توغرا پىكر ساغلام ئېتىقاد خەيىرلىك ھايات

توغرا پىكر ساغلام ئېتىقاد خەيىرلىك ھايات

ئىلمى مۇكاشەفە(كەشىپ ئىلمى)

  رىسالەئى نۇرساھابىلەرنىڭ مەسلەك(يولى)ھېساپلىنىدۇ. كەشىپ ۋە كارامەتكە ئەھمىيەت بەرمەستىن، تالىپ بولغۇچىنىتوغرىدىن توغرا زاھىردىن ھەقىقەتكە يول ئاچتۇرىدۇ ۋە ئىرىشتۈرىدۇ. رىسالەئى نۇرساھابىلەرگە ئوخشاش چۈشىنىش شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى جانلاندۇرىدۇ.

  ساھابەئى كىرام قۇرئانى كەرىم ئوقۇغاندا ۋە ئاڭلىغان ۋاقىتتا، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە سۇنغان ۋە بەخىش ئەتكەن ئىلاھىي ئەسەرلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزەتتى ۋە ئىلاھىي ئىسىملار يولى ۋاستىسى بىلەن تىزدىنلا زېھىنلىرى: تەۋھىد ۋە ھەشىر رۈكۈنلىرىگە ئىنتىقال يەنى بۇرۇلاتتى ۋە يۆتكىلەتتى، ھەم شۇنداق قىلىش ئارقىلىق قۇرئان ۋاسىتىسى بىلەن توغرىدىن توغرا ھەقىقەتكە ۋاسىل بولاتتى.

  قۇرئاننىڭ ئەسىلىي ۋە ھەقىقى داۋاسىئىنسانىيەتكە كائىنات كىتابىنىڭ سىرلىرىدىن دەرىس بىرىش؛

  -’’ئالەمدىكى مەۋجۇداتلار زادى نىمە؟ قەيەردىن كەلدى، قەيەرگە بارىدۇ، ۋەزىپىسى زادى نىمە؟‘‘ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش؛

  –ئەقىلنى تەپەككۈرگە باشلاش ۋە تۈرىتىش؛

  –تەپەككۈر نەتىجىسىدە، قەلبىنى ماسىۋادىن يەنى ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىلاھىي ئىسىملەر ۋە سۈپەتلەر دائىرىسىگە جەلىپ قىلىش؛

  نەتىجىدە: ھەقىقىي تەۋھىد ۋە جىسمانىي ھەشىر ھەقىقەتلىرىدىن تەلىم بىرىشتۇر. بۇ بولسا، مىراج ھەقىقىتىدۇر.

 دېمەك، زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈشنىڭ ئەڭ راھەت يولىقۇرئان ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ دەرىس بەرگەن ۋە تەلىم بۇيىرىغان قۇرئاننىڭ جاددەئى كۇبراسى يەنى چوڭ يولىدۇر.

  تەسەۋۋۇپ ۋە تەرىقەت يولى بىلەن ھەقىقەتكە ۋاسىل بولۇش بولسا، ناھايتى مۈشكۈل ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئەسرىمىزدە، تەسەۋۋۇپ ئەرباپلىرى ئەمىليەتتىمۇ زادىلا قالمىغاندۇر.

  ئىسلامىيەتھىجرى ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ساپلىقىنى ساقلاپ كەلگەن. يەھۇدى، خىرىستىيان ۋە ھىندۇلارئۈچيۈز يىلدىن كېيىن قۇرئاننىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن، ”مۇكاشەفەكەشىپ“ ئىلمىنى تەھسىل قىلغاندۇر. مەسىلەن: كاپىر بىر كىشى مۇسۇلمان بىرسىنىڭ كۆز ئالدىدا ھاۋادا ئۇچقان. بىر خىرىستىيان پاپازپوپ كىشىنىڭ قەلبىدىن نېمە كەچسە، ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگەن. مانا مۇشۇنىڭدەك بۇ ئىلىمنى تەھسىل قىلغان كىشىلەردە كۆرۈنگەن بۇ ھەيران قالارلىق ئەھۋاللارغا ”ئىلمى مۇكاشەفەكەشىپ ئىلمى“ دېيىلگەن. ھەم ئۇلارنىڭ ئىستىلاھىي ئاتالغۇسىدا بۇنىڭغا ’’تەرىقەت“ دەپ نام بەرگەن. بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئىسلامىيەت بىلەن ۋە ساماۋىي كىتاپلار بىلەنمۇ ھېچقانداق بىر ئالاقىسى يوق. ھىندۇلاربۇ جەھەتتە تېخىمۇ زىيادە ئىشنىڭ ئەھلى ۋە ئەربابى بولۇپ، بۇ ئىلىم ئۇلاردا تېخىمۇ كۆپ راۋاج تاپقان. مەسىلەن: بىرىسى، بىر ئادەمنىڭ دۇككىنىغا كىرىدۇ، ئۇنىڭ كاللىسىدا نېمە بولغان بولسا يەنى نېمە ئالماقچى بولغان بولسا، ھەممىسىنى سورىماستىنلا ئالدىغا ئېلىپ كىلىدۇ، پۇلىنى ئالىدۇۋەھەكازا بىر قىسمى ھاۋادا ئۇچىدۇ؛ بىر قىسمى بولسا دېڭىزنىڭ ئۈستىدە يۈرۈيدۇ. ئۇ مەزگىللەردە بۇ ئىلىم مۇشۇنداق شەكىلدە راۋاجلىنىپ كەتكەچكە، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تۇزاقتەك رول ئوينىغان. چۈنكى ئەھلى شېرىك ۋە كۇپۇرنىڭ كۆرسەتكەن بۇ ھەيران قالارلىق ئەھۋاللىرى مۇسۇلمانلارنى دىنىدە شەك ۋە شۈبھىلەرنى تۇغدۇرۇشقا تۈرىتكە بولغان. ھەتتا بەزى مۇسۇلمانلاردىن بىر قىسمى، دىنىغا شۈبھە قىلىشقا باشلىغان. دېمەك، تەرىقەتئىچىمىزگە بۇ شەكىلدە كىرگەن. ھالبۇكى ئىسلامىيەتتە ”تەرىقەت“ دېيىشتىكى مەقسەتبۇ ئىلمى مۇكاشەفە ئەمەستۇر. بەلكى تەرىقەتتىكى مۇراترەسۇلى ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مىراجىدۇر ۋە نامازنىڭ ھەقىقىتىدۇر. يەھۇدى، خىرىستىيان ۋە ھىندۇلار تەرىقەت كەلىمىسىنى بۇ مەنىدە قوللانغاچقا، ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۆز ئارىسىدا مەشۋىرەت قىلغان يەنى كىڭەش ئېلىپ بارغان. غەۋسى گەيلانىغا ئوخشاش ئالىي زاتلارمۇ ئىمان جەھەتتە شەك ۋە شۈبھىگە چۈشكەن مۇسۇلمانلارنى بۇ خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، مەجبۇرى شەكىلدە چىللە(ئېتىكاپقا كىرىش) ۋە رىيازەت چىكىپ، كارامەت كۆرسىتىشكە باشلىغان. ھەم بىر تەرەپتىن بۇ خىل ئەھۋاللار يۈز بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، پەلسەپىچىلەردىن بىر قىسمى چىقىپ توقسان كۈن تاماق يىمەسلىك بىلەن ھەيران قالارلىق ئەھۋاللارنى ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىشكە باشلىغان، غەيىپتىن خەۋەر بەرگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىتىقادى بوزۇلغان. ئۇ زامانغا قەدەر ساپ ۋە كۈچلۈك شەكىلدە داۋام قىلىپ كەلگەن ئىمانى ئىلىملەر راۋاجلىنىشىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويغان.

  جانابى ھەقنىڭ راببانىي ھىكمىتى بىلەن، ئىسلام ئۆلىمالىرىغا ئۇ ئەسىردە شۇنداق بىر پاراسەت بىرىلگەندۇركى، ئۇلارنىڭ بۇ ھىلەمىكىرلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇلار قىرىق كۈن، بەزىدە سەكسەن كۈنلۈك رىيازەت چەككەن ۋە بۇ رىيازەت نەتىجىسىدە كەشىپ ساھىبى بولغان. بۇ ئالىي زاتلار ھەم ئىلمى مۇكاشەفەنى، ھەم ئىلمى ھەقىقەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەۋھىد ۋە ھەشىردەك ئىمان ئەركانلىرنى كەشىپ قىلغان. چۈنكى ئەسلىدە ھەقىقى كەشىپ قىلىشۋەھىينىڭ نازىل بولىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، بولۇپمۇ مىراج كېچىسىدە تاكامۇللاشقان ۋە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا كۆرۈنگەن كائىناتنىڭ ئارقىسىدىكى تەۋھىد، ھەشىر، نۈبۇۋۋەت(پەيغەمبەرلىك)، قىيامەت، جەننەت ۋە جەھەننەمگە ئوخشاش ھەقىقەتلەردۇر. بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ھېچبىرىسى، رىيازەت نەتىجىسىدە كەشىپ قىلىشقا ئىگە بولغان يەھۇدى، خىرىستىيان، ھىندۇ ۋە پەلسەپىچىلەرگە ئېچىلمىغاندۇر. چۈنكى، بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەگىشىشى شەرىتتۇر. ئۇلار قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ نۇرى ئاستىغا كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن، يەنى ئىمان نۇرى بىلەن مۇشەررەپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتلەرنى كەشىپ قىلالمىغان. پەقەت ئىمكان دائىرىسىدىكى(ئىمكان: بار ۋە يوقلىقى تەڭ بولغان ئەمما ئۆزىگە باغلىق بولمىغان مەخلۇقاتلار دائىرىسى) كەشپىياتىدا بەكلا تەرەققى قىلىپ كەتكەن. شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلارمۇ مەجبۇرى ھالدا رىيازەتكە تايانغان بىر تەرىقيولنى لايىق كۆرۈپ، كەشىپ ۋە كارامەت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن كۆرەش قىلىشقا باشلىغان. دېمەك، تەرىقەتبۇ مەنپىي جەرىيانئېقىملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلارنى، ئۇلارنىڭ پىتنە ۋە ھېلىلىرىدىن ۋە دىنىدە شۈبھىلىنىشتىن مۇھاپىزەت قىلىش مەقسىتى بىلەن زۈرۈرىيەت تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر يولدۇر. ئەسلىدە، ھىجرى ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تەرىقەت دەيدىغان بىر تەبىر مەۋجۇت ئەمەستى. بۇ تەبىرئۇلاردىن قېلىپ قالغان. شاھابەددىنى سۇھرەۋەردىگە ئوخشاش زاتلار شۇنداق رىيازەتلەرنى چەككەندۇركى، بۇ رىيازەت نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ ھاۋادا ئۇچۇش، دېڭىزدە يۈرۈشتەك ھەيران قالارلىق ئەھۋاللىرىغا مۇقابىلھاۋادا ئۇچۇش، دېڭىزدە يۈرۈشكە ئوخشاش كارامەتلەر بىلەن ئەمىلىي ھەركىتىدە ئورۇنداپ تاقابىل تۇرغان.

  شۇنداق، ھىجرى ئۈچيۈزدىن كېيىن بۇ ئىككى مەنپىي جەريانئېقىملارنى كۆرگەن ۋە چارىسىز قالغان ئۆلىمالار ۋە شەيىخلەر مەجبۇرى ھالدا رىيازەت چىكىشكە باشلىغان. رىيازەت نەتىجىسىدە، بۇ مۇكاشەفە ئىلمىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرغان. يەھۇدى، خىرىستىيان ۋە ھىندۇلارنىڭ تەرىقەتلىرى، پەقەتلا مۇكاشەفا ئىلىمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. ئۆلىمالار ۋە شەيىخلەر بولسا، مېڭىۋاتقان تەرىقەت ۋاستىسى بىلەن ھەم ئۇ ئىلمى مۇكاشەفەنى قولغا كەلتۈرگەن، ھەم كەشىپ ۋە كارامەتلەر كۆرسەتكەن. ھەمدە ئىلاھىي ئەسما(ئىسىملار) ۋە سىفات(سۈپەتلەر)نىڭ تەجەللىسىگە ئىرىشكەن. ئەگەر سالىك يەنى سەيىرىسۈلۈك قىلغۇچى، ئىلمى مۇكاشەفە، ئىلمى تەرىقەت ۋە كەشىپ ۋە كارامەت نەتىجىسىدە، ئىلمى ھەقىقەتنى قولغا كەلتۈرسە ۋە ھەقىقەتكە ۋاسىل بولسا يەنى ئىلاھىي ئىسىم ۋە سۈپەت دائىرىسىگە كىرسە؛ باشقا بىر تەبىر بىلەن ماسىۋادىن ئۆتۈپ، ئىلاھىي ئىسىم ۋە سۈپەتلەرگە ئىنتىقال ئەتسە ۋە كۆچەلىسە، ئۇ تەجەللىياتنى چۈشەنسە، بۇنىڭغا ”ئىلمى ھەقىقەت“ دېيىلىدۇ. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق كەشىپ ئىلمى ھەقىقەت ئىلمىگە ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر ئۆزگىرەلمىسە، ئۇ زامان بۇ ئىلىم ھىندۇلارنىڭ تەھسىل قىلغان ئىلىمدىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ ۋە بۇ ئىلىمنىڭ دىن بىلەن ئالاقىسى قالمايدۇ. دېمەك، ئىسلامىيەتتىكى تەرىقەت، مۇكاشەفە ئىلمىنى ئەھلى شېرىك ۋە كۇفۇردىن ۋە ئەھلى پەلسەپىچىلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن زۈرۈرىيەتكە بىنائەن پەيدا بولغاندۇر. شۇ زاماندا بولسا، شەيخى گەيلانى، شاھى نەقىش بەندىگە ئوخشاش ئالى زاتلارنىڭ دەرىس بەرگىنىدەك ۋە تەقىپ قىلغىنىغا ئوخشاش مەنىدە بىر تەرىقەت مەۋجۇت ئەمەستۇر ۋە شۇنداقلا تەرىقەت ئۇسۇلى بىلەن ئەھلى شېرك ۋە كۇپۇرغا قارشى كۆرەش قىلىش مۇمكىنمۇ ئەمەستۇر. چۈنكى شۇ ئاندا كاپىرلار، ئىلمى مۇكاشەفە ئارقىلىق بىز بىلەن كۆرەش قىلمايۋاتىدۇ ۋە قارشى چىقمايۋاتىدۇ، بەلكى ئەينەن سائادەت ئەسرىگە ئوپمۇ ئوخشاش شەكىلدە جايىللىق بىلەن، كۇپۇر بىلەن، ئازغۇنلۇق بىلەن، ماددى جەھەتتىن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ ۋە قارشى چىقىۋاتىدۇ. مانا بۇ نوقتى نەزەردىن ئۇلار بىلەن كۆرەش قىلىش ۋە جىھاد قىلىشىمىزنىڭ ئۇسۇلى ئۆزگەردى.

  ھەم شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، رىسالەئى نۇربۇ ئەسىردە ئۈممەتنىڭ ئالدىغا ئىلىم ئىچىدىن ھەقىقەتكە بارىدىغان قۇرئانى بىر يولنى ئاچقان. پۈتۈن ھىممىتىنى: ئىمان ھەقىقەتلىرى ۋە ئىسلامىيەت ئاساسلىرىنىڭ ئسپات قىلىنىشىغا قارىتا سەرىپ قىلغان. پەن ۋە پەلسەپىدىن كەلگەن شەك ۋە شۈبھىلەرنى قۇرئاننىڭ ئالماس قىلىچى بىلەن كۇكۇم تالقان قىلىۋەتكەن. مىڭ يىلدىن بۇيانقى بىرىكىپ كەلگەن شىرىك، كۇپۇر ۋە بىدئەتلەرنىڭ قاراڭغۇزۇلىمىتىنى يوقىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىقات ۋە ئىمان نوقتىسىدىكى شۈبھىلىرىنى بىرتەرەپ قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ”مۇجەددىدىيەت“ مۇقەددەس ئۈنۋانىغا نائىل بولغان. غەۋسى ئەزەم(قۇددىسە سىررۇھۇ):

اَفَلَتْ شُمُوسُ اْلاَوَّل۪ينَ وَ شَمْسُنَا اَبَدًا عَلٰى اُفُقِ الْعُلٰى لاَ تَغْرُبُ

يەنى: ” بۇرۇنقىلارنىڭ قوياشلىرىنىڭ ھەممىسى پېتىپ كەتتى، بىزنىڭ قوياشىمىز بولسا، يۈكسەك ئۇپۇقنىڭ ئۈستىدە ئەبەدىييەن ئۆچمەيدۇ. “ دېگەندۇر. بۇ جۈملىدە تىلغا ئېلىنغان ”قوياش“ تەبىرىدىكى مۇراتقۇرئاندۇر. يەنى ئاخىر زاماندا تەسەۋۋۇپ جەريانئېقىملىرى ئۈزىلىپ قالىدۇ. توغرىدىن توغرا قۇرئاننىڭ جاددەئى كۇبراسى بولغان ساھابىلەرنىڭ مەسلىگى(يولى) ئىنسانىيەتكە رەھبەر ۋە مۇرشىت بولىدۇ. شۇنداق، تەسەۋۋۇپ ۋە تەرىقەت بىلەن كەشىپ قىلىش ۋە كارامەت كۆرسىتىش بىلەن مەقسەتكە يىتىدىغان يول، زۈرۈرىيەتكە ئاساسەن ۋۇجۇتقا چىققانلىقى ئۈچۈن، ھەممىسى ئۆچتى، كەتتى. اَفَلَتْ شُمُوسُ اْلاَوَّل۪ينَ جۈملىسى بۇ مەنەگە قارايدۇ. ساھابەئى كىرام ۋە مۇھەققىق ئۆلىمالار توغرىدىن توغرا قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئىستىخراج بىلەن چىقارغان ”جاددەئى كۇبرا“ دېيىلگەن ئۇسۇل ۋە ئۇسلۇپ بولسا، ئەبەدى داۋام قىلىدۇ، ھەرگىز ئۆچۈپ قالمايدۇ. وَ شَمْسُنَا اَبَدًا عَلٰى اُفُقِ الْعُلٰى لاَ تَغْرُبُ جۈملىسىمۇ بۇ مەنەگە قارايدۇ. ھەم ھەزرىتى غەۋىس(قۇددىسە سىررۇھ) بۇ جۈملىسى بىلەن ئىمامى راببانىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ۋە ئۇستاد بەدىئۇززامان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەزرەتلىرىگىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى ئالى زاتقۇرئاننىڭ چوڭ يولىنى ئۈممەتنىڭ ئالدىغا قويغاندۇر. قۇرئانىي بىر ئۇسۇل ۋە بىر ئۇسلۇپ بىلەن ئۈممەتنى ئىرشات قىلغان. مەۋلانا خالىدى زۈلجەناھەيىنمۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا يازغان بىر مەكتۇبىدا دەيدۇكى: ”بىلگەن بولسا ئىدىم، ئەگەر مۇرىتلىرىمنىڭ بۇ ئىلمى مۇكاشەفەنى قۇرئاندىنمۇ ئۈستۈن بىلىۋېلىشىنى، كەسكىن ھالدا مەنبۇ ئىشنى قىلمايىتتىم. “ ئىلمى مۇكاشەفە ئەگەر ھەددىدىن زىيادە راۋاج تاپسا، سۇيئىستىماللارغا يول ئاچىدۇ. مەسىلەن: دىن نامىغا ۋە خىزمەت نامى بىلەن پۇل توپلاش بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. ”بۇ ۋەلىئەۋلىيا، قەلبىمدىن كەچكەن ھەممە نەرسىنى بىلىدۇ.“دەپ ئىشىنىش، بۇنىڭ باشقا بىر مىسالى. ھالبۇكى بۇ ۋەلىلىك ئەمەس، ئىلمى مۇكاشەفەدۇر. بۇ ھەيران قالارلىق ئەھۋاللار، كاپىردىمۇ بولىشى مۇمكىن، زىندىقدىن دۈشمەنلىرىدىمۇ بولىشى مۇمكىن. مۇسۇلماندىمۇ بولىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولسا، بۇ مەسىلىدە ئەھلى ئىمان بىلەن ئەھلى دالالەت ئارىسىدىكى پەرىق نىمە؟ ئەگەر تالىپ، كائىناتقا قاراپ ئىلاھىي ئىسىم سۈپەتلەرنىڭ تەجەللىسىنى ھىس قىلىپ كۇللىي بولغان يەنى ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان بولسا، ئەزەلدىن ئەبەدكىچىلىك پۈتۈن ئالەمنى رۇھ ئەينىكىدە سەيىر قىلىپ كۆرەلىسە اِيَّاكَ نَعْبُدُ وَاِيَّاكَ نَسْتَع۪ينُ اِهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَق۪يمَ ئايىتى كەرىمىسىنىڭ ئىپادە قىلغان مۇستەقىم ۋە كۇللى بولغان ئۇبۇدىيەتئىبادەتلەرنى، ئۇستاد بەدىئۇززاماننىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئېچىپ بەرگىنىگە ۋە تەرىپ قىلغىنىغا ئوخشاش شەكىلدە قىلالىسا، بۇنىڭغا ئىلمىي ھەقىقەت دىيىلىدۇ. بولمىسا، بىكاربوشتۇر. بۇ ئەسىردە ئىلمى مۇكاشەفە بىلەن تەرىقەت بىربىرىسىگە ئارلىشىپ كەتكەن بىر ۋەزىيەتتىدۇر. بۇ ۋەزىيەتكىمۇ ”تەرىقەت“ ئىسمى بىرىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى بۇتەرىقەت ئەمەستۇر. ھەم بۇ ئەسىردە، ئىلمى مۇكاشەفەنى بىلگەنلەرمۇ يوقتۇر. گەرچە ھىندۇلاردا تەك تۇكئاندى ساندى بار ھېساپلىنىدۇ. بىزنىڭ بۇ ئەسىردە ئەمىلىيەتتە زادىلا بۇنداق بىر ئىلىمگە ئىھتىياجىمىز يوقتۇر. شۇ ئاندا لازىم ۋە ئەۋزەل بولغىنى ئىلاھىي ئىسىم ۋە سۈپەتلەرگە مەزھەرىيەتتىن يەنى ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۈيۈك مىراجىنىڭ ھەقىقەت يولىدا سەيىر سۈلۈك قىلىش ئارقىلىق توغرىدىن توغرا قۇرئان ھەقىقەتلىرىگە قەلبىنى لال قىلىپ باغلاش ئارقىلىق ئۈممەتكە توغرا ۋە مۇستەقىم بولغان بىر رەھبەر بولۇشتۇر.

  ھەم ’’ سەنئەتكە قاراپ سانىي بولغان يەنى سەنئەتكار بولغان ئاللاھنى تېپىش؛ نىئمەتكە قاراپ مۇنئىمنى يەنى نىئمەت بەرگۈچى بولغان ئاللاھنى تېپىش“ ئارقىلىق ئىلاھىي ئىسىملار ۋە سۈپەتلەرنىڭ تەجەللىسىدىن دەرىس بىرىشتۇر.

  ئەگەر ئىبنى سىناغا ئوخشاش بىر داھى ۋەياكى ھىندۇلار مىڭ يىل تىرىشسا، شۇ ھەقىقەت دەرسىنىئىلمىي مۇكاشەفە بىلەن كەشىپ قىلالمايدۇ. ئىنسانىيەت پىكرى بىلەن، بۇ ھەقىقەت ئىلمىنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. دېمەك قۇرئاننىڭ بىزگە بايان قىلغان ئىلىمى بۇ ئىلىمدۇر. ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىنىڭ(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)رىسالەئى نۇردا چۈشەندۈرۈش بەرگەن ئىلىممۇ بۇ ئىلىمدۇر. ئۇنداق بولسا يىگانە چارەقۇرئانغا تەسلىم بولۇشتۇر. بۇ ئىلىم ئۇ قەدەر يۈكسەكتۇركى، ئىبنى سىناغا ئوخشاش بىر ئالىم ئارىستوتىلدەك بىر پەيلاسوپبۇ ئىمانىي ئىلىملەردە بىر سەبى بالاغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن بىر نەرسە چۈشىنەلمەيدۇ. ھالبۇكى، ئارىستوتىلنىڭ ئىلمىمۇ بار ئىدى، كەشپىياتلىرى بولسا ئەرىشكىچىلىك چىققانتى. ئارىستوتىلئۆزجايىدا ئولتۇراتتى، تالىبە شاگىرىتلىرىنىڭ قەلبلىرىدىكى سوئاللىرىنى ھەم ئېيتىپ بېرەتتى ھەمدە ئۇ سوئاللارغا جاۋاپ بېرەتتى. ئۇنداق بولسا، مۇشۇنداق بىر چۈشەنچە ۋە قاراشدىن بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ دىن ئەمەستۇر. بەلكى دىننىڭ ئاساسلىرى: تەۋھىد، ھەشىر، نۈبۇۋۋەت(پەيغەمبەرلىك)دەك ئىماننىڭ ئەركانلىرىنى تەستىق قىلىش؛ ۋە يەنە قەبىر، ھەشىر مەيدانى، ھېساپ، مىزان، سىرات، جەننەت ۋە جەھەننەمدەك ئاخىرەت دىيارىدا بىزنى كۈتىۋاتقان ۋە دەھشەت بىرىپ قورقىتىدىغان مەۋقىلەر ۋە ئاجايىپ پەيىتلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش؛ ۋە يەنە شۇ ئىمتىھان دۇنياسىىدا رەببىمىزگە قارىتا ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەتلىرىمىزدىن بولغان ناماز، رۇزا، زاكاتقا ئوخشاش ئىلاھى پەرىزلەردۇ.

  دېمەك، بىر كۈن كىلىدۇ، ئەھلى دالالەت(ئازغۇنلار توپى)نىڭ بەل باغلىغان شۇ دۇنيا ئالىمى، يىلتىزىدىن تەۋرىنىدۇ ۋە يىقىلىدۇ. باقىي دىيار بولغان ئاخىرەت ئالىمى قۇرىلىدۇ. ھەشىر مەيدانىدا ئادالەت تارازىلىرى ئورنىتىلىدۇ، ھېساپ كىتاپ نەتىجىسىدە، ھەركىشى يا تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان مۇكاپاتقا ئىرىشىدۇ ۋەياكى بولمسىا لايىق بولغان جازاغا تارتىلىدۇ.

  دېمەك، قۇرئان ئەزىممۇششانشۇ دۇنيا ئالىمىگە ئىلاھىي ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنىڭ تەجەللىگاھى نوقتىسىدا مۇتالىيە قىلىدۇ ۋە دەرىس بىرىدۇ. ھەتتا، جەننەت ۋە جەھەننەممۇ ئۇ تەجەللىگاھلاردىن پەقەتلا ئىككى پارچىسىدۇر. دۇنيا ئالىمىنى مۇشۇنداق كۆرۈش ۋە شۇ بۇيىچە كەشىپ قىلىىش بىزنىڭ ئىتىقادىمىز ھېساپلىنىدۇ.

  ئارىستوتىلنىڭ ”مەشائىييۇن، رەۋاقىييۇن ۋە ئىشراقىييۇن“ دەپ ئىسىملاندۇرغان ئۈچ قىسىم شاگىرتى بار ئىدى.

  مەشائىييۇن: ئارىستوتىلنىڭ يولدا كىتىۋىېتىپ دەرىس بەرگەن شاگىرتىدۇر.

  رەۋاقىييۇن: ئارىستوتىلنىڭ سالۇندا ئولتۇرغان چىغىدا سۆھبەت قىلغان شاگىرتىدۇر.

  ئىشراقىييۇن بولسا: ئىشراق نەتىجىسىدە يەنى رىيازەت چىكىش نەتىجىسدە نۇرانىلىشىپ پارلاش نەتىجىسىدە، ئارىستوتىل بىلەن يۈزمۇيۈز بىر يەرگە كەلمەستىنلا قەلبىي جەھەتتىن دەرىس ئالغان شاگىرتىدۇر. بۇلار، رىيازەت چىكىش سايىسىدا ئىمكان ئالىمىنى كەشىپ قىلغاندۇر، ۋۇجۇپ دائىرىسى دېيىلىدىغان ئىلاھىي ئىسىملار ۋە سۈپەتلەر دائىرىسىگە كىرەلمىگەندۇر.

  كەشپىيات ئىككى قىسىمدۇر.

  بىرىسى: ئەھلى پەلسەپىنىڭ ۋە ئەھلى مۇكاشەفە(كەشىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان) بىر قىسىم يەھۇدى، خىرىستىيان ۋە ھىندۇلارنىڭ كەشىپ قىلىشىدۇركى، ئىمكان ئالىمىگە قارايدۇ.

  يەنە بىرى: قۇرئاننىڭ كەشپىياتىدۇركى، ۋۇجۇپ ئالىمىگە يەنى ئىلاھىي پىئىللار، ئىسىملار ۋە سۈپەتلەرنىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا قارايدۇ. ئىسلام مۇھەققىقلىرىمۇ قۇرئاننىڭ دەرسى ۋە ئىرشات قىلىشى بىلەن كائىناتتا تەجەللىي قىلغان بۇ ھەقىقەتلەرنى كەشىپ قىلغاندۇر. ئەۋلىيالارنىڭ كەشپىياتىئەگەرچەندە قۇرئان ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىق بولسا قوبۇل قىلىنىدۇ. مۇخالىپ بولسا رەت قىلىنىدۇ.

  خۇلاسە: تەرىقەتدىنى مۇبىن بولغان ئىسلامىيەتنىڭ بىر ئەمرى ئەمەستۇر. زۈرۈرىيەت تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن خۇسۇسىي بىر مەسلەكتۇر(يولدۇر). جاددەئى كۇبرا(چوڭ يول) ئەمەستۇر. خۇسۇسىي بىر مەسلەك تۇرۇقلۇق، ئومۇمى بولغان ئىسلامىيەتنىڭ چوڭ يولى بىلەن ئارلاشتۇرىۋىتىلدى. شۇئاندا ۋەزىپىمىز قۇرئاننىڭ ھەقىقەتلىرىنى دەرىس بىرىشتۇر. دىنى مۇبىن بولغان ئىسلامىيەتپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدىن باشلاپ ھىجرى ئۈچ ئەسىردىن كېيىن، ئەدىللەئى شەرئىييە يەنى شەرئىي دەلىللەر دېيىلىدىغان: كىتاپ، سۈننەت، ئىجما ۋە قىياسقا مۇخالپ كىلىدىغان ھەرقانداق ئىتىقاد ۋە ئەمەللەرباتىل بولىدۇ ۋە پاسىت بولغاچقا رەت قىلىنىدۇ.

(ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىندىن نەقىل قىلىندى ۋە ئىزاھ بىرىلدى)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.