… ئەي بىچارە بىمار! كېسىلىڭنى ئويلاپ غەم قىلما

… ئەي بىچارە بىمار! كېسىلىڭنى ئويلاپ غەم قىلما

يىگىرمە بەشىنچى لەمئا

(يىگىرمە بەش داۋادىن ئىبارەت)

(بىمارلار ئۈچۈن بىر داۋا، بىر تەسەللى، بىر مەنىۋى رېتسىپ بولۇپ كېسەل سوراش ۋە ساقىيىپ كېتىشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يېزىلدى.)

ئەسكەرتىش:

  بۇ مەنىۋىي رېتسىپ، باشقا بارلىق رىسالىلەرگە نىسبەتەن ئۆزگىچە ھالدا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يېزىلدى. ھەمدە باشقىلىرىغا ئوخشىمىغان ئاساستا، كۆڭۈل بۆلۈپ قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشقىمۇ ۋاقىت بولماي ناھايىتى تېز ھالدا پەقەتلا بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرىلدى. يەنى، بىرىنچى نۇسخىسى قانداق بولغان بولسا شۇ بويىچە تەرتىپسىز قالدى. قەلبكە تەبىئىي بىر سۈرەتتە كەلگەن مەنىلەرنى، سۈنئى بىر شەكىلگە ئۆزگەرتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن يېڭىدىن تەھلىل قىلىشقا ئېھتىياج كۆرمىدۇق. ئوقۇغان زاتلار بولۇپمۇ كېسەللەر بەزى يېقىمسىز ئىبارىلەردىن ياكى ئېغىر ئىپادىلەرىدىن قىينىلىپ خاپا بولۇشمىسۇن، ماڭىمۇ دۇئا قىلىشسۇن.

بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

اَلَّذِينَ اِذَا اَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ قَالُوا اِنَّا لِلّهِ وَاِنَّا اِلَيْهِ رَاجِعُونَ(بەقەرە:156)

وَالَّذِى هُوَ يُطْعِمُنِى وَيَسْقِينِ وَاِذَا مَرِضْتُ فَهُوَ يَشْفِينِ (شۇئەرا:79-80)

  شۇ لەمئادا ئىنسانىيەتنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان ئاغرىق بىتاپلارغا ۋە كېسەللەرگە ھەقىقىي بىر تەسەللىي ھەم پايدىلىق بىر دورا بولىدىغان يىگىرمە بەش داۋانى بايان قىلىمىز:

بىرىنچى داۋا:

  ئەي بىچارە بىمار! كېسىلىڭنى ئويلاپ غەم قىلما، بەلكى سەبىر قىل. سېنىڭ كېسىلىڭ ساڭا دەرت ئەمەس، ئەكىسچە بىر خىل دەرماندۇر. چۈنكى كېتىۋاتقان شۇ ئۆمۈر بىر سەرمايىدۇر. مېۋىسى بولمىسا زايا بولىدۇ. راھەت ۋە غەپلەت بىلەن ئۆتسە ناھايىتى تېز ئۆتىدۇ. كېسەللىكلەر بولسا سېنىڭ ئۇ سەرمايەڭگە چوڭ پايدىلار ۋە مېۋىلەر بېرىدۇ. مېۋىلەرنى بېرىپ تاشلاپ كەتكەنگە قەدەر ئۆمرۈڭنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىشىگە يول قويماي تۇتۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۇزۇن قىلىدۇ. شۇڭا كېسەللىك ئارقىلىق ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن ھاياتىي نەتىجىلەرنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ كۆپ ئېيتىلىدىغان مۇنداق بىر سۆز بار: «قىيىنچىلىق ۋاقتى بەك ئۇزۇن، كەيپ–ساپا ۋاقتى بەك قىسقىدۇر.»

——————————————————————–

*بۇ رىسالە تۆت يېرىم سائەت ئىچىدە يېزىلدى؛ شۇنداق، تەستىق قىلىمىز:

رۇشتۈ رەئفەت خۇسرەۋ سائىد


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.