ئىسمى ئەزەم – قۇددۇس

ئىسمى ئەزەم – قۇددۇس

ئوتتۇزىنچى لەمئا

(ئوتتۇز بىرىنچى مەكتۇپنىڭ ئوتتۇزىنچى لەمئاسى ۋە ئەسكىشەھىر تۈرمىسىنىڭ بىر مېۋىسى بولۇپ ئالتە نۇكتەدۇر.)

  دېڭىزلى مەدرەسەئى يۇسۇفىيەسىنىڭ* بىر يۈكسەك دەرسى «مېۋە رىسالىسى» ۋە ئافيون مەدرەسەئى يۇسۇفىيەسىنىڭ قىممەتلىك بىر مۇكەممەل دەرسى «ئەل ھۈججەتۇززەھرا» بولغىنىدەك، ئەسكىشەھىر مەدرەسەئى يۇسۇفىيەسىنىڭ غايەت قۇۋۋەتلىك بىر يۈكسەك دەرسىمۇ ئىسمى ئەزەمنى (ئەڭ بۈيۈك ئىسىمنى) ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ئىسىمنىڭ ئالتە نۇكتەسىنى بايان قىلغان ئوتتۇزىنچى لەمئادۇر.

  (ئىسمى ئەزەمدىن «ھەييى قەييۇم»غا دائىر پارچىدىكى غايەت چوڭقۇر ۋە كەڭ بولغان مەسىلىلەرنى ھەركىم بىراقلا چۈشىنىپ بولالمايدۇ، زوق ئالالمايدۇ. بىراق ئۈلۈشسىزمۇ قالمايدۇ.)

بىرىنچى نۇكتە

«قۇددۇس ئىسمى»نىڭ بىر نۇكتەسىگە دائىردۇر.

[بۇ «قۇددۇس»(پاك) ئىسمى نۇكتەسى ئوتتۇزىنچى سۆزنىڭ زەيلىنىڭ زەيلى (قوشۇمچىسى) بولسا مۇناسىپتۇر.]

بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

﴿وَاْلاَرْضَ فَرَشْنَاهَا فَنِعْمَ الْمَاهِدُونَ

(زارىيات سۇرىسى:48)

ئايىتىنىڭ بىر نۇكتەسى ۋە بىر ئىسمى ئەزەم ياكى ئىسمى ئەزەمنىڭ ئالتە نۇرىدىن بىر نۇر بولغان «قۇددۇس» ئىسمىنىڭ بىر جىلۋىسى شابانى شەرىف ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئەسكىشەھىر تۈرمىسىدە ماڭا كۆرۈندى. ھەم ﷲنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى غايەت ئاشكارا ھەم ﷲنىڭ بىرلىكىنى غايەت ئوچۇق ھالدا كۆرسەتتى. كۆردۈمكى:

  بۇ كائىنات ۋە بۇ يەرشارى دائىم ئىشلەيدىغان چوڭ بىر فابرىكا ۋە ھەر ۋاقىت تولۇپ بوشىلىدىغان بىر ئۆتەڭ، بىر مېھمانخانىدۇر. ھالبۇكى بۇنداق توختىماس فابرىكىلار، ئۆتەڭلەر ۋە مېھمانخانىلار ئەخلەتلەر، مەينەتچىلىك ۋە داشقاللار بىلەن كۆپ كىرلىنىدۇ، بۇلغىنىدۇ. سېسىق ماددىلار ھەر تەرەپتە يىغىلىپ قالىدۇ. ئەگەر ناھايىتى دىققەت بىلەن قارالمىسا، تازىلانمىسا، سۈپۈرۈپ پاكىزلانمىسا ئىچىدە تۇرغىلى بولمايدۇ، ئىنسان تۇنجىقىدۇ. ھالبۇكى، بۇ كائىنات فابرىكىسى ۋە بۇ يەرشارى مېھمانخانىسى ئۇ دەرىجە پاك، پاكىز ۋە گۈزەل، ھەمدە ئۇ قەدەر كىردىن، بۇلغىنىشتىن ۋە سېسىقچىلىقتىن خالىيدۇركى، كېرەكسىز بىر نەرسە، مەنپەئەتسىز بىر ماددا ياكى تاساددىبى بىر مەينەتچىلىك تېپىلمايدۇ. كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ، تېزدىن سۈپەت ئۆزگەرتىش «ماشىنىسى»غا تاشلىنىدۇ، تازىلىنىدۇ. دېمەك، بۇ فابرىكىغا قارىغان زات ئىنتايىن ياخشى قارايدۇ.

  ۋە بۇ فابرىكىنىڭ پاكىزلىقنى سۆيىدىغان بىر ئىگىسى باركى، ئۇ چوڭ فابرىكىنى ۋە ئۇ چوڭ ساراينى كىچىڭ بىر ھۇجرىدەكلا سۈپۈرىدۇ، تازىلايدۇ، تەرتىپكە سالىدۇ ۋە پاكىزلايدۇ. ۋە ئۇ چوڭ فابرىكىنىڭ چوڭلۇقى نىسبىتىدە ئەخلەتلىرى ۋە داشقاللىرىدىن تاشلاندۇق ۋە كىر ماددىلار بولمايدۇ. بەلكى چوڭلۇقى نىسبىتىدە تازىلىقىغا ۋە پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىنىدۇ. بىر ئىنسان بىر ئايدا يۇيۇنمىسا ياكى كىچىك ھۇجرىسىنى سۈپۈرمىسە بەك كىرلىنىدۇ ۋە مەينەت بولىدۇ. دېمەك، بۇ ئالەم سارىيىدىكى پاكلىق، پارلاقلىق، نۇرانىيلىق ۋە پاكىزلىق داۋاملىق بولىۋاتقان ھىكمەتلىك بىر تازىلاشتىن، دىققەتلىك بىر پاكىزلاشتىن مەيدانغا كەلگەندۇر. ئەگەر ئۇ دائىمىي تازىلاش، سۈپۈرۈش ۋە دىققەت بىلەن قاراشلار بولمىغان بولسا، بىر يىلدا پۈتۈن ھايۋاناتلارنىڭ يۈزمىڭ تۈرلۈك مىللەتلىرى زېمىن يۈزىدە تۇنجۇقاتتى.

  ساماۋات بوشلۇقىدا، بۇزۇلۇش ۋە ئۆلۈمگە دۇچار بولغان پلانېتلارنىڭ ۋە ھەمراھلىرىنىڭ، ھەتتا يۇلتۇزلارنىڭ داشقاللىرى بىزنىڭ بېشىمىزنى، ھايۋانلارنىڭ باشلىرىنى، ھەتتا يەرشارىنىڭ بېشىنى ۋە دۇنيايىمىزنىڭ بېشىنى يېرىۋىتەتتى. تاغلار چوڭلۇقىدىكى تاشلارنى بېشىمىزغا ياغدۇراتتى. ۋە بىزنى ۋەتىنىمىز بولغان بۇ دۇنيايىمىزدىن قاچۇراتتى. ھالبۇكى، قەدىمدىن بېرى ئۇ يۇقىرى تەبىقە ئالەملىرىدىكى بۇزۇلۇش ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ تەسىرىدە ئىبرەت ئۈچۈن، پەقەتلا بىر قانچە ساماۋى تاش چۈشكەن بولسىمۇ، ھېچكىمنىڭ بېشىنى يارمىغاندۇر.

  ھەم زېمىننىڭ يۈزىدە ھەر يىلى ئۆلۈم ۋە ھاياتنىڭ ئالمىشىشلىرى، ئايلىنىشلىرى ۋە قارىشىلىشىشلىرى يۈزىسىدىن يۈزمىڭلارچە ھايۋانات مىللەتلىرىنىڭ جەسەتلىرى ۋە ئىككى يۈزمىڭ ئۆسۈملۈك تائىپىلىرىنىڭ قالدۇقلىرى، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ يۈزلىرىنى پەۋقۇلئاددە شەكىلدە شۇنداق كىرلىتەتتىكى، ئىدراك ئىگىلىرى ئۇ يۈزلەرنى سۆيۈش، ئاشىق بولۇش ئەمەس، بەلكى، ئۇ يىرگىنچلىكتىن نەپرەت قىلىپ، ئۆلۈم ۋە يوقلۇققا قېچىشاتتى. بىر قۇش ناھايىتى قولاي ھالدا قاناتلىرىنى، بىر كاتىپ راھەت ھالدا سەھىپىلرىنى تازىلىغىنىدەك، بۇ يەرشارى ئايروپىلانىنىڭ، بۇ ساماۋى قۇشلارنىڭ قاناتلىرى ۋە بۇ كائىنات كىتابىنىڭ سەھىپىلىرىمۇ شۇنداق تازىلىنىدۇ ۋە گۈزەللىشىدۇكى، ئاخىرەتنىڭ چەكسىز گۈزەللىكىنى كۆرمىگەن ۋە ئىمان بىلەن ئويلانمىغان ئىنسانلار دۇنيانىڭ بۇ دەرىجە پاكىزلىقىغا، بۇ گۈزەللىكىگە ئاشىق بولۇشىدۇ، مەپتۇن بولۇشىدۇ.

  دېمەك، بۇ ئالەم سارىيى، بۇ كائىنات فابرىكىسى قۇددۇس ئىسمىنىڭ بۈيۈك جىلۋىسىگە ئىگىدۇركى، ئۇ مۇقەددەس تازىلىغۇچىدىن كەلگەن ئەمىرلەرنى پەقەتلا دېڭىزلارنىڭ گۆشخور تازىلىغۇچىلىرى ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ بۈركۈتلىرى ئەمەس بەلكى، قۇرتلار ۋە چۈمۈلىلەردەك جەسەت يىغىدىغان سەھىيە مۇلازىمەتچىلىرىمۇ ئاڭلايدۇ. بەلكى ئۇ مۇقەددەس تازىلاش ئەمىرلىرىنى بەدەندە ئېقىۋاتقان قاندىكى قىزىل قان ۋە ئاق قان دانچىلىرىمۇ ئاڭلاپ، بەدەننىڭ ھۈجەيرىلىرىدە تازىلاش ئېلىپ بارغىنىدەك، نەپەسمۇ ئۇ قاننى تازىلايدۇ، پاكلايدۇ. ھەم ئۇ ئەمىرنى كۆز قاپاقلىرى كۆزلەرنى تازىلاش ئۈچۈن، چىۋىنلەر قاناتلىرىنى سۈرتۈش ئۈچۈن ئاڭلىغىنىدەك، (ھەجىم جەھەتتىن) چوڭ بولغان ھاۋا ۋە بۇلۇتمۇ ئاڭلايدۇ.

  ھاۋا زېمىن يۈزىگە قونغان توپاچاڭلاردەك ئەخلەتلەرنى پۈۋىلەيدۇ، تازىلايدۇ. بۇلۇتلار زېمىن باغچىلىرىغا سۇ سېپىدۇ ۋە چاڭتوزاننى بېسىقتۇرىدۇ. كېيىن، كۆك يۈزىنى كۆپ ۋاقىت كىر تۇتماسلىق ئۈچۈن ئەخلەتلەرنى يىغىپ مۇكەممەل ئىنتىزام بىلەن ئۆزىنى تارتىپ يوشۇرۇنىدۇ. كۆكنىڭ گۈزەل يۈزىنى ۋە كۆزىنى سۈرتۈلگەن ۋە سۈپۈرۈلگەن، پالىلداپ پارقىرىغان شەكىلدە كۆرسىتىدۇ. يەنە ئۇ تازىلاش ئەمىرلىرىنى يۇلتۇزلار، ئېلمىنىتلار، مەدەنلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئاڭلىغانلىقلىرىدەك پۈتۈن ئاتوملارمۇ ئاڭلايدۇكى، ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش بورانلىرى ئىچىدە ئۇ ئاتوملار تازىلىققا دىققەت قىلىشىدۇ، بىر يەردە ئارتۇقچە يىغىلىۋالمايدۇ، قالايمىقانچىلىق شەكىللەندۈرمەيدۇ. مەينەت بولسا تېز تازىلىنىدۇ. ئەڭ پاكىز، ئەڭ تازا، ئەڭ پاك ۋە ئەڭ پارلاق ۋەزىيەتلەرنى، ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ساپ، ئەڭ نازاكەتلىك سۈرەتلەرنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ھىكمەت قولى تەرىپىدىن ھەرىكەتلەندۈرىلىدۇ.

  مانا، پەقەتلا بۇ پېئىل (پائالىيەت)، يەنى، بىرلا تازىلىنىش ھەقىقىتى قۇددۇس ئىسمىدەك ئىسمى ئەزەمدىن جىلۋىلىنىپ، كائىناتنىڭ چوڭ دائىرىسىدە كۆرۈنگەن بىر يۈكسەك جىلۋىدۇركى، بىۋاستە ﷲنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنى گۈزەل ئىسىملىرى بىلەن بىرگە قۇياش كەبى كەڭ ۋە دۇربۇندەك كۆزلەرگە كۆرسىتىدۇ.

  شۇنداق، رىسالەئى نۇرنىڭ كۆپلىگەن قىسىملىرىدا قەتئىي دەلىللىرى بىلەن ئىسپات قىلىنغانكى، ھەكەم ۋە ھەكىم ئىسىملىرىنىڭ بىر جىلۋىسى بولغان تەرتىپكە سېلىش (پېئىلى) ۋە ئىنتىزام، ئەدل ۋە ئادىل ئىسىملىرىنىڭ بىر جىلۋىسى بولغان مۇۋازىنەتكە قويماق ۋە تەڭپۇڭلۇق، جەمىل ۋە كەرىم ئىسىملىرىنىڭ بىر جىلۋىسى بولغان زىننەتلەش ۋە ئېھسان، ھەمدە رەب ۋە رەھىم ئىسىملىرىنىڭ بىر جىلۋىسى بولغان تەمىنلەپ بېقىش ۋە ئىنئاملار ئالەمنىڭ بۇ كەڭرى دائىرىسىدە ھەربىرى بىرلا ھەقىقەت، بىرلا پېئىل (پائالىيەت) بولغانلىقتىن، بىرلا زاتنىڭ قەتئىي بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاشلا، قۇددۇس ئىسمىنىڭ بىر كۆرسەتكۈچىسى ۋە بىر جىلۋىسى بولغان پاكىزلاش ۋە پاكلىقمۇ ئۇ ۋاجىبۇل ۋۇجۇد** بولغان زاتنىڭ ھەم قۇياشتەك ئاشكارىلىقتكى بارلىقىنى ھەم كۈندۈزدەك ئېنىقلىقتىكى بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  يۇقىرىدا دېيىلگەن تەرتىپكە سېلىش، مۇۋازىنەتكە قويۇش، زىننەتلەش ۋە پاكىزلاشقا ئوخشاش ئۇ ھىكمەتلىك پېئىللار چوڭ دائىرىدە تۈرلىرىنىڭ بىرلىكى نۇقتىسىدا بىر ياراتقۇچىنى كۆرسەتكىنىدەك، ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ، ھەتتا مىڭ بىر ئىسىمنىڭ ھەر بىرىسىنىڭ بىردىن شۇ خىل چوڭ جىلۋىسى بۇ چوڭ دائىرىدە باردۇر. ئۇ جىلۋىدىن كەلگەن پېئىل چوڭلۇقى نىسبىتىدە ئوچۇق ۋە قەتئى ھالدا ۋاھىدى ئەھەدنى*** كۆرسىتىدۇ.

  شۇنداق، ھەر نەرسىنى قانۇن ۋە ئىنتىزامغا ئىتائەت قىلغۇزغان ئومۇمىي ھىكمەت، ھەر نەرسىنى گۈزەللەشتۈرۈپ يۈزىنى كۈلدۈرىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىنايەت، ھەر نەرسىنى سۆيۈندۈرۈپ مەمنۇن قىلغان چەكسىز رەھمەت، پۈتۈن جانلىقلارنى بېقىپ ھۇزۇرلاندۇرغان كەڭ دائىرىدىكى رىزىق، ھەمدە ھەر نەرسىنى ھەممە نەرسىگە مۇناسىۋەتدار، مەنپەئەتدار ۋە بىر جەھەتتە مالىك قىلغان ھايات ۋە ھاياتلاندۇرۇشتەك كائىنات يۈزىنى كۈلدۈرگەن، يورۇتقان ئېنىق ھەقىقەتلەر ۋە بىرلا زاتقا ئائىت پېئىللەر يورۇقلۇق قۇياشنى كۆرسەتكەندەك، يالغۇز بىر ھەكىم (ھىكمەتلىك)، كەرىم، رەھىم، رەززاق، ھەييۇن(ھاياتدار) ۋە مۇھيى(ھايات بەرگۈچى) بولغان زاتنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.

  ئەگەر ھەر بىرى بىردىن ﷲنىڭ بىرلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىلى بولغان ئۇ يۈزلەرچە كەڭرى دائىرىلىك پېئىللاردىن پەقەت بىرىسى ۋاھىدى ئەھەد بولغان ﷲدىن دېيىلمىسە، يۈزلەرچە جەھەتتە ئىمكانسىزلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن: ئۇلاردىن ھىكمەت، ئىنايەت، رەھمەت، رىزىق ۋە ھاياتلىقتەك ئېنىق ھەقىقەتلەر ۋە ۋەھدانىي (بىرلا زاتقا ئائىت بولغان) دەلىللەر ئەمەس، بەلكى پەقەتلا تازىلاش پېئىلى كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىدىن دېيىلمىسە، ئۇ ۋاقىت ئازغۇنلارنىڭ ئۇ كۇپۇر مەسلىكى بويىچە شۇنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇكى، تازىلاش بىلەن ئالاقىدار بولغان ئاتوملاردىن، چىۋىنلەردىن باشلاپ تاكى چوڭ ماددىلارغا، يۇلتۇزلارغا قەدەر پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ھەربىرى چوڭ كائىناتنىڭ زىننەتلىنىشىنى، مۇۋازىنەتكە قويۇلۇشىنى، تەرتىپكە سېلىنىشىنى ۋە تازىلىنىش ئىشلىرىنى بىلىشى، ئويلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەت قىلىدىغان بىر قابىلىيەتتە بولۇشى كېرەك. ۋەياكى ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ مۇقەددەس سۈپەتلىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ياكى بولمىسا ئۇلار بۇ كائىناتنىڭ زىننەتلەش، پاكىزلاش ئىشلىرىنى، ھەمدە تەمىنات ۋە سەرپىياتلىرىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەرتىپكە سېلىشى ئۈچۈن كائىنات چوڭلۇقىدىكى بىر «كېڭەش مەجلىسى»نى قۇرۇپ چىقىشى ۋە چەكسىز ئاتوملار، چىۋىنلەر ۋە يۇلتۇزلار ئۇ مەجلىسنىڭ ئەزالىرى بولۇشى لازىم. ۋەھاكازا بۇلاردەك خۇراپىي، سەپسەتىلىك، يۈزلەرچە ئىمكانسىزلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇندىلا ھەر تەرەپتە كۆرۈنگەن، ھەممىنى قاپلىغان، ئومۇمىي ۋە يۈكسەك زىننەتلەش، تازىلاش ۋە پاكىزلاشلار ۋۇجۇدقا چىقالايدۇ. بۇ بولسا بىر ئەمەس، بەلكى يۈزمىڭ ئىمكانسىزلىقنى نەتىجىلەندۈرىدۇ.

  شۇنداق، ئەگەر كۈندۈزنىڭ يورۇقى ۋە زېمىندىكى بارلىق پارلاق نەرسىلەردە جىلۋىلەنگەن خىيالىي بولغان كىچىك قۇياشلار، قۇياشتىن دەپ قارالمىسا ۋە يالغۇز بىر قۇياشنىڭ ئەكسىدۇر دېيىلمىسە، ئۇ ۋاقىت زېمىن يۈزىدە پارلىغان پۈتۈن ئەينەك پارچىلىرىدا، سۇ تامچىلىرىدا ۋە قارنىڭ كىرىستاللىرىدا، ھەتتا ھاۋانىڭ زەررىلىرىدە بىردىن ھەقىقى قۇياشنىڭ بولۇشى لازىم كېلىدۇ. چۈنكى، شۇندىلا ئۇ ئومۇمىي زىيا (يورۇقلۇق) ۋۇجۇدقا كېلەلەيدۇ.

  ئوخشاشلا ھىكمەتمۇ بىر زىيادۇرئومۇميۈزلۈك رەھمەتمۇ بىر زىيادۇرزىننەتلەش، مۇۋازىنەتكە قويۇش، تەرتىپكە سېلىش ۋە پاكىزلاشلارمۇ ئىھاتەلىك (ھەممىنى قاپلىغان) بىردىن زىيادۇركى، ئۇ مۇقەددەس ئەزەلى قۇياشنىڭ جىلۋىلىرىدۇر. مانا كەل، ئازغۇنلۇق ۋە كۇفۇرنىڭ قايسى دەرىجىدە ھېچ چىققىلى بولماس پاتقاقلىققا كىرىدىغانلىقىغا قارا! ۋە ئازغۇنلۇقتىكى جاھالەتنىڭ نەقەدەر ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى كۆر! «ﷲنىڭ مېنى ئىسلام دىنىدا قىلىپ، كامىل ئىمان ئاتا قىلغانلىقىغا ئەلھەمدۇلىللاھ» دە!

  شۇنداق، كائىنات سارايىنى پاكپاكىز تۇتقان بۇ يۈكسەك، ئومۇمىي تازىلاش پېئىلى ئەلۋەتتە قۇددۇس ئىسمىنىڭ جىلۋىسى ۋە تەقەززاسىدۇر(ئىقتىزاسىدۇر). شۇنداق، خۇددى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ تەسبىھلىرى قۇددۇس ئىسمىغا قارىغىنىدەك، پۈتۈن پاكىزلىقلىرىنىمۇ قۇددۇس ئىسمى خالايدۇ. (ھاشىيە)**** پاكىزلىقنىڭ بۇ مۇقەددەس ئالاقىسىدىندۇركى، اَلنَّظَافَةُ مِنَ اْلاِيمَانِ ھەدىسى پاكىزلىقنى ئىماننىڭ نۇرىدىن سانىغان. ﴿اِنَّ اللّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ(بەقەرە:222) ئايىتىمۇ پاكلىقنى ﷲنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشنىڭ بىر سەۋەبى قىلىپ كۆرسەتكەن

———————————————————-

نۈكتە: ئىنچىكە مەنىلىك سۆز*

** بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆھمەت بىلەن تۈرمىگە كىرىپ تۈرمىنى ئىمان ھەقىقىتى ئۆگىنىلىدىغان يەرگە ئايلاندۇرغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، شاگىرتلىرى بىلەن قامىلىپ بىر خىل مەدرىسىگە ئۆزگەرتكەن تۈرمىلەرنى «مەدرەسەئى يۇسۇفىيە» دەپ ئاتىغان.

*** ۋاجىبۇل ۋۇجۇد: بار ئىكەنلىكى قەتئىي ۋە زۆرۈر بولغان.

****ۋاھىد: شەيئىلەرنىڭ ئومۇمىسىدا بىرلىكىنى؛ ئەھەد: بىر نەرسىدە بىرلىكىنى كۆرسەتكەن بىر بولغان ﷲ.

*****ھاشىيە: ناچار ئىللەتلەر، باتىل ئېتىقادلار ۋە بىدئەتلەرنىڭ مەنىۋى كىرلەردىن ئىكەنلىكىنى ئونۇتماسلىقىمىز لازىم.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.