بۇ بىدئەتكە تەرەپدارلىق قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟

بۇ بىدئەتكە تەرەپدارلىق قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟

  قىزىقتۇرىدىغان ئۈچىنچى سوئال: بۇ يېقىندا ئېنگلىز ۋە ئىتالىيەگە ئوخشاش ئەجنەبىيلەرنىڭ بۇ ھۆكۈمەتكە چېقىلىشىغا قارشى، بۇرۇندىن بېرى بۇ ۋەتەندىكى ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقىي تايىنىش نۇقتىسى ۋە مەنىۋى قۇۋۋىتىنىڭ مەنبەسى بولغان ئىسلامىي ھامىيەتنىڭ(تۆھپىكارلىقنىڭ) راۋاجلاندۇرىلىشى ئىسلامىيەت شەئائىرلىرىنىڭ قىسمەن تىرىلىشىگە ۋە بىدئەتلەرنىڭ قىسمەن يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان تۇرسا، نېمىشقا شىددەت بىلەن ئۇرۇشقا قارشى چىقىپ، بۇ مەسىلىنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەل بولىشىغا دۇئا قىلدىڭ ۋە شىددەتلىك بىر شەكىلدە بىدئەتچىلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە (زاھىردە) تەرەپدار بولدۇڭ؟ بۇ بىدئەتكە تەرەپدارلىق قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟

  جاۋاب: بىز مۇۋەپپىقىيەت، راھەتلىك، سۆيۈنچ ۋە غەلىبە خالايمىز. ئەمما كافىرلارنىڭ قىلىچى بىلەن ئەمەس. كافىرلارنىڭ قىلىچلىرى بېشىنى يېسۇن؛ قىلىچلىرىدىن كەلگەن پايدا بىزگە لازىم ئەمەس. ھىلىمۇ ئۇ تەكەببۇر ئەجنەبىيلەر، مۇناپىقلارنى ئەھلى ئىمانغا مۇسەللەت قىلدى ۋە دىنسىزلەرنى يېتىشتۈردى. ھەم ئۇرۇش بالاسى بولسا قۇرئان خىزمىتىمىزگە چوڭ بىر زەرەردۇر. بىزنىڭ ئەڭ پىداكار ۋە قىممەتدار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى قىرىق بەش ياشتىن تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئۇرۇش سەۋەبى بىلەن مۇقەددەس قۇرئان خىزمىتىنى تاشلاپ ئەسكەر بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مېنىڭ پۇلۇم بولغان بولسا، قەلبىمنڭ رازىلىقى بىلەن، بۇنداق قىمممەتدار قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەربىرسىنى ئەسكەرلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئالدىن تۆلىنىدىغان پۇل مىڭ لىرا بولغان تەقدىردىمۇ بەرگەن بولاتتىم. بۇنداق يۈزلەرچە قىممەتدار قېرىنداشلىرىمىز قۇرئاننىڭ، رىسالەئى نۇرنىڭ خىزمىتىنى تاشلاپ، ماددى جىھاد توقمىقىغا قول ئۇزىتىشى ماڭا يۈزمىڭ لىرا زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. ھەتتا زەكائىنىڭ بۇ ئىككى يىل ئەسكەرلىكى بەلكىم مىڭ لىرا قەدەر مەنىۋى پايدىسىنى يوقاتتى. بوپتۇھەممىگە قادىر ﷲ، بىر مىنۇتتا بۇلۇتلار بىلەن تولغان ئاتموسفرانى سۈپۈرۈپ، تازىلاپ، ئاسماننىڭ پارلاق يۈزىدە نۇرلۇق قۇياشنى كۆرسەتكىنىدەك، بۇ زۇلمەتلىك ۋە رەھمەتسىز بۇلۇتلارنىمۇ زاۋال تاپقۇزۇپ، شەرىئەتنىڭ ھەقىقەتلىرىنى قۇياشتەك كۆرسىتىدۇ، ھەمدە بەدىلى ئەرزان ۋە غەلىيانسىز بېرەلەيدۇ. بىزگە قىممەت توختاپ قالماسلىقىنى ئۇنىڭ رەھمىتىدىن تىلەيمىز. باشتىكىلەرنىڭ بېشىغا ئەقىل ۋە قەلبلىرىگە ئىمان بەرسە، بۇ يېتەرلىكتۇر. ئۇ چاغدا ئىش ئۆزلۈكىدىن تۈزىلىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.