بىر تەسەللى ساڭا

بىر تەسەللى ساڭا

بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

﴿كهيعص ❀ ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا ❀ اِذْْ نَادَى رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا ❀ قَالَ رَبِّ اِنِّى وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّى وَاشْتَعَلَ الرَّاْسُ شَيْبًا وَلَمْ اَكُنْ بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا﴾

[كەف ھا يا ئەيىن سادبۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھىمىتىنىڭ بايانىدۇرئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدىئۇ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. پەرۋەردىگارىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق] (سۈرە مەريەم:1-4)

ئون ئۈچىنچى رىجا: (ھاشىيە)

  بۇ رىجادا ھاياتىي سەرگۈزەشتلىرىمنىڭ مۇھىم بىر لەۋھەسىدىن سۆز ئاچىدىغانلىقىمدىن بەلكىم بىر ئاز ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن. زېرىكمەسلىكىڭلارنى ۋە ئاغرىنماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا رۇسىيەدىكى ئەسىرلىكتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلدا ئىككىئۈچ يىللىق «دىنىي ئىشلار نازارىتى»دىكى دىنىي خىزمىتىم مېنى ئۇ يەردە تۇرغۇزدى. كېيىن قۇرئانى ھەكىمنىڭ رەھبەرلىكى، غەۋسۇل ئەزەمنىڭ ياردىمى ۋە قېرىلىقنىڭ ئويغىتىشى بىلەن، ئىستانبۇلدىكى مەدەنىي ھاياتتىن زېرىكىش، دەبدەبىلىك ئىجتىمائىي ھاياتتىن بىر نەپرەت كەلدى. دائۇسسىلا دېيىلىدىغان ۋەتەنگە بولغان ئىشتىياق ھېسسى مېنى ۋەتىنىمگە قايتىشقا ئۈندىدى. بەرىبىر ئۆلىدىكەنمەن، ۋەتىنىمدە ئۆلەي، دەپ ۋانغا باردىم. ھەر ئىشتىن بۇرۇن ۋاندىكى «خورخور» نامىدىكى مەدرىسەمگە زىيارەتكە باردىم. كۆردۈمكى، باشقا ۋان خانىلىرىدەك ئۇنىمۇ رۇس ئىستىلاسىدا ئەرمەنىيلەر كۆيدۈرىۋەتكەنىدى. ۋاننىڭ مەشھۇر قەلئەسى تاغدەك بولغان بىر پۈتۈن تاشتىن ئىبارەتتۇر. مېنىڭ مەدرىسەم ئۇنىڭ دەل ئاستىدا، ئۇنىڭ بىلەن تۇتاشقانىدى. يەتتەسەككىز يىل ئاۋۋال مەن ئايرىلغان ئۇ مەدرىسەمدىكى ھەقىقىي دوست، قېرىنداش ۋە ھەمراھلىرىم بولغان شاگىرتلىرىم خىيالەن كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۇ پىداكار قېرىنداشلىرىمنىڭ بىر قىسمى ھەقىقىي شېھىت، يەنە بىر قىسمىمۇ ئۇ ئاپەتلەر يۈزىسىدىن مەنىۋى شېھىت بولۇپ ۋاپات بولۇشقانىدى. مەن يىغلاشتىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم. قەلئەنىڭ، تاكى مەدرىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى مۇنار ئېگىزلىكىدىكى مەدرىسىگە قارىغان چوققىسىغا چىقتىم، ئولتۇردۇم. يەتتەسەككىز يىل بۇرۇنقى زامانغا خىيالەن باردىم. مېنىڭ خىيالىم قۇۋۋەتلىك بولغانلىقتىن، مېنى ئۇ زاماندا خېلىلا كەزدۈردى. ئەتراپتا مېنىڭ خىيالىمنى ئۇ زاماندىن بۇرايدىغان ۋە تارتىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. چۈنكى يالغۇز ئىدىم. كۆزۈمنى ئاچسام، يەتتەسەككىز يىل ئىچىدە بىر ئەسىر ۋاقىت ئۆتكەندەك دەرىجىدە بىر ئۆزگىرىش كۆرىۋاتاتتىم. قارىسام مېنىڭ مەدرىسەمنىڭ ئەتراپىدىكى قەلئە ئاستىدىكى شەھەر ئىچى باشتىنئاياققا قەدەر كۆيدۈرۈلگەن ۋە بۇزۇلغان ئىدى. بۇرۇن كۆرگىنىمدىن ھازىرقى كۆرگىنىمگە قەدەر گويا ئىككى يۈز يىل ئۆتۈپ ئاندىن دۇنياغا كەلگەندەك، شۇنداق قايغۇلۇق نەزەر بىلەن قارىدىم. ئۇ ئۆيلەردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن دوست ۋە يېقىن بۇرادەرلەردىن ئىدىم. ﷲ رەھمەت قىلسۇن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھىجرەت قىلىپ ۋاپات قىلىشقان، مۇساپىرچىلىقتا كۆپ ئەزىيەت تارتىشقانىدى. ھەم ئەرمەنى مەھەللىسىدىن باشقا ۋاندىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ خاراپ قىلىۋىتىلگەنلىكىنى كۆردۈم. قەلبىم ئىچئىچىدىن ئۆرتەندى. مېنى ئۇ قەدەر پەرىشان قىلدىكى، مىڭلارچە كۆزۈم بولغان بولسا ھەممىسى تەڭ يىغلىغان بولاتتى. مەن مۇساپىرچىلىقتىن ۋەتىنىمگە قايتىپ، غېرىبلىقتىن قۇتۇلدۇم، دەپ ئويلىغانىدىم. مىڭ ئەپسۇس، ئەڭ دەھشەتلىك غېرىبلىقنى ۋەتىنىمدە كۆردۈم. ئون ئىككىنچى رىجادا تىلغا ئېلىنغان ئابدۇرراھمانغا ئوخشاش، روھىم بىلەن بەك ئالاقىدار بولغان يۈزلىگەن تالىپلىرىمنى، دوستلىرىمنى قەبىردە ۋە ئۇ بۇرادەرلىرىمنىڭ تۇرالغۇلىرىنى بولسا بىر خارابىلىق كۆردۈم. بىر زاتنىڭ مەن بۇرۇندىن ئۇنۇتماي كەلگەن بىر سۆزى بار ئىدى. دەل مەنىسىنى كۆرەلمىگەنىدىم. ئۇ كۆڭۈلسىز لەۋھەدە دەل مەنىسىنى كۆردۈم. ئۇ سۆز بۇدۇر:

لَوْلاَ مُفَارَقَةُ اْلاَحْبَابِ مَا وَجَدَتْ لَهَا الْمَنَايَا اِلَى اَرْوَاحِنَا سُبُلاً

يەنى، ئەگەر دوستلاردىن ئايرىلىش بولمىسا ئىدى، ئۆلۈم روھىمىزنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن يول تاپالمىغان بولاتتى. دېمەك، ئادەمنى ئەڭ زىيادە ئېزىدىغىنى دوستيېقىنلىرىدىن ئايرىلىشتۇر. شۇنداق، ھېچبىر نەرسە مېنى ئۇ ھالەتتىكىدەك ئازابلىمىغان ۋە يىغلاتمىغان ئىدى. ئەگەر قۇرئاندىن ۋە ئىماندىن مەدەت كەلمىگەن بولسا، ئۇ غەم، ئۇ قايغۇ ۋە ئۇ ئازاب روھىمنى ئۇچۇرىۋەتكۈدەك تەسىر قىلغان بولاتتى. بۇرۇندىن تارتىپ، شائىرلار شېئىرلىرىدا دوستيېقىنلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ماكانلارنىڭ زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن خاراب بولغانلىقى سەۋەبلىك يىغلاشقان. بۇنىڭمۇ ئەڭ ئەلەملىك لەۋھەسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. گويا ئىككى يۈز يىلدىن كېيىن، ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن دوستلىرى ياشىغان ماكانغا قەدەم باسقان بىر ئادەمنىڭ قايغۇسى بىلەن، ھەم روھىم ھەم قەلبىم كۆزلىرىم بىلەن بىللە يىغلاشتى. ئۇ ۋاقىت كۆزۈمنىڭ ئالدىدا خارابىيلىققا ئايلانغان يەرلەرنىڭ ناھايىتى ساغلام، جانلىق، گۈزەل ۋە شاتلىققا تولغان ۋاقىتلىرىدا، يىگىرمە يىلغا يېقىن ئەڭ تاتلىق بىر ھاياتتا مەدرىسىدە دەرس ئۆتكەن ۋە قىممەتلىك شاگىرتلىرىم بىلەن ئۆتكۈزگەن ھاياتىمنىڭ ئۇ شېرىن سەھىپىلىرى بىربىردىن كىنو لەۋھەلىرىدەك جانلىنىپ كۆرۈنۈپ، ئاندىن ۋاپات قىلىپ غايىپ بولىۋاتقاندەك، خىيالىي كۆزۈمنىڭ ئالدىدا خېلى بىر ۋاقىت داۋام قىلدى. ئۇ ۋاقىت ئەھلى دۇنيانىڭ ھالىغا ئۆزىنى قانداق ئالداپ يۈرىدىغاندۇ، دەپ بەكمۇ تەئەججۈپلەندىم. چۈنكى ئۇ ۋەزىيەت دۇنيانىڭ دەل فانىي ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارمۇ مېھمان ئىكەنلىكىنى بەكمۇ ئوچۇق كۆرسەتتى. ئەھلى ھەقىقەتنىڭ دائىما دۇنيا ۋاپاسىزدۇر، مەككاردۇر، رەزىلدۇر، ئالدانماڭلار، دېيىشلىرىنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى كۆز بىلەن كۆردۈم.

  ئىنسان جىسمى بىلەن، ئائىلىسى بىلەن ئالاقىدار بولغىنىدەك، يۇرت ۋە مەملىكىتى، ھەتتا دۇنياسى بىلەنمۇ ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ كۆردۈم. چۈنكى مەن بەدەن جەھەتتىن قېرىلىقنىڭ پەرىشانلىقىدىن ئىككى كۆزۈم بىلەن يىغلىغان بولسام، مەدرىسەمنىڭ پەقەتلا قېرىلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ۋاپاتى سەۋەبلىك ئون كۆز بىلەن يىغلاشنى خالايتتىم. ھەمدە ئۇ گۈزەل ۋەتىنىمنىڭ يېرىم ئۆلۈشى سەۋەبىدىن يۈز كۆز بىلەن يىغلاشقا ئېھتىياجىم بار ئىدى. ھەدىس رىۋايىتىدە دېيىلگەنكى، ھەر سەھەر بىر پەرىشتە چاقىرىپ لِدُوا لِلْمَوْتِ وَابْنُوا لِلْخَرَابِ يەنى، ئۆلۈش ئۈچۈن تۇغۇلۇپ دۇنياغا كېلىسىلەر، خاراب بولۇشى ئۈچۈن بىنالار سالىسىلەر، دەيدۇ.

  مانا بۇ ھەقىقەتنى قۇلىقىم بىلەن ئەمەس، كۆزۈم بىلەن ئاڭلاۋاتاتتىم. شۇنداق، ئۇ ھالىتىم ئۇ ۋاقىت مېنى قانداق يىغلاتقان بولسا، ئون يىلدىن بېرى، خىيالىم شۇ ۋاقىتنى ئويلىسىلا يەنە يىغلايدۇ. شۇنداق، مىڭلارچە يىل ياشىغان ئۇ ياشانغان قەلئەنىڭ بېشىدىكى ماكانلارنىڭ خاراب بولۇشى، ئۇنىڭ ئاستىدىكى شەھەرنىڭ سەككىز يىل ئىچىدە سەككىز يۈز يىلدەك قېرىپ كېتىشى، ھەمدە قەلئە ئاستىدىكى ناھايىتى جانلىق ۋە دوستيېقىنلار يىغىلىپ تۇرىدىغان مەدرىسەمنىڭ ۋاپات بولۇشى (ياش ئاققۇزغاندەك)، شۇنداقلا پۈتۈن ئوسمانلى دۆلىتىدىكى بارلىق مەدرىسىلەرنىڭ ۋاپاتىنى كۆرسەتكەن مىيىتلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى بۈيۈكلىكىگە مۇناسىپ ھالدا، يوغان ۋان قەلئەسىنىڭ بىر پۈتۈن تېشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مازار تېشى بولغان ئىدى. گويا ئۇ مەدرىسىدىكى سەككىز يىل بۇرۇن مەن بىلەن يۈرگەن مەرھۇم شاگىرتلىرىمنى قەبىرلىرىدە ماڭا قوشۇلۇپ يىغلاۋاتقاندەك، ھەتتا ئۇ شەھەرنىڭ خارابىيلىققا ئۆزگەرگەن بىنالىرى ۋە چېچىلىپ ياتقان خىشكېسەكلىرىنى مەن بىلەن بىللە ياش تۆكۈۋاتقاندەك ھالەتتە كۆردۈم. مەن ئۇ ۋاقىت ۋەتىنىمدىكى بۇ غېرىبلىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىمنى چۈشەندىم. يا مەنمۇ قەبىرگە، ئۇلارنىڭ يېنىغا كېتىشىم لازىم ۋەياكى تاغدا بىر ئۆڭكۈرگە كىرىپ، ئۇ يەردە ئەجىلىمنى كۈتۈشۈم كېرەك، دەپ ئويلاندىم. دېدىم: مادەم دۇنيادا بۇ خىل چىدىغۇسىز، سەبىر ۋە تاقەت قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان، يۈرەكنى ئۆرتەيدىغان ئەلەملىك ئايرىلىشلار بار. ئۇنداقتا، ئۆلمەك ياشىماقتىن ئۈستۈندۇر. ھاياتنىڭ بۇ ئېغىر ھاللىرى تارتىلىدىغان دەرتلەردىن ئەمەستۇر.

  ئۇ ۋاقىت «جىھاتى سىتتە» دېيىلگەن ئالتە تەرەپكە نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ، ھەممىسىنى قاراڭغۇلۇقتا كۆردۈم. ئۇ شىددەتلىك قايغۇرۇشتىن كەلگەن غەپلەت ماڭا دۇنيانى قورقۇنچلۇق، مەنىسىز، قۇرۇق ۋە بېشىمغا يىقىلىدىغان بىر تەرزدە كۆرسەتتى. روھىم بولسا، دۈشمەن ھالىتىگە كىرگەن چەكسىز بالالارغا قارشى بىر تايانچ كۈچ ئىزدىگىنىدە، ھەمدە ئەبەدكە قەدەر سوزۇلغان چەكسىز ئارزۇلارنى تەمىنلەيدىغان بىر ياردەمچى كۈچكە مۇھتاج بولۇپ تۇرغىنىدا، شۇنداقلا ئۇ چەكسىز پىراق ۋە ئايرىلىشتىن خارابىيلىق ۋە ئۆلۈملەردىن كەلگەن ئەلەم ۋە غەمگە قارشى تەسەللى كۈتكىنىدە، بىردىنلا قۇرئانى مۆجىزۇلباياندىكى

﴿سَبَّحَ لِلّهِ مَا فِى السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُلَهُ مُلْكُ السَّموَاتِ وَ اْلاَرْضِ يُحْيِى وَ يُمِيتُ وَ هُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

[ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ قا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر](ھەدىد:1-2)

ئايىتىنىڭ ھەقىقىتى جىلۋىلەندى. ئۇ كۆڭۈلسىز، ئەلەملىك، غېرىبسىندۇرغان ۋە دەھشەت بەرگەن خىيالدىن مېنى قۇتقازدى. كۆزۈمنى ئاچتى. مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ باشلىرىدىكى مېۋىلىرىنى ماڭا تەبەسسۇم قىلىپ قاراۋاتقاندەك، بىزگىمۇ دىققەت قىل، پەقەت خارابىيلىققىلا قاراپ تۇرما، دەۋاتقاندەك كۆردۈم. بۇ ئايەتى كەرىمەنىڭ ھەقىقىتى شۇنى ئەسكەرتتىكى، ۋان چۆلىنىڭ سەھىپىسىدە، مېھمان بولغان ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن يېزىلغان ۋە شەھەر سۈرىتىنى ئالغان سۈنئىي بىر مەكتۇپنىڭ رۇس ئىستىلاسى دېيىلگەن دەھشەتلىك بىر سەل ئاپىتىگە چۈشۈپ ئۆچۈپ كېتىشى نېمە ئۈچۈن سېنى بۇ قەدەر ئازاپلايدۇ؟ ھەقىقىي مالىك(ئىگە)، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسى ۋە رەببى بولغان ئەزەلىي نەققاشقا قارىغىنكى، ئۇنىڭ بۇ ۋان سەھىپىسىدىكى مەكتۇپلىرى بەكمۇ دەبدەبىلىك ھالدا سەن بۇرۇنقى زاماندا كۆرگەن ۋەزىيىتى ئوخشاشلا داۋام قىلدۇرۇلۇپ يېزىلماقتا. ئۇ يەرلەر بىكار، خاراب بوپتۇ، خالىي قاپتۇ، دەپ يىغلاشلىرىڭ، ھەقىقىي مالىكتىن غەپلەتتە قېلىش، ئىنسانلارنى مېھمان دەپ بىلمەسلىك ۋە مالىك دەپ ئويلاپ قېلىش خاتالىقىدىن مەيدانغا كېلىدۇ

  بىراق ئۇ خاتالىقتىن ۋە ئۇ ئازاپلىق ۋەزىيەتتىن بىر ھەقىقەت ئىشىكى ئېچىلدى. ھەمدە ئۇ ھەقىقەتنى دەل قوبۇل قىلىشقا نەفىس تەييارلاندى. خۇددى تۆمۈرنىڭ يۇمشىتىلىپ گۈزەل ۋە مەنپەئەتلىك شەكىلگە كىرىشى ئۈچۈن ئوتقا تۇتۇلغىنىدەك، ئۇ ئازاپلىق ھالەت ۋە ئۇ دەھشەتلىك ۋەزىيەت ئوت بولدى، نەفسىمنى يۇمشاتتى. قۇرئانى مۆجىزۇلبايان يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ ھەقىقىتى بىلەن ئىمان ھەقىقىتىنىڭ پەيزىنى ئۇنىڭغا دەل كۆرسەتتى، قوبۇل قىلغۇزدى. ﷲقا شۈكۈر، شۇ ئايەتنىڭ ھەقىقىتى، ئىماننىڭ پەيزى بىلەن (يىگىرمىنچى مەكتۇپتەك رىسالىلەردە قەتئىي ئىسپات قىلغىنىمىزدەك) ھەر كىمنىڭ ئىمان قۇۋۋىتى نىسبىتىدە ئېچىلىدىغان شۇنداق بىر تايىنىش نۇقتىسىنى روھ ۋە قەلبكە بەردىكى، ئۇ ۋەزىيەتنىڭ دەھشىتىدىن يۈز ھەسسە زىيادە قورقۇنچ ۋە ئېغىر مۇسىبەتلەرگە قارشى تۇرالايدىغان بىر قۇۋۋەتنى «ئىمانى بىللاھ» (ﷲقا ئىمان) ئاساسىدىن تەمىنلىدى. ھەمدە شۇنداق ئەسكەرتتىكى: سېنىڭ ياراتقۇچۇڭ بولغان شۇ شەھەرنىڭ ھەقىقىي مالىكىنىڭ ئەمرىگە ھەر نەرسە ئىتائەت قىلىدۇ. ھەر نەرسىنىڭ تىزگىنى ئۇنىڭ قولىدىدۇر. ئۇنىڭغا باغلانساڭ يېتەر.

  ئۇ ياراتقۇچۇمغا تايىنىپ تونۇغاندىن كېيىن، دۈشمەن سۈرىتىگە كىرگەن ھەممە نەرسە دۈشمەنلىكلىرىنى تەرك قىلىشتى. يىغلاتقان ئەلەملىك ئەھۋاللار مېنى سۆيۈندۈرۈشكە باشلىدى. كۆپ رىسالىلەردە قەتئىي دەلىللەر بىلەن ئىسپات قىلغىنىمىزدەك، ئۇ چەكسىز ئارزۇلارغا قارىتا «ئاخىرەتكە ئىمان»دىن كەلگەن نۇر شۇنداق بىر ياردەمچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدىكى، كىچىك، ۋاقىتلىق، قىسقا ۋە دۇنياۋى دوستيېقىنلىرىم بىلەن ئالاقىدار بولغان ئارزۇ ۋە مۇناسىۋەتلىرىمگە ئەمەس، بەلكى ئەبەدىلئەبەدتە، باقىيلىق ئالىمىدە، ئەبەدىي سائادەت دىيارىدا چەكسىز ۋە ئۇزۇن ئارزۇلىرىمغا كۇپايە قىلىدىغان بىر ياردەمچى كۈچنى بەردى. چۈنكى رەھمىتىنىڭ بىر جىلۋىسى بىلەن ۋاقىتلىق بىر مېھمانخانىسى بولغان بۇ دۇنيانىڭ بىر مەنزىلى بولغان زېمىننىڭ يۈزىدە، ئۇ مېھمانلىرىنى بىرئىككى سائەت سۆيۈندۈرۈش ئۈچۈن باھار داستىخىنىدا ھەددىھېساپسىز سەنئەتلىك ۋە شېرىن نىمەتلىرىنى ھەر ئەتىيازدا ئېھسان قىلىپ، بىر ناشتىلىق ھۆكمىدە ئۇ مېھمانلارغا يىگۈزگەندىن كېيىن، ئەبەدىي ماكانلاردا دائىمىي بولغان سەككىز جەننەتنى چەكسىز بىر زاماندا نىمەتلىرىنىڭ چەكسىز تۈرلىرى بىلەن تولدۇرۇپ، قۇللىرىغا تەييارلىغان رەھمانىررەھىمنىڭ رەھمىتىگە ئىمان بىلەن تايىنىپ باغلانغانلىقىنى بىلگەن ئىنسان ئەلۋەتتە شۇنداق بىر ياردەمچى نۇقتا تاپقان بولىدۇكى، ئەڭ ئاددى دەرىجىسىمۇ چەكسىزلىگەن ئەبەدىي ئارزۇلارغا دائىمىي ھالدا مەدەت بېرىدۇ.

  ھەم ئۇ ئايەتنىڭ ھەقىقىتى بىلەن ئىماننىڭ زىياسىدىن (يورۇقلۇقىدىن) كەلگەن نۇر شۇنداق پارلاق بىر سۈرەتتە جىلۋىلەندىكى، ئۇ قاراڭغۇ بولغان ئالتە تەرەپنى كۈندۈزدەك ئايدىڭلاتتى. چۈنكى، بۇ مەدرىسەم ۋە بۇ شەھەردىكى شاگىرت ۋە دوستلىرىمنىڭ ئارقىسىدىن يىغلاش ھالىتىنى شۇنداق نۇرلاندۇردىكى، دوستيېقىنلار كەتكەن ئالەم قاراڭغۇ ئەمەس، پەقەت ماكانلىرىنىلا ئالماشتۇرۇشتى، يەنە كۆرۈشىسىلەر، دەپ ئەسكەرتتى. يىغلاشنى تامامەن توختاتتى. دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئورنىغا كېلىدىغان ۋە ئوخشايدىغانلارنى تاپىدىغانلىقىمنى بىلدۈردى. شۇنداق، ﷲقا شۈكۈر! ھەم ۋاپات قىلغان ۋان مەدرىسىسىنى ئىسپارتا مەدرىسىسى بىلەن تىرىلدۈرگىنىدەك، ئۇ يەردىكى دوستلارنىمۇ تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ قىممەتلىك شاگىرت ۋە دوستيېقىنلار بىلەن تىرىلدۈردى. ھەم، دۇنيانىڭ بوش، مەنىسىز ئەمەسلىكىنى، خاراب بولغان بىر شەھەر سۈرىتىدە كۆرۈپ خاتا تەسەۋۋۇر قىلغانلىقىمنى، بەلكى ھەقىقىي مالىك ھىكمىتىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ سۈنئىي لەۋھەسىنى ئالماشتۇرىۋاتقانلىقىنى ۋە مەكتۇپىنى يېڭىلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بىر دەرەخنىڭ بىر قىسىم مېۋىلىرىنى ئۈزگەندىن كېيىن، ئورنىغا يەنە باشقا مېۋىلەرنىڭ كەلگىنىدەك، ئىنسانىيەتتىكى بۇ زاۋال ۋە ئايرىلىشلارمۇ بىر يېڭىلىنىشتۇر ۋە ئالمىشىشتۇر. ئىمان نۇقتىسىدا دوستسىزلىقتىن كەلگەن ئەلەملىك بىر قايغۇنى ئەمەس، بەلكى باشقا بىر گۈزەل يەردە كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئايرىلىشتىن كەلگەن لەززەتلىك بىر قايغۇنى بەرگەن بىر يېڭىلىنىشتۇر. ھەم ئۇ دەھشەتلىك ۋەزىيەت ئىچىدە كائىنات مەۋجۇداتىنىڭ قاراڭغۇ كۆرۈنگەن يۈزىنى يورۇتتى. مەنمۇ ئۇ ۋاقىت ئۇ ھالەتكە شۈكۈر قىلىشنى خالىدىم ۋە ئەرەبچە شۇ سۆز قەلبىمگە كەلدى، ئۇ ھەقىقەتنى دەل ئىپادە قىلدى. دېدىم:

اَلْحَمْدُ لِلّهِ عَلَى نُورِ اْلاِيمَانِ الْمُصَوِّرِ مَا يُتَوَهَّمُ اَجَانِبَ اَعْدَاءً اَمْوَاتًا مُوَحِّشِينَ اَيْتَامًا بَاكِينَ ؛ اَوِدَّاءَ اِخْوَانًا اَحْيَاءً مُونِسِينَ مُرَخَّصِينَ مَسْرُورِينَ ذَاكِرِينَ مُسَبِّحِينَ

يەنى، «ئۇ دەھشەتلىك ھالەتنىڭ تەسىرىدىن كەلگەن غەپلەت بىلەن كائىناتنىڭ مەۋجۇداتى بىر قىسمى دۈشمەن ۋە ئەجنەبىي، (ھاشىيە)* بىر قىسمى قورقۇنچلۇق مېيىتلار، يەنە بىر قىسمى بولسا، ئىگىسىزلىكتىن يىغلىغان يېتىملار سۈرىتىدە، غاپىل نەفسىم يېڭىلىشىپ كۆرۈپ قالغان بۇ قورقۇنچلۇق لەۋھەنى ئەينەليەقىن** كۆردۈمكى، ئۇ ئەجنەبىي دۈشمەن كۆرۈنگەنلەرنى بىردىن دوست ۋە قېرىنداش سۈرىتىدە؛ ئۇ دەھشەتلىك مېيىتلارنى بولسا، قىسمەن ھاياتدار، قورقۇنچسىز ۋە قىسمەن ۋەزىپىلىرىدىن بوشانغانلار شەكلىدە؛ ئۇ يىغلىغان يېتىملارنىڭ ۋايساشلىرىنى بولسا، زىكىر ۋە تەسبىھنىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرى، دەپ ئىمان نۇرى بىلەن كۆرگەنلىكىمدىن، ئۇ چەكسىز نىمەتلەرنىڭ مەنبەسى بولغان ئىماننى ماڭا بەرگەن ئۇلۇغ ياراتقۇچۇمغا چەكسىز شۈكۈر قىلىمەن. ھەمدە بۇ دۇنيادا بۇ دۇنياچىلىك چوڭ بولغان خۇسۇسىي دۇنيايىمدىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنى ﷲنى ھەمدۇ-سانا ۋە تەسبىھ قىلىشتا تەسەۋۋۇر ۋە نىيىتىم بىلەن ئىستىمال قىلىش بىر ھەققىم بولغانلىقى جەھەتتە، پۈتۈن ئۇ مەۋجۇداتنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ۋە ھەممىسىنىڭ ئەھۋال تىللىرى بىلەن بىللە ئەلھەمدۇلىللاھى ئەلا نۇرىل ئىمان، دەيمىز» دېمەكتۇر.

  ھەم ئۇ غەپلەتكارانە بولغان دەھشەتلىك ھالەت تۈپەيلىدىن بىتچىت بولغان ھايات زوقلىرى، پۈتۈنلەي قۇرۇغان ئارزۇئۈمىدلەر ۋە شەخسىمگە ئائىت ئىنتايىن تار بىر دائىرە ئىچىدە سىقىشىپ قالغان، بەلكى ۋەيران بولغان نىمەتلەر، لەززەتلەر بىردىنلا (باشقا رىسالىلەردە قەتئىي بىر سۈرەتتە ئىسپات قىلغىنىمىزدەك) ئىمان نۇرى بىلەن قەلبىمنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇ تار دائىرىنى شۇنداق كەڭرىتتىكى، كائىناتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ھەمدە خورخور باغچىسىدا قۇرۇغان ۋە لەززىتى يوقالغان نىمەتلەرنىڭ ئورنىغا دۇنيا ۋە ئاخىرەت دىيارلىرىنى بىردىن نىمەت داستىخىنى ۋە بىردىن رەھمەت قاچىسى شەكلىگە ئېلىپ كەلدى. كۆز، قۇلاق ۋە قەلبتەك، ئىنساننىڭ ئون ئەمەس، يۈزلەرچە ھېستۇيغۇلىرىنىڭ ھەر بىرىنى ناھايىتى ئۇزۇن بىر قولدەك ھەر مۆئمىننىڭ دەرىجىسى نىسبىتىدە رەھماننىڭ ئۇ ئىككى داستىخىنىغا ئۇزىتىپ، ھەر تەرىپىدىن نىمەتلەرنى توپلايدىغان بىر شەكىلدە كۆرسەتكەنلىكتىن، ھەم بۇ يۈكسەك ھەقىقەتنى ئىپادە قىلىش ھەم ئۇ چەكسىز نىمەتكە شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن ئۇ ۋاقىت شۇنداق دېگەنىدىم:

اَلْحَمْدُ لِلّهِ عَلَى نُورِ اْلاِيمَانِ الْمُصَوِّرِ للِدَّارَيْنِ مَمْلُوؤَتَيْنِ مِنَ النِّعْمَةِ وَ الرَّحْمَةِ لِكُلِّ مُؤْمِنٍ حَقًّا يَسْتَفِيدُ مِنْهُمَا بِحَوَاسِّهِ الْكَثِيرَةِ الْمُنْكَشِفَةِ بِاِذْنِ خَالِقِهِ

يەنى، «دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى نىمەت ۋە رەھمىتى بىلەن تولدۇرغان بىر سۈرەتتە، ھەقىقىي مۆئمىنلەرنىڭ ئىمان ۋە ئىسلامىيەت نۇرى بىلەن ئېچىلغان ۋە كېڭەيگەن پۈتۈن ھېسلىرىنىڭ قوللىرى ئارقىلىق ئۇ ئىككى ھەشەمەتلىك داستىخاندىن پايدىلىنىشنى تەمىن قىلىپ كۆرسەتكەن ئىمان نۇرى نىمىتىگە جاۋابەن ئۇ ئىماننى ماڭا بەرگەن ياراتقۇچىمغا قولۇمدىن كەلسە، پۈتۈن بەدىنىمنىڭ زەررىلىرى بىلەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەت تولغۇدەك ھەمدۇسانا ۋە شۈكۈر قىلىمەن» دېمەكتۇر. مادەم ئىمان بۇ ئالەمدە بۇ خىل چوڭ تەسىرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە مەڭگۈلۈك دىياردا ئۇ قەدەر مېۋە ۋە پەيزلىرى بولىدۇكى، بۇ دۇنيادىكى ئەقىل بىلەن ئۇلارنى قورشىغىلى ۋە تەرىپ قىلغىلى بولمايدۇ

  ئەي مېنىڭدەك قېرىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپلىگەن دوستلىرىدىن ئايرىلىش ئەلەملىرىنى تارتقان ياشانغان قېرىنداشلار ۋە ھەمشىرىلەر! سىلەرنىڭ ئەڭ قېرىلىرىڭلار سىرتقى جەھەتتىن مەندىن قانچىلىك چوڭ بولسىمۇ، مەنىۋى جەھەتتىن مەن ئۆزۈمنىڭ تېخىمۇ زىيادە قېرىغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن. چۈنكى تەبىئىتىمدە ئىنسانلارغا ھېسداشلىق قىلىش جەھەتتە شەپقەت ھېسسى زىيادە بولغانلىقتىن، ئۆزۈمنىڭ ئەلىمىدىن باشقا مىڭلارچە قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەلەملىرىنىمۇ ئۇ شەپقەت سىرى بىلەن تارتقانلىقىمدىن خۇددى يۈزلەرچە يىل ياشىغاندەك ھالدىمەن. سىلەر نەقەدەر ئايرىلىش بالاسىنى تارتقان بولساڭلارمۇ مەنچىلىك ئۇ خىل بالاغا دۇچ كەلمىدىڭلار. چۈنكى بالام يوقتۇركى، ئويلايدىغانغابەلكى مەندىكى فىترى (تەبىئىي) بولغان بۇ زىيادە ھېسداشلىق ۋە شەپقەت مىڭلارچە مۇسۇلمان ئەۋلاتلىرىنىڭ، ھەتتا مەسۇم ھايۋانلارنىڭمۇ ئەلەملىرىگە قارىتا بىر قايغۇرۇش، بىر ئېچىنىشنى نەتىجىلەندۈرىدۇ. ھەم خۇسۇسىي بىر ئائىلەم يوقتۇركى، پىكرىمنى پەقەتلا ئۇنىڭغا سەرپ قىلىدىغانغا. بەلكى بۇ مەملىكەت بىلەن، بەلكى ئالەمى ئىسلام قىتئەسى بىلەن خۇددى ئائىلەمدەك ئىسلامىيەتكە ھامىيەت(خىزمەت) نۇقتىسىدا ئالاقىدارمەن. ھەمدە ئۇ ئىككى چوڭ ئائىلىدىكى دىنداشلىرىمنىڭ ئەلەملىرى بىلەن قايغۇرىمەن، پىراقلىرى بىلەن ئازابلىنىمەن.

  دېمەك، پۈتۈن قېرىلىق ۋە ئايرىلىش بالالىرىدىن كەلگەن ئەلەملىرىم ئۈچۈن ماڭا ئىمان نۇرى تامامەن كۇپايە قىلدى. سۇنماس بىر رىجا، ئۈزۈلمەس بىر ئۈمىد، ئۆچمەس بىر نۇر ۋە تۈگىمەس بىر تەسەللى بەردى. ئەلۋەتتە سىلەرگە قېرىلىقتىن كەلگەن قاراڭغۇلۇق، غەپلەت، پەرىشانلىق ۋە ئەلەملەرگىمۇ ئىمان يېتەرلىك ۋە كۇپايىدۇر. ھەقىقەتتە ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ نۇرسىز ۋە تەسەللىسى بولمىغان قېرىلىق، ھەمدە ئەڭ ئەلەملىك ۋە دەھشەتلىك ئايرىلىش بولسا ئازغۇنلارنىڭ ۋە كەيپساپادىكىلەرنىڭ قېرىلىق ۋە پىراقلىرىدۇر. ئۇ ئۈمىد، ئۇ نۇر ۋە ئۇ تەسەللىنى بەرگەن ئىماندىن زوق ئېلىش ۋە تەسىرىنى ھېس قىلىش، قېرىلىققا لايىق ۋە ئىسلامىيەتكە مۇناسىپ بولغان ئىدراك ۋە قۇللۇق ھالىتىدە بولۇش بىلەن بولىدۇ. بولمىسا ياشلارغا ئوخشىشىشقا ۋە ئۇلارنىڭ مەستلەرچە غەپلەتلىرىگە بېشىنى تىقىپ، قېرىلىقىنى ئۇنتۇش بىلەن ئەمەستۇر.

خَيْرُ شَبَابِكُمْ مَنْ تَشَبَّهَ بِكُهُولِكُمْ

وَشَرُّ كُهُولِكُمْ مَنْ تَشَبَّهَ بِشَبَابِكُمْ

(ئەۋ كەما قال) مەنىسىدىكى ھەدىسنى ئويلىنىڭلار. يەنى، ياشلىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىبادەتتە ۋە كەيپساپادىن ئۆزىنى تارتىشتا قېرىلارغا ئوخشىغانلاردۇر. قېرىلىرىڭلارنىڭ ئەڭ يامىنى بولسا، كەيپساپادا ۋە بېشىنى غەپلەتكە تىقىشتا ياشلارغا ئوخشىغانلاردۇر.

  ئەي مويسىپىت قېرىنداشلار ۋە ياشانغان ھەمشىرىلەر! ھەدىسى شەرىفتە دېيىلگەنكى: «ئاتمىشيەتمىش ياشلاردىكى ياشانغان بىر مۆئمىن ﷲنىڭ دەرگاھىغا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغىنىدا، ﷲنىڭ رەھمىتى ئۇنىڭ قولىنى قۇرۇق قايتۇرۇشتىن خىجىل بولىدۇ». مادەم رەھمەت سىلەرگە قارىتا بۇ دەرىجە ھۆرمەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرمۇ رەھمەتنىڭ بۇ ھۆرمىتىگە ئىبادىتىڭلار ئارقىلىق ئېھتىرام بىلدۈرۈڭلار

————————————

*(ھاشىيە): شېرىن بىر تەۋافۇقتۇركى، بۇ ئون ئۈچىنچى رىجادا سۆزلەنگەن مەدرىسە ھادىسىسى ئون ئۈچ يىل ئاۋۋال بولغان ئىدى.

**(ھاشىيە): يەنى، يەر تەۋرەش، بورانچاپقۇن، كەلكۈن ۋە ئوت ئاپىتىدەك.

*** ئەينەليەقىن: كۆز بىلەن كۆرۈش دەرىجىسىدە بىلمەك.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.