ئەي كۆز ياخشى قارا

ئەي كۆز ياخشى قارا

ئەي كۆز ياخشى قارا!

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿اِنَّ اللّهَ اشْتَرَى مِنَ الْمُؤْمِنِينَ اَنْفُسَهُمْ وَاَمْوَالَهُمْ بِاَنَّ لَهُمُ الْجَنَّةَ﴾

ﷲ مۆئمىنلەردىن جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى جەننەتنى بىرىش بەدىلىگە سېتىۋالىدۇ. (سۈرە تەۋبە: 111)

  كۆز بىر ئەزا بولۇپ، روھ بۇ ئالەمنى ئۇ دەرىزە ئارقىلىق سەيىر قىلىدۇ (كۆرىدۇ). ئەگەر جانابى ﷲقا ساتماي ئەكسىچە نەفس نامىدىن پايدىلانساڭ، ئۆتكۈنچى، داۋامسىز بولغان گۈزەللىكلەرنى، مەنزىرىلەرنى كۈزىتىپ شەھۋەت ۋە نەفسانىي ھەۋەس ئۈچۈن بىر نۇمۇسسىز خىزمەتكار بولىدۇ. ئەگەر كۆزنى سانىئى بەسىيرىگە* ساتساڭ، يەنى ئۇنىڭ نامىدىن، ئۇنىڭ رۇخسىتى دائىرىسىدە پايدىلانساڭ، ئۇ چاغدا بۇ كۆز، شۇ چوڭ كائىنات كىتابىنىڭ بىر مۇلاھىزىچىسى، شۇ ئالەمدە ئىلاھىي سەنئەت مۆجىزىلىرىنىڭ بىر كۆزەتكۈچىسى ۋە شۇ يەر شارى باغچىسىدىكى رەھمەت چېچەكلرىنىڭ ھىكمەت شىرنىلىرىنى يىغىدىغان مۇبارەك بىر ھەرىسى دەرىجىسىگە چىقىدۇ.

  ئەي كۆز ياخشى قارا! ئاددى نۇمۇسسىز خىزمەتكار نەدە؟ ئىلاھىي كۈتۈپخانىنىڭ مۇتەخەسسىس نازارەتچىسى نەدە؟

—————–

*بەسىير: كۆرۈشنى ياراتقان، ھەر نەرسىنى ھەقىقىتى بىلەن كۆرۈپ تۇرغۇچى؛ سانىئ : ھەممە نەرسىنى سەنئەت بىلەن ياراتقان مۇقەددەس سەنئەتكار ().-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.