رىسالەئى نۇر ئۇمۇم مۇئمىنلەرنىڭ مېلىدۇر


رىسالەئى نۇر ئۇمۇم مۇئمىنلەرنىڭ مېلىدۇر!

  رىسالەئى نۇر ئۇمۇم مۇئمىنلەرنىڭ مېلىدۇر. قۇرئاننىڭ ماددىمەنىۋى ۋارىسلىرى مۇنۇپۇلىيە قىلىنىۋېلىنىلالمايدۇ، ئۆزگەرتىۋەتمسلىك شەرتى بىلەن ھەركىشى قۇرئاننى مەتبۇئاتقا بېرەلەيدۇ ۋە تېرىشىش شەرتى بىلەن ھەركىشى ئىلمى جەھەتتىن ۋە مەنە جەھەتتىن قۇرئاننىڭ ۋارىسى بولالايدۇ. دەل شۇنىڭدەك، رىسالەئى نۇرمۇ قۇرئاننىڭ تەپسىرى بۇلۇپ ھېساپلانغاچقا ھەر قانداق بىر جامائەتنىڭ ۋە بىر جەمىيەتنىڭ تەۋەلىك مېلى ئەمەستۇر. بەلكى ئۇمۇمنىڭ مېلىدۇر. رىسالەئى نۇر ئالماشتۇرىۋىتىش ۋە ئۆزگەرتىۋەتمەسلىك ۋە ساداقەتلىك بولۇش شەرتى بىلەن، ئۇ ئەسەرلەر ھەم مەنىۋى ھەمدە ماددى جەھەتتىن پۈتۈن ئۈممەتكە تەۋە مال ھېساپلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا رىسالەئى نۇرنىڭ ماددىمەنىۋى ۋارىسلىرىمۇ مۇنۇپۇلىيە قىلىنالمايدۇ. قۇرئاننىڭ مەنىۋى مۆجىزىسى بولغان بۇ ئەسەرلەر «لا ئىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇر رەسۇلۇللاھ» دېگەن پۈتۈن ئۈممەتنىڭ مېلىدۇر. شۇنى تەمەننى قىلىمىزكى، دىيانەتتىن تەشكىل قىلىنغان بىر ئىلمى ھەيئەت تەرىپىدىن رىسالەئى نۇرغا ماددى جەھەتتىن ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ساھىپ چىقىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.