ھەرگىز ئالدانماڭ! شەيتاننىڭ ئەڭ چوڭ بىر ھىيلىسىنى بىلەمسىز؟

ھەرگىز ئالدانماڭ! شەيتاننىڭ ئەڭ چوڭ بىر ھىيلىسىنى بىلەمسىز؟

  ئون ئۈچىنچى ئىشارەت: «ئۈچ نۇقتا»دۇر.

  بىرىنچى نۇقتا: شەيتاننىڭ ئەڭ چوڭ بىر ھىيلىسى: ئىمان ھەقىقەتلىرىنىڭ بۈيۈكلۈكى جەھەتىدە، تار قەلبلىك، قىسقا پىكىرلىك ۋە كەم ئەقىل ئىنسانلارنى ئالداپ: «يالغۇز بىر زات پۈتۈن زەررىچىلەرنى، سەييارىلەرنى، يۇلتۇزلارنى ۋە باشقا مەۋجۇداتلارنى پۈتۈن ئەھۋالى بىلەن رۇبۇبىيىتىدە تۇتۇپ ئىدارە قىلىدۇ، دېيىلىدىكەن، بۇنداق چەكسىز دەرىجىدە ئاجايىپ بولغان بۈيۈك مەسىلىگە قانداق ئىشەنگىلى بولىدۇ؟ قانداق ئەقىلگە سىغىدۇ؟ قانداق كاللىدىن ئۆتىدۇ؟» دەيدۇ. ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى نۇقتىسىدا بىر ئىنكار ھېسسىنى ئويغىتىدۇ.

  جاۋاب: شەيتاننىڭ بۇ ھىيلىسىنى جىمىقتۇرىدىغان سىر «ﷲ ئەكبەر»دۇر. ھەقىقىي جاۋابىمۇ «ﷲ ئەكبەر»دۇر. شۇنداق، «ﷲ ئەكبەر»نىڭ ئىسلام شەئائىرىدا* كۆپلەپ تەكرار قىلىنىشى ئەنە شۇ شەيتانىي ھىيلىنى يوقىتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ ئاجىز قۇۋۋىتى، زەئىپ قۇدرىتى ۋە تار پىكرى بۇنداق چەكسىز چوڭ ھەقىقەتلەرنى «ﷲ ئەكبەر» نۇرى بىلەن كۆرۈپ تەستىق قىلىدۇ، «ﷲ ئەكبەر» قۇۋۋىتى بىلەن ئېلىپ يۈرىدۇ، «ﷲ ئەكبەر» دائىرىسىدە يەرلەشتۈرىدۇ ۋە ۋەسۋەسىگە چۈشكەن قەلبىگە دەيدۇكى: بۇ كائىناتنىڭ غايەت ئىنتىزام بىلەن ھەرىكەت قىلدۇرۇلۇپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى كۆز بىلەن كۆرىنىدۇ. بۇنى قوبۇل قىلىشتا ئىككى خىل يول بار.

  بىرىنچى يول: مۇمكىندۇر. بىراق غايەت يۈكسەك ۋە ھەيران قالارلىقتۇر. ھېلىمۇ شۇنداق ھەيران قالارلىق بىر ئەسەر ھەيران قالارلىق بىر سەنئەت بىلەن بەكمۇ ئاجايىپ بىر يول بىلەن بولىدۇ. ئۇ يول بولسا، پۈتۈن مەۋجۇدات سانىچە، بەلكى ئاتوملار سانىچە بار ئىكەنلىكىنىڭ شاھىتلىرى بولغان ئەھەد ۋە سەمەد بولغان ﷲنىڭ رۇبۇبىيىتى بىلەن، ئىرادە ۋە قۇدرىتى بىلەن بولىشىدۇر.

  ئىككىنچى يول: ھېچبىر جەھەتتە ئىمكانىيىتى بولمىغان، مۇمكىنسىزلىك دەرىجىسىدە مۈشكۈلاتلىق بولغان ۋە ھېچبىر جەھەتتە ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىغان شېرىك ۋە كۇفۇر يولىدۇر. چۈنكى، يىگىرمىنچى مەكتۇپ، يىگىرمە ئىككىنچى سۆزدەك كۆپ رىسالىلەردە غايەت قەتئىي شەكىلدە ئىسپات قىلىنغىنىدەك، ئۇ ۋاقىت كائىناتتىكى ھەربىر نەرسىدە ۋە ھەتتا ھەربىر زەررىدە بىر مۇتلەق ئىلاھلىق، ھەممىنى قورشىغان بىر ئىلىم ۋە چەكسىز بىر قۇدرەتنىڭ بولىشى لازىم كېلىدۇ. شۇندىلا، مەۋجۇداتتا كۆز بىلەن كۆرىنىۋاتقان چەكسىز دەرىجىدىكى نىزام ۋە ئىنتىزام، ھەمدە غايەت ئىنچىكە ئۆلچەم ۋە ئىمتىياز ئىچىدىكى مۇكەممەل ۋە زىننەتلىك بولغان سەنئەت نەقىشلىرى ۋۇجۇتقا چىقالايدۇ.

  خۇلاسە: ئەگەر دەل لايىق ۋە دەل جايىدا بولغان غايەت چوڭلۇق ۋە ئۇلۇغلۇقتىكى رۇبۇبىيەت قوبۇل قىلىنمىسا، ئۇ ۋاقىت ھەر جەھەتتە ئەقىلگە زىت بولغان ئىمكانسىز بىر يولغا كىرىشكە توغرا كېلىدۇ. لايىق ۋە لازىم بولغان ئۇلۇغلۇقنى قوبۇل قىلىشتىن قېچىپ، ئىمكانسىز ۋە مۇمكىنسىزلىك دائىرىسىگە كىرىشنى شەيتانمۇ تەكلىپ قىلمايدۇ.

  ئىككىنچى نۇقتا: شەيتاننىڭ مۇھىم بىر ھىيلىسى ئىنسانغا قۇسۇرىنى ئېتىراپ قىلغۇزماسلىقتۇر. مەقسىتى، ئىستىغفار ۋە ئىستىئازە يولىنى تاقاش، ھەم ئىنساننىڭ نەفسىنىڭ مەنمەنچىلىكىنى قوزغاپ، پۈتۈن قۇسۇرلاردىن ئۆزىنى پاكقا چىقىرىشى ئۈچۈن، ئۆزىنى ئادۋۇكاتتەك مۇداپىئە قىلدۇرۇشتۇر. شۇنداق، شەيتاننىڭ گېپىگە كىرگەن بىر نەفىس قۇسۇرىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، كۆرسىمۇ يۈز خىل تەبىر بىلەن ئىزاھلايدۇ. وَ عَيْنُ الرِّضَا عَنْ كُلِّ عَيْبٍ كَلِيلَةٌ سىرى بويىچە، نەفسىگە رازىلىق نەزىرى بىلەن قارىغانلىقى ئۈچۈن ئەيبىنى كۆرمەيدۇ. ئەيبىنى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئىستىغفار قىلمايدۇ، ئىستىئازە قىلمايدۇ، شەيتانغا مەسخىرە بولىدۇ. ھەزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامدەك بىر شانلىق پەيغەمبەر ﴿وَمَا اُبَرِّئُ نَفْسِى اِنَّ النَّفْسَ َلاَمَّارَةٌ بِالسُّوءِ اِلاَّ مَا رَحِمَ رَبِّى﴾(يۇسۇف:53) دېگەن تۇرسا، قانداقمۇ نەفىسكە ئىشەنگىلى بولسۇن. نەفسىنى يامان كۆرگەن قۇسۇرىنى كۆرىدۇ، قۇسۇرىنى ئېتىراپ قىلغان ئىستىغفار قىلىدۇ، ئىستىغفار قىلغان ئىستىئازە قىلىدۇ، ئىستىئازە قىلغان شەيتاننىڭ شەررىدىن قۇتۇلىدۇ. قۇسۇرىنى كۆرمەسلىك ئۇ قۇسۇردىن تېخىمۇ چوڭ قۇسۇردۇر. قۇسۇرىنى ئېتىراپ قىلماسلىق چوڭ بىر نۇقسانلىقتۇر. قۇسۇرىنى كۆرسە، ئۇ قۇسۇر قۇسۇرلۇقتىن چىقىدۇ. ئېتىراپ قىلسا كەچۈرۈلۈشكە لايىق بولىدۇ.

  ئۈچىنچى نۇقتا: ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى بۇزغان شەيتاننىڭ بىر ھىيلە ـ مېكرى شۇدۇركى، بىر مۆئمىننىڭ بىر گۇناھى بىلەن بارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى ياپىدۇ. شەيتاننىڭ بۇ ھىيلە ـ مىكرىگە قۇلاق سالغان ئىنساپسىزلار مۆئمىنگە ئاداۋەت قىلىدۇ . ھالبۇكى، ﷲ ھەشردە* چەكسىز ئادالىتى بىلەن چوڭ تارازىدا ئەمەللىرىنى تارتقان ۋاقىتتا ياخشى ئەمەللىرىنىڭ گۇناھلىرىغا نىسبەتەن ئۈستۈن ياكى تۆۋەن كېلىشى نۇقتىسىدىن ھۆكۈم قىلىدۇ. ھەمدە گۇناھلارنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، قىلىنىشى ئوڭاي بولغانلىقتىن، بەزىدە بىرلا ياخشى ئەمەل بىلەن كۆپلىگەن گۇناھلارنى ياپىدۇ. دېمەك بۇ دۇنيادا ﷲنىڭ بۇ ئادالىتى بويىچە مۇئامىلە قىلىش كېرەكتۇر. ئەگەر بىر كىشىنىڭ ياخشىلىقلىرى، يامانلىقلىرىدىن سان ياكى سۈپەت جەھەتتىن كۆپرەك بولسا، ئۇ كىشى مۇھەببەتكە ۋە ھۆرمەتكە لايىقتۇر. ھەتتا قىممەتلىك بىر ياخشى ئەمىلى سەۋەبلىك كۆپ يامانلىقلىرىغا كەچۈرۈم بىلەن قاراش كېرەك. ھالبۇكى، ئىنسان يارىتىلىشىدىكى «زۇلۇم» ھېسسىياتى بىلەن شەيتاننىڭ قۇۋۋەت بېرىشى ئارقىلىق بىر زاتنىڭ يۈز ياخشى ئەمىلىنى بىرلا گۇناھى يۈزىدىن ئۇنۇتىدۇ، مۆئمىن قېرىندىشىغا ئاداۋەت قىلىپ گۇناھلارغا كىرىدۇ. بىر چىۋىن قانىتى كۆز ئۈستىگە قويۇلسا بىر تاغنى توسۇۋېلىپ كۆرسەتمىگىنىگە ئوخشاش، ئىنسان غەرەز ھېسسىياتى ئارقىلىق چىۋىن قانىتىچىلىك بىر يامان ئەمەل سەۋەبلىك تاغدەك ياخشى ئەمەللەرنى ياپىدۇ، ئۇنۇتىدۇ، مۆئمىن قېرىندىشىغا ئاداۋەت قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا بۇزغۇنچىلىق ئامىلى بولۇپ قالىدۇ.

  شەيتان بۇ ھىيلىسىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل ھىيلە بىلەن، ئىنساننىڭ ساغلام پىكرىنى بۇزۇشقا تىرىشىدۇ. ئىمان ھەقىقەتلىرىگە قارىتا توغرا چۈشەنچىلەردىن ئازدۇرىدۇ ۋە ئىستىقامەتلىك پىكىرلەرنى ۋەيران قىلىدۇ. يەنى:

  بىر ئىمان ھەقىقىتىگە دائىر يۈزلەرچە دەلىلئىسپاتلارنىڭ ھۆكۈمىنى، ئۇنى ئىنكار قىلىدىغان بىر ئەمارە(دەلىل) بىلەنلا يوققا چىقىرىشنى خالايدۇ. ھالبۇكى، مۇقەررەر بىر قائىدە باركى: «بىر ئىسپات قىلغۇچى نۇرغۇن ئىنكار قىلغۇچىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇبىر دەۋانى ئىسپات قىلىدىغان بىر شاھىتنىڭ ھۆكۈمى، يۈز ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەتكە تۆۋەندىكى تەمسىل بىلەن قارا:

  يۈزلەرچە ئىشكى بولغان بىر ساراي بار. پەقەت بىر ئىشكىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۇ سارايغا كىرگىلى بولىدۇ، باشقا ئىشىكلەرمۇ ئېچىلىدۇ. ئەگەر پۈتۈن ئىشىكلەر ئوچۇق بولسا، بىرئىككى دانىسى تاقاقلىق بولسا، ئۇ سارايغا كىرگىلى بولمايدۇ، دېيىلمەيدۇ.

  ئىمان ھەقىقەتلىرى ئۇ سارايدۇر. ھەربىر دەلىل بىر ئاچقۇچتۇر، ئىسپات قىلىدۇ، ئىشىكنى ئاچىدۇ. يالغۇز بىر ئىشىكنىڭ تاقاقلىق بولىشى بىلەن ئۇ ئىمان ھەقىقەتلىرىدىن ۋاز كېچىلمەيدۇ، ئىنكار قىلىنمايدۇ. شەيتان بولسا، بەزى سەۋەبلەرگە بىنائەن يا غەپلەت ۋەياكى جاھالەت ۋاستىسى بىلەن تاقاقلىق قالغان ئۇ بىر ئىشكنى كۆرسىتىدۇ، ئىسپات قىلغۇچى پۈتۈن دەلىللەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. «مانا، بۇ سارايغا كىرگىلى بولمايدۇ، ئىچىدە ھېچنېمە يوقتۇر» دەيدۇ، ئالدايدۇ.

  ئەي شەيتاننىڭ ھىيلىلىرىگە مۇپتىلا بولغان بىچارە ئىنسان! دىنىي ھايات، شەخسىي ھايات ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلىسەڭ؛ ھەمدە ساغلام پىكىر، توغرا نەزەر ۋە دۇرۇست قەلب خالىساڭ: قۇرئانىي مۇھكەمات(ھۆكۈمى ئېنىق ئايەتلەرنىڭ) مىزانلىرى بىلەن ۋە سۈننەتى سەنىييەنىڭ تارازىلىرى بىلەن ئەمەل ۋە ئويپىكىرلىرىڭنى تارت ۋە قۇرئاننى ۋە سۈننەتى سەنىييەنى دائىما رەھبەر قىل ۋە اَعُوذُ بِاللّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيم دە، جانابى ھەققە ئىلتىجا قىل.

  مانا بۇ ئون ئۈچ ئىشارەت ئون ئۈچ ئاچقۇچتۇر. قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۈرىسى ۋە اَعُوذُ بِاللّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيم نىڭ تەپسىلىيسى ۋە مەنبەسى بولغان

اَسْتَعِيذُ بِاللّهِ بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

﴿قُلْ اَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِمَلِكِ النَّاسِاِلهِ النَّاسِمِنْ شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِالَّذِى يُوَسْوِسُ فِى صُدُورِ النَّاسِمِنَ الْجِنَّةِ وَ النَّاسِ﴾

سۈرىسىنىڭ مۇداپىئە قورغىنى ۋە مۇستەھكەم قەلئەسىنىڭ ئىشىكىنى بۇ ئون ئۈچ ئاچقۇچ بىلەن ئاچ، كىر، سالامەت تاپ!

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

﴿رَبِّ اَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ وَاَعُوذُ بِكَ رَبِّ اَنْ يَحْضُرُونِ﴾

————————————————-

*شەئائىر: ئىسلامىيەتنىڭ(پەرزى كۇپايە ۋە سۈننەتى كۇپايىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) جامائەتكە ئائىت گۈزەل ئادەتلىرى.

**ھەشر: قىيامەتتىن كىيىن بارلىق ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلىپ مەھشەر مەيدانىدا توپلىنىشى.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.