر. ئاسىيلارمۇ سەلتەنەت چېگرىسىدىن قاچالمايدۇ، ياردەم خالىغانلارمۇ مەدەتسىز قالمايدۇ». ئىشارىي مەنىسى بىلەن دەيدۇكى: «ئەي ئىنسان ۋە ئىنساننىڭ رەئىسى ۋە مۇرشىدى! ئەگەر پۈتۈن مەۋجۇدات سېنى تاشلاپ يوقلۇق يولىدا ھالاكەتكە كەتسە، ئەگەر جانلىقلار سەندىن ئايرىلىپ ئۆلۈم يولىغا يۈگۈرسە، ئەگەر ئىنسانلار سېنى تەرك ئېتىپ مازارىستانغا كىرسە، ئەگەر ئەھلى غەپلەت ۋە ئازغۇنلار سېنى تېڭشىماي زۇلمەتكە چۈشسە، غەم قىلما! دېگىنكى: جانابى ﷲ ماڭا يېتەرلىكتۇر. ئۇ بار، ئۇنداقتا ھەر نەرسە بار. ئۇ ھالدا، ئۇ كەتكەنلەر يوقلۇققا كەتمىدى، ئۇنىڭ باشقا مەملىكىتىگە كېتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىلىگە ئۇ ئەرشى ئەئزەم ساھىبى، ھېساپسىز ئەسكەرلىرىدىن باشقىلىرىنى ئەۋەتىدۇ. مازارىستانغا كەتكەنلەر ھالاك بولۇشمىدى، باشقا ئالەمگە كېتىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىلىگە باشقا ۋەزىپىدارلارنى ئەۋەتىدۇ. ئازغۇنلۇققا چۈشكەنلەرگە بەدەل، ھەق يولىغا ئەگەشكەن دىندار قۇللارنى ئەۋەتەلەيدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇ ھەر نەرسىگە بەدەلدۇر. پۈتۈن شەيئىلەر ئۇنىڭ بىر ئىلتىپاتىغا بەدەل بولالمايدۇدەيدۇ.

  دېمەك، شۇ ئىشارىي مەنە ۋاستىسى بىلەن، ماڭا دەھشەت بەرگەن ئۈچ قورقۇنچلۇق مۇردا باشقا شەكىل ئالدى. يەنى، ھەم ھەكىم، ھەم رەھىيم، ھەم ئادىل، ھەم قادىر بىر زاتى زۇلجالالنىڭ باشقۇرۇشى ۋە رۇبۇبىيىتى ئاستىدا، ھېكمەت ۋە رەھمىتى ئىچىدە، ھېكمەتلىك بىر سەيران(كېزىش)، ئىبرەتلىك بىر جەۋلان، ۋەزىپىدار بىر ساياھەت سۈرىتىدە بىر سەيلىساياھەتتۇر. بىر بوشىتىش ۋە ۋەزىپىلەندۈرۈشتۇركى، ئالەم شۇنداق دولقۇنلىنىۋاتىدۇ، كېلىۋاتىدۇ، كېتىۋاتىدۇ.

  بەشىنچى نۇكتە: ﴿قُلْ اِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللّهَ فَاتَّبِعُونِى يُحْبِبْكُمُ اللّٰهُ﴾ بۈيۈك ئايىتى، سۈننەتكە ئەگىشىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ۋە لازىم ئىكەنلىكىنى بەك قەتئىي بىر سۈرەتتە ئېلان قىلىدۇ. شۇ ئايەتى كەرىمە، مەنتىقىي قىياسلار ئىچىدە، قىياسى ئىستىسنائىي قىسمىنىڭ ئەڭ قۇۋۋەتلىك ۋە قەتئىي بىر قىياسىدۇر. مەنتىقچە قىياسى ئىستىسنائىيگە مىسال قىلىنىپ دېيىلىدۇ: «ئەگەر قۇياش چىقسا، كۈندۈز بولىدۇمۇسبەت نەتىجە ئۈچۈن دېيىلىدۇ: «قۇياش چىقتى، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن نەتىجە چىقىدۇكى، ھازىر كۈندۈزدۇرمەنفى نەتىجە ئۈچۈن دېيىلىدۇ: «كۈندۈز يوق، ئۇنداقتا نەتىجە چىقىدۇكى، قۇياش چىقمىدى». مەنتىقچە، بۇ مۇسبەت ۋە مەنفى ئىككى نەتىجە قەتئىيدۇر.

  دەل شۇنىڭدەك، شۇ ئايەتى كەرىمە دەيدۇكى: «ئەگەر ﷲقا مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەبىبۇللاھقا ئەگىشىش كېرەك، ئەگىشىلمىسە نەتىجە چىقىدۇكى، ﷲقا مۇھەببىتىڭلار يوقتۇر. مۇھەببەتۇللاھ بولسا، نەتىجە چىقىدۇكى، ھەبىبۇللاھنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىگە ئەگىشىشنى نەتىجىلەيدۇ. جانابى ھەققە(ﷲقا) ئىمان ئېيىتقان كىشى، ئەلبەتتە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ. ئىتائەت يوللىرى ئىچىدىمۇ ئەڭ مەقبۇل، ئەڭ توغرىسى ۋە ئەڭ قىسقىسى، شۈبھىسىز ھەبىبۇللاھ كۆرسەتكەن ۋە ماڭغان يولدۇر. ئالەمنى بۇ قەدەر ئىنئاملار بىلەن تولدۇرغان زاتى كەرىمى زۇلجالال، ئەقىل ئىگىلىرىدىن ئۇ نىئمەتلەرگە قارىتا شۈكۈر خالىشى، زۆرۈر ۋە ئېنىقتۇر. ھەم بۇ كائىناتنى بۇ قەدەر سەنئەت مۆجىزىلىرى بىلەن بېزىگەن ئۇ زاتى ھەكىمى زۇلجالال، ئەلۋەتتە ۋە قەتئىي ھالدا ئەقىل ئىگىلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇمتاز(تاللانغان) بىرسىنى ئۆزىگە مۇخاتاب، تەرجىمان ۋە قۇللىرىغا تەبلىغچى ۋە ئىمام قىلىدۇ. ھەمدە بۇ كائىناتنى ھىساپسىز جامال ۋە كاماللىرىنىڭ جىلۋىلىرىگە ئىگە قىلغان ئۇ زاتى جەمىلى زۇلكامال، ئېنىقكى، سۆيگەن ۋە ئىزھار قىلىشنى خالىغان جامال، ئىسىم ۋە سەنئەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇجەسسەم ۋە ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدىكى (تونۇش) ئۆلچىمى ۋە كۆرۈنۈش ۋاستىسى بولغان بىر زاتقا چوقۇم ئەڭ مۇكەممەل بىر ئىبادەت ھالىتىنى بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھالىتىنى باشقىلارغا نەمۇنە قىلىپ، ئۇ گۈزەل ھالەتنىڭ باشقىلاردىمۇ كۆرۈنۈشى ئۈچۈن ھەركىمنى ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە بۇيرۇيدۇ».

  خۇلاسە: مۇھەببەتۇللاھ، سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىشنى لازىم قىلىدۇ. سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىشتىن ئۈلۈشى كۆپرەك بولغان كىشى نېمە دېگەن بەختىيار! سۈننەتى سەنىييەنى ئالقىشلىماي، بىدئەتلەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!

  ئالتىنچى نۇكتە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام دېگەنكى: كُلُّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ وَكُلُّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّارِ يەنى: ﴿اَلْيَوْمَ اَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ﴾(مائىدە:3) سىرى بىلەن پارلاق شەرىئىتىمىزنىڭ قائىدىلىرى ۋە سۈننەتى سەنىييەنىڭ دەستۇرلىرى تامامەن تولۇق ھالدا ئەڭ كامالەتتە تۇرسىمۇ، يېڭى ئىجادلار بىلەن ئۇ دەستۇرلارنى ياقتۇرماسلىق ۋەياكى ھاشا ۋە كەللا، قۇسۇرلۇق كۆرۈش ھېسسىنى بەرگەن بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىش زالالەتتۇر، ئوتتۇر.

  سۈننەتى سەنىييەنىڭ مەرتىۋىلىرى بار. بىر قىسمى ۋاجىپتۇر، تەرك قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇ قىسىمى شەرىئەتتە تەپسىلىي بايان قىلىنغاندۇر. ئۇلار ساغلام ھۆكۈملەردۇر. ھېچبىر جەھەتتە ئۆزگەرمەيدۇ. بىر قىسمى بولسا، نەفىلە تۈرىدىندۇر. نەفىلە قىسمىمۇ ئىككى قىسىمدۇر. بىر قىسىم، ئىبادەتكە ئائىت سۈننەتى سەنىييە قىسىملىرىدۇر. ئۇلارمۇ شەرىئەت كىتابلىرىدا بايان قىلىنغاندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتىلىشى بىدئەتتۇر. يەنە بىر قىسمى، «ئاداب» (ئەدەبلەر) دېيىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنى چۈشەندۈرىدىغان كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغاندۇر. ئۇلارغا مۇخالىپ ئىشلار بىدئەت دېيىلمەيدۇ. ئەمما، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئادابلىرىغا بىر خىل مۇخالىپلىق قىلغانلىق بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ نۇرىدىن ۋە ئۇ ھەقىقىي ئەدەبتىن پايدىلانمىغانلىق بولىدۇ. بۇ قىسىم سۈننەت، ئۆرپئادەتلەر ۋە فىترىي مۇئامىلىلەردە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئىشەنچلىك خەۋەرلەر بىلەن مەلۇم بولغان ھەرىكىتىگە ئەگىشىشتۇر. مەسىلەن: سۆزلەش ئەدەبىنى كۆرسىتىدىغان ۋە يېيىش، ئىچىش، يېتىشتەك ھالەتلەرنىڭ ئەدەب دەستۇرلىرىنى بايان قىلغان، پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلەرگە ئائىت نۇرغۇن سۈننەتى سەنىييەلەر بار. بۇ تۈرلۈك سۈننەتلەر «ئاداب» دېيىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئەدەبلەرگە ئەگەشسە، ئادىتىنى ئىبادەتكە ئۆزگەرتىدۇ. ئۇ ئەدەبتىن مۇھىم بىر فەيىز ئالىدۇ. ئەڭ كىچىك بىر «ئەدەب»نىڭ قىلىنىشى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى ئەسلىتىدۇ، قەلبكە بىر نۇر بېرىدۇ. سۈننەتى سەنىييەنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى، ئىسلامىيەت ئالامەتلىرى بولغان ۋە شەئائىرگىمۇ تەئەللۇق قىلغان سۈننەتلەردۇر. شەئائىر «ئومۇمىي ھوقۇقلار»دەك جامائەتكە ئائىت بىر ئىبادەتتۇر. بىرىسىنىڭ قىلىنىشى بىلەن ئۇ جامائەت ئومۇمەن پايدىلانغىنىدەك، ئۇنىڭ تەرك قىلىنىشى بىلەنمۇ ئومۇم جامائەت مەسئۇل بولىدۇ. بۇ تۈرلۈك شەئائىرگە رىيا كىرەلمەيدۇ ۋە ئېلان قىلىنىدۇ. نەفىلە تۈرىدىن بولسىمۇ، شەخسىي پەرزلەردىن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر.

  يەتتىنچى نۇكتە: سۈننەتى سەنىييە گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئاستىدا بىر نۇر، بىر گۈزەل ئەخلاق بولمىغان ھېچبىر مەسىلىسى يوق! رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام دېگەنكى:

اَدَّبَنِى رَبِّى فَاَحْسَنَ تَاْدِيبِى

يەنى، رەببىم ماڭا گۈزەل ئەخلاقنى، گۈزەل بىر سۈرەتتە ئىھسان قىلدى، ئەدەبلەندۈردى.

 پەيغەمبىرىمىزنى چۈشەندۈرىدىغان كىتابلارغا دىققەت قىلغان ۋە سۈننەتى سەنىييەنى بىلىدىغان ئادەم قەتئىييەن چۈشىنىدۇكى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ ھەممىسىنى جانابى ھەق ھەبىبىدە(ئۇ سۆيۈملۈك قۇلىدا) جەم قىلغاندۇر. ئۇنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىنى تەرك قىلغان ئادەم، گۈزەل ئەخلاقىنى تەرك قىلىدۇ. بِى اَدَبْ مَحْرُومْ بَاشَدْ اَزْ لُطْفِ رَبْ قائىدىسىنى ئىسپاتلايدۇ. ھەسرىتى ئېغىر بىر ئەدەپسىزلىككە چۈشىدۇ.

  سوئال: ھەر نەرسىنى بىلىدىغان، كۆرىدىغان ۋە ھېچبىر نەرسە ئۇنىڭدىن يوشۇرىنالمايدىغان ئەللامۇل غۇيۇبقا (غەيپلەرنى بىلگۈچى ﷲقا) قارىتا ئەدەب قانداق بولىدۇ؟ خىجالەتكە سەۋەب بولىدىغان ھالەتلەر ئۇنىڭدىن يوشۇرىنالمايدۇ. ئەدەبنىڭ بىر تۈرى تەسەتتۇردۇر (ھىجاب، يېپىنىش). سەت كۆرىلىدىغان ھالەتلەرنى يوشۇرۇشتۇر. ئەللامۇل غۇيۇبقا قارىتا تەسەتتۇر قانداق بولىدۇ؟

  جاۋاب: بىرىنچىدىن، سانىئى زۇلجالال سەنئىتىنى گۈزەل كۆرسىتىشكە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە يىرگىنىشلىك نەرسىلەرنى پەردىلەر ئاستىغا ئالىدۇ، ھەمدە نىئمەتلىرىگە، ئۇ نىئمەتلەرنى بىزەش ئارقىلىق دىققەتنەزەرىنى جەلىپ قىلىدۇ. شۇنىڭدەكلا، مەخلۇقاتىنى ۋە قۇللىرىنى باشقا ئىدراك ئىگىلىرىگە گۈزەل كۆرسىتىشنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ يىرگىنىشلىك ۋەزىيەتلەردە كۆرىنىشى جەمىيل ۋە مۇزەييىن ۋە لەتىف ۋە ھەكىمگە ئوخشاش ئىسىملىرىغا قارشى بىر تۈرلۈك ئىسيان ۋە ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.

  سۈننەتى سەنىييەدىكى ئەدەب بولسا، ئۇ سانىئى زۇلجالالنىڭ ئىسىملىرىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ھەقىقىي بىر ئەدەب ھالىتىدۇر.

  ئىككىنچىدىن، بىر تىۋىپ دوختۇرلۇق نۇقتىسىدا بىر نامەھرەمنىڭ ئەڭ نامەھرەم ئەزاسىغا قارايدۇ ۋە زۆرۈرىيەت بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدۇ، ئەدەبسىزلىك دېيىلمەيدۇ. بەلكى تىبابەت شۇنداق تەقەززا قىلىدۇ، دېيىلىدۇ. ئەمما ئۇ تىۋىپ ئۆزىنىڭ ئەر ئۇنۋانى بىلەن ۋەياكى ۋائىز ئىسمى بىلەن ۋەياكى موللا سۈپىتى بىلەن ئۇ نامەھرەملەرگە قارىيالمايدۇ. ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىشىگە ئەدەب رۇخسەت قىلمايدۇ. ئۇ جەھەتلەردە ئۇنىڭغا كۆرسىتىش ھاياسىزلىقتۇر. شۇنىڭدەك سانىئى زۇلجالالنىڭ نۇرغۇن ئىسىملىرى بار. ھەربىر ئىسمىنىڭ ئايرىم بىر جىلۋىسى بار. مەسىلەن: «غەففار» ئىسمى گۇناھلارنىڭ بولىشىنى ۋە «سەتتار» ئىسمى قۇسۇرلارنىڭ بولىشىنى تەقەززا قىلغىنىدەك، «جەمىيل» ئىسمىمۇ يىرگىنىچلىكنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. «لەتىف، كەرىم، ھەكىيم، رەھىيم»دەك ئۇنىڭ جامال ۋە كامالىغا ئائىت ئىسىملىرى، مەۋجۇداتنىڭ گۈزەل بىر سۈرەتتە ۋە مۇمكىن بولىدىغان ۋەزىيەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدا بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ھەمدە ئۇ خىل ئىسىملار مەلائىكە ۋە رۇھانىي ۋە جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئۆز گۈزەللىكلىرىنى، مەۋجۇداتنىڭ گۈزەل ۋەزىيەتلىرى ۋە گۈزەل خۇلقلىرى(ئەدەبلىرى) بىلەن كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  سۈننەتى سەنىييەدىكى ئەدەب بولسا، بۇ يۈكسەك ئەدەبنىڭ ئىشارىتىدۇر، دەستۇرلىرى ۋە نەمۇنىلىرىدۇر.

  سەككىزىنچى نۇكتە: ﴿فَاِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِىَ اللّٰهُ﴾ دىن ئاۋۋالقى بولغان ﴿لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ﴾ (ئاخىرىغىچە) ئايىتى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئۈممىتىگە قارىتا يۈكسەك شەپقەت ۋە ئالى ھېسداشلىقىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، شۇ ﴿فَاِنْ تَوَلَّوْا﴾ ئايىتى بىلەن دەيدۇكى: «ئەي ئىنسانلار! ئەي مۇسۇلمانلار! مۇشۇنداق ھېسابسىز شەپقىتى بىلەن سىلەرنى ئىرشاد قىلغان، سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن پۈتۈن قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلغان ۋە مەنىۋى يارىلىرىڭلارنى يۈكسەك شەپقىتى بىلەن كەلتۈرگەن ئەھكام ۋە سۈننەتى سەنىييەسى بىلەن داۋالاپ دەرمان يېتىشتۈرگەن شەپقەتپەرۋەر بىر زاتنىڭ ئوپئوچۇق شەپقىتىنى ئىنكار قىلىش ۋە كۆز بىلەن كۆرۈنگەن ھېسداشلىقىنى قارىلاش دەرىجىسىدە ئۇنىڭ سۈننىتىدىن ۋە تەبلىغ قىلغان ئەھكامىدىن يۈز ئۆرۈشنىڭ نەقەدەر ۋىجدانسىزلىق، ئەقىلسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار! ۋە ئەي شەپقەتلىك رەسۇل ۋە ئەي مەرھەمەتلىك پەيغەمبەر! ئەگەر سېنىڭ بۇ بۈيۈك شەپقىتىڭنى ۋە يۈكسەك مەرھەمىتىڭنى تونىماي ئەقىلسىزلىقلىرىدىن ساڭا ئارقىسىنى قىلىپ سېنى تىڭشاشمىسا، غەم قىلما! ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ ئەسكەرلىرى ئەمرى ئاستىدا بولغان، ھەممىنى قاپلىغان ئەرشى ئەئزەمنىڭ ئاستىدا رۇبۇبىيەت سەلتەنىتى ھۆكۈم سۈرگەن زاتى زۇلجالال ساڭا كۇپايە! ھەقىقىي ئەگەشكەن تائىپىلەرنى سېنىڭ ئەتراپىڭغا توپلايدۇ، سېنى ئۇلارغا تىڭشىتىدۇ. سېنىڭ ئەھكامىڭنى ئۇلارغا قوبۇل قىلغۇزىدۇ

  شۇنداق، شەرىئەتى مۇھەممەدىيە ۋە سۈننەتى ئەھمەدىيەنىڭ خىلمۇخىل ھېكمەتلىرى بولمىغان بىرمۇ مەسىلىسى يوق. بۇ پېقىر، پۈتۈن قۇسۇر ۋە ئاجىزلىقىم بىلەن بۇنى دەۋا قىلىمەن ۋە بۇ دەۋانىڭ ئىسپاتىغا ھەم ھازىرمەن. ھەم ھازىرغىچە يېزىلغان يەتمىشسەكسەن نۇر رىسالىسى سۈننەتى ئەھمەدىيەنىڭ ۋە شەرىئەتى مۇھەممەدىيە(س.ئە.ۋ)نىڭ مەسىلىلىرىنىڭ نەقەدەر ھېكمەتلىك ۋە ھەقىقەتلىك ئىكەنلىكىگە يەتمىشسەكسەن سادىق شاھىد ھۆكمىگە ئۆتكەندۇر. ئەگەر بۇ تېمىغا دائىر ئىقتىدار بولسا، يەتمىش ئەمەس، بەلكى يەتتە مىڭ رىسالە ئۇ ھېكمەتلەرنى پۈتكۈزەلمەيدۇ. ھەم مەن شەخسەن بىلمۇشاھىدە ۋە مەنىۋى زوق، بەلكى مىڭلارچە تەجرىبىلىرىم بىلەن، شەرىئەت مەسىلىلىرى بىلەن سۈننەتى سەنىييە دەستۇرلىرىنىڭ روھىي، ئەقلىي ۋە قەلبىي كېسەللەردە بولۇپمۇ ئىجتىمائىي كېسەللىكلەردە غايەت مەنپەئەتلىك بولغان بىردىن داۋا ئىكەنلىكىگە ئائىت ئېتىقادىمنى، ئۇلارنىڭ ئورنىنى باشقا پەلسەپىۋى ۋە ھېكمەتلىك مەسىلىلەرنىڭ باسالمايدىغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ بىلمۇشاھىدە شۇنداق ھېس قىلغانلىقىمنى ۋە باشقىلارغىمۇ رىسالىلەردە مەلۇم جەھەتتە ھېس قىلدۇرغانلىقىمنى ئېلان قىلىمەن. بۇ دەۋايىمدا ئىككىلەنگەنلەر رىسالەئى نۇر ئەسەرلىرىگە مۇراجەت قىلىپ ئوقۇپ كۆرۈشسۇن.

  مانا مۇشۇنداق بىر زاتنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىگە قولدىن كېلىشىچە ئەگىشىشكە تېرىشىشنىڭ نەقەدەر شەرەپ ئىكەنلىكى ۋە ئەبەدىي ھايات ئۈچۈن نەقەدەر سائادەتكە سەۋەب، دۇنيا ھاياتى ئۈچۈنمۇ نەقەدەر چوڭ پايدا بولىدىغانلىقى قىياس قىلىنسا بولىدۇ.

  توققۇزىنچى نۇكتە: سۈننەتى سەنىييەنىڭ ھەربىر تۈرىگە تامامەن ھەرىكىتى بىلەن ئەگىشىش پەقەت مۆئمىنلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈن خاسلىرى مۇيەسسەر بولىدىغان ئىش. ئەمما ھەرىكىتى بىلەن بولمىسىمۇ، نىيىتى بىلەن، مەقسەت قىلىپ، تەرەپدار ھالدا، قوبۇل كۆرگەن ئاساستا ئۇنى قىلىشنى خالاش ھەركىمنىڭ قولىدىن كىلىدۇ. پەرز ۋە ۋاجىپ قىسىملىرىغا ئەگىشىشتە ئەسلىدىنلا مەجبۇرىيەت بار. ۋە ئىبادەتتىكى مۇستەھەب بولغان سۈننەتى سەنىييەلەرنى تەرك قىلىش گۇناھ بولمىسىمۇ، چوڭ ساۋاپتىن مەھرۇمىيەت بار. ئۆزگەرتىش بولسا، چوڭ خاتالىقتۇر. ئادەتلەر ۋە مۇئامىلىلەردىكى سۈننەتى سەنىييە بولسا، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنسىرى ئۇ ئادەتلەر ئىبادەت بولىدۇ. ئەگەشمىسە جازا يوق. ئەمما ھەبىبۇللاھنىڭ ھاياتىي ئەدەپلىرىنىڭ نۇرىدىن كېلىدىغان فەيىز ئازىيىدۇ. ئىبادەت ئەھكاملىرىدا يېڭى نەرسىلەرنى ئىجاد(پەيدا) قىلىش بىدئەتتۇر. بىدئەتلەر ﴿اَلْيَوْمَ اَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ﴾ سىرىغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەمما تەرىقەتتە دۇئالار، زىكىرلەر ۋە خۇسۇسىي يوللار تۈرىدىن بولسا ئاساسلىرى كىتاب ۋە سۈننەتتىن ئېلىنىش شەرتى بىلەن ئايرىمئايرىم تەرزدە، ئايرىمئايرىم سۈرەتتە بولۇش بىلەن بىللە، مۇقەررەر بولغان ئۇسۇل ۋە سۈننەتى سەنىييەنىڭ ئاساسلىرىغا مۇخالىپ بولماسلىق ۋە ئۆزگەرتمەسلىك شەرتى بىلەن بىدئەت ئەمەستۇر. لېكىن بىر قىسىم ئەھلى ئىلىم بۇلارنى بىدئەتكە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا «ياخشى بىدئەت» دەپ نام بەرگەندۇر.

  ئىمامى رەببانى مۇجەددىدى ئەلفىسانى(ر.ئە) دېگەنكى: «مەن رۇھانىي ساياھىتىمدە كۆرەتتىمكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان سۆزلەر نۇرلۇق ئىدى. سۈننەتى سەنىييە نۇرى بىلەن پارلايتتى. ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنمىغان پارلاق ۋە قۇۋۋەتلىك دۇئالارنى ۋە ھاللارنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، ئۈستىدە ئۇ نۇر يوق ئىدى. بۇ قىسىمنىڭ ئەڭ پارلىقى، ئاۋۋالقىنىڭ ئەڭ ئېزىغىمۇ تەڭ كەلمەيتتى. بۇنىڭدىن چۈشەندىمكى، سۈننەتى سەنىييەنىڭ نۇرى بىر ئىكسىردۇر(تەسىرى كۈچلۈك دورا). ھەم سۈننەت نۇر خالىغانلارغا يېتەرلىكتۇر. ئۇنىڭ سىرتىدا نۇر ئىزدەشكە ئېھتىياج يوق

  ھەقىقەت ۋە شەرىئەتنىڭ بىر قەھرىمانى بولغان بۇ زاتنىڭ بۇ ھۆكۈمى كۆرسىتىدۇكى، سۈننەتى سەنىييە ئىككى دۇنيا سائادىتىنىڭ ئۇل تېشى ۋە كامالەتنىڭ مەدەنى ۋە مەنبەسىدۇر.

اَللّٰهُمَّ ارْزُقْنَا اِتِّبَاعَ السُّنَّةِ السَّنِيَّةِ

﴿رَبَّنَا آمَنَّا بِمَا اَنْزَلْتَ وَاتَّبَعْنَا الرَّسُولَ فَاكْتُبْنَا مَعَ لشَّاهِدِينَ﴾

(ئالى ئىمران:53)

  ئونىنچى نۇكتە: ﴿قُلْ اِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللّهَ فَاتَّبِعُونِى يُحْبِبْكُمُ اللّٰهُ﴾ ئايىتىدە مۆجىزىلىك بىر بالاغەت باردۇر. چۈنكى، بۇ ئۈچ جۈملىنىڭ ئىچىدە كۆپ جۈملىلەر بار. يەنى، شۇ ئايەت دەيدۇكى: ﷲقا(جەللە جەلالۇھۇ) ئىمانىڭلار بولسا، ئەلۋەتتە ﷲنى سۆيىسىلەر. ﷲنى سۆيگەن ئىكەنسىلەر، ﷲ سۆيگەن تەرزدە ئىش قىلىسىلەر. ئۇ سۆيگەن تەرز بولسا، ﷲ سۆيگەن زاتقا ئوخشىماقتۇر. ئۇنىڭغا ئوخشىماق بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىشتۇر. قاچانكى ئۇنىڭغا ئەگەشسەڭلار، ﷲمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ. ھېلىمۇ سىلەر ﷲنى سۆيىسىلەر، مەقسىتىڭلار ﷲنىڭمۇ سىلەرنى سۆيىشىدۇر.

  پۈتۈن بۇ جۈملىلەر، شۇ ئايەتنىڭ پەقەت ئىخچام ۋە قىسقا بىر مەنىسىدۇر. دېمەككى، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئالى مەقسەت، جانابى ھەقنىڭ مۇھەببىتىگە ئىگە بولۇشتۇر. بۇ ئايەت ئېنىق ھۆكمى بىلەن كۆرسىتىدۇكى: ئۇ ئالى نىشاننىڭ يولى ھەبىبۇللاھقا ئەگىشىشتۇر ۋە سۈننەتى سەنىييەگە ئىقتىدا قىلىشتۇر. بۇ ماقامدا «ئۈچ نۇقتا» ئىسپات قىلىنسا، بۇ ھەقىقەت تامامەن زاھىر بولىدۇ:

  بىرىنچى نۇقتا: ئىنسان يارىتىلىشىدىن شۇ كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىغا قارىتا چەكسىز بىر مۇھەببەت كۆرسىتىدىغان شەكىلدە يارىتىلغاندۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ فىتراتىدا(يارىتىلىشىدا) جامالغا قارىتا بىر مۇھەببەت، كامالەتكە قارىتا چوقۇنۇش ۋە ئېھسانغا قارىتا سۆيۈش بار. جامال، كامال ۋە ئېھسان دەرىجىلىرىگە قارىتا ئۇ مۇھەببەت زىيادىلىشىپ، ئاشىقلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەرىجىسىگە قەدەر كۈچىيىدۇ. ھەم بۇ كىچىك ئىنساننىڭ كىچىككىنە قەلبىدە كائىنات قەدەر بىر ئىشىق يەرلىشىدۇ. قەلبنىڭ بۇغدايچىلىك بىر ساندۇقچىسى بولغان ئەستە تۇتۇش ھېسسى بىر كۈتۈپخانا ھۆكمىدە بولۇپ، مىڭلارچە كىتاب قەدەر خەتنىڭ ئىچىدە يېزىلىشى كۆرسىتىدۇكى، ئىنسان قەلبى كائىناتنى ئىچىگە ئالالايدۇ ۋە ئۇ قەدەر مۇھەببەتنى سىغدۇرالايدۇ. مادەمكى ئىنساننىڭ فىتراتىدا ئېھسان، جامال ۋە كامالغا قارىتا مۇشۇنداق چەكسىز بىر مۇھەببەت قابىلىيىتى بار. شۇنداقلا، بۇ كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ كائىناتتا كۆرۈنگەن ئەسەرلىرى بىلەن چۈشىنىلىدىغان، غايەت ئېنىق ۋە ئەمىلىي بولغان چەكسىز مۇقەددەس جامالى؛ ۋە بۇ مەۋجۇداتتىكى سەنئەت نەقىشلىرىنىڭ شاھىتلىقى بىلەن زۆرۈرى ھالدا ئېنىقلىقى قوبۇل قىلىنىدىغان چەكسىز قۇسۇرسىز كامالى؛ ھەمدە پۈتۈن ھايات ئىگىلىرىدە كۆرۈنگەن ئۇ زاتنىڭ تۈرلۈكتۈرلۈك ئېھسان ۋە ئىنئاملىرى بىلەن شۈبھىسىز ۋە بەلكى بىلمۇشاھەدە(كۆرگەندەك دەرىجىدە) بارلىقى ئېنىق تونۇلىدىغان چەكسىز ئېھسانلىرى باردۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، ئەلۋەتتە ئىدراك ئىگىلىرىنىڭ ئەڭ جامىيسى (مۇجەسسىمى)، ئەڭ مۇھتاجى، ئەڭ مۇتەپەككۇرى ۋە ئەڭ مۇشتاقى بولغان ئىنساندىن چەكسىز بىر مۇھەببەتنى تەقەززا(تەلەپ) قىلىدۇ. شۇنداق، ھەربىر ئىنسان، ئۇ خالىقى زۇلجالالغا قارىتا چەكسىز بىر مۇھەببەت قابىلىيىتىگە ئىگە بولغىنىدەك، ئۇ خالىق(ياراتقۇچى)مۇ ھەركىمدىن زىيادە جامال، كامال ۋە ئېھسانىغا قارىتا چەكسىز بىر مۇھەببەتكە لايىقتۇر. ھەتتا مۆئمىن ئىنساننىڭ ھاياتىغا، دائىمىيلىقىغا، ۋۇجۇدىغا، دۇنياسىغا، نەفسىگە ۋە مەۋجۇداتقا قارىتا بولغان تۈرلۈكتۈرلۈك مۇھەببەتلىرى ۋە شىددەتلىك ئالاقىلىرى ﷲقا بولغان مۇھەببەت قابىلىيىتىنىڭ تامچىلىرىدۇر. ھەتتا ئىنساننىڭ خىلمۇخىل شىددەتلىك ھېسسىياتى ئۇ مۇھەببەت قابىلىيىتىنىڭ باشقىچە كۆرۈنۈشلىرى ۋە باشقا شەكىلگە كىرگەن ئالامەتلىرىدۇر. مەلۇمدۇركى، ئىنسان ئۆز سائادىتى بىلەن لەززەتلەنگىنىدەك، ئۆزلىرى ئالاقىدار بولغان كىشىلەرنىڭ سائادەتلىرى بىلەنمۇ لەززەتلىنىدۇ. ھەمدە ئۆزىنى بالادىن قۇتقۇزغاننى سۆيگىنىدەك، ئۆزىنىڭ سۆيگەنلىرىنى قۇتقۇزغاننىمۇ سۆيىدۇ.

  مانا بۇ خىل روھىي ھالەتكە بىنائەن، كىشى ئەگەر ھەر ئىنسانغا ئائىت ﷲنىڭ تۈرلۈك ئېھسانلىرىدىن پەقەت بۇنى ئويلىسا؛ «مېنىڭ خالىقىم مېنى ئەبەدىي قاراڭغۇلۇق بولغان يوقلۇقتىن قۇتقۇزۇپ بۇ دۇنيادا گۈزەل بىر دۇنيانى ماڭا بەرگىنىدەك، ئەجىلىم توشقان ۋاقىتتا مېنى ئەبەدىي ئۆلۈم بولغان يوقلۇقتىن ۋە يوقىلىشتىن يەنە قۇتقۇزۇپ باقىي بىر ئالەمدە ئەبەدىي ۋە ناھايىتى ھەشەمەتلىك بىر ئالەمنى ماڭا ئېھسان قىلغىنىدەك؛ ۋە يەنە ئۇ ئالەمنىڭ لەززەت ۋە گۈزەللىكلىرىنىڭ بارلىق تۈرلىرىدىن پايدىلىنىدىغان ۋە جەۋلان قىلىپ ھۇزۇرلىنىدىغان ئىچكى ۋە سىرتقى ھېسلارنى، تۇيغۇلارنى ماڭا ئىنئام قىلغىنىدەك، مەن سۆيگەن ۋە ئالاقىدار بولغان پۈتۈن ئۇرۇقتۇغقان، دوستيېقىن ۋە باشقا ئىنسانلارنىمۇ شۇنداق چەكسىز ئېھسانلارغا ئىگە قىلىدۇ ۋە ئۇ ئېھسانلار بىر جەھەتتە ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ سائادەتلىرى بىلەن بەختىيارلىق ھېس قىلىپ لەززەتلىنىمەن. مادەمكى، َاْلاِنْسَانُ عَبِيدُ اْلاِحْسَانِ سىرى بىلەن، ھەركىمدە ئېھسانغا قارىتا چوقۇنۇش بار. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە بۇنداق چەكسىز ئەبەدىي ئېھسانلارغا قارىتا كائىنات قەدەر بىر قەلبىم بولسا، ئۇ ئېھساننىڭ ئىگىسىگە بولغان مۇھەببەت بىلەن تولۇشنى ئىقتىزا(تەلەپ) قىلىدۇ ۋە تولدۇرۇشنى خالايمەن. مەن ئۇ مۇھەببەتنى ھەرىكىتىم بىلەن ئىپادىلىيەلمىسەممۇ، قابىلىيەت بىلەن، ئىمان بىلەن ، نىيەت بىلەن، قوبۇل قىلىش بىلەن، ئالقىشلاش بىلەن، ئىشتىياق بىلەن، تەرەپتارلىق بىلەن ۋە ئىرادە قىلىش بىلەن ئىپادىلەيمەن، دەيدۇ. ۋەھاكازاجامال ۋە كامالغا قارىتا كۆرسىتىلىدىغان مۇھەببەت يۇقىرىدا قىسقىچە ئىشارەت قىلىنغان ئېھسانغا قارىتا قىلىنىدىغان مۇھەببەتكە قىياس قىلىنسۇن. كاپىردا بولسا، كۇفۇر جەھەتى بىلەن چەكسىز بىر ئاداۋەت بار. ھەتتا كائىناتقا ۋە مەۋجۇداتقا قارشى زالىملارچە ۋە ھاقارەتكارانە بىر ئاداۋەت ساقلايدۇ.

  ئىككىنچى نۇقتا: مۇھەببەتۇللاھ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، ﷲنى سۆيۈش، ئۇنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشتۇر. ئۇنى رازى قىلىدىغان ئىشلار بولسا، ئەڭ مۇكەممەل بىر سۈرەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ زاتىدا كۆرىنىدۇ. زاتى ئەھمەدىيەگە(س.ئە.ۋ) ھەرىكەت ۋە ئىشلىرىدا ئەگىشىش، ئىككى جەھەت بىلەن بولىدۇ.

  بىرى، جانابى ھەقنى سۆيۈش جەھەتتە ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىش ئۇ ئەگىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشتا ئەڭ مۇكەممەل ئىمام، زاتى مۇھەممەدىيە(س.ئە.ۋ)دۇر.

  ئىككىنچىسى، زاتى مۇھەممەدىيە(س.ئە.ۋ) ئىنسانلارغا بولغان چەكسىز ئىلاھىي ئېھسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ۋاستىسى بولغانىكەن، ئەلۋەتتە جانابى ھەق نامىدىن چەكسىز بىر مۇھەببەتكە لايىقتۇر. ئىنسان ئۆزى سۆيگەن بىر زاتقا ئوخشىماق مۇمكىنچىلىكى بولسىلا، يارىتىلىشىدىن ئوخشىشىشنى خالايدۇ. دېمەك، ھەبىبۇللاھنى سۆيگەنلەرنىڭ ئۇ مۇھەببىتى ئۇنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىگە ئەگىشىش بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشىشىشقا تىرىشىشلىرىنى قەتئىييەن ئىقتىزا قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى نۇقتا: جانابى ھەقنىڭ چەكسىز مەرھەمىتى بولغىنىدەك، چەكسىز مۇھەببىتىمۇ بار. پۈتۈن كائىناتتىكى سەنئەت ئەسەرلىرىنى بەكمۇ گۈزەك ھالدا بېزەش بىلەن ئۆزىنى چەكسىز بىر سۈرەتتە سۆيدۈرگىنىدەك، سەنئەت ئەسەرلىرىنى، بولۇپمۇ سۆيدۈرىشىگە سۆيۈش بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىدراكلىق مەخلۇقاتىنى سۆيىدۇ. جەننەتنىڭ پۈتۈن گۈزەللىكلىرى، ياخشىلىقلىرى، لەززەتلىرى ۋە نىئمەتلىرى رەھمىتىنىڭ بىر جىلۋىسى بولغان بىر زاتنىڭ مۇھەببەت نەزىرىنى ئۆزىگە جەلب قىلىشقا تېرىشىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ۋە ئالى بىر مەقسەت ئىكەنلىكى شۈبھىسىز ھالدا چۈشىنىلىدۇ. مادەمكى، ئايىتىنىڭ ئېنىق ھۆكۈمى بىلەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە پەقەت سۈننەتى مۇھەممەدىيە(س.ئە.ۋ)گە ئەگىشىش بىلەن ئىگە بولىنىدۇ. ئۇنداق ئىكەن، ئەلۋەتتە سۈننەتى مۇھەممەدىيەگە (س.ئە.ۋ) ئەگىشىش ئەڭ بۈيۈك بىر ئىنسانىي مەقسەت ۋە ئەڭ مۇھىم بىر ئىنسانىي ۋەزىپە ئىكەنلىكى ئېنىق نەتىجىلىنىدۇ.

  ئون بىرىنچى نۇكتە: «ئۈچ مەسىلە»دۇر.

  بىرىنچى مەسىلە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىنىڭ مەنبەسى ئۈچتۇر. يەنى، سۆزلىرى، ھەرىكەتلىرى ۋە ھالەتلىرىدۇر. بۇ ئۈچ قىسىممۇ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. يەنى: پەرزلەر، نەفىللەر ۋە ياخشى ئادەتلىرىدۇر. پەرز ۋە ۋاجىپ قىسىمىدا ئەگىشىشكە مەجبۇرىيەت بار. تەرك قىلىنىشىدا ئازاپ ۋە جازا بار. ئۇنىڭغا ئەگىشىش ھەركىم ئۈچۈن بۇرچتۇر. نەفىلىلەر قىسمىدا، ياخشى كۆرىلىدىغان ئەمىر بىلەن ئەھلى ئىمان ۋەزىپىداردۇر. بىراق تەرك قىلىنىشىدا ئازاپ ۋە جازا يوقتۇر. ئۇنى قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشتە بۈيۈك ساۋاپلار بار. ئۇنى ئۆزگەرتىش ۋە ئالماشتۇرۇش بىدئەت ۋە زالالەتتۇر، بۈيۈك خاتادۇر. پاك ئادەت ۋە گۈزەل ھەرىكەتلىرى بولسا، ھېكمەت جەھەتتىن، مەنپەئەت جەھەتتىن، شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ھايات ئېتىبارى بويىچە ئۇنى تەقلىد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش ناھايىتى ئالقىشلىنىدىغان ھەرىكەتتۇر. چۈنكى ھەربىر ئاددى ھەرىكىتىدە نۇرغۇن ھاياتىي مەنپەئەتلەر بولغىنىدەك، ئەگىشىش بىلەن ئۇ ئەدەپ ۋە ئادەتلەر ئىبادەت ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. مادەمكى، دوست ۋە دۈشمەننىڭ بىردەك قارىشى بىلەن زاتى مۇھەممەدىيە(س.ئە.ۋ) گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىلىرىگە ئىگىدۇر. ۋە مادەم، ئىنسانىيەت ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ تاللانغان بىر شەخسىيەت ئىكەنلىكىدە ئىنسانلار ئورتاقلىققا ئىگىدۇر. ۋە مادەم، مىڭلارچە مۆجىزىلەرنىڭ دالالىتى بىلەن، ئۇ تەشكىل قىلغان ئىسلام ئالىمىنىڭ ۋە كامالىتىنىڭ شاھادىتى بىلەن، ھەمدە تەبلىغچىسى ۋە تەرجىمانى بولغان قۇرئانى ھەكىمنىڭ ھەقىقەتلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ئەڭ ئۈستۈن بىر كامىل ئىنسان ۋە ئەڭ مۇكەممەل بىر مۇرشىد(رەھبەر)دۇر. يەنە مادەم، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلىك نەتىجىسىدە، مىليونلارچە ئەھلى كامال كامالەت مەرتىۋىلىرىدە تەرەققى قىلىپ ئىككى دۇنيا سائادىتىگە ئېرىشكەندۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، ئەلۋەتتە ئۇ زاتنىڭ سۈننىتى، ھەرىكىتى ئىقتىدا قىلىنىدىغان ئەڭ گۈزەل نەمۇنىلەردۇر، ئەگىشىلىدىغان ئەڭ ساغلام رەھبەرلەردۇر ۋە دەستۇر قىلىنىدىغان ئەڭ مەھكەم قانۇنلاردۇر. سۈننەتكە ئەگىشىشتىكى ئۈلۈشى زىيادە بولغان، ھەقىقىي بەختىياردۇر. سۈننەتكە ئەگەشمىگەن، ھورۇنلۇق قىلسا چوڭ بىر زىيان، ئەھمىيەتسىز كۆرسە چوڭ بىر جىنايەت، ئۇنى يالغانغا چىقىرىشنى پۇراتقان تەنقىد بولسا، چوڭ بىر ئازغۇنلۇقتۇر.

   ئىككىنچى مەسىلە: جانابى ھەق قۇرئانى ھەكىمدە:

﴿وَاِنَّكَ لَعَلَى خُلُقٍ عَظِيمٍ

(ئى مۇھەممەد! سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن-سۇرە قەلەم: 4)

پەرمان قىلىدۇ. سەھىھ رىۋايەت بىلەن ھەزرەتى ئائىشە سىددىقا(ر.ئە)دەك ساھابەئى گۈزىن(يۈكسەك)، ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى تەرىپلىگەندە «خۇلۇقۇل قۇرئان» دەپ تەرىپلەيتتى. يەنى: «قۇرئان بايان قىلغان گۈزەل ئەخلاقنىڭ مىسالى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدۇر. ھەمدە ئۇ گۈزەللىكلەرنى ئەڭ زىيادە ئۆزىدە كۆرسەتكەن ۋە يارىتىلىشىدىن ئۇ گۈزەللىكلەر ئۈستىدە يارىتىلغان ئۇدۇر

  مانا مۇشۇنداق بىر زاتنىڭ ھەرىكەتلىرى، ھالەتلىرى ۋە سۆزلىرىنىڭ ھەربىرى ئىنسانىيەتكە ئۆرنەك ھۆكمىگە ئۆتۈشكە لايىق تۇرسا، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۈممىتىدىن بولغان غاپىللارنىڭ(سۈننىتىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن ۋە ياكى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلارنىڭ) نەقەدەر بەدبەخت ئىكەنلىكىنى ئەخمەقلەرمۇ چۈشىنىدۇ.

  ئۈچىنچى مەسىلە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام يارىتىلىشىدىن ئەڭ ۋاساتىي(مۆتىدىل) بىر ھالەتتە ۋە ئەڭ مۇكەممەل بىر سۈرەتتە يارىتىلغانلىقتىن، ئىشھەرىكەت ۋە يۈرۈشتۇرۇشلىرى ئەڭ مۇناسىپ ۋە ئىستىقامەتلىك(مۇستەقىم) ھالدا بولغاندۇر. پارلاق ھاياتى قەتئىي بىر سۈرەتتە كۆرسىتىدۇكى، ھەر ھەرىكىتىدە ئىستىقامەت ۋە مۆتىدىللىك بىلەن ماڭغاندۇر. ئىفرات ۋە تەفرىت (چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش ۋە يىتەرسىزلىك)تىن ساقلانغاندۇر. دېمەك، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام

﴿فَاسْتَقِمْ كَمَا اُمِرْتَ

(ئەمىر قىلىنغىنىدەك ئىستىقامەتلىك بول-سۇرە ھۇد:112)

ئەمرىگە تامامەن ئۇيغۇنلاشقانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن ھەرىكەت، سۆز ۋە ئەھۋاللىرىدا ئىستىقامەت، قەتئىي بىر سۈرەتتە كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن: ئەقىل ھېسسىنىڭ زىيان ۋە زۇلمىتى ھۆكمىدىكى ئىفرات ۋە تەفرىتلىرى بولغان جەربەزە (ھىيلىگەرلىك) ۋە ھاڭۋاقتىلىقتىن پاك ھالدا دەل ئوتتۇرا يول ۋە ئىستىقامەت ئاساسى بولغان ھىكمەت بويىچە قۇۋۋەئى ئەقلىيەسى(ئەقىل ھېسسى) دائىم توغرا ھەرىكەت قىلغىنىدەك، غەزەپ ھېسسىنىڭ ئىفرات ۋە تەفرىتلىرى بولغان قاراملىق ۋە قورقۇنچاقلىقتىن پاك ھالدا، قۇۋۋەئى غەزەبىيەسى(غەزەپ ھېسسى) دەل ئوتتۇرا يول ۋە ئىستىقامەت ئاساسى بولغان پاك شىجائەت بىلەن ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىللە، قۇۋۋەئى شەھەۋىيەنىڭ ئىفرات ۋە تەفرىتلىرى بولغان ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئىپپەتسىزلىكتىن ساپ ھالدا، ئۇ ھېسنىڭ ئىستىقامەت ئاساسى بولغان ئىپپەتنى ئەڭ يۈكسەك گۇناھسىزلىق دەرىجىسىدە ئۆزىگە رەھبەر قىلغاندۇر. ۋەھاكازا گۈزەل بولغان پۈتۈن ھاياتىي يولىدا، فىترى ھالەتلىرىدە ۋە شەرئىي ئەھكاملىرىدا ئىستىقامەتنى ئىختىيار قىلىپ، زۇلۇم ۋە زۇلمەت بولغان ئىفرات ۋە تەفرىتتىن، ئىسراپ ۋە بۇزۇپچېچىشتىن ساقلانغاندۇر. ھەتتا سۆزلەش، يېيىشئىچىشتىمۇ ئىقتىسادچىللىقنى رەھبەر قىلىپ، ئىسراپتىن قەتئىي ساقلانغاندۇر. بۇ ھەقىقەتنىڭ تەپسىلاتىغا ئائىت مىڭلارچە جىلىد كىتاب يېزىلغاندۇر.

اَلْعَارِفُ تَكْفِيهِ اْلاِشَارَة

(ئاقىل-ئارىپقا ئىشارەت يىتەر)

سىرى بويىچە، بۇ دېڭىزدىن بۇ تامچە بىلەن كۇپايىلىنىپ گېپىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز.

اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلَى جَامِعِ مَكَارِمِ اْلاَخْلاَقِ وَ مَظْهَرِ سِرِّ (وَ اِنَّكَ لَعَلَى خُلُقٍ عَظِيمٍ) اَلَّذِى قَالَ: مَنْ تَمَسَّكَ بِسُنَّتِى عِنْدَ فَسَادِ اُمَّتِى فَلَهُ اَجْرُ مِاَةِ شَهِيدٍ

﴿اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ الَّذِى هَدَينَا لِهذَا وَ مَا كُنَّا لِنَهْتَدِىَ لَوْ لاَ اَنْ هَدَينَا اللّٰهُ لَقَدْ جَائَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ﴾

«جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن اﷲ قا بولسۇنكى، اﷲ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى›› (ئەئراف:43)

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن(سۇرە بەقەرە:33-ئايەت)

—————————————————

*تىرياق: زەھەردىن قۇتقازغۇچى دورا.ت

1168قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir