خانىم-قىزلار سەمىگە – ئىنتايىن ئەھەممىيەتلىك چوقۇم كۆرۈپ چىقىڭ

خانىم-قىزلار سەمىگە – ئىنتايىن ئەھەممىيەتلىك چوقۇم كۆرۈپ چىقىڭ

خانىمقىزلار رەھبىرى»دە ئىككىئۈچ قېتىم زىكىر قىلىنغان

عَلَيْكُمْ بِدِينِ الْعَجَائِزِ ھەدىسى شەرىفىنىڭ سىرىنى بايان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، «ياشانغانلار رىسالىسى»دىن «يەتتە رىجا» ئۇنىڭغا ئىلاۋە قىلىندى.)

   بىرىنچى رىجا:

  ئەي ياشىنىپ قالغان مۆھتەرەم قېرىنداشلار ۋە ھەمشىرىلەر! مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ياشانغان ئادەممەن. قېرىلىق زامانىمدا بەزىدە بايقىغان رىجالارنى ۋە ئۇ رىجالاردىكى تەسەللى نۇرىغا سىلەرنىمۇ ئىشتىراك قىلىش ئارزۇسى بىلەن بېشىمدىن ئۆتكەن بەزى ئەھۋاللارنى يازماقچىمەن. مەن كۆرگەن ئۇ نۇر ۋە ئۇچرىغان رىجا (ئۈمىد) ئىشىكلىرى ئەلۋەتتە مېنىڭ نۇقسانلىق ۋە پەرىشان قابىلىيىتىم بويىچە كۆرۈلگەن ۋە ئېچىلغاندۇر. ئىنشاﷲ سىلەرنىڭ ساپ ۋە خالىس قابىلىيىتىڭلار مەن كۆرگەن ئۇ نۇرلارنى تېخىمۇ پارلاق قىلىدۇ. بايقىغان رىجانى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ

   تۆۋەندىكى ئۇ رىجالار ۋە نۇرلانىڭ مەنبەسى، ئاساسى ۋە بۇلىقى ئىماندۇر.

   ئىككىنچى رىجا:

   قېرىلىققا يۈز تۇتقان ۋاقتىمدا، بىر كۈنى كۈز پەسلىدە، ناماز دىگەر ۋاقتىدا، ئېگىز بىر تاغدا دۇنياغا نەزەر سالدىم. بىردىنلا كۆڭۈلسىز، قايغۇلۇق ۋە بىر جەھەتتە قاراڭغۇ بىر ھالەت ھېس قىلدىم. كۆردۈمكى، مەن قېرىپتىمەن. كۈندۈزمۇ قېرىپتۇ، يىلمۇ قېرىپتۇ ۋە دۇنيامۇ قېرىپتۇ. بۇ قېرىلىقلار ئىچىدە، دۇنيادىن ئايرىلىش ۋە سۆيگەن نەرسىلەردىن پىراق زامانى يېقىنلاشقانلىقتىن، قېرىلىق مېنى خېلىلا سىلكىدى. بىردىنلا ﷲنىڭ رەھمىتى شۇنداق بىر سۈرەتتە ئۆزىنى كۆرسەتتىكى، ئۇ كۆڭۈلسىز قايغۇ ۋە پىراقنى قۇۋۋەتلىك بىر ئۈمىد ۋە پارلاق بىر تەسەللى نۇرىغا ئۆزگەرتتى.

   شۇنداق، ئەي ماڭا ئوخشاش ياشانغانلار! قۇرئانى ھەكىمدە يۈز يەردە «ئەررەھمانىررەھىم» (ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان) سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى بىزگە تونۇتتۇرغان؛ زېمىننىڭ يۈزىدە دائىم مەرھەمەت خالىغان جانلىقلارغا ياردەم ئۈچۈن رەھمىتىنى ئەۋەتكەن؛ ھەر يىلى باھارنى چەكسىز نىئمەت ۋە ھەدىيەلەر بىلەن تولدۇرۇپ، رىزىققا مۇھتاج بولغان بىزلەرگە غەيبتىن يېتىشتۈرگەن؛ ھەمدە ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىك دەرىجىسى نىسبىتىدە رەھمىتىنىڭ جىلۋىسىنى تېخىمۇ زىيادە كۆرسەتكەن بىر رەھىملىك ياراتقۇچىمىزنىڭ رەھمىتى بۇ قېرىلىقىمىزدا ئەڭ چوڭ بىر ئۈمىد ۋە ئەڭ قۇۋۋەتلىك بىر نۇردۇر. بۇ رەھمەت، ئىمان بىلەن ئۇ رەھمانغا باغلىنىش ۋە پەرزلەرنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش بىلەن تېپىلىدۇ.

  ئۈچىنچى رىجا:

  بىر زامان ياشلىق كېچىسىنىڭ ئۇيقۇسىدىن قېرىلىق سەھەرى بىلەن ئويغانغان ۋاقتىمدا قەلبىمگە قارىدىم. ۋۇجۇدۇم قەبرە تەرەپكە تاغدىن پەسكە دومىلىغاندەك تېزلىكتە كېتىۋاتاتتى. نىيازى مىسرىينىڭ

  كۈندە بىر تاشى بىنايى ئۆمرۈمنىڭ چۈشتى يەرگە،

  جان ياتار غاپىل، بىناسى بولدى ۋەيران بىخەۋەر.

دېگىنىدەك، روھىمنىڭ ئۆيى بولغان جىسمىمنىڭمۇ ھەر كۈنى بىر خىشى چۈشۈپ كونىرىماقتا ئىدى. دۇنيا بىلەن مېنى قۇۋۋەتلىك باغلىغان ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرىم ئۈزۈلۈشكە باشلىدى. چەكسىز دوست ۋە سۆيگەن نەرسىلىرىمدىن ئايرىلىش زامانىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ مەنىۋى، بەكمۇ چوڭقۇر ۋە داۋاسىز كۆرۈنگەن يارىنىڭ مەلھىمىنى ئىزدىدىم، تاپالمىدىم. يەنە نىيازى مىسرىيدەك دېدىمكى:

  دىل بەقاسى، ھەق فەناسى خالىدى مۈلكى تەنىم،

  بىر داۋاسىز دەرتكە چۈشتۈم، ئاھكى لوقمان بىخەۋەر. (ھاشىيە)*

  ئۇ ۋاقىت، بىردىنلا ئىلاھىي مەرھەمەتنىڭ تىلى، مىسالى، سىمۋۇلى، ئېلانچىسى ۋە ۋەكىلى بولغان پەيغەمبەرى زىيشان ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ نۇرى، شاپائىتى ۋە ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن ھىدايەت سوۋغىسى ئۇ دەرمانسىز بولغان، چەكسىز دەپ ئويلىغان يارىلىرىمغا گۈزەل بىر مەلھەم ۋە تىرياق بولدى. زۇلمەتلىك ئۈمىدسىزلىكىمنى نۇرلۇق بىر رىجاغا ئۆزگەرتتى.

  شۇنداق، ئەي مېنىڭدەك قېرىلىقىنى ھېس قىلغان مۆھتەرەم مويسىپىتلار ۋە ھەمشىرىلەر! بىز كېتىۋاتىمىزئالدىنىشتا پايدا يوق، كۆزىمىزنى يۇمۇۋالغان بىلەن بىزنى بۇ يەردە تۇرغۇزىۋەرمەيدۇ، كۆچۈش بار. بىراق، غەپلەتتىن ۋە قىسمەن ئازغۇنلاردىن كەلگەن زۇلمەتلىك ئىددىيەلەر تۈپەيلىدىن بىزگە پىراقلىق ۋە قاراڭغۇ كۆرۈنگەن بەرزەخ (قەبرە) مەملىكىتى دوستيېقىنلىرىمىز جەم بولغان دىياردۇر. باشتا شاپائەتچىمىز ھەبىبۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن بىللە پۈتۈن دوستلىرىمىزغا قوشۇلۇش ئالىمىدۇر. شۇنداق، مىڭ ئۈچيۈز ئەللىك يىلدا، ھەر يىلى ئۈچيۈز ئەللىك مىليون ئىنساننىڭ سۇلتانى، روھلىرىنىڭ تەربىيەچىسى، ئەقىللىرىنىڭ مۇئەللىمى ۋە قەلبلىرىنىڭ مەھبۇبى (سۆيگىنى) بولغان، ھەمدە اَلسَّبَبُ كَالْفَاعِلِ (سەۋەب بولغان قىلغاندەك) دېگەن سىر بويىچە، ھەر كۈنى پۈتۈن ئۈممەت قىلغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىر مىسلى ئەمەل دەپتىرىگە قوشۇلۇپ تۇرىدىغان، شۇنداقلا ﷲنىڭ شۇ كائىناتتىكى ئالىي مەقسەتلىرىنىڭ بىلىنىش سەۋەبى ۋە مەۋجۇداتنىڭ قەدرقىممىتىنىڭ يۈكسىلىش ۋاستىسى بولغان، شۇنداقلا يېڭى دۇنياغا كەلگەن ۋاقتىدا سەھىھ رىۋايەت ۋە سادىق كەشف**بىلەن «ئۈممىتىم ئۈممىتىم!» دېگىنىدەك، مەھشەرگاھتا ھەر كىم «ئۆزۈم ئۆزۈم!» دېگەن ۋاقىت يەنە «ئۈممىتىم ئۈممىتىم!» دەپ ئەڭ مۇقەددەس ۋە ئەڭ يۈكسەك بىر پىداكارلىق كۆرسىتىپ، يەنىلا شاپائىتى بىلەن ئۈممىتىگە ياردەم ئۈچۈن يۈگۈرگەن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام كەتكەن بىر ئالەمگە كېتىۋاتىمىز. ھەمدە ئۇ قۇياش ئەتراپىدىكى چەكسىز ئەسفىيا ۋە ئەۋلىيا يۇلتۇزلىرى بىلەن نۇرلاندۇرىۋەتكەن شۇنداق بىر ئالەمگە كېتىۋاتىمىزئەنە شۇنداق بىر زاتنىڭ شاپائىتى ئاستىغا كىرىپ نۇرىدىن مەنپەئەتلىنىشنىڭ ۋە بەرزەخ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى ئۇنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىگە ئەگىشىشتۇر.

  تۆتىنچى رىجا:

  بىر زامان قېرىلىققا قەدەم قويغانلىقىمدىن، غەپلەتنى داۋام قىلدۇرغان سالامەتلىكىممۇ بۇزۇلغان ئىدى. قېرىلىق بىلەن كېسەللىك بىرلىشىپ ماڭا ھۇجۇم قىلىشتى. بېشىمغا ئۇرىۋېرىپ ئۇيقۇمنى قاچۇردى. بالاچاقا ۋە مالدۇنيادەك مېنى دۇنيا بىلەن باغلايدىغان ئالاقىلارمۇ يوق ئىدى. ياشلىق مەستلىكى بىلەن زايا قىلغان ئۆمۈر دەسمايەمنىڭ مېۋىلىرىنى پۈتۈنلەي گۇناھ ۋە خاتالىقلاردىن ئىبارەت كۆردۈم. نىيازى مىسرىيدەك پەرياد ئەيلەپ دېدىم:

  بىر تىجارەت قىلالمىدىم، ئۆمۈر پۇلۇم كەتتى بىكار،

  يولغا كەلدىم، لېكىن كۆچكەن بارچە كارۋان، بىخەۋەر.

  يىغلىدىم نالە قىلىپ، چۈشتۈم يولغا تەنھا غېرىپ،

  كۆزۈمدە ياش، باغرىم كاۋاپ، ئەقلىم ھەيران، بىخەۋەر.

  ئۇ ۋاقىت غۇربەتتە ئىدىم. ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە بىر قايغۇ، نادامەت ئىچىدە ئۆكۈنۈش ۋە مۇھتاجلىق ئىچىدىكى بىر ئىزتىراپ ھېس قىلدىم. بىردىنلا، قۇرئانى مۆجىزۇلبايان ياردەمگە كەلدى. ماڭا ئۇ قەدەر قۇۋۋەتلىك بىر ئۈمىد ئىشىكىنى ئاچتى ۋە شۇنداق بىر ھەقىقىي تەسەللى نۇرىنى بەردىكى، ئۇ ئەھۋالىمدىن يۈز ھەسسە ئارتۇق بولغان ئۈمىدسىزلىكنىمۇ يوق قىلىپ، ئۇ قاراڭغۇلۇقلارنى تارىتىۋېتەلەيتتى.

  شۇنداق، ئەي مەندەك دۇنيا بىلەن ئالاقىلىرى كېسىلىشكە باشلىغان ۋە دۇنيا بىلەن باغلانغان رىشتىلىرى ئۈزۈلۈشكە يۈز تۇتقان مۆھتەرەم ياشانغان ئەرئايال قېرىنداشلار! بۇ دۇنيانى ناھايىتى مۇكەممەل ۋە ئىنتىزاملىق بىر شەھەر، بىر ساراي ھۆكمىدە ياراتقان بىر ئۇلۇغ سەنئەتكار ئۇ شەھەردىكى، ئۇ سارايدىكى ئەڭ مۇھىم مېھمانلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن سۆزلەشمەسلىكى ۋە كۆرۈشمەسلىكى ھېچ مۇمكىنمۇ؟ مادەم بۇ ساراينى بىلىپ تۇرۇپ ياساپتۇ، ھەمدە ئىرادە ۋە ئىختىيار بىلەن تەرتىپكە سېلىپ گۈزەللەشتۈرۈپتۇ، ئۇنداقتا «ياسىغان بىلگەنگە ئوخشاشلا، ئەلۋەتتە بىلگەنمۇ سۆزلەيدۇ». مادەم بۇ شەھەرنى، بۇ ساراينى بىزگە گۈزەل بىر مېھمانخانا ۋە تىجارەتگاھ قىلغانىكەن، ئەلۋەتتە بىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ۋە بىزدىن كۈتكەن ئارزۇلىرىنى بىلدۈرىدىغان بىر دەپتىرى، بىر كىتابى بولۇشى كېرەكتۇر

  ئەنە شۇ مۇقەددەس دەپتەرنىڭ ئەڭ مۇكەممىلى، قىرىق جەھەتتە مۆجىزە بولغان، ھەر مىنۇتتا ھېچ بولمىسا يۈز مىليون ئادەمنىڭ تىلىدا ئوقۇلۇپ نۇر چاچقان، ھەربىر ھەرىپىدە ئاز دېگەندە ئون ساۋاب، ئون ياخشىلىق ۋە بەزىدە ئونمىڭ، بەزىدە قەدىر كېچىسى سىرى بويىچە بىر ھەرىپىگە ئوتتۇزمىڭ ساۋاب، جەننەت مېۋىسى ۋە بەرزەخ نۇرى بېرىدىغان قۇرئانى مۆجىزۇلباياندۇر. بۇ جەھەتتە ئالەمدە ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلەيدىغان ھېچبىر كىتاب يوقتۇر، ھېچكىم كۆرسىتەلمەيدۇ. مادەم بۇ قولىمىزدىكى قۇرئان ساماۋات ۋە زېمىننىڭ ئۇلۇغ ياراتقۇچىسىنىڭ، مۇتلەق رۇبۇبىيىتى***، ئىلاھلىقتىكى چەكسىز بۈيۈكلىكى ۋە ھەممىنى قورشىغان رەھمىتى تەرىپىدىن كەلگەن كالامىدۇر، پەرمانىدۇر ۋە بىر رەھمەت خەزىنىسىدۇر. ئۇنداقتا ئۇنىڭغا يېپىش! چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر دەرتكە بىر داۋا، ھەر زۇلمەتكە بىر نۇر ۋە ھەر ئۈمىدسىزلىككە بىر رىجا بار.

  مانا بۇ ئەبەدىي خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى ئىماندۇر، تەسلىمىيەتتۇر، ھەمدە ئۇنى ئاڭلاپ قوبۇل قىلىش ۋە ئوقۇشتۇر.

  بەشىنچى رىجا:

  بىر زامان قېرىلىقىمنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، خىلۋەتتە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلنىڭ بوغاز تەرىپىدىكى يۇشا تۆپىلىكىگە باردىم. بىر كۈنى روھىم يالغۇز ھالەتتە ئارام ئېلىشنى خالىدى. ئۇ ئېگىز دۆڭلۈكتە ئۇپۇققا، ئەتراپقا قارىدىم. ناھايىتى ئەلەملىك ۋە كۆڭۈلسىز بولغان زاۋال ۋە پىراق لەۋھەسىنى قېرىلىقنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن كۆردۈم. ئۆمۈر دەرىخىمنىڭ قىرىق بەشىنچى يىلى بولغان قىرىق بەشىنچى شېخىدىكى ئۈستۈن ئورنىدىن، تا ھاياتىمنىڭ تۆۋەن تەرەپلىرىگە نەزەر يۈگۈرتتۈم. كۆردۈمكى، ئاستىدىكى ھەربىر شېخىدا، ھەر يىل مابەينىدە سۆيگەن دوستلىرىمدىن، ئالاقىدار بولغانلار ۋە تونۇشقانلىرىمدىن ھېساپسىز مېيىتلەر بار ئىدى. ئۇ پىراق ۋە ئايرىلىشتىن كەلگەن يۈرەكنى ئېزىدىغان بىر مەنىۋى تەسىر ئىچىدە فۇزۇلى باغدادىيدەك، ئايرىلىپ كەتكەن دوستلارنى ئويلىنىپ، ئاھ ئۇرۇپ:

ۋىسالىڭنى ياد ئەيلىسەم يىغلايمەن،

تا نەپەس بولسىلا، قۇرۇق جىسمىمدا پەرياد ئەيلەيمەن.

دەپ بىر تەسەللى، بىر نۇر ۋە بىر رىجا ئىشىكىنى ئىزدىدىم. بىردىنلا ئاخىرەتكە ئىمان نۇرى ياردەمگە كەلدى. ھېچ ئۆچمەيدىغان بىر نۇر، ھېچ ئۈزۈلمەيدىغان بىر ئۈمىد بەردى.

  شۇنداق، ئەي مېنىڭدەك قېرىپ قالغان قېرىنداشلار ۋە ياشىنىپ قالغان ھەمشىرىلەر! مادەم ئاخىرەت بار، مادەم باقىيدۇر، مادەم دۇنيادىن تېخىمۇ گۈزەلدۇر ۋە مادەم بىزنى ياراتقان زات ھەم ھەكىم، ھەم رەھىمدۇر (چەكسىز ھىكمەت ۋە شەپقەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر). ئۇنداقتا قېرىلىقتىن شىكايەت ۋە نادامەت قىلماسلىقىمىز لازىم. ئەكسىچە، ئىمان بىلەن ئىبادەت ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتتىكى قېرىلىقنىڭ، ھايات ۋەزىپىسىدىن بوشىنىش ۋە رەھمەت ئالىمىگە ئارام ئېلىش ئۈچۈن كېتىشكە بىر ئالامەت بولغانلىقى جەھەتتە ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇشىمىز لازىم.

  شۇنداق، ھەدىسنىڭ ئىپادىسى بويىچە، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ تاللانغان شەخسلىرى بولغان يۈز يىگىرمە تۆت مىڭ پەيغەمبەر بىردەك ۋە قەتئىي ھالدا، قىسمەن كۆرۈشكە، قىسمەن ھەققەليەقىن**** ئىشەنچىسىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئاخىرەتنىڭ بارلىقىدىن، ئىنسانلارنىڭ ئۇ يەرگە كېتىۋاتقانلىقىدىن ۋە بۇ كائىنات ياراتقۇچىسىنىڭ ئۆزى قەتئىي ۋەدە قىلغان ئاخىرەتنى يارىتىشىدىن ئورتاق خەۋەر بەرگىنىدەك؛ ئۇلار بېرىشكەن خەۋەرلەرنىمۇ كەشف ۋە كۆرۈش بىلەن ئىلمەليەقىن***** سۈرەتتە تەستىق قىلغان يۈز يىگىرمە تۆت مىليون ئەۋلىيانىڭ ئۇ ئاخىرەتنىڭ بارلىقىغا شاھادەتلىرى بىلەن؛ ۋە بۇ كائىناتنىڭ ھىكمەتلىك سەنئەتكارىنىڭ پۈتۈن ئىسىملىرىنىڭ بۇ دۇنيادا كۆرسەتكەن جىلۋىلىرى بىلەن بىر باقى ئالەمنى ئېنىق ئىقتىزا قىلىپ يەنە ئاخىرەتنىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىشى بىلەن؛ ھەر يىلى باھاردا، زېمىن يۈزىدە سانسىزلىغان ئۆلگەن دەرەخلەرنىڭ ئۆرە تۇرغان مېيىتلىرىنى «كۇن فەيەكۇن»****** ئەمرى بىلەن ھايات بېرىپ «ئۆلۈمدىن كېيىنكى تىرىلىش»كە ئىگە قىلغان، ھەشر ۋە نەشرنىڭ******* يۈز مىڭلارچە نەمۇنىسى قاتارىدا ئۆسۈملۈك تائىپىلىرى ۋە ھايۋانات مىللەتلىرىدىن ئۈچيۈزمىڭ تۈرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقارغان چەكسىز بىر ئەزەلىي قۇدرەت، ھېساپسىز ۋە ئىسراپسىز بىر ئەبەدىي ھىكمەتنىڭ، ھەمدە رىزىققا مۇھتاج بارلىق روھ ئىگىلىرىنى كامالى شەپقەت بىلەن بەكمۇ ھەيران قالارلىق شەكىلدە تەمىنلەپ، ھەر باھاردا ئاز بىر زاماندا، تۈرلىرى ھەددىھېساپسىز بولغان گۈزەللىك ۋە زىننەتلەرنى كۆرسەتكەن باقىي بىر رەھمەت ۋە دائىمىي بىر ئىنايەتنىڭ ناھايىتى ئېنىق ھالدا ئاخىرەتنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىشى بىلەن؛ شۇنداقلا شۇ كائىناتنىڭ ئەڭ مۇكەممەل مېۋىسى، كائىنات خالىقىنىڭ ئەڭ سۆيگەن سەنئەت ئەسىرى ۋە كائىناتنىڭ مەۋجۇداتلىرى بىلەن ئەڭ كۆپ ئالاقىدار بولغان ئىنساننىڭ، شىددەتلىك، تەۋرەنمەس ۋە دائىمىي ئارزۇسى بولغان باقىيلىققا ئاشىقلىق، ئەبەدىيلىككە ئىشتىياق، مەڭگۈلۈك خالاش ھېسلىرىنىڭ ناھايىتى ئوچۇق ھالدا دالالەت ۋە ئىشارەت قىلىشى بىلەن، بۇ فانىي ئالەمدىن كېيىن، بىر باقىي ئالەمنىڭ، بىر ئاخىرەت دىيارىنىڭ ۋە بىر سائادەت ماكانىنىڭ بولىدىغانلىقىنى شۇنچىلىك قەتئىي بىر سۈرەتتە ئىسپات قىلىدۇكى، ئاخىرەتنىڭ بارلىقىنى خۇددى دۇنيانىڭ بارلىقىدەكلا ئېنىق قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. (ھاشىيە)******** مادەم قۇرئانى ھەكىمنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ مۇھىم بىر دەرسى «ئاخىرەتكە ئىمان»دۇر ۋە ئۇ ئىمانمۇ بۇ دەرىجە قۇۋۋەتلىكتۇر. ھەمدە ئۇ ئىماندا شۇنداق بىر ئۈمىد ۋە بىر تەسەللى باركى، يۈزمىڭ قېرىلىق بىرلا شەخسكە كەلسە، بۇ ئىماندىن كەلگەن تەسەللى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۇنداقتا بىز ياشانغانلار «كامىل ئىمان نېسىپ قىلغان ﷲقا ھەمدۇسانالار بولسۇندەپ قېرىلىقىمىزغا شۈكۈر قىلىشىمىز لازىم.

  ئالتىنچى رىجا:

  بىر زامان قايغۇلۇق بىر ئەسىرلىك مەزگىلىمدە، ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ بارلا تۆپىلىكىدە چام تېغىنىڭ ئۈستىدە يالغۇز قالدىم. يالغۇزلۇقتا بىر نۇر ئىزدەۋاتاتتىم. بىر كېچىسى ئۇ ئېگىز تاغنىڭ بېشىدىكى ئېگىز بىر قارىغاي دەرىخىنىڭ ئۈستىدىكى ئۈستى ئوچۇق كەپىدە ئىدىم. قېرىلىق ئۈچتۆت خىل يالغۇزلۇقنى بىربىرى ئىچىدە ماڭا ئەسكەرتتى. ئالتىنچى مەكتۇپتا ئىزاھ قىلىنغىنىدەك، ئۇ كېچىنى جىمجىتلىق قاپلىغانىدى، پەقەتلا دەرەخلەرنىڭ شىلدىرلاشلىرىدىن كەلگەن قايغۇلۇق بىر سادا، بىر ئاۋاز ئۇ كۆڭۈلسىز ھالىتىمگە، قېرىلىقىمغا ۋە يالغۇزلۇقۇمغا خېلىلا تەسىر قىلدى. قېرىلىق ماڭا ئەسكەرتتىكى، گويا كۈندۈز شۇ قارا قەبرىگە ئالماشقاندەك، دۇنيا قارا كېپىنىنى كىيگەندەك، ئوخشاشلا سېنىڭ ئۆمرۈڭنىڭ كۈندۈزىمۇ كېچىگە، دۇنيا كۈندۈزىمۇ بەرزەخ (قەبرە) كېچىسىگە ۋە ھاياتىڭنىڭ يازىمۇ ئۆلۈمنىڭ قىش كېچىسىگە ئۆزگىرىدۇ، دەپ قەلب قۇلىقىمغا ئېيتتى. نەفسىم شۇنىڭ بىلەن مەجبۇرەن دېدى: «شۇنداق، مەن ۋەتىنىمدىن ئايرىلىپ غېرىپ (يالغۇز) قالغىنىمدەك، بۇ ئەللىك يىللىق ئۆمرۈمدە، ئۆلۈپ كەتكەن دوستيېقىنلىرىمدىن ئايرىلىپ، ئارقىلىرىدا ئۇلار ئۈچۈن يىغلاپ قالغانلىقىمدىن، ئۇ ۋەتەننى سېغىنىشنىڭ غېرىبلىقىدىن تېخىمۇ زىيادە ئەلەملىك ۋە ئىزتىراپلىق بىر يالغۇزلۇقتۇر. ھەمدە بۇ كېچىنىڭ ۋە تاغنىڭ غېرىبانە ئەھۋالى ئىچىدىكى قايغۇلۇق غېرىپسىنىشتىن تېخىمۇ زىيادە قايغۇلۇق ۋە ئەلەملىك بىر يالغۇزلۇققا يېقىنلىشىۋاتىمەنكى، پۈتۈن دۇنيادىن تامامەن ئايرىلىش زامانىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى قېرىلىق ماڭا خەۋەر بەردى. بۇ يالغۇزلۇق ئۈستىگە يالغۇزلۇق ۋە قايغۇ ئۈستىگە قايغۇ بولغان ئەھۋالدىن بىر ئۈمىد، بىر نۇر ئىزدىدىم. بىردىنلا ﷲقا ئىمان ھەقىقىتى ياردەمگە كەلدى. شۇنداق بىر راھەتلىك بەردىكى، ئۇ ھالەتتىكى قاتمۇقات غېرىپسىنىشلار مىڭ ھەسسە ئارتۇق بولسىمۇ ئۇ تەسەللى ماڭا كۇپايە قىلاتتى.

  شۇنداق، ئەي ياشانغان مويسىپىتلار ۋە ھەمشىرىلەر! مادەم رەھىملىك بىر ياراتقۇچىمىز بار. ئۇنداقتا بىز ئۈچۈن يالغۇزلۇق مۇمكىن ئەمەس. مادەم ئۇ بار، ئۇنداقتا بىز ئۈچۈن ھەر نەرسە بار. مادەم ئۇ بار، ئۇنداقتا پەرىشتىلىرىمۇ بار. ئۇنداق بولسا، بۇ دۇنيا بوش ئەمەس. خالىي تاغلار ۋە قۇرۇق چۆللەر ﷲنىڭ قۇللىرى بىلەن تولغاندۇر. ئىدراكلىق قۇللىرىدىن باشقا، ئۇنىڭ نۇرى بىلەن، ئۇنىڭ نامىدىن تاشلارمۇ، دەرەخلەرمۇ سۆيۈملۈك بىر ھەمراھ ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. ئەھۋال تىللىرى بىلەن بىز بىلەن سۆزلىشەلەيدۇ ۋە سۆيۈندۈرىدۇ. شۇنداق، بۇ كائىناتنىڭ مەۋجۇداتلىرى سانىچە ۋە بۇ چوڭ ئالەم كىتابىنىڭ ھەرپلىرى سانىچە بارلىقىغا شاھادەت قىلغان، روھ ئىگىلىرىنىڭ شەپقەت، رەھمەت ۋە ئىنايەتلەرنى كۆرسەتكەن تۈزۈلمىلىرى، رىزىقلىرى ۋە نىئمەتلىرى سانىچە شەپقىتىنى كۆرسەتكەن دەلىللەر ۋە شاھىتلەر بىزگە رەھىم، كەرىم، ئەنىس (دوست) ۋە ۋەدۇد (سۆيدۈرگۈچى) بولغان ياراتقۇچىمىزنىڭ، سەنئەتكارىمىزنىڭ ۋە ھىمايىچىمىزنىڭ دەرگاھىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ دەرگاھتا ئەڭ مەقبۇل بىر شاپائەتچى ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىكتۇر. ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىكنىڭ دەل ۋاقتىمۇ قېرىلىقتۇر. مۇنداق بۇ دەرگاھقا يېقىنلىشىشتا مەقبۇل بىر شاپائەتچى بولغان قېرىلىقتىن ئاغرىنىش ئەمەس، سۆيۈنۈش لازىمدۇر.

  يەتتىنچى رىجا:

  بىر زامان، قېرىلىق چاغلىرىم باشلىنىۋاتقان، كونا سەئىدنىڭ كۈلۈشلىرى يىڭى سەئىدنىڭ يىغىسىغا ئالماشقان پەيتلەردە، ئەنقەرەدىكى ئەھلى دۇنيا مېنى يەنىلا كونا سەئىد چاغلاپ، ئەنقەرەگە چاقىرىشتى. مەنمۇ باردىم. كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرىلىرىدا، ئەنقەرەنىڭ ماڭا قارىغاندا تېخىمۇ بەك قېرىپ كەتكەن، كونىرىغان قەلئەسىنىڭ ئۈستىگە چىقتىم. ئۇ قەلئە ماڭا تاشقا ئايلانغان تارىخىي ھادىسىلەر سۈرىتىدە كۆرۈندى. يىلنىڭ قېرىلىق پەسلى، مېنىڭ قېرىلىقىم، قەلئەنىڭ قېرىلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ قېرىلىقى، شانلىق ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قېرىلىقى، خەلىپىلىك سەلتەنىتىنىڭ ۋاپاتى ۋە دۇنيانىڭ قېرىلىقى ماڭا ئىنتايىن قايغۇلۇق، غەملىك، پىراقلىق بىر ھالەت بېرىپ، ئۇ ئېگىز قەلئەدە، ئۆتكەن زاماننىڭ جىلغىلىرىغا، كېلەچەك زاماننىڭ تاغلىرىغا مېنى قاراتتى ۋە قارىدىم، بىربىرى ئىچىدە مېنى قورشىغان تۆتبەش قېرىلىق قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدە ئەنقەرەدە ئەڭ قارا بىر روھانى ھالەت ھېس قىلغانلىقىمدىن (ھاشىيە)******** بىر نۇر، بىر تەسەللى، بىر ئۈمىد ئىزدىدىم. ئوڭغا، يەنى ئۆتكەن زامانغا تەسەللى تېپىش ئۈچۈن قارىدىم.

  ئۆتكەن زامان ئاتامنىڭ، ئەجداتلىرىمنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ چوڭ بىر مازىرى سۈرىتىدە كۆرۈندى. تەسەللى ئەمەس، ئەكسىچە قورقۇنچ بەردى. سول تەرىپىم بولغان كېلەچەككە دەرمان ئىزدەپ قارىدىم. كۆردۈمكى، مېنىڭ ۋە ماڭا ئوخشاشلارنىڭ، ھەمدە كەلگۈسى نەسىللەرنىڭ چوڭ ۋە قاراڭغۇ گۆرى سۈرىتىدە كۆرۈندى. دوستانە ئەمەس، ۋەھشىيانە ھالەت كۆردۈم. ئوڭ ۋە سول تەرەپتىن ئۈركۈپ بۈگۈنكى كۈنۈمگە قارىدىم. غەپلەتلىك نەزىرىم بىلەن، بۈگۈنكى كۈننى يېرىم ئۆلۈك بولغان ۋە بوغۇلۇش ئازابىنى تارتىۋاتقان جەسىتىمنى كۆتۈرگەن بىر تاۋۇت سۈرىتىدە كۆردىم. بۇنىڭدىنمۇ مەيۈسلىنىپ بېشىمنى كۆتۈردۈم ۋە ئۆمۈر دەرىخىمنىڭ ئۇچىغا قارىدىم، كۆردۈمكى، ئۇ دەرەخنىڭ بىرلا مېۋىسى بار. ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ مېيىتىم بولۇپ، ئۇ دەرەخ ئۈستىدە ماڭا قاراۋاتىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچ ھېس قىلىپ، بېشىمنى تۆۋەنگە ئەگدىم ۋە ئۆمۈر دەرىخىمنىڭ تۆۋەن تەرىپى، يەنى يىلتىزىغا قارىدىم. كۆردۈمكى، ئۇ تۆۋەن تەرەپتىكى تۇپراقنى مېنىڭ سۆڭەك توپىلىرىم بىلەن دەسلەپكى يارىتىلىش توپىلىرىمنى بىربىرىگە ئارىلاشقان ھالدا پۇتلارنىڭ ئاستىدا دەسسىلىۋاتقان سۈرەتتە كۆردۈم. بۇمۇ دەرمان ئەمەس، دەردىمگە دەرت قوشتى. كېيىن ئامالسىز ئارقا تەرىپىمگە قارىدىم. كۆردۈمكى، ئاساسسىز ۋە فانىي دۇنيا يوقلۇق دەريالىرىدا ۋە يوقلۇق قاراڭغۇلۇقلىرىدا يۇمىلىنىپ ئاقماقتا ئىدى. بۇمۇ دەردىمگە دەرمان ئەمەس، ئۈستىگە زەھەر قوشتى. بۇ تەرەپتىنمۇ بىر پايدا كۆرەلمىگەنلىكىمدىن ئالدى تەرىپىمگە قارىدىم. كۆردۈمكى، قەبرە ئىشىكى دەل يولۇمنىڭ ئۈستىدە ئوچۇق كۆرىنىپ، ئاغزىنى يوغان ئاچقان ھالدا ماڭا قاراۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئەبەدىيلىككە ئۇزانغان چوڭ بىر يولۋە ئۇ يولدا كېتىۋاتقان جامائەتلەر ئۇزاقئۇزاقلاردىن كۆزگە چېلىقتى.

  بۇ ئالتە تەرەپتىن كەلگەن قورقۇنچلارغا قارشى، ماڭا تايىنىش نۇقتىسى ۋە قوغدىنىش قورالى بولغىدەك كىچىككىنە بىر جۈزئى ئىختىيارىيدىن*9 باشقا مەندە ھېچبىر نەرسە يوق. ئۇ چەكسىز دۈشمەن ۋە چەكسىز زىيانداش نەرسىلەرگە قارشى تۇرۇشتا بىردىنبىر ئىنسانىي قورال بولغان جۈزئى ئىختىيارىي بولسا، ھەم نۇقسان، ھەم قىسقا، ھەم ئاجىز، ھەم ئىجادسىز بولغانلىقتىن، كەسبدىن*10 باشقا قولىدىن بىر نەرسە كەلمەيدۇ. ماڭا كەلگەن قايغۇلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن نە ئۆتكەن زامانغا ۋە قورقۇنچلارنى يوقىتىش ئۈچۈن نە كېلىدىغان زامانغا ئۆتەلمەيدۇ. شۇڭا ئۆتكەن ۋە كېلەچەك زامانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئارزۇ ۋە قايغۇلىرىم ئۈچۈن ئۇنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.

  بۇ ئالتە تەرەپتىن كەلگەن دەھشەت، قورقۇنچ، قاراڭغۇلۇق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تىترەپ تۇرغاندا، بىردىنلا قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ ساماسىدا پارلىغان ئىمان نۇرلىرى ياردەمگە كەلدى. ئۇ ئالتە تەرەپنى شۇنداق نۇرلاندۇرۇپ پارلاتتىكى، مەن كۆرگەن ئۇ قورقۇنچلار، قاراڭغۇلۇقلار يۈز ھەسسە ئېشىپ كەتسىمۇ، يەنىلا ئۇ نۇر ھەممىسىگە يېتەرلىك بولاتتى. پۈتۈن ئۇ دەھشەتلەرنى بىربىرلەپ تەسەللىگە ۋە قورقۇنچ ھالەتلەرنى بىربىرلەپ دوستانە ھالەتكە ئايلاندۇردى.

  يەنى: ئىمان، ئۆتكەن زاماننىڭ ئۇ قورقۇنچلۇق چوڭ مازارىستان قىياپىتىدىكى سۈرىتىنى يىرتىپ، بىز ئۈچۈن ئۇنىڭ نۇرانىي دوستيېقىنلار جامائىتىنىڭ جەم بولغان ھۇزۇرلۇق دىيار ئىكەنلىكىنى ئەينەليەقىن، ھەققەليەقىن ھالدا كۆرسەتتى.

  ئىمان، غەپلەت نەزىرى بىلەن چوڭ بىر گۆر سۈرىتىدە كۆرۈنگەن كېلەچەك زاماننى بەكمۇ ئېسىل سائادەت سارايلىرىدىكى بىر رەھمانىي زىياپەتكە توپلىنىش ئورنى ئىكەنلىكىنى ئىلمەليەقىن ھالدا كۆرسەتتى.

  ئىمان، غەپلەت نەزىرى بويىچە بىر تاۋۇت ھالىتىدە كۆرۈلگەن ھازىرقى زاماننى ۋە بۇ كۈنۈمنىڭ تاۋۇتلۇق شەكلىنى چېقىپ تاشلاپ، بۇ (ھازىرقى) كۈنۈمنى ئاخىرەتلىك بىر تىجارەت دۇكىنى، ھەشەمەتلىك بىر رەھمانىي مېھمانخانا شەكلىدە ئوچۇق كۆرسەتتى.

  ئىمان، ئۆمۈر دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى بىردىنبىر مېۋىنىڭ غەپلەت نەزىرى بويىچە كۆرۈنگىنىدەك ئۆلۈك بىر مېيىت ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئەبەدىي ھاياتقا ئىگە بولىدىغان ۋە ئەبەدى بىر سائادەتكە نامزات بولغان روھىمنىڭ، كونىراپ كەتكەن ئۇۋىسىدىن يۇلتۇزلارغا ساياھەتكە چىقىش بولىدىغانلىقىنى ئىلمەليەقىن ھالدا كۆرسەتتى.

  ئىمان، مېنىڭ سۆڭەك توپىلىرىم بىلەن دەسلەپكى يارىتىلىش توپىلىرىمنىڭ پۇتلار ئاستىدا خار ھالدا ئېزىلىۋاتقان سۆڭەكلەر ئەمەس، بەلكى ئۇ تۇپراقنىڭ رەھمەت ئىشىكى ۋە جەننەت سارىيىنىڭ بىر پەردىسى ئىكەنلىكىنى ئىمان سىرى ئارقىلىق كۆرسەتتى.

  ئىمان، غەپلەت نەزىرى بىلەن كۆرۈنگەن ئارقا تەرىپىمدىكى يوقلۇق قاراڭغۇلۇقلىرىدا يۇمىلىنىپ كېتىپ بارغان دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىنى، ۋەزىپىسى تۈگىگەن، مەنىسىنى ئىپادىلەپ بولغان، ھەمدە ئۆزى كۆرىنىشتە يوقلۇققا كەتسىمۇ، لېكىن نەتىجىلىرىنى بارلىقتا قويۇپ قويغان ئىلاھىي مەكتۇپلار ۋە سۇبھانىي نەقىش سەھىپىلىرى ئىكەنلىكىنى قۇرئان سىرى بىلەن كۆرسەتتى. دۇنيا ماھىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىلمەليەقىن ھالدا بىلدۈردى.

  ئىمان، ئالدى تەرىپىمدە كۆزىنى ئېچىپ ماڭا قارىغان گۆرنى ۋە ئۇ گۆرنىڭ ئارقىسىدىكى ئەبەدىلئەبەد تەرەپكە ئۇزانغان چوڭ يولنى قۇرئان نۇرى ئارقىلىق كۆرسەتتىكى، ئۇ گۆر، ئازگال ئاغزى ئەمەس، بەلكى نۇر ئالىمىنىڭ ئىشىكىدۇر. ئۇ يول بولسا، يوقىلىش ۋە يوقلۇققا ئەمەس، بەلكى بارلىققا، نۇرىستانغا، ئەبەدىي سائادەتكە ئۇزانغان يول ئىكەنلىكىنى دەل قانائەت بېرىدىغان دەرىجىدە كۆرسەتكەنلىكتىن دەرتلىرىمگە ھەم دەرمان ھەم شىپا بولدى.

  ئىمان، ئۇ چەكسىز دۈشمەن ۋە قاراڭغۇلۇقلارغا قارشى، قولىدا كەسبدىن ئىبارەت ناھايىتى ئاز بىر قابىلىيىتى بولغان كىچىككىنە جۈزئى ئىختىيارىي ئورنىغا، چەكسىز بىر قۇدرەتكە تايىنىش ۋە چەكسىز بىر مەرھەمەتكە باغلىنىش ئۈچۈن، ئۇ جۈزئى ئىختىيارىينىڭ قولىغا بىر كىنىشكا بېرىدۇ. بەلكى ئىمان ئۆزى، ئۇ جۈزئى ئىختىيارىينىڭ قولىدا بىر كىنىشكا بولىدۇ. گەرچە ئىنساننىڭ ئۇ جۈزئى ئىختىيارىيدىن ئىبارەت بولغان ئۇ قورالى، ھەم قىسقا، ھەم ئاجىز، ھەم نۇقسانلىقتۇر. بىراق، خۇددى بىر ئەسكەر كىچىككىنە قۇۋۋىتىنى دۆلەت نامىدىن قوللانغان ۋاقتىدا، ئۆز قۇۋۋىتىدىن مىڭلارچە ھەسسە تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلالىغىنىدەك، ئۇ زەئىپ جۈزئى ئىختىيارىيمۇ ئىمان سىرى ئارقىلىق ﷲ نامىدىن ۋە ئۇنىڭ يولىدا قوللىنىلسا، بەش يۈز يىللىق كەڭلىكتە بىر جەننەتنى قازىنىدىغان قۇۋۋەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

  ئىمان، ئۆتكەن ۋە كېلىدىغان زامانلارغا ئۆتەلمىگەن ئۇ جۈزئى ئىختىيارىينىڭ تىزگىنىنى جىسىمنىڭ قولىدىن ئېلىپ قەلب ۋە روھقا تاپشۇرىدۇ. روھ ۋە قەلبنىڭ ھاياتلىق دائىرىسى، جىسىمغا ئوخشاش ھازىرقى زامانغىلا تەئەللۇق بولمىغانلىقتىن، ھەم ئۆتكەن زاماندىن، ھەم كېلەچەك زاماندىن كۆپلىگەن يىللار ئۇنىڭ ھايات دائىرىسىگە كىرگەنلىكتىن ئۇ جۈزئى ئىختىيارىي جۈزئىيلىكتىن چىقىپ، ئومۇمىيلىققا ئېرىشىدۇ. ئۆتكەن زاماننىڭ ئەڭ چوڭقۇر جىلغىلىرىغا ئىمان قۇۋۋىتى ئارقىلىق كىرەلىگىنىدەك، ھەمدە ئۇ تەرەپتىكى قايغۇ ۋە قاراڭغۇلۇقلىرىنى يوقىتالىغىنىدەك، ئوخشاشلا ئىمان نۇرى ئارقىلىق كېلەچەك زاماننىڭ ئەڭ ئۇزاق تاغلىرىغا قەدەر چىقالايدۇ، ھەمدە قورقۇنچ ۋە ئەندىشىلىرىنى يوقىتالايدۇ.

  ئەي مېنىڭدەك قېرىلىق مۇشەققىتىنى تارتقان مويسىپىتلار ۋە ھەمشىرىلەر! مادەم بىز ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمانمىز. ھەم مادەم ئىماندا بۇ قەدەر نۇرلۇق، لەززەتلىك، يېقىملىق، شېرىن خەزىنىلەر بار. ھەم مادەم قېرىلىقىمىز بىزنى بۇ خەزىنىنىڭ ئىچىگە تېخىمۇ كۆپ ئىتتىرىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئەلۋەتتە، ئىمان ئاساسىدىكى قېرىلىقتىن شىكايەت قىلىپ ئاغرىنىش ئەمەس، بەلكى مىڭلارچە شۈكۈر قىلىشىمىز كېرەك.

—————————————————————

*(ھاشىيە):يەنى، مېنىڭ قەلبىم پۈتۈن قۇۋۋىتى بىلەن بەقا(باقىيلىق)خالىسىمۇ، ﷲنىڭ ھىكمىتى جەسىتىمنىڭ خاراب بولۇشىنى ئىقتىزا قىلىۋاتىدۇ.لوقمان ھەكىممۇ چارىسىنى تاپالمايدىغان دەرمانسىز بىر دەرتكە چۈشتۈم.-ئا

**كەشف: ئەۋلىيالارنىڭ بەزى يوشۇرۇن ھەقىقەتلەرنى ﷲنىڭ ئىزنى بىلەن ئېچىشى، ئوتتۇرىغا چىقىرىشى.-ت

*** رۇبۇبىيەت: «رەب»لىك. جانابى ھەقنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەريەردە، ھەر مەخلۇقنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش، ئۇنى نىئمەتلەر بىلەن تەمىنلەش، ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش سۈپىتى.-ت

****ھەققەليەقىن: دەل ھەقىقىتى بىلەن بىلىش.-ت

***** ئىلمەليەقىن: ئىلىم بىلەن بىلىش.-ت

****** «ۋۇجۇتقا كەل! دەيدۇ، دەرھال ۋۇجۇتقا كىلىدۇ».-ت

******* ھەشر ۋە نەشر: قىيامەتتىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ تىرىلىپ مەھشەرگاھتا توپلىنىشى ۋە ئەمەللەرنىڭ ئاشكارە بولۇشى.-ت

*******(ھاشىيە):شۇنداق، سۇبۇتىي (بارلىقى قەتئىي ئىسپاتلىنىدىغان) بىر نەرسىنى خەۋەر قىلىشنىڭ قولايلىقى، لېكىن ئىنكار قىلىش ۋە يوققا چىقىرىشنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكى تۆۋەندىكى تەمسىلدىن كۆرۈنىدۇ. يەنى، بىراۋ: «مېۋىلىرى سۈت كونسىېرىۋالىرىدەك بولغان ئاجايىپ ھەيران قالارلىق بىر باغچا يەرشارىدا باردۇردېسە، يەنە بىرى «يوقتۇر» دېگەن بولسا، ئىسپات قىلغان ئادەم پەقەتلا ئۇنىڭ ئورنىنى ياكى بەزى مېۋىلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق دەۋاسىنى ئاسانلا دەلىللەيدۇ. ئىنكار قىلغۇچى بولسا، يوققا چىقىرىشىنى ئىسپات قىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن يەرشارىنى كۆرۈش ۋە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاندىن دەۋاسىنى دەلىللىيەلەيدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، جەننەتنى خەۋەر بەرگەنلەرنىڭ ئۇ يەرنىڭ يۈز مىڭلارچە ئالامەتلىرىنى، مېۋىلىرىنى ۋە نىشانىلىرىنى كۆرسىتىشلىرىنى نەزەرگە ئالمىساقمۇ، سادىق ئىككى شاھىتنىڭ ئىسپاتلاپ گۇۋاھلىق بېرىشى يېتەرلىكتۇر. ئۇنى ئىنكار قىلغۇچى بولسا چەكسىز كائىناتنى، چەكسىز بولغان ئەبەدىي زاماننى كېزىش، كۆرۈش ۋە تاسقاشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىنكارىنى ئىسپات قىلالايدۇ، يوقلۇقىنى كۆرسىتەلەيدۇ.

دېمەك، ئەي ياشانغان قېرىنداشلار! ئاخىرەتكە ئىماننىڭ نەقەدەر قۇۋۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىڭلار!-ئا

********(ھاشىيە): ئۇ زاماندىكى بۇ روھانىي ھالەت پارس تىلىدا بىر مۇناجات (دۇئا) تەرىقىسىدە قەلبكە كەلدى، يازدىم.ئەنقەرەدە «ھۇباب» رىسالىسىنىڭ ئىچىدە بېسىلغاندۇر.-ئا

*9جۈزئى ئىختىيارىي:تاللاش ئەركىنلىكى، خالىغىنىچە ھەرىكەت قىلىش ئىختىيارىدىن بىر پارچە، ئۆتكەن ۋە كېلىدىغان زامانغا ئۆتەلمەيدىغان، بىر ۋاقىتتا كۆپ ئىشلارغا يۈزلىنەلمەيدىغان كىچىككىنە ئىختىيار.-ت

*10كەسب:خالىغىنىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە يۆنىلىش؛ ئىنساننىڭ ئۆز كۈچ ۋە ئىقتىدارىنى بىر ئىشقا سەرپ قىلىشى.-ت

ھەققەليەقىن: دەل ھەقىقىتى بىلەن بىلىش.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.