جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلگەنمۇ؟

جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلگەنمۇ؟

جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلگەنمۇ؟

  ئايىتى كەرىمىدە(ئەي ئىنسان ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەر ئۈچۈن دۇنيا شۇئۇناتىدىن(مەشغۇلىيەتلىرىدىن)پات يېقىندا پەرىغ بولىمىز.يەنى ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەردىن (يەنى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يۈزلىنىمىز. راھمان سۈرىسى 31-ئايەت) ئىنسانلاردەك جىنلار تائىپىسىنىڭمۇ مۇكەللەپ ئىكەنلىكىنى ئوپئوچۇق ئىپادە قىلغاندۇر. ئۇنداق بولسا، ئىمتىھان ۋە تەجرىبە مەيدانى بولغان شۇ دۇنيادا، ئىنسانلارغا ئوخشاش جىنلارمۇ ئىمتىھانغا تۇتۇلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭمۇ ساماۋىي ۋەھىي بىلەن ئىرشات قىلىنىشى ۋە مۇكەللەپ بولغان ۋەزىپىلرىنىڭمۇ ئۇلارغا بىلدۇرلىشى كېرەك بولىدۇ. ”بىز بىر پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ ھېچبىر ئادەمنى جازالىغىنىمىز يوق.(ئىسرا سۈرىسى،17:15)ئايىتى كەرىمىسى مۇكەللەپ بولۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش پەقەتلا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋەتىلىشى بىلەنلا ئەمىلىيلىشىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلماقتا.

  جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلگەن ۋەيا كەلمىگەنلىكىگە دائىر ئىسلام ئۆلىمالىرى ئارىسىدا ئىككى خىل كۆرۈش بار:

  بىرىنچى كۆرۈش: جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلگەندۇر. بۇ كۆرۈش ساھىپلىرىنىڭ دەلىللىرى شۇلاردۇر:

  بىرىنچى دەلىل: ”جانابى ھەق قىيامەت كۈنىدە تەۋبىھ يەنى ئەيىبلەش ئۇسۇلى بىلەن ئەمىر قىلىدۇكى: (ئەي جىن ۋە ئىنىس جامائەسى!)سىلەر دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا(ئىچىڭلاردىن سىلەرگە ئايەتلىرىمنى تەبلىغ قىلغان)بايان ۋە ئىزاھ قىغان(ۋە سىلەرنى بۇ كۈنگە ئۇچىرىشىشتىن قورقۇتقان پەيغەمبەر كەلمىدىمۇ؟) نىمىشقا كۇپۇر ۋە ئىسيان بىلەن دۇنيا ھاياتىنى زايا قىلدىڭلار؟ ئۇلارمۇ مۇشۇنداق بىر ئەيىبلەشكە دۈچ كەلگەندە،(دەيدۇكى: بىز ئۆزىمىزگە قارشى ھالدا گۇۋاھلىق بىرىمىز)بىزگە پەيغەمبەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىز ئۇلارغا قارشى ئىسيانكارلىق قىلغان بىر ۋەزىيەت ئالدۇق. مانا ھازىر ئازابنى ھەق قىلغان بولدۇق. (ۋە ئۇلارنى دۇنيا ھاياتى ئالداتتى)ئۇلار، دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى ۋە قىممەتسىز بارلىقىغا، لەززەتلىرىگە ئالدىنىپ قالدى. ئاخىرەتلىك نىئمەتلەرنى ۋە مۇكاپاتلارنى ئويلانمىدى. چەكسىز ئازاپقا دۇچار قىلىدىغان ئىسيانلارنى قىلىپ يۈرۈشتى ۋە ھازىر ئاخىرەت ئالىمىدە ئىختىيارسىز(ئۆزلىرىگە قارشى چىقىپ گۇۋاھلىق بەرگەندۇركى، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ كاپىرلاردىن بولدى.)دۇنيادىكى ۋاقتىدا كۇپۇر ئىچىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.“(ئەنئام سۈرىسى،6:130)

ئايىتى كەرىمىنىڭ زاھىر مەنىسى ھەم ئىنسانلاردىن ھەمدە جىنلاردىن پەيغەمبەرلەر كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

  ئىككىنچى دەلىل: ”ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق (دىن) بىلەن (مۆمىنلەرگە) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارغا) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن.“(فاتىر سۈرىسى،35:24)ئايىتىگە قارىتا جىنلارىن پەيغەمبەر كەلگەندۇر. چۈنكى، ئۇلارمۇ بىر ئۈممەتتۇر.

ئۈچىنچى دەلىل: ”بىز پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە، ئۇنى ئىنسان شەكلىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى يەنە شۈبھىگە چۈشۈرەتتۇق (يەنى ئۇلار پەرىشتىنى ئىنسان شەكلىدە كۆرگەندە: «بۇ ئىنسان، ئەمما پەرىشتە ئەمەس» دەيتتى) “(ئەنئام سۈرىسى،6:9)ئايىتى كەرىمىسى پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۈممەت ئارىسىدا بىر بىرىنى چۈشىنىش ھۇھىتى بولىشى لازىم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلماقتا. بۇ مۇھىتنىڭ دەسلەپكى شەرتى، ئەۋەتكەن پەيغەمبەرنىڭ شۇ ئەۋەتىلگەن ئۈممەت جىنسىدىن بۇلىشىدۇر. بۇنىڭغا قارىتا، جىنلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭمۇ ئۆز جىنسىدىن بولىشى لازىم. ئەگەرچەندە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەر ئۆز جىنىسلىرىدىن بولمىسا، ھەر جەھەتتە ئۇلارغا رەھبەر ۋە مۇقتەدا قىلىپ ئەگىشەلەيدىغان بولالمايدۇ.

  ئىككىنچى كۆرۈش: جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلمىگەندۇر.

  بۇ كۆرۈش ساھىبلىرىنىڭ دەلىللىرى شۇلاردۇر:

  بىرىنچى دەلىل: ئىسلام ئالىملىرى نەبى كەلىمىسىنى تەرىپ قىلغاندا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەم ئەركەك ھەمدە ئىنسان بولىشى لازىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندۇر. ئۇنداق بولسا، جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلمىگەندۇر.

  ئىككىنچى دەلىل: يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەنئام سۈرىسى 130-ئايەت كەرىمىسى ناھايتى ئوچۇق شەكىلدە جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلگەنلىكىنى ئىپادە قلمايدۇ دەپ ئايىتى كەرىمىنى باشقا شەكىلدە تەۋىل قىلغاندۇر.

  ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە كۆرە، جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلمىگەندۇر. ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن مۇراتئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن تاللانغان پەيغەمبەرلەردۇر. جىنلارغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن مۇرات بولسايا ئىنسانلار ئىچىدىن تاللىنىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردۇر. ياكى بولمىسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ۋە جىنلاردىن بولغان ئەلچىلەردۇر. ئۇ ئەلچىلەر، پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتىدىن ئاڭلىغانلىرىنى، رەسۇلپەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ قەۋىملىرىگە تەبلىغ قىلاتتى. ئەھقاف سۈرىسى 29-32ئايىتى كەرىمىلىرىنى ۋە جىن سۈرىسى بۇ ھەقىقەتنى ئىپادە قىلماقتىدۇر.

  ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەم ئىنسانلارغا ھەمدە جىنلارغا ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھەم ئىنسانلاردىن ھەم جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىتتىپاق قىلغان ۋە بۇ ھەقتە ئىجما بار.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.