دۈشمەننىڭ ھەممىسىگە قارشى ئىسلامىيەت قېرىنداشلىقى

دۈشمەننىڭ ھەممىسىگە قارشى ئىسلامىيەت قېرىنداشلىقى

ئېچىنىشقا تېگىشلىك بىر ئىجتىمائى ۋەزىيەت ۋە ئىسلام قەلبىنى يىغلىتىدىغان ئىجتىمائى ھاياتتىكى دەھشەتلىك بىر كېسەل:

«سىرتقى دۈشمەنلەر ھۇجۇم قىلغاندا، ئىچكى دۈشمەنلىكنى تاشلاش ۋە ئۇنۇتۇش» دېگەن بىر ئىجتىمائى ھىكمەتنى ئەڭ بەدەۋى قەۋملەرمۇ تەقدىرلەپ، ئۇ بويىچە ھەرىكەت قىلىشقان. ئەمدى شۇ ئىسلامىيەت جامائىتىگە خىزمەت كۆرسىتىش داۋاسى قىلغانلارغا نېمە بولدىكىن، بىر ـ بىرى ئارقىسىدا ئىسلامغا ھۇجۇم ۋەزىيىتىنى ئالغان چەكسىز دۈشمەنلەر بار تۇرسا، كىچىككىنە ئاداۋەتنى ئۇنۇتماي، دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا زېمىن ھازىرلىشىۋاتىدۇ. شۇ ۋەزىيەت بىر چۆكۈشتۇر. بىر قالاقلىقتۇر. ئىسلامىيەتنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىغا بىر خىيانەتتۇر.

ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك بىر ھېكايە: سەھرا قەۋملىرىدىن ھاسانان قەۋمىنىڭ بىر ـ بىرىگە دۈشمەن ئىككى قەبىلىسى بار ئىدى. بىرـ بىرىدىن بەلكىم ئەللىك كىشىدىن كۆپرەك ئۆلتۈرۈشكەن بولسىمۇ، سىپقان ياكى ھايدەران قەۋمىدەك بىر قەۋم قارشى چىققان ۋاقىتتا، ئىككى دۈشمەن قەبىلە بۇرۇنقى ئاداۋەتنى ئۇنۇتۇپ، مۈرىنىمۈرىگە تىرەپ، ئۇ سىرتقى دۈشمەننى تارمار قىلغانغا قەدەر ئىچكى ئاداۋەتنى ئېسىگە ئېلىشمايتتى.

ئەي مۆئمىنلەر!… ئەھلى ئىمان قەۋمىگە قارشى تاجاۋۇز ۋەزىيىتىنى ئالغان قەۋملەر ھۆكمىدىكى نەقەدەر دۈشمەننىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ بىر ـ بىرى ئىچىدىكى دائىرىلەردەك يۈز دائىرىدىن كۆپرەك بار. ھەر بىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، مۇداپىئەلىنىشكە مەجبۇر تۇرساق، ئۇلارغا ھۇجۇمىنى قۇلايلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئىسلامىيەت شەھەرلىرىگە كىرىشى ئۈچۈن ئىشىكلەرنى ئىچىش ھۆكمىدە بولغان غەرەزكارانە تەرەپۋازلىق ۋە ئاداۋەتكارانە تەكەببۇرلۇق ھېچ بىر جەھەتتە ئەھلى ئىمانغا يارىشامدۇ؟  ئۇ دۈشمەن دائىرىلىرىدىن، ئازغۇن ئەھلى زالالەتتىن باشلاپ، تا كۇففارلار ئالىمىگە قەدەر، ھەتتا دۇنيانىڭ قورقۇنچلۇق ئەھۋاللىرى ۋە مۇسىبەتلىرىگە قەدەر بىر ـ بىرى ئارقىسىدا سىلەرگە غەزەپ ۋە ئاچكۆزلۈك بىلەن قاراۋاتقان بەلكىم يەتمىش تۈرلۈك دۈشمەنلەر بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارشى قۇۋۋەتلىك قورالىڭ، قالقىنىڭ ۋە قەلئەيىڭ ئىسلامىيەت قېرىنداشلىقىدۇر! ئۇ ئىسلامىيەت قەلئەسىنى كىچىك ئاداۋەتلەر ۋە باھانىلەر بىلەن ئاجىزلاتماق، ۋىجدان ۋە ئىسلامىيەت دەستۇرىغا زىت ئىكەنلىكىنى بىل ۋە ئويغان!


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.