پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ ھادىسىدىكى مۆجىزىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ ھادىسىدىكى مۆجىزىسى

  ئۈچىنچى مىسال: ھەزرەتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «يەدى بەيزا»(پارلاق قول) ۋە «ھاسا» مۆجىزىسىگە ئوخشىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ ھادىسىدىكى مۆجىزىسى:

  بىرىنچىسى: ھەزرەتى ئىمامى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئەبى سەئىدىل خۇدرىدىن تەخرىج ۋە تەسھىھ قىلىدۇكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قەتادە ئىبنى نۇئمانغا قاراڭغۇ، يامغۇرلۇق بىر كېچىدە بىر تاياق بەرگەن ۋە: «بۇ ساڭا لامپىدەك ھەر تەرەپكە ئون گەزدەك كەڭلىكتە يورۇق چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، ئۆيۈڭگە كىرگەندە بىر قارا كۆلەڭگە شەخسنى كۆرىسەن؛ ئۇ شەيتاندۇر، ئۇنى ئۆيۈڭدىن قوغلاپ چىقىرىۋەت» دېگەن. قەتادە ھاسىنى ئېلىپ ماڭغان، ئۇ ھاسا يەدى بەيزادەك يورۇق چىقارغان. ئۇ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇ قارا شەخسنى كۆرگەن ۋە قوغلاپ چىقارغان.

  ئىككىنچىسى: بىر غارايىبلار مەنبەسى بولغان چوڭ بەدىر غازىتىدا، ئۇككاشە ئىبنىل مىھسانىل ئەسەدىنىڭ قىلىچى ئۇ مۇشرىكلار بىلەن جەڭ قىلىۋاتقاندا سۇنۇپ كەتتى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇنىڭغا قىلىچنىڭ ئورنىغا توم بىر تاياقنى بەردى ۋە «بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىل» دېدى. بىردىنلا ئۇ تاياق ﷲنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇزۇن، ئاق بىر قىلىچقا ئۆزگەردى. ئۇ ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلدى. ھاياتى بويىچە تاكى يەمامە جېڭىدە شېھىد بولغانغا قەدەر بوينىغا ئېسىپ يۈردى. شۇ ھادىسە قەتئىيدۇر. چۈنكى ئۇككاشە پۈتۈن ھاياتىدا ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلەنگەن ۋە ئۇ قىلىچ «ئەل ئاۋن» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان. ھەزرەتى ئۇككاشەنىڭ ئىپتىخارى ۋە قىلىچىنىڭ ئاۋن نامى بىلەن پەۋقۇلئاددە مەشھۇر بولىشى شۇ ھادىسىنىڭ ئىككى ھۆججىتىدۇر.

  ئۈچىنچىسى: ئىبنى ئابدىل بەررگە ئوخشاش بىر ئەسىر ئەللامەسى ۋە ئەھلى تەھقىقنىڭ بۈيۈكلىرىدىن تەخرىج ۋە تەسھىھ قىلىدۇكى، ئۇھۇد غازىتىدا رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ھاممىسىنىڭ ئوغلى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى جەھش جەڭ قىلىۋاتقاندا قىلىچى سۇنۇپ كەتتى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇنىڭغا بىر تاياق بەردى. ئۇ تاياق ئۇنىڭ قولىدا بىر قىلىچ بولدى. ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ مۆجىزە ئەسىرى بولغان قىلىچ باقىي قالدى. مەشھۇر ئىبنى سەييىدىن ناس سىيەرىدە خەۋەر بېرىدۇكى، بىر زاماندىن كېيىن ئابدۇللاھ ئۇ قىلىچنى بۇغايى تۈركى ئىسىملىك بىر ئادەمگە ئىككى يۈز لىراغا ساتتى. مانا بۇ ئىككى قىلىچنىڭ ھەربىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسىدەك بىر مۆجىزىدۇر. ئەمما مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۆجىزىلىك تەرىپى قالمىدى. ئەمما بۇلار باقىي قالدى.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.