ھەممە ئادەمگە ياخشى گۇمان قىلىش توغرا ئەمەس

ھەممە ئادەمگە ياخشى گۇمان قىلىش توغرا ئەمەس

ھۆسنى زەن يەنى قەتئى ياخشى گۇمان قىلمىساق بولمايدۇ! دېگەن قانداق گەپ؟

  سىلەرگە مەلۇم بولغان ئەجنەبى كومىتىسى تەرىپىدىن سۈيئىستىمال قىلىنغان ئۇستاد بەدىئۇززاماننىڭ:

  ” بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بولسا ھۆسنى زەن يەنى ياخشى گۇمان قىلىش“ جۈملىسىنىڭ ئىزاھى ھەققىدە توختىلىمىز:

ئۇ دىن دۈشمىنى بولغان زىندىق كومىتىتى شۇنداق دەيدۇ:

  مۇسۇلمان ھەرقانداق كىشىگە ھۆسنى زەن يەنى ياخشى گۇمان قىلىدىغان كىشىلەردىن بولىشى كېرەك. چۈنكى مۇسۇلماننىڭ قەلبى ساپ ۋە پاكىز بولىدۇ. ھەممە كىشىنى ئۆزىنىڭ ئەينىكىدە پاكىز كۆرىشى كېرەك. بۇ سەۋەپ تۈپەيلى زاھىرى جەھەتتە مۇسۇلمان كۆرۈنگەن ۋە بولۇپمۇ بەزىبىر ۋاقىتتا تەقۋادار كۆرۈنگەن كىشىلەرگە ئىشىنىشى كېرەك ۋە ئىسلامىيەتكە زىت كىلىدىغان ئەھۋاللىرىنى ۋە ئىش ھەركەتلىرىنى ياقتۇرىشى كېرەك. بۇ ئىسلامىيەتنىڭ بىر شىئارىدۇر(ئالامىتىدۇر).

  جاۋابەن دەيمىزكى: ئىسلام دىنىدە مۆئمىن كىشى ھەققىدە ھۆسىنى زەن(ياخشى گۇمان قىلىش) قىلىش ۋە سۈئى زەن(يامان گۇمان قىلىش)دىن ساقلىنىش ئاساستۇر. ئەمما ئىسلام ئۆلىمالىرى بەزى ئەھۋاللاردا سۈئى زەن قىلىشنىڭ ھارام ئەمەس ئىكەنلىكىنى بەلكى جائىز بولىدىغانلىقىنى كىلىدىغان ئايىتى كەرىمە ۋە ھەدىس شەرىپلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ بايان قىلغاندۇر. جانابى ھەق ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ 12-ئايىتى كەرىمىسىدە شۇنداق ئەمىر قىلغان:

يَا اَيُّهَا الَّذينَ امَنُوا اجْتَنِبُوا كَثيرًا مِنَ الظَّنِّ اِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ اِثْمٌ

  ”ئەي ئىمان ئېيىتقانلار! گۇمانلارنىڭ كۆپىنچىسىدىن ساقلىنىڭلار (مۆئمىنلەر ھەققىدە زاھىردىكى دەلىلگە يېقىن بولمىغان تەقدىردە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار. چۈنكى بۇ ھارامدۇر، جائىز ئەمەستۇر.) چۈنكى گۇمانلارنىڭ بەزىسىنىڭ ھەقىقەتەن گۇناھ بولىدىغانلىقىدا شەك شۈبھە يوقتۇر. (بىر دىن قېرىندىشى ھەققىدە ھەقىقەتكە خىلاپ بولغان بىر گۇماندا بولۇش ۋە بىر يامانلىق چاپلاش چوڭ بىر مەسىيەتتۇر ۋە دىنى قېرىنداشلىق ئاساسلىرىغا مۇخالىپ كىلدۇ. ئەمما بەزى گۇمانلار جائىزدۇر. ئۇلار گۇناھ ئەمەستۇر. ئۆزىدە سالىھلىق ھال ئەھۋالى، ئامانەتكە رىئايەت قىلىش ۋە شەرئى ئەدەپلەرگە رىئايەت قىلش ۋە ئەگىشىش كۆرۈنمىسە، غەيرى مەشرۇ ئىشلارنى ئاپئاشكارە قىلغانلىقى كۆرۈلگەن بىر كىشى ھەققىدىكى يامان گۇمان قىلىشقا ئوخشاش.)

  ”ئەل بەھرۇل مۇھىت“ ئاتلىق تەپسىردە بۇ ئايەت شۇنداق ئىزاھ قىلىنىدۇ: ”سىلەر گۇمانىڭلارغا بىنائەن ئەمەل قلىماڭلار. ئاللاھ جەللە جالالۇھۇ سىلەرگە گۇماندىن ساقلىنىشڭلارنى ئەمىر قىلىدۇ. تاكى بەزىلىرىڭلار ئويلانماستىن ۋە مەسىلىنىڭ تېگىگە يەتمەستىنلا قايسى خىل گۇمان ھەق ۋە قايسى خىل گۇمان باتىل بولىدىغانلىقىنى دەل ئايرىماستىنلا گۇمان قىلىشقا جۈرئەت قىلمىسۇن. “

  ”ئايىتى كەرىمىدە چەكلەنگەن گۇمان بولسا بەزى گۇمانلار بولۇپ، ئۇنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىگە قەتئىييەن ھۆكۈم چىقىرىلغاندۇر. شۇنداق، بىر قانچىلىغان گۇمان بار بولۇپ ئەمارىلىرى ئۇنىڭغا قۇۋۋەت بەرگەچكە گۇناھ ھېساپلانمايدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى شۈبھەلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولسا، ئوچۇق بىر شەكىلدە بۇزۇق(ھەبىس) نەرسىلەرنى تاللىغان(قىلغان) بولسا ئۇنىڭ ھەققىدە يامان گۇمان قىلىشقا بولىدۇ. ھاراق سېتىلىدىغان دۇككانلارغا كىرىپ چىقىش، ناخشا ئېيتىدىغان ئاياللار بىلەن سۆھبەت قىلىش، سۈزۈك پارلاق ياشلارغا قاراش ۋە باشقىلارغا ئوخشاش. بۇ ئەمارىلەر ئۇ كىشى ھەققىدە ياخشى گۇمان قىلىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ. دېمەك بۇ خىل كىشىلەر ھەققىدە يامان گۇماندا بولۇش گۇناھ ئەمەستۇر. بىز بۇ كىشىنى ھاراق ئىچىۋاتقاندا، زىنا قىلىۋاتقاندا ۋە پارلاق سۈزۈك يىگىتلەر بىلەن ئوينىشىپ يۈرگىنىنى كۆرمىسەكمۇ گەرچە، يەنە ھەققىدە يامان گۇمان قىلىش جائىزدۇر. ئەمما كۆرىنىشتە سالىھ بولغان ئىنسان ھەققىدە دەلىلسىزلارچە يامان گۇمان قىلىش جائىز ئەمەستۇر.“

  قۇرتۇبى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە شۇنداق دېگەن: ”بۇ ئايەتتە چەكلەنگەن گۇمان مۆئمىنلەرگە تۆھمەت چاپلاشتۇر. دىندە ھەزەر ئەيلەشكە تىگىشلىك بولغان ۋە چەكلەنگەن گۇمان بولسا، ئۇنى قىلىشقا بىر سەۋەبى بولمىغىنىدۇر. مەسىلەن: بىر كىشىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ۋەياكى ھاراق ئىچكەنلىكىنى كېرەك قىلغان بىر ئەھۋال، ھالەت ۋە ئەمارە بولمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ۋە ھاراق ئىچكەنلىكىنى ئويلىنىشقا ئوخشايدۇ. دىنىمىزدا ساقلىنىشىمىز كېرەك بولغان گۇمانلار بولسا ھەققىدە ئۇنى توغرىغا چىقىرىدىغان(ئىسپاتلايدىغان) بىر ئەمارە ۋە شەكشۈبھە بولمىغان گۇمانلاردۇر. ئەمما ھەققىدە ئۇنى تەستىقلايدىغان ئەمارە ۋە شۈبھىلەر بار بولغان گۇمانلار ھارام ئەمەستۇر.“

  ھەسەنى بەسرى دەيدۇكى: ”بىز شۇنداق بىر ئەسىردە ياشىدۇقكى ئىنسانلار ھەققىدە يامان گۇمان ھارام ئىدى. ئەمدىلىكتە سەن شۇنداق بىر زاماندا ئەسىردە ياشاۋاتىسەنكى ئەمىلىڭنى بىجىر ۋە سۇكۇت قىل. ئىنسانلار ھەققىدە خالىغىنىڭنى ئويلان.“

  ”رۇھۇل مەئانى“ ئاتلىق تەپسىردە بۇ ئايىتى كەرىمە ھەققىدە شۇنداق دىيىلمەكتە: ”ئوپئوچۇق گۇناھلارنى قىلمىغان ۋە زاھىردە سالىھ كىشى كۆرۈنۈپ، دىن ۋە دىيانىتى جەھەتتىن خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىرىدىغان سۈپەتلەر ئۆزىدە كۆرۈنگەن كىشى ھەققىدە يامان گۇمان قىلىش ھارامدۇر. ئەمما بىر كىشى ئۇنىڭ ھەققىدە ئىنسانلارنىڭ شەك ۋە شۈبھىلىرىنى ئويغىتىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان بولسا ۋە يامانلىقلارنى ئاشىكارە قىلغان بولسا، مەسىلەن: ھاراق سېتىلغان دۇككانلارغا كىرىپ چىقسا، ناخشا ئېيىتقان فاجىرە بۇزۇق ئاياللار بىلەن سۆھبەت قىلسا، تۈك چىقمىغان ۋە پارلاق سۈزۈك يىگىتلەرگە داۋاملىق قاراپ نەزەر سالسا، دېمەك بۇ كىشىنىڭ ھاراق ئىچكىنى، زىنا قىلغانلىقى ۋە ياشلار بىلەن ئوينىغانلىقى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ ھەتتا، بۇ كىشى ھەققىدە يامان گۇمان قىلىشقا بولىدۇ ۋە بۇ خىل يامان گۇمانلار گۇناھ ئەمەستۇر. “

  ” بىر كىشىنىڭئىنسانلارنىڭ شۈبھىلىرىنى قوزغايدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولمىغان ۋە يامانلىقلارنى ئوپئوچۇقتىن ئىشلىمىگەن مۇئمىنلەر ھەققىدە ئاتايىن ئىرادە قىلىپ ۋە ئىختىيارى شەكىلدە يامان گۇماندا بولىشى ۋە ئاندىن كېيىن شۇ بۇيىچە(ئۇنى ئاساس قىلىپ) ئەمەل قىلىشى ھارامدۇر. ئەگەر بۇ گۇمان، كىشىنىڭ ئختىيارى شەكىلدە تاللىشى ۋە ئىرادە قىلىشى ئارقىلىق بولمىسا، ئەمىلى بىر ئىش ھەركەت سادىر بولمىغان تەقدىردە يەنى قەستەنلىك بولماستىن ھەققىدە يامان گۇمان قىلىنغان كىشىنى پەس دەپ خورلىمىغان بولسا ۋە ئۇ ھەققىدە گۇمان قىلغان نەرسىلىرىنى خەلىققە سۆزلىمىگەن بولسا گۇناھ بولمايدۇ.“

  ”بىر كىشىنىڭ ئىنسانلارنىڭ شۈبھىرلىرىنى قوزغايدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولمىغان ۋە يامانلىقلارنى ئوپئوچۇق ئىشلىمىگەن كىشى ھەققىدە ئۆز نەپسىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارى بىلەن يامان گۇماندا بولىشى ئۇنى باشقىلارغا دىمەسلىك شەرتى بىلەن جائىزدۇر.“

  مەسىلەن: بىر مۇئمىننىڭ بىر كىشى ھەققىدە: ”ھەرۋاقىت بۇ كىشى ماڭا زىيان سېلىشى مۇمكىن، بۇ كىشى ماڭا يامانلىق قىلىشى مۇمكىن“ دەپ ئەندىشە قىلىشى ۋە بۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا قارىتا تەدبىر ئېلىشى جائىزدۇر. نىتەكىم ھەدىستە بايان قىلىنغان:

  ”خاتىرجەملىك ۋە تەدبىر ئېلىشنىڭ بىر بۆلىمى بولسا يامان گۇمان قىلىشتۇر.“ يەنى كىشى ئۆزىنى كاپالەتكە ئېلىشى ئۈچۈن باشقىلارغا دىمەسلىك شەرتى بىلەن: ئىنسانلاردىن ھەردائىم ماڭا يامانلىق كىلىشى مۇمكىن دەپ قاراپ ئۇلاردىن كىلىش ئىھتىمالى بولغان زىيانلاردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن تەدبىر ئالسا بولىدۇ.

  تەبارانىنىڭ رىۋايەت قىلغان خەۋىرىدە بولسا پەيغەمبىرىمىز شۇنداق بۇيىرىغاندۇر:

  ” يامان گۇمان بىلەن ئىنسانلاردىن كىلىدىغان زىيانلاردىن ساقلىنىڭلار.“

  مۇپەسسىر ۋە مۇجتەھىتلەرنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن پايدىنىلىپ دىگەن بۇ بايانلىرىدىن چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، يامان گۇمان قىلىش ھەرقانداق ۋاقىتتا ۋە ھەر قانداق يەردە ھارام ئەمەس. كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرىتىنى مۇھاپىزەت قىلىشى ئۈچۈن بەزىدە يامان گۇماندا بولىشى جائىزدۇر ۋە ھەتتاكى بۇ دىنىمىزنىڭ ئەمرىدۇر. شۇنداق ئىسلام دىنى ھەرقانداق نەرسىگە بىر مىزان ۋە بىر ئۆلچەم قويغىنىدەك، بۇ مەسىلىدىمۇ بىر ئۆلچەم قويغاندۇر. چۈنكى ئىسلام شەرىئىتى سىراتى مۇستەقىيمدۇر (يەنى شەرىئەت ئۆلچەمدۇر). ئىنساننىڭ پۈتكۈل ئىش ھەركەتلىرى، سۆزلىرى ۋە ئەھۋالىنى، ئىفرات يەنى ھەددىدىن ئاشۇرىۋىتىش ۋەياكى تەفرىت يەنى چەكتىن كېمەيتىۋىتىشتىن مۇھاپىزەت قىلىپ ۋاسات يولى(شەرئى) بولغان ئىستىقامەتكە باشلايدۇ. ھەر نەرسىنىڭ ئىفرات ۋە تەفرىتى زىيانلىقتۇر. مەسىلەن: كىشى ھەردائىم خەۋپ ۋە رىجا يەنى قورقۇش ۋە ئۈمىت ئوتتۇرسىدا تۇرشى ۋە بۇلىشى كېرەك. ئىككىسىدىن خالىغان بىرسى ئىفرات ۋەياكى تەفرىت مەرتىۋىسىدە بولسا سىراتى مۇستەقىيمدىن چىقىدۇ، ئايرىلىدۇ ۋە ئاقىۋىتى زىيانغا ئۇچىرايدۇ. ئەگەر بىر كىشىدە قۇرقۇش ئىفرات مەرتىۋىدە بولسا، ئۈمىت تەفرىت مەرتىۋىسىدە بولسا، ئۇ كىشى ئۈمىتسىزلىككە چۈشۈپ ئاللاھىنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىت كىسىدۇدە رەھمەتتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئەگەر قورقۇش تەفرىت مەرتىۋىسىدە، ئۈمىت ئىفرات مەرتىۋىسىدە بولغان كىشى، ئىلاھىي رەھمەت بىلەن مەغرۇرلىنىپ قېلىپ ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇپ قالىدۇ.

  دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، زاھىر جەھەتتىن مۇسۇلمان كۆرۈنگەن كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇن يامان ئەخلاقى بار بولىشى مۇمكىن. ھەتتا مۇناپىقلىق ۋە خىيانەت قىلىشتەك ئەڭ يامان ئەخلاقلارغىمۇ ئىگە بولۇش ئىھتىمالى بار. مۇسۇلمانلارغا قارىتا ياخشى گۇمان ۋە يامان گۇمان ئوتتۇرىسىدا بولۇش كېرەكتۇركى، يۇشۇرۇن يامان ئەخلاق ساھىپى بولغان كىشىلەردىن كىلىش ئىھتىماللىقى بولغان زىيانلاردىن ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلسۇن ۋە قىلالىسۇن. ئەگەر بۇ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ بۇلاردىن ئىفرات قىلىپ ۋەياكى تەفرىتكە چۈشسە سىراتى مۇستەقىيمدىن چىقىدۇ ۋە ئاقىۋىتى زىيانغا ئۇچىرايدۇ. تۆۋەندىكىچە: ئەگەر كىشىدە ئىنسانلارغا قارىتا ياخشى گۇمان ئىفرات مەرتىۋىدە بولسا، ھەركىشىگە ئىشىنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ مېلى، جېنى، ئارنۇمۇسى ۋە ھەتتاكى ئەڭ خەتەرلىكى بولسا دىنى ۋە ئاخىرىتى زىيانغا ئۇچىرايدۇ. دېمەك بۇ دەستۇرغا بىنائەن، ئەگەر بىر كىشى بولۇپمۇ ناچار ئالىم ئۆلىمالار، ناچار ئەمىر باشلىقلار ناھايتى كۆپىيىپ كەتكەن بۇ ئاخىر زاماندا، ئىشىەنچ قىلغان ۋەياكى باغلانغان كىشىلەرگە قارىتا ئىفرات مەرتىۋىدە ياخشى گۇمان قىلسا، ئۇلاردىن زىيان كۆرىدۇ. ئۇنداقتا بۇ جەھەتتە كۆپ دىققەت قىلىپ ئەگەشكەن كىشىنىڭ ئىش ھەركىتى، سۆزى ۋە ئەھۋالىنى مۇتلەق توغرا دەپ قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك. شەرىئەت ئۆلچىمى بىلەن يەنى قۇرئان، سۈننەت، ئىجما ۋە قىياس ئۆلچىمى بىلەن تارتىپ ئۆلچەپ، مۇۋاپىق كەلسە قوبۇل قىلىش كېرەك، مۇخالىپ كەلسە رەت قىلىش لازىم ۋە ئۇلارنى رەھبەر قىلماسلىق كېرەك.

  شۇنداق، ھېچقانداق بىر ئەسىر، بىز ھازىر ئىچىدە ياشاۋاتقان ئەسىرىمىزدەك پىتنىكار بولمىغاندۇر(پىتنەپاساتقا تولمىغاندۇر). چۈنكى بۇ ئەسىر، باتىل ھەق سۈرىتىدە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. كىشى ئىمان بىلەن كۇپۇرنى، ھەق بىلەن باتىلنى بىر بىرىدىن پەرىق ئىتەلمەيدۇ، كۇپۇرغا ۋە ئازغۇنلۇققا تەرەپتار بولىدۇ. دۈشمىنىنى دوسىت بىلىپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ. دېمەك بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى بۇ ئەسىردىكى ئىنسانلارنىڭ بۇ يارىسىنى پەرق ئەتكەن ۋە ئەڭ چوڭ ئىزتىرابىنىڭ بۇ سەۋەپلىك بولغانلىقىنى تۆۋەندە كىلىدىغان ئىپادىلەر بىلەن بىلدۈرگەندۇر. ” ماڭا ئىزدىراپ بەرگەن ئازاپلىغان نەرسە پەقەتلا ئىسلامنىڭ دۇچار بولغان خىيىمخەتىرى ۋە تەھلىكىلىرىدۇر. بۇنىڭدىن بۇرۇن خەۋپخەتەرلەر بولسا سىرىتتىن كىلەتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇقاۋەمەت قىلىش يەنى قارشى چىقىش ۋە تاقابىل تۇرۇش قولاي ئىدى. ئەمدى بولسا خەۋپخەتەر ئىچىدىن يەنى ئىچىمىزدىن كىلىۋاتىدۇ. قۇرۇت بەدەننىڭ ئىچىگە كىردى. ئەمدىلىكتە بولسا تاقابىل تۇرۇش قىيىنلاشتى. قورقىدىغان يىرىم ۋە ئەنسىرەيدىغىنىم، جەمىيەتنىڭ ۋۇجۇدى ۋە فىترەتى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. چۈنكى دۈشمەننى سەزمەيدۇ. قان تومىرىنى يۇلۇپ تاشلاپ قېنىنى ئىچكەن ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنى دوست دەپ قارايدۇ. جەمىيەتنىڭ باسىرەت كۆزى، پاراسىتى ۋە سەزگۈھۇشيارلىقى مۇشۇنداق كۆرلەشكەن يەردە، ئىمان قەلئەسى خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ. دەل مۇشۇ ئۆزى مېنىڭ ئىزدىراپىمدۇر، يىگانە ئىزدىراپىممۇ مۇشۇدۇر. بولمىسا شەخسىمنىڭ دۇچار بولغان زىيانزەخمەتلەر ۋە مۇشەققەتلەرنى ھەتتاكى ئويلىنىشقىمۇ ۋاقتىم يوقتۇر. كەشكى بۇنىڭ مىڭ مىسلىچلىك مۇشاققەتلەرگە دۇچار بولغان بولسا ئىدىم، ئىمان قەلئەسىنىڭ ئىستىقبالى سالامەتتە قالغان بولسا رازى بولاتتىم ! “(تارىخچەئى ھايات، 628-بەت ) ئەگەر ئىنسانلارغا قارشى ھۆسنى زەن يەنى ياخشى گۇمان قىلىش تەفرىت مەرتىۋىدە يەنى ھەددىدىن كېمەيگەن بولسا ۋە سۇئى زەن يەنى يامان گۇمان قىلىشى ئىفرات مەرتىۋىدە يەنى ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەن بولسا، ھەرقانداق ئادەمگە تەنقىد نەزىرى بىلەن قارايدۇ، ئەيىپىنى ئىزدەيدۇ، قۇسۇر تاپىدۇ ۋە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىنسانلار ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنىڭغا كىلىدىغان ياخشىلىقخەيرلەردىن ۋە مەنپەئەتلەردىن مەھرۇم قالىدۇ. بولۇپمۇ بۇ يامان گۇماننىڭ ئىفرات مەرتىۋىسىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك نەتىجىسى بولسا سەلەفى سالىھىن ۋە ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەققىدىمۇ يامان گۇمان قىلىپ، ئۇلارغا قارشى ئىشەنچىسىنى يۇقىتىپ، ئۇلارنىڭ جاددەئى كۇبرا دىيلدىغان قۇرئان يولىدىن ئايرلىپ ۋەھىمىدە قالىدۇ ۋە ئازغۇنلۇققا چۈشىدۇ. سەلەفىي سالىھىنلارغا قارىتا ئىشەنچىسىنى يۇقىتىپ قويغان بۇ كىشىلەر بۇ ئەسىردە ئەدىللەئى شەرئىيە يەنى قۇرئان، سۈننەت، ئىجما ۋە قىياسنى ئۆلچەم قىلغان ۋە خىزمەتلىرىنى بۇ ئۆلچەم ئاساسىدا بىنا قىلغان ھەقىقى ئالىملارنىمۇ ئاڭلىمايدۇ ۋە ئۇلارغا قارشى يامان گۇماندا بولىدۇ ۋە بۇ سەۋەپ بىلەن ھەق ۋە ھەقىقەتنىمۇ ئۈگىنەلمەيدۇ.

  ئۇستاد بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىمۇ بۇ مەسىلىنى مۇنازارات ئىسىملىق ئەسىرىدە، شەرىقتىكى قەۋمئەشىرەتلەر بىلەن قىلغان بىر سۆھبىتىدە شۇنداق ئىزاھ قىلغاندۇر:

  (س: نىمىشقا بۇلارنىڭ ھەممىسىگە يامان دەيسىەن، ھالبۇكى بىزنىڭ ياخشى خەيىرلىك بولىشىمىزنى خالاۋاتقاندەك كۆرىنۋاتىدۇ؟) قوللىنىلغان ’بۇلارنىڭ‘ كەلىمىسى پەقەتلا ئۇ كۈندىكىلەرنىلا ئەمەس، ئاخىرقى ئەسىرنىڭ پۈتكۈل زالىم ئىدارە قىلغۇچىلىرىنى قەسىت قىلىدۇ.

  (ج: ھېچقانداق مۇفسىت)بۇزغۇنچى(مەن”مۇفسىتمەن“دىمەيدۇ، دائىما ھەق سۈرىتىدە كۆرىنىدۇ) ھەق بىلەن بىر سەپتە تۇرۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ. (ياھۇت)سەمىمىدۇر، لىكىن جاھىل بولغانلىقى ئۈچۈن(باتىلنى ھەق دەپ قارايدۇ. شۇنداق، ھېچكىم ”مېنىڭ ئايرىنىم دوغۇم ئچىپ قاپتۇ“) دىمەيدۇ. ئەمما سىز مىھاققا يەنى ئىبارە خاتالىقى بىلەن مىھەنگە يەنى كىتاپ ۋە سۈننەت ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىمەستىن قوبۇل قىلماڭلار!

  مەھاق كەلىمىسى ئەرەپچە ’سۈرۈشتۈرۈش‘ مەنىسىدىكى” ھاق “ دىن ئېلىنغاندۇر. تۈگە قوتۇر بولسا بەدەۋىلەر بىر دەرەخ قاداپ قويىدىكەن، قوتۇر ھايۋان ئۇنىڭغا سۈركەلسۇن دەپ. دىمەك تۈگىنىڭ سۈرىنىدىغان ئۇ دەرەخ پارچىسى’’ مەھاق “ دىيىلىدۇ. كىيىنلەرچە بۇ كەلىمە ئورنىغا مەشھۇر خاتا ئىبارە بىلەن ”مىھەنك“ دەپ قوللىنىلىپ قالغان. كىشىلەرنىڭ ئۆرپىدە بولسا ”مەھاق“ ماددىنىڭ ئالتۇن ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەسۋاپقا دىيىلگەن. (چۈنكى كۆپ ساختا سۆز)ئۆتمەيدىغان پۇل(ئۆتمەس ماتا)نىڭ تىجارەتتە كىزىپ يۈرىشىگە ئوخشاش ھەق نامى بىلەن ئوتتۇرىدا كىزىدۇ. ھەتتاكى مېنىڭ سۆزۈم بولسىمۇ، سۆزلىرىمنى كىتاپ ۋە سۈننەت ئۆلچەملىرى بىلەن تارتىڭلار ۋە ئۆلچەڭلەر. ئەگەر ئالتۇن چىقسا، شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولسا قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار. ئۇ سۆزلەرگە ساھىپ چىقىڭلار. مىس چىقسا، كىتاپ ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن بولمىسا، ئۈستىگە غەيۋىتىمنى قويۇپ ئارقىسىغا بەددۇئالىرىڭلارنى چاپلاپ مېنى رەت قىلىڭلار ۋە ماڭا ئەۋەتىۋىتىڭلار!) پەقەتلا مېنىڭ سۆزۈم ئۈچۈنلا ئەمەس، ئاڭلىغان ھەرقانداق سۆز ئۈچۈن بۇ يولنى تۇتۇڭلاركى بوزۇق مۇفسىتلەر ۋەياكى مۇفسىتلەرگە ئالدانغان زاۋاللىق شۇم پىشانىلەر سىلەرنىمۇ ئالدىمىسۇن.

  (جاھىل تۇرساق، سىلەردەك ئەھلى ئىلىملەرنى تەقلىت قىلىمىز؟) قاباھىتىڭىز ئۆزىڭىزدە! (ج: گەرچە جاھىل بولساڭلارمۇ) ئىلىم تەھسىل قىلمىغان بولساڭلارمۇ ئەمما ئاقىل تۇرساڭلار، ھەمدە زىرەكلىكىڭلار دەل جايىدا. (قايسىڭلار بىلەن زەبىب يەنى ئۈزۈم ئورتاقلاشسام ۋە يەيلى دىسەم، زېرەكلىك قىلىپ ماڭا ھىلە ئىشلىتىشىڭلار مۇمكىن. ئورتاقلاشقان ئۈزۈمنىڭ كۆپىنچىسىنى شۇنداقلا ياخشىسىنى ئۆزۈڭلارغا تاللىۋالىسىلەر. دېمەك جاھىللىقىڭلار ئۆزۈر بولالمايدۇ!) دېمەك بىربىرسىگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدىكى پەرقىنى كۆرسەتكەن سەمەرەمىۋىسىدۇر. كۆرۈنىشتە بىر بىرىسىگە ئوخشىشىپ كەتكەن ئىنسانلارنى ئايرىغان ئىلمىنىت بولسا ئەمەللىرىدۇر. كىمنىڭ دىگىنى ۋە قىلغىنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولسا ئۇنىڭغا قاراڭلار. ئۇنداق بولسا بۇ ئۆلچەملەرگە قارىتا مېنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىمىزنىڭ نەتىجىلىرىگە قاراڭلار. دېمەك بىرىسىدە بولسا، مېنىڭ سۆزلىگەنلىرىم تەتبىق قىلىنغان ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىستىراھەت ۋە ئىتائەتتۇر. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ئەتراپىدا توپلىنىپ مۇئمىنلەرنىڭ ئىستىراھىتىنىڭ تەمىن قىلىنىشىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ شەرئى شۇراغا يەنە شەرىئەت مەجلىسىگە ئىتائەت قىلىشىنى تىلەيمەن.

  كىتاب ۋە سۈننەتكە تايانمىغان يەنە بىرسىدە بولسا، ئېغىزى نە قەدەر گۈزەل سۆز سۆزلىسە سۆزلىسۇن، سۆزلىگەنلىرىنىڭ نەتىجىسىدە بۇ مۇسۇلمان خەلىق ئۈچۈن ئىختىلاپ ۋە زىيان ساقلانغاندۇر. شەرئى شۇرا يەنى شەرىئەت مەجلىسى سىستىمىسى كىتاب ۋە سۈننەتكە ئاساسلىنىپ ئىستىبدات زوراۋان دىكتاتورلىقنى سۇندۇرغىنىغا ئوخشاش، زالىملار توختايدۇ ۋە مەزلۇملار راھەتلەيدۇ. ئۇستاد بەدىئۇززامان كىچىك دائىرىدە ۋە دىن ئىشلىرىدا رىسالەئى نۇرنىڭ كىلىدىغانلىقىنى، سىياسەت ئالىمىدىكى بۈيۈك دائىرىدە بولسا يۈز يىلدىن كىيىن شەرىئەتنىڭ تەتبىق قىلىنىدىغانلىقى زامانىنى ھىس قىلىپ سۆزلىگەن. شەخسى ئىستىبدات دىكتاتورلۇقزوراۋانلىقلار ۋە كېيىن كەلگەن جەمىئىيەت ئىستىبداتلىرى دىكتاتورلىقى بولسا ئىختىلاپ ۋە زىياندىن باشقا ياخشى نەتىجىگە سەۋەپ بولمىغاندۇر.

  خۇلاسە: ئىسلام دىنىدە مۇئمىنلەرگە قارىتا ياخشى گۇمان قىلىش ئاساستۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىنىڭ جېنىنى، مېلىنى، ئار ۋە نۇمۇسىنىمۇ، دىن، دۇنيا ۋە ئاخىرىتىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلارغا قارىتا يامان گۇمان قىلىشمۇ جائىزدۇر ۋە بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەمىرىدۇر. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بۇ تېمىدا شۇنداق بۇيرىغاندۇر:

  ” يامان گۇمان قىلىش بىلەن ئىنسانلىرىدىن كىلىدىغان(ئىھتىماللىقى بولغان) زىيانلاردىن ساقلىنىڭلار.“ ئۇنداق بولسا ياخشى گۇمان بىلەن ۋەزىپدار بولغىنىمىزدەك، بەزىدە يامان گۇمان بىلەنمۇ ۋەزىپىدارمىز. ئىسلام دىنى پۈتۈن پىئىلمىز يەنى ئىش ھەركەتلەرنى، سۆزقەۋلىمىزنى ۋە ھالئەھۋالىمىزنى ۋاسات يەنى شەرئەتكە ئۇيغۇن مەرتىۋىدە بولىشىنى، ئىفرات(ئاشۇرىۋىتىشتىن) ۋە تەفرىتتىن(كېمەيتىۋىتىشتىن) ساقلىنىشىمىزنى بىزلەرگە ئەمىر قىلماقتىدۇر. شەرئەت بىر ئۆلچەمدۇر. دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادىتىمىز ئۈچۈن پۈتكۈل پىئىلھەركىتىمىز، سۆز قەۋلىمىز ۋە ھالئەھۋالىمىزنىڭ شەرىئەت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق بولىشى شەرت بولغىنىدەك، مۇئمىنلەرگە قارىتا ياخشى گۇمان قىلىش ۋەياكى يامان گۇمان قىلىشىمىزمۇ ئۇ شەرىئەت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق بولىشى، ياخشى گۇمان قىلىش ۋە يامان گۇمان قىلىش تەڭپۇڭلىقىنى ساقلشىمىز شەرىتتۇر. ئەۋۋەل ئەمىردە بىر مۇسۇلمانغا يولۇققان چېغىمىزدا دەرھاللا پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ. ” %50 مېنى ئالدىشى مۇمكىن ۋە ماڭا زىيان بىرىشى مۇمكىن . %50 ئىشەنچىلىك بىرىسىدۇر ۋە ماڭا مەنپەئەتى تىگىشى مۇمكىن. “ نەزىرى بىلەن قاراش كېرەك. شەرىئەت ئۆلچىمى بىلەن ئۇ كىشىنى ئۆلچەپ تارتىشىمىز كېرەك. تەجرىبىلەر نەتىجىسىدە ئۇ كىشىنىڭ سالىھ كىشى ۋە ئىشەنچىلىك بىرسى ئىكەنلىكى ھەققىدە دەل قانائەت ھاسىل بولسا، ئۇ ۋاقىت ئۇنىڭغا ئىشىنىشى كېرەك. بولۇپمۇ دىن نامىغا يەنى دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ھەممىلا كىشىگە ئىشەنمەسلىك كېرەك. چۈنكى بەزىدە سالىھ دەپ قارىغان كىشى تالھ(بوزۇقيامان) چىقىپ قالىدۇ.

(رەددۇل ئەۋھام كىتابىدىن ئېلىندى)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.