ھېچكىم ئەمىلى بىلەن جەننەتكە كىرەلمەيدۇ

ھېچكىم ئەمىلى بىلەن جەننەتكە كىرەلمەيدۇ

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «توغرىنى كۆزلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار. خۇش بىشارەت ئېلىڭلار، چۈنكى ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمىلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ
كىرەلمەيدۇ
» دېگەندە، ساھابىلار: ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداقمۇ ئى رەسۇلۇللاھ! دېيىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، مېنىمۇ
شۇنداق، پەقەتلا ئاللاھ مېنى ئۆز مەغپىرىتى بىلەن پەزلى – مەرھەمىتىگە ئورىسىلا ئاندىن كىرەلەيمەن» دېگەن

([1])

بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر ۋاريانتىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «توغرىنى كۆزلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار، بىلىڭلاركى ھېچقايسىڭلارنى قىلغان ئەمىلى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ. ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى، ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقىنىدۇر».

([2])

يەنە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ھېچكىمنى ھەرگىزمۇ ئەمىلى قۇتۇلدۇرمايدۇ». ساھابىلار: ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداقمۇ ئى رەسۇلۇللاھ! دېيىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «مېنىمۇ شۇنداق، لېكىن ئاللاھ مېنى ئۆز پەزلى – مەرھەمىتىگە ئورىسىلا كىرەلەيمەن، شۇڭا توغرىنى كۆزلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار. ئەتىگەن – ئاخشام ۋە كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدىن ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا پايدىلىنىڭلار، ئوتتۇرھال بولۇڭلار، ئوتتۇرھال بولۇڭلار، مەنزىلگە يېتىسىلەر» دېگەن.

(3)


([1]سەھىھەين: «بۇخارى» 6467 – ھەدىس. «مۇسلىم» 2818 – ھەدىس).
([2])سەھىھەين: «بۇخارى» 6464 – ھەدىس. «مۇسلىم» 783 – ھەدىس.
سەھىھەين: «بۇخارى» 6463 – ھەدىس. «مۇسلىم» 2816 – ھەدىس. ([3])


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.