ئەلەملىك ۋە دەھشەتلىك بىر بالا

ئەلەملىك ۋە دەھشەتلىك بىر بالا

خاتىمە

)ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر مۆجىزە نۇكتەسىگە دائىر بىردىنلا، ئىختىيارسىز، شامدىن كېيىن ئەسكەرتىلگەن ۋە

﴿قُلْ اَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ ﴾

نىڭ زاھىر بولغان بىر غەيبىي مۆجىزىسىنى كۆرسەتكەن ئۇزۇن بىر ھەقىقەتكە قىسقا بىر ئىشارەتتۇر. (

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿قُلْ اَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ وَمِنْ شَرِّ غَاسِقٍ اِذَا وَقَبَ وَمِنْ شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِى الْعُقَدِ وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ اِذَا حَسَدَ﴾(فەلەق:1-5)

مانا، بۇ ھەيران قالارلىق بۈيۈك سۈرە يالغۇز ئىشارىي (ئىشارەتلىك) مەنە جەھەتىدە: «كائىناتتا ئەدەم (يوقلۇق) ئالەملىرى ھېسابىغا تىرىشقان يامانلىق قىلغۇچىلاردىن، ئىنسىي ۋە جىننىي شەيتانلاردىن ئۆزۈڭلارنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار» دەپ، پەيغەمبىرىمىزگە ۋە ئۈممىتىگە ئەمىر قىلىپ، ھەر ئەسىرگە قارىغاندەك ئىشارىي مەنە بىلەن بۇ ئاجايىپ ئەسرىمىزگىمۇ تېخىمۇ زىيادە، ھەتتا ئوچۇق بىر تەرزدە قارايدۇ. قۇرئاننىڭ خىزمەتكارلىرىنى ﷲقا سېغىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ غەيبىي مۆجىزە تۆۋەندە بەش ئىشارەت بىلەن قىسقىچە بايان قىلىنىدۇ:

بۇ سۈرىنىڭ ھەربىر ئايىتىنىڭ مەنىلىرى كۆپتۇر. پەقەتلا ئىشارىي مەنە بىلەن بەش جۈملىسىدە تۆت قېتىم «شەر» يامانلىق) كەلىمىسىنى تەكرارلىشى ۋە قۇۋۋەتلىك مەنىۋى مۇناسىۋەت بىلەن بىللە، تۆت تەرزدە بۇ ئەسىرنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تۆت دەھشەتلىك، بورانچاپقۇنلۇق ماددى ۋە مەنىۋى شەرلىرىگە، ئىنقىلاپلىرىغا ۋە ئۇرۇشۇشلىرىغا ئوخشاش تارىخ بىلەن ئىمزا بېسىشى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن «بۇلاردىن قېچىڭلار» ئەمرىنى قىلىشى، ئەلۋەتتە قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكىگە يارىشىدىغان غەيبىي بىر ئىرشادتۇر (رەھبەرلىكتۇر.

مەسىلەن: باشتا ﴿قُلْ اَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ﴾ جۈملىسى مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك ئىككى ياكى تۆت (ھىجرى 1352-1354) يىلىغا ئەبجەد ۋە جىفر* ھېسابى بىلەن تەۋافۇق** قىلىپ، ئىنسانىيەتتە ئەڭ كەڭ بولغان ئاچكۆزلۈك، ھەسەتخورلۇق بىلەن ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرىشى سەۋەبى بىلەن مەيدانغا كېلىشكە ھازىرلانغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئىشارەت قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئۈممىتىگە مەنەن: «بۇ ئۇرۇشقا كىرمەڭلار ۋە رەببىڭلارغا ئىلتىجا قىلىڭلار» دەيدۇ. شۇنداقلا بىر رەمىز (زەئىپرەك ئىشارەت) دەرىجىسىدىكى مەنە بىلەن، قۇرئاننىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بولغان رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرىغا خۇسۇسىي بىر ئىلتىپات بىلەن، ئۇلارنىڭ ئەسكىشەھىر تۈرمىسىدىن، دەھشەتلىك بىر شەردىن دەل شۇ يىلى قۇتۇلۇشلىرىغا ۋە بېشىغا كېلىدىغان يوقىتىش پىلانىنىڭ ئۈنۈمسىز قالىدىغانلىقىغا رەمىزلىك ھالدا خەۋەر بېرىدۇ. مەنەن «قا سېغىنىڭلار» دەپ ئەمىر قىلغاندەك بىر رەمىز بېرىدۇ.

ھەم مەسىلەن: ﴿مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ﴾ جۈملىسى (تەشدىد سانالمايدۇ) مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش بىر (1361) بولۇپ، بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇرۇشنىڭ مەرھەمەتسىز، زالىملارچە بۇزغۇنچىلىقىغا رۇمى ۋە ھىجرى تارىخى بىلەن بارماق باسقىنىدەك، ئوخشاش ۋاقىتتا پۈتۈن قۇۋۋەتلىرى بىلەن قۇرئان خىزمىتى ئۈچۈن تىرىشقان نۇر شاگىرتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىر يوقىتىش پىلانىدىن، ئەلەملىك ۋە دەھشەتلىك بىر بالادىن ۋە دېڭىزلى تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇشلىرىغا تەۋافۇق ئارقىلىق بىر رەمىزلىك مەنە بىلەن ئۇلارغىمۇ قارايدۇ. «خەلقنىڭ شەررىدىن ئۆزۈڭلارنى ساقلاڭلار» دەپ يوشۇرۇن بىر ئىما مەخپىيرەك ئىشارەت بىلەن دەيدۇ.

ھەم مەسىلەن: ﴿اَلنَّفَّاثَاتِ فِى الْعُقَدِ﴾ جۈملىسى (تەشدىد سانالمايدۇ) مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە سەككىز (1328) بولۇپ، ئەگەر تەشدىدتىكى «لام» سانالسا، مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك سەككىز (1358) دېگەن سان بىلەن بۇ ئومۇمىي ئۇرۇشلارنى قىلغان ئەجنەبى زالىملارنىڭ ئاچكۆزلۈك ۋە ھەسەتخورلۇق بىلەن، بىزدىكى ھۆرىيەت ئىنقىلابىنىڭ قۇرئاننىڭ پايدىسىغا بولغان نەتىجىلىرىنى بۇزۇش پىكرى بىلەن، سەلتەنەت ئالمىشىشى، بالقان ۋە ئىتالىيە ئۇرۇشلىرى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرىنىڭ پارتىلىشى بىلەن ماددى ۋە مەنىۋى زىيانلىرىنى، سىياسىي دىپلوماتلارنىڭ رادىئو تىللىرى بىلەن ھەر كىمنىڭ كاللىلىرىغا سېھرگەردەك، زەھەرلىك پۈۋلەشلىرى بىلەن، ئىنسانىيەت تەقدىرىنىڭ تۈگۈن ۋە كونۇپكىلىرىغا يوشۇرۇن پىلانلىرىنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشىشلىرى ئارقىلىق، مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ۋەھشىيلىك بىلەن ۋەيران قىلغان شەرلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ھازىرلىنىش تارىخىغا (يىللىرىغا) تەۋافۇق كېلىپ، ﴿اَلنَّفَّاثَاتِ فِى الْعُقَدِ﴾ نىڭ دەل مەنىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ھەم مەسىلەن: ﴿وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ اِذَا حَسَدَ﴾ جۈملىسى (تەشدىد ۋە تەنۋىن سانالمايدۇ) يەنە مىڭ ئۈچ يۈز قىرىق يەتتە (1347) بولۇپ، شۇ تارىختا ئەجنەبىلەرنىڭ پايدىسىغا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ زورلىشى بىلەن بۇ ۋەتەندە چوڭ تەۋرىنىشلەر ۋە پەلسەپىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىلەن بۇ دىندار مىللەتتە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدىغانلىقىغا، ئەينەن شۇ يىلى دۆلەتلەردە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ھازىرلىغان دەھشەتلىك ھەسەتلەر ۋە رىقابەتلەرنىڭ ئېلىشىشلىرى بولغان تارىخقا بۇ ئىشارىي مەنە بىلەن تامامەن تەۋافۇقى ۋە مەنە جەھەتتىن ئۇيغۇنلىقى ئەلۋەتتە بۇ مۇقەددەس سۈرىنىڭ غەيبىي ۋە مۆجىزىلىك بىر لەمئاسىدۇر.

بىر ئەسكەرتىش: ھەربىر ئايەتنىڭ خىلمۇخىل مەنىلىرى باردۇر. ھەم ھەربىر مەنە ئومۇمىيدۇر. ھەر ئەسىردە خۇسۇسىي ئوبيېكتلىرى بولىدۇ. تېمىمىزدىكىسى يالغۇز بۇ ئەسىرگە قارىغان ئىشارىي مەنە تەبىقىسىدۇر. ھەم ئۇ ئومۇمىي مەنىدە ئەسرىمىز بىر شەخستۇر. بىراق ئۇنىڭغا تارىخى بىلەن قاراپ ئالاھىدە ئەھۋال كۆرسەتكەن. مەن تۆت يىلدىن بۇيان بۇ ئۇرۇشنىڭ نە جەريانلىرىنى، نە نەتىجىلىرىنى ۋە نە سۈلھى بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكىم ۋە سورىمىغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ مۇقەددەس سۈرىنىڭ بۇ ئەسىرگە ۋە بۇ ئۇرۇشقا يەنە قانچىلىك ئىشارىتى بار دەپ يەنە ئۇنىڭ ئىشىكىنى چەكمىدىم. بولمىسا بۇ خەزىنىدە يەنە كۆپلىگەن سىرلارنىڭ بار ئىكەنلىكى رىسالەئى نۇرنىڭ پارچىلىرىدا، بولۇپمۇ   «رۇمۇزاتى سەمانىيە» (سەككىز رەمىز) رىسالىسىدە بايان ۋە ئىسپات قىلىنغانىدى. شۇڭا ئۇلارغا ھاۋالە قىلىپ شۇ يەردە بولدى قىلىمەن.

خاتىرىگە كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر سوئالنىڭ جاۋابىدۇر:

بۇ مۆجىزىلىك لەمئادا، باشتىكى ﴿مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ﴾دە ھەم مِنْ ھەم شَرِّ كەلىمىلىرى ھېسابقا كىرىشى، ئاخىرىدا ﴿وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ اِذَا حَسَدَ﴾تە يالغۇز شَرِّ كەلىمىسىنىڭ ھېسابقا كىرىشى، وَمِنْ كىرمەسلىكى، ﴿وَمِنْ شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِى الْعُقَدِ﴾تە بولسا ھەر ئىككىسىنىڭ ھېسابلانماسلىقى ناھايىتى ئىنچىكە ۋە لەتىف (گۈزەل) بىر مۇناسىۋەتكە ئىما ۋە رەمىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى، خەلقلەردە شەردىن باشقا خەيرلەرمۇ بار. ھەم ھەر قانداق شەر ھەركىمگە كەلمەيدۇ. بۇنىڭغا رەمىز قىلىپ «قىسمەنلىك» مەنىسىنى ئىپادە قىلغان مِنْ ۋە شَرِّ كىرگەندۇر. ھەسەت قىلغۇچى ھەسەت قىلغان ۋاقىت پۈتۈنلەي شەردۇر، قىسمەنلىك مەنىسىگە كېرەك يوقتۇر. ﴿اَلنَّفَّاثَاتِ فِى الْعُقَدِ﴾ نىڭ رەمىزلىك ئىپادىسى بىلەن، ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن يەر شارىغا ئوت چاچقان پۈۋلىگۈچىلەرنىڭ ۋە ئۇ سېھىرگەر دىپلوماتلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئائىت پۈتۈن ئىشلىرى دەل شەرنىڭ ئۆزىدۇر دەپ، شَرِّ كەلىمىسىنىڭ ھېسابقا كىرىشىگە ھاجەت قالمىدى.

============================

*ئەبجەد ۋە جىفر: ئەرەپچە ھەرپلەرگە بېرىلگەن سان قىممىتى ئارقىلىق، كېلەچەككە ياكى ئۆتكەن زامانغا، ئىبارىلەردىن يىلنامە ياكى ئىسىمغا دائىر ئىشارەتلەرنى چىقىرىش ئىلمى.-ت

** تەۋافۇق: بىربىرىگە ئۇيغۇنلۇق، دەل كېلىش– ت.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.