ئىسمى ئەزەم-ھەييۇن

ئىسمى ئەزەم-ھەييۇن

ئوتتۇزىنچى لەمئانىڭ بەشىنچى نۇكتەسى

بِسْمِ اللّه ِالرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿فَانْظُرْ اِلَى آثَارِ رَحْمَتِ اللّهِ كَيْفَ يُحْيِى اْلاَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا اِنَّ ذلِكَ لَمُحْيِى الْمَوْتَى وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

(رۇم:50)

چوڭ ئايىتىنىڭ ۋە ﴿ اَللّهُ لاَ اِلهَ اِلاَّ هُوَ الْحَىُّ الْقَيُّومُ لاَ تَاْخُذُهُ سِنَةٌ وَلاَ نَوْمٌ (بەقەرە:255) ئۇلۇغ ئايىتىنىڭ بىردىن نۇكتەسى بىلەن، ئىسمى ئەزەم ۋە ئىسمى ئەزەمنىڭ ئىككى زىياسىدىن بىر زىياسى(يورىقى) ۋەياكى ئالتە نۇرىدىن بىر نۇرى بولغان «ھەييۇن» ئىسمىنىڭ بىر جىلۋىسى شەۋۋالى شەرىف ئېيىدا ئەسكىشەھىر تۈرمىسىدە ماڭا ئۇزاقلاردىن كۆرۈندى. بىراق ۋاقتىدا يېزىلالمىدى، ئۇ مۇقەددەس قۇشنى دەرھال ئوۋلىيالمىدۇق. يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن بولسىمۇ، بەزى ئىشارەتلەر ئارقىلىق ئۇ چوڭ ھەقىقەتنىڭ ۋە يۈكسەك نۇرنىڭ بەزى شولىلىرىنى قىسقىچە كۆرسىتىمىز:

بىرىنچى ئىشارەت:

  «ھەييۇن» ۋە «مۇھيى» (ھايات بەرگۈچى) ئىسىملىرىنىڭ چوڭ جىلۋىلىرىدىن بولغان «ھايات دېگەن نېمە؟ ماھىيىتى ۋە ۋەزىپىسى نېمە؟» دېگەن سوئالغا قارىتا بىر مۇندەرىجە تۈرىدىكى جاۋاپ شۇدۇركى:

  ھايات شۇ كائىناتنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك غايىسى

  ھەم ئەڭ چوڭ نەتىجىسى

  ھەم ئەڭ پارلاق نۇرى

  ھەم ئەڭ گۈزەل ئاساسى

  ھەم غايەت دەرىجىدە سۈزۈلگەن بىر خۇلاسىسى

  ھەم ئەڭ مۇكەممەل مېۋىسى

  ھەم ئەڭ يۈكسەك كامالى

  ھەم ئەڭ گۈزەل جامالى

  ھەم ئەڭ گۈزەل زىننىتى

  ھەم ۋەھدەت سىرى

  ھەم بىرلىك بېغى

  ھەم كامالىتىنىڭ مەنبەسى

  ھەم سەنئەت ۋە ماھىيەت جەھەتتە ھەيران قالارلىق بىر روھ ئىگىسى

  ھەم ئەڭ كىچىك بىر مەخلۇقنى بىر كائىنات ھۆكمىگە ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلىك بىر ھەقىقىتى

  ھەم گويا كائىناتنىڭ كىچىك بىر جانلىقتا يەرلىشىشىگە ۋاستە بولغاندەك، چوڭ كائىناتنىڭ بىر خىل مۇندەرىجىسىنى ئۇ زىھاياتتا (ھايات ئىگىسى) كۆرسىتىش بىلەن بىللە، ئۇ زىھاياتنى كۆپىنچە مەۋجۇدات بىلەن مۇناسىۋەتدار قىلىپ كىچىك بىر كائىنات ھۆكمىگە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ ھەيران قالارلىق بىر قۇدرەت مۆجىزىسىدۇر.

  ھەم ئەڭ كىچىك بىر جۈزنى ئەڭ چوڭ بىر كۈللچىلىك ــــ ھايات ئارقىلىق ــــــ چوڭايتقان؛ بىر فەردنىمۇ بىر كۈللىيدەك بىر ئالەم ھۆكمىگە ئېلىپ كەلگەن؛

  ۋە رۇبۇبىيەت جەھەتتە كائىناتنى بۆلۈنۈش، ئىشتىراك ۋە پارچىلىنىشنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر كۈلل ۋە كۈللىي ھۆكمىدە كۆرسەتكەن پەۋقۇلئاددە ھەيران قالارلىق بىر ئىلاھىي سەنئەتتۇر.

  ھەم كائىناتنىڭ ماھىيەتلىرى ئىچىدە ھەييۇل قەييۇم* بولغان زاتنىڭ قەتئىي بارلىقىغا، ۋەھدىتىگە ۋە ئەھەدىيىتىگە شاھادەت قىلغان دەلىللەرنىڭ ئەڭ پارلىقى، ئەڭ قەتئىيسى ۋە ئەڭ مۇكەممىلى

  ھەم ﷲنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى ئىچىدە ئەڭ يوشۇرۇنى ۋە ئەڭ ئاشكارىسى، ئەڭ قىممەتلىكى ۋە ئەڭ ئەرزىنى، ئەڭ پاك، ئەڭ پارلاق ۋە ئەڭ مەنىدار بىر رەببانىي سەنئەت نەقشىدۇر

  ھەم باشقا مەۋجۇداتنى ئۆزىگە خادىم قىلغان گۈزەل، ئارزۇلۇق، نازۇك بىر رەھمانىي رەھمەت جىلۋىسىدۇر. ئىلاھىي شۇئۇناتنىڭ ناھايىتى مۇجەسسەم بىر ئەينىكىدۇر.

  ھەم «رەھمان»، «رەززاق»، «رەھىم»، «كەرىم» ۋە «ھەكىم»گە ئوخشاش كۆپلىگەن گۈزەل ئىسىملارنىڭ كۆپلىگەن جىلۋىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنداقلا رىزىق، ھىكمەت، ئىنايەت ۋە رەھمەتتەك كۆپ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان؛

  كۆرمەك، ئاڭلىماق ۋە ھېس قىلماقتەك پۈتۈن ھېستۇيغۇلارنىڭ مەنبەسى ۋە مەدەنى بولغان ﷲنىڭ يارىتىلىشتىكى بەكمۇ ئاجايىپ ئەسىرىدۇر

  ھەم ھايات بۇ كائىناتنىڭ يوغان سېخىدىكى شۇنداق بىر ئەھۋال يېڭىلاش ماشىنىسىدۇركى، داۋاملىق ھەر تەرەپتە ساپلاشتۇرۇش ۋە تازىلاش ئېلىپ بارىدۇ. تەرەققىيات بېرىدۇ ۋە نۇرلاندۇرىدۇ

  زەررىلەر جامائەتلىرى ئۈچۈن گويا ھاياتنىڭ ئۇۋىسى بولغان تېنى ئۇ زەررىلەرنىڭ ۋەزىپە كۆرۈشى، نۇرلىنىشى، چېنىقىشى ئۈچۈن بىر مېھمانخانا، بىر مەكتەب ۋە بىر لاگىردۇر. خۇددى «ھەييۇن» ۋە «مۇھيى» بولغان زات بۇ ھايات ماشىنىسى ۋاستىسى بىلەن بۇ قاراڭغۇ، فانىي، پەس بولغان دۇنيا ئالىمىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، نۇرلاندۇرىدۇ، بىر خىل باقىيلىق بېرىدۇ ۋە ئەبەدىي بىر ئالەمگە بېرىشقا تەييارلاتقۇزىدۇ.

  ھەم ھاياتنىڭ ئىككى يۈزى يەنى مۈلك (سىرتقى) ۋە مەلەكۇت (ئىچكى) يۈزلىرى پارلاقتۇر، كىرسىزدۇر، نۇقسانسىزدۇر ۋە يۈكسەكتۇر. شۇڭلاشقا پەردەسىز، ۋاستىسىز، بىۋاستە ﷲنىڭ قۇدرەت قولىدىن چىققانلىقىنى ئاشكارا كۆرسىتىش ئۈچۈن باشقا شەيئىلەردەك سەۋەبلەر ھاياتتىكى قۇدرەت تەسەررۇپىغا پەردە قىلىنمىغان بىر مۇستەسنا مەخلۇقتۇر.

  ھەم ھاياتنىڭ ھەقىقىتى ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىغا مۇناسىۋەتدار بولۇپ مەنىۋى ۋە ئىشارى(ئىشارەت) جەھەتتىن ئىسپات قىلىدۇ. يەنى، ھەم ۋاجىبۇل ۋۇجۇدنىڭ قەتئىي بارلىقىنى ۋە ئەبەدى ھاياتىنى، ئاخىرەت دىيارى ۋە باقىي ھاياتنى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا باشقا ئىمان ئاساسلىرىنى پەۋقۇلئاددە ئالاقىدارلىق بىلەن تەقەززا قىلغان بىر نۇرانىي ھەقىقەتتۇر.

  ھەم ھايات پۈتۈن كائىناتتىن سۈزۈلگەن ئەڭ ساپ بىر خۇلاسە بولغىنىدەك، كائىناتتىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئىلاھىي مەقسەت ۋە ئالەمنىڭ يارىتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر نەتىجە بولغان شۈكۈر، ئىبادەت، ھەمدۇسانا ۋە مۇھەببەتنى نەتىجە بەرگەن بىر بۈيۈك سىردۇر.

  ھاياتنىڭ مەزكۇر يىگىرمە توققۇز ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى، ھەمدە يۈكسەك ۋە ئومۇمىي ۋەزىپىلىرىنى نەزەرگە ئال، ئاندىن قارا. «مۇھيى» ئىسمىنىڭ ئارقىسىدىكى «ھەييۇن» ئىسمىنىڭ بۈيۈكلىكىنى كۆر. ھاياتنىڭ بۇ بۈيۈك خۇسۇسىيەتلىرى ۋە مېۋىلىرى نۇقتىسىدىن «ھەييۇن» ئىسمىنىڭ قانداق بىر ئىسمى ئەزەم ئىكەنلىكىنى بىل. ھەم چۈشەنگىنكى، بۇ ھايات مادەم كائىناتنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى، ئەڭ يۈكسەك غايىسى ۋە ئەڭ قىممەتلىك مېۋىسىدۇر. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە بۇ ھاياتنىڭمۇ كائىناتچىلىك چوڭ بىر غايىسى، بۈيۈك بىر نەتىجىسى بولۇشى لازىمدۇر. چۈنكى دەرەخنىڭ نەتىجىسى مېۋە بولغىنىدەك، مېۋىنىڭمۇ ئۇرۇقى ۋاستىسى بىلەن نەتىجىسى كېلەچەكتىكى بىر دەرەختۇر.

  شۇنداق، بۇ ھاياتنىڭ غايىسى ۋە نەتىجىسى ئەبەدى ھايات بولغىنىدەك، بىر مېۋىسىمۇ ھاياتنى بەرگەن «ھەييۇن» ۋە «مۇھيى» بولغان زاتقا قارىتا شۈكۈر، ئىبادەت، ھەمدۇسانا ۋە مۇھەببەتتۇركى، بۇ شۈكۈر، مۇھەببەت، ھەمدۇسانا ھاياتنىڭ مېۋىسى بولغىنىدەك، كائىناتنىڭمۇ غايىسىدۇر. بۇنىڭدىن، بۇ ھاياتنىڭ غايىسىنى «راھەتپاراغەت بىلەن ياشىماق، غەپلەتكارانە لەززەتلەنمەك ۋە ھەۋەسكارانە نىمەتلەنمەكتۇر» دېگەنلەرنىڭ غايەت چىركىن بىر جاھالەت بىلەن، مۇنكىرلەرچە، بەلكى كاپىرلارچە، ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان بۇ ھايات نىمىتىنى، ئاڭ ھەدىيەسىنى ۋە ئەقىل ئېھسانىنى پەسلەشتۈرۈپ ۋە ھاقارەتلەپ دەھشەتلىك بىر كۇفرانى نىمەت (تۇزكورلۇق) قىلىشىدىغانلىقىنى چۈشەن.

  ئىككىنچى ئىشارەت: «ھەييۇن» ئىسمىنىڭ بىر چوڭ جىلۋىسى ۋە «مۇھيى» ئىسمىنىڭ گۈزەل بىر شولىسى بولغان بۇ ھاياتنىڭ بىرىنچى ئىشارىتىدىكى مۇندەرىجىلەر زىكىر قىلىنغان پۈتۈن مەرتىۋىلەرنى، سۈپەتلەرنى ۋە ۋەزىپىلەرنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئۇ سۈپەتلەر سانىچە رىسالىلەر يېزىش لازىم بولغانلىقتىن، ھەمدە رىسالەئى نۇر پارچىلىرىدا ئۇ سۈپەتلەرنىڭ، مەرتىۋىلەرنىڭ ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ بىر قىسمى ئىزاھ قىلىنغانلىقتىن، تەپسىلىيرەك جەھەتىنى رىسالەئى نۇرغا ھاۋالە قىلىپ، بۇ يەردە بىر قانچىسىگە قىسقىچە ئىشارەت قىلىمىز.

  ھاياتنىڭ يىگىرمە توققۇز خۇسۇسىيىتىدىن يىگىرمە ئۈچىنچى خۇسۇسىيىتىدە شۇنداق دېيىلگەنكى، ھاياتنىڭ ھەر ئىككى يۈزى پارلاق ۋە كىرسىز بولغانلىقتىن، سىرتقى سەۋەبلەر ئۇنىڭدىكى رەببانىي قۇدرەتنىڭ تەسەررۇپىغا پەردە قىلىنمىغاندۇر. شۇنداق، بۇ خۇسۇسىيەتنىڭ سىرى شۇدۇركى، گەرچە كائىناتتا ھەر نەرسىدە بىر گۈزەللىك، ياخشىلىق ۋە خەير باردۇر. يامانلىق ۋە چىركىنلىك بەكمۇ ئازدۇر. ھەم ئۇلار قىياسىي ئۆلچەمدۇركى، گۈزەللىك ۋە ياخشىلىقنىڭ مەرتىۋىلىرىنى، ھەمدە ھەقىقەتلىرىنىڭ كۆپ ۋە خىلمۇخىل بولۇشىنى كۆرسىتىش جەھەتتىن ئۇ يامانلىق خەير، ئۇ چىركىنلىك بولسا گۈزەللىك ئورنىدا بولىدۇ.

  بىراق، ئىدراك ئىگىلىرىنىڭ سىرتقى نەزىرىدە كۆرۈنگەن زاھىرى چىركىنلىك، يامانلىق، بالا ۋە مۇسىبەتتىن كەلگەن ئاغرىنىشلار ۋە شىكايەتلەر ھەييۇل قەييۇم بولغان زاتقا يۈزلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن؛ ھەم ئەقىلنىڭ سىرتقى نەزىرىدە يىرگىنچلىك ۋە يامان كۆرۈنگەن نەرسىلەردە مۇقەددەس ۋە پاك بولغان قۇدرەتنىڭ بىۋاستە پەردىسىز ھالدا ئۇ نەرسىلەر بىلەن ئالاقىدارلىقى قۇدرەتنىڭ ئىززىتىگە زىت كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن سىرتقى سەۋەبلەر ئۇ قۇدرەتنىڭ تەسەررۇپىغا پەردە بولغاندۇر. ئۇ سەۋەبلەر بولسا بىر نەرسە يارىتالمايدۇ، بەلكى ھەقسىز بولغان شىكايەتلەرگە ۋە ئېتىرازلارغا نىشان بولۇش، ھەمدە قۇدرەتنىڭ ئىززىتى ۋە مۇقەددەسلىكى ۋە پاكلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر.

  يىگىرمە ئىككىنچى سۆزنىڭ ئىككىنچى ماقامىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بايان قىلىنغىنىدەك ھەزرىتى ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام روھلارنى قەبز قىلىش ۋەزىپىسى بويىچە جانابى ﷲقا مۇناجات قىلىپ: «سېنىڭ قۇللىرىڭ مەندىن ئاغرىنىدۇدېگەنىكەن. جاۋابەن دېيىلىپتۇ: «سېنىڭ ۋەزىپەڭ بىلەن ۋاپات بولغانلارنىڭ ئارىسىدا كېسەللىك ۋە بالامۇسىبەتلەر پەردىسىنى قويىمەن. ۋاپات بولغانلار ئېتىراز ۋە شىكايەت ئوقلىرىنى ساڭا ئەمەس، بەلكى ئۇ پەردىلەرگە ئېتىشىدۇ بۇ مۇناجاتنىڭ سىرى بويىچە، مۆئمىنلەر ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ ۋە ۋاپاتنىڭ ھەقىقىي گۈزەل يۈزىنى كۆرمىگەن ۋە ئۇنىڭدىكى رەھمەت جىلۋىسىنى بىلمىگەنلەرنىڭ ئاغرىنىش ۋە ئېتىرازلىرى ھەييۇل قەييۇم بولغان زاتقا بارماسلىقى ئۈچۈن ھەزرىتى ئەزرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىمۇ بىر پەردە بولغاندەك، باشقا سەۋەبلەرمۇ سىرتقى پەردىلەردۇر.

     شۇنداق، ئىززەت ۋە بۈيۈكلۈك خالايدۇكى، ئەقىلنىڭ نەزەرىدە سەۋەبلەر قۇدرەت قولىنىڭ پەردىسى بولۇشىنى. بىراق بىرلىك ۋە ھەيۋەت خالايدۇكى، ھەقىقىي تەسىردىن سەۋەبلەرنىڭ قوللىرىنى تارتىشىنى.

  بىراق ھاياتنىڭ ھەم سىرتقى ھەم ئىچكى، ھەم مۈلك ۋە ھەم مەلەكۇت جەھەتلىرى كىرسىز، نۇقسانسىز ۋە قۇسۇرسىز بولغانلىقتىن، شىكايەت ۋە ئېتىرازلارنى تۇغدۇرىدىغان ھالەتلەر ئۇنىڭدا بولمىغانلىقتىن، يەنى قۇدرەتنىڭ ئىززەت ۋە مۇقەددەسلىكىگە مۇخالىپ كېلىدىغان يامانلىق ۋە چىركىنلىك بولمىغانلىقتىن، پەردىسىز شەكىلدە ھەييۇل قەييۇم بولغان ﷲنىڭ «ھايات بەرگۈچى، تىرىلدۈرگۈچى، جانلاندۇرغۇچى» ئىسىملىرىنىڭ قولىغا بىۋاستە تاپشۇرۇلغاندۇر. نۇرمۇ شۇنداقتۇر. ۋۇجۇد ۋە ئىجادمۇ شۇنداقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئىجاد ۋە يارىتىش بىۋاستە، پەردىسىز ﷲنىڭ قۇدرىتىگە قارايدۇ. ھەتتا يامغۇر بىر خىل ھايات ۋە رەھمەت بولغانلىقتىن، ھەر ھاجەت چۈشكەن ۋاقىتتا قوللار ﷲنىڭ دەرگاھىغا رەھمەت تىلەشكە ئېچىلىشى ئۈچۈن يېغىش ۋاقتى بىر دائىمىي قانۇنغا باغلىق قىلىنمىغاندۇر. ئەگەر يامغۇر قۇياشنىڭ چىقىشىدەك بىر قانۇنغا باغلىق بولغان بولسا ئۇ ھاياتىي نىمەت ھەر ۋاقىت دۇئا بىلەن خالانمىغان بولاتتى.

  ئۈچىنچى ئىشارەت: ھاياتنىڭ يىگىرمە توققۇزىنچى خۇسۇسىيىتىدە دېيىلگەنكى، كائىناتنىڭ نەتىجىسى ھايات بولغىنىدەك، ھاياتنىڭ نەتىجىسى بولغان شۈكۈر ۋە ئىبادەتمۇ كائىناتنىڭ يارىتىلىش سەۋەبى، بىردىنبىر غايىسى ۋە مەقسەت قىلىنغان نەتىجىسىدۇر. شۇنداق، بۇ كائىناتنىڭ ھەييۇل قەييۇم بولغان سەنئەتكارى بۇ قەدەر چەكسىز نىمەت تۈرلىرى بىلەن ئۆزىنى ھايات ئىگىلىرىگە بىلدۈرۈپ شەپقەت كۆرسىتىشىگە جاۋابەن ئەلۋەتتە ھايات ئىگىلىرىدىن ئۇ نىمەتلەرگە قارىتا شۈكۈر قىلىشلىرىنى، سۆيدۈرىشىگە قارىتا سۆيۈشلىرىنى، قىممەتلىك سەنئەتلىرىگە قارىتا ھەمدۇسانا ئېيتىشلىرىنى، ھەمدە رەببانىي ئەمىرلىرىگە قارىتا ئىتائەت ۋە ئىبادەت بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشلىرىنى خالايدۇ.

  مانا بۇ رۇبۇبىيەت سىرى بويىچە، شۈكۈر ۋە ئىبادەت پۈتۈن ھاياتلىق تۈرلىرىنىڭ، نەتىجىدە پۈتۈن كائىناتنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك غايىسى بولغانلىقىدىندۇركى، مۆجىزۇلبايان(بايانى مۆجىزە) بولغان قۇرئان ئىنتايىن ھارارەت بىلەن، شىددەت ۋە ھالاۋەت بىلەن شۈكۈر ۋە ئىبادەتكە ئۈندەيدۇ ۋە «ئىبادەت ﷲقا مەخسۇس، شۈكۈر ئۇنىڭغا لايىق ۋە ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر.» دەپ كۆپلىگەن تەكرارلار بىلەن بايان قىلىدۇ. دېمەك بۇ شۈكۈر ۋە ئىبادەت بىۋاستە ھەقىقىي ئىگىسىگە يۈزلىنىشى لازىم ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ھاياتنى پۈتۈن ھاللىرى بىلەن پەردەسىز تەسەررۇپ قولىدا تۇتىدىغانلىقىغا دالالەت قىلغان ﴿وَهُوَ الَّذِى يُحْيِى وَ يُمِيتُ وَلَهُ اخْتِلاَفُ الَّيْلِ وَالنَّهَارِ(مۇئمىنۇن:80)﴿هُوَ الَّذِى يُحْيِى وَ يُمِيتُ فَاِذَا قَضَى اَمْرًا فَاِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ(مۇئمىن:68) ﴿فَيُحْيِى بِهِ اْلاَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا (رۇم:24) دەك ئايەتلەر بەك ئوچۇق بىر سۈرەتتە ۋاستىلارنى چەتكە قېقىپ بىۋاستە ھاياتنى خاس ھالدا ھەييۇل قەييۇمنىڭ قۇدرەت قولىغا بېرىدۇ. شۇنداق، مىننەتدارلىققا ۋە شۈكۈرگە دەۋەت قىلغان، مۇھەببەت ۋە ھەمدۇسانا ھېسسىنى قوزغىغان، ھاياتتىن كېيىن رىزىق، شىپا ۋە يامغۇردەك شۈكۈر سەۋەبلىرى بولغان شەيئىلەرمۇ بىۋاستە رىزىق ۋە شىپا بەرگۈچى بولغان زاتقا ئائىت بولىدىغانلىقىنى، سەۋەب ۋە ۋاستىلارنىڭ بىر پەردە ئىكەنلىكىنى ﴿هُوَ الرَّزَّاقُ ذُو الْقُوَّةِ الْمَتِينُ(زارىيات:58)﴿وَ اِذَا مَرِضْتُ فَهُوَ يَشْفِينِ(شۇئەرا:80)﴿وَهُوَ الَّذِى يُنَزِّلُ الْغَيْثَ مِنْ بَعْدِ مَا قَنَطُوا (شۇرا:28) دەك ئايەتلەر بىلەن «رىزىق، شىپا ۋە يامغۇر خاس ھالدا ‹ھەييۇن› ۋە ‹قەييۇم›نىڭ قۇدرىتىگە خاستۇرپەردىسىز پەقەتلا ئۇنىڭدىن كەلگەنلىكىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن گرامماتىكا قائىدىسى بويىچە خاسلاشتۇرۇش ئالامەتلىرىدىن بولغان هُوَالَّذِىهُوَالرَّزَّاقُ شەكىلدە ئىپادە قىلغاندۇر. دورىلارغا خاسىيەتلەرنى بەرگەن ۋە تەسىرىنى ياراتقان پەقەتلا ئۇ ھەقىقىي شىپا بەرگۈچىدۇر.

  تۆتىنچى ئىشارەت: ھاياتنىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى خۇسۇسىيىتىدە بايان قىلىنغانكى، ھايات ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىغا مۇناسىۋەتدار بولۇپ ئۇلارنى ئىسپات قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەقىقىتىگە ئىشارەت قىلىدۇ. شۇنداق، مادەم بۇ كائىناتنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى، ئاساسى ۋە يارىتىلىش ھىكمىتى ھاياتتۇر. ئەلۋەتتە ئۇ ئالىي ھەقىقەت بۇ فانىي، قىسقىغىنا، نۇقسانلىق، ئەلەملىك دۇنيا ھاياتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەلكى ھاياتنىڭ يىگىرمە توققۇز خۇسۇسىيىتى بىلەن ماھىيىتىنىڭ يۈكسەكلىكى چۈشۈنىلگەن ھايات دەرىخىنىڭ غايىسى، نەتىجىسى ۋە ئۇ دەرەخنىڭ يۈكسەكلىكىگە لايىق مېۋىسى ئەبەدىي ھاياتتۇر، ئاخىرەتلىك ھاياتتۇر. تاشلىرى، دەرەخلىرى ۋە تۇپراقلىرى بىلەن ھاياتدار بولغان سائادەت دىيارىدىكى ھاياتتۇر. بولمىسا بۇ چەكسىز مۇھىم تۈزۈلمىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇلغان ھايات دەرىخى ئىدراك ئىگىلىرى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئىنسان ئۈچۈن مېۋىسىز، پايدىسىز ۋە ھەقىقەتسىز بولۇپ قالىدۇ.

  سەرمايە ۋە تۈزۈلمىلىرى بويىچە مىسالەن بىر قۇشقاچتىن يىگىرمە دەرىجە ئۈستۈن ۋە بۇ كائىناتنىڭ ھەمدە ھايات ئىگىلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم، يۈكسەك ۋە ئەھمىيەتلىك مەخلۇق بولغان ئىنسان قۇشقاچتىن ھايات سائادىتى جەھەتتە يىگىرمە دەرىجە تۆۋەن چۈشۈپ ئەڭ بەختسىز ۋە ئەڭ پەس بىر بىچارە بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا ئەڭ قىممەتدار بىر نىمەت بولغان ئەقىلمۇ ئۆتكەن زاماننىڭ قايغۇلىرىنى، كېلىدىغان زاماننىڭ قورقۇنچلىرىنى ئويلىنىش بىلەن ئىنساننىڭ قەلبىنى داۋاملىق قايغۇرتۇپ بىر لەززەتكە توققۇز ئەلەمنى ئارىلاشتۇرغانلىقتىن، ئەڭ مۇسىبەتلىك بىر بالا بولىدۇ. بۇ بولسا يۈز دەرىجە باتىلدۇر(ھىكمەتكە زىتتۇر). دېمەك، بۇ دۇنيا ھاياتى ئاخىرەتكە ئىمان ئاساسىنى قەتئىي ئىسپات قىلىدۇ. ھەر باھاردا ھەشرنىڭ (قايتا تېرىلىشنىڭ) ئۈچيۈزمىڭدىن ئارتۇق نەمۇنىلىرىنى كۆزىمىزگە كۆرسىتىدۇ.

  ئەجەبا سېنىڭ جىسمىڭدا، سېنىڭ باغچاڭدا ۋە سېنىڭ ۋەتىنىڭدە ھاياتىڭغا لازىم ۋە مۇناسىپ پۈتۈن لازىمەتلىكلەرنى ۋە تۈزۈلمىلەرنى ھىكمەت، ئىنايەت ۋە رەھمەت بىلەن تەييارلىغان ۋە ۋاقتىدا يېتىشتۈرگەن، ھەتتا سېنىڭ ئاشقازىنىڭنىڭ باقىيلىق ۋە ياشىماق ئارزۇسى بىلەن قىلغان خۇسۇسىي ۋە كىچىك بولغان رىزىق دۇئاسىنى بىلگەن، ئاڭلىغان ۋە چەكسىز لەززەتلىك تائاملار بىلەن ئۇ دۇئانىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇ ئاشقازاننى مەمنۇن قىلغان ھەممىگە قادىر بىر تەسەررۇپ قىلغۇچىنىڭ سېنى بىلمەسلىكى، كۆرمەسلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ غايىسى بولغان ئەبەدىي ھاياتقا لازىم شارائىتلارنى ھازىرلىماسلىقى، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ لايىق ۋە ئورتاق بولغان باقىيلىققا ئائىت دۇئاسىنى، ئاخىرەتلىك ھاياتنى يارىتىش ئارقىلىق ۋە جەننەتنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئارقىلىق قوبۇل قىلماسلىقى، ھەمدە كائىناتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەخلۇقى، بەلكى زېمىننىڭ سۇلتانى ۋە نەتىجىسى بولغان ئىنسانلارنىڭ ئەرش ۋە پەرشنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئومۇمىي ۋە غايەت قۇۋۋەتلىك بولغان دۇئاسىنى ئاڭلىماي كىچىك بىر ئاشقازانچىلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىكى، مەمنۇن قىلماسلىقى، چەكسىز كامالەتتىكى ھىكمەت ۋە رەھمىتىنى ئىنكار قىلدۇرىشى ھېچ مۇمكىنمىدۇر؟! ھاشا! يۈزمىڭ قېتىم ھاشا!

  ھاياتنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ بەكمۇ يۇشۇرۇن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، دەردىنى تىڭشاپ، دەرمان بېرىپ، يالۋۇرۇشلىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئاجايىپ دىققەت ۋە ئەھمىيەت بىلەن بېقىپ، ھەمدە چوڭ مەخلۇقاتىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكار قىلغان تۇرۇقلۇق؛ كېيىن ئەڭ چوڭ، قىممەتدار، باقىي ۋە نازدار (يالۋۇرغۇچى) بىر ھاياتنىڭ گۈلدۈرمامىدەك قاتتىق ئاۋازىنى ئاڭلىماسلىقى، ئۇنىڭ بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان باقىيلىققا ئائىت بولغان دۇئاسىنى، تىلەكلىرىنى ۋە يالۋۇرۇشلىرىنى نەزەرگە ئالماسلىقى، خۇددى بىر ئەسكەرنىڭ قورالياراق ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىغا پەۋقۇلئاددە دىققەت بىلەن ئېتىبار بېرىپ، ئىتائەتكار، ھەشەمەتلىك بىر ئارمىيىگە ھېچ قارىماسلىقى، زەررىنى كۆرۈپ قۇياشنى كۆرمەسلىكى ياكى پاشىنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ، گۈلدۈرمامىنى ئاڭلىماسلىقى ھېچ مۇمكىنمىدۇر؟ ھاشا! يۈزمىڭ قېتىم ھاشا!!

  رەھمىتى چەكسىز، مۇھەببىتى چەكسىز، غايەت دەرىجىدە شەپقەتلىك، ئۆز سەنئەت ئەسەرلىرىنى تولىمۇ سۆيىدىغان، ئۆزىنى بەكمۇ سۆيدۈرىدىغان ۋە ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى تېخىمۇ سۆيىدىغان بىر «ھەكىم» ۋە «قادىر» بولغان زات، ئۆزىنى ئەڭ كۆپ سۆيگەن، سۆيۈملۈك، سۆيۈلگەن ۋە سەنئەتكارىغا يارىتىلىشىدىن ئاشىق بولغان ھاياتنى، ھەمدە ھاياتنىڭ ئۆزى ۋە جەۋھىرى بولغان روھنى ئەبەدى ئۆلۈم بىلەن ھالاك قىلىپ، ئۇ سۆيۈملۈك سۆيگۈچىلىرىنى ۋە سۆيگەنلىرىنى ئۆزىدىن ئەبەدىي بىر سۈرەتتە ئاغرىندۇرىشىنى، رەنجىتىشىنى ۋە دەھشەتلىك شەكىلدە ئاداۋەت قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رەھمەت سىرىنى ۋە مۇھەببەت نۇرىنى ئىنكار قىلىشىنى ۋە قىلدۇرىشىنى ھېچبىر جەھەتتە ئەقىل قوبۇل قىلامدۇ؟ يۈزمىڭ قېتىم ھاشا ۋە كەللا(ياق)! بۇ كائىناتنى جىلۋىلىرى بىلەن گۈزەللەشتۈرگەن بىر مۇتلەق جامال ۋە پۈتۈن مەخلۇقاتنى سۆيۈندۈرگەن بىر مۇتلەق رەھمەت بۇ خىل چەكسىز دەرىجىدىكى بىر يىرگىنچلىكتىن ۋە مۇتلەق چىركىنلىكتىن، بۇ خىل مۇتلەق زۇلۇمدىن ۋە مەرھەمەتسىزلىكتىن ئەلۋەتتە چەكسىز دەرىجىدە پاك ۋە مۇقەددەستۇر!

  نەتىجە: مادەم دۇنيادا ھايات بار، ئۇنداقتا ئىنسانلاردىن ھاياتنىڭ سىرىنى چۈشەنگەنلەر ۋە ھاياتىنى سۇيئىستىمال قىلمىغانلار ئەلۋەتتە بەقا (دائىمىي) ئالىمىدە ۋە باقىي جەننەتتە باقىي ھاياتقا مۇيەسسەر بولۇشىدۇ. ئامەننا (ئىمان كەلتۈردۇق)…

  ھەم يەر يۈزىدىكى پارلاق نەرسىلەرنىڭ قۇياشنىڭ ئەكىسلىرى بىلەن پارلىشى ۋە دېڭىزلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكچىلەرنىڭ، يورۇقلۇقنىڭ جىلۋىسى بىلەن پارلاپ ئۆچۈشى، ئارقىلىرىدىن كەلگەن كۆپۈكچىلەر يەنە خىيالىي كىچىك قۇياشلارغا ئەينەكلىك قىلىشلىرى ئېنىق ھالدا كۆرسىتىدۇكى، ئۇ جىلۋىلەر يۈكسەك بىر قۇياشنىڭ ئەكس جىلۋىسى بولۇپ، قۇياشنىڭ بارلىقىنى تۈرلۈك تىللار بىلەن ئەسلىشىدۇ ۋە نۇر بارماقلىرى بىلەن ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىشىدۇ.

  ئەينەن شۇنىڭدەكلا، ھەييۇل قەييۇم بولغان زاتنىڭ «مۇھيى» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسى بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ يۈزىدە ۋە دېڭىزلارنىڭ ئىچىدە ھايات ئىگىلىرىنىڭ ئىلاھىي قۇدرەت بىلەن پارلاپ ئارقىلىرىدىن كەلگەنلىرىگە ئورۇن بېرىش ئۈچۈن «يا ھەييۇندەپ غەيب پەردىسىدە يوشۇرۇنۇشلىرى بىر ئەبەدىي ھايات ئىگىىسى بولغان ھەييۇل قەييۇم بولغان ﷲنىڭ ھاياتىغا ۋە قەتئىييەن بارلىقىغا ئىشارەت قىلغىنىدەك، پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ئىنتىزامغا سېلىنىشىدا ئەسەرلىرى كۆرۈنگەن ئىلاھىي ئىلىمگە شاھادەت قىلغان پۈتۈن دەلىللەر، كائىناتقا تەسەررۇپ قىلغان قۇدرەتنى ئىسپاتلىغان پۈتۈن پاكىتلار، كائىناتنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشى ۋە ئىدارە قىلىنىشىدا ھۆكۈم يۈرگۈزگەن، ئىرادە ۋە ئىختىيارىغا دەلىل بولغان بارلىق ئىسپاتلار، ھەمدە رەببانىي كالامنىڭ ۋە ئىلاھىي ۋەھىينىڭ ۋاستىسى بولغان پەيغەمبەرلىكلەرنى ئىسپات قىلغان بارلىق ئالامەتلەر ۋە مۆجىزىلەر ۋەھاكازايەتتە ئىلاھىي سۈپەتكە شاھادەت قىلغان پۈتۈن دەلىللەر بىردەك ھالدا ھەييۇل قەييۇم بولغان زاتنىڭ ھاياتىغا دالالەت، شاھادەت ۋە ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى بىر نەرسىدە كۆرۈش بولسا ھاياتىمۇ باردۇر. ئاڭلاش بولسا ھاياتنىڭ ئالامىتىدۇر. سۆزلەش بولسا ھاياتنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئىختىيار، ئىرادە بولسا ھاياتنى كۆرسىتىدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ كائىناتتا ئەسەرلىرى بىلەن بار ئىكەنلىكى ئېنىق ۋە ھەق بولغان مۇتلەق قۇدرەت، ھەممىنى قورشىغان ئىرادە ۋە ئىلىمدەك سۈپەتلەر پۈتۈن دەلىللىرى بىلەن «ھەييۇن»، «قەييۇم» بولغان زاتنىڭ ھاياتىغا ۋە قەتئىي بارلىقىغا شاھادەت قىلىدۇ. شۇنداقلا پۈتۈن كائىناتنى بىر كۆلەڭگىسى بىلەن نۇرلاندۇرغان ۋە بىر جىلۋىسى بىلەن پۈتۈن ئاخىرەت دىيارىنى زەررىلىرى بىلەن بىللە ھاياتلاندۇرغان ئەبەدىي ھاياتىغا شاھادەت قىلىدۇ.

  ھايات «پەرشتىلەرگە ئىمان» ئاساسىغىمۇ قارايدۇ، ئىشارەت قىلىپ ئىسپات قىلىدۇ. چۈنكى مادەم كائىناتتىكى ئەڭ مۇھىم نەتىجە ھاياتتۇر. ھەمدە ئەڭ زىيادە تارقالغان، قىممەتدارلىقى سەۋەبىدىن نۇسخىلىرى كۆپەيتىلگەن ۋە زېمىن مېھمانخانىسىنى كېلىپ كېتىدىغان كارۋانلار بىلەن جانلاندۇرغان ھايات ئىگىلىرىدۇر. ۋە مادەم يەرشارى بۇ قەدەر ھايات ئىگىلىرىنىڭ تۈرلىرى بىلەن تولدۇرۇلۇپ، داۋاملىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ تۈرلىرىنى يېڭىلاش ۋە كۆپەيتىش ھىكمىتى بىلەن ھەر ۋاقىت تولىدۇ ۋە بوشىلىدۇ. ئەڭ پەس ۋە چىرىگەن ماددىلىرىدىمۇ ھايات ئىگىلىرى كۆپلەپ يارىتىلىپ، بىر ئۇششاق جانلىقلار مەھشەرى بولىدۇ. ۋە مادەم ھاياتنىڭ سۈزۈلگەن ئەڭ ساپ خۇلاسىسى بولغان ئىدراك (شۇئۇر) ۋە ئەقىل، ئەڭ لەتىف (گۈزەل) ۋە تۇراقلىق جەۋھىرى بولغان روھ بۇ يەرشارىدا غايەت كۆپ بىر سۈرەتتە يارىتىلىدۇ. خۇددى يەرشارى ھايات، ئەقىل، ئىدراك ۋە روھلار بىلەن ھاياتلىنىپ شۇنداق جانلاندۇرۇلغان. ئۇنداقتا يەرشارىدىن تېخىمۇ لەتىف، تېخىمۇ نۇرانى، تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان ئاسمان جىسىملىرى ئۆلۈك، جانسىز، ھاياتسىز ۋە ئىدراكسىز قېلىشى ئەلۋەتتە ئىمكانىيەت سىرتىدىدۇر. دېمەك، ئاسمانلارنى، قۇياشلارنى ۋە يۇلتۇزلارنى جانلاندۇرىدىغان، ھاياتدارلىق ۋەزىيىتىنى بېرىدىغان، ساماۋاتنىڭ يارىتىلىش نەتىجىسىنى كۆرسىتىدىغان ۋە سۇبھانىي خىتابلارغا ئىگە بولىدىغان ئىدراك ئىگىلىرى، ھايات ئىگىلىرى ۋە ساماۋاتقا مۇناسىپ ئاھالىلەر ھايات سىرى بىلەن چوقۇم بولۇشى كېرەككى، ئۇلار بولسىمۇ پەرشتىلەردۇر.

  ھەم ھاياتنىڭ ماھىيەت سىرى «پەيغەمبەرلەرگە ئىمان» ئاساسىغا قاراپ ئىشارەت قىلىپ ئىسپات قىلىدۇ. شۇنداق، مادەم كائىنات ھايات ئۈچۈن يارىتىلغان، ھاياتمۇ ھەييۇل قەييۇم بولغان ئەزەلىي زاتنىڭ ئەڭ چوڭ بىر جىلۋىسىدۇر، ئەڭ مۇكەممەل بىر نەقشىدۇر ۋە ئەڭ گۈزەل بىر سەنئىتىدۇر. مادەم ئەبەدىي ھايات ئەلچىلەرنىڭ ئەۋەتىلىشى بىلەن ۋە كىتابلارنىڭ چۈشۈرۈلىشى بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق، ئەگەر كىتابلار ۋە پەيغەمبەرلەر بولمىسا ئۇ ئەزەلىي ھايات بىلىنمەيدۇ. ئالايلۇق، بىر ئادەمنىڭ سۆزلىشى بىلەن تىرىك ۋە ھاياتدار ئىكەنلىكى چۈشىنىلىدۇ. شۇنىڭدەكلا، بۇ كائىناتنىڭ پەردىسى ئاستىدا بولغان، غەيب ئالىمىنىڭ ئارقىسىدا سۆزلىگەن، ئەمىر ۋە چەكلىمىلەر بىلەن خىتاپ قىلغان بىر زاتنىڭ سۆزلىرىنى، خىتاپلىرىنى كۆرسىتىدىغان، پەيغەمبەرلەردۇر ۋە قوللىرىدا نازىل بولغان كىتابلاردۇر. ئۇنداقتا كائىناتتىكى ھايات قەتئىي بىر سۈرەتتە ئەزەلىي ھايات ئىگىسىنىڭ قەتئىي بارلىقىغا قەتئىي شاھادەت قىلغىنىدەك، ئەلۋەتتە ئۇ ئەزەلىي ھاياتنىڭ شولىلىرى، جىلۋىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىرى بولغان «ئەلچى ئەۋەتىش» ۋە «كىتاب چۈشۈرۈش» ئاساسلىرىغا قارايدۇ، ئىشارەت قىلىپ ئىسپات قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ۋە قۇرئانىي ۋەھىي ھاياتنىڭ روھى ۋە ئەقلى ھۆكمىدە بولغانلىقتىن، بۇ ھاياتنىڭ بارلىقىدەكلا ئۇلارنىڭ ھەققانىيەتلىرىمۇ قەتئىيدۇر، دېيىشكە بولىدۇ.

  شۇنداق، ھايات بۇ كائىناتتىن سۈزۈلگەن بىر خۇلاسىدۇر. شۇئۇر (ئىدراك) ۋە ھېسمۇ ھاياتتىن سۈزۈلگەن، ھاياتنىڭ بىر خۇلاسىسىدۇر. ئەقىلمۇ شۇئۇردىن ۋە ھېستىن سۈزۈلگەن، شۇئۇرنىڭ بىر خۇلاسىسىدۇر. روھمۇ ھاياتنىڭ خالىس ۋە ساپ بىر جەۋھىرى، تۇراقلىق ۋە مۇستەقىل نېگىزىدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ھاياتىمۇ كائىناتنىڭ ھاياتى ۋە روھىدىن سۈزۈلگەن خۇلاسىنىڭ خۇلاسىسىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىمۇ كائىناتنىڭ ھېس، شۇئۇر ۋە ئەقلىدىن سۈزۈلگەن ئەڭ ساپ خۇلاسىسىدۇر. بەلكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ھاياتى كۆرۈلگەن ئەسەرلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن كائىنات ھاياتىنىڭ ھاياتىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى كائىنات شۇئۇرىنىڭ شۇئۇرى ۋە نۇرىدۇر. قۇرئانىي ۋەھىيمۇ ھاياتدار ھەقىقەتلىرىنىڭ شاھادىتى بىلەن كائىنات ھاياتىنىڭ نۇرىدۇر ۋە كائىنات شۇئۇرىنىڭ ئەقلىدۇر. شۇنداق، شۇنداق، شۇنداقئەگەر كائىناتتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ نۇرى چىقسا، ئايرىلسا كائىنات ۋاپات بولىدۇ. ئەگەر قۇرئان چىقسا كائىنات ساراڭ بولىدۇ ۋە يەرشارى كاللىسىنى، ئەقلىنى يوقىتىدۇ، بەلكى شۇئۇرسىز قالغان بېشىنى بىر سەييارىغا ئۇرىدۇ، قىيامەتنى قوپۇرىدۇ...

  ھايات «تەقدىرگە ئىمان» ئاساسىغا قارايدۇ، ئىشارەت قىلىپ ئىسپات قىلىدۇ. چۈنكى مادەم ھايات شاھادەت (بۇ كۆرىنىۋاتقان) ئالىمىنىڭ نۇرىدۇر، ھەممە يەرنى قاپلىغاندۇر، ۋۇجۇدنىڭ (بارلىقنىڭ) نەتىجىسىدۇر ۋە غايىسىدۇر، كائىنات ياراتقۇچىسىنىڭ ئەڭ مۇجەسسەم ئەينىكىدۇر ۋە رەببانىي پائالىيەتنىڭ ئەڭ مۇكەممەل نەمۇنىسى ۋە مۇندەرىجىسىدۇر. ـــــ ئوخشىتىش خاتا چۈشىنىلىپ قالمىسۇن ـــــ بىر خىل پروگراممىسى ھۆكمىدىدۇر. ئۇنداقتا غەيب ئالىمى، يەنى ئۆتكەن ۋە كېلىدىغان زامان مەخلۇقاتىنىڭ مەنىۋى ھاياتلىرى ھۆكمىدە بولغان ئىنتىزام، نىزام، مەلۇملۇق، كۆرۈنۈش، مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈش ۋە يارىتىلىش ئەمىرلىرىگە بويسۇنۇشقا تەييار بىر ۋەزىيەتتە بولۇشلىرىنى ھايات سىرى ئەلۋەتتە تەقەززا قىلىدۇ.

  ئالايلۇق، بىر دەرەخنىڭ ئاساس ئۇرۇقى، يىلتىزى، ھەمدە ئاخىرىدىكى ۋە مېۋىلىرىدىكى ئۇرۇقلىرىمۇ ئەينەن دەرەختەك بىر ھاياتقا ئىگىدۇر. بەلكى دەرەخنىڭ ھاياتىي قانۇنىيەتلىرىدىن تېخىمۇ ئىنچىكە ھاياتىي قانۇنىيەتنى ئىچىدە ساقلايدۇ. يەنە ئالايلۇق، بۇ باھاردىن ئاۋۋال ئۆتۈپ كەتكەن كۈز تاشلاپ كەتكەن ئۇرۇقلار ۋە يىلتىزلارمۇ، بۇ باھار كەتكەندىن كېيىن كېلىدىغان باھارلاغا قويۇپ قويىدىغان ئۇرۇقلىرى ۋە يىلتىزلىرىمۇ بۇ باھاردەكلا ھايات جىلۋىسىگە ئىگىدۇر ۋە ھاياتىي قانۇنىيەتلەرگە باغلىقتۇر.

  دەل شۇلارغا ئوخشاش، كائىنات دەرىخىنىڭ پۈتۈن تال ۋە پۇتاقلىرى بىلەن بىللە ھەر بىرىنىڭ بىر ئۆتكەن زامانى ۋە كېلىدىغان زامانى بار. ئۆتكەن ۋە كېلىدىغان زامانلاردىكى ئەھۋال ۋە ۋەزىيەتلەردىن تەركىب تاپقان بىر زەنجىرى بولىدۇ. ھەر تۈرى ۋە ھەر ئەزاسىنىڭ خىلمۇخىل بارلىقلىرى ﷲنىڭ ئىلىمىدە خىلمۇخىل ئەھۋاللار بىلەن، بىر ئىلمىي بارلىق زەنجىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. سىرتقى بارلىقتەك ئۇ ئىلمىي بارلىقمۇ ئومۇمىي ھاياتنىڭ مەنىۋى بىر جىلۋىسىگە ئىگىدۇركى، ھاياتىي تەقدىرلەر ئۇ مەنىدار ۋە ھاياتدار تەقدىر لەۋھەلىرىدىن ئېلىنىدۇ. شۇنداق، غەيب ئالىمىنىڭ بىر تۈرى بولغان روھلار ئالىمى ھاياتنىڭ ئۆزى، ھاياتنىڭ ماددىسى ۋە ھاياتنىڭ جەۋھەرلىرى ۋە ھاياتنىڭ ئاساسى بولغان روھلار بىلەن تولغان بولۇشى ئەلۋەتتە ئۆتكەن زامان دېيىلگەن غەيبى ئالەمنىڭ يەنە بىر تۈرىمۇ ۋە ئىككىنچى قىسمىمۇ ھايات جىلۋىسىگە ئىگە بولۇشىنى خالايدۇ ۋە كۆرسىتىدۇ. ھەم ھەر بىر نەرسىنىڭ ئىلمىي جەھەتتىكى بارلىقىدا مەۋجۇت بولغان مۇكەممەل ئىنتىزامى، مەنىدار ۋەزىيەتلىرى، ھەمدە جانلىق مېۋىلىرى ۋە ھالەتلىرى بىر خىل مەنىۋى ھاياتقا ئىگە ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

  شۇنداق، ئەزەلىي ھايات قۇياشىنىڭ نۇرى بولغان بۇ ھايات جىلۋىسى ئەلۋەتتە پەقەتلا بۇ شاھادەت ئالىمىگە، ھازىرقى زامانغىلا ۋە بۇ كۆرىنىشتىكى مەۋجۇدات بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەلكى ھەر بىر ئالەم قابىلىيىتىگە قارىتا ئۇ نۇرنىڭ جىلۋىسىگە ئىگىدۇر. كائىنات پۈتۈن ئالەملىرى بىلەن بىللە ئۇ جىلۋە بىلەن ھاياتدار ۋە نۇرلۇقتۇر. بولمىسا ئازغۇنلۇق نەزىرىنىڭ دېگىنىدەك، ۋاقىتلىق ۋە كۆرۈنۈشتىكى بىر ھايات ئاستىدا ھەر بىر ئالەم چوڭ ۋە قورقۇنچلۇق بىردىن مۇردا ۋە قاراڭغۇ خارابىلىك بولغان بولاتتى.

  دېمەك «تەقدىر ۋە قازاغا ئىمان» ئاساسىمۇ كەڭ دائىرىدە ھايات سىرى بىلەن چۈشىنىلىدۇ ۋە ئىسپاتلىنىدۇ. يەنى شاھادەت ئالىمىنىڭ ۋە مەۋجۇت بولغان ھازىرقى شەيئىلەرنىڭ ئىنتىزاملىرى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن ھاياتدار ئىكەنلىكلىرى كۆرۈنگىنىدەك، غەيب ئالىمىدىن سانالغان ئۆتكەن ۋە كېلىدىغان زامان مەخلۇقاتىنىڭمۇ مەنىۋى جەھەتتىن ھاياتدار بىر مەنىۋى بارلىقلىرى ۋە روھلۇق بىردىن ئىلمىي ۋۇجۇدلىرى باردۇركى، قازا ۋە تەقدىر لەۋھەسى ۋاستىسى بىلەن ئۇ مەنىۋى ھاياتنىڭ ئەسىرى تەقدىر نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە كۆرۈنىدۇ.

  بەشىنچى ئىشارەت: ھاياتنىڭ ئون ئالتىنچى خۇسۇسىيىتىدە دېيىلگەنكى، ھايات بىر نەرسىگە كىرگەن ۋاقىتتا، ئۇ جەسەتنى بىر ئالەم ھۆكمىگە ئېلىپ كىلىدۇ. جۈز بولسا كۈللدەك، جۈزئىيگىمۇ كۈللىيدەك بىر مۇجەسسەملىك بېرىدۇ. شۇنداق، ھاياتنىڭ شۇنچىلىك بىر مۇجەسسەملىكى باركى، گويا پۈتۈن كائىناتتا جىلۋىلەنگەن ئەسمائۇل ھۇسنانىڭ (گۈزەل ئىسىملارنىڭ) كۆپىنچىسىنى ئۆزىدە كۆرسەتكەن مۇجەسسەم بىر ئەھەدىيەت ئەينىكىدۇر. بىر جىسىمغا ھايات كىرگەندە، كىچىك بىر ئالەم ھۆكمىگە ئېلىپ كېلىدۇ. خۇددى كائىنات دەرىخىنىڭ بىر خىل مۇندەرىجىسىنى ساقلىغان بىر تۈرلۈك ئۇرۇق ھۆكمىگە كەلتۈرىدۇ. بىر ئۇرۇق ئۇنىڭ دەرىخىنى يارىتالايدىغان بىر قۇدرەتنىڭلا ئەسىرى بولغىنىدەك، ئەڭ كىچىك بىر ھايات ئىگىىسىنى ياراتقانمۇ ئەلۋەتتە پۈتۈن كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر

  دېمەك، بۇ ھايات بۇ مۇجەسسەملىكى بىلەن ئەھەدىيەتنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن بىر سىرىنى ئۆزىدە كۆرسىتىدۇ. يەنى، چوڭ قۇياش زىياسى، يەتتە رەڭگى ۋە ئەكسى بىلەن ئۆزىگە قارىغان ھەر بىر تامچە سۇدا ۋە ھەر بىر ئەينەك زەررىسىدە كۆرىنىدۇ. شۇنىڭدەكلا، ھەر بىر ھايات ئىگىسىدە كائىناتنى قورشىغان ﷲنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنىڭ جىلۋىلىرى بىللە جىلۋىلىنىدۇ. بۇ نۇقتىئىنەزەردىن ھايات كائىناتنى رۇبۇبىيەت ۋە ئىجاد جەھەتىدە پارچىلىنىشنى ۋە بۆلۈنۈشنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر كۈلل ھۆكمىگە، بەلكى ئىشتىراكى(قوشۇلغان بولۇشى) ۋە ئاجرىشىشى ئىمكان سىرتىدا بولغان بىر كۈللىي ھۆكمىگە ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداق، سېنى ياراتقان پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ياراتقان زات ئىكەنلىكىنى، سېنىڭ يۈزۈڭدىكى تامغىسى بەكمۇ ئوچۇق كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ ماھىيىتى بىردۇر. بۆلۈنۈشى مۇمكىن ئەمەستۇر.

  ھەم ھايات ۋاستىسى بىلەن كائىناتنىڭ جۈزلىرى ئۇنىڭ فەردلىرى ھۆكمىگە، كائىنات بولسا بىر تۈر ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. ئەھەدىيەت تامغىسىنى بىر پۈتۈن ھەممىسىدە كۆرسەتكىنىدەك، ھەر بىر پارچىسىدىمۇ ئۇ ئەھەدىيەت تامغىسىنى ۋە سەمەدىيەت مۆھۈرىنى كۆرسىتىپ، شىرىك ۋە ئىشتىراكنى ھەر جەھەتتىن رەت قىلىدۇ.

  ھەم ھاياتتا رەببانىي سەنئەتنىڭ شۇنداق پەۋقۇلئاددە ھەيران قالارلىق مۆجىزىلىرى باركى، پۈتۈن كائىناتنى يارىتالمىغان بىر زات، بىر قۇدرەت ئەڭ كىچىك ھايات ئىگىسىنى يارىتالمايدۇ. شۇنداق، بىر نوقۇت دانىسىدا پۈتۈن قۇرئاننى يازغاندەك، قارىغاينىڭ ناھايىتى كىچىك بىر ئۇرۇقىدا يوغان قارىغاي دەرىخىنىڭ مۇندەرىجىسىنى ۋە تەقدىرىنى يازغان قەلەم ئەلۋەتتە ساماۋاتنى، يۇلتۇزلار بىلەن يازغان قەلەم بولىدۇ. شۇنداق، بىر ھەرىنىڭ كىچىككىنە بېشىدا كائىنات باغچىسىدىكى چېچەكلەرنى تونۇيدىغان، كۆپىنچە تۈرلەر بىلەن مۇناسىۋەتدار بولىدىغان، ھەسەلدەك بىر رەھمەت ھەدىيەسىنى ئېلىپ كېلىدىغان ۋە دۇنياغا كەلگەن كۈنىلا ھايات شارائىتلىرىنى بىلىدىغان دەرىجىدە بىر قابىلىيەتنى، ھېستۇيغۇ ۋە تۈزۈلمىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان زات ئەلۋەتتە پۈتۈن كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر.

  خۇلاسە: ھايات كائىناتنىڭ يۈزىدىكى پارلاق بىر تەۋھىد تامغىسىدۇر. ھەر بىر روھ ئىگىسىمۇ ھايات نۇقتىسىدا بىر ئەھەدىيەت تامغىسىدۇر. ھاياتنىڭ ھەر بىر شەخسىدىكى سەنئەت نەقىشى بىر سەمەدىيەت مۆھۈرىدۇر. ھەمدە ھايات ئىگىلىرىنىڭ سانىچە بۇ كائىنات مەكتۇبلىرىغا ھەييۇل قەييۇم، ۋاھىد ۋە ئەھەد نامىدىن ھاياتلىرى بىلەن تامغا باسىدۇ. ئۇلار ئۇ مەكتۇبتا تەۋھىد مۆھۈرلىرى، ئەھەدىيەت ئىمزالىرى ۋە سەمەدىيەت تامغىلىرى ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ھاياتتەك ھەر بىر ھايات ئىگىسىمۇ بۇ كائىنات كىتابىدا بىردىن بىرلىك مۆھۈرى بولغىنىدەك، ھەر بىرىنىڭ يۈزىدە ۋە سىماسىدا بىردىن ئەھەدىيەت تامغىسى قويۇلغاندۇر. ھەم ھايات جۈزئىيلىرى سانىچە ۋە جانلىق شەخسلىرى سانىچە ھەييۇل قەييۇمنىڭ بىرلىكىگە شاھادەت قىلغان ئىمزا ۋە مۆھۈرلەردۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش ھايات بېرىش ۋە تىرىلدۈرۈش پېئىلىمۇ شەخسلىرى سانىچە تەۋھىدكە ئىمزا باسىدۇ. مەسىلەن:

  ھايات بېرىشنىڭ بىر شەخسى بولغان زېمىنگە ھايات بېرىش قۇياشتەك پارلاق بىر تەۋھىد شاھىتىدۇر. چۈنكى باھاردا زېمىننىڭ تىرىلىشىدا ۋە ھاياتلىنىشىدا ئۈچيۈزمىڭ تۈر، ھەر تۈرنىڭ چەكسىز شەخسلىرى بىلەن بىللە، بىربىرى ئىچىدە، نۇقسانسىز، قۇسۇرسىز، مۇكەممەل ۋە ئىنتىزاملىق شەكىلدە ھاياتلىنىدۇ ۋە تىرىلىدۇ. شۇنداق، بۇ بىرلا پېئىل بىلەن چەكسىز ئىنتىزاملىق پېئىللارنى قىلغان ئەلۋەتتە پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. پۈتۈن ھايات ئىگىلىرىگە ھايات بەرگەن ھەييۇل قەييۇمدۇر. ۋە رۇبۇبىيىتىدە شىرىك قوبۇل قىلمايدىغان بىر ۋاھىد ۋە ئەھەدتۇر.

  ھازىرچە ھاياتنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن شۇنچىلىك ئاز ۋە قىسقىچە يېزىلدى. باشقا خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بايانى ۋە تەپسىلاتىنى رىسالەئى نۇرغا ۋە باشقا ۋاقىتقا ھاۋالە قىلىمىز.

خاتىمە

  ئىسمى ئەزەم ھەر كىم ئۈچۈن بىر بولمايدۇ. بەلكى باشقاباشقا بولىدۇ. مەسىلەن: ئىمامى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈن «فەرد، ھەييۇن، قەييۇم، ھەكەم، ئەدل ۋە قۇددۇس»تىن ئىبارەت ئالتە ئىسىمدۇر. ئىمامى ئەزەمنىڭ ئىسمى ئەزەمى: «ھەكەم، ئەدل» ئىسىملىرىدۇر. غەۋسۇل ئەزەمنىڭ ئىسمى ئەزەمى: «يا ھەييۇندۇر. ۋە ئىمامى رەببانىينىڭ ئىسمى ئەزەمى: «قەييۇم»دۇر. ۋەھاكازا… نۇرغۇنلىغان زاتلار يەنە باشقا ئىسىملارنى ئىسمى ئەزەم دەپ كۆرۈشكەندۇر. بۇ بەشىنچى نۇكتە «ھەييۇن» ئىسمى ھەققىدە بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەم تەۋەرۈك، ھەم شاھىت، ھەم دەلىل، ھەم مۇقەددەس ھۆججەت، ھەم ئۆزىمىزگە بىر دۇئا، ھەم بۇ رىسالىگە گۈزەل بىر خاتىمە قاتارىدا، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ «جەۋشەنۇل كەبىر» نامىدا مەرىفەتۇللاھتىكى غايەت يۈكسەك ۋە غايەت مۇجەسسەم دەرىجىدە مەرىپىتىنى ئىپادىلەپ قىلغان ئۇلۇغ مۇناجاتىغا؛ بىزمۇ خىيالەن ئۇ زامانغا بېرىپ رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ دېگىنىگە «ئامىندەپ ئەينى شۇ مۇناجاتنى ئۆزىمىزمۇ سۆزلەۋاتقاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ساداسى بىلەن دەيمىز:

يَا حَىُّ قَبْلَ كُلِّ حَىٍّ يَا حَىُّ بَعْدَ كُلِّ حَىٍّ

يَا حَىُّ الَّذِى لَيْسَ كَمِثْلِهِ حَىٌّ يَا حَىُّ الَّذِى لاَ يُشْبِهُهُ شَيْءٌ

يَا حَىُّ الَّذِى لاَ يَحْتَاجُ اِلَى حَىٍّ يَا حَىُّ الَّذِى لاَ يُشَارِكُهُ حَىٌّ يَا حَىُّ الَّذِى يُمِيتُ كُلَّ حَىٍّ يَا حَىُّ الَّذِى يَرْزُقُ كُلَّ حَىٍّ

يَا حَىُّ الَّذِى يُحْيِى الْمَوْتَى يَا حَىُّ الَّذِى لاَ يَمُوتُ

سُبْحَانَكَ يَا لاَ اِلهَ اِلاَّ اَنْتَ اْلاَمَانُ اْلاَمَانُ نَجِّنَا مِنَ النَّارِ آمِينَ

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ

————

* ھەييۇن:حَى، ھاياتدار، ھەمىشە تېرىك، ھايات ئىگىسى بولغان ﷲ.

** ھەييۇل قەييۇم: يەنى ھەييۇن ۋە قەييۇم، قەييۇم: ھەر شەيئى پەقەت ئۇ ئارقىلىق شۇنداق (قىيامدا) تۇرىدىغان، ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولغان ﷲ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.