ھېرىس-ئاچكۆزلۈك

  يەتتىنچى نۇقتا: ئىسراپچىلىق ھېرىسنى (ئاچكۆزلۈكنى) نەتىجىلەيدۇ، ھېرىس بولسا ئۈچ نەتىجىنى بېرىدۇ:

 بىرىنچىسى: قانائەتسىزلىكتۇر. قانائەتسىزلىك بولسا تىرىشىشقا بولغان قىزغىنلىقنى سۇندۇرىدۇ. شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا شىكايەت قىلغۇزىدۇ؛ ھورۇنلۇققا تاشلايدۇ. ۋە مەشرۇ(ھالال)، ئاز مالنى* تاشلاپ، غەيرى مەشرۇ، كۈلپەتسىز مالنى ئىزدەيدۇ. بۇ يولدا ئىززىتىنى، بەلكى شەرىپىنى پىدا قىلىدۇ.

  ھېرىسنىڭ ئىككىنچى نەتىجىسى: مەھرۇملۇق ۋە ھەسرەتتۇر، مەقسەت قىلغاننى قولدىن قاچۇرۇش ۋە پەس كۆرۈلۈشكە دۇچار بولۇش، ھەمدە ئاسانلىق ۋە ياردەمدىن مەھرۇم بولۇشتۇر. ھەتتا اَلْحَرِيصُ خَائِبٌ خَاسِرٌ يەنى: «ھېرىس، ھەسرەت ۋە مۇۋەپپىقيەتسىزلىكنىڭ سەۋەبىدۇر» دېگەن ماقال تەمسىلنى توغرىغا چىقىرىدۇ. ھېرس ۋە قانائەتنىڭ تەسىرلىرى، جانلىقلار ئالىمىدە غايەت كەڭ بىر دەستۇر بىلەن جەريان قىلىدۇ.

  مەسىلەن: رىزىققا مۇھتاج دەرەخلەرنىڭ فىترىي قانائەتلىرى، ئۇلارنىڭ رىزقىنى ئۇلارغا يۈگۈرتكىنىدەك؛ ھايۋانلارنىڭ ھېرىس بىلەن مۇشەققەت ۋە نۇقسانلىق ئىچىدە رىزىققا يۈگۈرۈشلىرى، ھېرىسنىڭ چوڭ زىيىنىنى ۋە قانائەتچانلىقنىڭ بۈيۈك مەنپەئەتىنى كۆرسىتىدۇ. ھەم زەئىپ بولغان پۈتكۈل ئىنسان ۋە ھايۋان بالىلىرىنىڭ ئەھۋال تىللىرى بىلەن كۆرسەتكەن قانائەتلىرى نەتىجىسىدە، سۈت كەبى نەفىس بىر غىزانىڭ ئويلاپ باقمىغان بىر يەردىن ئۇلارغا ئېقىشى ۋە يىرتقۇچلارنىڭ ھېرىس بىلەن نۇقسانلىق ۋە كىر رىزىقلىرىغا ئېتىلىشى دەۋايىمىزنى پارلاق بىر سۈرەتتە ئىسپات قىلىدۇ. ھەم، سېمىز بېلىقلارنىڭ قانائەتكارانە ۋەزىيىتىنىڭ مۇكەممەل رىزىقلىرىغا سەۋەب بولىشى؛ ۋە تۈلكە، مايمۇندەك زېرەك ھايۋانلارنىڭ ھېرىس بىلەن رىزىقلىرىنىڭ پېشىدا چۆرگىلىسىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە تاپالماي ئورۇق ۋە زەئىپ بولۇپ قېلىشلىرى، يەنە ھېرىسنىڭ نەقەدەر دەرىجىدە مۇشەققەتكە سەۋەب ۋە قانائەتنىڭ نەقەدەر دەرىجىدە راھەتكە سەۋەب ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەم يەھۇدى مىللىتى ھېرىس بىلەن، ئۆسۈم بىلەن، ھىيلەنەيرەڭ بىلەن رىزىقلىرىنى خورلۇق، پەرىشانلىق، ھارام ھالەتتە ۋە ياشىغۇدەكلا تېپىشىۋە سەھرالىقلارنىڭ (يەنى بەدەۋىلەرنىڭ) قانائەتكارانە ۋەزىيەتلىرى، ئىززەت بىلەن ياشىشى ۋە يېتەرلىك رىزقىنى تېپىشى يەنە مەزكۇر دەۋايىمىزنى قەتئىي ئىسپاتلايدۇ. ھەم نۇرغۇن ئالىملارنىڭ* ۋە ئەدىبلەرنىڭ*** زىرەكلىكلىرىدىن كەلگەن بىر ھېرىسلىق سەۋەبى بىلەن پېقىر ھالغا چۈشۈشلىرى ۋە نورغۇن نادان ۋە ئىقتىدارسىزلارنىڭ، فىتري قانائەتكارانە ۋەزىيەتلىرى بىلەن باي بولۇپ كېتىشلىرى قەتئىي بىر سۈرەتتە ئىسپات قىلىدۇكى، ھالال رىزىق، ئاجىزلىق ۋە پېقىرلىقىنى بىلىشكە قارىتا كېلىدۇ؛ ئىقتىدار ۋە ئىختىيار(نىڭ كۈچلۈكلىكى) بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ھالال رىزىق، ئىقتىدار ۋە ئىختىيار بىلەن تەتۈر تاناسىپتۇر. چۈنكى بوۋاقلارنىڭ ئىقتىدار ۋە ئىختىيارى ئاشقانسېرى رىزىقى ئازىيىدۇ، ئۇزاقلىشىدۇ، قىيىنلىشىدۇ. اَلْقَنَاعَةُ كَنْزٌ لاَ يَفْنَى (قانائەت تۈگىمەس خەزىنىدۇر.) ھەدىسىنىڭ سىرى بىلەن، قانائەت بىر ياخشى تىرىكچىلىك خەزىنىسى ۋە ھاياتنىڭ راھىتىدۇر. ھېرىسلىق بولسا، ھەسرەت ۋە پەرىشانلىقنىڭ مەنبەسىدۇر.

  ئۈچىنچى نەتىجە: ھېرىس ئىخلاسنى سۇندۇرىدۇئاخىرەتلىك ئەمەللەرنى زىدىلەيدۇ. چۈنكى، بىر تەقۋاداردا ھېرىس بولسا، كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىشنى خالايدۇ. كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىشنى ئارزۇ قىلغان ئادەم مۇكەممەل ئىخلاسنى تاپالمايدۇ. بۇ نەتىجە ناھايىتى مۇھىمدۇر ۋە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  دېمەك، ئىسراپچىلىق قانائەتسىزلىكنى نەتىجىلەيدۇ. قانائەتسىزلىك بولسا، تىرىشىش قىزغىنلىقىنى سۇندۇرىدۇ، ھورۇنلۇققا باشلايدۇ؛ ھاياتىدىن ئاغرىنىش ئىشىكىنى ئېچىپ، داۋاملىق شىكايەت قىلغۇزىدۇ.**** ھەم ئىخلاسنى سۇندۇرۇپ، رىيا ئىشىكىنى ئاچىدۇ، ھەم ئىززىتىنى سۇندۇرۇپ تىلەمچىلىك يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادچىللىق بولسا، قانائەتنى نەتىجىلەيدۇ. عَزَّ مَنْ قَنَعَ ذَلَّ مَنْ طَمَعَ ***** ھەدىسىنىڭ سىرى بىلەن، قانائەت ئىززەتنى نەتىجىلەيدۇ. ھەم ئىشلەشكە، ھەم تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. قىزغىنلىقىنى زىيادىلەشتۈرىدۇ، تىرىشقۇزىدۇ. چۈنكى، مەسىلەن: بىر كۈن ئىشلىسە، ئاخشامدا ئالغان ئۇ ئىش ھەققىگە قانائەت قىلىشى نەتىجىسىدە، ئىككىنچى كۈنى يەنە ئىشلەيدۇ. ئىسراپخور بولسا، قانائەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىككىنچى كۈنى ئىشلىمەيدۇ. ئىشلىسىمۇ خوش ياقماي ئىشلەيدۇ. ھەم، ئىقتىسادچىللىقتىن كەلگەن قانائەت، شۈكۈر ئىشىكىنى ئاچىدۇ. شىكايەت ئىشىكىنى تاقايدۇ. ھاياتىدا دائىم شۈكۈر قىلغۇچى بولىدۇ. ھەم قانائەت ۋاستىسى بىلەن ئىنسانلاردىن ئىستىغنا (بىر نەرسە تەلەپ قىلماسلىق) جەھەتى بىلەن ئۇلارنى ئۆزىگە قارىتىشىنى قوغلاشمايدۇ. ئىخلاس ئىشىكى ئېچىلىدۇ، رىيا ئىشىكى تاقىلىدۇ

  ئىقتىسادچىل بولماسلىق ۋە ئىسراپخورلۇقنىڭ دەھشەتلىك زەرەرلىرىنى كەڭرى بىر دائىرىدە كۆردۈم. ئەلقىسسە:

  مەن توققۇز يىل ئىلگىرى مۇبارەك بىر شەھەرگە كەلدىم. قىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇ شەھەرنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسىنى كۆرەلمىدىم. (ﷲ رەھمەت قىلسۇن!) ئۇ يەرنىڭ مەرھۇم مۇپتىسى ماڭا بىر قانچە قېتىم: «ئاھالىمىز نامراتتۇردېدى. بۇ سۆز مېنىڭ ھىسداشلىقىمنى قوزغىدى. بەشئالتە يىلغىچە ئۇ شەھەر ئاھالىسىگە ئىچ ئاغرىتتىم. سەككىز يىلدىن كېيىن ئۇ شەھەرگە يەنە بارغانىدىم. باغلىرىغا قاراپ مەرھۇم مۇپتىنىڭ گېپى ئېسىمگە كەلدى. «سۇبھاناللاھ!»-دېدىم. «بۇ باغلارنىڭ مەھسۇلاتى، شەھەرنىڭ ھاجىتىدىن كۆپ ئاشىدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ناھايىتى باي بولىشى كېرەك ئىدىغۇ؟» دەپ ھەيران قالدىم. مېنى ئالدىمىغان ۋە ھەقىقەتلەرنىڭ چۈشىنىلىشىدە بىر رەھبىرىم بولغان بىر ھەقىقەت خاتىرىسى بىلەن چۈشەندىم. ئىقتىسادچىل بولماسلىقنىڭ ۋە ئىسراپخورلۇقنىڭ سەۋەبىدىن بەرىكەت قالماپتىكەنكى، ئۇ قەدەر ئىقتىسادى مەنبە بىلەن بىللە ئۇ مەرھۇم مۇپتى: «ئاھالىمىز نامراتتۇر» دەۋاتاتتى. بەرھەق، زاكات بېرىش، ۋە ئىقتىسادچىل بولۇش، مالمۈلۈكتە (ئەمەلىي ئىسپاتلار بىلەن) بەرىكەت سەۋەبى بولغىنىدەك؛ ئىسراپ قىلىش بىلەن زاكات بەرمەسلىك، بەرىكەتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىغا سانسىز ۋەقەلەر بار

  ئىسلام ھۆكۈمالىرىنىڭ ئەپلاتونى ۋە ھەكىملەرنىڭ شەيخى ۋە پەيلاسوپلارنىڭ ئۇستازى، مەشھۇر داھىي ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا، پەقەتلا تىبابەت نۇقتىسىدا ﴿كُلُوا وَاشْرَبُوا وَلاَتُسْرِفُوا ئايىتىنى تۆۋەندىكىدەك تەپسىرلىگەندۇر:

جَمَعْتُ الطِّبَّ فِى الْبَيْتَيْنِ جَمْعًا وَ حُسْنُ الْقَوْلِ فِى قَصْرِ الْكَلاَمِ فَقَلِّلْ اِنْ اَكَلْتَ وَ بَعْدَ اَكْلٍ تَجَنَّبْ وَ الشِّفَاءُ فِى اْلاِنْهِضَامِ وَ لَيْسَ عَلَى النُّفُوسِ اَشَدُّ حَالاً مِنْ اِدْخَالِ الطَّعَامِ عَلَى الطَّعَامِ

يەنى: تىبابەت ئىلمىنى ئىككى قۇرغا يېغىنچاقلىدىم. سۆزنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ قىسقىلىقىدىدۇر. يېگەن ۋاقتىڭدا ئاز يە، تاماق يېگەندىن كېيىن تۆت بەش سائەتكىچە يەنە بىر نەرسە يېمە. شىپا، ھەزىم بولۇشتىدۇر. يەنى، ھەزىم قىلالىغۇدەك مىقداردا يە. نەفسكە ۋە ئاشقازانغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ۋە ھاردۇرىدىغان ھالەت، تائام ئۈستىگە تائام يېيىشتۇر.*****

ھەيران قېلىشقا ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر تەۋافۇق (دەل كىلىش):

  ئىقتىساد رىسالىسىنى ئۈچەيلەن يېڭى يېزىشنى باشلىغان، بەشئالتە كوپىيەچى، ئايرىمئايرىم يەردە، ئايرىمئايرىم نۇسخىدىن يېزىپ، بىربىرىدىن يىراق، خەتلىرى بىربىرىدىن پەرقلىق ھالدا، «ئەلىف»لەرنى(ا) ھېچ ئويلىماي يازغان تۇرۇقلۇق ھەربىر نۇسخىنىڭ ئەلىفلىرى، دۇئاسىز ئەللىك بىر، دۇئا بىلەن بىللە ئەللىك ئۈچتە تەۋافۇق بولۇش بىلەن بىللە؛ ئىقتىساد رىسالىسىنىڭ يېزىلىش ۋە كۆپەيتىلىش تارىخى بولغان رۇمىچە ئەللىك بىر ۋە ھىجرىي يىلىچە ئەللىك ئۈچ تارىخىگە توغرا كېلىشى، شۈبھىسىز تاسادىپى ئەمەس. ئىقتىسادچىللىقتىكى بەرىكەتنىڭ كارامەت دەرىجىسىگە چىققانلىقىغا بىر ئىشارەتتۇر. ھەمدە بۇ يىلنى «ئىقتىسادچىللىق يىلى» دەپ ئاتاش لايىقتۇر.

  دەرۋەقە، زامان (ۋاقىت) ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ ئىقتىسادچىللىقنىڭ كارامىتىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھەر تەرەپتە كۆرۈلگەن ئاچارچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ۋە ئىسراپخورلۇق بىلەن، ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ ۋە ھەركىمنىڭ ئىقتىسادچىل بولۇشقا مەجبۇر بولىشى بىلەن ئىسپاتلىدى…

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ

——————-

* ئىقتىسادچىل بولماسلىق سەۋەبىدىن ئىستېمال قىلغۇچىلار كۆپىيىدۇ، ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئازىيىدۇ. ھەممە ئادەم ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىكىگە تەلمۈرىدۇ. ئۇ ۋاقىت، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئاساسى بولغان «سەنئەت(تېخنىكا)، تىجارەت، زىرائەت» مەشغۇلىيەتلىرى ئازىيىدۇ. ئۇ مىللەتمۇ ئارقىدا قېلىپ، چۆكىدۇ، كەمبەغەللىشىدۇ

** ئىراننىڭ ئادىل پادىشاھلىرىدىن نۇشىرۋانى ئادىلنىڭ ۋەزىرى، ھەمدە ئەقىلچە مەشھۇر ئالىم بولغان بۇزۇر جۇمھۇردىن (بۇزرۇگ مىھىر) سوراپتۇ: «نېمە ئۈچۈن ئۆلىمالار، ئەمەلدارلارنىڭ ئىشىكىدە كۆرۈنىدۇيۇ، ئەمەلدارلار ئۆلىمالارنىڭ ئىشىكىدە كۆرۈنمەيدۇ؟ ھالبۇكى، ئىلىم مەنسەپتىن ئۈستۈن تۇرىدىغۇ!؟» ئۇ جاۋابەن دەپتۇكى: «ئۆلىمانىڭ ئىلمىدىن، ئەمەلدارنىڭ جاھالىتىدىندۇر» يەنى، ئەمەلدارلار جاھالىتىدىن ئىلىمنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەچكە، ئۆلىمالارنىڭ ئىشىكىگە بېرىپ ئىلىم ئىزدىمەيدۇ. ئۆلىمالار بولسا، مەرىپەتلىرىدىن ماللىرىنىڭ قىممىتىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەلدارنىڭ ئىشىكىدە ئىزدەيدۇ. دېمەك، بۇزۇر جۇمھۇر، ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدىكى پېقىرلىق ۋە خورلۇقلىرىغا سەۋەب بولىدىغان زېرەكلىكلىرىنىڭ نەتىجىسى بولغان ھېرىسلىرىنى نازۇك بىر سۈرەتتە تەمسىل قىلىپ، ئۇستىلىق بىلەن جاۋاپ بەرگەندۇر.

ــ خۇسرەۋ

*** بۇنى قۇۋۋەتلەيدىغان بىر ھادىسە: فرانسىيەدە ئەدىبلەرگە ياخشى تىلەمچىلىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن تىلەمچىلىك كېنىشكىسى بېرىلىدۇ.

ــ سۇلايمان رۈشتۈ

**** دۇرۇس، قايسىبىر ئىسراپخور بىلەن كۆرۈشسەڭ داتلىنىشلىرىنى ئاڭلايسەن. نەقەدەر باي بولغان تەقدىردىمۇ، تىلى يەنىلا شىكايەت قىلىدۇ. ئەڭ پېقىر، ئەمما قانائەتچان بىر ئادەم بىلەن كۆرۈشسەڭ، شۈكۈر ئاڭلايسەن

***** قانائەت قىلغان ئىززەت تاپىدۇ، تاماكار بولغان پەسلىككە قالىدۇ.-ت

****** يەنى، تۆت–بەش سائەت ئارىلىق قالدۇرماستىن بىر نەرسە يېيىش ياكى لەززەتلىنىش ئۈچۈن خىلمۇ–خىل يېمەكلىكلەرنى ئۇستى–ئۇستىگە يەپ، ئاشقازانغا تولدۇرۇۋېرىش بەدەن ئۈچۈن ئەڭ زىيانلىقتۇر.

692قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir