شاھىدەنىڭ بىر شىئىرى-نەزمىسى

شاھىدەنىڭ بىر شىئىرى-نەزمىسى

(ئىمان ئۈچۈن پىداكارانە خىزمەت قىلغان بىر ئايالنىڭ نەزمىسىدۇر.)

رىسالەئى نۇر مۇئەللىفى ئۇستازىم ھەزرەتلىرىگە!

مەنىۋىي نۇر قىلىچىنى ئالغان قولىغا،

ئۇرماقتا مۇناپىقلارنىڭ بەل ۋە بېشىغا.

ھەر ئېيتقىنى ھىكمەت بولغان ئۇستازىمنىڭ،

ئىگەم ئىلىم بېرىپتۇ شۇ نۇرلۇق تىلىغا.

بۇ قانداق ئوتتۇر شۇنچە يانماقتا،

تولغىنىپ يالقۇنى كۆككە چىقماقتا.

ئىمان، قۇرئان دەرسى بەرگەن ئۇستازىمنىڭ،

قەلىمىدىن ئالەمگە نۇرلار ئاقماقتا.

ئىمان يولىدا ئېزىز جېنىنى پىدا ئەيلىدى،

بۇ شاھىدە ھازىرغىچە نېمە ئىش قىلدى!؟

سەھىھ ھەدىس ۋە ئىشارەتلەر بىلەن،

ئۇنىڭ كېلىشىنى رەسۇل سۆزلىدى.

تالىپلىرىغا ئۇستازىم: «بوش تۇرمادەيدۇ،

«مۇناپىقنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇنمادەيدۇ.

فانىي ھەم يامانلىق بىلەن ھېچ ئىشى يوقتۇر،

«مەندىن فانىي نەرسىلەر سورىما» دەيدۇ.

شاھىدە بۇنداق تۇرىۋەرمە،

ھەقنى ھەر يەردە سۆزلە.

رىسالەئى نۇرلار بىلەن،

ئىمانغا خىزمەت ئەيلە.

نۇر خەزىنىسىنى قازدۇر،

نۇرلارنى ئوقۇت، يازدۇر.

ۋاقتىڭنى بوش ئۆتكۈزمە،

چۇنكى ئۆمۈر بەك ئازدۇر.

ئوقۇغىنىڭ نۇر بولسۇن،

قەلبىڭگە نۇر تولسۇن.

نۇرلارنى ئوقۇش بىلەن،

ئىمانىمىز قۇتۇلسۇن.

كۆزلىرى نۇر چاچىدۇ.

قەلبلەردە گۈل ئاچىدۇ.

نۇرنىڭ ھەقىقىتىدىن،

مۇناپىقلار قاچىدۇ.

قېرىنداشلار دائىم يىغلار،

ئۇستادقا قەلبنى باغلار.

نۇرلاردىكى ھەقىقەت،

دەريا كەبى شارقىرار.

قەلبلىرىمىز ئۇيقۇدا،

ئۇستازىم دۇئا ئەيلە!

ئۆمرىمىز تۈگىمەستىن،

ئىماننى يەتكۈز بىزگە

اَلْبَاقِى هُوَ الْبَاقِى

رىسالەئى نۇر ئوقۇغۇچى ئاياللار نامىدىن

كۆپ قۇسۇرلۇق بولغان

شاھىدە


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.