ئىنسان تىلى بىلەن شۈكۈر قىلىش قانداق بولىدۇ؟

ئىنسان تىلى بىلەن شۈكۈر قىلىش قانداق بولىدۇ؟

  ئۈچىنچى نۇقتا: يۇقىرىقى ئىككىنچى نۇقتىدا تەم سېزىمىنى ئىشىك باقار دېدۇق. شۇنداق، ئەھلى غەپلەت ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەرەققى قىلمىغان ۋە شۈكۈر مەسلىكىدە ئىلگىرلىيەلمىگەن ئىنسانلار ئۈچۈن بىر ئىشىك باقار ھۆكمىدىدۇر. ئۇنىڭ لەززىتىنىڭ يۈزخاتىرىسى ئۈچۈن ئىسراپخورلۇققا ۋە بىر ھەسسىدىن ئون ھەسسە باھاغا چىقماسلىق كېرەكتۇر. ئەمما، ھەقىقىي ئەھلى شۈكۈر ۋە ئەھلى ھەقىقەتنىڭ ۋە ئەھلى قەلبنىڭ تەم سېزىمى ئالتىنچى سۆزدىكى سېلىشتۇرمىدا بايان قىلىنغىنىدەك، ﷲنىڭ رەھمىتىنىڭ نىمەتلىرىگە بىر نازىر ۋە بىر مۇپەتتىش ھۆكمىدىدۇر. ھەمدە ئۇ تەم سېزىمىنىڭ تائاملار سانىچىلىك تارازا بىلەن ﷲنىڭ نىمەتلىرىنىڭ تۈرلىرىنى تارتىش ۋە تونۇش؛ بىر مەنىۋى شۈكۈر سۈرىتىدە تەنگە، ئاشقازانغا خەۋەر بېرىش رولى باردۇر. مانا بۇ سۈرەتتە تەم سېزىمى پەقەتلا ماددى تەنگە قارىمايدۇ، بەلكى قەلبكە، روھقا، ئەقىلگىمۇ قارىغانلىقى جەھەتتىن ئاشقازاندىن ئۈستۈن ھۆكمى بار، مەرتىۋىسى بار.

  ئىسراپ قىلماسلىق، پەقەتلا شۈكۈر ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش، ﷲنىڭ نىمەتلىرىنىڭ تۈرلىرىنى ھېس قىلىپ تونۇش، ھالال بولۇش، خورلۇق ۋە تىلەمچىلىككە سەۋەب بولماسلىق شەرتى بىلەن لەززەتنى خالىسا بولىدۇ، ھەمدە ئۇ تەم سېزىمىنى ئېلىپ يۈرگەن تىلنى شۈكۈردە ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن لەززەتلىك تائاملارنى تاللىسا بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتكە ئىشارەت قىلىدىغان بىر ھادىسە ۋە غەۋسۇل ئەئزەمنىڭ بىر كارامىتى:

  بىر زامان ھەزرىتى غەۋسۇل ئەئزەم شەيخ گەيلانى(قۇددىسە سىررۇھۇ)نىڭ تەربىيەسىدە، نازدار ۋە ياشانغان بىر ئايالنىڭ يالغۇز ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ مۆھتىرەم ئايال ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كۆرۇپتىكى، ئوغلى بىر پارچە قاتتىق ۋە كۆيۈك ناننى يەۋاتقان ئىكەن. ئۇ خىل رىيازەتنىڭ جاپاسىدىن بالىنىڭ ئورۇق كۆرىنىشى ئانىسىنىڭ شەپقىتىنى قوزغاپتۇئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان ئانا شىكايەت ئۈچۈن ھەزرىتى غەۋسنىڭ يېنىغا كىرىپتۇ، قارىسا غەۋسۇل ئەئزەم قىزارتىلغان بىر توخۇ يەۋاتقۇدەك. نازدارلىقىدىن دەپتۇ: «ئەي ئۇستاز، مېنىڭ ئوغلۇم ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتسا سىز توخۇ يەپ ئولتۇرۇپسىز!» ھەزرىتى غەۋس توخۇغا: «قۇم بىئىزنىللاھ»* دېگەن ئىكەن، ئۇ پىشقان توخۇنىڭ سۆڭەكلىرى توپلىنىپ توخۇ بولۇپ قېچىپ كەتكەنلىكى ئىشەنچلىك ۋە ھەقىقەتچىل زاتلاردىن ھەزرىتى غەۋستەك ھەيران قالارلىق كارامەتلەرگە ئىگە بولغانلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بىر زاتنىڭ بىر كارامىتى شەكلىدە مەنىۋى ساغلام خەۋەرلەر بىلەن نەقىل قىلىنغاندۇر. ھەزرىتى غەۋس: «قاچان سېنىڭ ئوغلۇڭمۇ بۇ دەرىجىگە كەلسە، ئۇمۇ توخۇ يېسۇن» دەپتۇ. ھەزرىتى غەۋسنىڭ بۇ ئەمرىنىڭ مەنىسى شۇدۇركى: قاچانكى سېنىڭ ئوغلۇڭمۇ روھى جەسىتىگە، قەلبى نەفسىگە، ئەقلى ئاشقازىنىغا ھاكىم بولسا ۋە لەززەتنى شۈكۈر ئۈچۈن خالىسا، ئۇ چاغدا لەززەتلىك نەرسىلەرنى يېسە بولىدۇ

———————————————————

* قۇم بىئىزنىللاھ: ﷲنىڭ ئىزنى (رۇخسىتى) بىلەن تۇر! –ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.