سۇئال: ئىنسان نىمە ئۈچۈن بالالار، مۇسىبەتلەر ۋە ھادىسىلەرگە ئۇچىرايدۇ؟

سۇئال: ئىنسان نىمە ئۈچۈن بالالار، مۇسىبەتلەر ۋە ھادىسىلەرگە ئۇچىرايدۇ؟

سۇئال: ئىنسان نىمە ئۈچۈن بالالار، مۇسىبەتلەر ۋە ھادىسىلەرگە ئۇچىرايدۇ؟

  ئىمانسىزلار-ھۆررىيەتى ۋىجدان* دەستۇرىدىن پايدىلىنپ كېتىۋاتىدۇشەيتاندىن دەرىس ئېلىپ داۋاملىق تۈردە ئىمان ئەھلىگە ھېچ ئارام بەرمەيۋاتىدۇئىنشائاللاھ، ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ زور كۆلەملىك قارار بىرىشى ۋە كۆپچىلىك مىللەتنىڭ ئارزۇسى، ئەھلى ئىماننىڭ تېنچ ئامانلىقىغا ۋەسىلە بولىدۇ. بىر نۇرنىڭ، بىر ھەقىقەتنىڭ ھامىسى، قوغدىغۇچىسى ۋە مۇھاپىزەتچىسى اللە دەپ ئېتىقات قىلىنغان تەقدىردە، ئۇنىڭدىن يەنە نىمىنى ئەندىشە قىلىمىز؟ پەقەت بۇ ھادىسلەر ۋە مۇسىبەتلەر نىمىشقا كىلىدۇ؟ دەپ سورالسا، جاۋابەن دەيمىزكى:

  بۇ دۇنيا، ئىمتىھان ۋە ئىبتىلا(بالامۇسىبەت) مەيدانىدۇر. بۇنىڭغا ئوخشاش مۇسىبەتلەر ئەھلى ئىماننى، ئۆز قۇسۇرلىرىنى ئويلىنىپ تەۋبەئىستىغفار قىلىشقا، ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىپ قۇۋۋىتى مۇتلەق بولغان(كۈچقۇۋۋىتىدە تەڭدىشى يوق) اللە قا سېغىنىشقا، دەرىتلىرىنى تۆكۈپ رەھىمى مۇتلەق (رەھىمدىللىقىدا تەڭدىشى يوق) بولغان اللەتىنلا مەدەت كۈتۈشكە بىر تۈرىتكە بولىدۇ.

  بالامۇسىبەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭى پەيغەمبەرلەرگە، ئاندىن ئەۋلىيالارغا، ئاندىن كېيىن باشقا ئىنسانلارغا ۋە مەخلۇقاتلارغا بىرىلىپ كېلىۋاتىدۇھەزىتى پەيغەمبىرىمىز مەۋجۇداتلارنىڭ خۇلاسىسى، ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن ھەبىبى ۋە ئالەملەرگە رەھمەت قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، نە قەدەر بۈيۈك بالامۇسىبەتلەرگە دۇچار بولغانلىقى ئېنىقتۇر. ئەگەر بۇ دۇنيادا بالا ۋە مۇسىبەت بولمىغان بولسا، يەنى كەلمەسلىكىنى پەرەز قىلغان بولساق، باشتا ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بالا ۋە مۇسىبەتلەرگە دۇچار بولماسلىقى لازىم بولغان بولاتتى. دېمەك، مۇسىبەتلەر، كېسەللىلكلەر ۋە ھادىسلەر، ھەممىسى شۇ مۈۋەككەۋەنات دېيىلدىغان يارىتلىش ئايەتلىرىنىڭ ۋە دەلىللىرىنىڭ مالىكى ، شۇ مەخلۇقاتنىڭ خالىقى ۋە شۇ ئىنسانلارنىڭ ھەقىقى ئىبادەت قىلىدىغان مەئبۇدى، پۈتۈن ئالەملەرنى ئىدارە ۋە تەربىيە قىلغان رەببى، يەككە يىگانە ۋاھىد، ئەھەد بولغان اللە نىڭ ئەمرى بىلەن، ئىرادىسى بىلەن بولغان، بولىدۇ يەنى يۈز بىرىۋاتىدۇ.

  مۇسىبەت ۋاقتى ۋە ئىبادەت تەكلىپىيوق بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش، مەنىۋى كۆرەشلەر، قۇرئانى ۋە ئىمانى ۋەزىپىلەرمۇ نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلىنسا قەتئىييەن بولمايدۇ. پەقەت ھەر ۋاقىت ئېھتىيات قىلىشقا بولىدۇ، قوللىنىلىدۇ ۋە ئەۋزەل. ئۇنداق بولسا، ، قۇرئاننىڭ ھەقىقى تەپسىرلىرىنى پەرىزلەردىن كىيىن پەقەتلا بۈيۈك مەسجىدلەردىلا ئوقۇش شەرىت بولماستىن، قەيەردىلا بولسۇن قانچىلىك مۈمكىن بولسا شۇنچىلىك ئوقۇشقا تىرىشماق ئەۋزەل ھېساپلىنىدۇ ۋە بالامۇسىبەتلەرنىڭ يوق بولىشىغا ئەڭ مۇھىم سەۋەپ بولىدۇ.

—————————————-

*ھۈررىيەتى ۋىجدانئاممىنىڭ ھوقۇقى ۋە شەخسى ھوقۇقلارغا تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتى بىلەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ھەر قانداق بىر پىكىر ۋەياكى بىر دىننى قوبۇل قىلىش ۋە قوبۇل قىلماسلىقتا ئەركىن بولىشىنى كۆرسىتىدۇ. لىكن، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان بىر كىشى، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىنى قىسمەن بولسىمۇ ئىنكار ۋە رەت قىلىشتا ھېچ ئەركىنلىكى يوق بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىسلام ھوقۇقىدا مۇرتەدلىك مۇئامىلىسىنى كۆرىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.