تەنقىتكارانە بىر سوئالغا بىر جاۋابتۇر

تەنقىتكارانە بىر سوئالغا بىر جاۋابتۇر

ئىككىنچى ئىشارەت: تەنقىتكارانە بىر سوئالغا بىر جاۋابتۇر

  ئەھلى دۇنيا تەرىپىدىن دېيىلىۋاتىدۇكى: سەن نېمىشقا بىزدىن ئاغرىندىڭ؟ بىر قېتىم بولسىمۇ بىزگە مۇراجىئەت قىلماي سۈكۈت قىلىۋاتىسەن، بىزدىن شىددەتلىك شىكايەت قىلىپ «ماڭا زۇلۇم قىلىۋاتىسىلەر» دەۋاتىسەن. ھالبۇكى بىزنىڭ بىر پرىنسىپىمىز بار، بۇ ئەسىرنىڭ تەلىپىگە قارىتا خۇسۇسىي دەستۇرلىرىمىز بار. بۇلارنىڭ ساڭا تەدبىق قىلىنىشىنى سەن قوبۇل قىلمايۋاتىسەن. قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى زالىم بولمايدۇ، قوبۇل قىلمىغان ئىسيان قىلغان بولىدۇ. جۈملىدىن: بۇ ھۆررىيەت ئەسىرىدە ۋە بۇ بىز يېڭى باشلىغان جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە، باراۋەرلىك ئاساسى بويىچە ھۆكۈمرانلىق ۋە ئۈستۈنلۈكنى ئېلىپ تاشلاش دەستۇرى بىزنىڭ بىر ئاساسلىق قانۇنىمىز ھۆكمىگە ئۆتكەن تۇرسىمۇ، سەن گاھ موللىلىق، گاھ زاھىتلىق سۈرىتىدە خەلقنىڭ ھۆرمىتىنى قازىنىپ، دىققەت نەزىرىنى ئۆزۈڭگە جەلپ قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ تەيىنلىشى سىرتىدا بىر قۇۋۋەت ۋە ئىجتىمائىي مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىڭ، كۆرۈنۈشتىكى ھالىتىڭنىڭ بىلدۈرىشى، ھەمدە بۇرۇنقى زاماندىكى ھاياتىي سەرگۈزەشتىلىرىڭنىڭ تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىشى بىلەن چۈشىنىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بولسا ھازىرقى تەبىر بىلەن بۇرژۇئالارنىڭ مۇستەبىتلەرچە ھۆكۈمرانلىقلىرى ئىچىدە ئۇيغۇن كۆرىنىشى مۇمكىن. بىراق بىز ئاۋام تەبىقىلەرنىڭ ئويغىنىشى ۋە غەلىبە قىلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ھەقىقىي سوتسىيالىزم ۋە بولشىۋىزم دەستۇرلىرى تېخىمۇ زىيادە كۆڭلىمىزگە ياققانلىقى ئۈچۈن ئۇ دەستۇرلارنى قوبۇل قىلىۋاتقان تۇرساق، سېنىڭ بۇ ۋەزىيەتتە بولۇشۇڭ بىزگە ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. پرىنسىپلىرىمىزغا زىت بولىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ساڭا سالغان جاپالىرىمىزدىن شىكايەت قىلىشقا ۋە ئاغرىنىشقا ھەققىڭ يوقتۇر؟

  جاۋاب: ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا بىر يول تەسىس قىلغان، ئەگەر كائىناتتىكى يارىتىلىش قانۇنىيىتىگە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلمىسا، خەيرلىك ئىشلاردا ۋە تەرەققىياتتا مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. پۈتۈن ھەرىكەتلىرى شەر(يامانلىق) ۋە بۇزغۇنچىلىق ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. مادەم يارىتىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرىيەت بار. ئۇنداقتا ئەلۋەتتە ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە يارىتىلىشىدىكى ئاساسىي ھىكمەتنى ئېلىپ تاشلاش بىلەن ئاندىن «مۇتلەق باراۋەرلىك» قانۇنى تەدبىق قىلىنسا بولىدۇ. شۇنداق، مەن نەسەب ۋە تۇرمۇش جەھەتتە ئاۋام تەبىقىسىدىنمەن. مەسلەك ۋە پىكىر جەھەتتىن «ھوقۇقتا باراۋەرلىك» مەسلىكىنى قوبۇل قىلغانلاردىنمەن. شەپقەت ۋە ئىسلامىيەتتىن كەلگەن ئادالەت سىرى بىلەن، بۇرژۇئا دېيىلگەن يۇقىرى تەبىقىنىڭ مۇستەبىتلىك ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى بۇرۇندىن بېرى مۇخالىپ پىكىردە تىرىشقانلاردىنمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن قۇۋۋىتىم بىلەن مۇتلەق ئادالەتكە تەرەپدار، ئەمما زۇلۇم، ھۆكۈمرانلىق، زوراۋانلىق ۋە مۇستەبىتلىككە قارشىمەن.

  بىراق ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىتى ۋە (يارىتىلىشىنىڭ) ھىكمەت سىرى مۇتلەق باراۋەرلىك سىرىغا زىتتۇر. چۈنكى فاتىرى ھەكىم (ھەر نەرسىنى چەكسىز ھىكمەت بىلەن ۋە ئوخشاشسىز ياراتقۇچى) چەكسىز ھىكمەت ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاز بىر نەرسىدىن كۆپ مەھسۇلات ئالدۇرىدۇ، بىر بەتتە كۆپ كىتابلارنى يازدۇرىدۇ ۋە بىر نەرسە بىلەن كۆپ ۋەزىپىلەرنى قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭدەكلا ئىنسانىيەت تۈرى بىلەنمۇ مىڭلارچە تۈرنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاتقۇزىدۇ.

  مانا بۇ چوڭ سىردىندۇركى: جانابى ﷲ ئىنسان تۈرىنى مىڭلارچە تۈرلەرنى نەتىجە بېرىدىغان ۋە ھايۋانلارنىڭ مىڭلارچە تۈرلىرىچىلىك دەرىجىلەرنى كۆرسىتىدىغان بىر تەبىئەتتە(فىترەتتە) ياراتقاندۇر. باشقا ھايۋاناتتەك ھېسلىرىغا، تۇيغۇلىرىغا، سېزىملىرىگە چەك قويماي، ئەركىن قويۇلۇپ چەكسىز دەرىجىلەردە كېزىدىغان قابىلىيەت بەرگەنلىكتىن، گەرچە بىر تۈر بولسىمۇ مىڭلارچە تۈر ھۆكمىگە ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن يەرنىڭ خەلىپىسى، كائىناتنىڭ نەتىجىسى ۋە جانىلىقلارنىڭ سۇلتانى ھۆكمىدە بولغاندۇر.

  دېمەك، ئىنسانىيەتنىڭ تۈرلۈكتۈرلۈك بولىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى ۋە قوزغاتقۇچ ئامىلى، مۇسابىقە بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان، ھەقىقىي ئىمان ئاساسىدىكى پەزىلەتتۇر. پەزىلەتنى ئېلىپ تاشلاش، ئىنسانىيەت ماھىيىتىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، ئەقىلنىڭ ئۆچۈرىلىشى، قەلبنىڭ ئۆلتۈرىلىشى، روھنىڭ نابۇت قىلىنىشى بىلەن بولىدۇ. شۇنداق، شۇ ھۆررىيەت پەردىسى ئاستىدا دەھشەتلىك بىر مۇستەبىتلىك كۆرسىتىۋاتقان بۇ ئەسىرنىڭ زالىم يۈزىگە ئۇرۇلۇشقا لايىق بولسىمۇ، ھالبۇكى ئۇ كاچاتقا لايىق بولمىغان ناھايىتى مۇھىم بىر زاتنىڭ يۈزىگە خاتا ھالدا ئېتىلغان ئاقىلانە شۇ سۆزنىڭ :

  مۇمكىنمۇ ھېچ، ھۆررىيەتنى يوق قىلماق ئىسكەنجە ۋە زۇلۇم بىلەن ،

  تىرىش! ئىنسانىيەتتىن ئىدراكنى يوقات، ئىقتىدارىڭ كۈچۈڭ بولسا.

دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا بۇ ئەسىرنىڭ يۈزىگە ئۇرۇش ئۈچۈن مەنمۇ دەيمەن:

مۇمكىنمۇ ھېچ، ھەقىقەتنى يوق قىلماق ئىسكەنجە ۋە زۇلۇم بىلەن ،

تىرىش! ئىنسانىيەتتىن يوقات قەلبنى، ئىقتىدارىڭ كۈچۈڭ بولسا.

ياكى:

مۇمكىنمۇ ھېچ، پەزىلەتنى يوق قىلماق ئىسكەنجە ۋە زۇلۇم بىلەن ،

تىرىش! ئىنسانىيەتتىن ۋىجداننى يوقات، ئىقتىدارىڭ كۈچۈڭ بولسا.

  شۇنداق، ئىمانلىق پەزىلەت ھۆكۈمرانلىققا سەۋەب بولمىغىنىدەك، مۇستەبىتلىككىمۇ سەۋەب بولالمايدۇ. ھۆكۈمرانلىق ۋە زوراۋانلىق قىلىش پەزىلەتسىزلىكتۇر. بولۇپمۇ پەزىلەت ئەھلىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسلىكى، ئاجىزلىق، پېقىرلىق ۋە كىچىك پېئىللىق بىلەن ئىجتىمائىي ھاياتقا ئارىلىشىش بىلەن بولىدۇ. ئەلھەمدۇلىللاھ، ھاياتىمىز بۇ مەسلەك بويىچە ئۆتتى ۋە ئۆتىۋاتىدۇ. مەن ئىپتىخارلىنىپ ئۆزۈمدە پەزىلەت بار دەپ دەۋا قىلمايمەن. بىراق كەلگەن نىمەتلەرنىڭ ئاللاھتىن ئىكەنلىكىنى سۆزلەش سۈرىتىدە شۈكۈر قىلىش نىيىتى بىلەن دەيمەنكى:

  جانابى ﷲ فەزلۇكەرەمى بىلەن ماڭا ئىمان ۋە قۇرئان ئىلىملىرىگە خىزمەت قىلىش ۋە چۈشىنىش پەزىلىتىنى ئىھسان قىلدى، بۇ ئىلاھىي ئىھساننى پۈتۈن ھاياتىمدا ﷲقا شۈكۈر، ﷲنىڭ تەۋپىقى بىلەن بۇ ئىسلام مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ۋە بەختسائادىتىگە سەرپ قىلدىم. بۇ ھېچبىر ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق ۋە زوراۋانلىق ۋاستىسى بولمىغىنىدەك، غەپلەت ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى ئارزۇ قىلىدىغان باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە ياخشى كۆرىشىنى قازىنىشمۇ مۇھىم بىر سىرغا بىنائەن مەن ئۈچۈن نەپرەت قىلىنىدىغان ئىشتۇر، ئۇنىڭدىن قېچىپ كەلدىم. يىگىرمە يىل بۇرۇنقى ھاياتىمنى زايا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى ئۆزۈمگە زىيانداش قاتارىدا كۆرىمەن. بىراق رىسالەئى نۇرنى ياقتۇرغانلىقلىرىنىڭ بىر ئالامىتى دەپ بىلىمەن، ئۇلارنى رەنجىتمەيمەن.

  ئەي ئەھلى دۇنيا! دۇنيايىڭلارغا ھېچ ئارىلاشمىساممۇ، پرىنسىپلىرىڭلار بىلەن ھېچبىر ئالاقەم بولمىسىمۇ ۋە توققۇز يىل بۇ سۈرگۈن ھاياتىمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن يېڭىدىن دۇنياغا ئارىلىشىشقا ھېچبىر نىيەت ۋە ئارزۇيۇم بولمىسىمۇ، ماڭا كونا بىر زوراۋان، دائىم پۇرسەت كۈتىدىغان، مۇستەبىتلىك ۋە ھۆكۈمرانلىق پىكرىنى ئېلىپ يۈرگەن بىر ئادەمدەك قىلىنىۋاتقان بۇنچە زۇلۇملار ۋە كۆزىتىشلەر قايسى قانۇن بىلەندۇر؟ قايسى ھىكمەت بىلەندۇر؟ دۇنيادا ھەر قانداق ھۆكۈمەتنىڭ، ھەر قانداق شەخسنىڭ ئۇيغۇن كۆرىشىگە زىت بولغان، بۇ خىل قانۇن ھالقىغان بۇنچە يامان مۇئامىلىلەرگە، پەقەتلا مېنىڭ رەنجىشىم ئەمەس، بەلكى ئەگەر بىلسە پۈتۈن ئىنسانىيەت رەنجىيدۇ، ھەتتا پۈتۈن مەۋجۇدات رەنجىيدۇ!


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.