ئىقتىسادچىللىق بىلەن بېخىللىقنىڭ كۆپ پەرقى بار

ئىقتىسادچىللىق بىلەن بېخىللىقنىڭ كۆپ پەرقى بار

 ئىقتىسادچىللىق بىلەن بېخىللىقنىڭ كۆپ پەرقى بار. مەسىلەن: كىچىك پېئىللىق، ناچار ئەخلاق بولغان خوشامەتچىلىكتىن مەنە جەھەتتىن ئايرىم، بىراق كۆرۈنۈشتە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر گۈزەل خىسلەتتۇر. ۋە يەنە تەمكىنلىك، يامان خىسلەتلەردىن بولغان تەكەببۇرلۇق بىلەن مەنە جەھەتتىن پەرقلىق، ئەمما كۆرۈنۈشتە ئوخشىشىپ كېتىدىغان گۈزەل خىسلەتتۇر. شۇنىڭدەكلا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالىي ئەخلاقىدىن بولغان ۋە بەلكى ﷲنىڭ كائىناتتىكى ھىكمەت نىزاملىرىنى كۆرسىتىدىغان ئىقتىسادچىللىق بولسا، يوقسۇللۇق، پىخسىقلىق، تاماكارلىق ۋە ھېرىسلىقنىڭ بىر ئارىلاشمىسى بولغان بېخىللىق بىلەن ھېچ مۇناسىۋىتى يوق. پەقەتلا كۆرۈنۈشتە بىر ئوخشاشلىق بار. بۇ ھەقىقەتنى قۇۋۋەتلەيدىغان بىر ۋەقە:

    ئابدۇللاھ ئىسىملىك  مەشھۇر يەتتە ساھابىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ھەزرەتلىرىكى، رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى بولغان فارۇقى ئەئزەم ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ (ر.ئە) ئەڭ مۇھىم ۋە چوڭ ئوغلى ۋە ساھابە ئالىملىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۈستۈنلىرىدىن بولغان ئۇ زات بازار ئىچىدە، سوداسېتىقتا قىرىق تىيىنلىق بىر مەسىلىدە ئىقتىسادچىللىق ئۈچۈن ۋە تىجارەتنىڭ ئاساسى بولغان ئىشەنچ ۋە توغرىلىقنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن قاتتىق تالاشتارتىش قىپتۇ. بىر ساھابە ئۇنى كۆرۈپتۇ. زىمىن يۈزىنىڭ شانلىق خەلىپىسى بولغان ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلىنىڭ قىرىق تىيىن ئۈچۈن قىلغان باھا تالىشىشىنى ئاجايىپ بىر پىخسىقلىق دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئەھۋالنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇ ئىمامنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپتۇ. كۆرۈپتۇكى، ھەزرىتى ئابدۇللاھ مۇبارەك ئۆيىگە كەپتۇ. ئىشىكىدە بىر پېقىر ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا بىر نەرسە بىرىپ مېڭىپتۇ. ئاندىن ئۆيىنىڭ ئىككىنچى ئىشىكىدىن چىقىپ، ئۇ يەردە يەنە بىر پېقىر ئادەمنى كۆرۈپتۇ. ئۇنىڭ بىلەنمۇ بىردەم ھايال بولۇپ ئاندىن ئايرىلىپتۇ. يىراقتىن قاراپ تۇرغان ئۇ ساھابە قىزىقىپ، ئۇ پېقىر كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ: «ئىمام سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا تۇردى، نېمە ئىش قىلدى؟» دەپ سوراپتۇ. ھەربىرى دەپتۇ: «ماڭا بىر تىللا بەردى». ئۇ ساھابە: «سۇبھاناللاھ! بايا بازاردا قىرىق تىيىن ئۈچۈن شۇنچىۋالا تالاشقان ئادەم، ئۆيىدە يىگىرمە دىرھەمنى سەزدۈرمەستىن، نەفسىنىڭ تولۇق رازىلىقى بىلەن بېرىۋېتىشى ئەجەبلىنەرلىكقۇ؟» دەپ ئويلاپ ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئى ئىمام، بۇ مۈشكۈلۈمنى ھەل قىل، سەن بازاردا مۇنداق قىلدىڭ، ھەم ئۆيۈڭدە شۇنداق قىپسەن»-دەپتۇ. ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: «بازاردىكى ۋەزىيەت ئىقتىسادچىللىقتىن، كامالى ئەقىلدىن، ئېلىمسېتىمنىڭ ئاساسى ۋە روھى بولغان ئىشەنچ ۋە ساداقەتنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىدىن كەلگەن بىر ھالەتتۇر، پىخسىقلىق ئەمەستۇر. ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىيەت بولسا قەلبنىڭ شەپقىتىدىن ۋە روھنىڭ كامالىدىن كەلگەن ھالەتتۇر. ئۇ بېخىللىق بولمىغىنىدەك بۇمۇ ئىسراپچىلىق ئەمەس»-دەپتۇ.

    ئىمام ئەئزەم بۇ سىرغا ئىشارەتەن لاَ اِسْرَافَ فِى الْخَيْرِ كَمَا لاَ خَيْرَ فِى اْلاِسْرَافِ  دېگەندۇر. يەنى: «خەيردە ۋە ياخشىلىقتا (بىراق لايىق بولغانلارغا) ئىسراپ بولمىغىنىدەك، ئىسراپتىمۇ ھېچ بىر خەير يوقتۇر…»


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.