قانداق قىلغاندا جازاغا ئۇچىرىماستىن جەننەتكە كىرگىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا جازاغا ئۇچىرىماستىن جەننەتكە كىرگىلى بولىدۇ؟

جازا چەكمەستىن جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن تۆت نەرسە ئاساستۇر:

  بىرىنچىسى: ئىمان.

 ئىككىنچىسى: ئىسلام.

 ئۈچىنچىسى: ئەمەلى سالىھ. ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىنىڭ تەرىپىگە كۆرە ئەمەلى سالھ:

ئەمىر دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىش ۋە خەيراتساۋاپ قازىنىشتۇر.“

ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپتىن قول ھەققىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق بىلەن بىرگە، ھوقۇقۇللاھ يەنى ئاللاھنىڭ ھوقۇقىغىمۇ ھەقىقى تۈردە رىئايە قىلىپ بەدەل ئۆتەشتىن ئىبارەتتۇر.“

 تۆتىنچىسى: تەقۋادۇر. تەقۋا بولسا بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىنىڭ تەرىپلىشى بىلەن:

مەنھىيياتتىنشەرىئەت چەكلىگەن نەرسىلەردىن ۋە گۇناھلاردىن ئىجتىناپ قىلىپ قېچىشتۇر. “

  ئۇنداق بولسا، ئەمەلى سالىھ ۋە تەقۋانى ئاساس تۇتقانلار جەننەتكە كىرىدۇ. ئەمەلى سالىھ ۋە تەقۋاغا دەل لايىقىدا رىئايەت قىلمىغانلار بولسا:

ئا) ئەگەر خەيىرلىرى يەنى ساۋاپ ۋە ياخشى ئەمەللىرىشەرلىرىگە يەنى گۇناھ ۋە يامانلىقلىرىغا غەلبە قىلسا ۋەياكى خەيىرلىرى بىلەن شەرلىرى بىربىرىگە تەڭ كىلىپ قالسا جەننەتكە كىرىدۇ.

ب) گۇناھلارنى ئىشلەپ تېخى ئۆلۈپ كەتمەستىن بۇرۇن، ئەستايدىللىق بىلەن پۇشايمانلىق تۇيۇپ، تۆۋبە قىلىپ ئاللاھتىن ئەپۇ قىلىشىنى تىلىگەن بىر كىشىنى ئاللاھۇ تائالا ئەپۇ قىلىدۇ. ھوقۇقۇللاھ، تۆۋبە قىلىش بىلەن ئۆچۈرىلىدۇ. قۇل ھەققى بولسا، قۇل ئەپۇ قىلمىغۇچىلىك جازا كېرەك قىلىدۇ.

س) تۆۋبە قىلماستىن ۋاپات قىلغان بىر مۆئمىننىڭ ئەگەردە، شەرلىرى(يامانلىقلرى) خەيىرلىرىغا(ياخشىلىقلىرىغا)غەلبە قىلسا، بۇ كىشىنىڭ ئەسلى ھەققى جازاغا ئۇچىراشتۇر. جازاسىنى تارتىپ بولۇپ ئاندىن جەننەتكە كىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەزىدە جانابى ھەق، ئۇ كىشىنى رەھمىتى بىلەن ئەپۇ قىلىۋىتىدۇ. بەزىدە بولىدۇكى، جانابى ھەق ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ قىلغان، خەيىرلىك بىر ئەمەلىدىن رازى بولىدۇ. ئۇ خەيىرلىك ئەمەل سەۋەبى بىلەن ئۇ كىشىنى ئەپۇ قىلىۋىتىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋال، ئاللاھنىڭ ئېھسانىدۇر. ئەسلىسى ئەمەستۇر. بۇ خىل ئەھۋالدا ئەسلىدە لازىم بولغىنى، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىپ بولۇپ ئاندىن جەننەتكە كىرىشى ۋە ئەبەدى جەھەننەمدە قالماسلىقىدۇر.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.