پەيغەمرىمىز ھەققىدە 19 – مەكتۇپ

پەيغەمرىمىز ھەققىدە 19 – مەكتۇپ

(مۇئجىزاتى ئەھمەدىيە* (ئە.س.ۋ)

(ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام)

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

هُوَ الَّذِى اَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَى وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَ

كَفَى بِاللّٰهِ شَهِيدًا مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللّٰهِ

…ئاخىرىغىچە

(فەتىھ48 :28-29)

اﷲ ھەق دىننى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە) گۇۋاھلىق بېرىشكە اﷲ يېتەرلىكتۇر [28]. مۇھەممەد اﷲ نىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار اﷲ نىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا (ئۇلار) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن، دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، (مۆمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، اﷲ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى [29].

(مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئائىت بولغان «ئون توققۇزىنچى سۆز»، «ئوتتۇز بىرىنچى سۆز»لەر ئۇ زاتنىڭ (ئە.س.ۋ) پەيغەمبەرلىكىنى قەتئىي دەلىللەر بىلەن ئىسپات قىلغانلىقتىن، ئىسپات جەھەتىنى ئۇ رىسالىلەرگە ھاۋالە قىلىپ، پەقەت ئىلاۋە قىلغان ئاساستا «ئون توققۇز نۇكتەلىك** ئىشارەت» بىلەن ئۇ بۈيۈك ھەقىقەتلەرنىڭ بەزى نۇرلىرىنى كۆرسىتىمىز🙂

   بىرىنچى نۇكتەلىك ئىشارەت:

  شۇ كائىناتنىڭ ئىگىسى ۋە تەسسەررۇپ قىلغۇچىسى ئەلۋەتتە بىلىپ ئىش قىلىدۇ، ھىكمەت بىلەن تەسەررۇپ يۈرگۈزىدۇ، ھەر تەرەپنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئىدارە قىلىدۇ، ھەر شەيئىنى بىلىپ تۇرۇپ، كۆرۈپ تۇرۇپ تەربىيە قىلىدۇ، ھەر نەرسىدە كۆرۈلىۋاتقان ھىكمەتلەرنى، غايىلەرنى، پايدىلارنى ئىرادە قىلغان ئاساستا باشقۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. شۇنداق، قىلغۇچى بىلىدۇ، ئەلۋەتتە بىلگۈچى سۆزلىشىدۇ. سۆزلەشكەنىكەن، ئەلۋەتتە ئەقىل ۋە پىكىر ئىگىسى بولغان، شۇنداقلا سۆزلىگىنىنى بىلگەنلەر بىلەن سۆزلىشىدۇ. پىكىر ئىگىلىرى بىلەن سۆزلەشكەنىكەن، ئەلۋەتتە ئەقىل ئىگىلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇجەسسەم ۋە شۇئۇرى (ئىدراكى) ئومۇمىي بولغان ئىنسانلار تائىپىسى بىلەن سۆزلىشىدۇ. ئىنسانلار تائىپىسى بىلەن سۆزلەشكەنىكەن، ئەلۋەتتە ئىنسان تائىپىسى ئىچىدىكى خىتاپ قىلىشقا ئەرزىيدىغان ۋە مۇكەممەل ئىنسان بولغانلار بىلەن سۆزلىشىدۇ. مادەم ئەڭ مۇكەممەل، ئىستىدادى (قابىلىيىتى) ئەڭ يۈكسەك، ئەخلاقى ئەڭ كامىل، ئىنسانىيەتكە رەھبەر بولالايدىغانلار بىلەن سۆزلىشىدۇ. ئەلۋەتتە دوست ۋە دۈشمەننىڭ ئورتاق ئېتىراپى بىلەن ئەڭ يۈكسەك ئىستىداد، ئەڭ ئالىي ئەخلاق ئىگىسى بولغان، ئىنسانىيەتنىڭ بەشتىن بىرى ئەگەشكەن، يەر شارىنىڭ يېرىمى ئۇنىڭ مەنىۋى ھۆكۈمى ئاستىغا كىرگەن، كېلەچەك ئۇ كەلتۈرگەن نۇرنىڭ زىياسى بىلەن بىرمىڭ ئۈچيۈز يىل نۇرلانغان، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ نۇرانىي قىسمى ۋە ئەھلى ئىمان بولغانلار كۈندە بەش قېتىم داۋاملىق ئۇنىڭغا بەيئىتىنى يېڭىلاپ، ئۇنىڭغا رەھمەت دۇئاسى بىلەن سائادەت تىلەپ، مەدھىيە ئوقۇپ مۇھەببەتلىرىنى بەرگەن زات بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن سۆزلىشىدۇ ۋە سۆزلەشكەندۇر، رەسۇل قىلىدۇ ۋە قىلغاندۇر، باشقا پۈتۈن ئىنسانلارغا رەھبەر قىلىدۇ ۋە قىلغاندۇر.

   ئىككىنچى نۇكتەلىك ئىشارەت:

   رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام نۇبۇۋۋەت (پەيغەمبەرلىك) دەۋا قىلغان ۋە قۇرئانى ئەزىيمۇششاندەك بىر پەرماننى كۆرسەتكەندۇر، ھەمدە تەھقىق ئەھلىنىڭ ئېتىراپى بىلەن مىڭدەك ئېنىق مۆجىزە كۆرسەتكەندۇر. ئۇ مۆجىزىلەرنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكى ئومۇمەن نۇبۇۋۋەت دەۋاسىنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئېنىقلىقى دەرىجىسىدە قەتئىيدۇر. قۇرئانى ھەكىمنىڭ كۆپ يەرلىرىدە دېيىلگىنىدەك، بەكمۇ كىبىرلىك كاپىرلارنىڭ ئۇ مۆجىزىلەرنى «سېھىر» دەپ قاراشلىرى كۆرسىتىدۇكى، ئۇ ھاكاۋۇر كاپىرلارمۇ ئۇ مۆجىزىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىشالمىغان. پەقەتلا ئۆزلىرىنى ئالداش ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھاشا***!- سېھىر دېيىشكەندۇر.

   شۇنداق، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ يۈز تەۋاتۇر**** قۇۋۋىتىدە بىر قەتئىيلىكى باردۇر. مۆجىزە دېگەنلىك بولسا، كائىناتنىڭ خالىقى(ياراتقۇچىسى) تەرىپىدىن ئۇنىڭ دەۋاسىغا قىلىنغان بىر تەستىقتۇر، «سەدەقتە» (دېگىنىڭ توغرا) مەنىسىگە ئۆتىدۇ. مەسىلەن، سەن بىر پادىشاھنىڭ مەجلىسىدە ۋە نەزەر دائىرىسىدە تۇرۇپ: «پادىشاھ مېنى مۇنداق ئىشقا باشلىق قىلىپ تەيىنلىدى» دېسەڭ، ئاندىن سەندىن ئۇ دەۋايىڭغا بىر دەلىل خالانغىنىدا، پادىشاھ «شۇنداق» دېسە سېنى تەستىق قىلغان بولغاندەك، ئادەت ۋە ۋەزىيىتىنى سېنىڭ ئىلتىماسىڭ بىلەن ئۆزگەرتسە، ئۇ ھالدا «شۇنداق» دېگەن سۆزدىن تېخىمۇ قەتئىي ۋە تېخىمۇ ساغلام ھالدا سېنىڭ ئۇ دەۋايىڭنى تەستىق قىلغان بولىدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام دەۋا قىلغانكى: «مەن بۇ كائىناتنىڭ خالىقىنىڭ ئەلچىسىمەن. دەلىلىم شۇدۇركى، دائىملىق ئادىتىنى (قانۇنىيەتلىرىنى) مېنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىماسىم بىلەن ئۆزگەرتىدۇ. مانا، بارماقلىرىمغا قاراڭلار، بەش جۈمەكلىك بىر بۇلاقتەك سۇ ئېقىتىۋاتىدۇ. ئايغا قاراڭلار، بىر بارمىقىمنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئىككى پارچىغا بۆلىنىۋاتىدۇ. بۇ دەرەخكە قاراڭلار، مېنى تەستىق ئۈچۈن يېنىمغا كېلىۋاتىدۇ، شاھادەت كەلتۈرىۋاتىدۇ. شۇ ئازغىنە تائامغا قاراڭلار، ئىككىئۈچ ئادەمگە ئاران يىتىدىغان تۇرۇقلۇق، ئىككىئۈچيۈز ئادەمنى تويدۇرىۋاتىدۇ» ۋەھاكازا يۈزلەرچە مۆجىزىنى بۇ شەكىلدە كۆرسەتكەندۇر.

   بىراق بۇ زاتنىڭ نۇبۇۋۋەت ۋە توغرىلىقىنىڭ دەلىللىرى پەقەتلا مۆجىزىلىرىگىلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەلكى دىققەت ئەھلى ئۈچۈن ئاساسەن پۈتۈن ھەرىكەتلىرى ۋە پېئىللىرى، ئەھۋال ۋە سۆزلىرى، ئەخلاق ۋە تەقتۇرۇقلىرى، سۇرەت ۋە ھالەتلىرى ئومۇمەن ئۇنىڭ توغرا ۋە جىددىلىكىنى ئىسپات قىلىدۇ. ھەتتا مەشھۇر بەنى ئىسرائىل ئالىملىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدەك كۆپلىگەن زاتلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پەقەتلا سىيماسىنى كۆرۈش بىلەن، «بۇ سىيمادا يالغان يوق، بۇ يۈزدە ھىيلە بولمايدۇدەپ ئىمان ئېيتىشقاندۇر.

   گەرچە تەھقىق ئەھلى بولغان ئۆلىمالار نۇبۇۋۋەت دەلىللىرىنى ۋە مۆجىزىلىرىنى مىڭلارچە دېگەندۇر. ھەقىقەتتە يۈزمىڭلارچە نۇبۇۋۋەت دەلىلى باردۇر، يۈزمىڭلارچە يول بىلەن خىلمۇخىل پىكىرلىك يۈزمىڭلارچە كىشىلەر ئۇ زاتنىڭ نۇبۇۋۋىتىنى تەستىق قىلىشقاندۇر. پەقەتلا قۇرئانى ھەكىم قىرىق تۈرلۈك مۆجىزىسىدىن باشقا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ(ئە.س.ۋ) نۇبۇۋۋىتىنىڭ مىڭ دەلىلىنى كۆرسىتىدۇ.

   ھەمدە مادەم ئىنسانىيەتتە نۇبۇۋۋەت باردۇر. يۈزمىڭلارچە زات نۇبۇۋۋەت دەۋا قىلغان ۋە مۆجىزە كۆرسىتىپ كېلىپ كېتىشكەندۇر. ئۇنداقتا ھەممىسىدىن ئۈستۈن بىر قەتئىيلىك بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ نۇبۇۋۋىتى ئېنىقتۇر دېيىلىدۇ. چۈنكى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامدەك بارلىق رەسۇللەرنىڭ نۇبۇۋۋىتىگە ۋە پەيغەمبەر كۆرۈلۈشلىرىگە سەۋەب بولغان دەلىللەر، سۈپەتلەر، ۋەزىيەتلەر ۋە ئۈممەتلىرىگە قىلغان مۇئامىلىلىرى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدا تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ مۇجەسسەم بىر سۈرەتتە مەۋجۇتتۇر. مادەم نۇبۇۋۋەت ھۆكۈمىنىڭ ئاساسى ۋە سەۋەبى پەيغەمبىرىمىزدە(ئە.س.ۋ) ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىدىدۇر، ئۇنداقتا نۇبۇۋۋەت ھۆكۈمى ئۇ زات ئۈچۈن پۈتۈن پەيغەمبەرلەردىن تېخىمۇ ئوچۇق بىر قەتئىييەتتە لايىقتۇر.

   ئۈچىنچى نۇكتەلىك ئىشارەت:

  رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى ناھايىتى كۆپ خىلدۇر. پەيغەمبەرلىكى ئومۇمىي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاساسەن پۈتۈن كائىنات مەۋجۇداتىنىڭ كۆپىنچە تۈرلىرىدىن مۆجىزە كۆرسەتكەندۇر. مەسىلەن، شانلىق بىر پادىشاھنىڭ شەرەپلىك بىر ياۋەرى (يېقىنى، ياردەمچىسى) ھەرخىل ھەدىيەلەر بىلەن ھەر تۈرلۈك قەۋملەر توپلاشقان بىر شەھەرگە كەلسە، ھەر تائىپە ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن بىر ۋەكىل ئەۋەتىدۇ ۋە ئۆز تائىپىسگە ۋاكالىتەن «خوش كەلدىڭىزدەپ ئالقىشلايدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئەزەل ۋە ئەبەد سۇلتانى بولغان نىڭ ئەڭ بۈيۈك ياۋەرى بولغان رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئالەمگە تەشرىپ قىلىپ، يەرشارىنىڭ ئاھالىسى بولغان ئىنىسانلارغا ئەلچى بولۇپ، پۈتۈن كائىناتنىڭ خالىقى بولغانتىن پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ھەقىقەتلىرىگە ئالاقىدار بولغان تۈرلۈك ھەقىقەت نۇرلىرىنى ۋە مەنىۋى ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كەلگىنىدە، تاش، سۇ، دەرەخ، ھايۋان، ئىنساندىن تارتىپ تاكى ئاي، قۇياش، يۇلتۇزلارغا قەدەر ھەر تائىپە ئۆزىنىڭ مەخسۇس تىللىرى بىلەن ۋە قوللىرىدا بىردىن مۆجىزىسىنى توشۇش بىلەن ئۇنىڭ نۇبۇۋۋىتىنى ئالقىشلىغان ۋە قارشى ئالغاندۇر.

   ئەمدى ئۇ مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەش ئۈچۈن جىلدلارچە كىتاب يېزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەھلى تەھقىق ئەسفىيالار*****نۇبۇۋۋەت دەلىللىرىنىڭ تەپسىلاتىغا ئائىت نۇرغۇن كىتابلارنى يازغاندۇر. بىز پەقەت ئىخچام ئىشارەتلەر شەكلىدە، ئۇ مۆجىزىلەرنىڭ قەتئىي ۋە مەنىۋى مۇتەۋاتىر (تەۋاتۇر دەرىجىسىدە) بولغان ئومۇمىي تۈرلىرىگە ئىشارەت قىلىمىز.

   مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ نۇبۇۋۋەت (پەيغەمبەرلىك) دەلىللىرى ئاۋۋال ئىككى قىسىمدۇر:

   بىرىنچىسى: نۇبۇۋۋەتتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتا ۋە تۇغۇلغان چاغدا يۈز بەرگەن ھەيران قالارلىق ئەھۋاللاردۇر.

   ئىككىنچى قىسمى: باشقا نۇبۇۋۋەت دەلىللىرىدۇر. بۇ قىسىم يەنە ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقاندۇر: بىرى، نۇبۇۋۋەتتىن كېيىن، ئەمما نۇبۇۋۋىتىنى تەستىق ئۈچۈن يۈز بەرگەن ھەيران قالارلىق ھادىسىلەردۇر. يەنە بىرى، سائادەت ئەسرىدە (پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەسرىدە) كۆرۈلگەن مۆجىزىلەردۇر. بۇ ئىككىنچى قىسىم يەنە ئىككى قىسىمدۇر: بىرى، ئۆزىدە، يەنى ئەھۋالى، سۈرىتى، ئەخلاقى ۋە كامالەتلىرىدە كۆرۈلگەن نۇبۇۋۋەت دەلىللىرىدۇر. ئىككىنچىسى، سىرتقى ئىشلاردا ئىگە بولغان مۆجىزىلەردۇر. شۇ ئىككىنچى قىسىم يەنە ئىككى قىسىمدۇر: بىرى، مەنىۋى ۋە قۇرئانىيدۇر. يەنە بىرى، ماددىيدۇر ۋە جىسمانىي ئالەم بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇ ئىككىنچى قىسىم يەنە ئىككى قىسىمدۇر: بىرى، پەيغەمبەرلىكىنى دەۋا قىلغان ۋاقىتتا، كاپىرلارنىڭ تەكەببۇرلۇقلىرىنى سۇندۇرۇش ياكى ئەھلى ئىماننىڭ ئىمانىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۆرۈلگەن ھەيران قالارلىق مۆجىزىلەردۇر. ئاينىڭ يېرىلىشى، بارماقلىرىدىن سۇ ئېقىشى ۋە ئاز تاماق بىلەن كۆپ كىشىنى تويغۇزىشى، ھايۋان، دەرەخ، تاشلارنىڭ سۆزلىشىگە ئوخشاش يىگىرمە تۈرلۈك ۋە ھەربىر تۈرى مەنىۋى تەۋاتۇر دەرىجىسىدە بولغان مۆجىزىلەر بولۇپ، ھەربىر تۈرىنىڭ كۆپلىگەن تەكرارلىنىشلىرى باردۇر. ئىككىنچى قىسىم، كەلگۈسىدىن خەۋەر بەرگەن ھادىسىلەردۇركى، نىڭ بىلدۈرىشى بىلەن ئۇمۇ خەۋەر بەرگەندۇر ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك توغرا چىققاندۇر. بىزمۇ شۇ ئاخىرقى قىسمىدىن باشلاپ قىسقىچە بىر مۇندەرىجە كۆرسىتىمىز.(ھاشىيە)******

—————————————————————-

*مۇئجىزاتى ئەھمەدىيە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى؛ «ئەھمەد»، «رەسۇلى ئەكرەم» پەيغەمبىرىمىزنىڭ باشقا ئىسىملىرىدۇر. «ئە.س.ۋ» بولسا، «ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام»نىڭ قىسقارتما شەكلى.-ت

**نۇكتە: دىققەت بىلەن چۈشىنىلىدىغان ئىنچىكە ۋە نازۇك مەنە.-ت

***ھاشا: ياق، قەتئىي ئۇنداق ئەمەس.-ت

****تەۋاتۇر: مۇتەۋاتىر، يەنى يالغان بولىشى ھېچ مۇمكىن بولمىغان قۇۋۋەتلىك خەۋەر،ت

*****ئەسفىيا: پەيغەمبىرىمىزگە ۋارىس بولۇپ، ئۇنىڭ مەسلەك ۋە غايىلىرىنى تىرىلدۈرۈشكە ۋە تەتبىق قىلىشقا تىرىشقان تەقۋا ۋە كامالەت ئىگىسى بولغان تەھقىقچى زاتلار.-ت

******(ھاشىيە): ئەپسۇسكى نىيەت قىلغىنىمدەك يازالمىدىم. ئىختىيارسىز ھالدا قەلبىمگە قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق يېزىلدى. يۇقىرىدىكى تەقسىماتتىكى تەرتىپنى ساقلىيالمىدىم.

************************************************************************************************************************

  تۆتىنچى نۇكتەلىك ئىشارەت:

  رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام غەيبلەرنى بىلگۈچى ﷲنىڭ بىلدۈرىشى بىلەن خەۋەر بەرگەن غەيبىي ئىشلار ساناپ تۈگەتكۈسىزدۇر. قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكىگە دائىر بولغان يىگىرمە بەشىنچى سۆزدە ئۇنىڭ تۈرلىرىگە ئىشارەت، ھەمدە بىر مىقدار ئىزاھ ۋە ئىسپات قىلغانلىقىمىزدىن، ئۆتكەن زامانغا، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە، ئىلاھىي ھەقىقەتلەرگە، مەۋجۇدات ھەقىقەتلىرىگە ۋە ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگە دائىر بولغان غەيبىي خەۋەرلىرىنى يىگىرمە بەشىنچى سۆزگە ھاۋالە قىلىپ، ھازىر ئۇ توغرىسىدا سۆزلىمەيمىز. پەقەتلا ئۆزىدىن كېيىن ساھابە ۋە ئالى بەيتىنىڭ (ئائىلەتاۋاباتىنىڭ) بېشىغا كەلگەن ۋە ئۈممىتى كېلەچەكتە دۇچار بولىدىغان ھادىسىلەرگە دائىر بەكمۇ كۆپ خىل ئىشەنچلىك بولغان غەيبىي خەۋەرلەر قىسمىدىن بىر قانچە مىسالىغا قىسمەن ئىشارەت قىلىمىز. ھەمدە شۇ ھەقىقەتنىڭ تامامەن چۈشىنىشلىك بولىشى ئۈچۈن «ئالتە ئاساس»نى مۇقەددىمە قىلىپ بايان قىلىمىز:

  بىرىنچى ئاساس: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ گەرچە ھەر ھالى ۋە ھەر ۋەزىيىتى توغرىلىقىغا ۋە نۇبۇۋۋىتىگە شاھىت بولالايدۇ، بىراق ھەر ھالى ۋە ھەر ۋەزىيىتى ھەيران قالارلىق بولىشى شەرت ئەمەستۇر. چۈنكى جانابى ھەق، ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىدا، دۇنياۋى ۋە ئاخىرەتلىك سائادەتنى قازاندۇرىدىغان ئەمەل ۋە ھەرىكەتلىرىدە رەھبەر بولىشى، ئىمام بولىشى، ھەمدە ھەربىرى بىردىن ﷲنىڭ قۇدرەت مۆجىزىسى بولغان، بىراق ئاددى كۆرۈنىدىغان شەيئىلەر ئىچىدىكى ھەيران قالارلىق رەببانىي سەنئەتلەرنى ۋە ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ تەسەررۇپلىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئۇنى ئىنسان سۈرىتىدە ئەۋەتكەندۇر. ئەگەر ھەربىر ئىشھەرىكىتى ئىنسانلىقتىن ھالقىغان ۋە ھەيران قالارلىق بولغان بولسا، مۇتلەق ئىمام بولالمايتتى، ئەھۋاللىرى، ھەرىكەتلىرى ۋە ۋەزىيەتلىرى بىلەن دەرس بېرەلمىگەن بولاتتى. پەقەتلا نۇبۇۋۋىتىنى دىنسىزلارغا قارشى ئىسپات قىلىش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە ئىشلارغا ئىگە بولاتتى، ھاجەت بولغاندا ئانداساندا مۆجىزە كۆرسىتەتتى. بىراق تەكلىف (ۋەزىپىلەندۈرۈلۈش) سىرى بولغان ئىمتىھان ۋە تەجرىبىنىڭ تەلىپى بىلەن بەداھەت (ئوپئوچۇق) دەرىجىدىكى ۋە ھەركىم خالىسىمۇخالىمىسىمۇ تەستىق قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان دەرىجىدىكى مۆجىزە بولمايتتى. چۈنكى ئىمتىھان ۋە تەكلىف سىرى، ئەقىلگە ئىشىك ئېچىلىپ، ئەقىلنىڭ ئىختىيارىنىڭ قولىدىن ئېلىنماسلىقىنى ئىقتىزا قىلىدۇ. ئەگەر غايەت ئېنىق بىر سۈرەتتە بولسا، ئۇ ۋاقىت ئەقىلنىڭ ئىختىيارى قالمايتتى. ئەبۇ جەھىلمۇ ئەبۇ بەكىردەكلا تەستىق قىلاتتى. ئىمتىھان ۋە تەكلىفنىڭ پايدىسى قالمايتتى. كۆمۈر بىلەن ئالماس بىر سەۋىيەدە قالاتتى.

  بەكمۇ ھەيرانلىق قوزغايدۇكى، مۇبالىغىسىز مىڭلارچە تۈرلۈك ئىنسان مىڭلارچە جەھەتتە ھەربىرى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ بىرلا مۆجىزىسى بىلەن ياكى بىرلا نۇبۇۋۋەت دەلىلى بىلەن ۋەياكى بىر سۆزى بىلەن ۋەياكى يۈزىنى كۆرىشى بىلەنۋەھاكازا بىرخىل ئالامەت بىلەن ئىمان ئېيتقان تۇرۇقلۇق، بۇ مىڭلارچە خىلمۇخىل ئىنسانلارنى ۋە تەتقىقچى مۇتەپەككۇرلارنى ئىمانغا كەلتۈرگەن ئۇ مىڭلارچە نۇبۇۋۋەت دەلىللىرىنىڭ ھەممىسى، سەھىھ (شۈبھىسىز) نەقىل ۋە قەتئىي ئەسەرلىرى بىلەنمۇ ھازىرقى بىر قىسىم بەدبەخت ئىنسانلارغا يېتەرلىك بولمىغاندەك ئازغۇنلۇقتا يۈرىشىۋاتىدۇ.

  ئىككىنچى ئاساس: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەم ئىنساندۇر، ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانغا ئوخشاش مۇئامىلىلەردە بولىدۇ؛ ھەم رەسۇلدۇر (ﷲنىڭ ئەلچىسىدۇر)، رەسۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن جانابى ھەقنىڭ تەرجىمانىدۇر، ئەلچىسىدۇر. پەيغەمبەرلىكى (رىسالىتى) ۋەھىيگە تايىنىدۇ. ۋەھىي ئىككى قىسىمدۇر:

  بىرى، «ئوچۇق ۋەھىي»دۇركى، رەسۇلى ئەكرەم ئۇنىڭدا پەقەتلا بىر تەرجىماندۇر، تەبلىغچىدۇر، مۇداخىلىسى (ئارىلىشىشى) يوقتۇر. قۇرئان ۋە بەزى قۇدسى ھەدىسلەرگە ئوخشاش

  ئىككىنچىسى، «يوشۇرۇن ۋەھىي»دۇر. شۇ قىسىمنىڭ ئىخچام بىر خۇلاسىسى، ۋەھىيگە ۋە ئىلھامغا تايىنىدۇ. بىراق تەپسىلاتى ۋە تەسۋىرلىرى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئائىتتۇر. ئۇ ۋەھىيدىن كەلگەن ئىخچام ھادىسىنى شەرھىيلەش ۋە تەسۋىرلەشتە زاتى ئەھمەدىيە ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بەزەن يەنە ئىلھامغا ياكى ۋەھىيگە تايىنىپ بايان قىلىدۇ ۋەياكى ئۆز پاراسىتى بىلەن بايان قىلىدۇ. ئۆز ئىجتىھادى بىلەن قىلغان تەپسىلات ۋە تەسۋىرلەرنى يا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى نۇقتىسىدا يۈكسەك ۋە مۇقەددەس ھېس بىلەن بايان قىلىدۇ، ۋەياكى ئۆرپئادەت ۋە ئاممىنىڭ پىكىر سەۋىيەسىگە قارىتا ئىنسانىيىتى نۇقتىسىدا بايان قىلىدۇ.

  دېمەك، ھەر ھەدىستە پۈتۈن تەپسىلاتىغا مۇتلەق ۋەھىي نۇقتىسى بىلەن قارالمايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ تەقەززاسى (تەلىپى) بولغان پىكىر ۋە مۇئامىلىلىرىدە پەيغەمبەرلىكنىڭ يۈكسەك ئەسەرلىرى ئىزدەلمەيدۇ. بەزى ھادىسىلەر ئىخچام ھالدا، مۇتلەق بىر سۈرەتتە ئۇنىڭغا ۋەھىي بولۇپ كېلىدۇ، ئۇمۇ ئۆز پاراسىتى بىلەن ۋە ئومۇمغا تونۇشلۇق جەھەتى بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. شۇ تەسۋىردىكى سىمۋۇللاردا ۋە مۈشكىلاتتا بەزەن تەپسىر لازىم كېلىدۇ، ھەتتا تەبىر لازىم كېلىدۇ. چۈنكى بەزى ھەقىقەتلەر باركى، تەمسىل بىلەن چۈشەنچىگە يېقىنلاشتۇرىلىدۇ. مەسىلەن: بىر زامان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا قاتتىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدىكى: «شۇ ئاۋاز، يەتمىش يىلدىن بىرى يۇمىلىنىپ، ھازىر جەھەننەمنىڭ تېگىگە چۈشكەن بىر تاشنىڭ ئاۋازىدۇربىر سائەتتىن كېيىن جاۋاب كەلدىكى: «يەتمىش ياشقا كىرگەن مەشھۇر بىر مۇناپىق ئۆلۈپ، جەھەننەمگە كەتتىزاتى ئەھمەدىيە ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بالاغەتلىك بىر تەمسىل بىلەن بايان قىلغان ھادىسىنىڭ يوشۇرۇن مەنىسىنى كۆرسەتتى.

  ئۈچىنچى ئاساس: نەقىل قىلىنغان خەۋەرلەر ئەگەر تەۋاتۇر سۈرىتىدە بولسا قەتئىيدۇر. تەۋاتۇر ئىككى قىسىمدۇر.(ھاشىيە)* بىرى، «ئوچۇق تەۋاتۇر»؛ يەنە بىرى «مەنىۋى تەۋاتۇر»دۇر. مەنىۋى تەۋاتۇرمۇ ئىككى قىسىمدۇر. بىرى، «سۈكۈتىي»دۇر. يەنى، سۈكۈت بىلەن قوبۇل قىلىنغاندۇر. مەسىلەن: بىر جامائەت ئىچىدە بىر ئادەم، ئۇ جامائەتنىڭ نەزىرى ئاستىدا بىر ھادىسىنى خەۋەر قىلسا، جامائەت ئۇنى يالغانغا چىقارمىسا، سۈكۈت بىلەن مۇئامىلە قىلسا قوبۇل قىلغان ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ، خەۋەر بەرگەن ھادىسە جامائەت بىلەن ئالاقىدار بولسا، ھەم تەنقىدكە تەييار ۋە خاتانى قوبۇل قىلمايدىغان ۋە يالغاننى ناھايىتى چىركىن كۆرىدىغان بىر جامائەت بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سۈكۈتى ئۇ ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە قۇۋۋەتلىك ھالدا دەلالەت قىلىدۇ. ئىككىنچى قىسىم مەنىۋى تەۋاتۇر شۇدۇركى: بىر ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە، مەسىلەن، «بىر كىلو تائام، ئىككى يۈز ئادەمنى تويغۇزۇپتۇ» دېيىلسە، ئەمما ئۇنى خەۋەر بەرگەنلەر، ئايرىمئايرىم خەۋەر بەرسە، بىرى بىر تۈرلۈك، بىرى باشقا بىر سۈرەتتە، يەنە بىرى باشقا بىر شەكىلدە بايان قىلسا، ئەمما ئومۇمەن، شۇ ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە قارىتا ئورتاق پىكىردە بولسا، ئۇ ھادىسىنىڭ بولغانلىقى مەنە جەھەتتىن تەۋاتۇر دەرىجىسىدىدۇر، قەتئىيدۇر. بايان شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ زىيىنى يوق. ھەم بەزىدە بولىدۇكى، بىر خەۋەرى ۋاھىد، بەزى شارائىت ئاستىدا، تەۋاتۇردەكلا قەتئىييەتنى ئىپادە قىلىدۇ. ھەم بەزىدە بولىدۇكى، خەۋەرى ۋاھىد، سىرتقى ئالامەتلەر بىلەن قەتئىيلىكنى ئىپادە قىلىدۇ.

  قىسقىسى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدىن بىزگە نەقىل قىلىنغان مۆجىزىلەرنىڭ ۋە پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنىڭ كۆپ قىسمى تەۋاتۇر بىلەندۇر. يا ئوچۇق، يا مەنىۋى ۋەياكى سۈكۇتىيدۇر. يەنە بىر قىسمى گەرچە خەۋەرى ۋاھىد بىلەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنداق بىر شارائىت ئىچىدە بەكمۇ ئىنچىكە بولغان مۇھەددىسلەرنىڭ (ھەدىس ئىماملىرىنىڭ) نەزىرىدە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، تەۋاتۇرغا ئوخشاش قەتئىيلىكنى ئىپادە قىلىش لازىم كېلىدۇ. شۇنداق، مۇھەددىسلەرنىڭ ئەھلى تەھقىقلىرىدىن «ئەلھافىز» دېيىلگەن زاتلار، ئاز دېگەندە يۈزمىڭ ھەدىسنى يادلىغان مىڭلىغان ھەقىقەتچى ھەدىسشۇناسلار، ھەم ئەللىك يىل بامدات نامىزىنى خۇپتەننىڭ تاھارىتى بىلەن ئوقۇغان تەقۋادار مۇھەددىسلەر، شۇنداقلا باشتا بۇخارى، مۇسلىم بولغان ئالتە ھەدىس كىتابىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ھەدىس ئىلىمىنىڭ داھىيلىرى، بۈيۈك ئۆلىمالىرى توغرا كۆرگەن ۋە قوبۇل قىلغان «خەۋەرى ۋاھىد»، تەۋاتۇرنىڭ قەتئىيلىك دەرىجىسىدىن كېيىن قالمايدۇ. شۇنداق، ھەدىس پېنىنىڭ ھەقىقەتچىلىرى، تەتقىقچىلىرى ئۇ دەرىجىدە ھەدىس بىلەن ئىختىساس پەيدا قىلغانكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئىپادە تەرزىگە، ئالىي ئۇسلۇبىغا ۋە ئىپادە سۈرىتىگە ئۈلپەت بولۇپ كەسپ ئەھلىگە ئايلانغانكى، يۈز ھەدىس ئىچىدە بىر توقۇلمىنى كۆرسە، «توقۇلما (يالغاندەيدۇ. «بۇ ھەدىس ئەمەس ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئەمەس» دەپ رەت قىلىدۇ. جاۋاھىرپۇرۇشتەك ھەدىسنىڭ جەۋھىرىنى تونۇيدۇ، باشقا سۆزنى ئۇنىڭغا ئارىلاشتۇرىۋەتمەيدۇ. ئەمما ئىبنى جەۋزىيدەك بەزى تەھقىقچىلەر تەنقىدتە ئىفرات قىلىپ (ھەددىدىن ئېشىپ) بەزى سەھىھ ھەدىسنىمۇ توقۇلما دېگەندۇر. لېكىن ھەر توقۇلمىنىڭ مەنىسى خاتا بولىشى ناتايىن، بەلكى توقۇلما، «بۇ سۆز ھەدىس ئەمەستۇر» دېگەنلىكتۇر.

  سوئال: ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنى بىربىرىگە ئۇلاپ دېيىشنىڭ، كېرەكسىز يەردە، مەلۇم بىر ۋەقەدە «پالانچى پالانچىدىن، پالانچى پوكۇنچىدىن» دېيىشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟

  جاۋاپ: پايدىلىرى كۆپتۇر. مەسىلەن بىر پايدىسى شۇدۇر: ئۇلاپ دېيىش ئارقىلىق، ئۇ زەنجىردە ئىسمى بولغان ساغلام، ھۆججەتلىك ۋە سادىق بولغان ئەھلى ھەدىسنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى ئۇ زەنجىر ۋە سەنەدتە (كىمدىن ئىكەنلىكىدە) ئىسمى ئۆتكەن ھەربىر ئىمام، ھەربىر ئۆلىما ئۇ ھەدىسنىڭ ھۆكۈمىنى تەستىقلاپ، شۈبھىسىزلىكىگە دائىر مۆھۈرىنى باسقاندەك بولىدۇ.

  سوئال: نېمىشقا مۆجىزە ھادىسىلىرى باشقا زۆرۈرى شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئوخشاش تەۋاتۇر شەكلىدە، كۆپ يوللار ئارقىلىق، زور ئەھمىيەت بىلەن نەقىل قىلىنمىغان؟

  جاۋاپ: چۈنكى كۆپ قىسىم شەرىئەت ئەھكاملىرىغا كۆپ ساندىكى ئىنسانلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئېھتىياجلىقتۇر. پەرزى ئەيىنگە ئوخشاش، ئۇ ئەھكاملارنىڭ ھەر شەخس بىلەن ئالاقىسى بار. ئەمما مۆجىزە مەسىلىسىدە بولسا، ھەركىمنىڭ ھەر مۆجىزىگە ئېھتىياجى يوق. ئەگەر ئېھتىياج بولغان تەقدىردىمۇ، بىر قېتىم ئاڭلىسا كۇپايە. خۇددى پەرزى كۇپايىگە ئوخشاش، بىر قىسىم ئىنسانلار ئۇلارنى بىلسە يېتەرلىك.

  مانا بۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، بەزەن بىر مۆجىزىنىڭ بارلىقى ۋە يۈز بەرگەنلىكى، بىر ھۆكۈمنىڭ بارلىقىدىن ئون ھەسسە تېخىمۇ قەتئىي تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ رىۋايەت قىلغۇچىسى بىرئىككى بولىدۇ؛ ھۆكۈمنىڭ رىۋايەت قىلغۇچىسى ئونيىگىرمە بولىدۇ.

  تۆتىنچى ئاساس: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام كېلەچەكتىن خەۋەر بەرگەن بەزى ھادىسىلەر، بىر جۈزئىي ھادىسە ئەمەستۇر؛ بەلكى تەكرارلانغان بىر ئومۇمىي ھادىسىنى جۈزئىي بىر سۈرەتتە خەۋەر بېرىدۇ. ھالبۇكى ئۇ ھادىسىنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرى بار. ھەر قېتىمدا بىر تەرىپىنى بايان قىلىدۇ. كېيىن ھەدىسنىڭ رىۋايەت قىلغۇچىسى ئۇ تەرەپلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ ۋە ئەمەلىيەتكە زىتتەك كۆرىنىدۇ. مەسىلەن: ھەزرەتى مەھدىگە دائىر خىلمۇخىل رىۋايەتلەر بار. تەپسىلاتى ۋە تەسۋىرلىنىشلىرى باشقاباشقىدۇر. ھالبۇكى يىگىرمە تۆتىنچى سۆزنىڭ بىر «دالى»دا ئىسپات قىلىنغىنىدەك، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ۋەھىيگە تايىنىپ، ھەربىر ئەسىردە ئەھلى ئىماننىڭ مەنىۋى قۇۋۋەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ھەم دەھشەتلىك ھادىسىلەردە ئۈمىدسىزلىككە چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، ھەم ئىسلامىيەت ئالىمىنىڭ بىر نۇرانىي زەنجىرى بولغان ئالى بەيتىگە ئەھلى ئىماننى مەنىۋى جەھەتتىن باغلاش ئۈچۈن مەھدىنى خەۋەر بەرگەن. ئاخىرزاماندا كېلىدىغان مەھدىگە ئوخشاش ھەربىر ئەسىر ئالى بەيتتىن بىر تۈرلۈك مەھدى، بەلكى مەھدىلەرنى تاپقان. ھەتتا ئالى بەيتتىن سانىلىدىغان ئابباسىيە خەلىپىلىكىدىن بۈيۈك مەھدىنىڭ كۆپلىگەن سۈپەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن بىر مەھدى تاپقان.

  چوڭ مەھدىدىن ئىلگىرى كەلگەن، مەھدىنىڭ ئوخشاشلىرى، نەمۇنىلىرى بولغان مەھدى سۈپەت خەلىپىلەر ۋە مەھدى سۈپەت ئەقتابلارنىڭ سۈپەتلىرى ھەقىقىي مەھدىنىڭ سۈپەتلىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن رىۋايەتلەردە ئىختىلاپلار كۆرۈلگەن.

  بەشىنچى ئاساس: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام، لاَ يَعْلَمُ الْغَيْبَ اِلاَّ اللّٰهُ سىرى بويىچە، ئۆزلىكىدىن غەيىپنى بىلمەيتتى؛ بەلكى جانابى ھەق ئۇنىڭغا بىلدۈرەتتى، ئۇمۇ بىلدۈرەتتى. جانابى ھەق ھەم ھەكىمدۇر، ھەم رەھىمدۇر. ھىكمەت ۋە رەھمىتى بولسا، غەيبىي ئىشلارنىڭ كۆپىنىڭ ئاشكارا بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ، يوشۇرۇن بولىشىنى خالايدۇ. چۈنكى شۇ دۇنيادا ئىنساننى خۇش قىلمايدىغان ئىشلار تېخىمۇ كۆپتۇر. مەيدانغا كېلىشىدىن بۇرۇن ئۇلارنى بىلىش ئەلەملىكتۇر.

  مانا بۇ سىر ئۈچۈندۇركى، ئۆلۈم ۋە ئەجەل يوشۇرۇن قالدۇرۇلغان ۋە ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالامۇسىبەتلەرمۇ غەيب پەردىسىدە قالغان. دېمەك، رەببانىي ھىكمەت ۋە ئىلاھىي رەھمەت مۇشۇنداق ئىقتىزا قىلغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئۈممىتىگە قارىتا تولىمۇ سەزگۈر بولغان مەرھەمىتىنى، ھەمدە ئالى بەيت ۋە ساھابىلىرىگە قارىتا شىددەتلىك شەپقىتىنى بەك رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ۋە ئۈممىتىنىڭ باشلىرىغا كېلىدىغان مۇدھىش ھادىسىلەرنى ئومۇمىي شەكىلدىلا بىلدۈرۈپ ۋە تەپسىلاتى بىلەن كۆرسەتمەسلىك (ھاشىيە)* ھىكمەت ۋە رەھمەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئەمما يەنە بەزى ھىكمەتلەر ئۈچۈن مۇھىم ھادىسىلەرنى ــ ئەمما دەھشەتلىك بىر سۈرەتتە ئەمەس ــ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەن، ئۇمۇ خەۋەر بەرگەن. ھەم گۈزەل ھادىسىلەرنىڭ بەزىسىنى قىسقىچە، بەزىسىنى تەپسىلى بىلدۈرگەندۇر، ئۇمۇ خەۋەر بەرگەندۇر. ئۇنىڭ خەۋەرلىرىنىمۇ ئەڭ يۈكسەك بىر تەقۋالىق، ھەققانىيەت ۋە راستچىللىق دەرىجىسىدە تەتقىق قىلغان ۋە وَمَنْ كَذَبَ عَلَىَّ مُتَعَمِّدًا فَلْيَتَبَوَّاْ مَقْعَدَهُ مِنَ النَّارِ (مېنىڭدىن دەپ كىم يالغان بىر خەۋەر بېرىدىكەن، جەھەننەم ئوتىدىن جايىنى تەييارلىسۇن!) ھەدىسىدىكى تەھدىتتىن شىددەت بىلەن قورققان، ھەمدە ﴿فَمَنْ اَظْلَمُ مِمَّنْ كَذَبَ عَلَى اللّٰهِ﴾(زۇمەر:32) ئايىتىدىكى شىددەتلىك تەھدىتتىن شىددەت بىلەن قاچقان كامىل ھەدىسشۇناسلار بىزگە سەھىھ بىر سۈرەتتە ئۇ خەۋەرلەرنى نەقىل قىلغاندۇر.

  ئالتىنچى ئاساس: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئەھۋاللىرى ۋە سۈپەتلىرى سىيەر ۋە تارىخ سۈرىتىدە بايان قىلىنغان. ئەمما ئۇ بايانلاردىكى كۆپىنچە سۈپەتلىرى ۋە ئەھۋاللىرى ئىنسانىيىتىگە قارايدۇ. ھالبۇكى ئۇ مۇبارەك زاتنىڭ مەنىۋى شەخسىيىتى، مۇقەددەس ماھىيىتى ئۇ دەرىجە يۈكسەك ۋە نۇرانىيدۇركى، سىيەر ۋە تارىختىكى سۈپەتلەر، ئۇ يۈكسەك قامەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئۇ يۈكسەك قىممەتكە مۇۋاپىق ئەمەستۇر. چۈنكى اَلسَّبَبُ كَالْفَاعِلِ(سەۋەب بولغان قىلغاندەك) سىرى بويىچە، ھەر كۈن، ھەتتا ھازىرمۇ پۈتكۈل ئۈممەتنىڭ ئىبادەتلىرىچىلىك بۈيۈك بىر ئىبادەت كامالەت سەھىپىسىگە قوشۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ. چەكسىز بىر ئىلاھىي رەھمەتكە، چەكسىز بىر سۈرەتتە، چەكسىز بىر قابىلىيەت بىلەن ئىگە بولغىنىدەك، ھەر كۈنى چەكسىز ئۈممىتىنىڭ چەكسىز دۇئاسىغىمۇ ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ. ھەمدە شۇ كائىناتنىڭ نەتىجىسى، ئەڭ مۇكەممەل مېۋىسى، كائىنات خالىقىنىڭ تەرجىمانى ۋە ئەڭ سۆيگەن بەندىسى بولغان ئۇ مۇبارەك زاتنىڭ پۈتكۈل ماھىيىتى ۋە كامالىتىنىڭ ھەقىقىتى، سىيەر ۋە تارىخىدا يېزىلغان ئىنسانىي ئەھۋاللىرىغا ۋە ۋەزىيەتلىرىگە سىغمايدۇ. مەسىلەن: ھەزرەتى جەبرائىل ۋە ھەزرەتى مىكائىل بەدىر غازىتىدا ئىككى مۇھاپىزەتچىسى ۋە ياردەمچىسى ھۆكمىدە يېنىدا بولغان بىر مۇبارەك زات، بازار ئىچىدە، بەدەۋى (سەھرالىق) بىر ئەرەب بىلەن ئات سودىسىدا باھا تالىشىشى، بىرلا شاھىت بولغان ھۇزەيفەنى شاھىت كۆرسىتىش بىلەن كۆرۈنگەن مۇئامىلىلىرى ئىچىدە سىغمايدۇ.

  خاتالاشماسلىق ئۈچۈن، ھەر ۋاقىت ئىنسانلىق ماھىيىتى ئېتىبارى بىلەن ئاڭلانغان ئاددى سۈپەتلىرى ئىچىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ، ھەقىقىي ماھىيىتىگە ۋە پەيغەمبەرلىك مەرتىۋىسىدىكى نۇرانىي بولغان مەنىۋى شەخسىيىتىگە قاراش لازىمدۇر. بولمىسا، يا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ ياكى شۈبھىگە چۈشىدۇ. شۇ سىرنى ئىزاھلاش ئۈچۈن شۇ تەمسىلنى ئاڭلا:

  مەسىلەن بىر خورما ئۇرۇقى بار، ئۇ خورما ئۇرۇقى تۇپراق ئاستىغا تېرىلىپ، ئېچىلىپ يوغان بىر مېۋىلىك دەرەخ بولدى. ھەم بارغانسېرى شاخلىنىپ يوغىنايدۇ. ياكى توزنىڭ بىر تۇخۇمى بار ئىدى. ئۇ تۇخۇمغا ئىسسىقلىق بېرىلىپ، بىر توز چۈجىسى چىقتى. ئاندىن بەكمۇ مۇكەممەل، ھەر تەرىپى قۇدرەت قەلىمى بىلەن مەنىدار يېزىلغان ۋە رەڭگارەڭ چوڭ بىر توز بولدى. ھەم بارغانسېرى چوڭىيىپ گۈزەللىشىدۇ. ئەمدى ئۇ ئۇرۇق ۋە ئۇ تۇخۇمغا ئائىت سۈپەتلەر، ھاللار بار. ئىچىدە ئىنچىكە ماددىلار بار. ھەم ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان دەرەخ ۋە قۇشنىڭمۇ، ئۇ ئۇرۇق ۋە تۇخۇمنىڭ ئاددى سۈپەت ۋە ۋەزىيەتلىرىگە نىسبەتەن بۈيۈك ۋە ئالى سۈپەتلىرى بار. ئەمدى ئۇ ئۇرۇق ۋە تۇخۇمنىڭ سۈپەتلىرىنى دەرەخ ۋە قۇشنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن باغلاپ سۆزلىگەندە، ئاڭلىغان سۈپەتلەرنى كىشىنىڭ ئەقلى قوبۇل قىلالىشى ئۈچۈن، ئەقىل ھەر ۋاقىت بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇرۇقتىن دەرەخكە قاراشقا ۋە كۆزىنى تۇخۇمدىن قۇشقا يۈزلەندۈرۈپ دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بولمىسا «بىر دىرھەم ئۇرۇقتىن مىڭ پاتمان خورما ئالدىمۋە «شۇ تۇخۇم ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ سۇلتانىدۇردېيىلسە يالغانغا چىقىرىدۇ ۋە ئىنكار قىلىدۇ.

  مانا بۇنىڭغا ئوخشاش، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئىنسانلىقى ئۇ ئۇرۇققا، ئۇ تۇخۇمغا ئوخشايدۇ. ھەمدە پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى بىلەن پارلىغان ماھىيىتى بولسا، تۇبا دەرىخىگە ۋە جەننەتنىڭ ھۇمايۇن قۇشىغا ئوخشايدۇ. ھەم دائىما تاكاممۇلىشىشتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بازار ئىچىدە بىر بەدەۋى بىلەن باھا تالاشقان ئۇ زاتنى ئويلىغان ۋاقىتتا، رەفرەفكە مىنىپ، جەبرائىلنى ئارقىدا قويۇپ، قابى قەۋسەينگە ئۇچۇپ ماڭغان نۇرانىي شەخسىيىتىگە خىيال كۆزىنى كۆتۈرۈپ قاراش لازىم كېلىدۇ. بولمىسا يا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ، ياكى نەفسى ئەممارىسى ئىشەنمەيدۇ.

  بەشىنچى نۇكتەلىك ئىشارەت:

غەيبى ئىشلارغا دائىر ھەدىسلەرنىڭ بىر قانچە مىسالىنى سۆزلەيمىز:

  سەھىھ نەقىل بىلەن ۋە مۇتەۋاتىر بىر دەرىجىدە بىزگە يىتىپ كەلگەنكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مۇنبەر ئۈستىدە، ساھابە جامائىتى ئىچىدە پەرمان قىلغانكى: اِبْنِى حَسَنٌ هذَا سَيِّدٌ سَيُصْلِحُ اللّٰهُ بِهِ بَيْنَ فِئَتَيْنِ عَظِيمَتَيْنِ. قىرىق يىلدىن كېيىن ئىسلامنىڭ ئىككى چوڭ قوشۇنى قارشىلىشىپ قالغان ۋاقىتتا، ھەزرەتى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھەزرەتى مۇئاۋىيە(ر.ئە) بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، چوڭ دادىسىنىڭ غەيبىي مۆجىزىسىنى تەستىق قىلغاندۇر.

  ئىككىنچىسى: سەھىھ نەقىل بىلەن، ھەزرەتى ئەلىگە دېگەنكى: سَتُقَاتِلُ النَّاكِثِينَ وَالْقَاسِطِينَ وَالْمَارِقِينَ ھەم جەمەل ۋەقەسى، ھەم سىففىن ۋەقەسى، ھەم خاۋارىج ھادىسىلىرىنى خەۋەر بەرگەن.

  ھەم ھەزرەتى ئەلى(ر.ئە) ھەزرەتى زۈبەير بىلەن سۆيۈشكەن بىر ۋاقىتتا: «بۇ ساڭا قارشى جەڭ قىلىدۇ، ئەمما ھەقسىزدۇردېگەن.

  ھەم پاك روھلۇق ئاياللىرىغا دېگەن: «ئىچىڭلاردىن بىرسى چوڭ بىر فىتنىنىڭ* بېشىغا ئۆتىدۇ ۋە ئەتراپىدا نۇرغۇن ئادەم قەتلى قىلىنىدۇوَتَنْبَحُ عَلَيْهَا كِلاَبُ الْحَوْئَبِ.

  مانا شۇ سەھىھ، قەتئىي ھەدىسلەر، ئوتتۇز يىلدىن كېيىن ھەزرەتى ئەلىنىڭ ھەزرەتى ئائىشە، زۈبەير ۋە تەلھەگە قارشى جەمەل ۋەقەسىدە، ھەمدە مۇئاۋىيەگە قارشى سىففىندە، ھەمدە خاۋارىجلارغا قارشى خارەۋرادا ۋە نەھرۇۋاندا قىلغان جەڭلىرى، ئۇ غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ بىر پېئىلىي تەستىقلىرىدۇر.

  ھەم ھەزرەتى ئەلىگە: «سېنىڭ ساقىلىڭنى سېنىڭ بېشىڭنىڭ قېنى بىلەن ھۆل قىلىدىغان بىر ئادەم…» دەپ خەۋەر بەرگەن. ھەزرەتى ئەلى ئۇ ئادەمنى تونۇيدىكەن، ئۇ ئادەم ئابدۇراھمان ئىبنى مۇلجەمۇل خارىجىيدۇر.

  ھەم خاۋارىجلارنىڭ ئىچىدە زۇسسەيدە دېيىلىدىغان بىر ئادەمنى غەلىتە بىر ئالامەت بىلەن خەۋەر بەرگەنكى، خاۋارىجلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىرى ئىچىدە ئۇ ئادەم تېپىلغان. ھەزرەتى ئەلى ئۇنى ھەققانىيىتىگە ھۆججەت قىلىپ كۆرسەتكەن. ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلان قىلغان.

   ھەم رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام، ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سەھىھ رىۋايىتى بىلەن خەۋەر بەرگەنكى: «ھەزرەتى ھۈسەيىن تافتا يەنى كەربالادا قەتلى قىلىنىدۇئەللىك يىلدىن كېيىن، ئۇ پاجىئەلىك ۋەقە مەيدانغا چىقىپ، ئۇ غەيبىي خەۋەرنى تەستىق قىلغان.

  ھەم تەكرارتەكرار خەۋەر قىلغانكى: «مېنىڭ ئالى بەيتىم مەندىن كېيىن يَلْقَوْنَ قَتْلاً وَ تَشْرِيدًا يەنى، قەتلى قىلىنىشقا. بالالارغا ۋە سۈرگۈنلەرگە دۇچار بولىدۇۋە بىرئاز ئىزاھ قىلغان، ئەينەن شۇنداق چىققاندۇر.

  شۇ ماقامدا بىر مۇھىم سوئال بار. يەنى، «ھەزرەتى ئەلى ئۇ دەرىجىدە خەلىپىلىككە لايىق بولغان، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا يېقىنلىقى، ھەمدە ھەيران قالارلىق جاسارەت ۋە ئىلىم ئىگىسى تۇرۇقلۇق، نېمىشقا خەلىپىلىككە ئاۋۋال ئۆتمىدى ۋە نېمىشقا ئۇنىڭ خەلىپىلىكى زامانىدا ئىسلام نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلارغا دۇچار بولدى؟…» دېيىلىۋاتىدۇ.

  جاۋاب: ئالى بەيتتىن بىر قۇتبى ئەئزەم دېگەنكى: «رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەزرەتى ئەلىنىڭ(ر.ئە) خەلىپىلىكىنى ئارزۇ قىلغان، ئەمما غەيىپتىن ئۇنىڭغا بىلدۈرۈلگەنكى، ﷲنىڭ ئىرادىسى باشقىدۇر. ئۇمۇ ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپ، ﷲنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنغانﷲنىڭ ئىرادىسىنىڭ ھىكمەتلىرىدىن بىرى شۇ بولىشى كېرەككى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئەڭ زىيادە ئىتتىپاقلىشىشقا ۋە بىرلىشىشكە مۇھتاج بولغان ساھابىلەر، ئەگەر ھەزرەتى ئەلى باشقا ئۆتكەن بولسا، ھەزرەتى ئەلىنىڭ زامانىدا مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن، ھەمدە ھەزرەتى ئەلىنىڭ قورقماس، پەرۋاسىز، توق كۆز، زاھىدلارچە ۋە قەھرىمانلارچە ھالىتى ۋە ئالەمگە مەشھۇر شۆھرىتى ئېتىبارى بىلەن، كۆپ زاتلاردا ۋە قەبىلىلەردە رىقابەت ھېسسىنى قوزغىتىپ، بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولۇش ئىھتىماللىقى كۈچلۈك ئىدى. ھەم ھەزرەتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ كەينىگە سۈرۈلىشىنىڭ بىر سىرى شۇدۇركى، بەكمۇ كۆپ خىل قەۋملەرنىڭ بىربىرىگە ئارىلىشىشى بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ خەۋەر بەرگىنىدەك، كېيىن مەيدانغا چىقىدىغان يەتمىش ئۈچ پىرقە پىكىرلىرىنىڭ ئاساسلىرىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئۇ قەۋملەر ئىچىدە، فىتنە قوزغايدىغان ھادىسىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش زامانىسىدا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەزرەتى ئەلىدەك ھەيران قالارلىق بىر جاسارەت ۋە پاراسەت ئىگىسى، ھاشىمىيلەردىن ۋە ئالى بەيتتىن بولغان قۇۋۋەتلىك، ھۆرمەتلىك بىر قۇۋۋەتنىڭ بولىشى لازىم ئىدى. شۇنداق، ئۇ تاقابىل تۇرالىدىرەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام خەۋەر بېرىپ ھەزرەتى ئەلىگە دېگەن: «مەن قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشى ئۈچۈن كۆرەش قىلدىم، سەنمۇ تەۋىلى (سىرلىرىنىڭ تەتقىقاتى) ئۈچۈن كۆرەش قىلىسەنھەم ئەگەر ھەزرەتى ئەلى بولمىغان بولسا، دۇنيا سەلتەنىتى، ئەمەۋى دۆلىتىنى پۈتۈنلەي يولدىن چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى. ھالبۇكى قارشىسىدا ھەزرەتى ئەلى ۋە ئالىي بەيتنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا قارشى مۇۋازىنەتكە كېلىش ۋە ئەھلى ئىسلام نەزىرىدە شەرىپىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن خالاپخالىماي ئەمەۋى دۆلىتى رەئىسلىرىنىڭ ھەممىسى، ئۆزلىرى بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئۇلارنىڭ ئۈندەش ۋە قوللاشلىرى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرى ۋە تەرەپدارلىرى، پۈتۈن قۇۋۋەتلىرى بىلەن ئىسلام ھەقىقەتلىرى ۋە ئىمان ھەقىقەتلىرى، ھەمدە قۇرئان ئەھكاملىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋە تارقىتىشقا تىرىشىشتى. يۈز مىڭلارچە ھەقىقەتچى مۇجتەھىدلەر، كامىل مۇھەددىسلەر، ئەۋلىيالار ۋە ئەسفىيالارنى يېتىشتۈردى. ئەگەر قارشىلىرىدا ئالى بەيتتىكى غايەت قۇۋۋەتلىك ۋەلايەت (ئەۋلىيالىق)، دىيانەت ۋە كامالەت بولمىغان بولسا، ئابباسىيلارنىڭ ۋە ئەمەۋىلەرنىڭ ئاخىرلىرىدىكىگە ئوخشاش، پۈتۈنلەي يولدىن چىقىش ئىھتىمالى چوڭ ئىدى.

  ئەگەر دېيىلسە: «نېمىشقا ئىسلام خەلىپىلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالى بەيتىدە داۋاملاشمىدى؟ ھالبۇكى ئەڭ زىيادە لايىق ۋە ھەقلىق بولغانلار ئۇلار ئىدى؟»

  جاۋاب: دۇنيا سەلتەنىتى ئالدامچىدۇر. ئالى بەيت بولسا، ئىسلام ھەقىقەتلىرى ۋە قۇرئان ئەھكاملىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن ۋەزىپىدار ئىدى. خەلىپىلىك ۋە سەلتەنەتتە ئولتۇرغانلار ئالدانماسلىق ئۈچۈن، يا پەيغەمبەردەك گۇناھسىز بولىشى، ۋەياكى خۇلەفائى راشىدىن ۋە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز، ھەمدە مەھدى ئابباسىيدەك ھەيران قالارلىق بىر زاھىد قەلبلىك بولىشى كېرەك. ھالبۇكى، مىسىردا ئالى بەيت نامىغا تەشكىل قىلىنغان فاتىمىيە خەلىپىلىكى، ئافرىقىدا مۇۋەھھىدىن ھۆكۈمىتى ۋە ئىراندا سەفەۋىيلەر دۆلىتى كۆرسەتتىكى، دۇنيا سەلتەنىتى ئالى بەيتكە يارىمايدۇ. ھەقىقىي ۋەزىپىسى بولغان دىننى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئىسلامىيەتكە خىزمەت قىلىشنى ئۇلارغا ئۇنۇتتۇرۇپ قويىدۇ. ھالبۇكى، سەلتەنەتنى تەرك قىلغان ۋاقىتلىرىدا، پارلاق ۋە يۈكسەك بىر سۈرەتتە ئىسلامىيەتكە ۋە قۇرئانغا خىزمەت قىلغاندۇر.

  مانا قارا! ھەزرەتى ھەسەننىڭ نەسلىدىن كەلگەن ئەقتابلار، خۇسۇسەن تۆت ئەقتاب ۋە بولۇپمۇ غەۋسۇل ئەئزەم بولغان شەيخ ئابدۇلقادىر گەيلانى، ھەمدە ھەزرەتى ھۈسەيىننىڭ نەسلىدىن كەلگەن ئىماملار، خۇسۇسەن زەينەلئابىدىن ۋە جەئفەرى سادىق قاتارلىق ئىماملاركى، ھەربىرى بىردىن مەنىۋى مەھدى ھۆكمىگە ئۆتكەندۇر، مەنىۋى زۇلۇم ۋە زۇلمەتلەرنى يوقىتىپ، قۇرئاننىڭ نۇرلىرى ۋە ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرىنى تارقاتقاندۇر. بۈيۈك چوڭ دادىسىنىڭ بىردىن ۋارىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكەندۇر.

   ئەگەر دېيىلسە: مۇبارەك ئىسلامىيەت ۋە نۇرانىي سائادەت ئەسرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئۇ دەھشەتلىك، قانلىق فىتنىنىڭ ھىكمىتى ۋە رەھمەت تەرىپى قايسى؟ چۈنكى ئۇلار قەھرگە (غەزەپكە) لايىق ئەمەس ئىدىغۇ؟

  جاۋاب: ئالايلۇق، باھاردا دەھشەتلىك يامغۇرلۇق بىر بورانچاپقۇن، ھەر تائىپە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ئۇرۇقلارنىڭ، دەرەخلەرنىڭ ئىستىداتلىرىنى غىدىقلاپ تەرەققىياتقا يۈزلەندۈرىدۇ، ھەربىرى ئۆزىگە مەخسۇس بىر چېچەك ئېچىپ، فىترىي (تەبىئىي) بىر ۋەزىپە بېشىغا ئۆتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ بېشىغا كەلگەن فىتنىمۇ، ئۇرۇقلار ھۆكمىدىكى خىلمۇخىل بولغان ئايرىمئايرىم ئىستىداتلارنى غىدىقلاپ قامچىلىدى. «ئىسلامىيەت خەتەر ئىچىدە، يانغىن باردەپ ھەر تائىپىنى قورقۇتتى. ئىسلامىيەتنىڭ مۇھاپىزىتىگە يۈگۈرتتى. ھەربىرى ئىستىداتىغا قارىتا ئىسلام جامائىتىنىڭ كۆپلىگەن ۋە خىلمۇخىل ۋەزىپىلىرىدىن بىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى ۋە يۈكسەك ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشتى. بىر قىسمى ھەدىسلەرنىڭ مۇھاپىزىتىگە، بىر قىسمى شەرىئەتنىڭ مۇھاپىزىتىگە، بىر قىسمى ئىمان ھەقىقەتلىرىنىڭ مۇھاپىزىتىگە، بىر قىسمى قۇرئاننىڭ مۇھاپىزىتىگە تىرىشتى ۋەھاكازاھەربىر تائىپە بىر خىزمەتكە كىردى. ئىسلامىيەت ۋەزىپىلىرىدە ھارارەتلىك بىر سۈرەتتە ئىشلىدى. خىلمۇخىل رەڭلەردە نۇرغۇن گۈللەر ئېچىلدى. ناھايىتى كەڭرى بولغان ئىسلامىيەت ئالىمىنىڭ ھەر تەرىپىگە ئۇ بوران بىلەن ئۇرۇقلار چېچىلدى، يەرنىڭ يېرىمىنى گۈلىستانغا ئايلاندۇردى. ئەمما، ئەپسۇسكى ئۇ گۈللەر ۋە گۈلىستانلار ئىچىدە ئەھلى بىدئەت پىرقىلىرىنىڭ تىكەنلىرىمۇ چىقتى.

  گويا قۇدرەت قولى ھەيۋەت بىلەن ئۇ ئەسىرنى چالغىتتى. شىددەتلىك ھالدا قوزغاپ ئايلاندۇردى. ئەھلى ھىممەتنى (تۆھپىكارلارنى) غەيرەتكە كەلتۈرۈپ زەرەتلىدى. ئۇ ھەرىكەتتىن كەلگەن بىر مەركەزدىن قېچىش كۈچى بىلەن ناھايىتى كۆپ نۇرلۇق مۇجتەھىدلەرنى ۋە نۇرانىي مۇھەددىسلەرنى، مۇقەددەس قارىيلارنى، ئەسفىيالارنى، ئەقتابلارنى ئىسلام ئالىمىنىڭ ھەر تەرىپىگە ئۇچۇردى، ھىجرەت قىلغۇزدى. شەرقتىن غەربكىچە ئەھلى ئىسلامنى ھاياجانغا كەلتۈرۈپ، قۇرئاننىڭ خەزىنىلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆزلىرىنى ئاچتۇردى ئەمدى ئەسلى تېمىمىزغا قايتىمىز:

  رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بەرگىنى بويىچە ئەينەن مەيدانغا كەلگەن ئىشلار مىڭلارچىدۇر، ناھايىتى كۆپتۇر. بىز پەقەتلا قىسمەن بىر قانچە مىسالىغا ئىشارەت قىلىمىز:

  باشتا بۇخارى ۋە مۇسلىم، سەھىھلىكتە مەشھۇر بولغان ئالتە ھەدىس كىتابىنىڭ ساھىبلىرى بىز بايان قىلماقچى بولغان خەۋەرلەرنىڭ كۆپىدە بىرلىككە كەلگەن، ئۇ خەۋەرلەرنىڭ كۆپى مەنىۋى جەھەتتىن مۇتەۋاتىر ۋە بىر قىسمى ئەھلى تەھقىق بولغانلارنىڭ ئۇلارنىڭ سەھىھلىكىدە بىرلىككە كېلىشى بىلەن، مۇتەۋاتىردەك قەتئىي دېگىلى بولىدۇ.

  (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ساھابىلىرىگە خەۋەر بەرگەنكى: «سىلەر بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىسىلەر. ھەم مەككىنىڭ، خەيبەرنىڭ، شامنىڭ، ئىراقنىڭ، ئىراننىڭ، بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ فەتھىگە مۇۋەپپەق بولىسىلەر. ھەم ئۇ دەۋرنىڭ ئەڭ بۈيۈك دۆلەتلىرى بولغان ئىران ۋە رۇم پادىشاھلىرىنىڭ خەزىنىلىرىنى ئاراڭلاردا تەقسىم قىلىسىلەر!…» دەپ خەۋەر بەرگەن، ھەم «پەرىزىم شۇنداق ياكى مۇشۇنداق دەپ قارايمەن» دېمىگەن، بەلكى كۆرىۋاتقاندەك قەتئىي خەۋەر بەرگەن، خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر. ھالبۇكى خەۋەر بەرگەن ۋاقىتتا، ھىجرەتكە مەجبۇر بولغان، ساھابىلىرى ئاز، مەدىنە ئەتراپى ۋە پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭغا دۈشمەن ئىدى.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) كۆپ قېتىم: عَلَيْكُمْ بِسِيرَةِ الَّذَيْنِ مِنْ بَعْدِى اَبِى بَكْرٍ وَ عُمَرَ دەپ، ئەبۇ بەكىر ۋە ئۆمەر ئۆزىدىن كېيىن قالىدىغانلىقى ۋە خەلىپە بولىدىغانلىقى، ھەم مۇكەممەل بىر سۈرەتتە ۋە ﷲنىڭ رىزاسى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رازىلىقى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئەبۇ بەكىرنىڭ خەلىپىلىك زامانى ئاز بولىدىغانلىقى، ئۆمەرنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى ۋە نۇرغۇن فەتىھلەرنى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بەرگەن.

  ھەم: زُوِيَتْ لِىَ اْلاَرْضُ فَاُرِيتُ مَشَارِقَهَا وَمَغَارِبَهَا وَسَيَبْلُغُ مُلْكُ اُمَّتِى مَا زُوِىَ لِى مِنْهَا دەپ: «شەرقتىن غەربكىچە مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ھېچبىر ئۈممەت ئۇنچىلىك سەلتەنەتكە ئېرىشەلمىگەنخەۋەر بەرگىنىدەك چىققان.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) بەدىر غازىتىدىن ئىلگىرى: هذَا مَصْرَعُ اَبِى جَهْلٍ، هذَا مَصْرَعُ عُتْبَةَ، هذَا مَصْرَعُ اُمَيَّةَ، هذَا مَصْرَعُ فُلاَنٍ وَ فُلاَنٍ دەپ، مۇشرىك قۇرەيش رەئىسلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ نەدە ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە «مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئۈبەي ئىبنى خەلەفنى ئۆلتۈرىمەن» دېگەن. خەۋەر بەرگىنىدەك چىققان.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) بىر ئايلىق يىراق مۇساپىدىكى شام ئەتراپىدا، مۇتە دېگەن جايدىكى مەشھۇر غازاتتا جەڭ قىلىۋاتقان ساھابىلىرىنى كۆرىۋاتقاندەك اَخَذَ الرَّايَةَ زَيْدٌ فَاُصِيبَ، ثُمَّ اَخَذَهَا اِبْنُ رَوَاحَةَ فَاُصِيبَ، ثُمَّ اَخَذَهَا جَعْفَرُ فَاُصِيبَ، ثُمَّ اَخَذَهَا سَيْفٌ مِنْ سُيُوفِ اللّٰهِ دەپ، ھادىسىلەرنى بىربىرلەپ ساھابىلىرىگە خەۋەر بەرگەن. ئىككىئۈچ ھەپتىدىن كېيىن يەئلا ئىبنى مۇنەببىھ جەڭدىن كەلدى، ئۇ تېخى سۆزلىمەستىنلا مۇخبىرى سادىق (توغرا خەۋەرچى) (ئە.س.ۋ) جەڭنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلدى. يەئلا قەسەم بىلەن: «ئەينەن دېگىنىڭىزدەك بولدى» دېدى.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) اِنَّ الْخِلاَفَةَ بَعْدِى ثَلاَثُونَ سَنَةً ثُمَّ تَكُونُ مُلْكًا عَضُوضًا وَاِنَّ هذَا اْلاَمْرَ بَدَاَ نُبُوَّةً وَرَحْمَةً ثُمَّ يَكُونُ رَحْمَةً وَخِلاَفَةً ثُمَّ يَكُونُ مُلْكًا عَضُوضًا ثُمَّ يَكُونُ عُتُوًّا وَ جَبَرُوتًا دەپ، ھەزرەتى ھەسەننىڭ ئالتە ئايلىق خەلىپىلىكى بىلەن، تۆت خەلىپىنىڭ (خۇلەفائى راشىدىننىڭ) خەلىپىلىك زامانلىرىنى ۋە ئۇلاردىن كېيىن سەلتەنەت شەكلىگە كىرىدىغانلىقىنى، كېيىن ئۇ سەلتەنەتتىن ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈملەر چىقىپ ئۈممەت ئىچىدە بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) يُقْتَلُ عُثْمَانُ وَهُوَ يَقْرَاُ الْمُصْحَفَ وَاِنَّ اللّهَ عَسَى اَنْ يُلْبِسَهُ قَمِيصًا وَاِنَّهُمْ يُرِيدُونَ خَلْعَهُ دەپ، ھەزرەتى ئوسماننىڭ خەلىپە بولىدىغانلىقىنى ۋە خەلىپىلىكتىن ئىستىپا بېرىش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە مەزلۇم ھالدا قۇرئان ئوقۇۋاتقان ھالەتتە قەتلى قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) قان ئالدۇرغاندا، ئۇ مۇبارەك قېنىنى ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير تەۋەرۈك قىلىپ ئىچكەن ۋاقىتتا وَيْلٌ لِلنَّاسِ مِنْكَ وَ وَيْلٌ لَكَ مِنَ النَّاسِ دەپ، ھەيران قالارلىق بىر شىجائەت بىلەن ئۈممەتنىڭ بېشىغا ئۆتىدىغانلىقىنى ۋە مۇدھىش ھۇجۇملارغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىنسانلار ئۇنىڭ سەۋەبىدىن دەھشەتلىك ھادىسىلەرگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر. ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير ئەمەۋىيلەر زامانىدا مەككىدە خەلىپىلىك ئېلان قىلىپ، قەھرىمانلارچە كۆپلىگەن جەڭلەرنى قىلىدۇ. ئاخىرى زالىم ھەججاج چوڭ بىر قوشۇن بىلەن ھۇجۇم قىلپ، شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن ئۇ شانلىق قەھرىمان شېھىد قىلىنىدۇ.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ئەمەۋى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ كۆپىنىڭ زالىم بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىچىدە يەزىد ۋە ۋەلىد بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە ھەزرەتى مۇئاۋىيەنىڭ ئۈممەتنىڭ بېشىغا ئۆتىدىغانلىقىنى، وَاِذَا مَلَكْتَ فَاَسْجِحْ دەپ، كەڭ قوللۇقنى ۋە ئادالەتنى تەۋسىيە قىلغاندۇر. ۋە ئەمەۋىيدىن كېيىن، يَخْرُجُ وَلَدُ الْعَبَّاسِ بِالرَّايَاتِ السُّودِ وَ يَمْلِكُونَ اَضْعَافَ مَا مَلَكُوا دەپ، ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. ھەم خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) وَيْلٌ لِلْعَرَبِ مِن شَرٍّ قَدِ اقْتَرَبَ دەپ، چىنگىزخان ۋە ھىلاكۇنىڭ دەھشەتلىك فىتنىلىرىنى ۋە ئەرەب ئابباسىيلار دۆلىتىنى خاراپ قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس ناھايىتى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندا ئۇنىڭغا لَعَلَّكَ تُخَلَّفُ حَتَّى يَنْتَفِعَ بِكَ اَقْوَامٌ وَيَسْتَضِرَّ بِكَ آخَرُونَ دەپ، كېلەچەكتە بۈيۈك بىر قوماندان بولىدىغانلىقىنى، كۆپ فەتىھلەرنى قىلىدىغانلىقىنى، كۆپلىگەن مىللەت ۋە قەۋملەرنىڭ ئۇنىڭدىن مەنپەئەت كۆرىدىغانلىقىنى، يەنى مۇسۇلمان بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە كۆپلەرنىڭ زەرەر كۆرىدىغانلىقىنى، يەنى دۆلەتلىرى ئۇنىڭ قولىدا خاراپ بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر. ھەزرەتى سەئد ئىسلام قوشۇنىنىڭ بېشىغا ئۆتتى، ئىران دۆلىتىنى ۋەيران قىلدى. نۇرغۇن قەۋملەرنىڭ ئىسلام دائىرىسىگە ۋە ھىدايەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولدى.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ئىمان ئېيتقان ھەبەش پادىشاھى نەجاشى ھىجرەتنىڭ يەتتىنچى يىلىدا ۋاپات بولغان كۈنى ئۇنىڭ ۋاپاتىنى ساھابىلىرىگە خەۋەر بەرگەن، ھەتتا مىيىت نامىزىنى ئوقۇغان. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ شۇ كۈنى ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلگەن.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) تۆت خەلىپە بىلەن بىللە ئۇھۇد ياكى ھىرا تېغىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان ۋاقىتتا تاغ تەۋرەپ تىترەپ كەتكەن. تاغقا ئەمىر قىلىپ : اُثْبُتْ فَاِنَّمَا عَلَيْكَ نَبِىٌّ وَ صِدِّيقٌ وَ شَهِيدٌ دېگەن ۋە ھەزرەتى ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىنىڭ شېھىد بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ئەي بەدبەخت، قەلبسىز، بىچارە ئادەم! «مۇھەممەدى ئەرەبى ئەقىللىق بىر ئادەم ئىدى» دەپ قويۇپلا ئۇ ھەقىقەت قۇياشىغا قارشى كۆزىنى يۇمغان بىچارە ئىنسان! ئون بەش تۈرلۈك ئومۇمىي مۆجىزىلىرىدىن بىر تۈر بولغان غەيبىي ئىشلاردىن ئون بەشتىن ۋە بەلكى يۈز قىسمىدىن بىر قىسمىنى ئاڭلىدىڭ. مەنىۋى تەۋاتۇر دەرىجىسىدە قەتئىي بىر قىسمىنى بىلدىڭ. شۇ غەيبى خەۋەر قىسمىنىڭ يۈزدە بىرسىنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر زاتقا، پاراسىتى بىلەن ئىستىقبالنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن «بۈيۈك دانىشمەن» دېيىلىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، ساڭا ئوخشاش دانىشمەنلىك دېسەك، يۈز بۈيۈك دانىشمەن دەرىجىسىدە مۇقەددەس بىر دانىشمەنلىكى بولغان بىر ئادەم خاتا كۆرەمدۇ؟ خاتا خەۋەر بېرىشكە ئىززىتىدىن چۈشەمدۇ؟ بۇنداق يۈز دەرىجە بۈيۈك بىر دانىشمەنلىك ساھىبىنىڭ ئىككى دۇنيا سائادىتىگە دائىر سۆزلىرىگە قۇلاق سالماسلىق، ئەلۋەتتە يۈز دەرىجە ئەخمەقلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.

  ئالتىنچى نۇكتەلىك ئىشارەت:

  (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ھەزرەتى فاتىمەگە(ر.ئە): اَنْتِ اَوَّلُ اَهْلِ بَيْتِى لُحُوقًا بِى دەپ، «ئالى بەيتىمدىن ھەممەيلەندىن بۇرۇن سەن ۋاپات بولۇپ، ماڭا قوشۇلىسەن» دېگەن. ئالتە ئايدىن كېيىن، خەۋەر بەرگىنىدەك ئەينەن شۇنداق بولغاندۇر.

  ھەم ئەبۇ زەرگە: مِنْ هُنَا وَتَعِيشُ وَحْدَكَ وَتَمُوتُ وَحْدَكَ دەپ، مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ، يالغۇز ھايات كەچۈرۈپ، يالغۇز بىر سەھرادا ۋاپات بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. يىگىرمە يىلدىن كېيىن خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ھەم ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ ھاممىسى بولغان ئۇممۇ ھەرەمنىڭ ئۆيىدە ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، تەبەسسۇم قىلىپ دەپتۇ: رَاَيْتُ اُمَّتِى يَغْزُونَ فِى الْبَحْرِ كَالْمُلُوكِ عَلَى اْلاَسِرَّةِ ئۇممۇ ھەرەممۇ يالۋۇرۇپ: «دۇئا قىلىڭ، مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بولايدەپتۇ. ئۇنىڭغا دەپتۇكى: «بىللە بولىسەنقىرىق يىلدىن كېيىن، يولدىشى ئۇبادە ئىبنى سامىت بىلەن قىبرىس فەتھىگە بېرىپ، قىبرىستا ۋاپات بوپتۇ ۋە مازىرى زىيارەتگاھ بوپتۇ. ئەينەن خەۋەر بېرىلگىنىدەك بولغاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) دەپتۇ: يَخْرُجُ مِنْ ثَقِيفَ كَذَّابٌ وَ مُبِيرٌ يەنى: «سەفىق قەبىلىسىدىن بىرى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىدۇ؛ ۋە بىر خۇنخور زالىم مەيدانغا چىقىدۇدەپ، پەيغەمبەرلىك دەۋا قىلغان مەشھۇر مۇختارنى ۋە يۈزمىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەن ھەججاجى زالىمنى خەۋەر بەرگەندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) سَتُفْتَحُ الْقُسْطَنْطِينِيَّةُ فَنِعْمَ اْلاَمِيرُ اَمِيرُهَا وَنِعْمَ الْجَيْشُ جَيْشُهَا دەپ، ئىستانبۇلنىڭ ئىسلام قولى بىلەن فەتىھ بولىدىغانلىقىنى ۋە ھەزرەتى سۇلتان مەھمەد فاتىھنىڭ يۈكسەك بىر مەرتىۋە ئىگىسى ئىكەنلىكىنى خەۋەر بەرگەن ۋە ئەينەن خەۋەر بەرگىنىدەك بولغاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن): اِنَّ الدِّينَ لَوْ كَانَ مَنُوطًا بِالثُّرَيَّا لَنَا لَهُ رِجَالٌ مِنْ اَبْنَاءِ فَارِسَ دەپ، باشتا ئەبۇ ھەنىفە بولۇپ، ئىراننىڭ مىسىلسىز بىر سۈرەتتە يېتىشتۈرگەن ئۆلىما ۋە ئەۋلىيالىرىغا ئىشارەت قىلىپ خەۋەر بەرگەندۇر.

  ھەم عَالِمُ قُرَيْشٍ يَمْلَءُ طِبَاقَ اْلاَرْضِ عِلْمًا دەپ، ئىمام شافىئىغا ئىشارەت قىلىپ خەۋەر بەرگەندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن): سَتَفْتَرِقُ اُمَّتِى ثَلاَثًا وَسَبْعِينَ فِرْقَةً اَلنَّاجِيَةُ وَاحِدَةٌ مِنْهَا. قِيلَ مَنْهُمْ؟ قَالَ مَا اَنَا عَلَيْهِ وَ اَصْحَابِى دەپ، ئۈممىتىنىڭ يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلىنىدىغانلىقى ۋە ئىچىدە نىجات تاپىدىغان كامىل پىرقىنىڭ ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئىكەنلىكىنى خەۋەر بەرگەندۇر.

  ھەم: اَلْقَدَرِيَّةُ مَجُوسُ هذِهِ اْلاُمَّةِ دەپ، كۆپ شۆبىلەرگە (پىرقىلەرگە) بۆلۈنگەن ۋە تەقدىرنى ئىنكار قىلغان قەدەرىيە تائىپىسىنى خەۋەر بەرگەن. ھەم كۆپ شۆبىلەرگە بۆلۈنگەن رافىزىيلارنى خەۋەر بەرگەندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ئىمام ئەلىگە(ر.ئە) دېگەن: «سەندە ھەزرەتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامدەك ئىككى قىسىم ئىنسان ھالاكەتكە كېتىدۇ. بىرسى، ئوشۇقچە مۇھەببەت بىلەن؛ يەنە بىرى، ئوشۇقچە ئاداۋەت بىلەنناسارالار (خرىستىئانلار) ھەزرەتى ئىيساغا مۇھەببەتتە چەكتىن ئېشىپ، (ھاشا!) «ﷲنىڭ بالىسى» دېدى. يەھۇدىيلار ئاداۋىتىدە بەك ھەددىدىن ئېشىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ۋە كامالىتىنى ئىنكار قىلدى. سېنىڭ ھەققىڭدىمۇ بىر قىسىملار شەرىئەتنىڭ چىكىدىن ئېشىپ، مۇھەببىتىدىن ھالاكەتكە كېتىدۇ. لَهُمْ نَبْزٌ يُقَالُ لَهُمُ الرَّافِضِيَّةُ دېگەن. بىر قىسمى، ساڭا ئاداۋەتتە ھەددىدىن ئاشىدۇ. ئۇلار خاۋارىجدۇر ۋە ئەمەۋىيلەرنىڭ ھەددىدىن ئاشقان بىر قىسىم تەرەپدارلىرىدۇركى، ئۇلار ناسىبە دېيىلىدۇ.

  ئەگەر دېيىلسە: ئالى بەيتنى سۆيۈشنى قۇرئان ئەمىر قىلىدۇ. ھەزرەتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالاممۇ كۆپ تەشۋىق قىلغان. ئۇ مۇھەببەت، شىئەلەر ئۈچۈن بەلكى بىر ئۆزۈر بولىشى مۇمكىن. چۈنكى مۇھەببەت ئەھلى قىسمەن ھېسسىيات ئەھلىدۇر. نېمىشقا شىئەلەر، بولۇپمۇ رافىزىيلەرنىڭ ئۇ مۇھەببەتتىن پايدىلىنىشى جائىز ئەمەس؟ ئەكسىچە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئۇ زىيادە مۇھەببەتلىرى سەۋەبلىك نېمىشقا جاۋاپكار بولىدۇ؟

  جاۋاب: مۇھەببەت ئىككى قىسىمدۇر. بىرى، مەنايى ھەرفى بىلەن؛ يەنى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھېسابىدىن، جانابى ھەق نامىدىن ھەزرەتى ئەلى بىلەن ھەسەن، ھۈسەيىن ۋە ئالى بەيتنى سۆيۈشتۇر. شۇ مۇھەببەت رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا بولغان مۇھەببەتنى زىيادىلەشتۈرىدۇ. جانابى ھەققە بولغان مۇھەببەتكە ۋەسىلە (ۋاستە) بولىدۇ. بۇ مۇھەببەت شەرىئەتكە ئۇيغۇندۇر، ئېشىپ كېتىشى زىيان بەرمەيدۇ، چەكتىن ھالقىش ھېساپلانمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىنى ۋە ئاداۋەت قىلىنىشىنى نەتىجىلەندۈرمەيدۇ.

  ئىككىنچىسى: مەنايى ئىسمى بىلەن مۇھەببەتتۇر. يەنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى سۆيىدۇ. ھەزرەتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى ئويلىماستىن، ھەزرەتى ئەلىنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى، كامالىتىنى ۋە ھەزرەتى ھەسەن ۋە ھۈسەيىننىڭ يۈكسەك پەزىلەتلىرىنى ئويلاپ سۆيىدۇ. ھەتتا ﷲنى بىلمىگەن، پەيغەمبەرنى تونىمىغان تەقدىردىمۇ يەنە ئۇلارنى سۆيىدۇ. بۇ خىل سۆيۈش، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا بولغان مۇھەببەتكە ۋە جانابى ھەققە بولغان مۇھەببەتكە سەۋەب بولمايدۇ؛ ھەم ھەددىدىن ئېشىش بولسا، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىنىشىنى ۋە ئاداۋەت قىلىنىشىنى نەتىجىلەندۈرۈپ قويىدۇ.

  دېمەك ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئىشارىتى بىلەن، ھەزرەتى ئەلى ھەققىدە زىيادە مۇھەببەتلىرىدىن، ھەزرەتى ئەبۇ بەكىرى سىددىق بىلەن ھەزرەتى ئۆمەردىن يۈز بۇرىغانلىقلىرىدىن ھەسرەتكە چۈشۈشكەندۇر. ئۇ مەنفى مۇھەببەت، ھەسرەتكە قېلىش سەۋەبىدۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن): اِذَا مَشَوُا الْمُطَيْطَاءَ وَخَدَمَتْهُمْ بَنَاتُ فَارِسَ وَالرُّومِ، رَدَّ اللّٰهُ بَاْسَهُمْ بَيْنَهُمْ وَ سَلَّطَ شِرَارَهُمْ عَلَى خِيَارِهِمْ دەپ، «قاچانكى ئىران، رۇم قىزلىرى سىلەرگە خىزمەت قىلسا، ئۇ ۋاقىت بالايىڭلار، فىتنەڭلار ئىچىڭلارغا كىرىدۇ، ئۇرۇشۇڭلار ئىچكى ئۇرۇش بولىدۇ، يامانلار باشقا ئۆتۈپ، ياخشىلىرىڭلارغا مۇسەللەت بولىدۇ (زىيان يەتكۈزىدۇ).» دەپ خەۋەر بەرگەن. ئوتتۇز يىلدىن كېيىن، خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

   ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) وَتُفْتَحُ خَيْبَرُ عَلَى يَدَىْ عَلِىٍّ دەپ، «خەيبەر قەلئەسىنىڭ فەتھى ئەلىنىڭ قولى بىلەن بولىدۇدېگەن. ئويلىغاندىنمۇ ئۈستۈن بىر سۈرەتتە ئىككىنچى كۈنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۆجىزىسى سۈپىتىدە خەيبەر قەلئەسىنىڭ دەرۋازىسىنى ھەزرەتى ئەلى قومۇرۇپ ئېلىپ ئۇنى قالقان قىلىپ ئىشلەتكەن ۋە فەتىھكە مۇۋەپپەق بولغاندىن كېيىن دەرۋازىنى يەرگە تاشلىغان. سەككىز كۈچلۈك ئادەم ئۇ دەرۋازىنى كۆتۈرەلمىگەن، بىر رىۋايەتتە قىرىق ئادەم كۆتۈرەلمىگەن.

  ھەم، لاَ تَقُومُ السَّاعَةُ حَتَّى تَقْتَتِلَ فِئَتَانِ دَعْوَاهُمَا وَاحِدَةٌ دەپ، سىففىندە ھەزرەتى ئەلى بىلەن مۇئاۋىيەنىڭ ئۇرۇشىنى خەۋەر بەرگەن.

  ھەم: اِنَّ عَمَّارًا تَقْتُلُهُ الْفِئَةُ الْبَاغِيَةُ دەپ، «ئازغۇن (باغىي) بىر تائىپە ئەممارنى قەتلى قىلىدۇ» دېگەن. كېيىن سىففىن جېڭىدە قەتلى قىلىندى. ھەزرەتى ئەلى، بۇنى مۇئاۋىيەنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىگە ھۆججەت كۆرسەتتى. ئەمما مۇئاۋىيە رەت قىلدى. ئەمر ئىبنى ئاس دېدى: «باغىي پەقەت ئۇنىڭ قاتىللىرىدۇر، ھەممىمىز ئەمەس

  ھەم: اِنَّ الْفِتَنَ لاَ تَظْهَرُ مَا دَامَ عُمَرُ حَيًّا دەپ، «ھەزرەتى ئۆمەر ھاياتلا بولسا، ئىچىڭلاردا فىتنە چىقمايدۇدەپ خەۋەر بەرگەن ۋە شۇنداق بولغاندۇر.

  ھەم سەھل ئىبنى ئامر ئىمان ئېيتىشتىن بۇرۇن ئەسىرگە چۈشىدۇ. ھەزرەتى ئۆمەر، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا دەيدۇكى: «رۇخسەت قىلسىڭىز، مەن بۇنىڭ چىشلىرىنى سۇغۇرىۋىتەي. چۈنكى ئۇ پاساھىتى بىلەن قۇرەيش كۇپپارلىرىنى بىز بىلەن جەڭ قىلىشقا تەشۋىق قىلاتتىرەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: وَعَسَى اَنْ يَقُومَ مَقَامًا يَسُرُّكَ يَا عُمَرُ دېگەن. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ۋاپاتى ۋاقتىدىكى بەكمۇ كۆڭۈلسىز ۋە سەبر قىلغۇسىز ھادىسىدە، ھەزرەتى ئەبۇ بەكىرى سىددىق مەدىنەئى مۇنەۋۋەرەدە مۇكەممەل بەرداشلىق بېرىش كۈچى بىلەن ھەممەيلەنگە تەسەللى بېرىپ، مۇھىم بىر خۇتبە بىلەن ساھابىلەرنى تەسكىن تاپقۇزغاندەك، شۇ سەھلمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا، مەككەئى مۇكەررەمەدە ئەينەن ئەبۇ بەكىرى سىددىقتەك ساھابىلەرگە تەسكىن ۋە تەسەللى بېرىپ، ئۇ مەلۇم پاساھىتى بىلەن ئەبۇ بەكىرى سىددىقنىڭ خۇتبىسىگە ئوخشاش مەنىدە بىر نۇتۇق سۆزلىگەن. ھەتتا ئىككى خۇتبىنىڭ سۆزلىرىمۇ بىربىرىگە ئوخشايدۇ.

  ھەم سۇراقەگە: كَيْفَ بِكَ اِذَا اُلْبِسْتَ سُوَارَىْ كِسْرَى دەپ، «كىسرانىڭ ئىككى بىلەيزۈكىنى تاقايسەندېگەن. ھەزرەتى ئۆمەر زامانىدا كىسرا يوقىتىلدى، زىننەتلىرى ۋە شاھانە بىلەيزۈكى كەلتۈرۈلدى، ھەزرەتى ئۆمەر سۇراقەگە تاقاتتى. اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ الَّذِى سَلَبَهُمَا كِسْرَى وَاَلْبَسَهُمَا سُرَاقَةَ دەپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ خەۋىرىنى تەستىق قىلغۇزدى.

   ھەم: اِذَا ذَهَبَ كِسْرَى فَلاَ كِسْرَى بَعْدَهُ دەپ، «پارىس كىسراسى يوقالغاندىن كېيىن كىسرا چىقمايدۇدەپ خەۋەر بەرگەن ۋە شۇنداق بولغاندۇر.

  ھەم كىسرانىڭ ئەلچىسىگە دېگەن: «ھازىر كىسرانىڭ ئوغلى شىرۋەيخ پەرۋىز كىسرانى ئۆلتۈردىئۇ ئەلچى تەھقىقلەپ كۆرسە، دەل شۇ ۋاقىتتا شۇنداق بولغانىكەن. ئاندىن ئۇ مۇسۇلمان بولىدۇ. بەزى ھەدىسلەردە ئۇ ئەلچىنىڭ ئىسمى فىرۇزدۇر.

   ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ھاتىب ئىبنى بەلتەئەنىڭ قۇرەيشلەرگە يوشۇرۇن خەت ئەۋەتكەنلىكىنى خەۋەر بەرگەن. ھەزرەتى ئەلى بىلەن مىقدادنى ئەۋەتىپ، «پالانى يەردە بىر كىشىدە شۇنداق بىر خەت بار. خەتنى ئېلىپ كېلىڭلاردېگەن. ئۇلار بېرىپ، دەل شۇ يەردە، دەل شۇ خەتنى ئەكەلگەن. ھاتىبنى ئېلىپ كېلىپ، «نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟» دېگەن. ئۇ ئۆزرە ئېيتقان، ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلغان.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ئۇتبە ئىبنى ئەبى لەھەب ھەققىدە: يَاْكُلُهُ كَلْبُ اللّٰهِ دەپ، ئۇتبەنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىنى خەۋەر بەرگەن. كېيىن يەمەن تەرەپكە كېتىۋاتقاندا بىر شىر ئۇنى يەۋەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ھەم بەددۇئاسىنى، ھەم خەۋىرىنى تەستىق قىلغاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) مەككىنىڭ فەتھى ۋاقتىدا، ھەزرەتى بىلال ھەبەشى كەئبە تېمىغا چىقىپ ئەزان توۋلىغان. قۇرەيش رەئىسلىرىدىن ئەبى سۇفيان، ئەتتاب ئىبنى ئەسىد ۋە ھارىس ئىبنى ھىشاملار ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى. ئەتتاب دېدى: «دادام بەختىيار ئىدىكى، بۈگۈننى كۆرمىدىھارىس دېدىكى: «مۇھەممەد مۇئەززىن قىلغىلى بۇ قارا قاغىدىن باشقا ئادەم تاپالمىغانمىدۇ؟» شۇنداق دېيىشىپ ھەزرەتى بىلالنى كەمسىتتى. ئەبى سۇفيان دېدى: «بىر نەرسە دېيىشتىن مەن قورقىمەن، باشقىسى بولمىسىمۇ، بۇ باتھانىڭ تاشلىرى ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىدۇ، ئۇ بىلىۋالىدۇھەقىقەتەن بىر دەمدىن كېيىن، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى، ئۇلارنىڭ دېيىشكەنلىرىنى بىرمۇ بىر دەپ بەردى. ئۇ چاغدا ئەتتاب بىلەن ھارىس شاھادەت كەلتۈرۈپ مۇسۇلمان بولدى.

  ئەي بىچارە دىنسىز! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى تونىمىغان قەلبسىز ئادەم! قارا، قۇرەيشنىڭ تەكەببۇر ئىككى چوڭى بىر غەيبىي خەۋەر بىلەن ئىمانغا كەلدى. قەلبىڭ نەقەدەر بۇزۇلغانكى، مەنىۋى تەۋاتۇر بىلەن، بۇ غەيبىي خەۋەردەك مىڭلارچە مۆجىزىلەرنى ئاڭلاۋاتىسەن، يەنە تامامەن قانائىتىڭ كەلمەيۋاتىدۇ!… خوش، ئەسلى تېمىمىزغا كېلەيلى.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) بەدىر غازىتىدا ھەزرەتى ئابباس ساھابىلەرنىڭ قولىغا ئەسىر چۈشكەن ۋاقىتتا، قۇتۇلۇش فىدىيەسى تەلەپ قىلىنىپتۇ. ئۇ «پۇلۇم يوق» دەپتۇ. ھەزرەتى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «ئايالىڭ ئۈممۈ فەدلنىڭ يېنىدا مۇنچىلىك پۇلنى پالانى يەردە تىقىپ قويۇپسەندەپتۇ. ھەزرەتى ئابباس تەستىق قىلىپ، «ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان سىر ئىدىدەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كامالى ئىماننى قازىنىپ مۇسۇلمان بوپتۇ.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ياۋۇز بىر سېھىرگەر بولغان يەھۇدى لەبىد، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى قىيناش ئۈچۈن ئاجايىپ ۋە تەسىرى كۈچلۈك بىر سېھىر قىپتۇ. بىر تاغاققا چاچلارنى يۆگەپ، ئۈستىدە سېھىر قىلغاندىن كېيىن بىر قۇدۇققا تاشلىۋېتىپتۇ. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەزرەتى ئەلىگە ۋە ساھابىلەرگە: « پالانى قۇدۇققا بېرىپ بۇ خىل سېھىر ئەسۋابلىرىنى تېپىپ ئەكىلىڭلاردەپتۇ. ئۇلار بېرىپ تېپىپ كەپتۇ. ھەربىر يىپى ئېلىنغاندا رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالاممۇ راھەتسىزلىكتىن يېنىكلەپتۇ.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ئەبۇ ھۇرەيرەدەك مۇھىم زاتلارمۇ بولغان بىر جامائەت ئىچىدە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: ضِرْسُ اَحَدِكُمْ فِى النَّارِ اَعْظَمُ مِنْ اُحُدٍ دەپ، بىرسىنىڭ مۇرتەد بولۇپ (دىندىن چىقىپ) كېتىدىغانلىقىدەك مۇدھىش بىر ئاقىۋەتنى خەۋەر بەرگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە دەپتۇ: «ئۇ جامائەتتىن، مەن ۋە يەنە بىر ئادەم ئىككىمىز قالدۇق. مەن قورقتۇم. كېيىن يەنە بىر ئادەم يەمامە جېڭىدە مۇسەيلىمە تەرىپىگە ئۆتۈپ مۇرتەد بولۇپ كەتتى ۋە شۇ ھالى بىلەن قەتلى قىلىندىپەيغەمبىرىمىزنىڭ خەۋىرىنىڭ ھەقىقىتى چىقتى.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ئۇمەير ۋە سەفۋان مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى، مۇھىم بىر مالغا بەدەل، پەيغەمبىرىمىزنى(ئە.س.ۋ) ئۆلتۈرۈشكە قارار بەرگەن بولۇپ، ئۇمەير بۇ نىيەت بىلەن مەدىنىگە كەلگەن. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇمەيرنى كۆرۈپ يېنىغا چاقىرىپ، «سەفۋان بىلەن پىلانىڭلار بۇدۇردەپ، قولىنى ئۇمەيرنىڭ كۆكسىگە قويۇپتۇ. ئۇمەير «شۇنداقتى» دەپ، مۇسۇلمان بولۇپتۇ.

  بۇنىڭغا ئوخشايدىغان نۇرغۇن سەھىھ بولغان غەيبى خەۋەرلەر ئەمىلىي شەكىلدە مەيدانغا كەلگەندۇر، ھەمدە مەشھۇر ئالتە سەھىھ ھەدىس كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنغان ۋە سەنەدلىرى بىلەن بايان قىلىنغاندۇر. بۇ رىسالىدە بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەنىۋى تەۋاتۇر ھۆكمىدە قەتئىيدۇر، شۈبھىسىزدۇر. قۇرئاندىن كېيىن ئەڭ سەھىھ كىتاب ئىكەنلىكى ئەھلى تەھقىق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان باشتا بۇخارى ۋە مۇسلىم، ئۇنىڭدىن باشقا سەھىھى تىرمىزى، نەسائى، ئەبۇ داۋۇد، مۇسنەدى ھاكىم، مۇسنەدى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە دەلائىلى بەيھەقىدەك كىتابلاردا رىۋايەت يوللىرى بىلەن بايان قىلىنغاندۇر.

  ئەي بىھۇش دىنسىز! «مۇھەممەدى ئەرەبى (ئە.س.ۋ) ئەقىللىق بىر ئادەم ئىدىدەپلا ئۆتۈپ كەتمە! چۈنكى شۇ غەيبى ئىشلارغا دائىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا خەۋەرلىرى بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدىن خالى ئەمەس؛ يا دەيسەن: ئۇ مۇقەددەس زاتتا شۇنداق كەسكىن بىر نەزەر ۋە كەڭرى بىر زېھىن باردۇركى، ئۆتمۈش ۋە كېلەچەكنى ۋە پۈتۈن دۇنيانى كۆرىدۇ، بىلىدۇ ۋە ئالەمنىڭ ھەر تەرىپىنى، ھەمدە شەرق ۋە غەربنى قورشىيالايدىغان بىر كۆزى ۋە ئۆتكەن ۋە كېلىدىغان پۈتكۈل زامانلارنى بىلەلەيدىغان بىر زېھنى بار. بۇ خىل ئەھۋال بولسا ئىنساندا بولمايدۇ. ئەگەر بولىدۇ دېيىلسە، ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەيران قالارلىق بىر ئىش ۋە بىر ئىھسان بولغان بولىدۇ. يالغۇز بۇنىڭ ئۆزىلا بىر بۈيۈك مۆجىزىدۇر. ۋەياكى: ئۇ مۇبارەك زات، شۇنداق بىر زاتنىڭ خىزمەتچىسى ۋە شاگىرتىدۇركى، ھەر نەرسە ئۇنىڭ نەزىرىدە ۋە تەسەررۇپىدىدۇر ۋە مەخلۇقاتنىڭ پۈتۈن تۈرلىرى ۋە بارلىق زامانلار، ئۇنىڭ ئەمرى ئاستىدىدۇرچوڭ دەپتىرىدە ھەر نەرسە يېزىقلىقتۇر، خالىغان ۋاقتىدا تالىپىغا بىلدۈرىدۇ ۋە كۆرسىتىدۇ، دەپ ئىشىنىسەن. دېمەك، مۇھەممەدى ئەرەبى ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام، ئەزەلىي ئۇستازىدىن دەرس ئالىدۇ ۋە شۇنداق دەرس بېرىدۇ….

  ھەم (سەھىھ نەقىل بىلەن) ھەزرەتى خالىدنى جەڭ ئۈچۈن دۇمەتۇل جەندەل رەئىسى بولغان ئۇكەيدىرگە ئەۋەتكەن ۋاقىتتا: اِنَّكَ تَجِدُهُ يَصِيدُ الْبَقَرَ دەپ، ئۇنىڭ ياۋا كالا ئوۋلاۋاتقىنىدا تاپىدىغانلىقىنى، جەڭگىجىدەلسىز ئەسىرگە چۈشۈرىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. ھەزرەتى خالىد بېرىپ، دەل شۇنداق ھالەتتە ئۇنى ئەسىرگە ئېلىپ قايتىپ كەلگەندۇر.

  ھەم (سەھىھ نەقىل بىلەن) قۇرەيشىيلەرنىڭ، ھاشىمىيلارغا قارشى يازغان ۋە كەئبىنىڭ تېمىغا ئاسقان قەغەز (لەۋھە) ھەققىدە: «قۇرتلار يازغانلىرىڭلارنى يىدى، پەقەت قەغەزدىكى ﷲنىڭ ئىسىملىرىغا چېقىلمىدىدەپ خەۋەر بەرگەن. كېيىن قەغەزگە قاراپ باقسا، دەل دېگەندەك بولغانىكەن.

  ھەم (سەھىھ نەقىل بىلەن) «بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ فەتھىدە چوڭ بىر ۋابا چىقىدۇدېگەن. ھەزرەتى ئۆمەر زامانىدا بەيتۇل مۇقەددەس فەتىھ قىلىندى ۋە شۇنداق بىر ۋابا چىقتىكى، ئۈچ كۈن ئىچىدە يەتمىش مىڭ ئادەم قازا قىلدى.

  ھەم (سەھىھ نەقىل بىلەن) ئۇ زاماندا تېخى بەرپا قىلىنمىغان بەسرە ۋە باغداد شەھەرلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى ۋە باغدادقا دۇنيا خەزىنىلىرىنىڭ كىرىدىغانلىقىنى، ھەمدە تۈركلەر ۋە ھەزەر(كاسپى) دېڭىزى ئەتراپىدىكى مىللەتلەر بىلەن ئەرەبلەرنىڭ جەڭ قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپلەپ ئىسلامغا كىرىدىغانلىقىنى، ئەرەبلەرگە ئەرەبلەر ئىچىدە ھاكىم بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. ھەمدە: يُوشِكُ اَنْ يَكْثُرَ فِيكُمُ الْعَجَمُ يَاْكُلُونَ فَيْئَكُمْ وَيَضْرِبُونَ رِقَابَكُمْ دېگەن.

  ھەم: هَلاَكُ اُمَّتِى عَلَى يَدِ اُغَيْلِمَةٍ مِنْ قُرَيْشٍ دەپ، ئەمەۋى دۆلىتىنىڭ يەزىد ۋە ۋەلىدكە ئوخشاش يامان رەئىسلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرىنى خەۋەر بەرگەن.

  ھەم يەمامەدەك بىر قىسىم يەرلەردە، مۇرتەدلىك مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن.

  ھەم مەشھۇر خەندەك غازىتىدا: اِنَّ قُرَيْشًا وَاْلاَحْزَابَ لاَ يَغْزُونِى اَبَدًا وَاَنَا اَغْزُوهُمْ دەپ، «بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ماڭا ئەمەس، بەلكى مەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىمەندەپ خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ھەم (سەھىھ نەقىل بىلەن) ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن بىرئىككى ئاي ئىلگىرى: اِنَّ عَبْدًا خُيِّرَ فَاخْتَارَ مَا عِنْدَ اللّٰهِ دەپ ۋاپاتىنى خەۋەر بەرگەن.

  ھەم زەيد ئىبنى سۇۋاھان ھەققىدە: يَسْبِقُ عُضْوٌ مِنْهُ اِلَى الْجَنَّةِ دەپ، زەيىدنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ زەيدتىن ئاۋۋال شېھىد قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. بىر زاماندىن كېيىن، نىھاۋەند جېڭىدە بىر قولى كېسىۋىتىلگەن. دېمەك، ئەڭ ئاۋۋال ئۇ قول شېھىد بولۇپ، مەنەن جەننەتكە كەتكەندۇر.

  يۇقىرىدا سۆزلەنگەن غەيبى ئىشلار ئون خىل مۆجىزە تۈرىدىن پەقەتلا بىر تۈردۇر. ئۇ تۈرنىڭمۇ ئون قىسمىدىن بىرلا قىسمىنى سۆزلىدۇق. مانا بۇ قىسىم بىلەن بىللە، قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىرىگە دائىر يىگىرمە بەشىنچى سۆزدە ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان غەيبى خەۋەر تۈرىدىن تۆت تۈرىنى قىسقىچە بايان قىلغانىدۇق. بۇ يەردىكى تۈرى بىلەن بىللە، قۇرئان تىلى بىلەن غەيبتىن خەۋەر بېرىلگەن ئۇ تۆت چوڭ تۈرنى بىللە ئويلا. نەقەدەر قەتئىي، شۈبھىسىز، پارلاق، قۇۋۋەتلىك بىر پەيغەمبەرلىك دەلىلى ئىكەنلىكىنى كۆر! قەلبى، ئەقلى پۈتۈنلەي بۇزۇلمىغان ئادەم، زاتى ئەھمەدىيە ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پۈتكۈل شەيئىلەرنىڭ خالىقى ۋە غەيىپلەرنى بىلگۈچى بولغان بىر زاتى زۇلجالالنىڭ رەسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىغا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىدۇ.

————————————————————————-

*(ھاشىيە): بۇ رىسالىدە ئۆتكەن «تەۋاتۇر» سۆزى، تۈركچە «يېيىلىپ كەتكەن خەۋەر» مەنىسىدىكى تەۋاتۇر ئەمەس، بەلكى ئىشەنچنى ئىپادە قىلغان، يالغان بولۇش ئىھتىمالى بولمىغان قۇۋۋەتلىك خەۋەر مەنىسىدىدۇر.-ت

خەۋەرى ۋاھىد: بىر خەۋەر، يەنى بىر ساھابىدىن، بىر يولدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىس.-ت

*(ھاشىيە): زاتى ئەھمەدىيە ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئائىشەئى سىددىقەگە قارىتا بولغان زىيادە مۇھەببەت ۋە شەپقىتىنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن، «جەمەل ۋەقەسى» ھادىسىسىدە ئۇنىڭمۇ قېتىلىپ قالىدىغانلىقىنى قەتئىي كۆرسىتىلمىگەنلىكىگە دەلىل بولسا، پاك روھلۇق ئاياللىرىغا دېگەنكى: «كاشكى قايسىڭلارنىڭ ئۇ ۋەقەدە بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام…» ئەمما كېيىن قىسمەن بىلدۈرۈلگەنكى، ھەزرەتى ئەلىگە(ر.ئە) دېگەن: «سەن بىلەن ئائىشەنىڭ ئارىسىدا بىر ھادىسە بولسا، فَارْفَقْ وَ بَلِّغْهَا مَاْمَنَهَا»

سىيەر: پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى، ئەخلاقى ۋە يۈكسەك سۈپەتلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان كىتاب.-ت

*قابى قەۋسەيىن: ۋۇجۇب ۋە ئىمكان دائىرىسى (يەنى ﷲ بىلەن مەخلۇقات دائىرىسى) ئوتتۇرسىدىكى مەنىۋى ماقام.-ت

*فىتنە: قالايمىقانچىلىق؛ ئىختىلاپ؛ ھەقتىن ئازماق؛ پىتنە» دېگەندەك مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ.)ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.