ھەشىر رىسالىسى قۇشۇمچىسى

ھەشىر رىسالىسى قۇشۇمچىسى

ئونىنچى سۆزنىڭ مۇھىم بىر زەيلى (قوشۇمچىسى) ۋە ئىلاۋىسىنىڭ بىرىنچى پارچىسى

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿ فَسُبْحَانَ اللّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ ٭وَلَهُ الْحَمْدُ فِى السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُونَ ٭ يُخْرِجُ الْحَىَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَىِّ وَيُحْيِى اْلاَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَكَذلِكَ تُخْرَجُونَ ٭ وَمِنْ آيَاتِهِ اَنْ خَلَقَكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ اِذَا اَنْتُمْ بَشَرٌ تَنْتَشِرُونَ ٭ وَ مِنْ آيَاتِهِ اَنْ خَلَقَ لَكُمْ مِنْ اَنْفُسِكُمْ اَزْوَاجًا لِتَسْكُنُوا اِلَيْهَا وَ جَعَلَ بَيْنَكُمْ مَوَدَّةً وَ رَحْمَةً اِنَّ فِى ذلِكَ َلآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ ٭ وَمِنْ آيَاتِهِ خَلْقُ السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ وَاخْتِلاَفُ اَلْسِنَتِكُمْ وَ اَلْوَانِكُمْ اِنَّ فِى ذلِكَ َلآيَاتٍ لِلْعَالِمِينَ ٭ وَ مِنْ آيَاتِهِ مَنَامُكُمْ بِالَّيْلِ وَ النَّهَارِ وَابْتِغَاؤُكُمْ مِنْ فَضْلِهِ اِنَّ فِى ذلِكَ َلآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَسْمَعُونَ ٭ وَ مِنْ آيَاتِهِ يُرِيكُمُ الْبَرْقَ خَوْفًا وَ طَمَعًا وَ يُنَزِّلُ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَيُحْيِى بِهِ اْلاَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا اِنَّ فِى ذلِكَ َلآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ٭ وَمِنْ آيَاتِهِ اَنْ تَقُومَ السَّمَاءُ وَاْلاَرْضُ بِاَمْرِهِ ثُمَّ اِذَا دَعَاكُمْ دَعْوَةً مِنَ اْلاَرْضِ اِذَا اَنْتُمْ تَخْرُجُونَ ٭ وَ لَهُ مَنْ فِى السَّموَاتِ وَ اْلاَرْضِ كُلٌّ لَهُ قَانِتُونَ ٭ وَ هُوَ الَّذِى يَبْدَؤُا الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ وَ هُوَ اَهْوَنُ عَلَيْهِ وَلَهُ الْمَثَلُ اْلاَعْلَى فِى السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ

(سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە اﷲ قا تەسبىھ ئېيتىڭلار [17]. ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەمدۇسانا، كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىكى ھەمدۇسانانىڭ ھەممىسى اﷲ قا خاستۇر [18]. اﷲ جانسىز نەرسىلەردىن جانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، جانلىق نەرسىلەردىن جانسىز نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قۇرغاق زېمىننى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، سىلەرمۇ مۇشۇنداق تىرىلدۈرۈلىسىلەر [19]. اﷲ نىڭ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى، ئاندىن سىلەرنىڭ ئىنسان بولۇپ زېمىندا تارىلىپ يۈرۈشۈڭلار اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر [20]. ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (اﷲ نىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار [21]. اﷲ نىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار [22]. سىلەرنىڭ كېچىسى ۋە كۈندۈزى ئۇخلىشىڭلار، (كۈندۈزى) اﷲ نىڭ مەرھەمىتىدىن (رىزىق) تەلەپ قىلىپ (ھەرىكەتلىنىشىڭلار) اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەربار[23]. اﷲ نىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا، شەك ـ شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار [24]. اﷲ نىڭ ئاسمان زېمىننى ئۆز ئەمرى بىلەن (مۇئەللەق) تۇرغۇزۇشى اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، ئاندىن اﷲ (قەبرىلەردە كۆمۈلۈپ ياتقان) سىلەرنى يەر ئاستىدىن چاقىرسا، دەرھال چىقىسىلەر [25]. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىدۇر ۋە اﷲ نىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ھەممە اﷲ قا بويسۇنغۇچىدۇر [26]. مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلىدۈرىدىغان اﷲ ئەنە شۇدۇر، ئۇ (يەنى مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈش) اﷲ قا (ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغانغا قارىغاندا) ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت اﷲ قا خاستۇر، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[27] سۇرە رۇم:17-27)

  ئىمان دەرىجىلىرىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بۇ ئۇلۇغ ساماۋىي ئايەتلەرنىڭ ۋە ھەشرنى ئىسپات قىلغان شۇ مۇقەددەس دەلىللەرنىڭ يۈكسەك بىر ھىكمىتى ۋە چوڭ بىر دەلىلى بۇ «توققۇزىنچى شۇئا»دا بايان قىلىنىدۇ.

  ﷲنىڭ گۈزەل بىر ئىنايىتىدۇركى، بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىل بۇرۇن كونا سەئىد يازغان (تەفسىر مۇقەددىمىسى بولغان) «مۇھاكەمات» نامىدىكى ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا:

  «ئىككىنچى مەقسەت: قۇرئاندىكى ھەشرگە ئىشارەت قىلغان ئىككى ئايەت بايان ۋە تەفسىر قىلىنىدۇ.

« نَخُو بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ»

دەپ توختاپ قالغان. داۋامى يېزىلمىغان ئىدى. شەپقەتلىك ﷲقا ھەشرنىڭ دەلىل ۋە ئىشارەتلىرى سانىچە شۈكۈر ۋە ھەمدۇ–سانا بولسۇنكى، ئوتتۇز يىل كېيىن مۇۋەپپىقىيەت ئېھسان قىلدى. بۇنىڭدىن توققۇز–ئون يىل بۇرۇن ئۇ ئايەتنىڭ بىرىنچىسى بولغان:

﴿فَانْظُرْ اِلَى آثَارِ رَحْمَتِ اللّهِ كَيْفَ يُحْيِى اْلاَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا اِنَّ ذلِكَ لَمُحْيِى الْمَوْتَى وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

(ﷲ نىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ، شۈبھىسىزكى، اﷲ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، اﷲ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر [50]. سۇرە رۇم: 50)

  ئىلاھىي پەرمانىنىڭ ئىككى پارلاق ۋە ناھايىتى قۇۋۋەتلىك دەلىل ۋە تەفسىرلىرى بولغان «ئونىنچى سۆز» ۋە «يىگىرمە توققۇزىنچى سۆز»لەرنى ئىنئام قىلدى ۋە ئىنكارچى كاپىرلارنى بېسىقتۇردى. ھەمدە «ئاخىرەتكە ئىمان» ئاساسىنىڭ ھۇجۇم تەسىر قىلالماس ئۇ ئىككى مۇستەھكەم قەلئەسىدىن ئىككىنچى ئايەت بولغان يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئۇلۇغ ئايەتنىڭ تەفسىرىنى بۇ رىسالە بىلەن ئىھسان قىلدى. مانا بۇ «توققۇزىنچى شۇئا» مەزكۇر ئايەتلىرى بىلەن ئىشارەت قىلغان «توققۇز ئالىي ماقام» ۋە بىر ئەھمىيەتلىك «مۇقەددىمە»دىن ئىبارەتتۇر.

مۇقەددىمە

  ھەشر (ئاخىرەت) ئەقىدىسىنىڭ ناھايىتى كۆپ بولغان روھى پايدىلىرىدىن ۋە ھاياتىي نەتىجىلىرىدىن بىرلا ئومۇمىي نەتىجىنى يىغىنچاقلاپ بايان قىلىپ، ئىنسانىيەت ھاياتىدا، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ھاياتتا ئۇنىڭ قانچىلىك مۇھىم ۋە زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلغان، ھەمدە بۇ «ھەشرگە ئىمان» ئەقىدىسىنىڭ ئىنتايىن كۆپ دەلىللىرىدىن ئومۇمىي بولغان بىرلا دەلىلنى يىغىنچاقلاپ كۆرسەتكەن ۋە ئۇ ئەقىدىنىڭ قانچىلىك ئوچۇق ۋە شۈبھىسىز دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان «ئىككى نۇقتا»دۇر.

  بىرىنچى نۇقتا:

  ئاخىرەت ئەقىدىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە شەخسىي ھاياتىنىڭ ئاساسى ئۇلى ۋە بەخت–سائادەت ۋە كامالىتىنىڭ ئاساسلىرى ئىكەنلىكىنىڭ يۈزلەرچە دەلىللىرىدىن بىر ئۆلچەم تۈرىدە پەقەت تۆتىگە ئىشارەت قىلىمىز.

  بىرىنچى: ئىنسانىيەتنىڭ يېرىمىغا يېقىن قىسمىنى تەشكىل قىلغان كىچىك بالىلار، قورقۇشلىرىغا ۋە يىغىلىرىغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋە ۋاپاتلارغا قارشى پەقەت جەننەت پىكرى ئارقىلىقلا تاقابىل تۇرالايدۇ. ناھايىتى ئاجىز ۋە نازۇك جىسمىدا بىر مەنىۋى كۈچكە ئىگە بولالايدۇ. ھەر نەرسىدىن يىغلىغۇدەك دەرىجىدە چىدامسىز بولغان روھانىي تەبىئىتىدە ئۇ جەننەت پىكرى ئارقىلىق بىر ئۈمىدكە ئېرىشىپ، خۇشال كەيپىيات بىلەن ياشىيالايدۇ. مەسىلەن: جەننەت پىكرى بىلەن دەيدۇ: «مېنىڭ ئۇكام ياكى دوستۇم ئۆلۈپ كەتتى. جەننەتنىڭ بىر قۇشى بولدى، جەننەتتە سەيلە قىلىدۇ، بىزدىن تېخىمۇ ياخشىراق ياشايدۇئەگەر بۇ پىكىر بولمىسا، ئەتراپتىكى ئۆزىدەك بالىلارنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىدىكى ئۆلۈملىرىنىڭ ئۇ ئاجىز بىچارىلەرنىڭ ئەندىشىلىك نەزەرلىرىگە چېلىقىشى بىلەن بەرداشلىق بېرىش كۈچى ۋە مەنىۋى قۇۋۋەتلىرى بىتچىت بولۇپ، كۆزلىرى بىلەن بىللە روھ، قەلب ۋە ئەقىلدەك بارلىق سېزىملىرىمۇ يىغلايتتى. يا مەيۈسلىنىپ مەنىۋى جەھەتتىن تۈگىشىپ كېتەتتى، يا ئەخمەق بىر بەختسىز ھايۋاندەك بولۇپ قالاتتى

  ئىككىنچى دەلىل: ئىنسانىيەتنىڭ بىر جەھەتتىن يېرىمىنى تەشكىل قىلغان ياشانغانلاردا پەقەت ئاخىرەتلىك ھايات پىكرى ئارقىلىقلا ئۈزلۈكسىز يېقىنلاۋاتقان قەبىرنىڭ ۋەھىمىسىگە قارىتا بەرداشلىق بېرىش ھېسسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. ھەمدە بەكمۇ ئالاقىدار بولغان بۇ ھاياتلىرىنىڭ يېقىندا ئۆچۈشىگە ۋە سۆيگەن دۇنيالىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ يېپىلىشىغا قارىتا بىر تەسەللى تاپالايدۇ. شۇنداقلا كىچىك بالىدەك بولۇپ قالغان نازۇك روھلىرىدا ۋە مىجەزلىرىدە ئۆلۈم ۋە ئايرىلىش پىكرىدىن پەيدا بولغان قايغۇلۇق ۋە دەھشەتلىك مەيۈسلۈككە قارىتا، پەقەتلا ئەبەدىي ھايات ئۈمىدى بىلەن تاقابىل تۇرالايدۇ. بولمىسا ئۇ شەپقەتكە لايىق مۆھتەرەملەر ۋە قەلبىي جەھەتتىن خاتىرجەملىككە ۋە راھەتلىككە بەكمۇ مۇھتاج بولغان ئۇ ئەندىشە ئىچىدىكى ئاتائانىلار، شۇنداق بىر روھانىي قايغۇ ۋە قەلبىي ئازاپ تارتىشاتتىكى، بۇ دۇنيا ئۇلار ئۈچۈن زۇلمەتلىك زىندان، ھاياتمۇ قورقۇنچلۇق ئازاپ بولاتتى.

  ئۈچىنچى دەلىل: ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ تۈۋرىكى بولغان ياشلارنىڭ كونترول قىلىش قىيىن بولغان ھېسسىياتلىرىنى، قىزىپ تۇرغان ھاۋايى نەفىسلىرىنى چەكتىن ئېشىپ ھەرىكەت قىلىشتىن، زۇلۇم ۋە بۇزغۇنچىلىققا سەۋەب بولۇپ قېلىشتىن توختاتقۇچى، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ نورمال داۋام قىلىشىنى تەمىنلىگۈچى ئامىل، پەقەتلا جەھەننەم (دوزاخ) پىكرىدۇر. بولمىسا ئەگەردە جەھەننەم پىكرى بولمىغاندا «غالىپ كەلگەننىڭ ھەق» دەپ، ئۇ قېنى قىزىق تەلۋە ياشلار، ھەۋەسلىرىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ بىچارە ۋە ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن دۇنيانى جەھەننەمگە ئايلاندۇرغان بولاتتى. يۈكسەك ئىنسانىيەتنى ناھايىتى پەس بىر ھايۋانىيەتكە ئۆزگەرتىپ قويغان بولاتتى.

  تۆتىنچى دەلىل: ئىنسانىيەتنىڭ دۇنياۋى ھاياتىدا ئەڭ ئاساسلىق مەركەز ۋە ئەڭ مۇھىم يادرو بولغان ئائىلە ھاياتى دۇنياۋى بەختسائادەت ئۈچۈن بىر جەننەت، بىر پاناگاھ، بىر مۇھاپىزەتگاھتۇر. ھەركىمنىڭ ئۆيى ئۆزىنىڭ بىر كىچىك دۇنياسى ھېساپلىنىدۇ. ئۇ ئۆي ۋە ئائىلە ھاياتىنىڭ ھاياتى ۋە سائادىتى ئۆزئارا بولىدىغان سەمىمىي، چىن، ۋاپادارلارچە ھۆرمەت، ھەمدە ھەقىقىي، قىزغىن، پىداكارلارچە شەپقەت ئارقىلىقلا قولغا كېلىدۇ. بۇ سەمىمىي ۋە ھەقىقىي شەپقەت بولسا؛ ئەبەدىي بولىدىغان بىر دوستلۇق ئېڭى، دائىمىي بولىدىغان بىر يولداشلىق ئىشەنچىسى، مەڭگۈلۈك بولىدىغان بىللە بولۇش چۈشەنچىسى بىلەن، ھەمدە ھېساپسىز بىر زاماندا ۋە چەكسىز بىر ھاياتتا بىربىرى بىلەن بولغان ئاتىلىق، بالىلىق، تۇغقانلىق، دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىش پىكرى ۋە ئەقىدىسى بىلەن ئۇ ھۆرمەت ۋە شەپقەت ھەقىقىي بولالايدۇ.

  مەسىلەن دەيدۇ: «بۇ ئايالىم ئەبەدىي بىر ھاياتتا دائىملىق بىر ھايات رەپىقەمدۇر. ھازىر قېرىپ كۆرۈمسىز بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق. چۈنكى ھامان كېلىدىغان بىر ئەبەدىي گۈزەللىكى بار. ئەنە شۇنداق دائىملىق بىر دوستلۇقنىڭ يۈزخاتىرى ئۈچۈن ھەر قانداق پىداكارلىق ۋە مەرھەمەتنى ئايىمايمەن» دەپ، ئۇ ياشانغان ئايالىغا گۈزەل بىر ھۆر پەرىگە ئوخشاش مۇھەببەت بىلەن، شەپقەت بىلەن، مەرھەمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بولمىسا سىرتقى جەھەتتىكى بىرئىككى سائەتلىك بىللە بولۇشتىن كېيىن، ئەبەدىي بىر پىراق ۋە ئايرىلىشقا يۈز تۇتقان ئۇنداق يولداشلىق، ئەلۋەتتە بەكمۇ يۈزەكى، ۋاقىتلىق، ئاساسسىز، ھايۋانلاردا بولىدىغان ئۆزئارا مۇناسىۋەت مەنىسىدە، بىربىرىگە قارىتا ياسالما بىر شەپقەت ۋە سۈنئىي بىر ھۆرمەتنىلا نەتىجە بېرەلىشى مۇمكىن. نەتىجىدە ھايۋانلاردا بولغىنىدەك باشقا مەنپەئەتلەر ۋە باشقا غالىپ كەلگەن ھېسلار، ئۇ ھۆرمەت ۋە مەرھەمەتنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇ دۇنيا جەننىتىنى جەھەننەمگە ئايلاندۇرىدۇ.

  دېمەك، «ھەشرگە ئىمان»نىڭ يۈزلىگەن نەتىجىسىدىن بىرسى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا قارايدۇ. پەقەتلا بۇ خىل نەتىجىنىڭمۇ يۈزلىگەن جەھەتلىرىدىن ۋە پايدىلىرىدىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت دەلىلگە باشقىلىرىمۇ سېلىشتۇرۇلسا چۈشەنگىلى بولىدۇكى، ھەشر ھەقىقىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە بولىشى، ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسەك ھەقىقىتى ۋە ئومۇمىي ھاجەتلىرىنىڭ ئەمىلىيەت (بار) ئىكەنلىكى دەرىجىسىدە قەتئىيدۇر. بەلكى بۇ، ئىنساننىڭ ئاشقازىنىدىكى ئېھتىياجنىڭ بارلىقى، تاماقلارنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىگە دەلىل ۋە گۇۋاھ بولىشىدىن تېخىمۇ ئېنىقتۇر. تېخىمۇ زىيادە ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىنى بىلدۈرىدۇ.

  ئەگەر بۇ ھەشر ھەقىقىتىنىڭ نەتىجىلىرى ئىنسانىيەتتىن چىقسا، ئۇ بەكمۇ ئەھمىيەتلىك، يۈكسەك ۋە ھاياتدار بولغان ئىنسانىيەت ماھىيىتىنىڭ، مەينەت ۋە مىكروپ ئۇۋىسى بولۇپ كەتكەن سېسىق گۆشتەك بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئىسپات قىلىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ باشقۇرىلىشى، ئەخلاقپەزىلىتى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بەكمۇ ئالاقىدار بولغان جەمئىيەتشۇناسلار، سىياسىيونلار ۋە ئەخلاقشۇناسلارنىڭ سەمىدە بولسۇن. قېنى دەپ بېقىشسۇنكى، بۇ بوشلۇقنى نېمە بىلەن تولدۇرىشىدۇ؟ ۋە بۇ چوڭقۇر يارىلارنى نېمە بىلەن ساقايتىشىدۇ؟

  ئىككىنچى نۇقتا:

  ھەشر ھەقىقىتىنىڭ چەكسىز دەلىللىرى ئىچىدىن، باشقا ئىمان ئاساسلىرىنىڭ ئايرىمئايرىم ھالدا بۇنىڭغا (ھەشر ئاساسىغا) دەلىل بولۇشلىرىنىڭ خۇلاسىلىرىدىن چىققان بىر دەلىلنى ناھايىتى ئىخچام ھالدا بايان قىلىمىز. يەنى:

  ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دەلىل بولغان بارلىق مۆجىزىلىرى، بارلىق پەيغەمبەرلىك دەلىللىرى ۋە ھەققانىيىتىنىڭ بارلىق پاكىتلىرى ھەممىسى بىرلىشىپ، ھەشر ھەقىقىتىگە شاھادەت قىلىپ ئىسپاتلايدۇ، چۈنكى بۇ زاتنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى بارلىق دەۋالىرى، تەۋھىدتىن قالسا، ھەشر مەسىلىسىدە مەركەزلىشىدۇ. ھەمدە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە تەستىق قىلدۇرغان بارلىق مۆجىزىلىرى ۋە دەلىللىرى يەنە شۇ ھەقىقەتكە شاھادەت قىلىدۇ (دەلىل بولىدۇ). شۇنداقلا «ۋەبى رۇسۇلىھى» (رەسۇللارغا ئىمان) كەلىمىسىدىن كەلگەن شاھادەتنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرغان «ۋەبى كۇتۇبىھى» (كىتابلارغا ئىمان) شاھادىتىمۇ يەنە شۇ ھەقىقەتكە شاھادەت قىلىدۇ. يەنى: باشتا قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ ھەققانىيىتىنى ئىسپات قىلغان پۈتۈن مۆجىزىلىرى، دەلىللىرى ۋە ھەقىقەتلىرى ھەشر ھەقىقىتىنىڭ چوقۇم بولىشىغا ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە شاھادەت قىلىپ ئىسپات قىلىدۇ. چۈنكى قۇرئاننىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىسى ھەشرگە ئائىتتۇر ۋە كۆپىنچە سۈرىلىرىنىڭ باشلىرىدا غايەت قۇۋۋەتلىك بولغان ھەشرگە ئائىت ئايەتلەر باردۇر. ھەمدە ئوچۇق ۋە ئىشارەتلىك شەكىلدە مىڭلارچە ئايىتى بىلەن شۇ ھەقىقەتنى خەۋەر بېرىدۇ، ئىسپات قىلىدۇ ۋە كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:

﴿اِذَا الشَّمْسُ كُوِّرَتْ ٭ يَا اَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ اِنَّ زَلْزَلَةَ السَّاعَةِ شَيْءٌ عَظِيمٌ ٭ اِذَا زُلْزِلَتِ اْلاَرْضُ زِلْزَالَهَا ٭ اِذَا السَّمَاءُ انْفَطَرَتْ ٭ اِذَا السَّمَاءُ انْشَقَّتْ ٭ عَمَّ يَتَسَاءَلُونَ ٭ هَلْ اَتَيكَ حَدِيثُ الْغَاشِيَةِ﴾

(كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا [1]، سۇرە تەكۋىر: 1)

(ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن (يەنى ئازابىدىن) قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر. سۇرە ھەج: 1)

(زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە [1]، سۇرە زەلزەلە: 1)

(ئاسمان يېرىلغان چاغدا [1]، سۇرە ئىنفىتار: 1)

(ئاسمان يېرىلغان [1]، سۇر ئىنشىقاق: 1)

(ئۇلار چوڭ بىر خەۋەر (يەنى قىيامەت توغرۇلۇق) سورىشىدۇ، سۇرە نەبە: 1)

(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى [1]، سۇرە غاشىيە: 1)

گە ئوخشاش ئوتتۇزقىرىق سۈرىلەرنىڭ باشلىرىدا ناھايىتى قەتئىيلىك بىلەن ھەشر ھەقىقىتىنىڭ كائىناتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە زۆرۈر بىر ھەقىقىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، باشقا ئايەتلەرمۇ ئۇ ھەقىقەتنىڭ تۈرلۈكتۈرلۈك دەلىللىرىنى بايان قىلىپ قايىل قىلىدۇ. ئەجەبا بىرلا ئايەتنىڭ بىرلا ئىشارىتى، ئىسلامنىڭ كۆزىمىز ئالدىدىكى تۈرلۈكتۈرلۈك ئىلمىي ھەقىقەتلىرىنى ۋە كائىناتنىڭ ماددى ھەقىقەتلىرىنى مېۋە بەرگەن بىر مۇقەددەس كىتابنىڭ شۇنداق دەلىل ۋە داۋالار ئارقىلىق قۇياشتەك ئېنىق ھالدا كۆرسەتكەن «ھەشرگە ئىمان» ئاساسىنىڭ ھەقىقەتسىز بولىشى خۇددى قۇياشنى ئىنكار قىلغاندەك، ھەتتا كائىناتنى يوققا چىقارغاندەك ھېچبىر جەھەتتە مۇمكىنچىلىكى بولمىغان، يۈز ھەسسە ئىمكانسىزلىق ۋە باتىللىق بولمامدۇ؟ ئەجەبا بىر سۇلتاننىڭ بىرلا ئىشارىتى يالغانغا چىقىپ قالماسلىق ئۈچۈن، بەزىدە بىر ئارمىيە ئۇنىڭ ئابرويىنى دەپ ھەرىكەتكە كېلىپ توقۇنۇش چىقىدۇيۇ، چەكسىز ئىززەت ئابرويلۇق ئۇ سۇلتاننىڭ مىڭلارچە سۆزلىرى، ۋەدىلىرى ۋە تەھدىتلىرىنى يالغانغا چىقىرىش ھېچ مۇمكىنمۇ؟ ۋە دېگەنلىرىنىڭ ھەقىقەتسىز بولىشىنىڭ ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ ئەجەبا ئون ئۈچ ئەسىردە داۋاملىق ھالدا چەكسىز روھلارغا، ئەقىللەرگە، قەلبلەرگە، نەفىسلەرگە ھەق ۋە ھەقىقەت دائىرىسىدە ھۆكۈمىنى يۈرگۈزگەن، تەربىيەلىگەن، باشقۇرغان ئۇ شانلىق مەنىۋى سۇلتاننىڭ بىرلا ئىشارىتى مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئىسپات قىلىشقا يېتەرلىك تۇرۇقلۇق، مىڭلارچە ئىزاھاتلار بىلەن بۇ ھەشر ھەقىقىتىنى كۆرسىتىپ ئىسپات قىلىپ بەرسە، يەنىلا ئۇ ھەقىقەتنى تونۇمىغان ئەخمەق ئۈچۈن جەھەننەم ئازابى لايىق بولمامدۇ؟ ھەقىقىي ئادالەت بولغان بولمامدۇ؟

  پۈتۈن كېلەچەككە ۋە بارلىق زامانلارغا ھۆكۈمران بولغان قۇرئان، تەپسىلىي ئىزاھلار ۋە تەكرارلار ئارقىلىق بايان ۋە ئىسپات قىلغان ھەشر ھەقىقىتىنى، چەكلىك بىر زامانغا ۋە مۇئەييەن بىر دەۋرگە ھۆكۈم يۈرگۈزگەن ساماۋىي سەھىپىلەر ۋە مۇقەددەس كىتابلارنىڭمۇ ئۆز ئەسىر ۋە زامانلىرىغا يارىشا، ئۇ ھەشر ھەقىقىتىنى سۆزلەش بىلەن بىرلىكتە، تەپسىلاتسىز، پەردىلىك ۋە ئىخچام بىر شەكىلدە بايان قىلىشى، بىراق قۇۋۋەتلىك بىر تۈردە دەۋا ۋە ئىسپات قىلىشى، قۇرئاننىڭ ئۇ دەۋاسىنى مىڭلارچە ئىمزالار بىلەن تەستىق قىلىدۇ.

  «مۇناجات» رىسالىسىنىڭ ئاخىرىدا باشقا ئىمان ئاساسلىرىنىڭ، بولۇپمۇ «رۇسۇل» (پەيغەمبەرلەرگە) ۋە «كۇتۇب» (كىتابلارغا ئىمان) ئاساسلىرىنىڭ 

ا۪يمَانٌ بِالْيَوْمِ اْلآخِر

 (ئاخىرەتكە ئىمان)

ئاساسىغا بولغان شاھادىتىنى مۇناجات تەرىقىسىدە زىكىر قىلغان ئىدۇق، بەكمۇ قۇۋۋەتلىك تۈردە خۇلاسە قىلىنىپ بارلىق گۇمانلارنى يوقىتىپ تاشلايدىغان ئۇ يەردىكى ھەشر دەلىلى تېما مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يەردە يېزىلىدۇ. يەنى «مۇناجات»تا دېيىلگەنكى:

  «ئەي رەھىملىك رەببىم! پەيغەمبىرىمىز رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ تەلىمى ۋە قۇرئانى كەرىمنىڭ دەرسى بىلەن چۈشەندىمكى، قۇرئان ۋە رەسۇلى ئەكرەمىڭ باشلىق پۈتۈن مۇقەددەس كىتابلار ۋە پەيغەمبەرلەر، بۇ دۇنيادا ۋە ھەر تەرەپتە كۆرىنىۋاتقان ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل ئىسىملىرىڭنىڭ جىلۋىلىرىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بىر شەكىلدە ئەبەدىلئەبەد داۋاملىشىدىغانلىقىغا شاھادەت؛ ھەمدە بۇ فانىي ئالەمدە كۆرىنىۋاتقان شەپقىتىڭنىڭ جىلۋىلىرى ۋە مىساللىرى بولغان ئىھسانلىرىڭنىڭ تېخىمۇ ئاجايىپ بىر شەكىلدە مەڭگۈلۈك بەختسائادەت ماكانىدا تۇراقلىق ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىغا شاھادەت؛ شۇنداقلا بۇ قىسقا دۇنيا ھاياتىدا ئۇلارنى زوقلىنىپ كۆرگەن ۋە مۇھەببەت بىلەن سۆيگەن ئاشىقلارنىڭ ئەبەدىي ئالەمدىمۇ بىللە ۋە جەم بولىدىغانلىقىغا ھەممىسى بىرلىكتە شاھادەت ۋە ئىشارەت قىلىشىدۇ.

  يۈزلەرچە ئېنىق مۆجىزىلىرى ۋە قەتئىي ئايەتلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ، رەسۇلى ئەكرەم ۋە قۇرئانى ھەكىمىڭ باشلىق پۈتۈن نۇرانى روھلار ئىگىلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر، پۈتۈن مۇنەۋۋەر قەلبلەرنىڭ رەئىسلىرى بولغان ئەۋلىيالار، پۈتۈن چىۋەر ۋە نۇرلۇق ئەقىللەرنىڭ بېشى بولغان سىددىقىيىنلەر، بارلىق ساماۋىي سەھىپىلىرىڭ ۋە مۇقەددەس كىتابلىرىڭدا سەن كۆپلىگەن تەكرارلار بىلەن قىلغان مىڭلارچە ۋەدە ۋە تەھدىتلىرىڭگە تايىنىپ تۇرۇپ، سېنىڭ قۇدرەت، رەھمەت (مەرھەمەت)، ئىنايەت (ياردەم)، ھىكمەت، ھەيۋەت ۋە گۈزەللىكتەك ئاخىرەتنى تەقەززا (كېرەك) قىلغان مۇقەددەس سۈپەتلىرىڭگە، كۆرسەتكەن پائالىيەتلىرىڭگە، ئۇلۇغلىقىڭغا ۋە سەلتەنىتىڭگە ئاساسلىنىپ، ھەمدە ئاخىرەتنىڭ شولا ۋە تامچىلىرىنى بىلدۈرگەن چەكسىز كەشپ ۋە مەنىۋى كۆرۈشلىرىگە، شۇنداقلا ئىلمەليەقىن ۋە ئەينەليەقىن دەرىجىسىدىكى ئېتىقاد ۋە ئىمانلىرىغا بىنائەن ئەبەدىي سائادەتنى ئىنسانلارغا خۇشخەۋەر بېرىشىۋاتىدۇ. زالالەت ئەھلى ئۈچۈن، جەھەننەم ۋە ھىدايەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەت بار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشىۋاتىدۇ. قۇۋۋەتلىك ئىمان بىلەن شاھادەت كەلتۈرىشىۋاتىدۇ.

  ئەي قادىر ۋە ھەكىم بولغان رەببىم! ئەي رەھمان ۋە رەھىم! ئەي ۋەدىسىدە سادىق بولغان ساخاۋەتلىك ﷲ! ئەي ئۇلۇغلۇق ۋە ھەيۋەت ئىگىسى بولغان قەھىرلىك! بۇنچە سادىق دوستلىرىڭنى، بۇنچە ۋەدىلىرىڭنى ۋە بۇنچە سۈپەت ۋە پائالىيەتلىرىڭنى يالغانغا چىقىرىش، يوققا چىقىرىش، رۇبۇبىيەت سەلتەنىتىڭنىڭ (ئاخىرەتنىڭ بولىشىدىن ئىبارەت) قەتئىي ھالدىكى تەلىپىنى يالغان دەپ ئورۇندىماسلىق؛ سەن سۆيگەن ۋە ئۇلارمۇ سېنى تەستىق ۋە ساڭا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ساڭا سۆيدۈرگەن مەقبۇل بولغان چەكسىز قۇللىرىڭنىڭ ئاخىرەتكە قارىغان چەكسىز دۇئالىرىنى ۋە دەۋالىرىنى رەت قىلىش، ئاڭلىماسلىق؛ كۇفۇر ۋە ئىسيان بىلەن ۋە ساڭا ۋەدىدە تۇرماسلىق تۆھمىتىنى قىلىش بىلەن سېنىڭ ئەزەمىتىڭنى، بۈيۈكلىكىڭنى، ئۇلۇغلۇقىڭنى كەمسىتكەن، ھەمدە شەپقىتىڭنى رەنجىتكەن زالالەت ۋە كۇفۇر ئەھلىنىڭ ھەشرنى ئىنكار قىلىشلىرىنى تەستىق قىلىشتەك مەرھەمەتسىزلىكتىن يۈز مىڭلارچە ھەسسە مۇقەددەس، چەكسىز ھەسسە پاك ۋە ئالىيسەن. مۇنداق چەكسىز بىر زۇلۇمدىن ۋە چەكسىز يىرگىنچلىكتىن ئۇ چەكسىز ئادالىتىڭنى، چەكسىز گۈزەللىكىڭنى، چەكسىز رەھمىتىڭنى چەكسىز دەرىجىدە ئۇلۇغلايمىز.

   ھەمدە پۈتۈن قۇۋۋىتىمىز بىلەن ئىمان ئېيتىمىزكى، ئۇ يۈز مىڭلىغان سادىق ئەلچىلىرىڭ ۋە سەلتەنىتىڭنىڭ راستچىل دەۋەتچىلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر، ئەسفىيالار، ئەۋلىيالارنىڭ ھەققەليەقىن، ئەينەليەقىن ۋە ئىلمەليەقىن دەرىجىسىدە، سېنىڭ ئاخىرەتتىكى شەپقەت دەپىنىلىرىڭ ۋە ئېھسان خەزىنىلىرىڭگە، شۇنداقلا ئۇ سائادەت ماكانىدا تولۇق كۆرىنىدىغان ئىسىملىرىڭنىڭ ئاجايىپ گۈزەل جىلۋىلىرىگە بولغان شاھادەتلىرى ھەق ۋە ھەقىقەتتۇر، ئىشارەتلىرى توغرا ۋە ئۇيغۇندۇر، بىشارەتلىرى راست ۋە ئەمىلىيەتتۇر. ئۇلار پۈتۈن ھەقىقەتلەرنىڭ چىقىش نۇقتىسى، قۇياشى ۋە ھامىيسى بولغان «ھەق» ئىسمىڭنىڭ ئەڭ بۈيۈك بىر نۇرى بۇ ئۇلۇغ ھەشرھەقىقىتى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىپ، سېنىڭ ئەمرىڭ بىلەن سېنىڭ قۇللىرىڭغا ھەق دائىرىسىدە دەرس بېرىۋاتىدۇ، ھەمدە مۇتلەق ھەقىقەت شەكلىدە تەلىم بېرىۋاتىدۇ. يا رەب! بۇلارنىڭ دەرس ۋە تەلىملىرىنىڭ ھەققى ئۈچۈن، بىزگە ۋە رىسالەئى نۇر تالىپلىرىغا مۇكەممەل ئىمان ۋە ھۆسنى خاتىمە نېسىپ قىل، ۋە بىزلەرگە ئۇلارنىڭ شاپائەتلىرىنى ئېھسان ئەيلە! ئامىن…»

  خۇددى قۇرئاننىڭ، بەلكى پۈتۈن ساماۋىي كىتابلارنىڭ ھەققانىيەتلىرىنى ئىسپات قىلغان بارلىق دەلىللەر ۋە پاكىتلار، شۇنداقلا ھەبىبۇللاھنىڭ (پەمغەمبىرىمىزنىڭ)، بەلكى پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكلىرىنى ئىسپات قىلغان بارلىق مۆجىزىلەر ۋە دەلىللەر، ئۇلارنىڭ (كىتابلار ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ) ئەڭ بۈيۈك مۇددىئالىرى بولغان ئاخىرەتنىڭ بارلىقىغىمۇ دەلىل بولغىنىدەك؛ دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ۋاجىبۇل ۋۇجۇدبولغان ﷲنىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە شاھادەت قىلغان كۆپلىگەن دەلىللەر ۋە پاكىتلار، رۇبۇبىيەت ۋە ئىلاھلىقنىڭ ئەڭ يۈكسەك بىر دەرىجىدە كۆرىنىدىغان سائادەت ماكانى بولغان ئەبەدىي ئالەمنىڭ بارلىقىغا ۋە بولىدىغانلىقىغىمۇ دەلىلدۇر. چۈنكى تۆۋەندە بايان ۋە ئىسپات قىلىنىدىغانلىقىدەك، ۋاجىبۇل ۋۇجۇد بولغان ﷲنىڭ ھەم بارلىقىنى، ھەم بارلىق سۈپەتلىرى، ھەم كۆپىنچە ئىسىملىرى، ھەم «رۇبۇبىيەت، ئىلاھلىق، مەرھەمەت، ئىنايەت، ھىكمەت، ئادالەت…»كە ئوخشىغان سۈپەت ۋە پائالىيەتلىرى ئىنتايىن قەتئىي بىر شەكىلدە مەڭگۈلۈك بىر ئالەم بولغان ئاخىرەتنى كېرەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ. مۇكاپات ۋە جازالار ئۈچۈن ھەشر ۋە نەشرنى تەلەپ قىلىدۇ.

  شۇنداق، مادەم ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولغان بىر ﷲ بار، ئۇنداقتا ئەلۋەتتە ئىلاھلىق سەلتەنىتىنىڭ كۆرىنىشى ئۈچۈن ھەقىقىي ۋاستە بولغان مەڭگۈلۈك بىر ئاخىرەتمۇ باردۇر.

  ۋە مادەم بۇ كائىناتتا ۋە جانلىقلار دائىرىسىدە ئىنتايىن ھەشەمەتلىك، ھىكمەتلىك ۋە شەپقەتلىك بولغان مۇتلەق بىر رۇبۇبىيەت بار ۋە كۆرىۋاتىمىز. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە ئۇ رۇبۇبىيەتنىڭ ھەشەمىتىنى چۆكۈشتىن، ھىكمىتىنى ئىسراپخورلۇقتىن ۋە شەپقىتىنى رەھىمسىزلىكتىن قۇتقازغان ئەبەدىي بىر سائادەت ماكانى بار ۋە كېلىدۇ.

  ۋە مادەم كۆز بىلەن كۆرۈنگەن بۇ چەكسىز ئىنئاملار، ئىھسانلار، ئىلتىپاتلار، ئىنايەتلەر، رەھمەتلەر غەيپ پەردىسى ئارقىسىدا رەھمان ۋە رەھىم بولغان ﷲنىڭ بارلىقىنى ئۆچمىگەن ئەقىللەرگە، ئۆلمىگەن قەلبلەرگە كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە ئىنئامنى ساختىلىقتىن، ئىھساننى ئالدامچىلىقتىن، ئىنايەتنى ئاداۋەتتىن، رەھمەتنى ئازاپتىن، ئىلتىپاتنى ئاھانەتتىن قۇتقازغان، ھەمدە ئىھساننى ئىھسان قىلغان، نىئمەتنى نىئمەت قىلغان باقىي بىر ئالەمدە باقىي بىر ھايات بار، كېلىدۇ.

  ۋە مادەم باھار پەسلىدە زېمىننىڭ تار بېتىدە خاتاسىز ھالدا يۈز مىڭلارچە كىتابنى بىربىرى ئىچىدە يازغان بىر قۇدرەت «قەلىمى» كۆز ئالدىمىزدا توختىماستىن ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ قەلەم ئىگىسى يۈز مىڭلىغان قېتىم ۋەدە قىلغانكى: «بۇ تار يەردە بىربىرى ئىچىدە ئارىلاش يېزىلغان باھار كىتابىدىن تېخىمۇ قولاي ھالدا، كەڭ بىر يەردە گۈزەل ۋە ئۆلمەس بىر كىتابنى يازىمەن ۋە سىلەرگە ئوقۇتىمەندەپ بارلىق پەرمانلىرىدا ئۇ كىتاب ھەققىدە بايان قىلغاندۇر. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە ۋە ئەلۋەتتە ئاساسى يېزىلىپ بولغان ئۇ كىتابنىڭ ھەشر ۋە نەشر ئارقىلىق ئىزاھاتلىرىمۇ يېزىلىدۇ. ھەمدە ھەممىنىڭ ئەمەل دەپتەرلىرى ئۇنىڭغا قەيت قىلىنىدۇ.

  ۋە مادەم بۇ زېمىن، مەخلۇقاتىنىڭ كۆپلىكى بىلەن، ھەمدە داۋاملىق ئالمىشىپ تۇرغان يۈز مىڭلارچە خىلمۇخىل ھايات ۋە روھ ئىگىلىرىنىڭ ماكانى، مەنبەسى، فابرىكىسى كۆرگەزمىسى ۋە مەھشەرى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن بۇ كائىناتنىڭ يۈرىكى، مەركىزى، خۇلاسىسى، نەتىجىسى ۋە يارىتىلىش سەۋەبى بولۇش جەھەتتىن ناھايىتى چوڭ ئەھمىيىتى باردۇركى، كىچىكلىكى بىلەن بىللە چوڭ ئاسمان بىلەن تەڭ تۇتۇلۇپ، ساماۋىي پەرمانلاردا دائىم:

﴿رَبُّ السَّموَاتِ وَ اْلاَرْضِ

(ساماۋات ۋە يەرنىڭ رەببى) دېيىلىدۇ.

  ھەمدە بۇ ماھىيەتتىكى زېمىننىڭ ھەر تەرىپىگە ھۆكۈم يۈرگۈزگەن؛ كۆپلىگەن مەخلۇقاتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ ئەتراپىغا توپلىغان؛ كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئۆز ھەۋىسى ۋە ئېھتىياجلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئاجايىپ گۈزەل ھالدا تەرتىپكە سېلىپ، كۆرسىتىپ ۋە زىننەتلەپ، ھەيران قالارلىق تۈرلەرنى كاتالوگدەك ئايرىم يەرلەردە توپلاپ بېزەش ئارقىلىق، پەقەتلا جىن ۋە ئىنساننىڭ نەزەرلىرى ئەمەس، بەلكى ئاسمان ئەھلىنىڭ ۋە كائىناتنىڭ دىققەت نەزەرلىرىنى ۋە ئالقىشلىرىنى، ھەمدە كائىنات ئىگىسىنىڭ ماختاش نەزىرىنى جەلپ قىلىش بىلەن ناھايىتى چوڭ بىر ئەھمىيەت ۋە قىممەتكە ئىگە بولغان؛ بۇ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بىرگە، بۇ كائىناتنىڭ يارىتىلىش ھىكمىتى، يۈكسەك نەتىجىسى، قىممەتلىك مېۋىسى ۋە يەرنىڭ خەلىپىسى ئىكەنلىكىنى پەنتېخنىكا ۋە ھۈنەرسەنئەتلىرى ئارقىلىق كۆرسەتكەن؛ بۇ دۇنيالىق نۇقتىئىنەزەر بويىچە، ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ مۆجىزىلىك سەنئەت ئەسەرلىرىنى ناھايىتى گۈزەل ھالدا كۆرسەتكەنلىكى، تەرتىپكە سالغانلىقى ئۈچۈن، ئىسيان ۋە كۇفۇرلىرى بولسىمۇ، يەنىلا دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئازابى كېچىكتۈرۈلگەن؛ ھەمدە بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن جازا بېرىلمەي مۇۋەپپىقىيەت كۆرىۋاتقان ئادەم نەسىللىرى (ئىنسانىيەت) بار.

  ئەنە بۇ ماھىيەتتىكى ئادەم نەسىللىرى يارىتىلىشىدىن بەكمۇ زەئىپ ۋە ئاجىزدۇر. بۇ چەكسىز ئاجىزلىقى ۋە چەكسىز ھاجەتمەنلىكى بىلەن بىرگە، چەكسىز ئېھتىياجلىرى ۋە ئەلەملىرى باردۇر. كۈچقۇۋۋىتى ۋە ئىختىيارلىرى ئەنە شۇنداق تامامەن يېتەرسىز تۇرۇقلۇق، چوڭ يەر شارىنى ئۇ ئىنسانغا كېرەكلىك ھەر تۈرلۈك لازىمەتلىكلەرگە خەزىنە، ھەر تۈرلۈك تائاملارغا ئامبار، ھەمدە ئۇنىڭغا ياقىدىغان ھەر تۈرلۈك ماللارغا دۇكان قىلىپ ياراتقان، چەكسىز قۇۋۋىتى، ھىكمىتى، شەپقىتى بولغان بىر باشقۇرغۇچى ﷲ باركى، شۇ تەرزدە ئىنسانىيەتكە قاراۋاتىدۇ، بېقىۋاتىدۇ، ھەر خالىغىنى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

  مادەم ھەقىقىتى ئەنە شۇنداق بولغان رەب ئىنساننى سۆيىدۇ، ھەم ئۆزىنى ئىنسانغا سۆيدۈرىدۇ. ھەم ئۆزى باقىيدۇر، ھەم باقىي ئالەملىرى بار. ھەم ھەر ئىشقا ئادالەت بىلەن قارايدۇ ۋە ھەر ئىشنى ھىكمەتلىك قىلىدۇ. ھەم بۇ قىسقا دۇنيا ھاياتىدا ۋە بۇ قىسقىغىنە ئىنسانىيەت ئۆمرىدە، بۇ ۋاقىتلىق ۋە فانىي زېمىنغا ئۇ ئەزەلىي ھەكىم بولغان ﷲنىڭ سەلتەنەت ھەيۋىتى ۋە دائىمىي ھاكىمىيىتى سىغمايدۇ. شۇنداقلا كائىناتتىكى ئىنتىزامغا، ئادالەتكە ۋە مۇۋازىنەتلەرگە، گۈزەل يارىتىلىشقا مۇخالىپ بولغان ئىنسانىيەتنىڭ بەكمۇ چوڭ زۇلۇملىرى ۋە ئىسيانلىرى، ھەمدە ئۇنىڭغا نىمەت بىرىپ، شەپقەتلىك ھالدا باققان زاتقا قارىتا سادىر قىلغان ئاھانەتلىرى، ئىنكارلىرى، كۇفۇرلىرى جازاسىز قېلىپ، رەھىمسىز زالىملار راھەت بىلەن ھايات كەچۈرىشىدۇ. بىچارە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار بولسا، مۇشەققەتلەر ئىچىدە ئۆمۈرلىرىنى ئۆتكۈزىشىۋاتىدۇ. لېكىن ھەم ئۇ رەھىمسىز زالىملارنىڭ، ھەم ئۇ ئۈمىدسىز مەزلۇملارنىڭ پەرقسىز ھالدا ئوخشاشلا ئۆلۈپ يوقىلىپ، قايتا تىرىلمەسلىكلىرى پۈتۈن كائىناتتا ئالامەتلىرى كۆرۈنگەن شۇ مۇتلەق ئادالەت ھەقىقىتىگە پۈتۈنلەي زىتتۇر، مۇۋاپىق كەلمەيدۇ ۋە بۇنىڭغا ئۇ ئادالەت يول قويمايدۇ!

  ۋە مادەم كائىناتنىڭ ئىگىسى خۇددى كائىناتتىن زېمىننى، زېمىندىن ئىنساننى تاللاپ بەكمۇ چوڭ بىر دەرىجە ۋە بىر ئەھمىيەت بەرگىنىگە ئوخشاش، ئىنسانىيەتتىنمۇ رۇبۇبىيەت مەقسەتلىرىگە لايىقلىشىپ ئۆزلىرىنى ئىمان ۋە تەسلىم ئارقىلىق ئۇنىڭغا سۆيدۈرگەن ھەقىقىي ئىنسانلار بولغان پەيغەمبەرلەر، ئەۋلىيالار ۋە ئەسفىيالارنى تاللاپ ئۆزىگە دوست ۋە مۇخاتاپ (خىتاپ قىلىنغۇچى) قىلىپ، ئۇلارغا مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئىلتىپاتىنى، دۈشمەنلىرىگە ساماۋى كاچاتلار (جازالار) بىلەن ئازابىنى كۆرسىتىپ كەلدى. بۇ قىممەتلىك دوستلىرىدىنمۇ، ئۇلارنىڭ ئىمامى ۋە پەخرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى تاللاپ، يەر شارىنىڭ مۇھىم بولغان يېرىم قىسمىنى، ئىنسانىيەتنىڭ مۇھىم بولغان بەشتىن بىرسىنى ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بېرى ئۇنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلاندۇردى. خۇددى بۇ كائىنات ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندەك، كائىناتنىڭ پۈتۈن غايىلىرى ئۇ ئارقىلىق، ئۇنىڭ دىنى ئارقىلىق، قۇرئانى ئارقىلىق كۆرۈندى. بەكمۇ قىممەتلىك ۋە مىليونلارچە يىل ياشاشقا لايىق چەكسىز خىزمەتلىرىنىڭ ھەقلىرىنى، چەكسىز بىر زاماندا ئېلىشقا تېگىشلىك ۋە لايىق تۇرسا، ناھايىتى مۇشەققەتلىك، جىھادلار ئىچىدە ئۆتكەن ئاران 63 يىلدەك قىسقىغىنە بىر ئۆمۈر بېرىلدى. ئەجەبا ئۇ زاتنىڭ پۈتۈن دوستيېقىنلىرى بىلەن بىللە تىرىلمەسلىكىگە، ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ روھانىي تىرىك ھالەتتە ۋە ھايات بولماسلىقىغا، ئەبەدىي يوقلۇققا كېتىشىگە ھېچبىر جەھەتتە، ھېچبىر ئېھتىمال، ھېچبىر مۇمكىنچىلىك، ھېچبىر ئۇيغۇنلۇق بارمۇ؟ ھاشا يۈز مىڭ قېتىم ھاشا ۋە كەللا!… شۇنداق پۈتۈن كائىنات ۋە ئالەمنىڭ ھەقىقىتى ئۇنىڭ تىرىلىشىنى دەۋا قىلىدۇ، كائىناتنىڭ ئىگىسىدىن ئۇنىڭ ھاياتىنى تەلەپ قىلىدۇ

  ۋە مادەم يەتتىنچى شۇئا بولغان «ئايەتۇل كۇبرا»دا، ھەربىرى بىر تاغ قۇۋۋىتىدە بولغان ئوتتۇز ئۈچ پارچە دەلىل بۇ كائىناتنىڭ بىر قولدىن چىققانلىقىنى ۋە بىرلا زاتنىڭ مۈلكى ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلغان، ھەمدە ئۇ تېما ئىلاھىي كامالەتنىڭ ئاساسى بولغان ۋەھدەتنى ۋە ئەھەدىيەتنى ناھايىتى ئوچۇق ھالدا كۆرسەتكەندۇر. شۇنداق ۋەھدەت ۋە ئەھەدىيەت ئارقىلىق كائىناتتىكى بارلىق نەرسە ئۇ بىر بولغان چەكسىز كامالەتتىكى زاتنىڭ پەرمانبەردار ئەسكەرلىرى ۋە خىزمەتچىلىرى بولىدۇ. ئاخىرەتنىڭ كېلىشى بىلەن بولسا، ئۇنىڭ كامالىتى پەستلىكتىن، مۇتلەق ئادالىتى رەھىمسىزلەرچە زۇلۇمدىن، چەكسىز ھىكمىتى ئويۇنپەرەستلىكتىكى مەنىسىزلىكتىن، بەكمۇ كەڭ بولغان رەھمىتى كەيپلىك ئازاپلاشتىن، قۇدرەتلىك ئىززەتشەرىپى خارلىقتىكى ئاجىزلىقتىن قۇتۇلىدۇ، پاك ۋە مۇقەددەس بولىدۇ.

  شۇڭا ئەلۋەتتە ۋە ئەلۋەتتە، شۈبھىسىزكى «ﷲقا ئىمان» ئاساسىنىڭ يۈزلەرچە مەسىلىلىرىدىن بۇ ئالتە «مادەم»لەردىكى ھەقىقەتلەرنىڭ تەقەززاسى بويىچە، يەنى زېمىننىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەھمىيىتى ۋە مەركەزلىكى، ئىنساننىڭ ئەھمىيىتى ۋە قەدىرقىممەتلىرىنىڭ ھەق بولىشى ئۈچۈن؛ زېمىن ۋە ئىنساننىڭ ياراتقۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولغان ﷲنىڭ يۇقىرىقىدەك ئادالىتى، ھىكمىتى، رەھمىتى ۋە سەلتەنىتىنىڭ تۇراقلىق ھەقىقەت بولىشى ئۈچۈن؛ باقىي بولغان ﷲنىڭ ھەقىقىي دوستلىرى ۋە ئاشىقلىرىنىڭ ئەبەدىي يوقۇلۇشتىن قۇتۇلۇشلىرى ئۈچۈن؛ ھەمدە ئۇ دوستلارنىڭ ئەڭ بۈيۈكى ۋە ئەڭ قىممەتلىكى بولغان زات، پۈتۈن كائىناتنى مەمنۇن ۋە مىننەتدار قىلغان ئۇلۇغ خىزمەتلىرىنىڭ مۇكاپاتلىرىنى كۆرىشى ئۈچۈن؛ شۇنداقلا باقىي بولغان سۇلتاننىڭ كامالەتلىرى كەمچىلىك ۋە قۇسۇردىن، قۇدرىتى ئاجىزلىقتىن، ھىكمىتى بىمەنىلىكتىن، ئادالىتى زۇلۇمدىن ئايرىلىپ پاكلىنىش، ئاقلىنىش ئۈچۈن قىيامەت قايىم بولىدۇ، ھەشر ۋە نەشر مەيدانغا كېلىدۇ، مۇكاپات ۋە جازا مەيدانى ئېچىلىدۇ.

  ئەلھاسىل: مادەم ﷲ بار، ئۇنداقتا ئەلۋەتتە ئاخىرەتمۇ بار.

  ئىماننىڭ ئىماننىڭ مەزكۇر ئۈچ ئاساسى، ئۆزلىرىنى ئىسپاتلىغان بارلىق دەلىللىرى بىلەن بىللە ھەشرگە شاھادەت ۋە دەلىل بولغىنىدەك، ئوخشاشلا وَ بِمَلئِكَتِهِ وَ بِالْقَدَرِ خَيْرِهِ وَ شَرِّهِ مِنَ اللّهِ تَعَالَى (يەنى پەرىشتىلەرگە ۋە تەقدىرگە) بولغان ئىككى ئىمان ئاساسىمۇ ھەشرنى كۆرسىتىپ، باقىي بىر ئالەمنىڭ بولىدىغانلىقىغا قۇۋۋەتلىك بىر شەكىلدە شاھادەت قىلىدۇ ۋە دەلىل بولىدۇ. يەنى:

  پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەت ۋەزىپىلىرىنى ئىسپات قىلغان بارلىق دەلىللەر، ھەمدە چەكسىز قېتىملار كۆرۈش ۋە سۆزلىشىشلەر، روھلار ئالىمىنىڭ، غەيپ ئالىمىنىڭ، ئەبەد ئالىمىنىڭ، ئاخىرەت ئالىمىنىڭ، ھەمدە كەلگۈسىدە جىن ۋە ئىنسانلار بىلەن تولدۇرۇلىدىغان سائادەت ماكانىنىڭ، جەننەت ۋە جەھەننەمنىڭ بارلىقىغا دەلالەت قىلىدۇ (دەلىل بولىدۇ). چۈنكى پەرىشتىلەر بۇ ئالەملەرنى ﷲنىڭ ئىزنى (رۇخسىتى) بىلەن كۆرەلەيدۇ ۋە كىرەلەيدۇ. ھەزرىتى جىبرىئىلدەك ئىنسانلار بىلەن كۆرۈشكەن ئۇلۇغ پەرىشتىلەر، بۇ سانالغان ئالەملەرنىڭ بارلىقىنى ۋە پەرىشتىلەر ئۇ يەردە كېزىدىغانلىقىنى ھەممىسى بىردەك خەۋەر بىرىشىدۇ. بىز كۆرمىگەن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ بارلىقىنى، ئۇ يەردىن كەلگەنلەرنىڭ خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئىشەنچ قىلىپ بىلگىنىمىزدەك، پەرىشتىلەرنىڭ يۈز تەۋاتۇر (شۈبھىسىز خەۋەر) قۇۋۋىتىدىكى خەۋەرلىرى ئارقىلىقمۇ باقىي ئالەمنىڭ، ئاخىرەت ماكانىنىڭ، جەننەت ۋە جەھەننەملەرنىڭ بارلىقىغا ئۇ خىل ئىشەنچ بىلەن ئېنىق ئىشىنىش كېرەكتۇر ۋە شۇنداق ئىمان ئېيتىمىز.

  «يىگىرمە ئالتىنچى سۆز» بولغان «تەقدىر رىسالىسى»دىكى «تەقدىرگە ئىمان» ئاساسىنى ئىسپات قىلغان بارلىق دەلىللەرمۇ ھەشرگە ۋە ھېساپ ئۈچۈن ھەركىمنىڭ ئەمەللىرى كۆرسىتىلىپ چوڭ مىزاندا تارتىلىدىغان كۈنگە دەلالەت قىلىدۇ.

  چۈنكى ھەر نەرسىنىڭ تەقدىرىنى كۆزىمىز ئالدىدا نىزام ۋە ئۆلچەم لەۋھەلىرىدە قەيت قىلىش، ھەربىر جانلىقنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسىنى ئەستە تۇتۇش سېزىمىدە، ئۇرۇقلاردا ۋە باشقا مىسالىي لەۋھەلەردە يېزىش، ھەمدە ھەر روھ ئىگىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ئەمەل دەپتەرلىرىنى لەۋھۇل مەھفۇزلاردا يېزىش ۋە پۈتۈشتىن ئىبارەت بولغان ئەنە شۇنداق كەڭرى ۋە ھىكمەتلىك ھالدىكى تەقدىر، دىققەتلىك ھالدىكى قەيت ۋە يېزىپ ساقلاش، پەقەتلا ئەڭ چوڭ سوتتا ئومۇمىي بىر ھېساپكىتاب نەتىجىسىدىكى دائىمى بىر مۇكاپات ياكى جازالار ئۈچۈندۇر. بولمىسا ئۇ بەكمۇ كەڭرى شەكىلدىكى ۋە يىپىدىنيىڭنىسىغىچە بولغان يېزىپ ساقلاشلار، تامامەن مەنىسىز ۋە پايدىسىز بولۇپ قالغان، ھىكمەتكە ۋە ھەقىقەتكە تامامەن زىت بولغان بولىدۇ. ۋە يەنە ھەشىر كەلمىسە، تەقدىر قەلىمى بىلەن يېزىلغان بۇ كائىنات كىتابىنىڭ بارلىق ھەقىقەتلىك مەنىلىرى بۇزۇلىدۇ. شۇڭا كەلمەسلىككە ھېچبىر ئېھتىمال يوقتۇر. بار بولسا ئۇ خىل ئېھتىمال بۇ كائىناتنى يوققا چىقارغاندەكلا بىر مۇمكىنسىزلىك، بەلكى بىر ئەخمىقانە جۆيلۈش ھېساپلىنىدۇ.

  خۇلاسە: ئىماننىڭ بەش ئاساسى بارلىق دەلىللىرى بىلەن يەنە بىر ئاساس بولغان ھەشر ۋە نەشرنىڭ بارلىقىغا ۋە بولىدىغانلىقىغا، ئاخىرەت ئالىمىنىڭ بارلىقىغا ۋە ئېچىلىشىغا دەلىل بولىدۇ ۋە شاھادەت قىلىپ تەلەپ قىلىدۇ.

  ھەشر ھەقىقىتىنىڭ بۈيۈكلىكىگە دەل مۇۋاپىق بولغان مانا شۇنداق بۈيۈك ۋە يىقىلماس تۈۋرۈكلەر ۋە دەلىللەر بولغانلىقى ئۈچۈندۇركى، قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرسى ھەشر ۋە ئاخىرەتنى تەشكىل قىلىدۇ. ھەمدە ئۇنى پۈتۈن ھەقىقەتلەرگە ئۇلتاش ۋە ئەڭ چوڭ ئاساس قىلىدۇ ۋە ھەر نەرسىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە بىنا قىلىدۇ.

(مۇقەددىمە بۇ يەردە تۈگىدى.)

———————————————-

ھەشر: ئۆلگەن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ قىيامەتتىن كېيىن تىرىلىپ مەھشەرگاھقا يىغىلىشى.-ت

ساماۋىي سەھىپىلەر: (تۆت) كىتاب بېرىلگەن پەيغەمبەرلەردىن باشقا بەزى پەيغەمبەرلەرگە چۈشكەن ئىلاھىي سەھىپىلەر.

سىددىقىين: ﷲ ۋە رەسۇلىغا ناھايىتى سادىق بولغانلار، ﷲ يولىدا ساداقەتتە ئەڭ باشتا بولغانلار.-ت

رۇبۇبىيەت: ﷲنىڭ ھەر يەردە، ھەر زامان، ھەر مەخلۇقىغا مۇھتاج نەرسىلىرىنى بېرىپ تەمىنلەش، بېقىش، باشقۇرۇش سۈپىتى.-ت

ئەسفىيا: تەقۋالىق ۋە كامالەت ئىگىسى بولۇپ، پەيغەمبەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بولغان ھەقىقەتپەرۋەر ئۆلىما.-ت

ھۇسنى خاتىمە: ئىمان بىلەن قەبىرگە كىرىش. ھاياتىنى ئىمان بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش.-ت

ۋاجىبۇل ۋۇجۇد: قەتئىييەن بار بولۇپ، يوق بولىشى مۇمكىن بولمىغان ().ت

ھەشر ۋە نەشر: ئىنسانلارنىڭ قىيامەتتىن كېيىن مەھشەرگاھقا توپلىنىپ تارقىلىشى.-ت

ئەزەلىي ھەكىم: باشلىنىشى بولمىغان؛ چەكسىز ھىكمەت ۋە دانىشمەنلىك ئىگىسى().-ت

ۋەھدەت: بىرلىك(ﷲنىڭ بىرلىكى)، تەۋھىد.-ت

ئەھەدىيەت: بىرلىك (ھەربىر شەيئىنىڭ رەببى بولغان ﷲنىڭ بىرلىكى).-ت

لەۋھۇل مەھفۇز: بولغان ۋە بولىدىغان ھەر ئىش ۋە ھەر نەرسە يېزىلغان تەقدىر لەۋھەسى.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.