رىسالەئى نۇر ھەقىقەتلىرى، نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىدە ۋە قەلبىدە دەل مەنىسى بىلەن يەرلىشەلمەيۋاتىدۇ؟

رىسالەئى نۇر ھەقىقەتلىرى، نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىدە ۋە قەلبىدە دەل مەنىسى بىلەن يەرلىشەلمەيۋاتىدۇ؟

رىسالەئى نۇر ھەقىقەتلىرى، نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىدە ۋە قەلبىدە دەل مەنىسى بىلەن يەرلىشەلمەيۋاتىدۇ؟

  ئەلھەمدۇلىللاھ. بىزلەر پەيغەمبىرمىز زىشان ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئىمان ئېيىتتۇق. بۇ ئىمانىمىز سەۋەبى بىلەن ئۇ زاتى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا تەبائييەت كۆرسىتىپبۇيسۇنۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە، زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسى بولمىغاچقا، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۇ زاتى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن مەنىۋى جەھەتتە بىللە تۇرىۋاتىمىز ۋە گۇناھلارىمىزدىن تۆۋبە قىلىۋاتىمىز. ئەمىر قىلىنغان بۇيىچە، ئىستىقامەت دائىرىسىدە بۇلىشىمىز، ھەددىمىزدىن ئاشماسلىقىمىز كېرەك. يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە مۇخالىپ قىلمىشىمىز بولماسلىقىى، مەزكۇر قۇرئاننىڭ ئەمرى بىلەن سابىت قىلىنغان. بۇ ئەسىرىمىزدە، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ئىمان ۋە ئېتىقاد جەھەتىنى ياخشى چۈشىنىشمىز ۋە ئىستىقامەت دائىرىسىدە بۇلىشىمىز ئۈچۈن، «رىسالەئى نۇر» ئەسەرلىرىنى تەپەككۈر بىلەن ئوقۇپ چۈشىنىشكە شىددەتلىك ئىھتىياجىمىز بار. شەرىھ ۋە ئىزاھلىرىمىزمۇ بۇ مەنىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇشبۇ مەقسەتتە قەلەم قولغا ئېلىنغان.

  ئىنساننىڭ زېھنىدە ۋە قەلبىدە يەرلەشمىگەن ۋە ئەزالىرىدا ئەسىرىئىپادىسى كۆرۈنمىگەن، يەنى ئۆزى بىلەن ئەمەل قىلىنمىغان بىر ئىلىم ۋە بىر مەرىپەت، ھەقىقى مەنىدە ئىلىم ۋە مەرىپەت ھېساپلانمايدۇ. بۇ قائىدىگە بىنائەن، ئوقۇغان «رىسالەئى نۇر» ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ھەقىقەتلەر، ھازىرغىچە ئەقىل ۋە قەلىبلىرىمىزدە يەرلەشمىگەن بولسا ۋە داۋاملىق تۈردە تەپەككۈر ھالىتىدە بولالمىغان بولساق، دېمەك، بۇ ھەقىقەتلەر ھەقىقى مەنىدە چۈشىنىلمىگەن بولىدۇ. قاچانكى «رىسالەئى نۇر»دا ئۆتكەن ھەقىقەتلەر، ئەقىل ۋە قەلبىمىزدە يەرلەشسە ۋە بۇ ئەسەرلەرگە ئۆزىمىز تەلىف قىلىپ يازغاندەك ساھىپ چىقالىساق، ئۇ ۋاقىت كىچىك بىر سەئىد ھالىتىگە كىلەلەيمىز. مانا بۇ ھەقىقى رىسالەئى نۇر تالىبىسىدۇر. باشتا ھاجى خۇلۇسى بەگ قاتارلىق ئۇستاد ھەزرەتلىرىنىڭ ئەۋۋەلكى سەپنى تەشكىل قىلغان تالىبىلىرى، بۇ ھالغا مەزھەرساھىپ ئىدى. ئۇستاد ھەزرەتلىرى، خۇلۇسى بەگكە يازغان بىر مەكتۇبىدا، شۇنداق دېگەنىكەن: «جامائەت ’سۆزلەر‘نى ئوقۇغان ۋاقتىدا، سەندىكى ھىسسىياتى ئالىيە ۋە زىيادە ئىنقىشافتەرەققىيات ۋە پىداكارانە دىنگە ھىممەتھامىيەت كۆرسىتىش قىزغىنلىقنىڭ غەلىيان قىلىپ جۇش ئۇرۇپ قاينىشىدىكى سىر شۇدۇركى:

  ۋىلايىتى كۇبرا دېيىلدىغان ۋەرەسەتى نۇبۇۋۋەت يەنى پەيغەمبىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلىش جەھەتىدىكى تەبلىغ ماقامىنىڭ نۇرى ئاستىغا كىرگەنلىكىڭ ئۈچۈندۇر. ئۇ ۋاقىتتا، سەن قۇرئان دەللالى سەئىدنىڭ ۋەكىلى بەلكى مەنىۋى جەھەتتىن ئەينى ئۆزى ھۆكىمىگە ئۆتكەنلىكىڭ ئۈچۈندۇر. »

  ئۇ ھالدا، ئوقۇغان دەرىسلەرنى مەلەكە يەنى ئادەت ھالىتىگە كەلتۈرەيلى. «يادىلىۋالايلىدىمەيۋاتىمەن، مەنىسىنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇ مەنىنى ئىپادە قىلىشقا تىرىشايلى. ئەگەر ئۇيەردە مۇرات قىلىنغان مەنىنى چۈشەنگەن بولساق ۋە ئۇنى ئىپادە قىلالىغان بولساق، ئۇ زامان رىسالەئى نۇرنىڭ بىر ئاساسى بولغان تەپەككۈر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولىمىز. پەقەتلا مۇشۇ خىل شەكىلدە تىرىشىش ئارقىلىق، تەۋھىدى ئىلاھى يەنى تەۋھىت ھەققىدىكى ئىلمىمىز تەرەققى قىلىپ راۋاجلىنىدۇ. ئەكىسچە بولغاندا، پەقەتلا لافزىنى ئوقۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالغان بولىمىز.

بارلا لاھىقىسى:253


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.