رىسالەئى نۇر تەپسىرى قانداق ئوقۇلىشى كېرەك؟


رىسالەئى نۇر تەپسىرى قانداق ئوقۇلىشى كېرەك؟

  رىسالەئى نۇردىكى بارلىق ئىمانى ۋە ئىسلامى مەسىلىلەر توغرىدىنتوغرا قۇرئاننىڭ ۋە قۇرئاننىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇپەسسىرى بولغان ھەدىسنىڭ مېلىدۇر. بۇ سەۋەپتىن،ئىمانغا ۋە ئىسلامغا ئائىت بىر مەسىلە ئوقۇلغان ۋاقىتتا مەنبەدىكى مۇقەددەسلىك سەۋەبىدىن ئۇ مەسىلە ئىچىدە قۇرئان ۋە ھەدىسنى تىپىش لازىمدۇر. ھەم قۇرئانغا ئائىت بىر مەسىلە چۈشەندۈرۈلگەن ۋاقىتتا نەزەرلەر ئەۋۋەل بىۋاستە قۇرئان ئايەتلىرىگە بۇرىلىشى لازىم.

  مۇئەللىپ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) بايان قىلىنغان تىما ھەققىدە سۈنۇخات ناملىق ئەسىردە مۇنداق دىگەندۇر:” دەلىلھۇججەتتىن بەكرەك، مەنبەدىكى مۇقەددەسلىك ئاۋام خەلىقنىڭ قۇرئانغا بويسۇنۇشىغا تۈرىتكە بولىدۇ.”

  مۇجتەھىتلەرنىڭ كىتابلىرى ۋاستە ۋە ئەينەكتەك قۇرئاننى كۆرسىتىشى ،ھەرگىزمۇ ۋەكىل ۋە كۆلەڭگە بولوپ قالماسلىقى كىرەك.

  ئەگەر دىننىڭ زۆرۇرىيەت قىسمىدا بىۋاستە قۇرئان كۆرسىتىلسە ئىدى،زىھىنلەر ۋاستىلىق ھالدا بويسۇنۇش تۈرىتكىسى،ۋىجداننىڭ ئويغاندۇرغۇچىسى ۋە ئەسلى لازىم بولغان مۇقەددەسلىككە (يەنى قۇرئانغا) يۈزلەنگن بولاتتى. ۋە بۇشەكىلدە قەلىبكە ئويغاقلىق،يۇ مشاقلىق يەرلىشىپ،ئىماننىڭ ئەسكەرتىشلىرىگە قارشى كۆر ۋە قاتتىق ھالدا قالمايتى.

  دېمەك، شەرىئەت كىتاپلىرى بىرەر سۈزۈك ئەينەك ماھىيىتىدە بولىشى لازىم تۇرۇغلۇق، زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن تەقلىتچىلەرنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن كىرلىنىپ پەردە بولۇپ قالغاندۇر. شۇنداق، كىتاپلار قۇرئانغا تەپسىر بولۇش لازىم تۇرۇغلۇق، مۇستەققىل ھالدا ئوقۇلىدىغان كىتاپ ئورنىغا ئۆتۇپ قالغان.

  مەسىلەن: بىر ئادەمئبنى ھاجەرگە نەزەر سالغان ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ ئىبنى ھاجەرنىمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشۈنۈش مەقسىتى بىلەن ئەمەس بەلكى قۇرئاننى چۈشۈنۈش ۋە قۇرئاننىڭ نىمە دەۋاتقانلىغىنى ئۈگۈنۈش مەقسىتى بىلەن قاراش لازىم.

  ئەگەر ئىسلام جامائەتلىرىنىڭ دىنى زارۇرىيەتتىكى ئىھتىياجلىرى بىۋاستە قۇرئانغا يۈزلەنگن بولسا ئىدى، مىليونلارچە كتاپلارغا تەقسىم قلىنغان ئىشتىياقتىن تىخىمۇ كۈچلۈك بىر ئىشتىياققا ۋە ئھتىياج نەتىجىسى بولغان يۈزلۈنۈشكە قۇرئان ساھىپ بولىدۇ ۋە بۇسۈرەتتە قۇرئان، پەقەتلا ئوقولىشى مۇبارەك بىر كتاپ دەرىجىسىدا قالماستىن،پۈتۈن مەناسىى بىلەن نەپىسلەر ئۈستىدە ھاكىم ۋە تەسىرساھىبى بولاتتى.

  شۇنىڭ ئۈچۈن، رىسالەئى نۇردىكى ھەر بىر ئىمانى مەسىلە ئوقولغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن ۋاقىتتا، ھەرگىزمۇ رىسالەئى نۇر نېمە دەۋاتقانلىغىنى ئەمەس، بەلكى ئەۋۋەل قۇرئاننى چۈشۈنۈش ۋە قۇرئاننىڭ نىمە دەۋەتقانلىغىنى چۈشۈنۈش مەقسىتى بىلەن ئۇ مەسىلىلەرگە قاراش لازىم .

  چۈنكى رىسالەئى نۇر ئىزاھ قىلغان ھەربىر مەسىلەدە نەزەرلەرنى دائىم قۇرئانغا يۈزلەندۈرمەكتە ۋە ئۇ مەسىلىنى قۇرئانغا ئەينەك قىلماقتا.

  مۇئەللىپ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) “28. مەكتۇب، 7. مەسىلەدە بۇ ھەقىقەتنى ئىپادە قىلغان، خالىغانلار مۇراجىئات قىلسا بولىدۇ. ئۇنۇتۇلماسلىقى كېرەكتۇركى، ئوقولۇشى ئىبادەت بولۇنغان ۋە ھەربىر ھەرپىگە ئەڭ ئاز ئون ساۋاپ يېزىلىدىغان يىگانە كتاب قۇرئانھەكىمدۇر. ئەگەر ئوقولغان ئەسەردە دىققەت نەزىرى ئايەتلەرگە يۈزلەندۈرۈلمىسە ۋە ئەسەردە زىكىر قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى نىيىتى بىلەن ئوقۇلمىسا، ئۇ دەرىس ئىبادەت بولمىغنىغا ئوخشاس ساۋاپمۇ يېزىلمايدۇ. (فىقىھ كتابى ئىبنىھاجەرنىڭ مۇستەققل بىر كتاب نىيىتى بىلەن ئوقۇلغىنىغا ئوخشاش.)

  رىسالەئى نۇر تەۋەرۈك سۈپتىدە ئوقۇلىدىغان مۇستەققىل بىر كتاب ئەمەس. پەقەت ۋە پەقەت قۇرئاننىڭ سىرلىرىنى چۈشۈنۈش نىيىتى بىلەن ئوقۇلۇشى كىرەك. بۇ سەۋەپتىن رىسالەئى نۇردىكى ئىمانى ۋەياكى قۇرئانى بىر مەسىلە ئوقۇلغان ۋاقىتتا، ھېچ بولمىغاندا باشتا زىكىر قىلىنغان ئايەتىكەرىمەنىڭ قىسقا مەنىسىنى ئۈگۈنۈش ۋە ئۇنۇڭغا ئاساسەن ئۇ (رىسالەئىنۇرنى) مەنىۋى تەپسىرنى ئوقۇش لازىم. چۈنكى ئۇ مەسىلە، ئۇ ئايەتتىكى قۇرئاننىڭ مۇئجىزىسىنى دەرىس بىرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى بىلىنمىسە، قۇرئاننىڭ ئۇ مۇئجىزىسىمۇ بىلىنمەيدۇ.

  بەدىئۇززامان سائىد نۇرسىنىڭ (ئاللاھ ئۇ نىڭدىن رازى بولسۇن): “قۇرئانغا ئائىت مەسلىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش بىر تۈرلۈك مەنىۋى تەپەككۇر ھالىتىدە قۇرئان ئوقۇش ھۆكۈمىدە بولىدۇ. ھەم ئىبادەت، ھەم ئىلىم، ھەم مەرىپەت (ئاللاھنى ئىسىم سۈپەتلىرى ۋە ئىلىم بىلەن تونۇشت)، ھەم تەپەككۇر، ھەم قۇرئان تىلاۋىتى بولۇشتىن ئىبارەت مەنىلەر رىسالەئى نۇرنىڭ تۈزىتىلىپ يىزىلىشىدا ۋە مۇتالىئەسىدە بار.” (بارلا لاھىقاسى،334 –بەت) دېگەن ئىپادىلىرىدىكى مۇراتمەقسىتى شۇدۇر:

  رىسالەئى نۇردا ئورۇن ئالغان ھەر بىر ئىمانى مەسىلە، ئىككى يۈزدىن كۆپرەك قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ خۇلاسىسى ۋە ئىزاھىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، رىسالەئى نۇرنى ئوقۇغان بىر شەخىس ئوقۇۋاتقان تىمىنىڭ قايسى ئايەتىكەرىمەدىن سۈزۈلۈپ ئېلىنغانلىقىنى تېپىپ چۈشىنىشى ۋە ئۇ تىمىنى شۇ ئايەتىكەرىمىنىڭ تەپسىرى نىيىتى بىلەن ئوقۇشى لازىم. بولمىسا ھەرگىزمۇ رىسالەئى نۇرنى قۇرئاندىن ئايرىم، مۇستەقىل بىر ئەسەر سۈپىتى بىلەن قاراپ ئۇنى –ھاشا!(ھەرگىز ئۇنداق بولالمايدۇ)-قۇرئاننىڭ ئورنىدا ئوقۇش دېگەنلىك ئەمەستۇر.

  رىسالەئى نۇرنىڭ مۇئەللىپى، رىسالەئى نۇرنى ئۆز شەخسىيىتىگە باغلىمىغانلىقىغا ئوخشاش، رىسالەئى نۇرنى ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ ئەسەرلەرنى ئۇستادنىڭ شەخسىيىتىگە باغلىماسلىقى كېرەك ۋە بۇ ئەسەرلەر ئارقىلىق بىۋاستە قۇرئانغا يېپىشىپ، ئوقۇلغان تىمىنى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرى نىيىتى بىلەن ئوقۇشى لازىم.

  چۈنكى رىسالەئى نۇر قۇرئاننىڭ تەپسىرىدۇر، ئۇستادنىڭ شەخسى ئويپىكرىدىن ئوتتۇرغا چىققان بىر ئەسەر ئەمەستۇر.

  مادەم رىسالەئى نۇر دەرىسلىرى قۇرئان دېڭىزىدىن ئېقىپ كەلگەن ئىكەن، ئەلۋەتتە ئوقۇلغان دەرىسلەر ئۆز مەنبەسى بولغان قۇرئانغا باغلىنىشى لازىم. ئۇ ۋاقىتتا دەرىس، ھەقىقى ئۇستاد بولغان قۇرئاندىن بىۋاستە ئېلىنغان دەرىس بولىدۇ. شەخىس ئارلىققا كىرىپ كۆلەڭگە بولالمايدۇ. ئەكسچە بولسا، دەرىس شەخىسكە باغلىنىپ ، مۇقەددەسلىك يوقايدۇ ۋە دەرىسنىڭ مەنىۋى تەسىرى بولمايدۇ.

  دېمەك، دەرىسنى شەخىسكە باغلانماستىن بىۋاستە قۇرئانغا باغلىغاندا، ئۇ دەرىسلەردىكى مەنىۋى كۈچنىڭ تەسىرى بولىدۇ، دەرىستىن پەيىز ئېلىنىدۇ ۋە ئۇ مەنىۋى كۈچ تۈرىتكىسى ئاستىدا گۇناھلاردىن ساقلىنىشقا غەيرىتى بولىدۇ، تىرىشىدۇ. قۇرئان بىلەن مۇناسىۋىتى قۇرۇلمىغان بىر دەرىسنىڭ قىسقا بىر زاماندىن كېيىن تەسىرى يوقايدۇ ۋە مەنىۋى رولىمۇ قالمايدۇ.

  بۇنىڭ بىلەن، ئوقۇلغان تىما چۈشىنىلمىگەنلىكتىن خاتا يوللارغا مېڭىپ گۇناھلارغا كېرىپ قىلىشى مۇمكىن. نەئۇزۇبىللاھ.

  خۇلاسە : رىسالەئى نۇردىكى مەسلىلەر تەپەككۈر بىلەن، تەتقىق بىلەن قۇرئاننىڭ تەپسىرى نىيىتى بىلەن ئوقۇلىشى كېرەك. قۇرئاننىڭ مەنىۋى تەپسىرى بولغان بۇ ئەسەر، قۇرئانغا خىزمەتكار بولىشى ۋە قۇرئاننىڭ ئورنىغا چىقىپ قالماسلىقى لازىم. شۇنداقلا قۇرئاننى ئۈگۈنۈش ۋە دەردىگە قۇرئان بىلەن دەرمان تېپىش مەقسىتى بىلەن ئوقۇلىشى لازىم. “دەرت مېنڭ، دەرمان قۇرئاننىڭ.” دىگەن كىشى ئۇستادىمىزدۇر.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.