ۋەسۋە دىگەن نىمە؟ قۇتۇلۇش يولىنى بىلەمسىز؟

ۋەسۋە دىگەن نىمە؟ قۇتۇلۇش يولىنى بىلەمسىز؟

(قەلبنىڭ بەش يارىسىغا بەش مەنىۋى داۋادىن ئىبارەت)

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿رَبِّ اَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ❁

وَاَعُوذُ بِكَ رَبِّ اَنْ يَحْضُرُون﴾

  ئەي ۋەسۋەسە كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان! ۋەسۋەسەڭ نېمىگە ئوخشايدۇ بىلەمسەن؟ بالامۇسىبەتكە ئوخشايدۇ. ئەھمىيەت بەرگەنسېرى يوغىنايدۇ. ئەھمىيەت بەرمىسەڭ ئۆچىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ دەپ قارىساڭ چوڭىيىدۇ، كىچىك دەپ قارىساڭ كىچىكلەيدۇ. قورقساڭ ئېغىرلىشىدۇ، كېسەل قىلىدۇ، قورقمىساڭ يىنىكلەيدۇ، يوشۇرۇن قالىدۇ. ماھىيىتىنى بىلمىسەڭ داۋاملىشىدۇ، ماكانلىشىدۇ. ماھىيىتىنى بىلسەڭ، ئۇنى تونىساڭ كېتىدۇ. ئۇنداقتا شۇ بالالىق ۋەسۋەسىنىڭ كۆپلىگەن قىسىملىردىن كۆپ ئۇچرايدىغان پەقەت بەش تەرىپىنى بايان قىلىمەن، بەلكى ساڭا ۋە ماڭا شىپا بولۇر. چۈنكى شۇ ۋەسۋەسە شۇنداق نەرسىدۇركى، ئىلىمسىزلىك ئۇنى دەۋەت قىلىدۇ. ئىلىم ئۇنى قوغلايدۇ. تونىمىساڭ كېلىدۇ، تونۇساڭ كېتىدۇ.

  بىرىنچى تەرەپ، بىرىنچى يارا: شەيتان ئاۋۋال (ئىنكارغا ئائىت) شۈبھىنى قەلبكە تاشلاپ باقىدۇ. ئەگەر قەلب قوبۇل قىلمىسا، ئۇ شۈبھىدىن ئەدەپسىز ياكى خاتا پىكىرگە ئۆتىدۇ. يەنى، خىيالغا قارىتا شۇ خىل بەزى نىجىس ئويلارنى ۋە ئەدەپكە زىت يىرگىنچ ھاللارنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. قەلبنى قورقۇتۇپ «ۋايدېگۈزىدۇ. ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈرىدۇ. ۋەسۋەسىلىك ئادەم ئۆزىنىڭ قەلبىنىڭ رەببىگە قارشى ئەدەپسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ قالىدۇ، دەھشەتلىك بىر ھاياجانلىنىشقا ۋە جىددىيلىشىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھوزۇرلۇق ئىبادەتتىن قېچىپ، غەپلەتكە شۇڭغۇشنى خالايدۇ. بۇ خىل يارىنىڭ دورىسى بۇدۇر:

  قارا، ئەي بىچارە ۋەسۋەسىلىك ئادەم! جىددىيلەشمە! چۈنكى سېنىڭ خىيالىڭغا كەلگەن (ھۆكۈملىك) ئەدەپسىزلىك(شەتم) ئەمەس. بەلكى ئويلىنىشتۇر، كۇپۇرلۇقنى ئويلىنىش كۇپۇر بولمىغىنىدەك، ئەدەپسىزلىكنى ئويلىنىشمۇ ئەدەپسىزلىك ئەمەس. چۈنكى مەنتىق بويىچە ئويلىنىش ھۆكۈم ئەمەستۇر. ئەدەپسىزلىكنىڭ ئۆزى بولسا ھۆكۈمدۇر. ھەم بۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يىرگىنچلىك سۆزلەر سېنىڭ قەلبىڭنىڭ سۆزلىرى ئەمەس. چۈنكى سېنىڭ قەلبىڭ ئۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىۋاتىدۇ ۋە قايغۇرىۋاتىدۇ. ئەكسىچە ئۇلار قەلبكە يېقىن بولغان بىر شەيتانىي لۈممەدىن كېلىۋاتىدۇ. ۋەسۋەسىنىڭ زىيىنى، زىيان بار دەپ قېلىشتۇر. يەنى، ئۇنى زىيانلىق دەپ قەلبىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراشتۇر. چۈنكى ھۆكۈمسىز بىر ئويخىيالنى ھەقىقەت دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ، ھەمدە شەيتاننىڭ ئىشىنى قەلبىمنىڭ ئىشى دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزىدىن دەپ قاراپ زىيانغا ئۇچرايدۇ. ھېلىمۇ شەيتاننڭ خالىغىنىمۇ بۇدۇر.

  ئىككىنچى تەرەپ شۇدۇركى: مەنالار قەلبدىن چىققان ۋاقىتتا، سۈرەتلەردىن يالىڭاچ شەكىلدە خىيالغا كىرىدۇ، ئۇ يەردە سۈرەتلەرنى كىيىدۇ. خىيال بولسا، ھەر ۋاقىت بىر سەۋەب ئاستىدا بىر تۈرلۈك سۈرەتلەرنى توقۇيدۇ. ئەھمىيەت بەرگەن نەرسىنىڭ سۈرەتلىرىنى يول ئۈستىدە تاشلاپ قويىدۇ. قايسى مەنە ئۆتسە يا ئۇنىڭغا كىيدۈرىدۇ، يا تاقايدۇ، يا يۇقتۇرىدۇ، يا پەردە قىلىدۇ. ئەگەر مەنىلەر يۈكسەك ۋە پاك بولسا، سۈرەتلەر كىر ۋە رەزىل بولسا كىيىش يوقتۇر، بىراق تىگىش بار. ۋەسۋەسىلىك ئادەم تىگىشىشنى كىيىش بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. «ۋاي ئىسىت! قەلبىم نەقەدەر بۇزۇلغان. بۇ پەسلىك، بۇ نەفىسنىڭ رەزىللىكى مېنى تۈگەشتۈرىۋېتىشى مۇمكىن» دەيدۇ. شەيتان ئۇنىڭ بۇ ھېسسىدىن كۆپ پايدىلىنىدۇ. شۇ يارىنىڭ مەلھىمى (دورىسى) شۇدۇر:

  ئاڭلا ئەي بىچارە! مەسىلەن، سېنىڭ نامىزىڭنىڭ پاكىزلىققا ئائىت ئەدىپىنىڭ ۋاستىسى بولغان سىرتقى تاھارەتكە، قورسىقىڭنىڭ ئىچىدىكى نىجاسەت تەسىر قىلمايدۇ، بۇزمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش: مۇقەددەس مەنىلەرنىڭ چىركىن سۈرەتلەرگە يېقىن بولىشى زىيان بەرمەيدۇ. مەسىلەن سەن ﷲنىڭ ئايەتلىرىنى تەپەككۈر قىلىۋاتقان ۋاقتىڭدا، بىردىنلا بىر كېسەللىك، يا بىر ئىشتىھا، يا كىچىك تەرەتكە ئوخشاش جىددىي ئىھتىياج سېنىڭ ھېسسىڭنى قوزغايدۇ. ئەلۋەتتە سېنىڭ خىيالىڭ، ئۇ كېسەللىكنىڭ داۋاسىنى ياكى تەرەت سۇندۇرۇشنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى كۆرىدۇ، قارايدۇ ۋە ئۇلارغا مۇناسىپ پەس سۈرەتلەرنى توقۇيدۇ، ھەمدە كەلگەن مەنىلەر ئارىلىرىدىن ئۆتىدۇ. ئۆتكەنلەرگە نە زىيان، نە كىرلىنىش ۋە نە زەرەر ۋە نە خەتەر بولمايدۇ. بىراق خەتەر دىققەت نەزىرىنى بىرىۋېلىشتۇر، زىيانلىق دەپ ئويلاپ قېلىشتۇر.

  ئۈچىنچى تەرەپ شۇدۇركى: شەيئىلەر ئارىسىدا، بەزى يوشۇرۇن مۇناسىۋەتلەر بولىدۇ. ھەتتا ھېچ ئۈمىد قىلىنمىغان نەرسىلەر ئىچىدە مۇناسىۋەت رىشتىلىرى بولىدۇ. يا بىززات (ئۆزلىكىدىن) بولىدۇ ۋەياكى سېنىڭ خىيالىڭ، ئۆزى كۆپ مەشغۇل بولغان ئىشقا قارىتا ئۇ رىشتىلەرنى ياسىغان، ئۇلارنى بىربىرى بىلەن باغلىغاندۇر. شۇ مۇناسىۋەت سىرىدىندۇركى، بەزىدە بىر مۇقەددەس نەرسىنى كۆرۈش، بىر چىركىن نەرسىنى ئويخاتىرىگە كەلتۈرىدۇ. «بايان ئىلمى»دە بايان قىلىنغىنىغا ئوخشاش، «سىرتتا ئۇزاقلىق سەۋەبى بولغان زىددىيەت بولسا، خىيالدا يېقىنلىق سەۋەبىدۇريەنى: ئىككى زىتنىڭ سۈرەتلىرىنىڭ جەملىنىشىگە ۋاستە، بىر خىيالىي مۇناسىۋەتتۇر. بۇ خىل مۇناسىۋەت بىلەن كەلگەن ئويخاتىرىلەرگە تەدائىيى ئەفكار (بىر پىكىرنىڭ يەنە بىر پىكىرنى خاتىرىگە كەلتۈرىشى) دەپ تەبىر قىلىنىدۇ. مەسىلەن: سەن نامازدا، دۇئادا، كەئبە قارشىسىدا، ﷲنىڭ ھۇزۇرىدا، ئايەتنى تەپەككۈر قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، شۇ تەدائىيى ئەفكار، سېنى يىتىلەپ ئەڭ ئۇزاق مەنىسىز رەزىل خىياللارغا باشلايدۇ. سېنىڭ بېشىڭ، بۇنداق بىر تەدائىيى ئەفكارغا مۇپتىلا بولغان بولسا، ھېچ ئەنسىرىمە. بەلكى ئىسىڭگە كەلگەن ئاندا، قايت. ئۇ زەئىپ بولغان مۇناسىۋەتنىڭ، سېنىڭ دىققەت نەزىرىڭ بىلەن قۇۋۋەتلەنمەسلىكى ئۈچۈن «ئاپلا، نېمە قۇسۇرلارنى سادىر قىلدىم» دەپ تەتقىق قىلىپ مەشغۇل بولما. چۈنكى ئەپسۇسلانغانسىرى، ئەھمىيەت بەرگەنسىرى، سەندە ئۇ زەئىپ خاتىرەڭگە كۆنۈپ قېلىش بولىدۇ. بىر خىيالىي كېسەللىك بولىدۇ. قورقما، قەلبىي كېسەللىك ئەمەس. شۇ تۈرلۈك خىياللار بولسا، كۆپىنچە ئىختىيارسىزدۇر. بولۇپمۇ سەزگۈز مىجەزلىك تېرىككەكلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. شەيتان، شۇ تۈرلۈك ۋەسۋەسىنىڭ مەنبەسىنى كۆپ قوللىنىدۇ. شۇ يارىنىڭ مەلھىمى شۇدۇر:

  تەدائىيى ئەفكار، كۆپىنچە ئىختىيارسىزدۇر. ئۇنىڭدا جاۋابكارلىق يوقتۇر. ھەم تەدائىيدە يېقىنلىق بار، تىگىشىش ۋە ئارىلىشىش يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پىكىرلەرنىڭ سۈپەتلىرى بىربىرىگە يۇقمايدۇ، بىربىرىگە زىيان بەرمەيدۇ. مەسىلەن شەيتان بىلەن ئىلھام پەرىشتىسىنىڭ قەلب تەرەپتە يېقىنلىقى بولىشى، گۇناھكارلارنىڭ ياخشىلار بىلەن تۇققاندارچىلىقى ۋە بىر يەردە تۇرۇشلىرى زىيان بەرمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، تەدائىيى ئەفكار تەسىرىدە سەن خالىمىغان پەس خىياللار كېلىپ پاك پىكىرلەرنىڭ ئىچىگە كىرسىمۇ زىيان بەرمەيدۇ. بىراق قەستەن بولسا ۋەياكى زىيانلىق دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن زىيادە مەشغۇل بولسا ئۇ چاغدا زەرەدۇر. ھەم قەلب چارچايدۇ. پىكىر ئۆزىنى خوش قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىغان بىر نەرسە بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. شەيتان پۇرسەت تاپىدۇدە، پەس نەرسىلەرنى ئالدىغا چاچىدۇ، يايىدۇ.

  تۆتىنچى تەرەپ: ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئىزدەشتىن كېلىپ چىققان بىر ۋەسۋەسىدۇركى، تەقۋالىق قىلىش خىيالى بىلەن ئەھمىيەت بەرگەنسىرى ئەھۋال ئۇنىڭغا قىيىنلىشىدۇ. ھەتتا بىر دەرىجىگە بارىدۇكى، ئۇ ئادەم ئەمەلنىڭ ياخشىسىنى ئىزدەۋىتىپ، ھارامغا چۈشۈپ قالىدۇ. بەزەن بىر سۈننەتنى قىلىش نىيىتى، بىر ۋاجىپنى تەرك قىلدۇرىدۇ. «ئەجەبا ئەمىلىم توغرا بولغاندىمۇ؟» دەيدۇ، قايتىدىن تەكرارلايدۇ. بۇ ھال داۋام قىلىدۇ. ناھايەت دەرىجىدە ئۈمىدسىزلىككە چۈشىدۇ. شەيتان شۇ ھالىدىن پايدىلىنىدۇ، ئۇنى يارىلايدۇ. شۇ يارىنىڭ ئىككى مەرھىمى بار:

  بىرىنچى مەرھەم: بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەسۋەسە مۇتەزىيلە* مەزھىپىدىكىلەرگە لايىقتۇر. چۈنكى ئۇلار: «شەرىئەت ۋەزىپە قىلغان ئىشلار ۋە نەرسىلەر، ئۆز زاتىدا (ئەسلىدىنلا) ئاخىرەت ئىتىبارى بىلەن يا گۈزەللىكى بار. ئاندىن ئۇنىڭغا بىنائەن ئەمر قىلىنغاندۇر. ۋەيا چىركىنلىكى بار. ئاندىن ئۇنىڭغا بىنائەن چەكلەنگەندۇر. دېمەك شەيئىلەردە، ئاخىرەت ۋە ھەقىقەت نۇقتىئىنەزىرىدە بولغان گۈزەللىك ۋە چىركىنلىك زاتىيدۇر (ئەسلىدىنلا باردۇر)، ﷲنىڭ ئەمرى ۋە چەكلىشى ئۇنىڭغا باغلىقتۇردېيىشىدۇ. بۇ مەزھەبكە قارىتا، ئىنسانغا قىلغان ھەر ئەمىلىدە: «ئەجەبا ئەمىلىم ھەقىقەتتىكى گۈزەل شەكلى بىلەن قىلىنغاندىمۇ؟» دېگەندەك بىر ۋەسۋەسە كېلىدۇ.

  ئەمما ھەق مەزھەب بولغان ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت دەيدۇكى: «جانابى ھەق بىر نەرسىگە ئەمر قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ گۈزەل بولىدۇ. چەكلەيدۇ، ئاندىن ئۇ چىركىن بولىدۇ. دېمەك ئەمر بىلەن گۈزەللىك، چەكلەش بىلەن چىركىنلىك ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. گۈزەللىك ۋە چىركىنلىك ۋەزىپىدارنىڭ خەۋەردار بولىشىغا قارايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈم ئالىدۇ. شۇ گۈزەللىك ۋە چىركىنلىك بولسا، كۆرۈنۈش جەھەتتىن دۇنياغا قارىغان يۈزدە ئەمەس، بەلكى ئاخىرەتكە قارىغان يۈزدىدۇر. مەسىلەن، سەن ناماز ئوقۇدۇڭ ۋەياكى تاھارەت ئالدىڭ. ھالبۇكى نامىزىڭنى ۋە تاھارىتىڭنى بۇزىدىغان بىر سەۋەب ئەمىلىيەتتە بار. بىراق سەن ئۇنىڭدىن ھېچ خەۋەردار بولمىدىڭ. سېنىڭ نامىزىڭ ۋە تاھارىتىڭ ھەم سەھىھتۇر (توغرىدۇر)، ھەم گۈزەلدۇر. مۇتەزىيلە دەيدۇكى: «ھەقىقەتتە چىركىندۇر ۋە بۇزۇلغاندۇر. بىراق سەندىن قوبۇل قىلىنىدۇ. چۈنكى خەۋەرسىزسەن، بىلمىدىڭ ۋە ئۆزۈرۈڭ بارئۇنداق بولسا ئەھلى سۈننەت مەزھىپىگە قارىتا، شەرىئەتنىڭ سىرتقى ئەھكامىغا مۇۋاپىق ھالدا قىلغان بىر ئەمەلدە: «ئەجەبا سەھىھ بولغانمىدۇ؟» دەپ ۋەسۋەسە قىلما. بىراق، «قوبۇل بولغانمىدۇ؟» دە. مەغرۇرلانما، ئەمىلىڭدىن پەخىرلىنىپ قالما.

  ئىككىنچى مەرھەم: دىندا قىيىنچىلىق يوقتۇر. لاَ حَرَجَ فِى الدِّينِ مادەم تۆت مەزھەب ھەقتۇر. مادەم ئىستىغفارغا ئۈندەيدىغان قۇسۇرىنى بىلىش، ھاكاۋۇرلۇققا ئۈندەيدىغان ئەمەلنىڭ گۈزەل كۆرۈلىشىدىن بۇنداق ۋەسۋەسىلىك ئادەم ئۈچۈنتېخىمۇ ياخشىدۇر. يەنى بۇنداق ۋەسۋەسىلىك ئادەم، ئەمىلىنى گۈزەل كۆرۈپ ھاكاۋۇر بولۇپ قالغاندىن كۆرە، ئەمىلىنى قۇسۇرلۇق كۆرسە، ئىستىغفار ئېيتسا تېخىمۇ ياخشىدۇر. مادەم شۇنداقتۇر، ئۇنداقتا سەن ۋەسۋەسىنى تاشلا. شەيتانغا دېگىنكى: شۇ ھال، بىر قىيىنچىلىقتۇر. ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش تەستۇر. دىندىكى ئاسانچىلىققا زىتتۇر. اَلدِّينُ يُسْرٌ لاَ حَرَجَ فِى الدِّينِ ئاساسىغا مۇخالىپتۇر. ئەلۋەتتە بۇ ئەمىلىم بىر ھەق مەزھەبكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئۇ ماڭا يېتەرلىكتۇر. ھەم ھېچ بولمىغاندا مەن ئاجىزلىقىمنى ئېتىراپ قىلىپ ئىبادەتنى لايىق تۈردە ئادا قىلالمىغانلىقىمدىن ئىستىغفار ۋە يالۋۇرۇش بىلەن ﷲنىڭ مەرھەمىتىگە سېغىنىپ، قۇسۇرۇمنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى، قۇسۇرلۇق ئەمىلىمنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن تۆۋەنچىلىك بىلەن دۇئا قىلىشىمغا ۋاستىدۇر.

  بەشىنچى تەرەپ: ئىمان مەسىلىلىرىدە شۈبھە سۈرىتىدە كەلگەن ۋەسۋەسىدۇر. بىچارە ۋەسۋەسىلىك ئادەم، بەزەن تەخەييۇلنى(ئويلىنىشنى)، تەئەققۇل (زېھنىگە يەرلەشتۈرۈش) بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. يەنى: خىيالغا كەلگەن بىر شۈبھىنى، ئەقىلگە كىرگەن بىر شۈبھە دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئىتىقادىغا زەرەر يەتتى دەپ گۇمانلىنىدۇ. ھەم بەزەن تەۋەھھۇم قىلغان (گۇمانلانغان) بىر شۈبھەنى، ئىمانغا زىيان بېرىدىغان بىر شەك دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ھەم بەزەن تەسەۋۋۇر قىلغان بىر شۈبھەنى، ئەقىلىي تەستىققا كىرگەن بىر شۈبھە دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ھەم بەزەن بىر ئىمانسىزلىققا ئائىت بىر نەرسىنى تەپەككۇر قىلىشنى، كۇفۇرلۇقنىڭ ئۆزى دەپ ئويلاپ قالىدۇ. يەنى ئازغۇنلۇقنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش سۈرىتىدە تەپەككۇر ھېسسىنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە تەتقىقاتىنى، ھەمدە بىتەرەپلەرچە مۇھاكىمىسىنى ئىمانغا زىت دەپ ئويلاپ قالىدۇ. دېمەك شەيتاننىڭ تەلقىنلىرىنىڭ ئەسىرى بولغان شۇ گۇمانلاردىن ئۈركۈپ، «ۋاي ئىسىت! قەلبىم بۇزۇلۇپتۇ، ئىتىقادىمغا زىيان يېتىپتۇ» دەيدۇ. ئۇ ھاللار، كۆپىنچە ئىختىيارسىز بولغانلىقتىن، جۈزئىي ئىختىيارى بىلەن ئىسلاھ قىلالمىغانلىقتىن ئۈمىدسىزلىككە چۈشىدۇ. بۇ يارىنىڭ مەرھىمى شۇدۇركى:

  كۇفۇرنى خىيال قىلىش، كۇفۇر بولمىغانغا ئوخشاش، كۇفۇرنى تەۋەھھۇم قىلىشمۇ (گۇمانلىنىشمۇ)، كۇفۇر ئەمەستۇر. ئازغۇنلۇقنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئازغۇنلۇق بولمىغىنىغا ئوخشاش، ئازغۇنلۇقىنى تەپەككۇر قىلىشمۇ ئازغۇنلۇق ئەمەستۇر. چۈنكى ھەم خىيال، ھەم تەۋەھھۇم، ھەم تەسەۋۋۇر، ھەم تەپەككۇر ئەقىلىي تەستىقتىن ۋە قەلبىي ئىزئاندىن (ئىشىنىشتىن) ئايرىمدۇر، باشقىدۇر. ئۇلار قىسمەن ئەركىندۇر. جۈزئىي ئىختىيارىينى بەك ئاڭلاپ كەتمەيدۇ. دىننىڭ تەكلىپى ئاستىغا كۆپ كىرەلمەيدۇ. تەستىق ۋە ئىزئان، ئۇنداق ئەمەستۇر. بىر مىزانغا باغلىقتۇر. ھەم خىيال، تەۋەھھۇم، تەسەۋۋۇر، تەپەككۇر خۇددى تەستىق ۋە ئىزئان بولمىغىنىدەك، شۈبھە ۋە ئىككىلىنىش سانالمايدۇ. بىراق ئەگەر ھاجەتسىز بىر شەكىلدە تەكرار قىلىۋېرىپ تۇراقلىشىش ھالىتىگە كېلىپ قالسا، ئۇ ۋاقىت ئۇنىڭدىن ھەقىقىي بىر تۈرلۈك شۈبھە تۇغۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. ھەم بىتەرەپلەرچە مۇھاكىمە نامى بىلەن ياكى «ئىنساپ»نى كۆزلەپ، مۇخالىپ تەرەپنى قوللاۋېرىپ، تا شۇنداق بىر ھالغا كېلىپ قالىدۇكى، ئىختىيارسىز مۇخالىپ تەرەپكە ئۆتۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا ۋاجىپ بولغان ھەققە تەرەپدارلىق سۇنىدۇ. ئۇمۇ خەتەرگە چۈشىدۇ. دۈشمىنىنىڭ ۋەياكى شەيتاننىڭ ئارتۇقچە بىر ۋەكىلى بولىدىغان ھالەت، زىھنىدە يەرلىشىدۇ.

  شۇ تۈرلۈك ۋەسۋەسىنىڭ ئەڭ چوڭى بۇدۇركى: ۋەسۋەسىلىك ئادەم، زاتىي ئىمكان بىلەن زىھنىي ئىمكاننى** بىربىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. يەنى، بىر نەرسىنى زاتىدا (ئۆزىدە) مۇمكىن كۆرسە، ئۇ نەرسىنى زىھنىي جەھەتتىنمۇ مۇمكىن ۋە ئەقلىي جەھەتتىن شۈبھىلىك دەپ گۇمانلىنىدۇ. ھالبۇكى ئىلمى كالامنىڭ قائىدىلىرىدىن بىرى: زاتىي ئىمكان بولسا، قەتئىي بولغان ئىلمىي ئىشەنچكە مۇخالىپ ئەمەس ۋە زېھىندىكى ئوپئوچۇق بىلىمگە زىددىيىتى يوقتۇر. مەسىلەن: ھازىرنىڭ ئۆزىدە قارا دېڭزنىڭ يەرگە سىڭىپ كېتىشى، زاتىدا مۇمكىندۇر ۋە ئۇ زاتىي ئىمكان بىلەن ئىھتىمالى باردۇر. ھالبۇكى بىز ئۇ دېڭىزنىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكىگە ئېنىق شەكلىدە ھۆكۈم قىلىمىز، شۈبھىسىز بىلىمىز ۋە ئۇ مۇمكىنچىلىك ئىھتىمالى ۋە زاتىي ئىمكان بىزگە شۈبھە بەرمەيدۇ، بىر شەك كەلتۈرمەيدۇ، ئىشەنچىمىزنى بۇزمايدۇ. ھەم مەسىلەن: شۇ قۇياشنىڭ بۈگۈن پاتماسلىقى ۋەياكى ئەتە چىقماسلىقى زاتىدا مۇمكىندۇر. ھالبۇكى بۇ مۇمكىنچىلىك ئىشەنچىمىزگە زىيان بەرمەيدۇ، شۈبھە كەلتۈرمەيدۇ. مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، مەسىلەن ئىمان ھەقىقەتلىرىدىن بولغان دۇنيا ھاياتىنىڭ پېتىشى ۋە ئاخىرەت ھاياتىنىڭ چىقىشىغا، زاتىي ئىمكان جەھەتتىن كەلگەن ۋەھىمىلەر، قەتئىي بولغان ئىمانىي ئىشەنچكە زىيان بەرمەيدۇ. ھەم لاَعِبْرَةَ ِلْلاِحْتِمَالِ الْغَيْرِ النَّاشِئِ عَنْ دَلِيلٍ يەنى: «بىر دەلىلدىن ئوتتۇرىغا چىقمىغان بىر ئىھتىمالنىڭ ئەھمىيىتى يوقتۇر» بولغان مەشھۇر قائىدە، ھەم ئۇسۇلىددىن، ھەم ئۇسۇلۇل فىقىھنىڭ مۇقەررەر قائىدىلىرىدۇر.

  ئەگەر دېسەڭ: مۆمىنلەرگە بۇ قەدەر زىيانلىق بولغان ۋە قىينايدىغان ۋەسۋەسە، قانداق بىر ھىكمەتكە بىنائەن بىزگە بالا بولغان؟

  ئەلجاۋاپ: ئاشۇرىۋەتمەسلىك، ھەمدە بەك ئۈستۈن كەلمەسلىك شەرتى بىلەن، ۋەسۋەسىنىڭ ئۆزى ئويغاقلىققا سەۋەبتۇر، ئىزدىنىشكە ئۈندەيدۇ، ئەستايىدىللىققا ۋاستىدۇر. بىپەرۋالىقنى تاشلاتقۇزىدۇ، ئەھمىيەت بەرمەسلىكنى يوق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەكىمى مۇتلەق (مۇتلەق ھىكمەت ئىگىسى بولغان ﷲ)، شۇ ئىمتىھان مەيدانىدا، شۇ مۇسابىقە مەيدانىدا بىز ئۈچۈن بىر قىزغىنلىق قامچىسى قىلىپ، ۋەسۋەسىنى شەيتاننىڭ قولىغا بەرگەندۇر. ئىنساننىڭ بېشىغا ئۇرىدۇ. ئەگەر زىيادە قىينىۋەتسە، ھەكىمى رەھىمگە شىكايەت قىلىش كېرەك، اَعُوذُ بِاللّٰهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّج۪يمِ دېيىش لازىم.

ۋەسسالام

————————————————————-

*لۈممە: شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە سالىدىغان ئورنى.-ت

**مۇتەزىلە: ئازغۇن بىر مەزھەب.

***زاتىي ئىمكان: بىر نەرسىنىڭ ئۆزىدە بولىدىغان مۇمكىنچىلىك؛ زېھنىي ئىمكان: ئەقلىي ئىمكان، ئىنساننىڭ زېھنىدىكى ئىمكان، مۇمكىنچىلىك.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.