ھەدىس ئىلمى ھەققىدە قىسقىچە بەزى بايانلار

 

 جانابى ﷲقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار ئېيتىپ، ئۇنىڭ سۆيۈملۈك رەسۇلىغا چەكسىز سالاتۇ-سالام يوللايمىز.

ئالدى بىلەن جانابى ئەرھەمەرراھىمىندىن تىلەيمىزكى، بىزلەرنى دىن فىتنىسىدىن ساقلىسۇن، مەۋجۇت فىتنىلەرنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا دەپئى قىلىۋەتسۇن، بىزلەرنى رەھمىتىگە لايىق قۇللىرىدىن قىلسۇن! ئامىن.

گەرچە ھەدىس ئىلىمى ھەققىدە سۆزلەشكە ھېچ سالاھىيىتىمىز بولمىسىمۇ، جەمئىيىتىمىزدە كۆرىنىۋاتقان، ئاخىرزاماننىڭ يەر شارىدىكى ئومۇمىي فىتنىلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان، بىلىپ-بىلمەي خاتالىق ۋادىلىرىدا چىپىپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققە يۈزلىنىشىگە بىر ئاز بولسىمۇ پايدىمىز تىگەر، ھەدىس مەسىلىسىدە ھەددىدىن ئاشقانلار ھېچ بولمىسا ھەددىنى بىلەر دېگەن غايە بىلەن، ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسى بويىچە يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئوقۇپ پايدىلانغانلىرىمىزنى ئىنساپلىق كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىگە سۇنۇش نىيىتىگە كەلدۇق.

شۇنداق، بۇ زامانلاردا ھەدىس ئىلمى بويىچە ئۇ قەدەر بىپەرۋالىقلار شەكىللىنىۋاتىدۇكى، ھەدىس ئىلمى بويىچە ئۈممەت مۇتەخەسسىس، داھى ۋە ئەڭ سالاھىيەتلىك دەپ قاراپ كەلگەن ئىمام زاتلارنىمۇ ياراتماسلىققا ۋە ھەتتا تەنقىت قىلىشقا جاسارەت كۆرسىتىلگىدەك دەرىجىدە ھەددىدىن ئېشىشلار مەۋجۇت؛ ئۇ بىپەرۋالىقلار چوڭىيىپ شۇنداق نەتىجىلەرمۇ چىقتىكى، ئەرەبىستان تەرەپتىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىققان قاتتىق ۋە مۇتەئەسسىپ پىكىرلىك بىر تۈركۈم بەزى ھەدىس ئالىملىرىنىڭ تەسىرىدە، ھەر نەرسىگە ۋە ھەر مۇقەددەس نەرسىگىمۇ تىل ئۇزىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ شەكىللەندى.

ئەمەلىيەتتە ھەدىسكە ھۆكۈم بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن ھۆكۈم چىقىرىش مەسىلىسىدە، مۇھەددىسلەر ئارىسىدا جەريان قىلغان جەرھ(تەنقىد) ۋە تەدىل(جەزىملەش) ئۇسۇلى بەكمۇ كەسكىن بىر قورال ۋە بەكمۇ سەزگۈر بىر ئۆلچەم قاتارىدا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇللارنىڭ سۈزگىچىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ھېچبىر نەرسە، ھېچبىر ھەدىس ۋە سەنەدلەر(رىۋايەت مەنبەلىرى) قالمىغان دېسىمۇ بولىدۇ. بولۇپمۇ ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىدە رىۋايەت قىلغانلارنىڭ ھال ۋە ۋەزىيەتلىرىگە ئائىت بولغان جەھەتلەردە خۇددى قىلنى قىرىققا بۆلگەندەك ئىنچىكە تەھلىللەر، تەتقىقاتلار بولغاندۇر. قۇرئاندىن كېيىن ئەڭ سەھىھ كىتاب دەپ قوبۇل قىلىنغان بۇخارى ۋە مۇسلىم ھەدىسلىرى ھەققىدىمۇ بۇ خىل تەتقىقات بولغاندۇر. ئىمام بۇخارىنىڭ ھەدىس ئالغان 80دىن ئارتۇق ئۇستازى ۋە مۇسلىمنىڭ 160دىن ئارتۇق شەيخى ھەققىدىمۇ تەھلىللەر بولغاندۇر.

كۆرۈشكە بولىدۇكى، ھەدىس شەرىفلەرنىڭ مەرتىۋىلىرىنىڭ ئېنىقلىنىشى ۋە تەھلىل، جەرھ ۋە تەدىل ئىشلىرى ھىجرى تۆتىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر داۋاملاشقان ۋە ئۇ زاماندىلا تاماملانغاندۇر. ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەھلىللەر پەقەتلا بۇرۇنقى تەتقىقاتلارنىڭ ئۈستىگە بىنا قىلىنغاندۇر.

«ھەققە ئاشىقلىق» ۋە «دىن مۇھەببىتى» نامىدىن قىلىنغان بۇ ۋەزىپىنى ئەھلى سۈننەت مۇھەددىسلىرىنىڭ ھەممىسى غەرەزسىز ۋە مۇتەئەسسىپلىكنى تاشلاش شەكلىدە ئورۇنلىغاندۇر.

بىراق مەسىلىنىڭ تامامەن ھەل قىلىنىشى ئانچە ئاسان ئىش بولمىغاچقا، ھەدىس ئىماملىرى ئارىسىدا ھەدىسلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئېنىقلاش مەسىلىسىدە كۆپلىگەن ئىختىلاپلار (خىلمۇ-خىللىقلار) ئوتتۇرىغا چىققاندۇر. ئۈچ-تۆتى بىر ھەدىس ئۈچۈن «زەئىپ» دېگەن بولسا، ئالتە-يەتتىسى ئۇ ھەدىسكە «سەھىھ» ۋەياكى «ھەسەن» مەرتىۋىسىنى بەرگەن ئەھۋاللارمۇ بولغان.(!)

ئەپسۇسكى بۇ جەھەتتە بەزى بىر تەرەپلىمە قاراشتىكى، پىكرى مۇتەئەسسىپ، ھەمدە سالاھىيىتى كەمچىل بولغانلارمۇ ئوتتۇرىغا چىققاندۇر. ھالبۇكى بىلىنگىنىدەك مەسلەك مۇتەئەسسىپلىكى نەتىجىسىدە، باشقىسىنى ئاڭلىماسلىق، ئەھمىيەت بەرمەسلىك ھالىتى شەكىللىنىدۇ. بۇمۇ ئىلىمدە بىر مۇستەبىتلىك ۋە بىر دىكتاتۇرلۇق ۋەزىيتىنى نەتىجىلەندۈرىدۇ. ھەتتا مەسلەك مۇتەئەسسىپلىكى تەسىرىدە بەزىلەر مۇھىم، ھەتتا بەزى شەيخۇل ئىسلام دەپ قارالغانلارمۇ ئىستىقامەتلىك چۈشەنچىدىن خېلىلا يىراقلاشقاندۇر. نەتىجىدە باشقىلىرى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ پەرۋاسىزلاشقاندۇر. بىر مىسالى:

ئىبنى قەييىمى جەۋزىنىڭ «ئەلبايان فى ئەقسامىل قۇرئان» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە «فاتىھە» سۈرىسىنىڭ تەفسىرىدە «غەزەپ قىلىنغانلار ۋە ئازغۇنلار»نىڭ مەنىسىدە، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەڭ سالىھ، ئەڭ مۇبارەك، ئەڭ تەقۋادار، ئەڭ ئۆتكۈر قەلبلىك، ئەڭ ئۈستۈن تائىپىسى بولغان ئەۋلىيالارنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغاندۇر.

……………..

ھەدىس ئالىملىرى ئەگەر بىر ھەدىس كەسكىن شەكىلدە ۋە ئورتاق قاراشقا ئىگە بولغان بىر «ئويدۇرما(يالغان) ھەدىس» دەرىجىسىدە بولمىغان بولسا، «زەئىپلىك» دەرىجىسى قايسى مەرتىۋىدە بولمىسۇن يەنىلا ئۇنى ھەدىس دەپ كۆرگەن ۋە ئېلىپ مۇھاپىزەت قىلغاندۇر.

تولىمۇ ئەپسۇس، كۆرىۋاتىمىزكى، بەزى نادان ۋە بىچارىلەر خۇددى ھەدىسنىڭ جەرھ ۋە تەدىل، تەھقىق ۋە تەنزىم ئىشلىرى تۈگىمىگەندەك، ھازىرمۇ بۇ مەسىلىنى مۇنازىرە ساھەسىگە تارتىش، ئورنىغا چۈشۈپ بولغان، ھىكمەت نۇرى چاچقان ھەدىس شەرىپلەرنى خۇددى شۈبھىگە ۋە بۇلغاشقا يۈز تۇتتۇرۇشتەك ئەھۋاللاردا بولىشىۋاتىدۇ. كۆرىنىشتە ھەدىس تەتقىقاتى ۋە ھەدىس خىزمىتى قاتارىدا كۆرۈنگەن بىلەن «ھەرە سۇ ئىچىدۇ، ھەسەل ئېقىتىدۇ، يىلان سۇ ئېچىدۇ، زەھەر تۆكىدۇ.» مەنىسىگە ئۇيغۇنلۇق كۆرسىتىپ، ئىسلام ئالىمىنى پەرىشان قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.

«ھەدىس ھەققىدە چۈشەنچىسى بولمىغان خەلقلەرگە ھەدىس نەقىل قىلىپ، شۇ «زەئىپ ھەدىستۇر» دەپ، «زەئىپ ھەدىس»نىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمىگەن ئاۋام مۆئمىنلەرنى شۈبھىگە چۈشۈرىۋاتىدۇ.

شۇنداق، ئاتمىش-يەتمىشقا يەتكەن مەنبە تۈرىدىكى ھەدىس كىتابلىرىدىكى بارلىق ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرى ۋە رىۋايەت يوللىرى بويىچە ئۈچ خىل مەرتىۋىسى باردۇر. بۇلار سەھىھ ھەدىسلەر، ھەسەن ھەدىسلەر ۋە زەئىپ ھەدىسلەردۇر. ھەممىسى ھەدىس شەرىپلەردۇر. ھەممىسىگە قارىتا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام ۋاجىپ ۋە لازىمدۇر.

…………….

ھەدىسنىڭ جەرھ تەدىل ئىشلىرى تۈگەپ، مەرتىۋىلىرى ئېنىقلانغان بولغاچقا، شەيخ ئابدۇلقادىر گەيلانى، مەۋلانە جالالىددىن رۇمى، ئىمام غەززالى، ئىمام رەببانىيدەك(رەدىيەللاھۇ ئەنھۇم) كۆپلىگەن ئۆلىما، ئۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى نېمىلىكىگە قارىماستىن، سەنەدسىز شەكىلدە كىتابلىرىغا قويۇشقاندۇر.

قۇرئاننىڭ ئوخشىتىش ۋە سىمۋۇل خاراكتىرلىك مۇتەشابىھ ئايەتلىرى بولغىنىدەك، ھەدىسلەردىمۇ مۇتەشابىھ ھەدىسلەر بار. بۇنى ئەھلى سۈننەتنىڭ تەھقىق ئالىملىرى ئىزاھ قىلىدۇ. ھەركىم چۈشىنەلمەيدۇ. بىراق ئالىم ۋە ھەدىسشۇناس ئىسمى ئاستىدىكى بەزى شەخسلەر ئۆزىنىڭ ئەقىلسىز ئەقىللىرىنى ھەر نەرسىگە ئۆلچەم دەپ قاراپ، كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەرگە «بۇنى ئەقىل قوبۇل قىلمايدۇ» دەپ، ھەدىسنىڭ شەرىپىگە داغ تەككۈزۈشكە تىرىشقانلارمۇ مەۋجۇت.

ھالبۇكى، «ئۇسۇلىددىن» قائىدىلىرىدىندۇركى: «ئەقىل بىلەن نەقىل قارشىلىشىپ قالسا، ئەقىل ئاساس تۇتۇلىدۇ. نەقىل تەبىر(تەۋىل) قىلىنىدۇ.» لېكىن ئەي بۇرادەر! ئۇ ئەقىل سەندەك ۋە مەندەكلەرنىڭ ئەقلى ئەمەس، بەلكى مۇجتەھىدلىك دەرىجىسىدە مەرىپەت قازانغانلار ۋە نۇرانىي قەلب ئىگىلىرىنىڭ ئەقىللىرىدۇر. (ئىمام ئەئزەمنىڭ «قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئۇيغۇن بولسا ھۆكۈملىرىنى تۇتۇڭلار، بولمىسا تاشلاڭلار.» دېگەن سۆزىمۇ ھەر ئەقىل ئىگىسىگە خىتاپ قىلىنغان سۆز ئەمەسلىكىنى ئۇنۇتماسلىق لازىم.)

بۇ نۇقتىنەزەرگە تولىمۇ سەل قارىغان، ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە پەرىشان ئەقلىگە سىرتقى جەھەتتىن زىت كۆرۈنگەن بىر ئىشنى كۆرۈپ قالغان بەزىلەر بولسا دەرھال ئاچچىقلىنىپ: «نەدە ئۇنداق سۈننەت بار!» دەيدۇ، چوڭ ئىماملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ ياكى «زەئىپلىك» تامغىسىنى ئۇرۇپ، ئاستىدىن «ئويدۇرما» ئىكەنلىكىنى پۇرىتىدۇ.

تېخى تۈنۈگۈن ھەدىس تەتقىقاتىغا كىرىشىپ، بىر قانچە كىتاب ئوقۇپلا، نۇرغۇن تەھلىللەردىن خەۋەرسىز ھالدا ھەدىسشۇناسلىق سەھنىسىگە چىققان سالاھىيەتسىز نادانلار قىلىۋاتقان ئىش بولسا تېخىمۇ كۈلكە ۋە غەزەپ قوزغايدۇ.

ھەدىس تارىخىغا قارايدىغان بولساق، سائادەت ئەسىرىدە نۇبۇۋۋەتنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا پەيغەمبىرىمىز ئۆز سۆزلىرىنىڭ، قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىگە ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېزىق بىلەن يېزىپ قالدۇرىلىشىنى خالىمىغاندۇر. ھەتتا بىر ھەدىسى شەرىف بىلەن: «ساھابىلەردىن ھەدىس يازغانلار بولسا، يازغىنىنى يوق قىلسۇن.» دەپ بۇيرىغاندۇر. بىراق كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇخسەت بەرگەن. ۋە بۇ رۇخسەت ئومۇمىي بىر شەكىلگە كىرگەندۇر.

بۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەدىس شەرىپلەرنى يېزىق بىلەن قالدۇرۇش ئىشى يۈزدە ئون نىسبىتىدىمۇ ئەمەس ئىدى. نۇرغۇنلىغان ھەدىس ساھابىلەرنىڭ زېھىنلىرىدە ۋە ئەسلىرىدە قالغان ھەدىسلەردۇر. ئىھتىياج ۋاقىتلىرىدا مەسىلىلەرنىڭ ئايدىڭلىشىشى ئۈچۈن ئۇ ھەدىسلەرنى سۆزلىگەندۇر.

كاشكى پۈتۈن ھەدىس شەرىپلەر رەسۇلۇللاھ(س.ئە.ۋ) ھايات ۋاقىتلىرىدا يېزىپ قالدۇرۇلغان بولسا دېگىمىز كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋاقىت سەھىھ ھەدىسلەرنىمۇ ئويدۇرما دەپ گۇمان قىلىدىغانلار چىقمايدىغىنىدەك، ئويدۇرما ھەدىسلەرمۇ پەيدا بولمايتتى. شۈبھىلەردىن خالى بولۇناتتى.

لېكىن، بۇ دىن ﷲنىڭ دىنىدۇر، ئۇنىڭ تەسەررۇپىدىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ئىمتىھان قىلىنىشىدەك كۆپلىگەن يوشۇرۇن ھىكمەتلەر بار. رەھبەر ھەدىسشۇناسلارغا ئاۋام خەلقنىڭ يۈزلىنىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىقتەك ھىكمەتلەرمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك.

……………..

ھەدىسلەرنىڭ رىۋايەت ۋە تەتقىقاتلىرىدا ساھابىلەر ئۇ قەدەر ئىنچىكىلىك كۆرسەتكەنكى، مەسىلەن: جابىر بىن ئابدۇللاھ(ر.ئە) شامدىكى ئابدۇللاھ بىن ئەنەس(ر.ئە)تىن نەقىل قىلىنغان بىر ھەدىسنى تەھقىق قىلىش ئۈچۈن مەدىنىدىن چىقىپ شامغا بارغان. ئەبۇ ئەييۇپ ئەنسارى مەدىنىدىن چىقىپ مىسىرغا بارغان ۋە ئۇقبە بىن ئامىر رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسنىڭ تەتقىقاتى ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا بارغان.

ھەزرىتى ئەلى ئاڭلىغان بىر ھەدىسنى ئېنىقلاش ئۈچۈن نەقىل قىلغۇچىنى قەسەم قىلدۇرىدىكەن.

تابىئىن ۋە تەبە تابىئىن دەۋرىدىمۇ بۇ ئىشنىڭ بارغانسېرى مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جەمىيەتتىن سەزگەن بۈيۈك ئۆلىمالار، تابىئىن دەۋرىدىكى ھەركىمدىن ھەدىس ئېلىۋەرمەسلىك پىكرىدە بولۇشتى. مەسىلەن: ئىمام مالىك «مەن يەتمىش كىشى كۆردۈمكى، ھەربىرى ناھايىتى ئىشەنچلىك ۋە دۇرۇس ئىنسانلار ئىدى. لېكىن ھەدىس نەقىل قىلىشتا ئەھىل بولمىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ھەدىسلىرىنى ئالمىدىم» دېگەن.

كېيىن ئەمىيرۇل مۇئمىنىن ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بۇ ئىشقا ناھايىتى ئەستايىدىل قاراپ، ھەدىسلەرنىڭ ئازىيىپ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەخسۇس ئالىملارنى تەيىنلىدى. جىلىد-جىلىد ھەدىسلەر توپلانغان بولدى.

كېيىن ھەدىسلەرنىڭ مەرتىۋە جەھەتتىن تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ، مەشھۇر ھەدىسشۇناسلاردىن ئىمام بۇخارى، مۇسلىم، ئىبنى ھىببان، ئىبنى ھۇزەيمە ۋە ئىبنى جارۇدقا ئوخشاش زاتلار مەيدانغا چىقتى.

مۇھىم بىر نۇقتا باردۇركى، بەزىلەر نەزەرگە ئېلىشنى خالىمايدۇ. يەنى، ئىمام بۇخارى بولسۇن، مۇسلىم بولسۇن، پۈتۈن سەھىھ ھەدىس ئالىملىرى سەھىھ ھەدىسلەرنى توپلىغىنىدا، ھېچبىر زامان: «سەھىھ ھەدىسلەر پەقەتلا بىزنىڭ قەيت قىلغىنىمىزدۇر، بۇنىڭدىن باشقا سەھىھ ھەدىس يوقتۇر» دەپ دەۋا قىلمىغان ۋە دېمىگەندۇر.

زىيائى مەقدىسى، ھاكىم نىسابورى، دارەقۇتنىگە ئوخشاش چوڭ ھەدىس ئالىملىرى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتلىرى دائىرىسىدە كۆپلىگەن ھەدىسلەرنى تېپىپ قەيت قىلغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقاندۇر.

ھەدىسلەرنىڭ سانىمۇ ئۇ قەدەر كۆپتۇركى، بىر مىليون ھەدىس يادلىغان بۈيۈك ھەدىسشۇناس ۋە ھافىز ئىمامى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل باشلىق ھېچبىر ھەدىس ئالىمى ھەدىسنىڭ ھەممىسى بۇ قەدەردۇر، ياكى سەھىھ ھەدىس بۇنچە، زەئىپ بولغىنى بۇنچە دېيەلمىگەندۇر. بىراق ئۇ ئىمام ئەھمەد يادلىغان بىر مىليون ھەدىس (گەرچە بەزى تەكرارلار بولسىمۇ) ياكى ئىمام بۇخارى يادلىغان 500مىڭ ھەدىس ھازىر نەدە؟ ھالبۇكى ئىمامى سۇيۇتىنىڭ ئېنىقلىشى بويىچە ھازىر مەۋجۇت بولغان ھەدىس سانى 200مىڭ قەدەردۇر. ئۇنداقتا قالغىنى قېنى؟

بەزى ئىماملار بولسا سۇيۇتىنىڭ بۇ ئېنىقلىمىسىنىمۇ ئاز كۆرگەندۇر. ئويدۇرما ھەدىس دېگەن ئىھتىمال ۋە قورقۇنچ بىلەن كۆپلىگەن ھەدىسنىڭ يوقىلىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى خېلى چوڭ بولۇش بىلەن بىللە، ئىمامى شارانىي ۋە ئىبنى خەلدۇنلارنىڭ قارىشى بويىچە، چىڭگىزخان ۋە ھىلاكۇنىڭ مالىمانچىلىق چىقارغان ۋاقىتلىرىدا مىڭلارچە ئىسلامىي قوليازما كىتابلارنىڭ دەجلە دەرياسىغا تاشلىنىش ھادىسىسىدە نۇرغۇن ھەدىس شەرىپلەرنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىك ئىھتىمالىمۇ بار. ھىجرى بىرىنچى ئەسىردە كۆپلىگەن ھەدىس كىتابلىرىدا ھەدىس توپلانغان بولسىمۇ، بۈگۈن ئۇ كىتابلانىڭ ئىسمى بار، بىراق جىسمى يوق بولىشىمۇ بۇنىڭغا بىر خىل ئىشارەتتۇر.

ھەدىس سانىنىڭ ئۇ قەدەر كۆپلىكىمۇ ئۇنى رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئۇ نىسبەتتە كۆپلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ۋە ھەدىسلەرنىڭ سەنەد ۋە راۋىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىمۇ تۈگىتەلمىگۈدەك دەرىجىدە كۆپ بولۇپ، ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە تونۇپ يېتىش مۇمكىن بولمىغۇدەك دەرىجىدە تەس ئىش ئىدى.

نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بىر مەسىلىمۇ شۇدۇركى، بەزى ھەدىسشۇناسلار جەرھ ۋە تەنقىت ئىشىدا بەكمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسنىمۇ زەئىپ، ھەتتا ئويدۇرما دېگەندۇر. مىساللىرىدىن بىرى ئىبنى جەۋزى ئۆزىنىڭ «ئويدۇرما(يالغان) ھەدىسلەر» كىتابىدا يازغان 300دىن ئارتۇق ھەدىسلەرنى ئىمامى سۇيۇتى تەتقىق قىلىپ بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھېچبىرسىنىڭ ئويدۇرما ئەمەس ئىكەنلىكىنى، ئىچىدە مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىسپاتلىغان.

بۈگۈن ئالەمى ئىسلامدا مەۋجۇت بولغان ۋە كۈنىمىزگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن، ئەھمىيەت بېرىلىپ بېسىلغان، ھەربىرسى بۈيۈك بىر ھەدىس ئىمامى ۋە ھافىزىنىڭ تەسىرىدە بولغان ۋە كۇتۇبى سىتتەنىڭ سىرتىدا قالغان 50-60تىن زىيادە ھەدىس كىتابلىرىنى ھۆرمەت ۋە ئەدەب ئىچىدە مۇئامىلە قىلىش لازىم ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق لازىم. ناۋادا ئىچىدە ھەدىس ئىماملىرىنىڭ تەتقىقات بىلەن بەك زەئىپ، ھەتتا مەترۇك ھەدىسلەر بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىپ-قىلماسلىق ئىشىنى شەخسنىڭ ئىختىيارىغا قويۇش بىلەن، چېقىلماسلىق لازىم كېلىدۇ.

مەقبۇل ھەدىسلەرنىڭ پەقەتلا كۇتۇبى سىتتەگە چەكلىنىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشنىڭ بەكمۇ چوڭ خاتالىق ۋە جاھالەت ئىكەنلىكىنى كۆزدىن يىراق تۇتماسلىق كېرەك. بۇ ئىشقا قىزىقىدىغان بىر تەتقىقاتچى كۇتۇبى سىتتەدىن باشقا بىر ھەدىس كىتابلىرىدىن بەزى ھەدىسلەرنى تەھلىل قىلسا، ئۇنىڭغا قارىتا ھەدىس ئىماملىرىنىڭ بارلىق قاراشلىرىنى بىلگەندىن كېيىن، قايسى خىل قاراشتىكىلىرى كۆپ بولسا، ئو بويىچە: «بۇ ھەدىس سەنەدى جەھەتتىن، ھەدىس ئىماملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قارىشى بويىچە مەرتىۋىسى شۇنداقتۇر» دېسە بولىدۇ. بىراق پەقەتلا بىر-ئىككى ھەدىس تەنقىدچىسىنىڭ قارىشىنى ئىزھار قىلىپ قەتئىي قارار بېرىۋىتىش ھەقىقەت ئەمەستۇر. ھەدىس ئىلىمىگە قارىتا بىپەرۋالىق، ئىماملارغا قارىتا ھۆرمەتسىزلىكتۇر. زەئىپ ھەدىسمۇ يەنىلا ھەدىستۇر. توقۇلما ھەدىس بىلەن بولغان پەرقى ناھايىتى يىراقتۇر.

كۆپلىگەن ھەدىسلەر ھەققىدە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى توغرىسىدا خىلمۇ-خىل قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولۇپ، بۈيۈك ئىماملار بۇ خىلمۇ-خىل قاراشلاردىن قايسىسىنى تاللاش ھەققىدە قائىدىلەر سۆزلىگەندۇر. بۇ مەسىلىدە كەڭرى مەلۇمات خالىغانلار ئىمامى زەھەبىنىڭ «مىزانۇل ئىتىدال» ئەسىرىگە، ئىبنى ھاجەرنىڭ «لىسانۇل مىزان» كىتابىغا قارىسا، ياكى ئاسانراقى ئىمامى زەبىدىنىڭ «ئىتھافۇس سادە» ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىگە ياكى ھېچ بولمىسا «شەرھۇل مەنزۇمەتىل بەيقۇنىيە» كىتابىنىڭ 190-196 سەھىپىلىرىگە قارىسا بولىدۇ.

بەكمۇ ئەپسۇس، زامانىمىزنىڭ بەزى يېڭى چالا موللىلىرى ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىنىپ بولۇنغان مەقبۇل، مەشھۇر، مەنىسى چوڭقۇر ۋە زۆرۈر بولغان بەزى ھەدىسلەرگە ئۆز ئىلىمىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن «زەئىپلىك» تامغىسىنى ئۇرىۋاتىدۇ. «زەئىپ» دېسىمۇ يەنىلا ھەدىسلىكتىن چۈشمىگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ زىيىنى يوق. ئەمما ئۇلار ئەقىلپۇرۇشلۇق قىلىپ «ئويدۇرما»(يالغان) مەنىسىنى ئىپادىلىگەن مەقسەتتە ۋە تەلەپپۇزىدا سۆزلەپ مەقسىتىگە «زەئىپلىك»نى ماسكا قىلىشىدۇ.

ئاخىرقى ئەسىرنىڭ يېڭى ۋە چالا موللىلىرى ۋە ھەدىس ھەۋەسكارلىرى سۆزلەشكە كۆنۈپ قالغان «ئويدۇرما، ئويدۇرما» دەپ مۇبالىغە قىلىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ يۈزدە توقسان نىسبەتتە ھەقىقەت ئەمەسلىكىنى بىلىش كېرەك.

بۈيۈك ھەدىسشۇناسلاردا بىر دەرىجە بولغان يوشۇرۇن قائىدىلەر باردۇركى، ئۇلار ھەدىسلەرنىڭ سەنەد ۋە رىۋايەت يوللىرى تەھلىل قىلىنماستىنمۇ ھەدىسنى دەرھال تونىيالىغانلىقلىرىنى سۆزلىگەندۇر. بۇلارنىڭ بىرسى رابى ئىبنى ھەيسەمدۇركى، «بەزى ھەدىسلەر باردۇركى، ئۈستىدە كۈندۈزنىڭ زىياسىدەك نۇر بار. بۇنىڭدىن بىلىنىدۇكى، ئۇ سۆز ھەدىستۇر. بەزى سۆزلەر بولسا، ئۈستىدە كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدەك زۇلمەت بار. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ھەدىس ئەمەسلىكى بىلىنىدۇ.» (فەيزۇل قادىر 382\1)

دېمەككى، بۇ زاتتەك ۋە ئىمامى رەببانىيدەك ئىشنىڭ ئەھلى بولغانلار ۋە روھلىرى ئىمان نۇرى بىلەن پارلىغان ئەھلى پاراسەت ۋە كامىل ھەدىسشۇناسلارنىڭ ھەدىس جەھەتتىكى ھۆكمىنى ھەركىم قىلالمايدۇ.

شۇنداق، ھەدىس ئىماملىرى ئەڭ كۆپ زەئىپ ھەدىسلەر ھەققىدە تەتقىقات ۋە تەھلىل ئېلىپ بېرىشقان بولۇپ، ھازىرقى يېڭى ھەۋەسكارلار ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقان بۇ زەئىپ ھەدىسلەرنى بۈيۈك ئىماملارنىڭ بەزىسى 81 تۈرگە، بەزىلىرى 63 تۈرگە، بەزىسى 49، بەزىسى 42 تۈرگە، ھەتتا بەزىلىرى يۈزدىن ئارتۇققا بۆلگەن. دېمەك كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بۇ مەسىلە ھەقىقەتەن ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىدۇر.

بۈيۈك مۇھەددىسلەر «بىر قانچە زەئىپ ھەدىسلەر ئوخشاش مەنىدە كېلىپ ئوخشاش نۇقتىغا بارماق باسسا، شەخسى زەئىپلىكى تۈگەپ، ئومۇمىيەت ئىچىدە قۇۋۋەتلىنىدۇ» دەپ قاراشقان.

دىققەتسىزلىك قىلىشقا بولمايدىغان بىر مەسىلىمۇ شۇدۇركى، بىر ھەدىس كىتابىدا سەھىھ ھەدىس مەرتىۋىسىدىكى بىر ھەدىس يەنە بىر ھەدىس كىتابىدا زەئىپ ھەدىس مەرتىۋىسىدىدۇر.(چۈنكى سەنەدكە قارىلىدۇ.) ئىمامى سۇيۇتى «يۈزدىن ئارتۇق رىۋايەتلەر بىلەن كەلگەن» دېگەن بۇ: «كىم مەن دېمىگەن گەپنى دېدى دەپ ئويدۇرسا، جەھەننەمدىن ئورنىنى تەييارلىسۇن» ھەدىسى سەھىھ ھەدىسلەردە مۇتەۋاتىر بولغىنىدەك، زەئىپ ھەدىسلەر سىنىپىدىمۇ تەخمىنەن 50 يول بىلەن ئوخشاش ئىبارە بىلەن كەلگەن.

ئىمامى ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇدتەك بەزى چوڭ زاتلار زەئىپ ھەدىسلەر بىلەن ئەمەل قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشقان. بىراق كۆپ سانلىق ئۆلىمالار شەرت ئەمەس، بەلكى جائىزدۇر.(ئەمەل ئېتىلسە بولىدۇ.) دېيىشكەندۇر. ھەمدە بەزى قائىدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندۇر.

پۈتۈن ھەدىس ھافىزلىرى «ئەسلى ۋە ئاساسى بولمىغان، ئويدۇرما بولغان ھەدىسنى بىلىپ تۇرۇپ يازماق، كىتابقا قەيت قىلماق قەتئىي ھارام ۋە چوڭ گۇناھتۇر» دېيىشكەن. شۇڭلاشقا كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرى بويىچە، خەلقنىڭ ئاغزىدا ياكى قالايمىقان كىتابلاردا كېزىپ ھەدىس دەپ تىلغا ئېلىنغان رىۋايەتلەردە ئەمەس، چوڭ ھەدىس كىتابلىرىدا ھېچ ئويدۇرما ھەدىس يوقتۇر دېيىشكە بولىدۇ.

خاتا بىر پەزەر بىلەن، ھازىرقى چوڭ ھەدىس كىتابلىرىدا، ئەگەر تا ئىماملار زامانىسىدا ئېنىقلانماي خاتا ھالدا كىرىپ قالغان توقۇلما ھەدىسلەرنىڭ بارلىقىنى دېگەن تەقدىردىمۇ(ھاشا!)، ئون ئىككى ئەسىر ئاۋۋال پۈتۈپ بولغان ئىشنى بۇ زاماننىڭ ئىنسانلىرى يېڭىدىن ئېنىقلاش ئۈچۈن تەتقىقاتقا كىرىشىپ ئۇ يالغان سۆز ئىگىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن نەتىجە ھاسىل قىلىش مۇمكىن ئەمەستۇر. توقۇلما ھەدىسلەرنىڭ كونا زاماندا ئون مىڭدىن ئاشقانلىقىنى ئالىملار دېيىشىدۇ. بىراق ئۇزاق ئۆتمەيلا ئابباسىي خەلىپىلىرىدىن مەھدى، ھارۇن رەشىدلارنىڭ باشلامچىلىقىدا بۈيۈك ئۆلىمالار بىر-بىردىن ئايرىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقانىدى.

يۈزدە يۈز توقۇلما ئىكەنلىكى ئېنىق بولماي، مىڭ يىلدىن بېرى مۇھاپىزەت قىلىنىپ كەلگەن سەنەدى ئېنىق بولمىغان بەزى ھەقىقەتلىك سۆزلەرمۇ بار بولۇپ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەر سۆزى بولىشىمۇ مۇمكىن. بىراق ئېنىق دەلىل بولمىغانلىقتىن ئالىملار ئۇ سۆزلەرنىڭ بەلكىم بىر ساھابە، ياكى تابىئىن ۋەياكى تەبە تابىئىندىن چوڭ بىر زاتنىڭ توغرا ۋە ھەق سۆزلىرى بولىشىمۇ مۇمكىن دېيىشكەندۇر، ھۆرمەت قىلىپ كەلگەندۇر. شۇڭا ھەر قانداق توقۇلما ھەدىسنىڭ مەنىسى جەھەتتە خاتا بولىشى ناتايىن. قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن بولۇش شەرتى ئاستىدا قوللىنىشنىڭ زىيىنى يوقتۇر.

بۈيۈك مۇجتەھىد ئىماملار، باشتا تۆت چوڭ مۇجتەھىد بولۇپ ھەر بىرسى ئەڭ ئالىي مۇجتەھىد بولغىنىدەك ۋە يەنە مۇھەددىستۇر. ھەربىرسىنىڭ بىر ھەدىس كىتابىمۇ مەۋجۇتتۇر. ئىمامى ئەھمەد مۇستەسنا، باشقىلىرى ھەدىس شەرىپلەرنىڭ نەقىل ۋە رىۋايەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان بولسىمۇ، بىراق جەرھ ۋە تەدىل ئىشلىرى بىلەن كۆپ مەشغۇل بولۇشمىغان. چۈنكى ۋەزىپىلىرى تېخىمۇ ئومۇمىي ئىدى، ئومۇم ئۈممەت ئۈچۈن تېخىمۇ زۆرۈرى ئىدى. ئۇلار جەرھ ۋە تەدىل ئىشىنى مەخسۇس ئىختىساس ئىگىلىرىگە قويۇش بىلەن بىرلىكتە قولىدىن كەلگىنىچە ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەندۇر.

چوڭ مۇجتەھىد زاتلارنىڭ ھەدىسكە قاراش جەھەتتىكى يەنە بىر تەرىپىمۇ بار بولۇپ، بەلكىم بۇ جەھەت ئۇلارنى ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرى بىلەن كۆپ مەشغۇل قىلدۇرمىغاندۇر. ھېلىمۇ ئۇ مۇجتەھىدلەرنىڭ مۇتلەق مۇجتەھىد بولالىشى ئۈچۈن ﷲنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئىلىم، ئىرپان، پاراسەت، ئەۋلىيالىق ۋە كامىل بىر رۇسۇھتەك قابىلىيەتلەرنى خالىغان ۋە جەملىگەن بىر مەرتىۋىگە ئىگە بولىشى لازىم ئىدى.

بۇ خىل مەرتىۋىنىڭ يۈكسەكلىكى بويىچە ﷲنىڭ خۇسۇسىي ئىلتىپاتى بىلەن ئۇ خاس قۇللار ھەدىسنىڭ سەنەد، جەرھ، تەدىلدەك قائىدىلىرىدىن ئۆتمەستىن، ھەدىسنىڭ سەھىھلىك، زەئىپلىك ۋە توقۇلما ئەھۋاللىرىنى ئاسانلا چۈشىنەلىگەندۇر.

ھازىر بۇ دەۋانىڭ يوشۇرۇن بولسىمۇ، ھەقىقەت بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى دەلىل ۋە مىساللىرىنى دېمەكچىمىز:

  1. جالالىدىن سۇيۇتى «ئەلھاۋى لىل فەتەۋا» ئەسىرى 342-345\2 بەتلىرىدە ئىمامى شافىيدىن نەقىل قىلىپ، ۋە باشقا دەلىللەر بىلەن ئىسپات قىلغاندۇركى، پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھسسالاتۇ ۋەسسالام، باشتا شەرىئەت ئەھكامى بولۇپ، بارلىق دىنىي مەسىلىلەرنى بايان قىلغان پۈتۈن ھەدىس شەرىپلەرنى قۇرئاندىن چىقارغىنىدەك، ئاخىرزاماندا يەر يۈزىگە چۈشۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا ئىمام بولىدىغان ھەزرىتى ئىيسامۇ بار بولغان ھەدىسلەرنىڭ جەرھ ۋە تەدىل ۋە باشقا جەھەتلىرىگە مۇھتاج بولماستىن، پەيغەمبىرىمىزگە ئوخشاش پۈتۈن ھۆكۈملىرىنى بىۋاستە قۇرئاندىن چىقىرىدۇ.

  2. ئىمانى شارانى «ئەلمىزانۇل كۇبرا» ئەسىرى 22\1 سەھىپىلىرىدە دەۋا قىلغان ۋە بىر جەھەتتە ئىسپاتمۇ قىلغانكى، پۈتۈن ھەدىس شەرىپلەر قۇرئان ئىچىدە مەۋجۇتتۇر.

  3. يەنە سۇيۇتى ھەزرەتلىرى «ئەلھاۋى لىل فەتەۋا» ئەسىرىنىڭ 446\2 بېتىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ «مېنىڭ تۆگەمنىڭ تانىسى يوقىلىپ كەتسە، ئۇنى مەن قۇرئاندىن تاپالايمەن» دېگىنىنى رىۋايەت قىلغان.

  4. يەنە ئىمامى شارانى «كەشفۇل غۇممە» ئەسىرى 25\1 دە، سۇيۇتى ھەزرەتلىرى «ئەلھاۋى لىل فەتەۋا» 346\2 سەھىپىسىدە سائىد بىن جۈبەيرنىڭ «مەن رەسۇلۇللاھتىن(س.ئە.ۋ) كەلگەن ھەدىس شەرىپلەردىن نېمىنى ئاڭلىغان بولسام، ھەممىسىنىڭ تەستىقىنى قۇرئاندا تاپتىم» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

  5. يەنە ئىمامى سۇيۇتى يۇقىرىقى كىتابنىڭ 346\2 دە ئىسپات قىلغانكى، بەزى كامىل ئۆلىمالار ھەر نەرسىنى قۇرئاندا تاپالايدىغان دەرىجىگە يەتكەندۇر.

  6. يەنە ئىمامى شارانى يۇقىرىقى كىتابنىڭ 43\2 دە دەۋا قىلغان ۋە بىر جەھەتتىن ئىسپاتمۇ قىلغانكى، باشتا تۆت مەزھەب ئىمامى بولۇپ، بەزى كامىل ئەۋلىيالار بولغان مۇھەددىسلەر رەسۇلۇللاھ(س.ئە.ۋ) بىلەن روھانى جەھەتتىن كۆرىشىدۇ. شۈبھىلەنگەن مەسىلىلەرنى ۋە ھەدىسلەرنى سورىشىدۇ.

مانا بۇ نەمۇنىلەردەك يەنە كۆپلىگەن نەمۇنىلەر بار.

ئەھلى سۈننەتنىڭ بەزى چوڭ ئىماملىرىنىڭ قاراشلىرىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇكى، باشتا رەسۇلۇللاھ(س.ئە.ۋ)، ئاندىن كېيىن تەرتىپ بويىچە، ساھابىلەر، ئاندىن تابىئىندىن بولغان چوڭ كامىل ئەۋلىيالار، ئاندىن تۆت مەزھەب ئىمامى، بۇلاردىن ئاۋۋال ھەزرىتى مەھدىدەك زاتلارنىڭ خۇسۇسىي بىر ماقامى باردۇركى، ئۇ دەرىجىگە چىققانلار ھەر مەسىلىنى، ھەر ھەدىسنىڭ ئەسلىنى قۇرئاندا كۆرەلىگەندۇر. لېكىن ئۇلار بۇ سىرلىق مەرتىۋىنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى بەكمۇ يوشۇرۇن تۇتقاندۇر. ئومۇمىي ئادەتكە قارىتا ھەرىكەت قىلىپ، يەنىلا مۇھەددىسلەرنىڭ تىرىشىش ۋە غەيرەتلىرى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرى جەھەتتىكى چۈشەنچىلىرىنى ئاڭلاشقاندۇر. مۇمكىن بولىشىچە ئۇلارغا رىئايە قىلىشقا تىرىشقاندۇر.

بۇ مەسىلىنىڭ بىر دەلىلىمۇ، بۈيۈك ئۆلىما بەدىئۇززامان سائىد نۇرسى ھەزرەتلىرىدىن نەقىل قىلىنغان بۇ ئىشەنچىلىك رىۋايەت بولۇپ، بايرام يۈكسەل ۋە مۇستافا سۇنغۇردەك چوڭ تالىپلىرى نەچچە قېتىم بىزگە دەپ بەرگەن شۇ سۆزكى، بەدىئۇززامان دېگەن: «مەن بۇرۇن تەھسىل قىلغان پۈتۈن ئىلىملەر، يادلىغان ئونلارچە كىتاب ۋە مەلۇماتلار مېنىڭ قۇرئانغا چىقىشىم ئۈچۈن پەشتاق ھۆكمىدە بولدى. قۇرئانغا چىقتىم، ھەر بىر قۇرئان ئايىتىنىڭ كائىناتنى ئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھېچبىر كىتابقا ئىھتىياج قالمىدى. شۇنداق، كۆرۈلگىنىدەك بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىمۇ يۇقىرىدىكى مەسىلىگە ۋە مەزكۇر مەرتىۋىگە ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتمەكتە.(ئا.بادىللى)

مەزھەب ئىماملىرى ۋە باشتا ئىمام ئەئزەم ئەبۇ ھەنىفە بولۇپ ھەممىسى، يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك مۇھەددىسلەردە ئاساس بولغان – ھەدىسنىڭ جەرھ ۋە تەدىل قانۇنلىرىنى ئاڭلاپ رىئايە قىلغىنىدەك، ۋە يەنە قۇۋۋەتلىك ئەۋلىيالىق ھېسلىرى ۋە نۇرانىي پاراسەتلىرى بىلەن ھەدىسكە يۈزلىنىپ ئۇنىڭ مەنىسى ۋە ھەقىقەتلىرىگە شۇڭغۇيدۇ. يەنى، دىنى مۇبىنى ئىسلامنىڭ قايسى مەسلىسى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى قايسى شەرىئەت ھۆكمىنى ئايدىڭلىتىۋاتقانلىقىنى تەپەككۇر قىلىدۇ. دەرۋەقە «ئەخبارى ئەبۇ ھەنىفە» ئەسىرىدە كۆرسىتىلگەندەك ئىمامى ئەئزەم ھەزرەتلىرى ئۆزى ئاڭلىغان بىر ھەدىسنىڭ سەنەد ۋە باشقا تەرەپلىرىدەك سىرتقى جەھەتىگە ئەمەس، بەلكى مەنىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا شۇڭغۇپ پىكىر يۈرگۈزەتتى. ئىسلام مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تەھلىللەردە بولاتتى (330-بېتىدە). دېمەك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، مۇھەددىسلەر چوڭ بىر دورىخانىغا ئوخشىغان بولسا، فىقىھ ئالىملىرى دورىگەردۇر.

بۇ ھەقتە، ئىمام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «نەھجۇل بەلاغە» كىتابىنىڭ 327-بېتىدە «رەسۇلۇللاھنىڭ(س.ئە.ۋ) سۆزلىرىدە خاسلار، ئومۇمىيلار، ناسىھلەر، مەنسۇھلار(ئەمەلدىن قالغانلىرى)نىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن، بۇلارنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرەلمىگەن كىشىلەرنىڭ شەرىئەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆزلەشكە ۋە پەتىۋا بىرىشكە ھەققى يوقتۇر» دېگەن.

دېمەك ئەزىز قېرىنداش! ھەددىن ئاشماسلىق لازىم، مەسئۇلىيەتنىڭ چوڭلىقىنى بىلىپ، ئەھلى سۈننەت ئىماملىرىنىڭ نەقەدەر بۈيۈك تەتقىقاتچىلار ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇڭ! ئەرەپچە بىلگەن ھەر ھەۋەسكار ۋە قۇرئان ۋە ھەدىستىن پەرۋاسىزلارچە سۆزلىگەن ھەر كىتابنىڭ سۆزىگە ئەگىشىش يولىدا بولماڭ. چۈنكى ئازدۇرىدىغانلىرىمۇ باردۇر. بىلىڭكى، 72 پىرقىنىڭ رەئىسلىرىمۇ ئالىملاردۇر. تۆت مەزھەپ ئىجتىھاتتىكى پەرقتىن ئوتتۇرىغا چىققاندۇر. ھەنەفى(ئىمامى ئەئزەم) مەزھىپىدە بولسىڭىز، ئىمامى ئەئزەمنىڭ ئىجتىھادى بىلەن(ئارقىلىق) رەسۇلۇللاھنىڭ(س.ئە.ۋ) سۈننىتىگە ئەگەشكەن بولىسىز.

بۇ خىل يېڭى ئېقىملارنىڭ چوڭلىرى ھەدىس ھەققىدە ئۆزلىرى پەرۋاسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىز بولغىنىدەك، ئەگەشكۈچىلىرىنى تېخىمۇ جاسارەتلىك ھالدا پەتىۋا ۋە ھۆكۈمگە ئالدىرايدىغان ئەھۋالغا يىتەكلەپ قويغاندەك ۋەزىيەتنى سېزىش تەس ئەمەس. ھالبۇكى «جەھەننەمگە تاشلىنىشقا ئەڭ كۆپ ئالدىرايدىغىنىڭلار، پەتىۋاغا جاۋاپ بېرىشكە ئەڭ كۆپ جاسارەت كۆرسەتكىنىڭلاردۇر» دېگەن ھەدىستىن قورقۇش، ئۇنى ھەم سۆز ھەم ئەمەل جەھەتتىن كۆرسىتىلىشى لازىم ئىدى.

بۇ ئېقىم تەسىرىدە يەنە ئەھلى سۈننەت تارىختىن بىرى دەلىللىك ھالدا قوبۇل قىلىپ كەلگەن تەرىقەتچىلەرمۇ ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتىلمەكتە. گەرچە تەرىقەت ئەقىل، پەن ۋە ئىلىم ھۆكۈم سۈرگەن بۇ زامانغا ماس كەلمىسىمۇ، يولدىن چىققان بىر قىسىم ئۆزىنى تەرىقەتچى دېيىۋالغانلارنىڭ ئازغۇنلىقى بىلەن تەرىقەت ئومۇميۈزلۈك رەت قىلىنماسلىقى كېرەك ئىدى.

«تەرىقەت ۋە تەسەۋۋۇپ» دېيىلگەن بۇ جامائەتلەرنىڭ ئەربابلىرىدا يۈكسەك ۋە تەتقىقچى ئۆلىمانىڭ خېلىلا ئازىيىشى، بۈگۈن بۇ تەرىقەت كۆپىنچە ئاۋامنىڭ قولىدا قېلىشى، شۇنداقلا ئۇ يولنىڭ كۆپلىگەن سۈيئىستىماللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، پەتىۋاغا جاسارەتلىك بولغان ئاتالمىش يېڭى «ھەدىسشۇناسلار» ۋە «فىقىھشۇناسلار»نىڭ غالىبىيىتىگە سەۋەپ بولغاندۇر. ھەتتا بەزىلەردە تەرىقەتتىن سۆز قىلىش خۇددى نۇمۇس قىلىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالماقتا. ھەتتا ھەدىس ئىلمى بويىچە «ئەلھافىز»، «ئەلھۇججەت» دەپ ئاتالغان بەزى زاتلار ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە سۆزلەنسە، «ئۇ سوپىكەنغۇ!» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇلارنى چەتكە قېقىش شەكىللەنمەكتە.

بەزى ئازغان مەزھەپلەر ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن كۆرىلىدىغان تەسەۋۋۇپنى، ئەۋلىيا ۋە كارامەتلەرنى قوبۇل قىلمىسىمۇ، ئەھلى سۈننەت بويىچە ئەۋلىيالىق ۋە كارامەت ھەقتۇر. بۈيۈك ۋە كامىل ئەۋلىيالاردىمۇ مۇجتەھىدلەردىكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئالاھىدە ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ، بۇلار ﷲنىڭ ئىزنى ۋە تەۋپىقى بىلەن ئۆتكەن زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە قەلبىي ۋە روھى جەھەتتىن يۈزلىنىپ كۆرەلىشى مۇمكىن بولغىنىدەك، كېلىدىغان زاماندىنمۇ ﷲنىڭ ئىلمىدىكى تەقدىر قىلىنغان ھادىسلەرنىڭ مەنىۋى شەكىللىرىنى كۆرۈپ خەۋەردار بولالايدۇ. (پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرى ﷲنىڭ يارىتىشى بىلەن بولغىنىدەك، بۇ كارامەتلەرمۇ ﷲتىندۇر.) بۇلارنىڭ ئۇ شەكىلدە كۆرگەنلىرى گەرچە شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە ئاساس دەپ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۆزلىرىمۇ بۇنى دەۋا قىلمىغاندۇر. ئەمما خۇسۇسىي شەكىلدە قانائەت شەكىللەندۈرۈپ خۇسۇسىي شەكىلدە ئەمەل قىلغانلىرى بولغاندۇر. ئەگەر ئاساسىي جەھەتتىن توغرا چىقىدىغان شۇ كۆرۈشلىرىنى ھۆكۈم بويىچە دەۋا قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسا ئەلۋەتتە سۈيئىستىماللار ئوتتۇرىغا چىققان بولاتتى. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ مۆھتىرەم زاتلار يەنىلا مۇھەددىسلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ماس ھەرىكەت قىلىشقاندۇر.

كۆپ مىساللىرىدىن ئىككىسى:

① ئىمام سۇيۇتى «ئەلخاۋى لىل فەتەۋا» ئەسىرى 44\2 ۋە 349-بەتتە باشقا-باشقا ھادىسلەر ئارقىلىق ئىزاھ ۋە ئىسپات قىلغاندۇركى: بەزى كامىل ئەۋلىيالار مەنىۋى ۋە روھى جەھەتتىن ھەزرىتى پەيغەمبەر(س.ئە.ۋ) بىلەن كۆرۈشۈپ ھەدىس مەسىلىسىدە سوئاللارنى سوراشقاندۇر.

② جالالىدىن رۇمى ھەزرەتلىرى «مەسنەۋى شەرىف»تە چوڭ ئەۋلىيالار بۇخارى، مۇسلىم ۋە باشقا ھەدىسلەر ۋە راۋىلەرنىڭ مەنبەلىرىگە مۇھتاج بولماستىن، بىۋاسىتە ئابى ھايات بولغان رىسالەت(پەيغەمبەرلىك) مەنبەسىدىن ھەقىقەتنى ئالالايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ئىمامى رەببانىي، جۇنەيد باغدادى، ئابدۇلقادىر گەيلانىيدەك بۈيۈك ئەۋلىيالارنىڭ ھەدىس ھەققىدىكى سۆزلىرىگىمۇ سەل قارىماسلىق لازىمدۇر.

ھەدىس ھەققىدىكى مۇھىم بىر نۇقتا، سىرلىق ۋە خۇسۇسىي بولغان بەزى ھەدىس شەرىفلەرنىڭ بارلىقىدۇر. شۇنداق، ھەربىر ئىنساننىڭ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ، ھەر بىر قەبىلىنىڭ، ھەتتا ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ بىلىنگەن ئومۇمىي ئەھۋالىدىن باشقا خۇسۇسىي ۋە سىرلىق بولغان ھەممىگە بىلىنمىگەن ئىش ۋە مەسىلىلىرى بار بولغىنىدەك، ئىسلامىيەت ئائىلىسى ياكى ھۆكۈمىتىنىڭمۇ مۇئەييەن، ئومۇمىي، ھەر كىم ئۈگىنىپ بىلىشى لازىم بولغان مەسىلىلىرىدىن باشقا يەنە خۇسۇسىي، پەقەتلا بەزى شەخسلەرگە خاس سىرلىق مەسىلىلىرىمۇ بولىدۇكى، بۈيۈك ساھابىلار رىۋايەت قىلغان بەزى سەھىھ ھەدىسلەر بۇنى ئىپادە قىلماقتىدۇر.

بۇلار كۆپىنچە ئەھلى بەيتنىڭ(ئالى بەيتنىڭ) ئىماملىرى مابەينىدە خۇسۇسىي شەكىلدە نەقىل قىلىنىپ كەلگەن «جەۋشەنۇل كەبىر»دەك بەزى دۇئالار، زىكىرلەر ۋە مۇناجاتلاردۇر. (دىققەت: «سىلەرگە ئىككى نەرسە قويۇپ قويىمەن، بىرى كىتابۇللاھ يەنى قۇرئان، يەنى بىرى ئالى بەيتىم.» دېگەن «رىيازۇس سالىھىن»دىكى مۇسلىمنىڭ بۇ ھەدىسىگە بىپەرۋالىق قىلماسلىق لازىم.)

مىساللىرىدىن بۇخارىدىكى بىر ھەدىس: ئەبۇ ھۈرەيرە رىۋايەت قىلغان «مەن رەسۇلۇللاھتىن(س.ئە.ۋ) ئىككى قاپ(ئىككى تۈرلۈك) ئىلىم ئالدىم. بۇلاردىن بىرسىنى سۆزلىدىم، لېكىن ئىككىنچىسىنى سۆزلىسەم كاللام كېتىدۇ.»

بۇ ئىككىنچى خىل ھەدىسنى ئالىملارنىڭ بەزىلىرى «بەزىلىرى قىيامەت ئالامەتلىرى ۋە پىتنىلىرى»، بەزىلىرى «مەخپىي ئىلىملەر» دېگەندۇر. ئەمما مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىستىقبالدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ھادىسىلەردۇر دېيىشكەندۇر.

2. ھەمدە ساھابىلارنىڭ ئىچىدە «رەسۇلۇللاھنىڭ سىر كاتىبى» بولغان مەشھۇر ھۈزەيفەتۇل يەمانىيدۇر. (بۇخارى 6\171-بەت، 5\31-بەت) دېمەك بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سىرلىق سۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

3. ھەزرىتى ھۈزەيفە: «مەن خالىسام سىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ(س.ئە.ۋ) مىڭ ھەدىسىنى نەقىل قىلالايمەن، ئەمما نەقىل قىلىدىغان بولسام مېنى يالغانغا چىقىرىسىلەر» دېگەن. («مەجما ئۇز زاۋائىد» 1\182-بەت).

4. يەنە ھەزرىتى ھۈزەيفەدىن نەقىل قىلىنغانكى دېگەن: «رەسۇلۇللاھ(س.ئە.ۋ) ماڭا قىيامەتكە قەدەر ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ھادىسىلەرنى سۆزلىدى.» («مۇستەدرەكۇل ھاكىم»4\426-بەت؛ سەھىھ)

5.ئىمام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن بىلگەن ھەر نەرسىنى سىلەرگە چۈشەندۈرسەم، سىلەردىن بىر تائىپە مەن ئۈچۈن بۇنىڭ يالغانچىلىقىغا قاراڭلار!… دېگەن بولاتتى.»

يەنە ئىمام ئەلى دەيدۇكى: «مەن ئەگەر ئەبۇلقاسىم(رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام)نىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەر ئاڭلىغىنىمنى سىلەرگە سۆزلەيدىغان بولسام سىلەر مېنىڭ يىنىمدىن چىقىپ دېگەن بولاتتىڭلار: «ئەلى يالغانچىلارنىڭ ئەڭ يالغانچىسى، پاسىقلارنىڭ ئەڭ پاسىقى!» («تەفسىرى رۇھۇل بايان» 4\207-بەت)

شۇڭلاشقا ئۈممەت ئىچىدە قوبۇل قىلىنىپ كەلگەن مەنىسى مەقبۇل بولغان بەزى دۇئالار ۋە زىكىرلەرنىڭ سىرلىق، خۇسۇسىي مەنبەلىرىنىڭ بولۇش ئىھتىماللىقىغا قارىتا، ئىھتىيات ۋە يۇمشاقلىق بىلەن قاراش، ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ھىچ بولمىسا چېقىلماسلىق لازىملىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

بىر كىشى ئەگەر ھەدىسنىڭ مەنىسىنى مۇھاپىزەت قىلالىسا باشقا لەفز(سۆزلەر) بىلەن ئىپادە قىلسا زىيىنى يوقتۇر. تۆت مەزھەب ئىمامىمۇ شۇنداق قارىغان.

ئىمام ئەھمەد بىن ھەنبەلدىن كەلگەن شۇ رىۋايەت: ئەگەر بىر ھەدىس كىتاب ۋە سۈننەتكە زىت بولمىسا، بىراق كىتاب ۋە سۈننەتنىڭ ئۇنىڭغا شاھىتلىقىمۇ بولمىسىمۇ، دەرھال رەت قىلماسلىق لازىم…

ئىمامى ئەھمەدنىڭ نەزىرىدە زەئىپ ھەدىسلەر رەي ۋە قىياستىن ئۈستۈن ئىكەنلىكى قەتئىيدۇر. مۇھەممەھ بىن ھازەممۇ: «ھەنەفى ئالىملىرى بىردەك دېيىشكەنكى: ھەنەفى مەزھىپىدە زەئىپ ھەدىسلەر قىياس ۋە رەيدىن ئۈستۈندۇر» دېگەن.

بۇ نۇقتىلار بىلەن بىللە ھەدىسلەرنىڭ مەتىن ۋە مەنىلىرى جەھەتتىن كۆپلىكى ۋە ھەتتا قورشغىلى بولماس دەرىجىدە بولغىنىدەك، بۇ ھەدىسلەرنىڭ نەقىل ۋە راۋىلىرىنىڭمۇ كۆپلىكى قورشىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىدۇر.

زۈبەير بىن سائىد ھاشىمى ئىمام زۇھرىنىڭ يېنىدا بىر ھەدىس نەقىل قىلغان. ئىمام زۇھرى: بۇنداق بىر ھەدىس ماڭا يەتمىدى؟

ئۇ زات: رەسۇلۇللاھنىڭ(س.ئە.ۋ) بارلىق ھەدىسى سىزگە يەتكەنمۇ؟

ــ ياق.

ــ يېرىمىچۇ؟

ــ بەلكىم.

ــ ئۇنداق بولسا بۇ ھەدىسنى سىزگە يەتمىگەن ھەدىسلەردىن دەپ بىلىڭ! دېگەن.

……………….

قىلىنغان تەنقىدلەر، چېقىلىشلار كۆپىنچە ھەقسىز ۋە ئورۇنسىز ياكى سالاھىيەتسىزچە ۋە ياكى مۇتەئەسسىپلىك بىلەن بولغانلىقىنىڭ بىر قانچە مىسالى:

ئىمام ئىبنى سۇبقى دېگەن: «ئەگەر ھەر كىمنى، ھەر نەرسىنى، ھەدىسكە ئائىت ھەر مەسلىنى پەقەتلا جەرھ(تەنقىد) يولى بىلەن قولغا ئالساق، دائىما جەرھ تەدىلدىن ئۈستۈن دەپ بىلسەك، ئۇ ۋاقىت ھېچبىر ئۇلۇغ ئىماممۇ ساغلام قالمايدۇ. چۈنكى ھەر كىم ھەر نەرسە ھەققىدە چېقىلىپ باققان، ئېتىرازلارنى قىلىپ باققان.

مەسلەن: يەھيا بىن مائىن ئىمامى شافىي ھەققىدە قالايمىقان سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ ھېچبىر قەدىر-قىممەت ئىپادە قىلمىغاندۇر. ئۈممەت پەرۋا قىلمىغاندۇر. چۈنكى ئۇ زات ئىمامى شافىينى بىلمىگەن. دېگەنلىرىنى چۈشەنمىگەندۇر.

مەشھۇردۇركى، ئىنسان بىلمىگەن نەرسىگە دۈشمەندۇر.

ئىمامى مالىك ھەققىدىمۇ ئىبنى ئەبى زىب، ئىبراھىم بىن ساد، ئابدۇلئەزىز بىن سەلەمەدەك بەزىلەر قالايمىقان بىر نەرسىلەرنى دەپ باققان بولسىمۇ، ھېچبىرسى توغرا بولمىغان. ئۈممەت رەت قىلىپ كەلگەن. چۈنكى ئۇلار ئىمامى مالىكنى تونۇمىغاندۇر…

تولىمۇ ئەپسۇس بۇ زاماندا تەنقىت ۋە ئىتىراز قىلغۇچىنىڭ سۆزى جەزىملىگۈچىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ئۆزىگە تېخىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان، تەتقىقسىز ھالدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىر ئىمامنىڭ پىكرى بويىچە مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ زەئىپ دەلىلىنى قۇۋۋەتلىك، باشقىسىنىڭ قۇۋۋەتلىك دەلىلىنى زەئىپ كۆرىدىغان، كىچىك پېئىللىقتەك ئەخلاقىي پرىنسىپلارغا پەرۋاسىز بولغان، باشقىلارنى كەمسىتىش ئارقىلىق ئۆز ئۈستۈنلىكىنى نامايەن قىلىشتەك مەسئۇلىيەتسىز ۋە مەنفىي ھېسسىياتلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئەھلى سۈننەتنىڭ ھەق ئىماملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغانلارنى تەنقىت قىلىدىغان جاھالەتلەر يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئىنشاﷲ يېقىن كېلەچەكتە ھەق تامامى بىلەن قوياشتەك زاھىر بولىدۇ.

ئاخىر زاماننىڭ ئالامەتلىرى چىقىپ بولاي دەۋاتىدۇ. ئۈممەت 1400 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكۈزدى. ھەدىس تەتقىقاتى ھازىرغىچە پەرىشان ئەھۋالدا قىلىپ، بۇ مەنىۋىياتتىن ياتلاشقان ئەسىردىكى ئىنسانلارنىڭ قولىغا قىلىشى ۋە بۇ زامانغىچە ياشىغانلارنىڭ ھەقىقەتتىن خەۋەرسىز ياشاپ ئېزىپ يۈرگەنلىكى ۋە بۇنى تۈزىتىشنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ يۈرۈش بەك مەنىسىزدۇر، مۇسۇلمان ئەجداتلارنىڭ شەنىگە بىر داغدۇر. تەسلىمىيەت، مەسئۇلىيەت، كىچىك پېئىللىق ھېسلىرى لازىمدۇر.

(بۇ تېما شەيخ ئابدۇلقادىر بادىللىنىڭ «رىسالەئى نۇرنىڭ مۇقەددەس مەنبەلىرى» ناملىق ئەسىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىلدى.)

1208قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir