ئىقتىسادچىللىق ۋە قانائەت ھەققىدە

ئىقتىسادچىللىق ۋە قانائەت ھەققىدە

ئون توققۇزىنچى لەمئا

(ئىقتىسادچىللىق ۋە قانائەت، ئىسراپچىلىق ۋە بۇزۇپچېچىشقا دائىردۇر.)

بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

﴿كُلُوا وَ اشْرَبُوا وَ لاَ تُسْرِفُوا

(ئەئراف:31)

شۇ ئايەتى كەرىمە ئىقتىسادچىللىققا قەتئىي ئەمىر ۋە ئىسراپتىن قەتئىي چەكلەش سۈرىتىدە غايەت مۇھىم بىر ھىكمەت دەرسى بېرىدۇ. شۇ مەسلىدە «يەتتە نۇقتا» بار.

  بىرىنچى نۇقتا: خالىقى رەھىم (رەھىملىك ياراتقۇچى) ئىنسانىيەتكە بەرگەن نىمەتلەرگە قارىتا شۈكۈر خالايدۇ. ئىسراپچىلىق بولسا شۈكۈرگە زىتتۇر، نىمەتكە قارشى ھەسرەتلىك بىر پەس كۆرۈشتۇر. ئىقتىسادچىللىق بولسا نىمەتكە قارشى مەنپەئەتلىك بىر ئىھتىرامدۇر. شۇنداق، ئىقتىسادچىللىق ھەم بىر مەنىۋى شۈكۈر، ھەم نىمەتلەردىكى ﷲنىڭ رەھمىتىگە قارىتا بىر ھۆرمەت، ھەم قەتئىي بىر سۈرەتتە بەرىكەت سەۋەبى، ھەم بەدەنگە پەرھىز بولۇشقا ئوخشاش بىر راھەت سەۋەبى، ھەم مەنىۋى تىلەمچىلىك خورلۇقىدىن قۇتقۇزىدىغان ئىززەت ۋاستىسى، ھەم نىمەت ئىچىدىكى لەززەتنى تېتىش ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك بىر سەۋەبتۇر. ئىسراپچىلىق بولسا مەزكۇز ھىكمەتلەرگە مۇخالىپ بولغانلىقتىن قورقۇنچلۇق نەتىجىلىرى باردۇر.

  ئىككىنچى نۇقتا: فاتىرى ھەكىم(ھىكمەتلىك ياراتقۇچى)، ئىنساننىڭ بەدىنىنى مۇكەممەل بىر ساراي سۈرىتىدە ۋە مۇنتىزىم بىر شەھەر مىسالىدا ياراتقاندۇر. ئېغىزدىكى تەم سېزىمىنى بىر ئىشىك باقار، ھىس ۋە تۇيغۇلىرى تېلېفۇن ۋە تېلېگىراف سىملىرىدەك (تەم تېتىش سېزىمى بىلەن، بەدىنىنىڭ مەركىزىدىكى ئاشقازان بىلەن خەۋەرلىشىش ۋاستىسىدۇركى) ئاغزىغا كىرگەن ماددىنى ئۇ سېزىملارغا خەۋەر بېرىدۇ. بەدەنگە، ئاشقازانغا لازىمى بولمىسا «چەكلىنىدۇدەيدۇ، سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ. بەزىدە بەدەنگە پايدىسى بولماسلىق بىلەن بىرگە زىيانلىق ۋە ئاچچىق بولسا دەرھال سىرتقا ھەيدەيدۇ، يۈزىگە تۈكۈرىدۇ.

  مادەمكى ئېغىزدىكى تەم سېزىمى بىر ئىشىك باقار بولغان ئىكەن، ئاشقازان، بەدەننىڭ ئىدارىسى نۇقتىسىدا بىر خوجا، بىر ھاكىمدۇر. ئۇ سارايغا ۋەياكى ئۇ شەھەرگە كەلگەن ۋە ساراينىڭ ھاكىمىغا بېرىلگەن ھەدىيەلەرنىڭ يۈز دەرىجە قىممىتى بولسا، ئىشىك باقار مەغرۇرلىنىپ، ھەددىدىن ئېشىپ، ۋەزىپىسىنى ئۇنۇتۇپ، كۆپرەك ھەدىيە بەرگەن ئىسيانچىلارنى ساراي ئىچىگە كىرگۈزمەسلىكى ئۈچۈن ئىشىك باقارغا ھەدىيە تۈرىدىن پەقەت بەش دەرىجىسى مۇۋاپىق بولىدۇئۇنىڭدىن كۆپ بولمايدۇ. مانا بۇ سىرغا بىنائەن، ھازىر ئىككى لوقما پەرەز قىلىمىز: بىرى قىرىق تىيىنلىق ئىرىمچىك ۋە تۇخۇمدەك بىر ئوزۇقلۇق ماددا، يەنە بىرى ئون سوملۇق ئەڭ ئالى باققالى. بۇ ئىككى لوقما ئېغىزغا كىرىشتىن بۇرۇن، جىسىم ئېتىبارى بىلەن پەرقى يوقتۇر، باراۋەردۇر. گالدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەدەنگە بولغان پايدىسى بويىچە يەنە ئوخشاشتۇر. بەلكىم بەزەن قىرىق تىيىنلىق ئىرىمچىك تېخىمۇ مەنپەئەتلىك بولۇشى مۇمكىن. پەقەتلا ئېغىزدىكى تەم سېزىمىنى قاندۇرۇش نۇقتىسىدا يېرىم مىنۇت پەرقى بار. يېرىم مىنۇت خاتىرىسى ئۈچۈن قىرىق تىيىندىن ئون سومغا چىقىش نەقەدەر مەنىسىز ۋە زىيانلىق بىر ئىسراپچىلىق ئىكەنلىكى قىياس قىلىنسۇن. ئەمدى، ساراي ھاكىمىغا كەلگەن ھەدىيە قىرىق تىيىن بولۇش بىلەن بىللە، ئىشىك باقارغا توققۇز ھەسسە زىيادە ھەدىيە بېرىش، ئىشىك باقارنى ھەددىدىن ئاشۇرىدۇ. «مەن ھاكىم» دەپ، كىم كۆپرەك ھەدىيە ۋە لەززەت بەرسە، ئۇنى ئىچىگە ئالىدۇ. قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، يانغىن چىقىرىدۇ. «دوختۇر كەلسۇن، قىزىتمامنى چۈشۈرۈپ، ئوتۇمنى ئۆچۈرسۇن» دېگۈزىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.

  دېمەك، ئىقتىسادچىللىق ۋە قانائەت، ﷲنىڭ ھىكمىتىگە مۇۋاپىق ھەرىكەتتۇر. تەم سېزىمىنى ئىشىك باقار ھۆكمىدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا قارىتا ھەدىيە بىرىدۇ. ئىسراپخورلۇق بولسا، ئۇ ھىكمەتكە زىت ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، تىزلا جاجىسىنى يەيدۇ، ئاشقازاننى ئىلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىشتىھانى يوقىتىدۇ. تاماقلارنىڭ ھەرخىللىقىدىن كەلگەن سۈنئىي، يالغان بىر ئىشتىھا بىلەن يېگۈزىدۇ، ھەزىم قىلالماسلىققا سەۋەب بولۇپ، كېسەل قىلىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.