!ھېرىس ۋە ئاچكۆزلۈكنىڭ ئاقىۋىتى- خىرىس قىلما

ئىككىنچى قىسىم

بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

﴿اِنَّ اللّهَ هُوَ الرَّزَّاقُ ذُو الْقُوَّةِ الْمَتِينُ﴿وَكَاَيِّنْ مِنْ دَابَّةٍ لاَ تَحْمِلُ رِزْقَهَا اَللّهُ يَرْزُقُهَا وَاِيَّاكُمْ وَ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ﴾

  ئەي ئەھلى ئىمان! يۇقىرىدا ئاداۋەتنىڭ نەقەدەر زىيانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندىڭ. يەنە چۈشەنگىنكى، ئاداۋەتتەكلا ئىسلامىيەت ھاياتى ئۈچۈن ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر زىيانداش كېسەللىكمۇ نەفسانىي ھېرىستۇر (ئاچكۆزلۈكتۇر). بۇ خىل ھېرىس (مەقسەتكە) ئېرىشەلمەسلىككە سەۋەبتۇر. ھەمدە يامان بىر ئىللەت ۋە پەسلىكتۇر. مەھرۇمىيەت ۋە پېقىرلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداق، ھەر مىللەتتىن بەكرەك نەفسانىي ھېرىس بىلەن دۇنياغا بېرىلگەن يەھۇدى مىللىتىنىڭ پەسلىك ۋە پېقىرلىقى بۇ ھۆكۈمگە قەتئى شاھىتتۇر. شۇنداق، ھېرىس جانلىقلار ئالىمىدە ئەڭ كەڭ دائىرىدىن باشلاپ، تا ئەڭ كىچىك شەخسكە قەدەر يامان تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  (ﷲقا) تەۋەككۈل قىلغان ئاساستا رىزىق تەلەپ قىلىش بولسا، ئەكسىچە راھەتچىلىككە سەۋەب بولۇش بىلەن بىرگە ھەر يەردە ياخشى تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. رىزىققا مۇھتاج بىر خىل جانلىق ھېسابلىنىدىغان مېۋىلىك دەرەخلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر تەۋەككۈل بىلەن قانائەت قىلىپ، يەرلىرىدە تۇرۇپ، ھېرىس كۆرسەتمىگەنلىكى ئۈچۈن رىزىقلىرى ئۇلارغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ. ھايۋانلارغا سىلىشتۇرغاندا كۆپرەك ئەۋلاد يېتىشتۈرىدۇ. ھايۋانلار بولسا، ھېرىس بىلەن رىزىق ئارقىسىدىن يۈگۈرگەنلىكى ئۈچۈن كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلار ۋە نۇقسانلىقلار بىلەن تەسرەك رىزىققا ئېرىشىدۇ. ھەمدە ھايۋانات دائىرىسى ئىچىدە زەئىپلىك ۋە ئاجىزلىق تىلى ئارقىلىق تەۋەككۈل قىلغان ھايۋان بالىلىرىنىڭ ساپ، مۇكەممەل ۋە نازۇك رىزىقلىرىنىڭ رەھمەت خەزىنىسىدىن بېرىلىشى، ھېرىس بىلەن رىزىقلىرىغا ئۇرۇنغان يىرتقۇچلارنىڭ ھالال بولمىغان ۋە كۆپلىگەن مۇشەققەتلەر بىلەن ئىگە بولغان يىرگىنچلىك رىزىقلىرى كۆرسىتىدۇكى، بۇ خىل نەفسانىي ھېرىس مەھرۇم قىلىش سەۋەبىدۇر. تەۋەككۈل ۋە قانائەت بولسا، مەرھەمەتكە ئېرىشىش ۋاستىسىدۇر.

  ئىنسانىيەت دائىرىسى ئىچىدە ھەر مىللەتتىن بەكرەك ھېرىس بىلەن دۇنياغا يېپىشقان ۋە ئاشىقلىق بىلەن دۇنيا ھاياتىغا باغلانغان يەھۇدى مىللىتىنىڭ كۆپلىگەن مۇشەققەت بىلەن ئىگە بولغان، ئۆزىگە پايدىسى ئاز بولغان، پەقەتلا خەزىنىدارلىق قىلىدىغان جازانىخورلۇق بىلەن ئېرىشكەن ھارام بايلىقى سەۋەبىدىن، بارلىق مىللەتلەردىن يېگەن زىللەت (پەسلىك) ۋە مەھرۇمىيەت كاچىتى، دۇچار بولغان ئۆلتۈرۈلۈشلەر ۋە ئاھانەتلەر كۆرسىتىدۇكى، نەفسانى ھېرىس، زىللەت ۋە زىيان تارتىشقا سەۋەبتۇر.

  ئىنساننىڭ بۇ خىل ھېرىس نەتىجىسىدە زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىغا دائىر ئۇ قەدەر كۆپ ۋەقەلەر باركى، اَلْحَرِيصُ خَائِبٌ خَاسِر** ماقال سۈپىتىدە ھەممە نەزىرىدە ئومۇمى ھەقىقەت تۈرىدە قوبۇل قىلىنغاندۇر. ئۇنداقتا، ئەگەر بايلىقنى بەك سۆيسەڭ ھېرىس بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆپرەك كەلسۇن دېسەڭ قانائەت بىلەن تەلەپ قىل.

  قانائەت قىلغان بىلەن ھېرىس قىلغاننىڭ مىساللىرى تۆۋەندىكى ئىككى شەخسكە ئوخشايدۇ:

  ئۇلار بۈيۈك بىر زاتنىڭ سارىيىغا كىرىشىدۇ. بىرى قەلبىدىن دەيدۇ: «مېنى پەقەت قوبۇل قىلسىلا بولدى. سىرتتىكى سوغۇقتىن قۇتۇلسام كۇپايە. ئەڭ تۆۋەن تەرەپتىكى ئورۇننى بەرسىمۇ مەن ئۈچۈن ئىلتىپاتىدۇرئىككىنچى كىشى بولسا، خۇددى بىر ھەققى باردەك، ھەمدە ھەر كىم ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇردەك، كۆڭلىدىن ھاكاۋۇرلارچە دەيدۇكى: «ماڭا ئەڭ يۇقىرى تۆرنى بېرىشى كېرەك» ۋە ئۇ

  ھېرىس بىلەن كىرىدۇ ـ دە، كۆزىنى يۇقىرى ئورۇنلارغا تىكىپ، ئۇ تەرەپلەرگە مېڭىشقا ئىنتىلىدۇ. لېكىن ساراي خوجايىنى ئۇنى ئارقىسىغا ياندۇرۇپ، تۆۋەن تەرەپتە ئولتۇرغۇزىدۇ. شۇنىڭغا بولسىمۇ تەشەككۈر قىلىش كېرەك تۇرسا، تەشەككۈرنىڭ ئورنىغا قەلبىدىن ئاچچىقلىنىدۇ. تەشەككۈر ئەمەس، ئەكسىچە ساراي خوجايىنىنى ئىچىدىن تەنقىت قىلىدۇ. خوجايىنمۇ ئۇنى پەس كۆرىدۇ. بىرىنچى كىشى بولسا كىچىك پېئىللىق بىلەن كىرىپ، ئەڭ تۆۋەن تەرەپتىكى ئورۇندا ئولتۇرۇشقا تەمشىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇ قانائەتچانلىقى، ساراي خوجايىنىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدۇ ـ دە تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنلارغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇمۇ يۇقىرى چىققانسېرى تەشەككۈرلىرىنى زىيادىلەشتۈرىدۇ، رازىمەنلىكى ئارتىدۇ.

  دۇنيامۇ چەكسىز شەپقەتلىك بولغان ﷲنىڭ بىر خىل سارىيىدۇر. زېمىن يۈزى بىر رەھمەت داستىخىنى، رىزىق دەرىجىلىرى ۋە نىئمەت مەرتىبىلىرى بولسا، مىسالدىكى ئورۇن دەرىجىلىرىدۇر.

  شۇنداقلا ئەڭ كىچىك ئىشلاردىمۇ ھەر كىم بۇ ھېرىسنىڭ يامان تەسىرىنى ھېس قىلالايدۇ. مەسىلەن، ئىككى تىلەمچى بىر نەرسە تىلىگەندە، ھېرىس بىلەن يېپىشىۋالغان تىلەمچىدىن قېچىپ بەرمەسلىكنى، ياۋاش تىلەمچىگە مەرھەمەت قىلىپ بېرىشنى ھەر كىم قەلبىدىن توغرا تاپىدۇ. يەنە مەسىلەن، كېچىدە ئۇيقۇڭ قاچقانسەن يېتىشنى خالىغىنىڭدا، ئۇ ھەقتە ئويلانمىساڭ، ئۇيقۇڭ كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ھېرىس بىلەن ئۇيقۇ خالاپ، «ئۇخلىسام بولاتتى، ئۇخلىسام بولاتتى» دېگەنسىرى تامامەن ئۇيقۇڭنى قاچۇرىسەن. يەنە بىر مىسال: مۇھىم بىر نەتىجە ئۈچۈن بىرسىنى ھېرىس بىلەن كۈتكىنىڭدە «ئەجەپ كەلمىدى، كەلسە بولاتتى» دەپ تىت ـ تىت بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھېرىس سېنىڭ سەبرتاقىتىڭنى تۈگىتىدۇـ دە، تاشلاپ كېتىپ قالىسەن. بىر مىنۇتتىن كېيىن ئۇ كىشى كېلىدۇ. بىراق كۈتۈلگەن ئۇ مۇھىم نەتىجەڭ بۇزىلىدۇ.

  بۇ ھادىسىلەرنىڭ سىرى شۇدۇركى، بىر ناننىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى، ئېتىز، خارمان، تۈگمەن، تونۇرنى تەرتىپ بىلەن كېرەك قىلغىنىدەك، باشقا نەرسىلەرنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدىمۇ، تەدرىجى بولىدىغان ھىكمەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش باردۇر. ھېرىس سەۋەبى بىلەن ئالدىرىماستىن ھىكمەتلىك ھالدا ھەرىكەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تەرتىپلىك نەرسىلەردىكى مەنىۋى پەشتاقلارغا رىئايە قىلماي، يا سەكرەپ يىقىلىدۇ، ياكى بىر پەشتاقنى كەم دەسسەپ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.

  ئەي تىرىكچىلىك دەردى بىلەن ئۆزىنى يوقاتقان ۋە مال ـ دۇنياغا ھېرىس قىلىش بىلەن مەست بولغان قېرىنداشلار! نەفسانىي ھېرىس شۇنچە زىيانلىق ۋە بالالىق تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ھېرىس يولىدا ھەر تۈرلۈك زىللەتكە چۈشۈپ، ھالال ـ ھارام دېمەستىن ھەر قانداق مالنى قوبۇل قىلىپ ئاخىرەتلىك ھاياتقا لازىم بولغان كۆپلىگەن نەرسىلەرنى پىدا قىلىسىلەر؟ ھالبۇكى زاكات ھەر كىم ئۈچۈن بەرىكەت تېپىشقا ۋە بالالاردىن قۇتۇلۇشقا سەۋەبتۇر. زاكاتنى بەرمىگەننىڭ قولىدىن زاكاتچىلىك بىر مال چوقۇم چىقىدۇ، يا كېرەكسىز يەرلەرگە بېرىدۇ، يا بىر بالا ـ قازا كېلىپ ئالىدۇ.

  ھەقىقەتلىك بىر خىيالى چۈشتە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرىشىنىڭ بەشىنچى يىلىدا بىر ئاجايىپ چۈشتە مەندىن سورالدى:

  «مۇسۇلمانلارغا كەلگەن بۇ ئاچارچىلىق، بۇ ئىقتىسادى چىقىملار ۋە جىسمانى قېتىنچىلىقلار نېمە سەۋەبتىن؟»

  چۈشۈمدە جاۋابەن دېگەنىدىم:

  «ﷲ بىر قىسىم مالدىن ئوندا بىرىنى*** ۋە بىر قىسىم مالدىن قىرىقتا بىرىنى****، بىزنى پېقىرلارنىڭ دۇئالىرىغا ئىگە قىلىش ۋە بىزگە ئۇلارنىڭ ئاداۋەت، ھەسەتلىرى بولماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزى بەرگەن ماللاردىن بىر ئۈلۈش مېلىنى خالىدى. بىز ھېرىس بىلەن، تاماخورلۇق قىلىپ بەرمىدۇق. ﷲ يېغىلىپ قالغان زاكاتلارنى قىرىقتا ئوتتۇز، ئوندا سەككىز قىلىپ ئالدى. ھەمدە ھەر يىلنىڭ بىر ئايىدا يەتمىش تۈرلۈك ھىكمىتى بولغان بىر ئاچلىقنى بىزدىن خالىدى. بىز نەفسىمىزگە ئىچ ئاغرىتىپ، ۋاقىتلىق ۋە لەززەتلىك بىر ئاچلىقنى خالىمىدۇق. ﷲ جازالاپ يەتمىش جەھەتتە بالاسى بولغان بىر خىل روزىنى بەش يىل بىزگە مەجبۇر تۇتقۇزدىشۇنداقلا يىگىرمە تۆت سائەتنىڭ پەقەت بىر سائىتىنى لەززەتلىك، ئالى، نۇرانىي ۋە پايدىلىق بولغان بىر خىل خىزمەتكە سەرپ قىلىشىمىزنى خالىدى. بىز ھورۇنلۇق قىلىپ، ئۇ ناماز ۋە دۇئانى ئورۇنلىمىدۇق. ئۇ بىر سائەتنى باشقا سائەتلەرگە قوشۇپ زايا قىلدۇق. ﷲ ئۇنىڭ كەففارىتى قىلىپ بەش يىل ھەربى خىزمەتتە چېنىقتۇرۇپ، مەشق قىلدۇرۇپ ۋە يۈگۈرتۈپ بىزگە بىر تۈرلۈك ناماز ئوقۇتتۇردى» دېگەنىدىم.

  كېيىن ئويغۇنۇپ ئويلاندىم ۋە چۈشەندىمكى: ئۇ خىيالى چۈشتە ناھايىتى مۇھىم بىر ھەقىقەت بار. يىگىرمە بەشىنچى سۆزدە مەدەنىيەت بىلەن قۇرئاننىڭ ھۆكىمىنى سېلىشتۇرۇپ ئىسپات ۋە بايان قىلغىنىمىزدەك، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىدىكى بارلىق ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ ۋە بارلىق ئىسيانلارنىڭ مەنبەسى ئىككى سۆزدۇر:

  بىرىسى: « مەن توق بولسام، باشقىسى ئاچلىقتىن ئۆلسە، مېنىڭ نېمە كارىم؟»

  ئىككىنچىسى: «سەن ئىشلە، مەن يەي

  بۇ ئىككى سۆزنىڭ دائىمى ئېقىپ يۈرىشىگە سەۋەب بولغانمۇ جازانە ئېلىش ۋە زاكاتنى تەرك قىلىشتۇر. بۇ ئىككى قورقۇنچلۇق ئىجتىمائى كېسەلنى ساقايتىدىغان بىردىنبىر چارە، ئومۇمى دەستۇر سۈپىتىدە «زاكاتنى بۇرج قىلىش ۋە جازانىنى مەنئى قىلىش»نىڭ ئىجرا قىلىنىشىدۇر.

  پەقەتلا شەخسلەردە ۋە خۇسۇسى جامائەتلەردە ئەمەس، بەلكى ئومۇمى ئىنسانىيەتنىڭ سائادىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بىر ئاساس، ھەتتا ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ داۋامى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم تۈۋرۈك زاكاتتۇر. چۈنكى ئىنسانىيەتتە باي (خەۋاس) ۋە كەمبەغەللەر (ئاۋام)دىن ئىبارەت ئىككى تەبىقە بار. بايلاردىن كەمبەغەللەرگە مەرھەمەت ۋە ئېھسان، كەمبەغەللەردىن بايلارغا قارىتا ھۆرمەت ۋە ئىتائەتنى تەمىنلىگەن نەرسە زاكاتتۇر. بولمىسا يۇقىرىدىن كەمبەغەللەرنىڭ بېشىغا زۇلۇم ۋە ھۆكۈمرانلىق چۈشىدۇ. كەمبەغەللەردىن بايلارغا قارشى ئاداۋەت ۋە ئىسيان چىقىدۇ. بۇ ئىككى تەبىقە داۋاملىق بىر مەنىۋى كۆرەشتە ۋە بىر ئىختىلاپ قالايمىقانچىلىقلىرىدا بولۇپ كېتىۋېرىدۇ. ئاقىۋەت روسىيەدە بولغىنىدەك، ئەمگەك ۋە سەرمايە كۈرىشى شەكلىدە سوقۇشۇشقا باشلايدۇ.

  ئەي مەرتلىك ۋە ساخاۋەت ئەھلى! ۋە ئەي ۋىجدان ۋە ئېھسان ئەھلى! ئېھسانلار (ياخشىلىقلار) زاكات نامىغا بولمىسا ئۈچ زىيىنى بار ۋە بەزىدە پايدىسىز كېتىدۇ. چۈنكى ﷲ نامىغا بەرمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، مەنىۋى جەھەتتە مىننەت قىلىسەن. بىچارە كەمبەغەلنى مىننەت ئاسارىتى ئاستىغا ئېلىپ قويىسەن ۋە مەقبۇل بولغان دۇئاسىدىن مەھرۇم قالىسەن. ھەمدە ھەقىقەتتە ﷲنىڭ مېلىنى ئۇنىڭ قۇللىرىغا بېرىش ئۈچۈن بىر تارقىتىش خىزمەتكارى بولساڭمۇ، ئۆزۈڭنى مال ئىگىسى دەپ ئويلاپ نىئمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلغان بولىسەن. ئەگەر زاكات نامىغا بەرسەڭ، ﷲ نامىغا بەرگەنلىكىڭ ئۈچۈن بىر ساۋاپ تاپىسەن، ھەمدە نىئمەتلەرگە شۈكۈر قىلغان بولىسەن. ئۇ مۇھتاج كىشىمۇ ساڭا خوشامەتچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نەفسىنىڭ ئىززىتى سۇنماي دۇئاسى سەن ئۈچۈن مەقبۇل بولىدۇ. شۇنداق، زاكاتچىلىك، بەلكى تېخىمۇ كۆپرەك بولغان نەفىلە ۋە ئېھساننى، ياكى باشقا سەدىقىلەرنى بېرىپ رىيا ۋە شۆھرەتتەك، مىننەت ۋە ھاقارەتچىلىكتەك زىيانلارنى تېپىۋېلىش نەدە؟ زاكات نامىغا ئۇ ياخشىلىقلارنى قىلىپ، ھەم پەرزنى ئادا قىلىش، ھەم ساۋابنى، ھەم ئىخلاسنى، ھەم مەقبۇل بىر دۇئانى قازىنىش نەدە؟

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

اَللّهُمَّ صَلِّ وَ سَلِّمْ عَلَى سَيِّدِنَا مُحَمَّدٍ الَّذِى قَالَ اَلْمُؤْمِنُ لِلْمُؤْمِنِ كَالْبُنْيَانِ الْمَرْصُوصِ يَشُدُّ بَعْضُهُ بَعْضًا وَ قَالَ اَلْقَنَاعَةُ كَنْزٌ لاَ يَفْنَى وَعَلَى آلِهِ وَصَحْبِهِ اَجْمَعِينَ آمِينَ وَالْحَمْدُ لِلّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ

—————————————————-

*ﷲ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ﷲنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر. (سۈرە زارىيات: 58)

**نۇرغۇن جانلىقلار ئۆز رىزىقلىرىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، ئۇلارنى ۋە سىلەرنى ﷲ رىزىقلاندۇرىدۇ، ﷲ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. (سۈرە ئەنكەبۇت: 60)

***ھېرىس، ھەسرەت ۋە مۇۋەپپىقىيەتسىزلىكنىڭ سەۋەبىدۇر.

****ھەر يىللىق يېڭى بۇغداي ھوسۇلىدىن ئوندا بىر.

***** ھەر يىللىق تىجارەت پايدىسىدىن ۋە ياكى قويدىن ھەر يىلى قىرىقتا بىر.

1072قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir